azmat726 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 09:32:48

ئۇيغۇر چارۋا-مال دوختۇرلۇق ئىلىمى تۇنجى قېتىم ئىلىم پەن سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىلدى

ئۇيغۇر چارۋا-مال دوختۇرلۇق ئىلىمى تۇنجى قېتىم ئىلىم پەن سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىلدى



   ئويغۇر مىللىتىىڭ مەدەنىيەت پەن-تىخنىكا مىراسلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر چارۋا-مال دۇختۇرلىق ئىلمى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ، ئۇيغۇر چارۋا-مال دوختۇرلىقى بولسا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان كۆچمەن چارۋىچىلىق،دېھقانچلىق بىلەن شوغۇللىنىش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ۋە تەرققىي قىلغان.


ئۇيغۇر چارۋا-مال دوختۇرلۇقى ۋەتىنىمىز مەدەنىيەت غەزىنىسىدىكى بىر گۆھەر،ئۇنى توپلاپ،رەتلەپ كىيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتەك،شەرەپلىك ئۇلۇغ تارىخى ۋەزىپە زىممىمىزگە يۈكلەندى. ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىمىزنى تېخىمۇ بېيىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمدە كىيىنكى ئەۋلادلىرىمىزغا يەتكۈزۇش مەقسىتىدە، ئۇيغۇر چارۋا-مال دوختۇرلۇق ئىلمى مىراسلىرىنى يىغىپ توپلاپ –رەتلەش تەتقىقات ئىشلىرى 2009-يىلى ئىيۇلدا جوڭگۇ يېزا-ئىگىلىك ئۇنۋىرىسىتى ئوقۇغۇچىسى ئابلەتجان قۇربان تەرىپىدىن باشلانغان بولۇپ، ‹‹ئۇيغۇر ئەنئەنۋى مال دوىتۇرلۇق ئىلمىنى توپلاش، رەتلەش تەتقىقاتى›› ماقالىسى 2010-يىلى ئۇنۋىرسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى بولۇپ باھالانغان. 2010-يىلى يىل 10-ئايدا جوڭگۇ يېزا-ئىگىلىك ئۇنۋىرىسىتى ئاساسى ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرى مەخسۇس تۈر مەبلەغگە ئېرىشكەن. 2011-يىلى 11-ئايدا گۇاڭجۇدائۆتكۈزۈلگەن جۇڭگۇ چارۋا مال تېبابىتى جۇڭگوچە چارۋا مال تېبابىتى شۆبە جەمئىيىتىنىڭ 19-قېتىملىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا ‹‹ ئۇيغۇر چارۋا مال تېبابىتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان ›› دېگەن تېمىدا مەخسۇس دوكىلات بەرگەن ۋە مۇنەۋۋەر ماقالە بولۇپ مۇكاپاتلانغان. ھارىز دۆلەتلىك ‹‹ تەبئىي پەنلەر فوندى ›› مەبلىغى تەتقىقات تۈرىگە ئىلتىماس سۇنۇش تەييارلىق خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ.


مۇشۇ ساھەدە، بۇرۇن بۇ توغرۇلۇق ھېچقانداق تەتقىقاتنىڭ ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى ، مەبلەغ ، ئىختىساسلىقلار ،بىرىنچى قول ماتېرىياللار (،ئاتا-بۇۋىلىرىمىزدىن داۋاملىشىپ كەلگەن ۋە ئۆزىمىزنىڭ داۋالاش ئەمەلىيىتى جەريانىدا سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپ، دىئاگنۇز قويۇش ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى مەسىلەن : ھەزىم قىلىش،نەپەسلىنىش،سۈيدۈك ئاجرىتىش،كۆپىيىش،پۇت-بۇغۇم،تىرە،پارازىت قۇرت،ھەر-خىل زەھەرلىنىش... قاتارلىق كېسەللەرنىڭ يەرلىك ئىسمى، كېسەللىك سەۋەبى، كېسەلنىڭ ئالامەتلىرى،داۋالاش ئۇسۇلى ) كەمچىلىك سەۋەبىدىن ، پۈتۈن ئويغۇر مىللىتىمىزنى ئۆز مىللى خاسلىققا ئىگەماتىرىياللار رەتلەنمىگەن، ھەمدە يېقىنقى زاماندا ئىلىم ساھەسىدە تىلغا ئېلىنمىغان. ئۆزىمىزنىڭ مىللى تىبابەت ئىلمىنى باشقا مىللەتلەرنىڭ تىبابەت ئىسىملىرى بىلەن ئاتىغان ( مەسلەن جوڭيىچە، ياكى يەرلىك ئۇسۇل ۋە باشقىلار).


مۇشۇ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلغۇچى پېشقەدەم ئۇستازلارنىڭ ،بۇ مەدەنىيەت غەزىنىسىنى تېخىمۇ بېيىتىش ئۈچۈن،بىرىنچى قول ماتېرىياللار بىلەنتەمىنلىشىڭلارنى ، ئۇيغۇر مەدەنىيتىمىزنى بېيىشنى ۋە تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغان مىللەتپەرۋەر قېرىنداشلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!


بۇ ساھەدە ئۈنسىز خىزمەت قىلىۋاتقانقېرىنداشلىرىمىز ئاز ئەمەس، بىز ئورتاق كۈچ چىقارساق ئىشىنىمىزكى يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر تىبابىتىمىزگە ئوخشاش ئۇيغۇر چارۋا مال تېبابىتى شانلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشكۈسى!ئەگەردە ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن بىرىنچى قول بىلەن تەمىنلەيدىغان خەدىۋەل بېرىلدى، تۆۋەندىكى جەدۋەلنى چۈشۈرسەڭلار بولىدۇ.


ئالاقىلاشقۇچى:ئابلەتجان: 18099586807(0996)


qq توپ نومۇرى271569147


583370632@qq.com


2275983535@qq.com



ئەسكەرتىش: تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ خەۋەردىن ۋاقىپ بولىشى ئۈچۈن باشقا تور بىكەتلەرگە ھېچكىمدىن سورىماي كۆچۈرۈپ يوللىساڭلار بولىۋېرىدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 11:46:39

مۇنبىرىمگە چاپلاپ قويدۇم .

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 14:33:54

ئېشەك كېسەل بۇلۇپ قالسا ئالاقارغۇسىنى ئالدۇق دەپ كۆزىنىڭ ئەتراپىنى كېسىپ بىر نەرسىنى ئېلىۋەتكەن ئىدى كىچىك ۋاقتىمدىكى بىر بوۋاي.

Sarwan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 14:51:36

3- قەۋەتتىكى Bayawanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئېشەك كېسەل بۇلۇپ قالسا ئالاقارغۇسىنى ئالدۇق دەپ كۆزىنىڭ ئەتراپىنى كېسىپ بىر نەرسىنى ئېلىۋەتكەن ئىدى كىچىك ۋاقتىمدىكى بىر بوۋاي.


كېسەل بولۇپ قالسا ئەمەس. ئېشەكنىڭ كىرپىكى تەتۇر ئۆسۈپ كۆزىگە كىرىۋالسا يولدا كىتىپ بارغاندا كۆزىگە باشقا نەرسىلەر كۆرۈنۈپ قېلىپ ئۈركۈپ كىتىدىغان ئىش بار. شۇ كۆزىگە ئۆسىۋالغان نەرسىنى \"ئالاقاقا\" دەيدۇ. ئۇنى ئېلىۋەتسە ئۈركىمەيدىغان بولىدۇ.

function يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 15:31:06

ئېشەك. ئات، قېچىر قاتارلىق ئىشقا ئىشلىتىلىدىغان ھايۋانلار بەك ئىشلەپ قاتتىق ھېرىپ كەتكەندە (ئەتىگەندىن كەچكىچە قوش ھەيدىگەندە، ئۇزۇن سەپەردىن كەلگەندە) سۇۋۇتۇپ قويىدىغان ئىش بار، يەنى بېشىنى گەۋدىسىدىن ئېگىز قىلىپ ئىگىزرەك يەرگە باغلايمىز.

يەنە شۇ ھايۋانلار ئۇسسىز قالغاندا (قاتتىق ئۇسساپ كەتسە) ئالاقاراق بولۇپ قالىدۇ، بۇنى داۋالاشتا ئالاقارىقىنى ئېلىۋەتسەك بولىدۇ.

يەنە شۇ ھايۋانلار بىرەر زاھارلىك نەرسىدىن زەھەرلىنىپ قالغاندا سۈت ئىچكۈزىدىغان ئىش بار......

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 15:40:22

بارىكاللا ئابلەتجان، تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن! بۇ روھىڭىز ھەممىمىزنىڭ ئۆگىنىشىگە ، ئۈلگە ئېلىشىغا ئەرزىگۈدەك.

مېنىڭ بىلىشىمچە قوينىڭ قورسىقى ئېسىلىپ كەتسە قۇلىقىنى ئازىراق كېسىپ قان چىقىرىپ قويىدىغان، ئېشى ئارتىپ ، تەرەت ماڭمىسا ئەسكى پايپاق، كىر كىيىملەرنى سۇدا يۇيۇپ سۈيىنى ئىچكۈزۈپ قۇستۇرۇپ داۋالايدىغاندەك ئېسىمدە. ئەمما بۇنى ناھايىتى كىچىك ۋاقتىمدا، تاغامنىڭ ئۆيىدە كۆرگەنىدىم.

togrul يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 18:17:44

تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم .تېخىمۇ تىرىشىڭ كەسىپدىشىم . مەنمۇ پىشقەدەم خىزمەتداشلىرىمدىن ۋە پىنسىيىگە چىققان خىزمەتداشلىرىمدىن ماتىريال توپلاي . مەندە بىر كونا كىتاپ بار ئۇنىڭدىكى داۋالاش ئۇسۇللىرى ئاساسەن جوڭيىچە ئىكەم بىراق بۇ كىتاپ تەرجىمە قىلىنغان كىتاپقۇ دەيمەن

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-9-19 19:00:45

تىرىشىڭ،ئاغزىمىزدا بولسىمۇ قوللايمىز ئۇكام.

sehrayi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-20 01:05:14

بىزنىڭ مەھەلىدە قويلار يەم-خەشەكنى كۆپ يېۋىلىپ قورسىقى ئېسىلىپ قالسا ،قويلارنىڭ ئىغىزىغا ياغاچ يۈگەن سىلىنىپ مەجبۇرى كۆشىگىلى سىلىش ئارقىلىق داۋالايدۇ.

يەنە بىرئۇسۇل، زەم-زەم كولا بىلەن داۋالاش بولۇپ بۇ يىقىندا پەيدا بولغان ،بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق داۋالاش يەم-خەشەكنى كۆپ يېۋىلىپ قورسىقى ئېسىلىپ قالغان قوي-كالا ...قاتارلىقلارغا ماس كىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى :قويغا بىر بوتۇلكا زەم-زەم كولا، كالىغا ئىككى بوتۇلكا زەم-زەم كولا ئىچكۈزىسىز .

( مىسال ئۈچۈن زەم-زەم كولانى سۆزلىدىم ئەمەلىيەتتە قايسى خىلدىكى كولا بولسا بولىۋىردۇ)

بۇ ئۇسۇل ناھايتى ئاددى ئۇنۇمى كۆرىنەرلىك ،ئەكىس تەسىرى يوق چۇنكى بۇ ئۇسۇل ئاۋال ئادەملەرگە سىناق قىلىنىپ تەجرىبە قىلىنغان




azmat726 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-22 23:42:10

1- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇنبىرىمگە چاپلاپ قويدۇم .

قررىنىدىشىم، قوللىغىنىڭىزغا تەشەككۈرلەر   ....

azmat726 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-22 23:46:06

6- قەۋەتتىكى togrulنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم .تېخىمۇ تىرىشىڭ كەسىپدىشىم . مەنمۇ پىشقەدەم خىزمەتداشلىرىمدىن ۋە پىنسىيىگە چىققان خىزمەتداشلىرىمدىن ماتىريال توپلاي . مەندە بىر كونا كىتاپ بار ئۇنىڭدىكى داۋالاش ئۇسۇللىرى ئاساسەن جوڭيىچە ئىكەم بىراق بۇ كىتاپ تەرجىمە قىلىنغان كىتاپقۇ دەيمەن

ھەمكارلىشايلى، ھەممىمىز تىرشىپ توپلىساق، تىبابەت ئىلىمىزنىڭ مۇككەملەل بولۇش مەخسىتىگە يىتەلەيمىز دەپ ئۇيلايمەن....


بەت: [1]
: ئۇيغۇر چارۋا-مال دوختۇرلۇق ئىلىمى تۇنجى قېتىم ئىلىم پەن سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىلدى