wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 20:41:20

بىر قىز ئوقۇشتىن چېكىنمەكچىكەن)wapadarim912)

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم تۇغقانلار ،بىر ئاي بۇرۇن 7000 سوم پۇلنى غەملەپ شىئەندە بىر يىلدىن بېرى ياردەم بېرىپ ئوقۇتىۋاتقان قىز سىتۇدىنىتنى ئوقۇشقا سالغان ئىدۇق ،يېقىندا  ئۈرۈمچىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان خوتەنلىك بىر قىزنىڭ 4000 سوم  ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمەي بەك قىينىلىپ قالغانلىقى ھەققىدە بۇ قىزغا ئىككى يىلدىن بېرى تۇرمۇش پۇلى غەملەپ بېرىپ كېلىۋاتقان بىر توردىشىمىزدىن ئۇچۇرغا ئېرىشىپ ئۇ قىزنىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى بىر قۇر ئىگىلەپ بولغاندىن كىيىن 2000 سوم پۇل غەملەپ ئۈرۈمچىدە تۇرىۋاتقان توردىشىمىز "گۇدلاك "قا ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدىم ،goodluckبۈگۈن بۇ قىز بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى بۇ يىللىق ئوقۇش پۇلىنى ئاپىرىپ بەرمەكچى بولدى .ۋە بۇ قىزنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بۇندىن كىيىنكى ئىككى يىلدا ھەر ئايدا مۇۋاپىق تۇرمۇش پۇلى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولدۇق .شۇڭا ئاقكۆڭۈل تورداشلارغا مۇراجەتنامە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ،بولسا ياردەمدە بولۇشنى خالايدىغانلار ھە ھۇ دەپ 2000 سوم پۇلنى غەملەپ بۇ پۇلنى 4000 سوم قىلىپ  ئوقۇشتا تىرىشچان ،لىكىن قىيىنچىلىق تۈپەيلى ئوقۇشنى داۋام ئېتىشكە ئامالسىز قالغان بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ خاتىرجەم ئوقۇشى ئۈچۈن ،ئوقۇشىنى تۈگىتىپ جەمىئەتكە ياراملىق ئادەم بولۇشى ئۈچۈن بىر ياردەمدە بولساق .......


بىر سوم پىلانىنىڭ شوئارى شۇكى "بىرىمىزگە كۆپ بىلىنمەيدىغان بىر سوم ،ئون سوم ...پۇللار نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ يانچۇقىدىن تەڭلا چىقسا مانا بۇ قىزدەك ياردەمگە موھتاج سىتۇدىنىتلارغا ياردەم قىلىپ ئىناق جەمىئەت بەرپا قىلىشقا بىر كىشلىك ھەسسىمىزنى قوشقان بولاتتۇق .......



بۇ ئىشقا مەسئۇل بولغۇچى مەن ،ئۈرۈمچىكى ئىشلارغا مەسئۇل بولغۇچى "گۇدلاك "


ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2012-9-18 11:46:34

يېزا ئىگىلكنىڭ بولسا مەنمۇ ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈمنى بىلدۈرەي .....

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-18 11:47:38

بايا يېزا ئىگىلىك بانكا كارتىسىغا 100 سوم پۇل ئۇچۇرى كەلدى .بولسا مەن دەپ قويساڭلار بالىلار ،«تىزىم »دەپتىرىگە «نامسىز »دەپ يازغاندىن «پالانى »دەپ ئىسمىنى يازسام كىيىن خەقلەر سوراپ قالسىمۇ پالانى -پۇستانى ئىدى ،ياخشى ئادەمتى دەپ دوكىلاتقا قولايلىق بولاتتى .رەھمەت ...

ھە راس ،ناۋادا بىر سوم پىلانى يېزا ئىگىلىك كارتىسىغا توردىن پۇل يۆتكىمەكچى بولسىڭىز ئادىرىسى مانا





中国农业银行兵团农五师分行建国路分理处

بىر سوم پىلانى 2006-يىلى باشلانغاندا مۇشۇ كارتا ئىشلىتىلگەن ،سوئال جاۋاپ،كىرىم چىقىمغا ئاسان بولسۇن دەپ پەقەت ۋە پەقەت مۇشۇ كارتىنىلا ئىشلىتىۋاتىمەن 7يىلدىن بۇيان ،شۇڭا بىر سوم پىلانىغا پۇل سالماقچى بولساڭلار كەچۈرۈشۈڭلارنى ۋە مۇمكىن بولسا باشقا يارەنلەرنىڭ كارتىسى ئارقىلىق كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلارنىمۇ ئۈمۈت قىلىمەن ...خۇدا بۇيرىسا بىر كۈنلەر قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق پۇل ئىئانە قىلىش ئىقتىدارىنى ئاچتۇرالىساق .....

ئاخىرقى گەپ ، گۇدلاكنىڭ باشقا كارتىلىرىغا مۇشۇ قىز ئۈچۈن پۇل سالساڭلار بولىدۇ ....ھەممىڭلارغا كۆپ رەھمەت بولسۇن .

BAHWAN يوللانغان ۋاقتى 2012-9-18 11:56:01

مەنمدۇ جىفۇ باۋدا ياردەم قىلاي دىگەن ھىساپ نومۇرى قانچە

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-9-18 12:16:02

مەنمۇ ئاللاھ خالىسا 22-چىسلا ئۆزۈمنىڭ ئاتىغىنىنى سېلىۋېتەي، 21-چىسلاغىچە ئىشىم بار ئىدى، پەقەتلا بىكار بولالمايمەن، شۇڭا ۋاقتىنچە ئەپۇ قىلىڭلار قېرىنداشلار

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-18 13:04:38

ئاتىغىنىمنى سېلىۋەتتىم، ۋاپادارىم تاپشۇرۋالغايسىز..

xaptulqiqiki يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 20:58:49

خوتەنلىك مىليونىرلار نىمە قىلۋىتىپتۇ؟

xaptulqiqiki يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 20:59:02

خوتەنلىك مىليونىرلار نىمە قىلۋىتىپتۇ؟

xaptulqiqiki يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 20:59:02

خوتەنلىك مىليونىرلار نىمە قىلۋىتىپتۇ؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 21:15:02

ئۇلارمۇ قىلغانلىرى قىلىشقا تىگىشلىكىنى قىلىۋاتقاندۇ؟ بۇ بىز مۇلاھىزە قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە ئەمەس، كۆز ئالدىمىزدىكىسى ئاۋۇ قىز ياردەمگە ئېرىشەلمىسە ئوقۇشتىن توختايدۇ، شۇڭا خەققە بەس سالماي، قولىمىزدىن كېلىدىغانلار بىر كۈچەيلى قېرىنداشلار!

yamhur يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 21:32:59

ئامانەت-قەرزكوپراتىپنىك كارتىسى بولسا مەن ئەتە سەھەردە ئاتغىنىمنى  ياردەم قىلاي ..

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 21:36:08

ئەمىسە كا نومۇرنى تورغا يوللاڭلار بالىلار، بىر سوم پىلانىنىڭ بەدەل پۇلىنى تۆلىۋېتەيلى، خېلى بوپتۇ تۆلىمىگىلى \"\"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 21:45:26

ھەركىم ئاتىغىنىنى بەرسە بولىدۇ،مىقدارىنى دەپ يۈرۈش ئارتۇقچىمىكىن .....................  {:107:}

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 22:42:12

كارتا نۇمۇرىنى قالدۇرسىلا ئەيسا ئەپەندىم ،  قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردېمىمىزنى ئايىمايمىز .



تامچە - تامچە يىغىلىپ دەريا بولۇر ...


atella يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 22:45:49

كارتا نومۇرىنى ئىمزاغا چىقىرىۋالسا ئەيساكا...

pari0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 22:50:41

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

مەنمۇ ئاز بولسىمۇ ياردەم قىلىشنى خالايمەن.

پۇل يوقلۇق سەۋەبىدىن بۇ سېڭلىمىزنىڭ نۇرغۇن ئارزۇ -ئارمانلىرى بەربات بولمىسۇن ...تاما-تاما كۆل بولار دەپتىكەن ... ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى . ئاللاھ قىلغان بۇ ساۋابلىق ئىشىمىزنىڭ ئەجىرىنى ئۆزى بەرگەي! \"\"

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 22:59:46

چېكىنسە بولمايدۇ. ئىزدىنىش ئەھلى بۇنىڭغا ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ. \"\"

دەرھال مۇناسىۋەتلىك بانكا ئۇچۇرلىرى ئېلان قىلىنسۇن. ھەممەيلەن تۇشمۇ-تۇشتىن قولىمىزدىن كېلىشىچە ھە-ھۇ دەيلى، تاما-تاما كۆل بۇلار دەپ، بۇ سىڭلىمىزنىڭ يەلكىسىدىن تاغ كۆتۈرۈلۈپ ئوقۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس...

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 23:08:19

«بىر سوم پىلانى»نىڭ بانكا كارتا نومۇرىنى مەن قالدۇرۇپ قوياي:



中国农业银行

艾沙江尼扎木丁

9559982980538213019

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 23:13:07

12- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

«بىر سوم پىلانى»نىڭ بانكا كارتا نومۇرىنى مەن قالدۇرۇپ قوياي:



中国农业银行

艾沙江尼扎木丁

9559982980538213019




گۇدلاكقا سالىدىغان ئىشمىكىن، ئۈرۈمچىدە بولغاندىكىن؟

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 23:18:51

13- قەۋەتتىكى afiyfiyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

12- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

«بىر سوم پىلانى»نىڭ بانكا كارتا نومۇرىنى مەن قالدۇرۇپ قوياي:



中国农业银行

艾沙江尼扎木丁

9559982980538213019




گۇدلاكقا سالىدىغان ئىشمىكىن، ئۈرۈمچىدە بولغاندىكىن؟

مېنىڭچە يەنىلا ۋاپادارىم ئارقىلىق بولسا . . .
بەت: [1] 2 3 4
: بىر قىز ئوقۇشتىن چېكىنمەكچىكەن)wapadarim912)