lata يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 13:01:04

شېنجېندا كىم بار ؟ (ياردەم)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار . مەن شېنجېندىن بىر شىركەتتىن مال سېتىۋالماقچى ئىدىم . كارتىسىغا پۇل سېلىشىم كىرەككەن ،ئۈزۈم بېرىپ بۇلالمىدىم ،شېنجېندا دوستلار بولسا راست-يالغانلىقىنى بىر ئىنىقلىشىپ بىرەرمىكىن دىگەن . مالال كۆرمەي ياردەم قىلالايدىغانلار بولساڭلار ياردەم قىلساڭلار . ئادىرىسى :
广东省深圳市福田区华强北路赛格广场2幢303号

ماڭا خەۋەر بىرۋەتسەڭلا بۇلىدۇ . يوك كىرايى ۋە تېلفۇن ھەققىنى ئاتچوت قىلىمەن .  تېلفۇن :18999050559

كوتكوت: 316789287

BAHWAN يوللانغان ۋاقتى 2012-9-18 11:45:46

11- قەۋەتتىكى qutlanjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پەقىر كەمىنە شېنجېندا ، قىرنىداشلارنىڭ ئىھتىياجى بولسا قولۇم كۆكسىمدە، تېلېفۇن نومىرىم :13148884999



شىنجىدىمۇ مۇشۇنداق نومرلار سىزگە ئاشتىما؟

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 13:42:02

شىئىرچىلاپ يازماي.......

lata يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 14:04:10

ماقۇل.

مال ئالاي دەپ ئويلىغان بىر شىركەتتىن ،

خېلى ئەرزان ئىكەن مالنىڭ باھاسى ،

سۈپىتىمۇ ، ماركىسىمۇ ياخشىكەن ،

سودىنىڭمۇ پۈتكەن نەرقى ناۋاسى .



ئەمما شىركەت ئاۋۋال پۇلنى سال دەيدۇ ،

ئۇندىن كىيىن مالنى ماڭا بىرەرمىش ،

پۇلنى بىرىپ ساقلاپ تۇرسام سەۋرى قىپ ،

ھەپتىدە مال دۇكۇنۇمغا كىلەرمىش .



ماقۇل دىدىم ئەمما ئازراق ئەنسىردىم ،

پۇلنى ئېلىپ مال سالمىسا ناۋادا ،

يۇقاپ كەتسە ئۇ شىركەتلەر ئۈن-تىنسىز ،

پۇلۇم ئۇچۇو كىتەرمۇ دەپ ھاۋادا .



بولسا ئەگەر شېنجېندا بار دوستلىرىم ،

ئادرىس بۇيچە ئۇنى ئىزلەپ كۆرۈڭلار ،

راست بولسا ئۇ مەن سالاي پۇل ،خاتىرجەم ،

شۇنداق شىركەت بارمۇ خەۋەر بىرىڭلار .

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 14:08:02

ماۋۇ شېئىرمۇ بەكلا قالتىس چىقىپتۇ جۇما

Batush يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 14:14:44

كەمىنە شېنجىندا .

تۈنۈگۈن دېگەن بولسىڭىز بىر كۈن بىكارتىم ، ماۋۇ ھەپتە قاتتىق ئالدىراش.

ئىشىتىن چۈشۈپ ئۇ يەرگە بېرىپ بولغۇچە بىر ئالەم بولىدۇ . ھەپتە ئاخىرىدا بولغان بولسا مەنلا بېرىپ ئۇقۇشۇپ بېرەتتىمكەن .

ئالدىرىمىسىڭىز ھەپتە ئاخىرىدا بېرىپ ئۇقۇشۇپ بېرەي .








kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 14:47:14

ھەۋەسكار سىزمۇ شېئىر بىلەنلا جاۋاپ قىلىۋەتمەي. شېئىرغا ھەۋىسىڭىز يوقمۇ يا. \"\"

tahir17 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 15:37:52

مەن لاتىنىڭ دوستى دېمەكمۇ تەس ئىش جۇمۇ \"\"

Antonio يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 16:44:12

ئەڭ ياخشسى شېنجېنىققا ئىشەنمەڭ ، ئۇلار كۆز ئالىڭىزدا سىزنى ئالداپ كىلتەلەيدۇ، مەنمۇ نەچچە يىل ئىلگىرى 10مىڭ يۆەن قويۇلغان ، مەن قويۇلۇپ بولغاندىن كىيىن بۇنداق قويۇلغانلارنى كۆپ ئاڭلاپ كەتتم،



ئەڭ ياخشىسى ئەگەر ئۇ مال بۇ يەردە بولسا باھا پەرقى بەك چوڭ بولمىسىلا بۇ يەردىن ئىلىڭ، كىيىن ئاپلا دىگەن بىلەن پايدىسى يوق.

Antonio يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 16:44:20

ئەڭ ياخشسى شېنجېنىققا ئىشەنمەڭ ، ئۇلار كۆز ئالىڭىزدا سىزنى ئالداپ كىلتەلەيدۇ، مەنمۇ نەچچە يىل ئىلگىرى 10مىڭ يۆەن قويۇلغان ، مەن قويۇلۇپ بولغاندىن كىيىن بۇنداق قويۇلغانلارنى كۆپ ئاڭلاپ كەتتم،



ئەڭ ياخشىسى ئەگەر ئۇ مال بۇ يەردە بولسا باھا پەرقى بەك چوڭ بولمىسىلا بۇ يەردىن ئىلىڭ، كىيىن ئاپلا دىگەن بىلەن پايدىسى يوق.

elqut يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 18:02:04

、ئۇيغۇربەگ بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇيغۇربەگ شىنجىن ئۇنۋىرسىتىدا ئۇقۇيدۇ شۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىپ باقامسىز يە

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 18:05:34

6- قەۋەتتىكى tahir17نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن لاتىنىڭ دوستى دېمەكمۇ تەس ئىش جۇمۇ \"\"

\"\"شۇ

qutlanjan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 18:39:20

پەقىر كەمىنە شېنجېندا ، قىرنىداشلارنىڭ ئىھتىياجى بولسا قولۇم كۆكسىمدە، تېلېفۇن نومىرىم :13148884999

5tash يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 19:15:25

يۇقارقى بۇرادەر قاراپ باقسۇن، بەك قاملاشمىسا بىزنىڭ بۇرادەرلەر بار.

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 22:45:11

ما تېمىدا مەنمۇ ياردەم سورىۋالاي:

شيامېندىكىلەر بولسا غاچچىدە دەپ بەرسەڭلار،شيامېندا ئۇيغۇر ئاشخانىسىدىن نەچچىسى بار،قانداق بارىدۇ،ئايرودوروم يا پويىز ئىستانىسسىدىن؟ بايرامدا بارىدىغان ئىش چىقىپ قالغان.

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 22:55:23

13- قەۋەتتىكى muzatdنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ما تېمىدا مەنمۇ ياردەم سورىۋالاي:

شيامېندىكىلەر بولسا غاچچىدە دەپ بەرسەڭلار،شيامېندا ئۇيغۇر ئاشخانىسىدىن نەچچىسى بار،قانداق بارىدۇ،ئايرودوروم يا پويىز ئىستانىسسىدىن؟ بايرامدا بارىدىغان ئىش چىقىپ قالغان.



جىم ئۇقۇشۇڭنى ئوقۇيە ئۇكەم..يۇگرەپ ،جاھاننى تار قىلماي...

pari0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 23:00:03

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

دوستلارنىڭ ياردىمىگە تېزراق ئېرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن ... سىزنىڭ شېئىر يىزىش قابىليىتىڭىزگە قول قويماي تۇرالمىدىم .

ئاللاھ ئەقىلىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلغاي ...ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ....سالامەت بولۇڭ!!!!

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 23:05:06

14- قەۋەتتىكى weyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

13- قەۋەتتىكى muzatdنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ما تېمىدا مەنمۇ ياردەم سورىۋالاي:

شيامېندىكىلەر بولسا غاچچىدە دەپ بەرسەڭلار،شيامېندا ئۇيغۇر ئاشخانىسىدىن نەچچىسى بار،قانداق بارىدۇ،ئايرودوروم يا پويىز ئىستانىسسىدىن؟ بايرامدا بارىدىغان ئىش چىقىپ قالغان.



جىم ئۇقۇشۇڭنى ئوقۇيە ئۇكەم..يۇگرەپ ،جاھاننى تار قىلماي...

ئاز- تولا ماغدۇر كىرىپ قاپتۇ ھە؟ ئېغىز غېرىچلىغۇدەك بوپقاپسەن.

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 23:53:45

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

بۇ يىل بېشىدا شىنجىندا بىر ئايدەك تۇرۇپ بازار چۆگىلىگەن. سەيگېدا توپ مال ساتىدىغانلار ئاساسەن يوق دىيەرلىك. بولسىمۇ شىنجىننىڭ سانائەت رايۇنلىرىدىكى كىچىك زاۋۇتلاردىن ئەكىلىپلا كېلىشكەن باھاغا ساتىدۇ. ئارىلىقتا ئۇمۇ ئازىراق پايدا ئېلىپ ساتقاندىكىن ياخشى باھاغا سېتىۋالالمايسىز. سېتىشتىن كىينكى مۇلازىمەت دىگەن گەپنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. شىنجىننىڭ يولى بارسا كەلمەس يول.شۇڭا دوستانە مەسلىھەتىم كۆپرەك مال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز ھەم ئەرزان،ھەم سېتىشتىن كىينكى كاپالىتى بار ئەسلى زاۋۇتتىن سېتىۋېلىڭ.



شىنجىندا شىركەت قۇرماق بۇ يەردە كىچىك بوتكا ئاچماقتىنمۇ ئاسان. بازاردىن بىر مىتىرلىق پۇكەيدىن بىرنى ئىجارىگە ئېلىپ ئالدىغا كەلگەن خېرىدارغا مال ساتقاچ تاۋباۋدا سودا قىلىدۇ. تاۋباۋدىكى ئىسمىغا قارىسا پالانچى پەن-تېخنىكا ئېچىش شىركىتى،پالانچى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دەپ يولغان ئىسىمنى قويىۋالغان شىركەتلەرنىڭ تور دۇكىنىدا مىڭ تۈرلۈك مال بولسىمۇ نەق پۇكىيىگە بارسىڭىز يىغىپ كەلسە بەش-ئون مىڭ كويلۇق مال چىقمايدۇ. كۆپىنچە تىجارەتچىلەر چىقىمنى تىجەپ ئەرزان سېتىش ئۈچۈن توردا پۈتۈشكەن ماللىرىنى ئىجارە ئالغان ئۆيلىرىدىنلا پوچتىغا سالىدۇ.



بىر ئاغىنەمنىڭ بۇيرۇتىشى بىلەن ۋىندوۋس قاچىلانغان تاختا كومپيۇتېردىن بىرنى سېتىۋالماقچى بولدۇم. تاۋباۋدا كۆرۈشتۇق.تاۋباۋدىكى ئىناۋىتى خېلى يۇقىرى بىر سودىگەردىن سېتىۋالماقچى بولدۇم. باھاسىنى كېلىشىپ پۇل سالىدىغان ۋاختىمدا يۈزتۇرانە سېتىۋالسام بولامدۇ دەپ سورىدىم. ئەتىسى سورىۋالغان ئادىرىس بۇيىچە ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ 15 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول ماڭغاندىن كىيىن مەھەللىسىگە كەپتىمەن. قارىسام چىرايلىق بىر خەنسۇ قىزچاق ئالدىمغا چىقىپ كۈتىۋالدى. ھەم تاختا كومپيۇتېرنىڭ ساختىسى بىلەن ئەسلى مالنى پەرقلەندۈرۈشنى كۆرسىتىپ قويدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە دۇكان ئېچىپ تىجارەت قىلغاندىن ئۆيدىلا تىجارەت قىلسا بەزى چىقىملار تىجىلىدىكەن.



سەيگېدىكى نىمكەش كومپيۇتېرلار.



شىنجىندا مەخسۇس نىمكەش خاتىرە كومپيۇتېر،تېلىفۇن ساتىدىغان بىر بىنا بولۇپ ئەتتىگەن شۇ جاينىڭ ۋاختى سائەت سەككىزدىن ئونغىچە ئىككى سائەت بازار بولىدۇ. شۇ قىسقىغىنە ئىككى سائەت ئىچىدە سەيگېدىكى نىمكەش كومپيۇتېر سودىگەرلىرى كېلىپ ئۆزىگە يارىغان مالنى ئېلىپ كىتىپ سەل سۈرتۈپ تازىلاپ، پۇكىيىگە تىزىپلا ھەر بىر كومپيۇتېرغا تۆت-بەش يۈزنى قوندۇرۇپ ساتىدۇ. شۇ بازاردا نەچچە كۈن يۈرۈپ سونىينىڭ پىچچەت يانفۇنىدىن بىرنى سېتىۋالدىم. دەسلەپ دىققەت قىلماپتىمەن. كىين قارىسام يۈننەنلىك بىر خەنزۇ قىزنىڭ بىر كۈن ئاۋالقى تېلىفۇن ۋە ئۇچۇر خاتىرىسى تۇرىدۇ. دىمەك تېلىفۇن ئوغرىلىنىپ شۇ كۈنى كېچىسى شىنجىنغا كەلتۈرۈلگەن. بۇ بازاردىكى كومپيۇتېر،يانفۇنلار دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئوغرىلىنىپ مۇشۇ بازارغا يىغىلىشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلدىم. كىين ئالغان %99 يېڭى بىر ئالما كومپيۇتېرنىمۇ ئوغرىدىن ئەكەلگىنىنى ئالمىسا بەش يېرىم مىڭغا بەرمەيدۇ.



شىنجىنغا نىسبەتەن ئومۇمى تەسىراتىم ياخشى. بولۇپمۇ كىشىلەر ۋەھىمىدىن خالى،ئەركىن-ئازادە،ئۆزى خالىغانچە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.  تىرىشسىلا ئاچ قالمايدۇ. ھەم پۇل تاپىدىغانغا يول چىقىدۇ. مالنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ھەتتا ئاتا-ئانىسىغىمۇ ئېيتىپ بەرمەيدىغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئانچە-مۇنچە ساختىلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندىمۇ يەنىلار كىشىلەرنىڭ ئومۇمى ساپاسى تۆۋەن. خىزمەتچىلەرنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيىسى يۇقىرى. ئىنتايىن ئەدەپلىك. پۇخرالارنىڭ ئۇيغۇرغا كۆزقارىشى تازا ياخشى ئەمەستەك.

Izna يوللانغان ۋاقتى 2012-9-18 19:39:32

مەنمۇ ئىككى ئېغىز گەپ قىستۇرۋالاي دوسلار..

خاڭجۇدا ياكى يىۋۇدا تۇرۋاتقان دوسلار بارمۇ؟مەن خۇدايىم بۇيرىسا 25-چىسىلا يولغا چىقماقچى ئىدىم،ئازىراق ئەھۋال بارتى ،ھالمۇڭلىشىدىغان.مۇمكىن بولسا شۇيەردىكى تورداشلار بىر ئالاقىلىشش ئىمكانىيىتى قالدۇرغان بولساڭلار.

يەنە بىر ئىش،ئۈرۈمچىدىن بىۋاستە خاڭجۇغا ماڭغاندىن ئۈرۈمچىدىن شىئەنگە بېرىپ ئۇيەردە شاڭخەيگە،ئاندىن خاڭجۇغا بارسا ئون نەچچە سائەتنى ئاز ماڭغىلى بولىدۇ دەيدا؟مۇشۇنداق ئىشمۇ بارمۇ راس؟
بەت: [1] 2
: شېنجېندا كىم بار ؟ (ياردەم)