مەن كۆۋرۇكنى تونۇمايمەن ‹ پەرى›
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىشتىكى بارلىق مېھرى ئاتەش قەدىردان دوستلار ئاللاھنىڭ سالىمى سىزلەرگە بولسۇن .ئاندىن يېڭى مۇنبەردىشىڭلار پەرىدىن ئىگىلىپ تۇرۇپ ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام .
مەن يىقىندا بىر دوستۇمنىڭ قىزىقتۇرشى بىلەن ئارلاپ ئىزدىنىشتىكى گۈلەن ،بىلىمخۇمار ،ئۆز ھال قاتارلىق ئەقلى ئويغاق زىيالىلارىمىزنىڭ ماقالىلىرىنى ئوقۇپ يۇرۇپ بۇ مۇنبەرگە ئۆزۈممۇ بىلىپ -بىلمەي مېھرىم چۇشۇپ قاپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن دىرىزە سىرتىدىكى ئوقۇرمەن بولغۇم كەلمەي ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ ھەقىقىي ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن تۈنۈگۈن ئىزدىنشىنىڭ ئىشىكىنى چىكىپ ئۆزۈمنىڭ ئىسمىغا يىقىن پەرى دىگەن چىرايلىق ئىسمىمنىڭ قويۇپ ئەزا بولۇپتىمەن.
ئۇف.... بۇ ئىللىق ماكانغا ئاخىرى ئوڭۇشلۇق كىرۋالدىم ..ئەمدى ئەركىن-ئازادە ئىنكاس يىزىپ ، دوستلار بىلەن بىر باشتىن تونۇشقاچ تۇراي دەپ گۈلەن ئەپەندىنىڭ يازمىسىغا كىرىپ ئىنكاس يوللاش كۆزنىكىنى چەكسەم « تېما يوللىسىڭىز بولىدۇ لېكىن ئىككى كۈنگىچە ئىنكاس يوللىسىڭىز بولمايدۇ» دەپ ئەسكەرىتمە چىقىۋالدى... تۇرۇپلا قالدىم ھەر بىر مۇنبەرنىڭ ئۆز ئالدىغا قائىدىسى بولغاندەك ئىزدىنىشىنىڭمۇ ئالاھىدە تۈزۈملىرى بار ئىكەن .شۇنىڭ بىلەن بىكار تۇرغىچە ، ئۆزۈمنىڭ ساقلاپ كىلىۋاتقان تېما بىزەكلىرى بولسىمۇ مۇنبەرگە يوللاي دەپ يوللاپ قويۇپلا چىقىپ كەتتىم ... .......
ئەتىسى ئەتىگەندىلا مۇنبەرگە كىرىپ تېمامنى ئالدىراپ ئاچتىم ... كۆرگىنىم دوستلارنىڭ سالىمىمغا قايتۇرغان سالىمىنى ئەمەس باشقىچىلا بىر گەپلەر ....خەقنىڭ تېمىسىغا خاتا كىرۋالغان ئوخشايمەن دەپ كەيىنچىلەپ مىڭىپ چىقىپ ئەتىراپىمغا شۇنچە بويۇنداپ قارىسام يەنىلا مېنىڭ تېمام ..بىشىغا چىرايلىق قىلىپ يىزىلغان پەرى 0999 دېگەن ئىسمىم شۇنداق جۇلالىق چاقناپ تۇرۇپتۇ. يەنە قايتىپ كىردىم ... مېنىڭ يېڭى ئەزا بولۇپلا ھەيران قالغىنىم :
مۇنبەرگە ئەمدى بۇسۇغا ئاتلاپ كىرشىمگە سۈيۈملۈك قېرىنداشلىرىمنىڭ مەلۇم تورداشنىڭ خانىمى دىگەن چىرايلىق دوپپىنى بىشىمغا چىرايلىق كەيدۇرۇپ قويغىنى بولدى ھى ھى باشتا ئىنكاسلارنى ئوقۇپ شۇنداق كۈلۈپتىمەن .
كېيىن تازنىڭ ئەقلى چۇشتىن كېيىن دېگەندەك تۇرۇپلا ئۇ ئىنكاسلار ماڭا رىئاكسىيە قىلىشقا باشلىدى... ئىنكاسلارغا قايتۇرۇپ ئىنكاس يازاي دېسەم يەنە ھېلىقى ئەسكەرتىش ...شۇنچىلىك بىئارام بولدۇم .
بەزى قېرىنداشلىرىم سىز كۆۋرۇكنىڭ ئايالى بولامسىز دەپ سوراپتۇ ،بەزى مېھماندوسىت تورداشلىرىم ئۆيگە تەكلىپ قىلىپمۇ ئۈلگۈرۇپتۇ، يەنە بەزى تورداشلىرىم ھەر خىل ئىنكاسلارنى قالدۇرۇپتۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلمەي تۇيۇقسىزلا مەن تونۇمايدىغان بىر تورداشنىڭ خانىمى بولۇپ قالغىنىمغا ھەيران قىلىپ ئىڭەك تۇتۇپ خىلى ئويلاندىم ،ئاخىرى باش بەتتىكى كۆۋرۇك ئەپەندىنىڭ پاتى بىلەن پەرى دېگەن تېمىىسنى ئوقۇپ بۇنىڭ جاۋابىنى تاپقاندەك بولدۇم ...توۋۋا بۇنداقمۇ ئۇدۇل كىلىپ قىلىش بولىدىكەن ... مەن بۇ ئېسىمنى ئۇزۇندىن بىرى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان ئىزدىنىشقا كىرىپلا بۇ مۇبارەك ئىسىمىم مېنى باشقىلارغا باغلاپ قويۇپتۇ ھا ھا ھا ھا ..........!!!!
شۇڭا تورداشلىرىم مېنى خاتا چۇشۇنۇپ قالمىسىكەن دېگەن ئۈمۈددىمەن ... كۆۋرۇك ئەپەندىمۇ مۇشۇ سەۋەپتىن سۈيۈملۇك خانىمى پەرىدىن لاخشىگىر يەپ يۇرمىسە، مەنمۇ ھەقىقىي پەرىدىن تىل ئاڭلىمىسام ، قۇندۇزدەك چاچلىرىم پەرى تەرىپىدىن يۇلۇنۇپ كەتمىسىكەن دەيمەن .
تېمىدىكى پاتى بىلەن پەرى چاچلاشقاندا 4 ئادەم ئاران ئاجىرتىپ قويۇپتىكەن ... ئەمدى ئىزدىنىشتە ھەممەيلەن كۆۋرۇك ئەپەندىنىڭ يۈزىنى ئاياپ خانىمىدىن قورقۇپ بىشىنى ئىچىگە تىقىۋالسا مەن بىچارە ياردەمگە ئېرىشەلمەي بىھۇدە تاياق يەپ كەتكۈدەكمەن .
شۇڭا ئەزىز قېرىنداشلىرىمنىڭ ئۇقۇشماسلىقنى تۈگۈتۈپ كاللىسىدىكى پەرى 0999 قېرىندىشىمىز كۆۋرۇكنىڭ خانىمىكەن دېگەن قاراشنى تۈگۈتۈپ ، ماڭا دوستلۇق قولىنى سۇنسىكەن دەپ ،شۇ ئارزۇدا بۇ يازمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن .
مەن كۆۋرۇك ئەپەندىنى تونۇمايمەن .... مەن ئۇنىڭ تېمىىسدىكى پەرى ئەمەس ...... !!!!!!
كۆۋرۇك ئەپەندىنىڭ يېڭى ئائىلىسىگە خوشاللىق، تۇرمۇشىغا بەخىت تىلەيمەن ..بارلىق ئىزدىنىش ئەھلىنىڭمۇ تېنىگە سالامەتلىك ،ئائىلىسىگە خوشاللىق ،كېيىنكى ھايات مۇساپىىىىسىگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن ...بەخىت ۋە ئامەت سىزلەرگە يار بولغاي!!!!
سەۋيەم چەكلىك .... قاملاشمىغان جايلىرىنى تۈزۈتۇپ ئوقارسىلەر .........!

ئاڭلىساق ئاتا - ئانىسى ئوقۇتقىلى داخانغا ئاپارسا داخان : مۇنۇ بالىغا ئىزدىنىشنىڭ جىنلىرى چاپلىشىپ قېلىپ ئاپىتىنى ساپتۇ دەپتىمىش!


ئەخلەت ، ئەخلەت كىۇ-كىۇ پاراڭلىرى...
3- قەۋەتتىكى arginakunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ تىمىنىڭ مەركىزى ئىددىيسى نىمە!؟ كىم ماڭا دەپ بىرىدۇ!!
ئەخلەت ، ئەخلەت كىۇ-كىۇ پاراڭلىرى...
نەرى ئەخلەت!
بىر نەرسىگە چۈشەنچە بەرسە، يەڭگىل يەڭگىل پاراڭ قىلسا ئەخلەت بولامدۇ؟
ئانداق مۇنبەر زوراۋانلىقى قىلمايلى بۇرادەر
تىما دىگەن ئاستا ئاستا بولىدۇ، ئىنكاس يازالمىغاندىكىن تىما يازىدۇ

ئاخشام مەنمۇ ئۇ تىمىڭىزنى كۆرگەن .مەن پەقەت تىما توغۇرلۇق كىچىككىنە بىر نەرسە دەپ چىكەتكەن ئىدىم. دېمىسىمۇ ئارتۇق گۇمان قىلىش ياخشى ئەمەس.بىر ئەزا شۇنداق سۇئال ،گۇماننى ئوتتۇرغا قويغاندىكىن باشقىلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشمەي تۇرسا بولاتتى. كۆۋرۇككە بولغان ھۆرمىتىمۇ سىلىگە بولغان ئالدىن -ئەلا سالام سائىتىنى بىلدۈرۈشنى ئۇنۇتماپتۇ. ئۆزىڭىزمۇ مانا بوش كەلمەي مۇنۇ تىمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپسىز. كۈزىڭىزنىڭ سۈيىنى ئېقىتمىغىنىڭىزغا قارىغاندا خۇشخۇي ئوخشايسىز.ئەمدى ئۇقۇشماسلىقلار تۈگەپ كەتتى. ئو سىزنىڭ كۆۋرۈك دېگەن سەتنىڭ ئايالى ئەمەسكەنسىزدە ، ئەمىسە.........

9- قەۋەتتىكى asadنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كۆۋرۈككە تەگمەي ياخشى قىپسىز
ئوزىگە ئوزى تېگەمدا ، تېما ئىگىسى نەخ كوۋرۇكنىڭ ئوزى شۇ



10- قەۋەتتىكى horazjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
9- قەۋەتتىكى asadنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كۆۋرۈككە تەگمەي ياخشى قىپسىز
ئوزىگە ئوزى تېگەمدا ، تېما ئىگىسى نەخ كوۋرۇكنىڭ ئوزى شۇ![]()
ئۇ ئەمەس ئۇ نىڭ خىتى مىنىڭكىگە ئوخششاش پەش چىكىتىننىڭ تاينىى بولمسا،پەرنىڭ خىتى بەك ئولچەلىكككەن
دىمەك مونو تېمىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئاي پەتەملىكىڭىزنى ئاشكارلاپسىزدە؟ {:90:} ئىزدىنىشتىمۇ ئەيسالار خىلى جىق خۇدايىم بەختىڭىزنى بەرسۇن


5- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەسلى مۇنداقمىتتى. قارىسامغۇ كۆۋرۈككە ئوشۇق كېتىدىغاندەك تۇرىسىز، شۇڭا ئەمەسمىكىن دېگەن مەنمۇ![]()
مەن شۇمىكىن دېگەن شۇ چاغدا، يەنىلا گۇمانلىق!


10- قەۋەتتىكى horazjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
9- قەۋەتتىكى asadنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كۆۋرۈككە تەگمەي ياخشى قىپسىز
ئوزىگە ئوزى تېگەمدا ، تېما ئىگىسى نەخ كوۋرۇكنىڭ ئوزى شۇ![]()

{:92:}