tagh يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 18:50:06

«نوچى يانفۇنلار»دىن بىر ياردەم سورايمەن؟

مەن ئۇزۇن بولدى تېلىفون ئالىمەن دەپ نىيەت قىلغىلى.ئەمما تەجرىبەمنىڭ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن ھازىرغىچە


قايسى تىپتىكى تېلىفون ئېلىشنى بىلەلمىدىم.


ئەمدى سىلەردىن سورايدىغىنىم بولسا 600-900ئەتراپىدىكى ئەقلىفون(智能手机)بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار


بوپتىكەن.سىلەردىن سوراپ باقسام بىرىنچى قولنى ئالايمۇ يا ئىككىنچى قولنىمۇ؟مەن كۇنۇپكىلىق تېلىفونلارغا


كۆنۈپ قاپتىكىنمەن،سىلەردىن سوراپ باقسام ئىكرانى چوڭ ھەم ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرنى زىيارەت قىلىپ ئىنكاس يازغىلى بولىدىغان تېلىفونلاردىن قايسىلىرى بار؟


ماڭا ئىكرانى چوڭ ھەم ھەرقانداق تور بىكەتنى نورمال تۇنۇيدىغان ،ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى تۇنۇيدىغان كۇنۇپكىسىز


تېلىفونلارنىڭ ئالاھىدىلىكى،سىغىمى،ئۆزىمىز "قۇرئان"،ئىلىكككىتاب قاتارلىقلارنى قاچىلىساق نورمال كۆرگىلى بولىدىغانلىرىنى تەۋسىيە قىلساڭلار.


ئاۋۋال رەھمەت ئېيتقاچ تۇراي.

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 19:06:51

بىلكاننى ئېلىڭ  باشقىسىنى ئالسىڭىز قىينىلىپ قالىسىز.

باھاسى 1200 ئەتراپىدىمىكىن دەيمەن.

لېكىن گەپيوق ئىقتىدارلىرى سىزگە يارايدۇ.

el-hal يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 19:08:25

تېلگىراپ ئابونتى بولسىڭىز   خۇاۋېي  8812  نى ئېلىڭ .   راس گەپنى قىلغاندا 1000 يۈەننىڭ ئاستىدا كۆڭۈلدىكىدەك تېلىفون ئالغىلى بولماسلىقى مۇمكىن .

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 19:20:38

بىلكان بولىدۇ.

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 19:44:46

قەشقەر پىداگوكنىڭ ئوقۇغۇچىللىرى يىڭى چىققان jiayi دەپ بىر تىلفۇننى كۆتۈرۋاپتىكەن ، ئىقتىدارلىرى ، سەپلىمىسى ياخشى ، شۇنى كۆرۈپ بىقىڭ . باھاسى 1100 ئەتراپىدا . ئاڭلىشىمچە قوش ئاتوم ، 1G RAM , 4G ROM ، ئىچكى ساقلىغۇچ قوللايدىكەن ، 800 لىك كامىراسىمۇ باركەن .

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 20:56:07

华为c8812نى تەۋسىيە قىلاي ئىقتىدار باھا نىسبىتى يۇقىرى تىلغۇننىڭ بىرسى ،900سۇم ئەتراپىدا بولىشى مۇمكىن ،ئەنجۇر 4.0 سىستىما تولۇق ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولىدۇ ،مەشخۇلاتى ناھايتى ئاسان...

.......مىللىي كارخانىلارنى قوللاش ئۈچۈن مىللىي شىركەتلەتنىڭ مەسھۇلاتىنى سىتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.. \"\"

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 23:35:07

نەدىكى پىسپاس تېلېفونلارنى تەۋسىيە قىلماڭلار بالىلار،بولۇپمۇ ماۋۇ بەسەيلەرنىڭكى خۇاۋېي،جوڭشىن دىگەندەكلىرىنى .....

سىزگە مەن بىر تېلېفون تەۋسىيە قىلاي

ئەسىرE200 يانفونىنى ئېلىڭ،سىز دىگەن پۇلغا كېلىدۇ ۋە سىز دىگەن تەلەپلەردىن بىمالال چىقالايدۇ



ماۋۇ يەردىن تېلېفوننى كۆرۈڭ،ماۋۇ تېخى E100 نىڭكەن،سىز ئالماقچى بولغىنى تېخىمۇ ئىلغار....

http://www.esir.com.cn/product_list.asp?id=44

ماۋۇ يەردىن ئېلىڭ

http://www.esir.com.cn/zakas.asp?id=46

ياكى ئۈرۈمچىدىكى سېتىش ئورنى

جۇڭسەن خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى سېتىش بازىرى3-قەۋەت329 - دۇكان


elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 23:36:21

بىلكان ۋە قۇتلاننىڭ تېلېفونلىرىمۇ بولىدۇ

باھاسى سىز چىقىرالايدىغان پۇلدىن سەل قىممەترەك

murad يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 00:09:30

بىلكان يېڭىدىن بازارغا سالغان u1 يانفونى 3.5 دىيۇم ئېكران، 1گېگابايت مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، 512 ئىچكى سىغىم، 8 گېگا سىغىم كارتا. GSM قوش كارتا، 680 سوم.



تەپسىلات: http://sodiger.net/pages/index.html

abaidul يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 01:59:11

بۇنى كۆرۈپ بېقىڭ! مەن مۇشۇنى ئالاي دەپ ئولتۇرغانىدىم! http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.1.10.1.1ab14f&id=16506407069

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 08:41:25

5- قەۋەتتىكى bughra-oghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

华为c8812نى تەۋسىيە قىلاي ئىقتىدار باھا نىسبىتى يۇقىرى تىلغۇننىڭ بىرسى ،900سۇم ئەتراپىدا بولىشى مۇمكىن ،ئەنجۇر 4.0 سىستىما تولۇق ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولىدۇ ،مەشخۇلاتى ناھايتى ئاسان...

.......مىللىي كارخانىلارنى قوللاش ئۈچۈن مىللىي شىركەتلەتنىڭ مەسھۇلاتىنى سىتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.. \"\"

مەن 华为c8812نى  ئالغان .ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تەرتىۋىنى دەپ بەسىڭىز گاچچىدە قىلىۋېتىلى .

BAHWAN يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 11:52:29

پۇل بولسا سەنشىڭ i9300 نى ئىلڭ ئالامەت تىلفۇن جۇمۇ

suzuki يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 12:56:48

ئەڭ ياخشىسى مىللى كارخانىلارنىڭ يانفۇنىدىن ئېلىڭ ،ئۇلارنى قوللىغىنىڭىز ئۆزىڭىزنى قوللىغىنىڭىز.

مەنمۇ تاۋباۋدىن بىر يانفۇن ئالغان مۇشۇ ئادرىستىن http://tradearchive.taobao.com/trade/detail/tradeSnap.htm?spm=a1z09.2.9.35.8fd9a5&tradeID=118905770453665

24 سائەت ئىچىدە ياخشى باھا بەرسە 50 سوم قايتۇرىدىكەن،ئەمما 3 ئاي ئشلەتمەيلا ئېكرانى قاردىۋالدى ،تاۋباۋدىن ساتقۇچىنى ئزدىسەم قارىسىمۇ يوق ،خەت ياسسام ئۇ چوشقا پەقەتلا توردا يوق،تېلىفۇن ئۇرسام خاتا ئۇرۇپسەن دەپ قويىۋېتىدۇ. پۇتۇن جۇڭسەندىن ئۇنىڭ ئېكرانىنى تاپالمىدىم ،مانا ھازىر 3ياشلىق بالام ئۇ يانفۇننى ماشىنا قىلىپ ئويناۋاتىدۇ

Antonio يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 17:01:09

مەنمۇ توردىن خىلى كۆپ تېلفون ئالدىم ، لىكىن سۈپىتىدىن زادى رازى بوپ باقمىدىم

دەسلەپتە بىر سامسۇڭ ماركلىقنى ئالغان Z,Qھەرىپلىرى يوقكەن بىسىلمايدىكەن بىر ئايدىن كىيىن ھىس قىلدىم، شۇ پىتى تاشلاپ قويغان تۇرۇپتۇ ھىلىمۇ،

كىيىن يەنە بىر نوكىيا ماركىلىقتىن بىرنى ئالغان سۈپىتى سامسۇدىن ياخشى چىقتى بىراق بەك قوپال، بىر يىل بولدى ئىشلىتىۋاتقىلى ئاران قالدى،

كىيىن موتورولا ME811ئەقلىفوندىن بىرنى ئالسام تورغا چىقالماس چىقىپ قالدى ئالغان يەرگە ئەھۋالنى ئىنكاس قىلسام ئالماشتۇرۇپ بەردى لىكىن بارى يوق تۆت كونۇپكىسىمۇ مىدىرلاپ چۈشۈپ قالىدىغاندەكلا بوپ قالدىى، مىڭ يۆەنلىك تېلفونمۇ بىر يىل پايلىمايدىغاندەك تۇردۇ.



مىنىڭ تەكلىپىم توردىن تېلفون ئالماڭلا،

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 17:23:41

10- قەۋەتتىكى qutghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل  

مەن 华为c8812نى  ئالغان .ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تەرتىۋىنى دەپ بەسىڭىز گاچچىدە قىلىۋېتىلى .




مەن بىر ئاغىنەمنىڭكىنى ئۇيغۇرچە تونۇتتۇم ،لىكىن تىخى سىستىمىسىنى ئۇيغۇرچە قىلمىدۇق ،ئالدىراشچىلىق....


http://www.alip.biz/search.php?mod=forum&searchid=85&orderby=lastpost&ascdesc=desc&searchsubmit=yes&kw=c8812


ماۋۇ تور بەتتىن ياخشى پايدىلىنىڭ مەن دىسەممۇ بۇلاردىن ئارتۇق چۈشەندۈرەلمەيمەن،ئالپ ئەپەندى ئىزدىنىشتىمۇ بار...

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 17:54:59

华为 u8818

yarxarilik يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 17:55:52

\"\"



امى:   بىلكان U8

مەشغۇلات سىستېمىسى:   Android 2.3.5

تىلى:   ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگلىزچە، رۇسچە، ئەرەبچە، تۈركچە

مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ (CPU ):    800MHz

ئىچكى ساقلىغۇچ:    512MB

ئېكران چوڭلۇقى:   تۆت دىيۇم

ئېكران ئېنىقلىقى:   800*480

كامېرا:   ئالدى 300 مىڭ، كەينى بەش مىليون پىكسەل

3G تورى:   WCDMA

قوش كارتا:   قوللايدۇ (كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش)

SD كارتا:    8GB

WiFi :   بار

كۆك چىش:   بار

GPS :   بار

رادىئوسى:   FM

كومپاس:   بار

يۆنىلىش سېنزورى:   بار

يېقىنلىق سېنزورى:   بار

تېزلىتىش سېنزورى:   بار

كۆپ نۇقتا سېزىمچانلىقى:   بار


باھاسى: 1180 يۈەن


قاچىلانغان ئۇيغۇرچە ئەپلەر:


بىلكان ئوچۇق دەرس

ئېلىپبە

بىلكان خەۋەرلىرى

ئېلكىتاب

بازار

تام قەغەز

تېكىست كىتاب

خەۋەر ئوقۇغۇچ

لەتىپە

يۇمۇر

لۇغەت

رەسىملىك كىتاب

مەشھۇر شەخىسلەر

ھايۋاناتلارنى تونۇش





muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 22:17:41

بۇ بۇ گاۋ ئىشلىتىپ يۈرىمىز بىز تېخى.

خەقلەر ئەقلىفۇن.

باشقىلار پۇلنى تېپىپ، تېلفۇن ئېلىپ كەتتى يىراق.

Almihri يوللانغان ۋاقتى 2012-9-18 22:12:27

مەسلىھەت سورايمەن:

نوكىيا E71 غا ئۇيغۇرچە تۇنۇتقىلى بۇلارمۇ؟

باھاسى 1000 دىن 1500 ئەتراپىدا بۇلغان تېما ئېگىسى دۇستىمىزنىڭ تەلەپلىرىگە چۈشىدىغان ياخشى تېلفۇنلار بۇلسا تەۋسىيە قىلساڭلار؟ مەنمۇ يۇقىرقى تەلەپلەردىكى تېلغۇننى سېتىۋالماقچىدىم.

Almihri يوللانغان ۋاقتى 2012-9-18 22:15:20

مەنمۇ مۇشۇ بانادا مەسلىھەت سورىۋالاي:

نوكىيا E71 غا ئۇيغۇرچە تۇنۇتقىلى بۇلارمۇ؟

باھاسى 1000 دىن 1500 ئەتراپىدا بۇلغان تېما ئېگىسى دۇستىمىزنىڭ تەلەپلىرىگە چۈشىدىغان ياخشى تېلفۇنلار بۇلسا تەۋسىيە قىلساڭلار؟ مەنمۇ يۇقىرقى تەلەپلەردىكى تېلغۇننى سېتىۋالماقچىدىم.
بەت: [1] 2
: «نوچى يانفۇنلار»دىن بىر ياردەم سورايمەن؟