پەرى قىزدىن دوستلارغا يەنە بىر سوۋغات
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىشتىكى ئەزىز قېرىنداشلار ،ئاللاھنىڭ سالىمى سىزلەرگە بولسۇن ئاندىن پەرى قىزدىن ئوتلۇق سالام .
دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا تارىختا ئۆتكەن دانىشمەنلىرىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن دۇردانىلەردىن ئالغاچ كەلدىم .
بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقان ھايات مۇساپەڭلاردا ئاز -تولا پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ھى ھى ھى....!
ھەر بىر تىرىك جان مۇقەررەر ئۆلىدۇ.. شۇنداق ئىكەن ، ئەڭ ياخشى ساۋاب ۋە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش ھايات ئادەم ئۈچۈن ناھايىتى ساۋابلىق ئىشتۇر.
مەرد ئالىيجاناپ كىشلەرنىڭ ئەڭ گۈزەل پەزىلەتلىرىنىڭ بىرى - ئۆز دوستىنىڭ ئەيىپىنى يېپىپ ئۇنىڭ بالىق ئىشلىرىنى خۇددىي ئۆزىنىڭ ئىشلىرى ئورنىدا تۇتۇپ ئىش كۆرۇشتۇر.
كەمبەغەل بىچارىلەرگە قىلىنغان سەدىقە - ھەقىقى سەدىقىدۇر .ساخاۋەتلىك كىشى ئۈچۈن ئۇ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى نەرسىدۇر.
يەنە ھەم سەدىقە ،ھەم ھەدىيە.
قەبىرلەرنى پات-پات زىيارەت قىلىڭ ،چۈنكى ئۇلار ئاخىرەتنى ئېسىڭىزگە سالىدۇ.
ئۆزىڭىزدىن يۇقىرى تۇرغانلارغا ئەمەس ،بەلكى ئۆزىڭىزدىن تۆۋەن تۇرغانلارغا نەزەر سېلىڭ.
چۈنكى : بۇ ئىش سىزگە ئاللاھنىڭ نېمىتى چۈشكەندىنمۇ ئەۋەلرەكتۇر.
ئىككى نەرسە باركى كۆپچىلىك ئۇنىڭ قەدىرىگە يەتمەيدۇ.
بىرى __ ساغلاملىق. ئىككىنچىسى بوش ۋاقىت.
ئۆزۈڭنى كامىل ۋە ئاقىل سانىما ،باشقىلارنىڭ پەزىلەتلىك دېگىنىدىن شادلانما.
تەسىرلىك سۆزلەرنى قىلىدىغان ،خۇشچىراي كۆرۇندىغان ئادەملەردە مېھىر-شەپقەت ئاز ئۇچىرايدۇ.
باشقىلارنىڭ ئۆزىنى چۇشەنمەسلىكىدىن رەنجىمەي ئۆزىنىڭ باشقىلارنى چۇشەنمەسلىكىدىن رەنجىش كېرەك.
ئاتا-ئانا ھايات ۋاقتىدا ئۇزاق بولغان سەپەرنى قىلماسلىق كېرەك.ئەگەر ئامالسىزلىقتىن يىراققا سەپەر قىلىش توغرا كەلسە مۇقىم بىر نىشان بولۇش كېرەك.
ئاتا-ئانىنىڭ يىشىنى ئەستە ساقلاش كېرەك . بىر تەرەپتىن سالامەت ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرگەنلىكىدىن خوشال بولسا ،يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ كۈنسايىن ياشىنىپ قىلىۋاتقانلىقىدىن ئاگاھ بولۇش كىرەك.
ئىلمىي بەس-مۇنازىرىلەر ئادەملەرنى كۆپىنچە بىر -بىرىدىن ئايرىۋىتىدۇ .ئەمما ساز -ئۇسسۇل ئۇلارنى بىرلىككە كەلتۇرىدۇ.
كونىلار ئاسانلىقچە سۆز ئاچمايدۇ .چۈنلى ئۆزلىرىنىڭ ھەركىتىنىڭ سۆزى بىلەن بىردەك بولماي قېلىشىنى نۇمۇس دەپ قارايدۇ.
ھايا-بەندە ئۈچۈن ھەممە ياخشىلىقلارنى ئىلىپ كىلىدۇ.
سەن ھەممىنى ئۇنتۇشۇڭ مۇمكىن ،پەقەت بىرلا نەرسىنى -دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلدىڭ ،شۇنى ئۇنۇتمىساڭ بولدى.
مەنبە: دانالار دۇردانىلىرى كىتابىدىن ئىلىندى.
ياقتۇرغان تېمىلارغا كىرىپ ئىز قالدۇراي دېسەم ، مەن يېڭى ئەزا بولغاچقا ھازىرچە ئىنكاس يىزىش ھۇقۇقۇم يوق ئىكەن .
ياخشى دۇردانلەركەن ، ئىنسان ھاياتىدا مۇشۇ دۇردانلەرنىڭ ئىزى بويچە ماڭالىسا نۇرغۇن يامان ئىشلاردىن خالى بولالىغدەك .
تىمىڭىزغا مۇناسىۋەتسىز بىر سۇئال: سىز كۆۋرۈكنىڭ ئايالىما ؟
(مۇنداقلا سۇراپ قويدۇم )
1- قەۋەتتىكى yamhurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تېمىڭىزغا مۇناسىۋەتسىز بىر سوئال: سىز كۆۋرۈكنىڭ ئايالىما ؟
(مۇنداقلا سوراپ قويدۇم)
بۇ كۆۋرۈك ھەجەپ بەلەن خوتۇن ئېلىۋاپتۇ دېسە. ئەر خوتۇن چىقىڭلار. بىرگە بىر بولسۇن كۆرۈكنىڭ ئانىسىغا راستىنلا ئۇۋال بولۇپتۇ. كۆرۈكنى ئىزدىنىشنىڭ جىنلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ بولالماي تۇرغاندا.... {:92:} شېرىن ئاينى ئىزدىنىشتا ئوتكۇزىۋىتىپسىلەردە {:92:} باشقۇرغۇچىلار كوۋرۇك ئىنىمىزنىڭ پەرىنىڭ تويىنى مۇبارەكلەپ ماۋۇ تىمىدىكى ئىنكاسلارنى سالامغا قويوپ بەردىمۇ نىمە،يوقاپلا كىتىپتۇ خېلى نۇرغۇن ئىنكاسلار {:136:} كۆۋرۈك ئىككىڭلارنى سالامغا چاقىرىپ قويايمۇ يا! {:92:} ئاااااااااااااااااي باللا . ما خانقىز چاقچاقنى كۆتۈرەلمەي قالمىسۇن يەنە .
9- قەۋەتتىكى el-halنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاااااااااااااااااي باللا . ما خانقىز چاقچاقنى كۆتۈرەلمەي قالمىسۇن يەنە .
ئەگرى پاچاققا دوناي توقماق، دەيدىغان گەپ بار.
كۇرۇكنىڭ توي قىلغىنى راست بولسا ئايالىمۇ چاخچاققا چىدايدۇ.
ھا ھا ھا مەنمۇ تېخى كۆۋرۈك يازغان تېما ئوخشايدۇ دەپتۇمەن. پەرى قىزنىڭ بۇ ھېكمەتلېرى بەك ئېسىلكەن. رەھمەت! كۆۋرۈك پاختىلىققا بارىمىز دەۋاتقان.... ساقلىۋالغۇدەك ھېكمەتلەركەن!ساقلاپ تۇرساق ئىزدىنىشقا پاتى، سىتەك، يانتۇ ... لارمۇ كىرىپ كېلىدىغان ئوخشايدۇ. {:92:}
قارشى ئالىمىز! دۇردانىلەرنىڭ ئىككىنجىسىدىكى بارلىق دېگەن سۆز بالىق بولۇپ ر ھەرىپى چۈشۈپ قاپتۇ. بىر چاغلاردا قاشتىشى مۇنبىرىدە ساماندەك كۆپتى بۇ تۈردىكى تىمىلار!!!
ئىزدىنىشمۇ بارغانسىرى رومانتىكىلاشقىلى تۇردى دىسە....