dadash يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 08:45:07

[ناخشا-مۇزىكا]مۇشۇنداق ئۇسلۇبتىكى ئېنگىلىزچە ناخشا بولسا تەۋسىيە قىلىشمامدۇق





ئۆتكەندە تاساددىپىي پۈرسەتتە ئامېرىكا پوپ ناخشىچىسى Peter Bradley Adams
نىڭ The Longer I Run ناملىق ناخشىسىنى ئاڭلاپ ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم،
بۈگۈن بىرلىكتە ئاڭلاپ باقايلى…

ئۆزۇم مۇشۇنداق تېنچ ئۇسلۇبتىكى ناخشا-كۈيلەرنى ئاڭلاپ قويىمەن، ماۋۇ
ناخشىنىڭ ئېنگىلىزچە تېكستىنى قوشۇپ يوللاپ قويدۇم، ئۆگىنىۋىلىپ كىلاسسىك
گېتار بىلەن غىڭشىپ قويسىڭىز ئېسىل چىقىدۇ.  Peter Bradley Adams نىڭ باشقا
ناخشىلىرىنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز، ئىسمىدىن پايدىلىنىپ xiami.com دىن
ئىزدېسىڭىز بولىدۇ.





When my blood runs warm with the warm red wine,

I missed the life that I left behind.

And when I hear the sound of the black bird"s cry,

I know I left in the nick of time.

Well this road I"m on is gonna turn to sand,

and leave me lost in a far off land.

So let me ride the wind till I don"t look back,

and forget the life that I almost had.


If I wander till I die may I know whose hand I"m in.

If my home I"ll never find

And let me live again.

The longer I run then the less that I find,

selling my soul for a nickel and dime,

breakin my heart to keep singing these rhymes,

losing again.


Tell my brother please not to look for me.

I ain"t the man that I used to be.

Cause if my savior comes could you let him know.

I"ve gone away forward to save my soul.


Chorus







eldos يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 14:36:15

مەنىسىنى چۈشەنمىسەممۇ ، ئەمما مەنمۇ مۇشۇنداق يەڭگىل ناخشا - مۇزىكىلارنى ياقتۇرىمەن .

ھوزۇرلاندىم . رەھمەت . \"\"

Mr_Aziz يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 20:53:20

بۇنى «ئامېرىكانا ئۇسلۇبى» دەيمىز.

   ئەينى يىللىرى ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلىقىغا يېڭى كەلگەنلەر، شۇ دەۋردىكى ھاياتلىقىنى، خۇشاللىقنى، يېڭى زېمىننى كۈيلەپ ئىجاد قىلغان سەھرا كۈيىگە ئوخشاش، بىر خىل ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان يەرلىك مۇزىكا ئۇسلۇبى. يەنى ئامېرىكىنىڭ خەل ناخشا ئۇسلۇبى دېسەكمۇ بولىدۇ. شۇڭا بۇنى كلاسسىك گىتاردا ئەمەس، فولك گىتاردا چالسا ئۆلچەملىك چىقىدۇ.

   تۆۋەندىكىسى ئامېرىكا خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئاتىسى - Pete Seeger نىڭ نەۋرىسى Tao Rodríguez-Seeger ۋە داڭلىق روك چولپىنى Bruce Springsteen بىلەن پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇزىكا كېچىلىكىدە ئورۇنلىغان «بۇ سېنىڭ زېمىنىڭ» ناملىق ناخشىسى:







يەنە بىر نۇسخسى:







   بۇ خىل مۇزىكا يېقىشلىق، تىنچ ۋە گۈزەل بولغاچقا، تا ھازىرغىچە ئىزچىل يېڭى ئىزباسارلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈۋاتىدۇ. تۆۋەندىكىسى ياش (82-يىلىنىڭ) ئامېرىكانا ناخشىچىسى Justin Townes Earle نىڭ بىر يۈرۈش كۈيلىرى:







www.XiaMi.com/song/play?ids=/song/playlist/id/2074518%2C1769746626%2C1769746622%2C1769746624%2C1769746621%2C1769746628%2C1769746625%2C1769746630%2C1769746627%2C1769746623/object_name/default/object_id/0

dadash يوللانغان ۋاقتى 2012-9-28 20:04:28

رەھمەت، ئەزىز ئەپەندى
بەت: [1]
: [ناخشا-مۇزىكا]مۇشۇنداق ئۇسلۇبتىكى ئېنگىلىزچە ناخشا بولسا تەۋسىيە قىلىشمامدۇق