hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-15 21:07:26

پىراۋا ئېلىشقا تىزىملاتقانلارغا

پىراۋا ئېلىشقا تىزىملاتقانلارغا



پىراۋا ئېلىش ھەقىقەتەن
ئوڭاي ئەمەس ، بۇلۇپمۇ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئىنكاس سەل ئاسىتلاپ ، ئاددى  مەشغۇلاتلارنى جايىدا ئىشلىيەلمەي ئاۋارىچىلىق
تارتىدىغان ئەھۋال كۈرۈلىدۇ ، ئەڭ مۇھىمى ئەمەلىيەتنى كۆپ  مەشىق قىلىپ بىرىش كېرەك ، ئەمەلىيەت داۋامىدا دائىم كۈرۈلىدىغان
تېخنىكىلىق ھالقىلارنى بىلمەسلىك ( تېرىنىرلار ياخشى سۆزلەپ بەرمەسلىك ، سۆزلەپ
بەرسىمۇ ئىسىدە چىڭ تۇتالماسلىق ، تىل ئۇقۇشالماسلىق قاتارلىق سەۋەپلەر)  تۈپەيلىدىن مەشغۇلاتنى توغرا قىلغىلى بولمايدۇ .


ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ  ۋە تېرىنىرلارنىڭ  قوللانغان ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ ، ئەمما ئۇرۇنداپ چىقىدىغان ئەڭ ئاخىرقى
مەشغۇلات ئوخشىىشپ كىتىدۇ .



شوپۇرلۇق ئىمتىھانى
نەزەرىيە سېستىمىسى


ئالدىنقى يىللىرى تور بەتلەردە شوپۇرلۇق نەزەرىيە سېستىمىسى ئۇيغۇرچە
سۇئالىنىڭ ھەقلىق نەشرىنى 50 يۈەندىن سېتىۋېلىپ ئىشلىتىپ باققان ئىدۇق ، بۇ
سېستىما ئۆزىنىڭ تۇراقسىزلىقى ، قايتا سېستىما قاچىلىغاندا تەرتىپ نۇمۇرىنى
تۇنۇماسلىقى ، دىتال ئىگىسىگە تېلفۇن قىلغاندا ئۇنىڭ تۇلىمۇ ئالدىراشلىقى
تۈپەيلىدىن نورغۇنلىغان ( مەن بىلىدىغىنى 4-5 ) خېرىدارلانىڭ مەنپەتى زىيانغا
ئۇچرىغان ، ۋاقتى زايا بولغان ئىدى .


سىلەرگە تەۋسىيە قىلىۋاتقان بۇ شوپۇرلۇق ئىمتىھانى
نەزەرىيە سېستىمىسى ھەقسىز نەشرى ، 2011- ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئەڭ يېڭى نەشرى
بۇلۇپ 2011-يىلدىن بۇرۇن تۈزۈلگەن سۇئال تۇلىمۇ كۆپ بولغان نەشرىگە قارىغاندا
ئۆگەنمەك ئاسان .


ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە ، قازاقچە ، مۇڭغۇلچە تۆت خىل تىل
تاللاش كۆزنىكى بار .


يىگىرمىگە يېقىن ئادەم مۇشۇ نەشرىنى ئىشلىتىپ ئۈگىنىپ شوپۇرلۇق نەزەرىيە
ئىمتىھانىدىن ئۆتتى .( مەن كومپيوتېرىغا بىۋاستە قاچىلاپ بەرگەنلەرنى كۆرسىتىدۇ )
.


ئۇنىڭدىن باشقا خەنزۇچە يەككە تىللىق نەشرىمۇ بار .خەنچە  يەككە تىللىق نەشرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى خەنچە
بىلىدىغانلار بولسا مۇشۇنىڭدىن ئۆگەنسە ئۈگىنىش جەريانىدا خاتا جاۋاپ بەرگەن
سۇئاللار بىر يەرگە توپلىنىپ قايتا ئۆگىنىش قىلغاندا ئۆزى بىلىدىغان سۇئاللانى
قايتا ئۆگىنىش ئاۋارىچىلىقىنى ئازايتىپ ۋاقىت تىجەيدۇ ، ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى
قاچىلاش مەشغۇلاتى تۇلىمۇ ئۇڭاي ، كومپيوتېرغا كۈچۈرۈپ ئاچسىڭىزلا بۇلىدۇ،
كەمچىلىكى ، خەنزۇچە بىلمەيدىغانلارغا قەتئى ماس كەلمەيدۇ )


( مەنمۇ خەنچىسىدىن ئۆگەنگەن ، ئەمما كىيىن رەسمىي ئىمتىھاننى ئانا تىلنى
قەدىرلەش يۈزىسىدىن ئۇيغۇرچە بەردىم ).



لازىم بولغانلار تىجارەتكە ئىشلەتمەسلىك شەرتى بىلەن مۇشۇ تېمىغا  ئېخەت ئادرىسىنى ۋە قايسى نەشرى لازىملىقىنى
ئەسكەرتىپ قويسا ئەۋەتىپ بىرىمەن .



C1 پىراۋىدا ئېلىپ بارىدىغان ئەمەلىيەت
مەشغۇلاتلىرى



I خادىدىن كەينىچىلەپ كىرىش  (倒桩)


بىز
ئاۋال مەيدانىدىكى 6 دانە خادىغا  ئىسىم
قۇيۇپ چىقايلى :


1. ئالدى ئوڭ خادا 2. ئالدى ئوتتۇرا خادا 3.
ئالدى سول خادا


4.كەينى
ئوڭ خادا 5.كەينى ئ
وتتۇرا خادا  6.
كەينى سول خادا








1. باشلىنىش نوقتىسىدىن كەينىچىلەپ ئىسكىلاتقا كىرىش (
ئوڭ تەرەپتىن كەينىچىلەپ كىرىش )   
起点倒入正库


باشلىنىش نوقتىسى ( بۇ ئۇرۇن ھەر دائىم ئىسكىلات كەينىدە تۇرۇپ ئىسىكىلات ئېغىزىغا قاراپ
تۇرغاندا ئوڭ تەرەپتە بۇلىدۇ، شۇڭا  ئوڭ
تەرەپتىن كەينىچىلەپ كىرىش دەپمۇ ئاتايمىز .. )


ئېغىزى شىمالغا
قارىغان ئىسكىلاتتا  باشلىنىش نوقتىسى
شەرقتە ،


ئېغىزى جەنۇپتا
بولغان ئىسكىلاتنىڭ باشلىنىش نوقتىسى غەرەپ تەرەپتە بۇلىدۇ ،


ئېغىزى غەرپكە قارىغان ئىسكىلاتنىڭ باشلىنىش نوقتىسى
شىمال تەرەپتە بۇلىدۇ ،


ئېغىزى شەرققە
قارىغان ئىسكىلاتنىڭ باشلىنىش نوقتىسى جەنۇپتا بۇلىدۇ .)



قىسقىسى ،تەرەپنى پەرقلەندۇرۇش قەتئى زۈرۈر ئەمەس ، پەقەت بىز ئوڭ تەرەپ ۋە سول تەرەپ
دىگەن ئۇقۇمنى ئەستە ساقلىساق بۇلىدۇ .



باشلىنىش نوقتىسىدىن ئارقا خوتقا سېلىپ قوزغىتىمىز ، ئوڭ تەرەپتىكى دەرىزىدىن
يانغا يانتۇ قاراپ كۆزىمىزنىڭ كۈرۈش سىزىقى، ئالدى ئوڭ خادا (1-نۇمۇرلۇق )  ،كەينى سول خادا ( 6-نۇمۇر ) ئۆز ئارا
ئۇدۇللاشقاندا رولنى ئوڭ تەرەپكە ئىككىنى ئۇرىمىز .( بۇ
چاغدا پەيتنى ئۆتكۈزىۋېىشكە قەتئى بولمايدۇ ،رول ئۇرۇش سۈرئىتىمۇ ئاستا بۇلۇپ
قالماسلىقى كېرەك ) .


ئاندىن  ئوڭ تەرەپتىكى كەينىنى كۈرۈش
ئەينىكىگە قارايمىز :


ماشنىنىڭ كەينى ئوڭ بۇرجىكى بىلەن ئالدى ئوتتۇرا خادىنىڭ ئارىلىقى 50
سانتىمىتىردىن كىچىك بولغان دەقىقىدە رولنى سول تەرەپكە بىرنى قايتۇرىمىز .




ئاندىن سول تەرەپتىكى كەينىنى كۈرۈش ئەينىكىگە قارايمىز ، كەينىنى كۈرۈش
ئەينىكىدىن كەينى سول خادا يەنى 6-نۇمۇرلۇق خادىنى كۆرگەن ھامان رولنى سولغا يەنە
بىر قايتۇرىمىز .


( ئەگەر مەشغۇلاتىمىز تەلەپ بۇيىچە ئۇرۇندالغان بولسا بۇ چاغدا ماشىنا گەۋدىسى
، چاقنىڭ يۆنىلىشى  بىلەن ئىسكىلات پاسىل
سىزىقلىرى ئۆز ئارا پاراللىل بۇلىدۇ ، داۋاملىق كەينىگە ھەيدەيمىز ، ھەمدە
داۋاملىق ئوڭ سول كەينىنى كۈرۈش ئەينىكىدىن كەينىنى كۈزۈتىمىز ،


ئەگەر ماشىنا ئورنى مەلۇم پاسىل سىزىقتىن قىڭغىر قاچقانلىقىنى سەزسەك ، قىڭغىر
ھالەتتە كەينى تەرەپتىن قاچقان ئورنى قايسى تەرەپنىڭ كەڭ بولسا شۇ تەرەپكە رولنى
يېرىم ئۇرۇپ ماشىنا گەۋدىسى تۈزلەنگەن ھامان قايتۇرۇۋالىمىز . ...


ئاندىن كەينى دەرىزىدىن كەينىگە قاراپ
، ماشىنا كەينى گەۋدىسى ئىسكىلات پاسىل سىزىقىغا تىگىشتىن بۇرۇپ مۇفتا ( لىخېچى )
ۋە تۇرمۇزغا دەسسەپ ماشنىنى توختىتىمىز .


ئوڭ تەرەپتىن كەينىچىلەپ كىرىش تامام
بولدى .


2. ئىسكىلات ئورنىدىن يۆتكەش (移库)


بىرىنچى كىرىش : بىرىنچى خوتقا سېلىپ
قوزغىتىپ ( ياكى سۈرئىتىمىز ئاستا بولسا قوزغاتماي تۇرۇپ ) رولنى ئوڭغا ئىككىنى
ئۇرىمىز ، ماشنىنىڭ سول بۇرجىكى ئالدى ئوتتۇرا خادىغا ئۇدۇل كەلگەندە سۇلغا
ئوتتۇراھال سۈرئەتتە تۆتنى ئۇرىمىز ، ماشىنا گەۋدىسى ئوتتۇرا سىزىقنىڭ ئىككى
تەرىپىدە پاراللىل بولغاندا  ، دەرھال
رولنى  ئوڭغا ئىككىنى قايتۇرىمىز  . ناۋادا ماشىنا گەۋدىسى ئالدى ئوتتۇرا خادىغا
يېقىنلاپ قالغان بولسا ، ئاۋال تۇرمۇزلىۋېلىپ تۇرۇپ ، ئاندىن رولنى ئوڭغا ئىككىنى
ئۇرساق بۇلىدۇ ، ماشىنا ئالدى  گەۋدىسى
ئالدى ئوتتۇرا خادىغا تىگىشىتىن بۇرۇن ئاۋال
مۇفتا ( لىخېچى ) ۋە تۇرمۇزغا دەسسەپ ماشنىنى توختىتىمىز
.


بىرىنچى قايتىش : رولنى ئوڭ  تەرەپكە
ئىككىنى ئۇرىۋېلىپ ، كەينى خوتقا سېلىپ
قوزغىتىمىز ، ماشنىنىڭ ئوڭ ئالدى بۇرجىكى ئالدى ئوتتۇرا خادىغا ئۇدۇل بولغاندا
رۇلنى سولغا تۆتنى ئۇرىمىز ، سۈرئىتىمىز سەل تىزراق بۇلۇشى كېرەك ، ماشىنا گەۋدىسى
تۈز بولغاندا (ماشىنا گەۋدىسى ئوتتۇرا سىزىقنىڭ ئىككى تەرىپىدە پاراللىل بولغاندا
) رولنى  ئوڭغا ئىككىنى قايتۇرىمىز . ماشىنا
كەينى  گەۋدىسى كەينى  ئوتتۇرا خادىغا تىگىشىتىن بۇرۇن ئاۋال
مۇفتا ( لىخېچى ) ۋە تۇرمۇزغا دەسسەپ ماشنىنى توختىتىمىز
.


ئىككىنچى كىرىش :  ماشنىنى بىرىنچى خوتقا سېلىپ قوزغىتىپ ، رولنى
ئوڭغا بىرنى ئۇرۇپ ماشىنا  ئالدى سول
بۇرجىكى ئالدى ئوتتۇرا خادىغا ئۇدۇللاشقاندا ، سولغا ئىككىنى قايتۇرىمىز  ، ئاندىن تۇرمۇزلاپ توختىتىمىز .


بۇنىڭدىكى
تەلەپ ماشىنا گەدىسى ئوتتۇرا سىزىقنى كىسىپ ئۈتۈپ يانتۇ توختايدۇ ،  كەينى سول چاقنىڭ ئورنى يانتۇ ھالەتتە ئوتتۇرا
سىزىققا يېقىن بۇلىدۇ . ئەگەر بۇ مەشغۇلاتنى ئۇرۇندىيالمىساق ئىمتىھانغا تەسىر
يەتمەيدۇ ، ئەمما تۆتىنچى مەشغۇلاتنى ئۇرۇندىماق سەل قىيىن بۇلىدۇ .


ئىككىنچى قايتىش : بۇنىڭدىكى تەلەپ ماشىنا ئىسكىلات ئورنىدا ئىسكىلات چىگرا
سىزىقلىرىغا پاراللىل ھالەتتە ، ماشىنا كەينى گەۋدىسى كەينى ئىسكىلات  پاسىلىغا تىگىپ قالمىغان ھالەتتە توختايدۇ .


ئۇسۇلى
: ئۇچىنچى مەشغۇلاتنىڭ ئاخىرى ؛ ماشنىنى كەينى خوتقا سېلىپ  قوزغىتىپ ، سول تەرەپ كەينىنى كۈرۈش ئەينىكىدىن
سول كەينى چاققا قارايمىز ، كەينى چاقنىڭ ئورنى ئوتتۇرا سىزىقتىن ئون سانتىمىتىر
يىراقلاشقاندا رولنى سولغا بىرنى ئۇرىمىز ، ماشىنا گەۋدىسى ئىسكىلات يان
سىزىقلىرىغا پاراللىل بولغاندا دەرھال رولنى ئوڭغا بىرنى قايتۇرىمىز .


ناۋادا ئەگەر ماشىنا ئورنى مەلۇم پاسىل سىزىقتىن قىڭغىر
قاچقانلىقىنى سەزسەك ، دەسلەپكى كىرگەن چاغدىكىگە ئوخشاش قىڭغىر ھالەتتە كەينى
تەرەپتىن قاچقان ئورنى قايسى تەرەپنىڭ كەڭ بولسا شۇ تەرەپكە رولنى يېرىم ئۇرۇپ
ماشىنا گەۋدىسى تۈزلەنگەن ھامان  قايتۇرۇۋالىمىز . ...


ئاندىن كەينى ئەينەكتىن كەينىگە قاراپ
ھەيدەشنى داۋاملاشتۇرىمىز . ئاندىن كەينى دەرىزىدىن كەينىگە قاراپ ، ماشىنا كەينى
گەۋدىسى ئىسكىلات پاسىل سىزىقىغا تىگىشتىن بۇرۇپ مۇفتا ( لىخېچى ) ۋە تۇرمۇزغا
دەسسەپ ماشنىنى توختىتىمىز .


3. ئىسكىلاتتىكى ئۇرۇندىن سولغا يانتۇ ھەيدەپ، ئالدى ئوتتۇرا ۋە ئالدى سول
خادىلارنىڭ ئارلىقىدىن سول تەرەپتىكى ئۇرۇنغا چىقىش


بۇ مەشغۇلاتنىڭ ئالاھىدە ئىگەللىۋالغۇدەك تېخنىكىلىق تەلىۋى يوق ئەمما چىققان
چاغدا جەزمەن خادىغا تىگىپ قالماسلىق كېرەك .


ماشنىنى بىرىنچى خوتقا سېلىپ قوزغىتىپ ، رولنى سولغا بىرنى ئۇرۇپ ، ماشنىنىڭ
ئالدى سول بۇرجىكى بىلەن ئالدى سول خادا ئۇدۇل كەلگەندە ئوڭغا بىرنى قايتۇرىمىز
.ئىسكىلات ئىشىكىدىن چىقىمىز ، سول كەينىنى كۈرۈش ئەينىكىگە قاراپ ماشنىنى
توغرىلايمىز .


ماشىنا ئالدى گەۋدىسى يان سىزىققا يېقىنلاپ بىزگە كۈرۈنمىگەندە ئىككىنى ساناپ
سولغا ئىككىنى ئۇرىمىز ، ماشىنا گەۋدىسى تۈز بولغاندا ئوڭغا بىرنى قايتۇرىمىز ،
توختاش يان سىزىقىغا يېقىنلىشىشتىن بۇرۇن ئوڭغا يەنە بىرنى ئۇرىمىز ، ئاندىن
تۇرمۇزلاپ توختىتمىز .


4. سول تەرەپتىن ئىسكىلاتقا كىرىش (倒入反库)   


ماشنىنى كەينى خوتقا سېلىپ  قوزغىتىمىز
، سول تەرەپتىكى دەرىزىدىن سول يانغا يانتۇ قارايمىز ، كۆزىمىزنىڭ كۈرۈش سىزىقى ،
ئالدى سول خادا 3-نۇمۇرلۇق ، كەينى ئوڭ خادا 4-نۇمۇرلۇق خادا ئۇدۇل بۇلۇشقا 20
سانتىمىتىر قالغاندا ياكى كۆزىمىزنىڭ كۈرۈش سىزىقى ، ئالدى سول خادا 3-نۇمۇرلۇق ،
كەينى ئوڭ خادىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى چاسا تۈۋرۈك ئۇدل كەلگەندە رولنى سولغا ئىككىنى
ئۇرىمىز . ئاندىن سول كەينىنى كۈرۈش ئەينىگىگە قاراپ 2-نۇمۇرلۇق خادا ( ئالدى
ئوتتۇرا خادا ) بىلەن ماشىنىنىڭ سول كەينى يېنىدىكى ئارىلىق 50 سانتىمىتىردىن
كىچىك بولغان دەقىقىدە  رولنى ئوڭغا بىرنى
قايتۇرىمىز .


ئاندىن ئوڭ تەرەپتىكى كەينىنى كۈرۈش
ئەينىكىگە قاراپ كەينى ئوڭ خادا 4-نۇمۇرلۇق خادىنى كۆرگەن چاغدا رولنى ئوڭغا يەنە
بىرنى قايتۇرىمىز .


كىچىك كاشىلىلار :


قىيپاش سول كەڭرى :  سولغا رول ئۇرۇپ ، تۈزلەپ قايتۇرىمىز .


قىيپاش ئوڭ كەڭرى  :  ئوڭغا رول ئۇرۇپ ، تۈزلەپ قايتۇرىمىز .


تۈز ئوڭغا بەك يېقىن (ئوڭدىن كىرگەندە ) : سولغا رول ئۇرۇپ ، مۇۋاپىق ئۇرۇندا قايتۇرىمىز .سولدىن
كىرگەندە ئوڭغا يېقىن بۇلۇپ قالسا مەغلۇپ بۇلىدۇ .


تۈز سولغا بەك يېقىن( سولدىن كىرگەندە ) : ئوڭغا مۇۋاپىق ئۇرۇپ ، مۇۋاپىق
ئۇرۇندا قايتۇرىمىز .ئوڭدىن كىرگەندە سولغا بەك يېقىن
بۇلۇپ قالسا مەغلۇپ بۇلىدۇ .


5. ئالدىغا ھەيدەپ باشلىنىش نوقتىسىغا قايتىش .


ماشىنا ئالدى قاپقىقى يان سىزىقنى توسقاندىن كىيىن (ئىككىنى ساناپ رولنى ئوڭغا ئىككىنى ئۇرىمىز ، ماشىنا گەۋدىسى
تۈزلىنىش ئالدىدا ئوڭغا بىرنى قايتۇرىمىز ، تۈلەنگەندە ئوڭغا يەنە بىرنى
قايتۇرىمىز .)


يۇقىرىقى مەشغۇلاتلار يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۇچۇن ئىگەللىمەك ئەڭ تەس بولغان
مەشغۇلات ، داۋامىنى داۋاملىق تۇنۇشتۇرىمىز .


II  ماشنىنى يان تەرەپتە
توختىتىش


تۆت تەرەپتىكى خادىلارنى
سوقمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، بىر ئالدىغا مېڭىش ، بىر قايتىش مەشغۇلاتى بىلەن
ماشىنىنى ئوڭ تەرەپتىكى ئورۇنغا توختىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ .


ئاۋال ماشىنىنى
توختاتماقچى بولغان ئۇرۇننىڭ سول تەرىپى بىلەن تۈز  ئالدىغا ھەيدەيمىز ، ماشنىنىڭ كەينى ئالدىدىكى
خادىنىڭ ئۇدۇلىدىن ئۆتكەندە ماشنىنى توختىتىمىز .


ئاندىن ئارقا خوتقا سېلىپ
قوزغىتىپ ، دەرىزىدىن سولغا قاراپ ، شوپۇر بىلەن سول تەرەپتىكى خادا ئۇدۇللاشقاندا
رولنى ئوڭ تەرەپكە ئىككىنى ئۇرىمىز ، ماشىنا بىلەن سول تەرەپتىكى سىزىق 45
گىرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلغاندا سولغا ئىككىنى قايتۇرىمىز .( چاق تۈزلىنىدۇ ) .


سول تەرەپتىكى كەينىنى
كۈرۈش ئەينىكىگە قاراپ سول ئارقا چاق سول تەرەپ سىزىقتىن بېسىپ ئۈتۈشى بىلەن تەڭلا
رولنى سولغا ئىككىنى ئۇرىمىز ، ماشىنا گەۋدىسى تۈز بولغاندا رولنى ( ئوڭغا ئىككىنى
) قايتۇرىمىز ، ئاندىن ماشنىنى توختاتساق بۇلىدۇ .



III  يان
كۆۋرۈكتىن ئۈتۈش


بىرىنچى ئۇسۇل :


ماشنىنىڭ قاپقىنىنىڭ سول
قىرىنى سول كۆۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۇدۇللايمىز ، ئالدى چاق كۆۋرۈكتىن چۈشكەنلىگىنى
ھىس قىلغان چېغىمىزدا ، يەنە بىر كۆۋرۈكنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ  رولنى يېرىم ئۇرىمىز ، ماشنىنىڭ ئوتتۇرا سىزىقى
كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندە ، قارشى يۆنىلىشكە قاراپ رولنى بىرنى ئۇرۇپ ماشنىنى تۈزلىسەك
بۇلىدۇ .


ئىككىنچى ئۇسۇل :


(1) سول يان كۆۋرۈك : ئاۋال سول يان كۆۋرۈككە
چىقىمىز ،  ( ماشىنا قاپقىقىنىڭ سول
تەرەپتىكى قىرى دەل سول ئالدى چاققا ئۇدۇل كىلىدۇ ) ، مۇشۇ قىر سول كۆۋرۈكنىڭ
مەركىزىگە  ئۇدۇل بولغاندا چىقساق بۇلىدۇ .


(2) كۆۋرۈككە چىققاندىن
كىيىن ئىمكانقەدەر ئاستا يۈرۈش  ( زۈرۈر
بولغاندا ماشىنىنى تۇرمۇزلاش كېرەك)  .


(3) سول ئارقا چاق
كۆۋرۈكتىن چۈشكەن ھامان رولنى ئوڭغا بىرنى ئۇرىمىز  .


(4) ماشىنا قاپقىقىنىڭ
سول قىرى ، ئوڭ تەرەپتىكى كۆۋرۈكنىڭ سول گىرۋىگىگە ئۇدۇل بولغاندا  ، رولنى سولغا ئىككىنى ئۇرىمىز .


(5) ئالدى ئوڭ چاق
كۆۋرۈككە چىققاندىن كىيىن ، رولنى دەرھال ئوڭغا بىرنى ئۇرىمىز . ( ماشىنا گەۋدىسى
ئۇدۇل بولمىسا ئۇششاق تەڭشەكلەر بىلەن توغرىلايمىز ، بولمىسا ئۇدۇل ھەيدەۋەرسەك
بۇلىدۇ .)



IV( داۋاندا ) بەلگىلەنگەن ئۇرۇندا توختىتىش ۋە داۋاندىن قوزغىتىش مەشغۇلاتلىرى


定点停车与半坡启动技巧


بەلگىلەنگەن
ئۇرۇندا توختىتىش  :


ماشنىنى
بەلگىلەنگەن ئۇرۇنغا توختىتىشقا ئاز قالغاندا ، ماشىنىنى توغرىلاش ، يانتۇلۇقتىكى
ئاق سىزىققا قالغان ئارىلىق 2 مىتىردىن كىچىك بولغاندا ، لىخېچى  ( موفتا ) نى ياخشى كونترول قىلىش ، ماشىنا
سۈرئىتىنى كونترول قىلىش ، بىر قولدا رولنى تۇتۇپ ، سول ئالدى چاققا باشنى چىقىرىپ
قاراپ ، سول ئالدى چاق سېرىق سىزىقنى دەسسەي دىگەندە ماشىنىنى تۇرمۇزلاش كېرەك ،
ماشىنا بىخەتەرلىك تايىقى ئاق سىزىقنى دەل باسقان چاغدا بەلگىلەنگەن ئۇرۇندا
توختىتىش مۇۋەپىقىيەتلىك بۇلىدۇ .


داۋاندىن
قوزغىتىش ؛ ئوڭ پۇت تۇرمۇزدا بۇلىدۇ ، چىراق ياقىمىز ، لىخېچى  ( موفتا ) نى يىنىك يېرىم قۇيۇۋېتىمىز ، ماشىنا
تەۋرەنگەندەك سىزىم بولسا ياكى ماتۇردىن غەيرى ئاۋاز چىقسا ، بۇ لىخېچى  ( موفتا ) نىڭ يېرىم بىرلەشمە ھەرىكەت ھالىتىدە
ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ ، مۇشۇ چاغدا  سول
قول رولدا بۇلىدۇ ، ئوڭ قولدا قول تۇرمۇزنىڭ كۇنۇپكىسىنى تۇتۇپ تۇرىمىز ، بىر
تەرەپتىن لىخېچى  ( موفتا ) نى قۇيۇۋەتكەچ
، ئوڭ پۇتنى تۇرمۇزدىن مايغا يۆتكەپ ماي بەرگەچ ، ئوڭ قولدا قول تۇرمۇزنىڭ
كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ پەسكە باسىمىز .


دىققەت
: ماڭغان چاغدا ئوتىنى ئۈچۈرۈپ قۇيۇشقا ، ئارقىغا ياندۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ .


داۋاندىن قوزغىلىشتا ئەڭ قورقىدىغىنىمىز ئوت
ئۈچۈپ قېلىشى ، ماشنىنىڭ كەينىگە قايتىپ كىتىشى ، دىققەت قىلىدىغان بىرىنچى مۇھىم
ئىش  : لىخېچى  ( موفتا ) نى ئاستا ئاستا قۇيۇپ بىرىش ،
ئۇنىڭدىن قالسا ماشىنا ئالدىغا ھەرىكەتلىنىش كۈچىگە ئىگە بولغاندا تۇرمۇزنى قۇيۇپ
بەرگەچ ماي بىرىش .


VI ماشنىنى ئىگىز پەس يولدا ھەيدەش


VII ئەگرى سىزىقلىق يولدىن ئۈتۈش


VIII تىك ئايلانمىدىن بۇرۇلدۇرۇپ  ھەيدەش


IXتۇسالغۇ  ( تۇۋاق ) تىن ئۈتۈش .


X  چەكلىك كەڭلىكتىن بەلگىلەنگەن سۈرئەت ئىچىدە
ئۈتۈش



يۇقىرىدىكى 10 تۈرلۈك مەشغۇلاتنى ئىگەللەپ
بولساق  شوپۇرلۇقنىڭ 2-قېتىملىق ئىمتىھانى
تۈگەيدۇ .


ۋاقىت قىسلىقى ،مەشغۇلاتنىڭ مۇھىم قىيىنلىق
دەرىجىسى ، ئەمەلىيەتنى نەزەرىيەگە ئايلاندۇرۇش سەۋىيەمنىڭ  تۇلىمۇ چەكلىكلىگى
تۈپەيلىدىن يۇقارقى 5 تۈرلۈك مەشغۇلاتنى نەزەرىيەلەشتۈرۈپ چىقتىم ، مۇشۇ بەش تۈرنى
ياخشى ئۈگىنىۋالغان تورداشلار قالغان 5 تۈرنى تېرىنىرنىڭ يىتەكچىلىگىدە بىر كۈن
مەشق قىلسا ئىگەللەپ كىتەلەيدۇ ، بۇ يەردە تېما كۈرۈشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ ، ئەمما
ۋاقىت يار بەرگەندە قالغان بەش تۈرنىمۇ چۇقۇم نەزەرىيەلەشتۈرۈپ قۇيىمەن .


بۇ تېمىدىكى خاتا كەتكەن تېخنىكىلىق مەسلىلەرنى
تورداشلارنىڭ كۆرسىتىپ بىرىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن قارشى ئالىمەن ،ئىزدىنىشتىن
ئالغان مەنپەتلىرىم ئۈچۈن كۆپچىلىكمۇ بۇ تېمىدىن مەنپەئەتكە ئېرىشسە بۇ مىنىڭ مۇشۇ
تېمىدىن كۈتكىنىم ......


hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-15 21:24:47

1. ئارقىچىلاپ كىرىدىغان مەيداننىڭ ئۇمۇمىي كۈرۈنۈشى


\"\"




koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-15 21:24:54

بۇ يىل قېتىلغان تۈر ‹يول› ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش مۈشكۈل ئىكەن (قەشقەردە) چۈنكى مۇنچە ئادەم ئۆتسە بولىدۇ بۈگۈنكى ئىمتىھاندىن دەپ سان بىكىتىپ بىرىمىش، مەسىلەن 80 ئادەم ئىمتىھان بەرسە 5 ئادەمنى ئۆتكۈزۈش دىگەندەك (بۇگەپنى شۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشەنىچلىك بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىدىم)

ماۋۇ يەردە خەنسۇچە سۈرەتلىك مەشىق دەرىسلىكى بار ئىكەن

http://v.ku6.com/show/7A_fWDkyM5_DHI83.html

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-15 21:36:59

2. ئوڭدىن كىرگەندە سولغا بىرىنچى قېتىم قايتۇرۇش




\"\"



ئوڭدىن كىرگەندە سولغا ئىككىنچى قېتىم قايتۇرۇش



\"\"



باشلىنىش نوقتىسىدىن تۇلۇق كىرىش



\"\"


hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-15 21:46:58

2. ئىسكىلات ئورنىدىن يۆتكەش (移库)

① بىرىنچى  كىرىش :




\"\"



② بىرىنچى قايتىش :




\"\"


③ ئىككىنچى كىرىش :




\"\"


④ ئىككىنچى قايتىش :




\"\"





shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-9-15 21:50:48

ئەمەلىيەتچانلىقى بەكلا كۈچلۈك تېما!  \"\"

  ساقلىۋالاي.  

  @hiyalqi  تېما ئىگىسى، مالال كۆرمىسىڭىز، ماڭا c ماشىنا تۈرىدىكىسى، 2011-يىلى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغىنىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز:

  1123125410@qq.com

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-15 21:59:06

ماشىنىنى يان تەرەپتە توختىتىش :


http://v.youku.com/v_show/id_XNDUwNzk4Njg0.html





Ay^Tugh يوللانغان ۋاقتى 2012-9-15 22:40:07

مۇشۇنداق پايدىلىنىشچانلىقى يۇقۇرى تىمىلارنى جەۋھەرلەشنى ئۇنتۇمايلى.



  ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم !مەنمۇ پىراۋا ئالاي دېگەنتىم ،  ئىغىر كۆرمەي ماڭىمۇ ئەۋەتىپ بېرەلەرسىزمۇ! رەھمەت!

405974872@qq.com

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-15 23:04:59

ھەجەپ ياخشى بولدى، مەنمۇ نەق مۇشۇنداق سېستىمىنىڭ ياخشىراقىنى بەك ئىزدەپ كەتكەنىدىم...ھازىرچە رەھمەت....  {:90:}  

wali808@163.com

mahammat يوللانغان ۋاقتى 2012-9-15 23:05:17

ماڭىمۇ بىرنۇسخا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز . مەنمۇ مۇشۇ پىراۋدىن بىرنى ئالاي دەپ ئويلاشقان

116348272@qq.com

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 00:42:31

342438070@qq.com

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 02:41:29

تېمىنى ئەلا  باھالاپ ساقلىۋالدىم .

  كېلەر  ئايدا ئەسقاتىدۇ  چوقۇم .

maverick يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 06:42:15

رەھمەت 1486583518@qq.com

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 07:10:46

مۇشۇ پىراۋا ئالماق يامان تەس بولۇپ كەتتىغۇ زادى ....

Bigham يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 08:22:12

مەنمۇ ھەپتە بولدى ئىمتاھانغا تىزىملاتقىلى، 2012- يىللىق شوپۇرلۇق ئىمتاھان نەزەرىيە سېستىمىسى دىگەن دىتالنى 60 يۇەنگە سېتىۋالغان ئىدىم، بۇمۇ ئادەمگە ئەسقاتمايدىغان دىتالكەن. ئۆزىمىزگە قىيىن تۇيۇلغان سۇئاللارنى تاللاپ ئۆگىنەلمەيدىكەنمىز، ھەممىنى باشتىن ئاياغ ئىشلەيدىغان گەپكەن. بۇنىڭدا ئادەمنىڭ ۋاقتى بەك زايا بولۇپ كېتىدىكەن. بېشىم بەك قېتىپ كەتكەنتى. بولسا ماڭىمۇ يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز: 15389999991@qq.com

serqut يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 08:23:13

تولىمۇ نەپ بېرىدىغان تېما بوپتۇ، ئەلا كەتتى!

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 08:28:51

كۆپ ئەجىر قىپسىز، ئەلا كەتتى....



ماڭىمۇ يېڭى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان كۆپ تىللىق نەشىرىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز، رەھمەت



1059344229@qq.com

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 08:38:08

نەزەرىيە سۇئالنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ماڭىمۇ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.

632997108@qq.com

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 08:53:31

ئەمىلىيەت ئىمتىھان ئالىدىغان ئىمتىھان ئالغۇچىلارنىڭ ئېغىزى ئالامەت سېسىق بولىدىكەن،  (b2پىراۋا ئىدى) ئازراقلا مەشخۇلاتنى جايىدا قىلالمايلا قالسا ئەپسانە گەپ دىگەن پىلموتنىڭ ئۇقىدەك ياغىدىكەن، تاس قالىدىكەن ئۇرۇپمۇ قويغىلى............. تۇنجى قېتىم خادا ئىمتىھان بەرگىلى بارغاندا ، گەپنىڭ يامانلىقىدىن تاس قالغان ئىمتىھاندىن ۋاز كەچكىلى.

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 08:59:07

پىرۋا ئالماق ۋەھىشى تەس ، ئالامەت تەس ، كارامەت تەس ،ئالامەت كارامەت تەس . مەنمۇ بىر يىل سوكۇلداپ يۈرۈپ مىڭ جاپادا ئالغان ئىمتاھان مەيدانىدىكى تەڭسىزلىكلەر ناھەقچىلىكلەر . مەشىق مەيدانىدىكى جاندىن ئۆتكىدەك سوغاقتا توڭلاپ تىتىرەپ بىر ماشىنىنى 40 ئادەم ئۆچىرەت تۇرۇپ مەشىق قىلىش ئوتۇن تاپالماي يول بۇيدىكى قۇرۇپ قالغان دەرەخلەرنى تومۇرۇپ ئىسسنىش ئويلىسام گەپ جىق ...............


ئىشقىلىپ نىمىلا بولمىسۇن ئېلىۋالدىم جوتۇڭنى كۆرسەم يۈرەك توق مېڭىۋىرىدىغان بولدۇم بۇرۇنلاردا ساختا پىراۋىدا بىر نەچچە يىل ماشىنا ھەيدەپ قاچان ئۇقۇپ قالار دەپ يۈرەك سۇ ئىدى .

پىراۋا ئالدۇق دىگەنلىك سىنى باشقۇرىدىغان غوجا ئاكىدىن بىرنى كۆپەيتتۇق دىگەنلىككەن دىگىنى ئىسىمدە بىر ساۋاقدىشىمنىڭ .

بەت: [1] 2 3 4 5 6 7
: پىراۋا ئېلىشقا تىزىملاتقانلارغا