‹‹پەلەك شاھى›› ئادىل ھوشۇر خۇنەندە دۇنيا رېكورتىغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ[كۆچۈرۈلمە]
‹‹پەلەك شاھى›› دەپ نام ئالغان شىنجاڭ دارۋازچىلىقىنىڭ 6-ئەۋلاد ۋارىسىئادىل ھوشۇر 15-سېنتەبىر ئىككى شاگىرتىنى باشلاپ، خۇنەن ئۆلكىسى شياڭشى
ئوبلاستى جىشوۋ شەھىرىنىڭ ئەيجەي بازىرىغا بېرىپ، يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا
پولات سىمدا مېڭىش بويىچە دۇنيا رېكورتىغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ.
15-، 16-سېنتەبىر، خۇنەن ئۆلكىسى شياڭشى ئوبلاستى جىشوۋ شەھىرىنىڭ ئەيجەي
بازىرى ‹‹ئەيجەي كۆۋرۈكىدىن پولات سىمدا ئۆتۈش ۋە تۆۋەن بوشلۇقتىن پاراشوت
بىلەن سەكرەش›› پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈدىغان بولۇپ، ئادىل ھوشۇر شاگىرتلىرى
ساتتار ۋە ئايشەمگۈلنى ئېلىپ بېرىپ، نەق مەيداندا دۇنيا رېكورتىغا جەڭ
ئېلان قىلىدىكەن. 12-سېنتەبىر، ئۇ مۇخبىرنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل
قىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ ئاللىقاچان ئەيجەيگە يېتىپ بارغانلىقىنى ئېيتقان.
ئادىل ھوشۇرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 15-سېنتەبىر، ئۇ يەر يۈزىدىن بولغان
ئېگىزلىكى 380 مېتىر كېلىدىغان 1800 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پولات سىمدىن
ئۆتىدىكەن. بۇ كۈنى ئۇنىڭ شاگىرتى ئايشەمگۈلمۇ 1800 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى
پولات سىمدىن ئۆتىدىكەن، ناۋادا، ئايشەمگۈل مۇۋەپپىقىيەت قازانسا، ‹‹پولات
سىمدا ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىنى باسقان تۇنجى ئايال دارۋاز›› بولۇپ قالىدىكەن
مەنبە. زۇليار تورى تېما كىيىن تەستىقلىنىپ قاپتۇدە. خۇداغا شۈكرى ساق-سالامەت ئۆتىۋالدى. لېكىن ئاۋۇ ئۇزۇنلىقى 1430مېتىرغۇ دەيمەن. مۇبارەك بولسۇن بوپتۇ.
1- قەۋەتتىكى hezineنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تېما كىيىن تەستىقلىنىپ قاپتۇدە. خۇداغا شۈكرى ساق-سالامەت ئۆتىۋالدى. لېكىن ئاۋۇ ئۇزۇنلىقى 1430مېتىرغۇ دەيمەن.
مەن مۇشۇ ھەقتە تورداشلارغا ئۇچۇر بىرىش مەقسىتىدە 9.ئاينىڭ 13.كۈنى بۇ ھەقتە تىما يوللىغان ئىدىم،ئادىل ھوشۇر توغۇرسىدىكى بىر تىما،دىياۋيۈ(بېلىقچىلىق)ئارىلى ۋەزىيىتى توغۇرلۇق يەنە بىر تىمام پىنھان بەگ تەرىپىدىن ئۆچۈرۋىتىلدى. تازا دۈمپىشانە ئاداشكىن بۇ


6- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
![]()
ما رەسىم تىما بىلەن مۇناسىۋەتلىكما؟ئۆزەمچە يامان كۈلىۋەتتىم.

كىم دېگەن «شەرەپكە ئېرىشمەكتىن ئۇنى ساقلىماق قىيىن» دېگەننى؟ ئوتكەنگە پۇل بىرە ھە،،،..تارىتقان زەنجىرنىڭ مىېتىرىغا 100مىڭ ئالارمۇ ؟؟

7- قەۋەتتىكى guitarfanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
6- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
![]()
ما رەسىم تىما بىلەن مۇناسىۋەتلىكما؟ئۆزەمچە يامان كۈلىۋەتتىم.![]()
بۇمۇ دارۋازكەن
ئەينى چاغدا 1997-يىلى ئابلىمىت خالىس ھاجىم بۇ دارۋازچى يىگىتىنى خىلى زور مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ سەنشادىن ئۆتكۈزگەنتى.لېكىن شۇچاغدىكى ھاياجېنىم ھازىرلاردىن قالماپتۇ.شۇ چاغدىكى ئۇ پۇلمۇ شۇ ۋاققا نىسپەتەن ئاز ئەمەستى.سىرىك ئۆمەكنىڭ باشلىغى مىجىت ئەپەندى بىلەن خالىس ھاجىنىڭ بۇ يىگىتىنىڭ بۈگۈنىدە زور رولى بار.
7- قەۋەتتىكى guitarfanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
6- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
![]()
ما رەسىم تىما بىلەن مۇناسىۋەتلىكما؟ئۆزەمچە يامان كۈلىۋەتتىم.![]()
مەن مۇناسىۋەتلىك دىمىدىمغۇ


بەت:
[1]