dadash يوللانغان ۋاقتى 2012-9-15 12:38:32

«بودەك قانداق تاۋلاندى» ھەققىدە يېڭى گەپ



كۆپلىگەن كىشىلەر نۆۋەتتە «ئورۇقلاش غېمى »دە ئۆزى ئامراق ئەشۇ
تائاملاردىن مېھرىنى ئۈزەلمەي، يا ئورۇقلىيالماي قىلىشتىن قورقۇپ يېيەلمەي
بىئارام بولۇشماقتا. ئادەتتە كىشلەر سەمىرىپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىدە
دېگۈدەك بىر«گەپ ئاڭلىماس» ئېغىزنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ.

لېكىن يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان سېمىزلىك ھادىسسىغا مۇناسىۋەتلىك
تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىغا قارىغاندا، سېمىزلىك پەقەتلا «يېيىش»تىنلا
پەيدا بولۇپ قالماي، يەنە بىرمۇھىم شەكىللىنىش مەنبەسى«ئولتۇرۇش» تىن
ئىكەن. بەلكىم بۇ تەتقىقات نەتىجىسى بىزنىڭ ئۈستەل- ئورۇندۇق يېنىدىن
يىراقراق كېتىپ، ئانچە-مۇنچە ھەرىكەتلنىشىمىزنىڭ باھانىسى بولۇپ قېلىشى
مۇمكىن.

«ھۈجەيرىشۇناسلىق» ژورنىلىدا ئېلان قىلىغان بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدە
ئېيتىشىچە، ئۇزاق مەزگىل تىنچ ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ساغراۋە
بېقىن قىسمىغا چۈشىدىغان بېسىم ئىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بۇجايلاردا
شەكىللىنىدىغان ياغنىڭ50% شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.


تىل-ئاۋىف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچى خادىملىرى، بىر قىسىم يۇلۇن قىسمى
يارىلىنىپ پالەچ بولۇپ قالغان بىمارلارغاتەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ،
ئۇلارنىڭ MRIسۈرىتىدىن بايقىلىشىچە كۆپ مىقداردىكى ياغ ھۈجەيرىلىرى
بىمارلارنىڭ يېتىش ياكى ئولتۇرۇش سەۋەبىدىن بىسىم كۆپ چۈشكەن بەدەن قىسمىغا
مەركەزلىك توپلىنىپ قالغان.

مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقاتچىسى Amit Gefen مۇنداق دەيدۇ: يۇقىرىقى
تەتقىقات نەتىجىسى شۇنى سەمىمىزگە سالىدۇكى، بىزدائىم خوراۋاتقان كالورىيە
سانىغىلا دىققەت قىلماي، ھۈجەيرىلەرنىڭ مېخانىكىلىق مۇھىتىغىمۇ بەكرەك
كۆڭۈل بۆلىشىمىز كېرەك.

تەتقىقات نەتىجىسىدە يەنە مۇنۇلار تىلغا ئىلىنغان؛ ئۇزاق مەزگىل ھەرىكەت
قىلماي ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ئەھۋالى  يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك
يېمەكلىكلەرنى يېسىمۇ ئەمما بەدەن چېنىقتۇرۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن
شۇغۇللىنىدىغانلارغا قارىغاندا كۆرىنەرلىك ئىغىر بولىدىكەن، ئەگەر كۈنبويى
سافادا ئۆزىڭىزنى تاشلاپ يېتىپ تېلېۋىزور كۆرۈش ئادىتىڭىز بولسا ئەھۋالىڭىز
تېخىمۇ بەتەر بولۇپ كېتىشى ئېنىق.



سىنا تورى ساغلاملىق قانىلىدىن تەرجىمە قىلىندى

arqin يوللانغان ۋاقتى 2012-9-15 19:59:51

كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىۋەرسە 1-دىن ئولتۇرۇدىغان ئاساسى چوڭىيىپ ئاسان گىمروي بوپ قالىدىكەن . 2-دىن قورساق بىزە ئالدىغا چىقىۋالىدىكەن ..

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-9-15 21:18:29

1- قەۋەتتىكى Arqinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىۋەرسە 1-دىن ئولتۇرۇدىغان ئاساسى چوڭىيىپ ئاسان گىمروي بوپ قالىدىكەن . 2-دىن قورساق بىزە ئالدىغا چىقىۋالىدىكەن ..

ئۇنداق بولمايدۇ. بۇ ئۆزىڭىزگە باغلىق. ئارام بىلەن مەشغۇلاتنى ماسلاشتۇرۇڭ.


سىز سالامەتلىكىڭىزنى قانداق ئاسراۋاتىسىز؟

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 00:23:28

مەن مۇشۇ كومپىيۇتېرئالداىدا 10 سائەتلەپ ئولتۇرمەن كۇندە لىكىن سىمىرىپ كىتىش تۇگۇل تىىخمۇ بەك ئورۇقلاپ كىتىپ بارىمەن بۇ نىمىشتۇ ئەمدى

serqut يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 08:35:00

3- قەۋەتتىكى datmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن مۇشۇ كومپىيۇتېرئالداىدا 10 سائەتلەپ ئولتۇرمەن كۇندە لىكىن سىمىرىپ كىتىش تۇگۇل تىىخمۇ بەك ئورۇقلاپ كىتىپ بارىمەن بۇ نىمىشتۇ ئەمدى  

كۆپ ساندىكىلىرىمىز شۇنداق. مۇشۇ تەتقىقاتچىلار ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلماي ئاغزىغا كەلگەننى دەۋىرەمدىكىن دەيمەن نام چىقىرىش ئۈچۈن.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 09:15:25

بەزى تەتقىقاتچىلار مۇشۇنداق تەتقىق قىلمىسا مۇئاشنى قانداق ئالىدۇ؟

BAHWAN يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 09:32:09

ھەي ئورۇقلىماق بەك تەس جۇمۇ ما نا مەنمۇ 120 كىلو نەقلام ،قەتھى ئورۇقليالماۋاتىمەن

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-9-16 13:16:01

تېل ئاۋىۋ ئۇنىۋېرسىتېتى دېگەن ئاتالمىش يەھۇدى دۆلىتىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتقۇ دەيمەن، بۇ گۇيلار مۇشۇ تەتقىقات نەتىجىسىنى چىقىرىپ بولغۇچە نەچچە بودەك پەلەستىنلىكنىڭ قارنىنى يېرىۋەتكەندۇ ھە، سىناق ئۈچۈن....

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 22:03:19

بەزى گەپلەرگە ھە. دەپلا قويساق بولدى

ئاۋۇ ئامرىكىلىق بىلەن بىزنىڭ تۇرمۇش،ياشاۋاتقان رايون ھەم بەدەن ساپايىمىز ئوخشىمايدۇ

شۇڭا ئۇلار يىگەن ئۇلارغا پايداقىلغان نەرسىلەرنى بىزيىسەك ھازىرلا ئاغرىپ قىلىشىمىز مۇمكىن ئىشەنمىسەڭلار سىناپ بىقىڭلا

ghaliba يوللانغان ۋاقتى 2012-9-17 22:43:51

بەك ئۇزاق ئولتۇرسا تېخى چارچاپ ئۇرۇقلاپ كېتىدۇ شۇ.

tewbe يوللانغان ۋاقتى 2012-9-21 15:05:55

نەق گەپكە كىلەيلى، ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى ھەققىدە مەسلىھەت قىلايلى.

baharxamili يوللانغان ۋاقتى 2012-11-9 22:02:10

بىر ئاي كەشلىك تاماق يىمىگەن كىشى ئاز دىگەندە ئىككى كىلوگرام ئورۇقلايدۇ بۇ راست گەپ تەتقىقات ئەمەس ............

baharxamili يوللانغان ۋاقتى 2012-11-9 22:02:14

بىر ئاي كەشلىك تاماق يىمىگەن كىشى ئاز دىگەندە ئىككى كىلوگرام ئورۇقلايدۇ بۇ راست گەپ تەتقىقات ئەمەس ............

Ulanbay يوللانغان ۋاقتى 2012-11-9 22:27:53

12- قەۋەتتىكى baharxamiliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر ئاي كەشلىك تاماق يىمىگەن كىشى ئاز دىگەندە ئىككى كىلوگرام ئورۇقلايدۇ بۇ راست گەپ تەتقىقات ئەمەس ............

نېمانچە قورقۇنچلۇق \"\"

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2012-11-10 10:31:01

بەزىلەر ئازراق سەمىرۋىلىشىنىڭ كۇيىدا، بەزىلەر ئۇرۇقلاشنىڭ كۇيىدا، پەقەتلا مول مول يەپ ئىچىپ بەرسە سەمىريىدۇ دىگەن قاراشمۇ، تاماقىنى ئازلاتسا ئۇرۇقلايدۇ دىگەن قاراشمۇ تازا چەك باسمايدۇ.

سەمىرىشمۇ بەزىلەرگە ياراشمايدىكەن جۇمۇ، بەزىلەرنىڭ ساغىرسىى ياكى قورسىقىلا سەمىرىپ كاللىسى كىچىك، پۇتى ئىنچىگە بۇپ قالىدىكەن، سەمىرىشمۇ تەبئىي بولمىسا ئولتۇرسا كۆتەكدەك، ماڭسا ئۆردەكدەك غەلىتە بۇپ قالىدىكەن.
بەت: [1]
: «بودەك قانداق تاۋلاندى» ھەققىدە يېڭى گەپ