تۈركىيە سەھنىسدە گۈل چىمەن
بۇ ناخشىغا مەن ئاشىق.
مۇزىكىسى:ئابلىز رەھىمنىڭ
تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
ئاھ گۈلچىمەن،گۈزەل يار،
مەن كەتتىم ئۇزاقلارغا.
ساڭا خۇشتار قەلبىمنى،(جان گۈلچىمەن)
تولدۇرۇپ ئازابلارغا.
يىغلىما ھەسرەت چېكىپ،
جانىم تېخى تەندىدۇر.
مەن ئۆزۈم كەتكەن بىلەن،(جان گۈلچىمەن)
كۆڭلۈم ھامان سەندىدۇر.
يالغۇز قالدىم دېمىگىن،
ھەمراھ قىلغىن ۋاپانى.
مېنى كۈتكىن ئامرىىقىم،(جان گۈلچىمەن)
يېڭىپ جەۋرۇ-جاپانى.
ماۋۇسى ئوبۇلقاسىم ئۆمەر ئېيتقىنى
بۇ ناخشىنى مەنمۇ بەك ياختۇراتتىم ، تىلفونۇمغا رەڭلىك قوڭغۇراق قېلىۋالاي دىسەم رەڭلىك قوڭغۇراق تور بەتلىرىدىن پەقەت تاپالماي كەتتىم . تارىم ناخشىسىنىڭ ۋارىيانتىمۇ نېمە بۇ؟ ئەمما نوچى ناخشا جۇمۇ تۈركچىسنىڭ مۇزىكىسىمۇ ئۆزگىچە ئاڭلىنىدىكەن ئادەمگە،ئۇلارنىڭ مۇزىكىسىدا بىر خىل ئۆزگىچە ئاھاڭ بار،قانداق سازنىڭ ئاۋازىدۇ؟ ئا ئوبۇلقاسىم دېگەن بالا مەخسۇس ئۆزبەك تۇركلەرنىڭكىنى فۇيىن قىلىپ ئېيتىدىغان بالا ماناخشىنى تۇركلەر ئېيتىپ قويسىلا يەنە كۆچۈرۈپ ئېيتىپتۇ . ئاۋاز تۈسى شۇندا ياخشى بوممىسا ، بالدۇرراق بايقاپ ئېيتسا بوممامتۇ ئېسىل ناخشىلارنى تۈرك قېرىندىشىمىز ئىچ ئىچدىن چىقىرىپ ئاجايىپ بىر چوڭقۇر ھېسيات بىلەن ئېيتىپتۇ. بىر ئاڭلاپلا قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمىگەن،@zaparistan بۇ ناخشنى خەلىق ناخشچىللىرىمىز ئورۇنلىغىنىنى تاپقلى بولارمۇ ؟
6- قەۋەتتىكى GULUM1027نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تۈركچىسنىڭ مۇزىكىسىمۇ ئۆزگىچە ئاڭلىنىدىكەن ئادەمگە،ئۇلارنىڭ مۇزىكىسىدا بىر خىل ئۆزگىچە ئاھاڭ بار،قانداق سازنىڭ ئاۋازىدۇ؟
ئۇد دەپ ئاتىلىدىغان بىر چالغۇسى بار تۇركلەرنىڭ، شۇغۇ دەيمەن. ئاساسەن دىگۈدەك مۇزىكىلاردا بار مۇشۇ چالغۇنىڭ ئاۋازى، بەك يېقىملىق. <چالىقۇشى> دىگەن كىنونى كۆرگەن بولسىڭىز، شۇنىڭدا چىقىدۇ.
7- قەۋەتتىكى motorolaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئا ئوبۇلقاسىم دېگەن بالا مەخسۇس ئۆزبەك تۇركلەرنىڭكىنى فۇيىن قىلىپ ئېيتىدىغان بالا ماناخشىنى تۇركلەر ئېيتىپ قويسىلا يەنە كۆچۈرۈپ ئېيتىپتۇ . ئاۋاز تۈسى شۇندا ياخشى بوممىسا ، بالدۇرراق بايقاپ ئېيتسا بوممامتۇ ئېسىل ناخشىلارنى
ما گەپنىڭ جېنى بار.بەكلا جېنى بار.
@zaparistan بۇ ناخشنى خەلىق ناخشچىللىرىمىز ئورۇنلىغىنىنى تاپقلى بولارمۇ ؟
ئەڭ دەسلەپكى ئىجراسىنى ئابلىز رېھىم ئەركال ياكى پەتتار رېھىملار ئېيتقان بولۇشى مۇمكىن،گارمونلارنى تارتىشىپ.شۇ ئىنسانلارنىڭ
ئۆزىدىن تاپمىساق ھەي تاڭ جۇمۇ.ئۇنى تاپقىچە ئابلىز رېھىمنىڭ باشقا ئېسىل ناخشىلىرىنى ئاڭلىغاچ تۇرىلى.تورغا يوللىسام تەستىقلانمىدى.
مۇڭداشقۇدىن ئەۋەتىپ بېرەي.\"گۈزەل ئەسلىمە\"دېگەن ناخشا،پەتتار رېھىم،ئابلىز رېھىم،تۇرسۇن دېھقان،نەبى ئەيسا،قارامايلىق ئابدۇسوپۇر ئائىلىسى...لار بىللە ئورۇنلىغان بەك گۈزەل ناخشا.
502604741
نىمانداق چىرايلىق ناخشا بۇ؟يامان جىق ئاڭلىۋاتۇرمەنمۇ ئەمدى
ئۇبۇلقاسىم دىگەن بالا توغرىسدىكى باھانى زەپەرىستاننىڭ ئىنكاسىدىن ئوقۇپ،كىم يازغاندۇ دەپ ئىسىمىغا قاراپ بىلەكچە بولۇپ قالدىم دىسە......
ھەي.....
ئۈزەم مەينەت
چاقچاق ھە
ناخشا ياقتى مەنمۇ بىر چاغلاردا ئاشىق بوپ قالغان بۇ ناخشىغا
ھەسىرەت چەكتىم نىڭمۇ Guley sezer نىڭ ئېيتقان ۋارىيانتى بەك يارايدۇ.
ئىشقىلىپ بىزنىڭ بەزى ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى مۇشۇ تۈركلەر ئاجايىپ مۇڭلۇق ، ھېسياتلىق ئورۇنلىۋەتكەن. يەنە كىلىپ تەلەپپۇزىنى ئۇيغۇرچىغا بويسۇندۇرۇشلىرى ئاجايىپ ئۇماق بىلىنىدۇ.
رىياسەتچى ئايال ئېسىل پاراڭ قىپتۇ. بۇ يەردىكى ئىككى دۇتتاچى ئايالغا نىمە بوغاندۇ !!!!
12- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نىمانداق چىرايلىق ناخشا بۇ؟
يامان جىق ئاڭلىۋاتۇرمەنمۇ ئەمدى
ھاھا، تەيلاڭكا، ماۋۇ خۇيىمىز ئوخشاپ قالىدىكەن
مەن بىر ناخشىنى ئەڭ كۆپ 3 ئاي ئاڭلىغان (MP3 كە بىرلا شۇ ناخشىنى قاچىلىۋېلىپ، كەچكىچە شۇنى ئاڭلايتتىم)، سىزچۇ؟
15- قەۋەتتىكى halik_puliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
12- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نىمانداق چىرايلىق ناخشا بۇ؟
يامان جىق ئاڭلىۋاتۇرمەنمۇ ئەمدى
ھاھا، تەيلاڭكا، ماۋۇ خۇيىمىز ئوخشاپ قالىدىكەن
مەن بىر ناخشىنى ئەڭ كۆپ 3 ئاي ئاڭلىغان (MP3 كە بىرلا شۇ ناخشىنى قاچىلىۋېلىپ، كەچكىچە شۇنى ئاڭلايتتىم)، سىزچۇ؟
مەن ئۈچ ئايمۇ ئاڭلىمايمەن
بىر ھەپتە توختاتماي ئاڭلىسام زېرىكىمەن
بىرەر يىل ئۆتكەندىن كىيىن خىيالىمغا كەپ قالغاندا بىرەر ھەپتە
بۇ ناخشىنى جىق ئاڭلىۋەتمەي دەپ 4-5قېتىم ئاڭلاپلا بولدى قىلدىم
ئەجەپ چىرايلىق ناخشا مۇشۇ، ئۇيغۇرچىسىنىمۇ، تۇركچىسىنىمۇ بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن، رەھمەت فائىزە. @ziyali ئۈچ ئاي توختىماي ئاڭلىغىنىمغا قاراپ ئەڭ ياختۇرغان ناخشام شۇمىكىن دەپ قالىمەن. بولمىسا ھازىرقى ناخشىلاردىن ئىككى كۈندىلا زېرىكىدۇ ئادەم.
ماۋۇ ناخشىنى ئاڭلاپ باقاي دېسەم پەقەت چىقمىدا، ئىنكاسلارغا قارىسامغۇ ئېسىل چىراي