uyghurghol يوللانغان ۋاقتى 2012-9-12 19:38:51

دىيارىمىز يىلنامىسى


دىيارىمىز يىلنامىسى




مەنبە: كۆكنۇر تورى http://www.koknur.net/list.asp?unid=3221


ئابلاجان يۈسۈپ



قارىشىمىزچە ئانا يۇرتنى سۆيۈشنىڭ بىرىنچى قەدىمى يۇرتنى تونۇش، چۈشىنىش بۆلىشى كېرەك. ھالبۇكى، ئانا يۇرت تارىخىنى بىلمەي تۇرۇپ، بۇ مەقسەتكە يېتىش مۇمكىن ئەمەستۇر. يۇرتداشلىرىمىزنىڭ ئۆز تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ دىيارنىڭ تارىخى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشى ئۈچۈن بۇ دىيارىمىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى ھېسابىدا دىيارىمىز يىلنامىسىنى رەتلەپ چىقتۇق. ئانا يۇرت ئىشقىدا پەرۋانە بولۇۋاتقان ھەربىر ئوتلۇق يۈرەكنىڭ ئاۋۋال بۇ يىلنامىنى تەپسىلىي ئوقۇپ، ئۆز دىيارىنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن تونۇشۇپ چىقىپ، ئۇنىڭ بۈگۈنىگە توغرا دىئاگنوز قويۇپ، ئۆزىنىڭ يۇرتى ئۈچۈن قىلىپ بېرەلەيدىغان ئىشلىرىغا يۆنىلىش بەلگىلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تارىخ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ بوۋىلىرىمىزدىن ماختىنىپ ياكى ئاغرىنىپ ئولتۇرىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. تارىخ بىزنىڭ ئەجدادلارنىڭ ئېسىل روھىدىن ئوزۇق ئېلىپ، داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ جەرياندىكى ئاچچىق قىسمەتلەرنىڭ تەجرىبىسىنى يەكۈنلەپ، ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشىمىزدىكى، ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانىيلىق ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىمىزنى يېتىلدۈرىشىمىزدىكى ئەڭ ياخشى دەرسخانا. تۆۋەندىكى يىلنامە ئەنە شۇ دەرسخانىلىك رولىنى ئۆتىيەلەيدۇ دېگەن ئۈمىدتىمىز.




50مىڭ يىل ئىلگىرى دىيارىمىز كونا تاش قوراللار دەۋرىگە كىرگەن.(فاڭ يىڭجېنىڭ«شىنجاڭنى ئۆزلەشتۈرۈش تارىخى»)


بۇندىن ئون مىڭ يىللار ئىلگىرىكى تارىم ۋادىسىكى ئەڭ قەدىمىي ئىنسانلاردىن زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن ئاتۇش ئادىمى بۇ تۇپراقلاردا ياشىغان.



بۇندىن 8000يىللار ئىلگىرى: ئوتتۇرا ئاسىيادا قۇرغاقچىلىق بولۇپ، بۇ يەردىكى ئاھالە بۈگۈنكى شىنجاڭ زېمىنىدىن كۆچۈپ، بۈگۈنكى موڭغۇلىيە، سىبىرىيە رايونلىرىغا كۆچكەن. دىيارىمىزدە دۇنيادا تۇنجى ھارۋا ياسالغان.(چەرچەن مۆلچەر دەرياسى قىيا تاش رەسىملىرى)



<شىنجاڭ گېزىتى> نىڭ 1981- يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنىشىچە (ئۇيغۇرچىدا): 1979- يىلى قىشتا شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئۆمىكى لوپنۇر كۆلىنىڭ غەربىي شىمالىدىن تەخمىنەن 70 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۆنچى دەرياسى تۆۋەن ئېقىمىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى بىر ئىپتىدائىي جەمئىيەتكە مەنسۇپ قەبرىستانلىقتىن ئىككى جەسەتنى تاپقان. ئۇنىڭ بىرى، ياش ئايالنىڭ جەسىتى، يەنە بىرى بالىنىڭ جەسىتى. نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ <كاربون 14> تەجرىبىخانىسى جەسەت بىلەن بىللە قېزىۋېلىنغان ياغاچ ۋە باشقا بۇيۇملارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق جەسەتلەرنىڭ بۇندىن 6412 يىل بۇرۇنقى جەسەت ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى. بۇ جەسەتلەر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ھەتتا پۈتۈن مەملىكىتىمىز بويىچە ئالغاندىمۇ، ھازىرغىچە تېپىلغان قەدىمىي جەسەتلەر ئىچىدە ئەڭ قەدىمقىسى ھېسابلىنىدۇ.


جەسەت تېپىلغان قەبرىستانلىقتىكى قەبرىلەر ناھايىتى پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قۇم دۆۋىسىنىڭ ئۈستىدىن بىر- بىرىگە كىرىشتۈرۈپ تىزىلغان 7 قات يۇمىلاق ياغاچ ۋە ھارۋا چاقىنىڭ شادىسىغا ئوخشاش تىزىلغان يۇمىلاق شەكىلدە ياغاچلار كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. گۆرنىڭ شەكلى ئاساسەن ئۈچ خىل بولۇپ، جەسەت بىلەن ھەر خىل نەرسىلەر بىللە قوشۇپ كۆمۈلگەن. جەسەت قېزىۋېلىنغان گۆرنىڭ ئىككى بېشىغا بىردىن ياغاچ قويۇلغان بولۇپ، يەر ئۈستىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. گۆر تىك قىلىپ قېزىلغان، جەسەتلەر ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلغان. گۆر ئۈستى ياغاچ تاختاي بىلەن يېپىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە قوي تېرىسى ۋە ئەخلەت ئالىدىغان شازا شەكىلدىكى چىغ توقۇلما يېپىلغان. جەسەت ناھايىتى يىرىك، قوپال توقۇلغان يۇڭ توقۇلما رەختكە ئورالغان بولۇپ، ئۆز پېتى ساقلانغان. ئايال جەسەتنىڭ بېشىغا كىگىز تەلپەك كىيگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ سارغۇچ ئۇزۇن چېچى دولىسىغا چۈشۈپ تۇرىدۇ. كۆزلىرى بۇلاقتەك، كىرپىكلىرى ئۇزۇن، ئېغزى ئويماقتەك، بۇرنى قاڭشالىق بولۇپ، بەكمۇ چىرايلىق ئىدى. جەسەت بىلەن بىللە قېزىۋېلىنغان نەپىس توقۇلغان چىغ سېۋەتلەرنىڭ ئىچىگە زىرائەت دانلىرى سېلىنغان بولۇپ، بۇ دانلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چىرىپ، ئۇنغا ئايلىنىپ كەتكەن.


بۇ ۋاقىتلاردا ئەجدادلىرىمىز يۇڭلارنى بوياپ توقۇش ھۈنىرىنى ئىگىلىگەن. شۇنداقلاتەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئېتەكلىرىدىن تاكى قۇرۇم(كوئىنلۇن) تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتەكلىرىگىچە بولغان كەڭ رايون دائىرىسىدىكى تاغ يامزاللىرى، جىلغا تۆپىلىكلىرى، دەريا ۋادىلىرىدىكى مۇنبەت يەرلەردە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكى مەيدانغا كەلگەن.



مىلادىدىن 4000 يىللار بۇرۇن ئەجدادلىرىمىز تۇنجى بولۇپ، ئاتنى كۆندۈرۈپ ئۇنىڭدىن پايدىلانغان.



مىلادىدىن 3000يىللار بۇرۇنقى زامانغا تەۋە تاش، ساپال، ئالتۇن، مىس، تۇچتىن ياسالغان بۇيۇملار بايقالغان. بۇ شۇ ۋاقىتلاردىلا دىيارىمىزدە كانچىلىق، قۇيمىچىلىق تېخنىكىسىنىڭ خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. دىيارىمىزدە ئەڭ دەسلەپ كەندىر، ماش، پۇرچاق ئىشلىتىلگەن.(لوپنۇر) كارىزنى ئەجدادلىرىمىز كەشىپ قىلغان. ئەجدادلىرىمىز يۈرۈشلۈك ۋە پۈتۈن بەدەننى ياپقۇدەك، سېلىپ - كىيىشكە ئوڭاي كىيىملەرنى كىيگەن. دەسلەپكى چېدىر ئۆيلەردە ئولتۇرغان ۋە ئەڭ دەسلەپكى شەھەرلەرنى بەرپا قىلغان.(ئى. تۇرسۇن)



مىلادىدىن 1324-يىلى بۇرۇنقى دىيارىمىزنىڭ بىر قىسىم زېمىنلىرىنى ئۆز تېررىتورىيسىگە قوشقان ھون ئېمپىرىيسى بىلەن شاڭ سۇلالىسى ئارىسىدا ئۈچ يىللىق ئۇرۇش يۈز بېرىپ، ھونلارنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن تاماملانغان.



مىلادىدىن1000يىللار بۇرۇن چەرچەن زاغۇنلۇقتىن تېپىلغان يىپەك بويۇنلارمۇ مۇشۇ زامانغا تەۋە. لوپنۇر ۋادىسىدىن يەنە مۇشۇ زامانغا دائىر دەسلەپكى گىلەم- توقۇلۇشى، رەڭلىرى، گۈللىرى ئۆزگىچە بولۇپ، چۆرىسىگە ئۈچ بۇرجەك نۇسخا چۈشۈرۈلگەن. گىلەملەر ئالدى بىلەن يۇڭ يىپنى بوياپ، ئاندىن توقۇلغان. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى گىلەمدۇر. ئەجدادلىرىمىز ئورۇندۇق ئىشلەتكەن.(نىيە خارابىسى) ئەجدادلىرىمىز ئات بىلەن ئېشەكتىن قېچىرنى شالغۇتلاشتۇرۇپ چىققان. ئەڭ قەدىمكى قوغۇن، ئۈزۈم كۈنجۈت، زەپەر، پاختا دىيارىمىزدىن بايقالغان.(تۇرپان، قۇمۇل) ئېنىقبولغان تاش قۇرۇلمىلىق شەھەر ئۈلگىسى ساقلانغان(بارىكۆل)



مىلادىدىن ئىلگىرى 771-يىلى ھون قوشۇنى جۇ سۇلالىسى پايتەختى خاۋچېڭغا بېسىپ كىرىپ، بۇ خانلىقنى يوقاتتى.



مىلادىدىن ئىلگىرى 529-يىلى ئىران شاھى كەيخسراۋ سۇيىقەست بىلەن تۇران(يەنى دىيارىمىزنى دائىرىسىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ ئىمپېرىيە) خانى ئافراسياپنى ئۆلتۈرۈپ، تۇراننىڭ بىر قىسمىنى بېسىۋالدى.(ئىران مەنبەلىرىگە كۆرە)



مىلادىدىن ئىلگىرى 520-يىلى ساك قەبىلىلىرىنىڭ قەھرىمان خانىشى تۇمارسىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى قوشۇن باتۇرلارچە جەڭ قىلىپ، ئىران باسقۇنچىلىرىدىن كەيكاۋۇس ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ۋەتەننىڭ شەرىپىنى قوغداپ قالدى. دىيارىمىز تۇپراقلىرى «سېرىس ئېلى» دېگەن نامدا كۆزگە چېلىقىدۇ. (يۇنان تارىخچىلىرىدىن ھرودوتنىڭ «تارىخ» كىتابىغا كۆرە)



مىلادىدىن ئىلگىرى 327-يىلى جاھانگىر ئىسكەندەر زۇلقەرنەين(ئالېكساندىر ماكېدونىسكى) دىيارىمىز چېگرىسىغا كەلگەندە(سىر دەرياسىدىن ئۆتكەندە)، «شۇ» ئىسىملىك خاقانىمىز تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ چېكىندۈرۈلدى.



مىلادىدىن ئىلگىرى 215-يىلى ھون قاغانى تۈمەن تەڭرىقۇت چىن شىخۇاڭ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئوردۇس يايلاقلىرىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. چىن شىخۇاڭ ئۇلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن سەددىچىن سېپىلى سوقتۇردى.



مىلادىدىن ئىلگىرى 177-يىلى ھون تەڭرىقۇتى باتۇر تىنچ ئوكياندىن تاكى كاسپى دېڭىزىغىچە بولغان زېمىندا قۇدرەتلىك ھون ئېمپىرىيسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.



بۇ زامانلاردا دىيارىمىز تەۋەسىدە ئۇششاق شەھەر دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمدار بولغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. قۇمۇل خانلىقى، كرورەن خانلىقى، ئۇدۇن خانلىقى، ياركەند خانلىقى، كاشىغەر خانلىقى، كۈسەن خانلىقى، كىنگىت خانلىقى، قوچۇ خانلىقى، بەشبالىق خانلىقى، ئۇيسۇن ئېلى قاتارلىق ئونلىغان دۆلەتلەر خېلى مەزگىل مۇستەقىل ئۆز ھاياتىنى سۈردۈرگەن. ھونلار گۈللىنىش باسقۇچىغا يەتكۈچە ئالتاي ۋە بارىكۆل زېمىنلىرىغىلا ئىگىدارچىلىق قىلدى. مىلادىدىن ئىلگىرى 177-يىلى ۋەتەندىكى پۈتۈن دۆلەتلەر ھون ئىمپېرىيىسىگە بېقىندى بولۇپ قالدى.



مىلادىدىن ئىلگىرى 176-يىلى باتۇر تەڭرىقۇت كەڭسۇدىكى ئۇلۇغ ياۋچىلارنىڭ ئىسيانىنى باستۇردى. ئۇلار ئىلى ۋادىسىغا كېلىپ، ئۇيسۇنلارنى سىقىپ چىقاردى.



خەن ۋۇدى مىلادىدىن ئىلگىرى 127-يىلى ئوردۇس يايلىقىنى، م ئى 121-يىلى خېشى كارىدورىنى ئالدى. ۋە بۇ جايغا 200مىڭ كىشى كۆچۈردى.


ئايرىلىپ قالغاندا تەڭرى تېغىدىن،


ئاۋۇماس بولۇپ قالدى چارۋا مېلىمىز.


ئايرىلىپ قالغاندا ئالچى تېغىدىن،


مۇڭلىنىپ سارغايدى قىز-ئايالىمىز.


   دېگەن قوشاقلار ھونلارنىڭ شۇ مەزگىللىك تارىخىنىڭ بەدىئىي كارتىنىسى ئىدى.



م ئى 119-يىلى خەن سۇلالىسى ھون زېمىنلىرىغا قارشى يەنە بىر قېتىملىق يۈرۈش ئېلىپ باردى. ئىككىلا تەرەپ زور چىقىم تارتتى. خەن ۋۇدى چېگرا رايونغا يەنە 700مىڭ ئادەم كۆچۈردى. م ئى 109-يىلى دىققىتىنى غەربكە قارىتىپ، ئىۋىرغول، قوچۇ، كرورەن خانلىقلىرىنى بويسۇندۇردى.



م ئى 138-يىلى ۋە م ئى 119-يىلى جاڭ چيەن ئىككى قېتىم دىيارىمىزدىكى بەگلىكلەرگە ئەلچىلىككە باردى.


م ئى104-يىلى ئۇيسۇنلار ھونلاردىن يۈز ئۆرۈپ، خەن سۇلالىسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. خەن ئارمىيسى پەرغانە ئېتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، پەرغانە ئېلىگە ھۇجۇم قىلدى ۋە مەغلۇپ بولدى.


م ئى 102-يىلىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق قاتتىق ھۇجۇمنىڭ نەتىجىسىدە پەرغانە خانى ئۆلۈپ، خەن سۇلالىسىگە قارام بولدى.



م ئى 101-يىلى : خەن سۇلالىسى بۈگۈردە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈلگەن, « يالۋاچ چېرىكچى » تەسىس قىلىپ باشقۇردى.



م ئى 100-يىلى ۋە م ئى 97-يىلى ھونلارغا قارشى ھۇجۇم قىلغان خەن ئارمىيسى قۇتىغۇ تەڭرىقۇت باشچىلىقىدىكى ھون قوشۇنلىرىدىن ئېغىر زەربە يەپ قايتتى.



م ئى 91-يىلى 70مىڭ كىشىلىك لى گۇاڭلىنىڭ خەن قوشۇنى ھونلارغا قارشى يەنە بىر قېتىملىق ئۇرۇشىدا تەلتۆكۈس مەغلۇپ بولدى.



م ئى 71-يىلى ھونلار شەرقىي تۇرالار، ئۇيسۇنلار ۋە خەن سۇلالىسنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.



مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60-يىلى : خەن سۇلالىسى جېڭ جىنى « غەربىي يۇرت باش قۇرۇقچى بەگ » قىلىپ تەيىنلىگەن.



م ئى 52-م ئى56 يىللىرى ھونلاردا تەخت تالىشىش كۈرەشلىرى يۈز بېرىپ قۇتئوش تەڭرىقۇت بولدى. يېڭىلگەن قوغۇشار خەن سۇلالىسىدىن پاناھلىق تىلەپ چاڭئەنگە كەتتى. خەن سۇلالىسى ئۇنىڭغا ھەمدەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن قۇتئوش پايتەخت ئۆتۈكەندىن چىقىپ كەتتى.



م ئى 49-يىلى قۇغۇشار ئۆتۈكەنگە بېرىپ تەڭرىقۇت بولدى. م ئى 33-يىلى ۋاڭ جاۋجۈنگە ئۆيلەندى.



م ئى 10-يىلى ھونلار ۋەتەننى خەن سۇلالىسىدىن تارتىۋالدى.



13-يىلى ۋە 16-يىلى ۋاڭ ماڭ قاراشەھەر خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ تارمار قىلىندى.



48-يىلى ھونلار شىمال، جەنۇپ دەپ ئىككىگە بۆلۈندى.



73-يىلى خەن سۇلالىسى قۇمۇلنى بېسىۋالدى. بەن چاۋ ئەلچى بولۇپ ۋەتەنگە كەلدى. ھون تەڭرىقۇتى پانۇ قۇمۇل، تۇرپان جىمساردىكى خەن قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، قۇمۇلدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈۋاتقانلارنى قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلدى.



74-يىلى شەرقىي خەن سۇلالىسى يېڭىۋاشتىن غەربىي يۇرت باش قورۇقچى بەگ تەسىس قىلىپ چېن مۇنى باش قورۇقچى بەگ قىلىپ تەيىنلىدى .



87-يىلى ئۇدۇن، سۇلى، ياركەند خانلىقلرى بەن چاۋنىڭ رىغبىتى بىلەن كۇسەن، كىنگىت خانلىقلىرىغا قارشى ھۇجۇم قىلىپ، غەلىبە قىلدى.



89-يىلى غەربىي ھونلار سىيانپى، خەن، شەرقىي ھونلارنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇمىدا مەغلۇپ بولدى.



90-يىلى كوشان ئېمپىرىيىسى كاشىغەرگە قوشۇن تارتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق قارلىق پامىر تاغلىرىدىن ئۆتۈپ كەلگۈچە زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن مەغلۇپ بولدى.



91-يىلى قۇمۇل يەنە خەن سۇلالىسىگە تەۋە بولدى. شەرقىي خەن سۇلالىسى بەن چاۋنى غەربىي يۇرت باش قۇرۇقچى بەگ قىلىپ تەيىنلىدى , ئۇ كۈسەندە تۇردى.



106-يىلى قۇمۇل ھونلارغا قارام بولدى. بەن چاۋ قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.



123-يىلى بەن يۈن باشچىلىقىدىكى خەن ئارمىيسى قۇمۇل، تۇرپان قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىۋالغان بولسىمۇ، 124-يىلى قۇمۇل يەنىلا ھونلارغا تەۋە بولدى.



150-يىلى كوشان ئېمپىراتورى كانىشكا ئۈچۈنچى قېتىم قوشۇن تارتىپ، كاشىغەر، ياركەند، ئۇدۇن ئەللىرىنى بويسۇندۇردى. بۇددا دىنى دىيارىمىزدە تارقىلىشقا باشلاپ، ئۇدۇن بۇددا مەركەزلىرىدىن بولۇپ قالدى.



150-170-يىللىرىغىچە سىيانپىلار كورىيەدىن بالقاش كۆلىگىچە بولغانبىر ئىېمپىرىيە قۇردى.



220-يىلى كوشان ئېمپىرىيسىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، دىيارىمىزدىكى خانلىقلار بۇ ئېمپىرىيدىن ئايرىلىپ چىقتى.



235-يىلى سىيانپىلار ۋېي پادىشاھلىقى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى.



327-يىلى شەرقىي جىن ھاكىمىيىتى قۇچۇدا ۋىلايەت - ناھىيە تەسىس قىلغان .



386-يىلى كېيىنكى لياڭ دەۋرىدىكى بۆلۈنمىچىلىكتىن پايدىلانغانۋەتەندىكى خانلىقلار ئۆزلىرى مۇستەقىل بولۇۋالدى.



394-يىلى ئاۋارلار(جوجان) دۆلەت قۇرۇپ، كورىيەدىن قارا شەھەر ئەتراپىغىچە بولغان دائىرىدە چوڭ كۈچ بولۇپ شەكىللەندى.



420-يىلى ئاق سىۋارخاننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاق ھون ئېمپىراتورلۇقى قۇرۇلدى.



437-يىلى قوچۇ ۋە باشقا بىرقانچە خانلىق ئاۋارلارنىڭ تەھتىدىدىن قورقۇپ، شىمالىي ۋېي ھاكىمىيىتىگە بېقىندى.



470-يىلى ئاۋارلار تاكى ئۇدۇن خانلىقىغا قەدەر يېتىپ باردى.



480-يىلى ئىفتالىتلار(ئاق ھونلار) تارىم ۋادىسىغا بېسىپ كىردى.



487-يىلى شەرقىي تۇرالار خانى ئاي ئۇجرۇ 600مىڭ كىشى بىلەن جۇڭغار ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلدى. ماناس ئەتراپىدا پايتەخت بىنا قىلىپ، قانقىللار دۆلىتى قۇردى.



509--يىلى ئاق ھونلار قانقىل دۆلىتىگە جەنۇبتىن ھۇجۇم قىلدى. بىراق ئاخىرىدا دوستلۇق ئارىدىكى دۈشمەنلىكنىڭ ئورنىنى ئالدى.



511-يىلى ئاۋارلار بارىكۆلدە قانقىللار بىلەن ئۇرۇشۇپ مەغلۇپ بولدى.



516-يىلى ئاۋارلار قانقىللار خانى باتۇرخاننى مەغلۇپ قىلىپ، باش سۆڭىكىگە زەر يالىتىپ، مەي ئىچىدىغان قەدەھ قىلىۋالدى.



546-يىلى قانقىللار كۆكتۈركلەر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلدى.



552-يىلى ئالتايدىكى تۈركلەر بۇمىن قاغاننىڭ رەھبەرلىكىدە ئاۋارلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، ساخالىن ئارىلىدىن قارا دېڭىز بويلىرىغىچە ئۆتۈكەننى پايتەخىت قىلغان 400مىڭدىن ئارتۇق مۇنتىزىم ھەربىي قوشۇنغا ئىگە كۆكتۈرك ئېمپىرىيسىنى قۇردى.




555-يىلى كۆكتۈرك شاھزادىسى مۇقانخان ئاۋارلارنى قوغلاپ يوقىتىپ، دىيارىمىز تۇپرىقىنى بۇ ئېمپىرىينىڭ تەركىبىگە ئېلىپ كىردى. بۇمىن قاغاننىڭ ئىنىسى ئىستەمى تالاسنى مەركەز قىلغان غەربىي بۆلەكنى باشقۇردى. دىيارىمىزنىڭ قۇمۇلدىن باشقا بۆلەكلىرى مانا شۇ غەربىي قىسىمغا قارايتتى.



557-يىلىدىن باشلاپ مۇقانخان ئىران بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئاق ھون ئېمپىرىيسىنىمۇ بەش يىلدا يوقاتتى.



568-يىلى مۇقانخان شەرقىي رىم ئېمپىرىيسى بىلەن ئىرانغا قارشى كېلىشىم تۈزدى.



575-يىلى تۈركلەر شەرقىي رىم بىلەن ئېدىل بويىدا ئۇرۇشۇپ، قىرىمنى تارتىۋالدى.



582-يىلىتۈركلەر 400مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن سۈي سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلدى. بىراق ئىچكى قىسىمدىكى بۆلۈنمىچىلىكتىن قوشۇن يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرالمىدى.



603-يىلى سۈي ۋېندىنىڭ ياردىمىنى ئالغان كىمىن قاغان بىلگە تاردۇ قاغاننى مەغلۇپ قىلىپ، قاغانلىقنى تارتىۋالدى. غەرب قىسمدىكى قاغانلار بويسۇنۇشتىن باش تارتتى.



615-يىلى شەرقىي تۈركلەر سۈي ياڭدى سەيلە قىلغان پەيتتە ھۇجۇم قىلماقچى بولدى. بىراق قاغاننىڭ خەنزۇ مەلىكىسى بۇنى پاش قىلىپ قويدى. تۈركلەر ياڭدىنى 40كۈن يەنمېن شەھرىدە مۇھاسىرىگە ئېلىۋالدى. يەنە شۇ مەلىكە ئىغۋا تارقىتىپ بۇ مۇھاسىرىنى بىكار قىلدۇردى.



618-يىلى تۈركلەر لى يۇەننىڭ تاڭ ئېمپىرىيسى قۇرۇشىغا ياردەملەشتى.



622-يىلى تۈركلەر تاڭ سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. تۈركلەرگە كۆپ مىقداردا ئولپان تۆلەش ھېسابىغا ئۇلارنى قايتۇرۋەتتى.



624-يىلى غەربىي تۈرك قاغانى تۈن يابغۇ شەرقىي رىم ئېمپىرىيسى بىلەن كېلىشىپ، ئىرانغا ھۇجۇم قىلدى.



628-يىلى ئۇيغۇرلار بىلەن سىرتاردۇشلار مۇستەقىللىق جاكارلاپ، شەرقىي تۈركلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. بۇ چاغدا تاڭ تەيزۇڭ شەرقىي تۈركلەرگە قارشى جازا يۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، مەغلۇپ قىلدى ۋە 100مىڭدىن ئوشۇق تۈركنى ئەسىر ئالدى.



639-يىلى لى شىمىن ئاشىنا سىرنى تۈركلەرگە قاغان قىلدى.



640-يىلى تاڭ قوشۇنى قوچۇنى ئىشغال قىلدى.



644-يىلى تاڭ قوشۇنى قاراشەھەرنى، 648-يىلى كۇچا، كاشىغەر، ئۇدۇن خانلىقلىرىنى ئىگىلىدى.



646-يىلى لى شىمىن سىر-تاردۇشلارنى يوقاتتى. تۈمىد ئۇلۇغ ئىلتەبىر ئۇيغۇر قاغانلىقىنى قۇردى. لى شىمىن ئۇنى ئۆلتۈرگۈزۋەتتى. بايان قاغان بولدى.



650-يىلى ئاشىنا ئالپ غەربىي تۈركلەرگە خاقان بولدى.



652-يىلى ئاشىنا ئالپ بېشبالىقنى ئىگىلىدى. تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر خاقانى باياننىڭ ياردىمىدە ئاشىنا ئالىپنى مەغلۇپ قىلدى ۋە تاشكەنتكىچە قوغلاپ باردى.



670-يىلى تىبەت خانلىقى قاراشەھەر، كۇچا، قەشقەر، خوتەننى بېسىۋالدى.



692-يىلى تاڭ سۇلالىسى بۇ زېمىننى تىبەتلەردىن تارتىۋالدى.



682-يىلى ئاشىنا قۇتلۇق ئىلتەرىش قاغان شەرقىي تۈرك قاغانلىقىنى قايتا قۇردى. ئۇيغۇرلار ئۇلارغا قارام بولۇپ قالدى.



699-يىلى قاپاغان قاغان دىيارىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تۈرك دۆلىتىنى بىرلىككە كەلتۈردى.



707-يىلى تۈرك شاھزادىسى كۆل تېكىن بۇخارا ئەتراپىدا قۇتەيبە قوماندانلىقىدىكى ئەرەپ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشتى. غەلىبە قىلدى. ئىككى يىلدىن كېيىنكى ئۇرۇشتا يارىلىنىپ قايتىپ كەتتى.



712-يىلى قۇتەيبە خارەزمنى، سەمەرقەندنى قايتا بېسىۋالدى.



720-يىلىدىن باشلاپ تىبەتلەر تارىم ۋادىسىنى تاڭ سۇلالىسىدىن تالىشىپ كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلدى.



728-يىلى تۈركەش قاغانى سۇلۇ قاغان ئەرەپلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ، پەرغانە، سوغدىيانانىڭ كۆپ قىسىم زېمىنلىرىنى قايتۇرۋالدى.



736-يىلى سۇلۇ قاغان ئەرەپلەرنى ئامۇ دەريا بويىغا قەدەر قىستاپ قويدى.



739-يىلى تۈركەشلەر ئارىسىدا ئىچكى ئۇرۇش بولدى.(تاڭ سۇلالىسى بۇ ئۇرۇشقا ئارىلاشتى.) پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئەرەپلەر سوغدىيانىدىكى زېمىنلارنى قايتا ئىشغال قىلىۋالدى.



742-يىلى ئۇيغۇر قاغانى قۇتلۇق بىلگە قاغان قارلۇق باسمىللار بىلەن بىرلىشىپ شەرقىي تۈرك قاغانى ئۇزمىش قاغاننى ئۆلتۈردى. باسمىل خانى ئاسناس قاغان بولىۋالدى.



744-يىلى ئۇيغۇر قاغانى قۇتلۇق بىلگە قاغان شەرقىي تۈركلەر ۋە باسمىللارنى بويسۇندۇردى. ھىنگان تاغلىرىدىن پەرغانە ۋە يەتتەسۇغىچە تۇتاشقان 221مىڭ مۇنتىزىم ئاتلىق قوشۇنغا ئىگە قارا بالغاسۇننى پايتەخت قىلغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى رەسمىي شەكىللەندى. تاڭ سۇلالىسى ئىچكى ئۇرۇشتا زەئىپلەشكەن تۈركەش خانلىقىنى يوقاتتى.



748-يىلى تاڭ قوشۇنلىرى ئىسلام ئېمپىرىيسىگە تەۋە تاشكەنتنى ئېلىۋالدى.



751-يىلىسالىھ ئىبنى زىياد باشچىلىقىدىكى ئەرەب قوشۇنى تالاس دەرياسى بويىدا گاۋ شيەنجى قوماندانلىقىدىكى تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى تارمار قىلدى. گاۋ شيەنجى قالدى-قاتتى 3مىڭ ئەسكىرىنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى. تارىم ۋادىسى ئورخۇن ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسىنىڭ تەركىبىگە كىردى.



757-يىلى شاھزادە يابغۇ تېكىن 50مىڭ كىشىلىك قوشۇننى ئۆڭلۈك ئىسيانىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا تۈزلەلىككە ئەۋەتتى. شۇندىن باشلاپ، تاڭ سۇلالىسى ئورخۇن قاغانلىقىغا يىلدا 20مىڭ توپ تاۋار-دۇردۇن ھەدىيە قىلدى.



762-يىلى بۆگۈقاغان سۆيگۈن ئىسيانىنى تىنجىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرا تۈلەڭلىككە قايتا يۈرۈش قىلدى. كېيىنكى يىلى قايتىپ كەتكۈچە نۇرغۇن مال-دۇنيا بىلەن ئوردىسىغا قايتتى. شۇنداقلا مانى دىنىمۇ شۇندىن باشلاپ ئۇيغۇر دۆلىتىدە تارقىلىشقا باشلىدى.



765-يىلى ئۇيغۇر قوشۇنلىرى تاڭ سۇلالىسىنى تىبەتلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاش ئۈچۈن لىڭۋۇ دېگەن جايدا تىبەتلەر بىلەن ئۇرۇشتى. يەنەبىر مۇنچە مال-چارۋا، شايى-دۇردۇن غەنىيمەت ئېلىندى.



780-يىلى چېگرىدا تاڭ قوشۇنلىرى تۆگىگە ئارتىلغان ساندۇقلارغا خەنزۇ قىزلىرىنىڭ قاچىلانغانلىقنى سېزىپ قالدى ۋە مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر سودىگەرنى ئۆلتۈرۋەتتى. ئىككى ئەل دۈشمەنلەشتى.



787-يىلى تاڭ سۇلالىسى ناماقۇل بولۇپ ئەلچى ئەۋىتىشكە مەجبۇر بولدى.



790-يىلى تىبەتلەر تارىم ۋادىسىنى قايتا بېسىۋالدى. كېيىنكى يىلى بېشبالىقنىمۇ بېسىۋالدى. ئۇرۇشلار ئارىدىكى ئۇرۇشلاردا مەغلۇپ بولدى.



808-يىلى ئاي تەڭرىدە بولمىش قۇلۇق بىلگە قاغان تىبەتلەرنى بەشبالىقتىن قوغلاپ چىقاردى.



815-يىلى ئۇ تىبەتلەرنى قايتىدىن كۇچا، بېشبالىق، قاراشەھەر، كاشىغەر، پەرغانەلەردىن قوغلاپ چىقاردى.



827-يىلى تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇر خانلىقىغا قەرز ھېسابىدا 460مىڭ توپ يىپەك ئەۋەتتى.



830-يىلى قاغان ھازار تېكىن ئىچكى ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلدى. تەخت تالىشىش يۈزىسىدىن ئۇرۇش تۈگىمىدى.



839-يىلى ناھايىتى قېلىن قار چۈشۈپ، ۋابا كېسىلى تارقالدى.



840-يىلى قۇلۇق باغا 100مىڭ كىشىلىك قىرغىز قوشۇنىنى قارا بالغاسۇنغا باشلاپ كىرىپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقنى ئاغدۇرۋەتتى.



841-يىلى جەنۇبقا كۆچكەن 300مىڭ ئۇيغۇرغا ئۆگى قاغان باشچىلىق قىلدى. تاڭ سۇلالىسى ئۇلارغا ياردەم بەرمەكتە يوق، ئۇيغۇرلارغا تۆلەيدىغان قەرزىنىمۇ تولۇق ئادا قىلمىدى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى تاڭ سۇلالىسىگە ئەل بولدى. بىر قىسمىنى قىرغىزلار ئەسىر قىلىۋالدى. بۇ ئۇيغۇرلار ئىچكى ئۇرۇشتىن قۇتۇلالمايلا ۋەيران بولدى. پان تېكىن نەچچە يۈزمىڭ ئاھالىنى باشلاپ قۇمۇلدىن جىمسارغىچە بولغان زېمىنغا كېلىپ ئولتۇراقلاشتى. كېيىنكى يىلى قىرغىزلار ماناس، ئۈرۈمچى، بەشبالىقلارنى بېسىۋالدى. پان تېكىن قاراشەھەر، كۇچاغا سۈرۈلدى



848-يىلى تىبەتلەر بېشبالىقنى يەنە بېسىۋالدى.



850-يىلى ياغما، قارلۇق، چىگىل قەبىلىلىرى بىرلىشىپ، قاراخانىلار دۆلىتىنى قۇردى.



856 ـ يىلى مەڭلىك تېكىن (ئۇلۇغ تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالپ كۈلۈگ بىلگە قاغان)تەرىپىدىن ئىدىقۇت خانلىقى قۇرۇلدى. بۇ خانلىق تەۋەسىدە كېيىنچە تۇنجى بولۇپ ھەرپنى ئاساس قىلغان مىخ مەتبەئە تېخنىكىسى ۋۇجۇدقا كەلگەن.



865-يىلى بۆكۈ تېكىن تىبەتلەرنى قوغلاپ چىقاردى.



880-يىلى قاراخانىلار دۆلىتى كېڭىيىپ، يەتتەسۇ ۋە تارىمنىڭ غەربى قىسمىنى ئۆز زېمىنىگە ئايلاندۇردى.



893-يىلى ئوغۇلچاق قادىرخان كاشىغەرنى پايتەخت قىلدى.



920-يىلى ساتۇق بۇغرا قاراخان مۇسۇلمان بولۇپ، دۆلەت دىنىنى ئىسلام دەپ ئېلان قىلدى.



942-يىلى ساتۇق بۇغراخان سۇيئاپ، بالاساغۇنلارنى ئىشغال قىلدى.



960-يىلى بالاساغۇن قاراخانىلارنىڭ يەنە بىر پايتەختى بولدى.



971-مۇسا بۇغراخان ئۇدۇن ئېلى بىلەن ئىسلامنى ئومۇملاشتۇرۇش يۈزىسىدىن قانلىق جەڭلەر قىلدى.



992-يىلى ھارۇن بۇغراخان تەختكە چىقىپ، ئۆز دائىرىسىنى ماۋارائۇننەھرگە قەدەر كېڭەيتتى.



999-يىلىقاراخانىلار خانلىقى بۇخارانى ئىگىلەپ، سامانىيلار خانلىقنى مۇنقەرز قىلدى .



1000- يىلى غەزىنە سۇلتانى مەھمۇت قاراخانلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش تەلىپىنى قويدى , دوستلۇق كېلىشىمى ئىمزالاندى .



1002- يىلى خوتەندە قاراخانىلار سۇلالىسىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈلدى. يۈسۈپ قادىرخان خوتەندە ئىسلام دىنىنى قايتىدىن ئومۇملاشتۇردى.



1007 - يىلى قاراخانىلار سۇلالىسى بىلەن غەزنەۋىلەر سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىدى . غەزىنە سۇلتانى مەھمۇت سۈلھ تەلەپ قىلدى .



1032- يىلدىن 1056- يىللارغىچە سۇلايمان تېكىن ئارسلان قاراخان ئۇنۋانى بىلەن قاراخانىلار خانلىقنىڭ تەختىدە ئولتۇردى . بۇ مەزگىلدە قاراخانىلار خانلىقى بالاساغۇننى يازلىق پايتەخت , قەشقەرنى قىشلىق پايتەخت قىلدى , قەشقەرنى ئوردا كەنت نامى بىلەن ئاتىدى .



1039- يىلى ئىبراھىم ئىبنى ناسىر خان تابغاچ ئىبراھىم خان ئۇنۋانى قوللاندى .



1040-يىلى غەربىي ئۆلكىنىڭ مۇھەممەد ناسىر ئىلىكخانى ئۆزىنى تاۈغاچ بۇغراخان دەپ ئاتاپ مۇستەقىل بولدى. قاراخانىلار ئېلى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى.



1041- يىلى سالجۇقلار سۇلتانى ئالىپ ئارسلان قاراخانلار سۇلالىسىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى .



1056- يىلى سۇلايمان ئارسلان قاراخان ۋاپات بولدى . ھەسەن ئىبنى سۇلايمان قاراخان قاراخانىلار خانى بولۇپ " بۇغرا ئارسلان قاراخان " ئۇنۋانى بىلەن تەختتە ئولتۇردى .



1069- 1070- يىللىرى مۇتەپەككۇر , پەيلاسوپ يۈسۈپ <<قۇتادغۇبىلىك>> نى تاماملاپ , قاراخانىلار خانى ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئىبنى سۇلايمان بۇغرا ئارسلان قاراخانغا تەقدىم قىلدى , قاراخان يۈسۈپكە " خاس ھاجىپ " ئۇنۋانى بەردى .



1072- 1075- يىللىرى ئاتاقلىق تىلشۇناس , ئالىم مەھمۇت كاشغەرى << دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك>> نى تاماملاپ , ئابباسىيلار خەلپىسىگە تەقدىم قىلدى .



1070- 1080- يىللىرى تارىخشۇناس ئەبۇلفۇتۇھ ئابدۇجاپپار ئىبنى ھۈسەيىن كاشغەرى << كاشىغەر تارىخى >> دېگەن ئەسەرنى يېزىپ چىقتى .



1124- يىلى قاراقىتانلار خانى يەللىغ تاشىن قارا قىتانلارنى باشلاپ غەربكە كۆچۈپ كەلدى ۋە قۇرۇلتاي ئېچىپ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئېلان قىلدى . قاراقىتان خانلىقى قۇرۇلدى.



1128- قاراخانىلار خانى ئىبراھىم ئىبنى ئەھمەد قاراخاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قارلۇق , قىپچاق ۋە قاڭقىللار ئىسيان كۆتۈردى . ئىبراھىم قاراخان ئىسياننى تىنچىتىش ئۈچۈن قارا قىتانلاردىن ياردەم سوراپ ئۇلارنى شىمالىي ئىلىك خان تەۋەسىدىكى يەتتە سۇ رايونىغا ئورۇنلاشتۇردى . كىيىن قارا قىتانلار يەتتە سۇنى ئىشغال قىلدى .



1133- يىلى غەربتىكى قاراقىتانلار يەتتە سۇدىن ئىلگىرىلەپ , قاراخانىلارنىڭ قارلۇقلاردىن تەشكىل قىلىنغان قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى يېڭىپ, بالاساغۇننى ئىشغال قىلدى. ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلىمۇ ئۇلارغا بېقىندى بولۇپ قالدى.



1141- يىلى قاراقىتانلار سالجۇقلار سۇلتانى سەنجەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. كاتىۋان چۆلىدىكى ئۇرۇشتا سالجۇقلار قوشۇنى مەغلۇپ بولدى. خارەزىم قارا قىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى.



1156- يىلى ئىبراھىم ئىبنى ئەھمەد ۋاپات بولدى . مۇھەممەت ئىبنى ئىبراھىم قاراخانىلار تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ ,قەشقەردە تەختتە ئولتۇردى . بۇ مەزگىلدە ماۋرائۇننەھىر , يەتتە سۇ رايونىدا قارا قىتانلار ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى .



1200- يىلى غەربتە قاراخانىلاردىن ئىبراھىم ئىبنى ھۈسەيىن ئوغلى ئوسمان قاراخانىلار تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى . بۇ مەزگىللەردە ماۋرا ئۈننەھر , كاشىغەر ۋە ئۇنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا قاراقىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭلار پارتلىدى . ئوسمان قاراخان قاراقىتانلارنىڭ سەمەرقەنتتىكى ۋەكىلىنى دەرياغا تاشلاپ, قارا قىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈردى .



1204- يىلى نايمانلارنىڭ باشلىقى كۈچلۈك كاشىغەرگە قېچىپ كېلىپ, قارا قىتانلار بىلەن بىرلەشتى ۋە ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇندى. كاشغەردىكى قاراخانىلار خانى مۇھەممەت ئىبنى يۈسۈپ قاراقىتانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلدى .



1209-يىلى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانى قىتان نائىبلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، چىڭگىزخانغا بويسۇندى.



1211- يىلى نايمانلارنىڭ باشلىقى كۈچلۈك ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ, قاراقىتانلارنىڭ ئوردىسىنى ئىشغال قىلدى ۋە قارا قىتانلارنىڭ باشلىقى چورۇقتىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى, قاراقىتان خانلىقى يىمىرىلدى.



1211-1212- يىللىرى كۈچلۈك قاراقىتانلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان جايلارنى ئۆز ھاكىمىيىتىگە ئالدى.



1218- يىلى چىڭگىزخاننىڭ جەبە باشچىلىقىدىكى قوشۇنى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن ئۆتۈپ كۈچلۈك ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايونلارغا ھۇجۇم قىلدى. قاراخانىيلار تەۋەسىدىكى ئاھالىلەر كۈچلۈكنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى.



1219- يىلى چىڭگىزخان قوشۇنى شەرقىي قاراخانىيلار تەۋەسىنى ئىشغال قىلدى.



1221- يىلى شەرقىي قاراخانىيلار خانلىقى يىمىرىلدى. پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى چىڭگىزخان ھاكىمىيىتى ئاستىغا چۈشتى ۋە چاغاتاينىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىگە كىردى. بىراق ئىچكى جەھەتتىن ئىدىقۇت شاھلىرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى داۋام قىلىۋەردى. جەنۇبىي شىنجاڭدا دوغلات ماڭلاي سۈيە ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمدارلىقىدا بولدى.



1242-يىلى چاغاتاينىڭ نەۋرىسى قارا ھىلاكۇ ئالمىلىق(بۈگۈنكى قورغاس ئەتراپىدا)نى پايتەخت قىلىپ، چاغاتاي خانلىرىنىڭ بېشى بولدى.



1255-يىلى چاغاتاي خانى ئالغۇ قۇبلاينىڭ مەركەزنى خانبالىققايۆتكىگەنلىكىدىن پايدىلىنىپ مۇستەقىل بولۇۋالدى.



1265 ـ يىلى تەختكە چىققان مۇبارەك شاھ ــ تۇنجى مۇسۇلمان چاغاتاي خانىدۇر.



1266-يىلى ئۆگىداي ئەۋلادى قايدۇ ئىدىقۇت، دوغلات، ئالمىلىق خانلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ، بۇ زېمىننى چاغاتايلاردىن تارتىۋالدى.



1306-يىلى غەربتىكى چاغاتاي خانى دۇۋايخان بەش يىل ئۇرۇشۇپ بۇ ۋەتەن تۇپرىقىنى قايتا ئۆز تەسەررۇپىغا ئالدى.



1309-يىلى ئېسەن بوقاخان(1) چاغاتاي تەختىگە چىقتى. قۇبلاينىڭ نەۋرىسى بويانتوقۇخان ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، مەغلۇپ قىلدى. ئىككى يىل ۋەتەننى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. ئۇنىڭ قوشۇنى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن چاغاتايلار قايتا تەختنى قولىغا ئالدى.



1322 ـ يىلى مۇسۇلمان بولغان تارماشىرخانغا قارشى چاغاتاي ئەۋلادلىرى ۋە ئىدىقۇت خانلىرى بويسۇنمىدى. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي ۋە غەربىي چاغاتاي خانلىقى دەپ ئىككىگە بۆلۈندى.



1330-يىلى دوغلاتلاردىن ئەمىر بۇلاجى تارماشىرنىڭ ئىنىلىرىدىن بولغان ئېسەن بۇقاخان(2)نى ئالمىلىقتا ئاق كىگىزگە ئولتۇرغۇزۇپ، خان قىلدى. غەربتە يەنە بىر چاغاتاي خانى داۋام قىلدى.



1340-يىلى ئېسەن بۇقا ئۆلگەندىن كېيىن تەخت بوش قالدى. ئارىدا ئىچكى ئۇرۇش، تەپرىقىچىلىكيۈز بەردى.



1346-يىلى بۇلاجى ئېسەن بۇقاخاننىڭ نارەسىدە ئوغلى تۇغلۇق تۆمۈرنى تاپتۇرۇپ كېلىپ خان قىلدى.



1351-يىلى تۇغلۇق تۆمۈرخان مەۋلانە ئەرشىدىننىڭ تەكلىپى بىلەن مۇسۇلمان بولدى. دۆلەت ئەربابلىرىمۇ ئىسلامغا كىردى.



1360-يىلى تۇغلۇق تۆمۈرخان ماۋارا ئۇننەھرگە ئەسكەر تارتتى. ۋە چاغاتاي ئۇلۇسىنى قايتا بىرلىككە ئېرىشتۈردى.



1363-يىلى تۇغلۇق تۆمۈرخان ماۋارائۈننەھرگە قايتا يۈرۈش قىلىپ، ئۇ جايدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى بېسىقتۇردى.



1365-يىلى ئەمىر تۆمۈر باش كۆتۈرۈپ، چاغاتاي خانزادىلىرىگە قارشى ئۇرۇشنى باشلىدى. ئىككى يىلدىن كېيىن تەلتۆكۈس مەغلۇپ بولۇپ، بەلخگە قېچىپ كەتتى.



1368-يىلى دوغلاتلاردىن قەمەرىدىن ئىلياس خانغا قارشى ئىسيان چىقاردى ۋە غالىپ كېلىپ ئون سەككىز خانزادىنى ئۆلتۈردى. ئۆزى خان بولىۋالدى. ئەمىر خۇدايدات خانزادە خىزىر خوجانى ئېلىپ چالىش(قاراشەھەر)، كۈسەننى ئېلىپ بۇ جايلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى.



1371-ئەمىر تۆمۈر پۈتۈن ماۋارا ئۈننەھرنى ئۆز ئىشغالىيىتىگە ئالدى ۋە قەمەرىدىنگە قارشى ھۇجۇم قىلدى.ئارىدا كۆپ قېتىم ئۇرۇش بولۇپ، بەزىدە يېڭىپ، بەزىدە يېڭىلىپ تۇردى. يېڭىدىن قۇرۇلغان مىڭ سۇلالىسى قۇمۇلنى ئىشغال قىلدى.




1374-خىزىر خوجا رەسمىي خان دەپ ئېلان قىلىندى. قەمەرىدىنمۇ ئۇنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى.



1388-يىلى ئەمىر تۆمۈر خىزىرخوجاغا قارشى يۈرۈش قىلىپ، ئالمالىقنى ئىشغال قىلىپ قايتتى. خىزىرخوجا كۇچاغا چېكىندى. خىزىرخوجا چالىشنى پايتەخىت قىلىپ بېكىتتى.



1393-يىلى خىزىرخوجا ئىدىقۇت خانلىقىرىغا غازات ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، مۇسۇلمان قىلغان بولدى.



1398-يىلى خىزىرخوجا مىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى قۇمۇلدىن قوغلاپ چىقاردى.



1405- مەشھۇر جاھانگىر ئەمىر تۆمۈر ۋاپات بولدى. تەختى تالاشتا قالدى.



1428-يىلى ئۇۋەيس خان ئۆلتۈرۈلۈپ تەخىت تالىشىش ماجىرالىرى باشلاندى. چوڭ ئوغلى ئسەن بوقاخان(3) خان بولۇپ ئىككىنچى ئوغۇل يۈنۈسخان ماۋارائۇننەھرگە تەختتىكى ئۇلۇغبەگدىن پاناھ تىلەپ كەتتى. ئۇلۇغبەگ ئۇنى ئىراققا سۈرگۈن قىلىپ ئادەملىرىنى تارقىتىۋەتتى.ئالتاي، ئىمل، يەتتەسۇ، بارىكۆللەردىكى قالماق(يەنى ئۆز دىنىدا قالغان موڭغۇل)لارنى ئۆز ھۆكۈمرانلىق تەسەررۇپىغا ئالدى.



1447-يىلى ئابدۇللەتىف سۇلتان ئاتىسى مەشھۇر ئاسترونوم ئۇلۇغبەگنى قەتل قىلىپ، ھوقۇقنى تارتىۋالدى. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن ئېسەن بۇقاخان فەرغانەنى تارتىۋالدى.



1453-يىلى ئەمىر تۆمۈر نەسلىدىن سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا ئېسەن بۇقاخاننى پەرغانىدىن قوغلاپ چىقاردى.



1461-يىلى ئېسەن بۇقاخان مىرزا ھەيدەردوغلاتنىڭ قولىدىن بۈگۈنكى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى تارتىۋېلىپ، ئۇنى ئوغلىغا بۆلۈپ بەردى. سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا ئېسەن بۇقاخاننىڭ ھۇجۇم قىلىشدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ ئىنىسى يۈنۈسخاننى قوراللاندۇرۇپ، «خان» دەپ ئاتاپ، ئاكىسىغا قارشى ئۇرۇش قىلغۇزدى.



1465-يىلى يۈنۈسخان ئاكىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئالمىلىقنى ئىشغال قىلدى. سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە بولدى. بۈگۈنكى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدى.



1467-يىلى مىرزا ئەبۇ بەكرى دوغلات خوتەن ۋە يەركەننى مۇستەقىل ئىدارە قىلدى. مىرزا ھەيدەر دوغلات كاشىغەرنى داۋاملىق باشقۇردى. ئېسەن بۇقاخاننىڭ ئوغلى كېپەك مىرزا تۇرپاندىن كۇچاغىچە تېررىتورىيگە سۇيۇرغاللىق قىلدى.



1474-يىلى سۇلتان يۈنۈسخان ۋە مىرزا ھەيدەر ئەبۇ بەكرىگە قارشى زور ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، مەغلۇپ بولۇپ، كاشىغەرنىمۇ تارتقۇزۇپ قويدى.



1480-يىلى كېپەك سۇلتان قالماقلارنى ئالتاي ئەتراپىدىن ھەيدىۋەتتى.



1483-يىلى سۇلتان يۈنۈسخان كۆيۈئوغلى ئۆمەر شەيخ ھەدىيە قىلغان تاشكەنت شەھرىنى پايتەخت قىلدى. يەتتەسۇ ۋادىلىرىدا ئالمۇتا، توقماققا ئوخشاش شەھەرلەر پەيدا قىلدى.



1485-يىلى يۈنۈسخاننىڭ ئوغلى ئەھمەد سۇلتان بېشبالىقتىن ئاقسۇغىچە زېمىنلارغا سۇيۇرغاللىق قىلدى.



1487-يىلى سۇلتان مەھمۇدخان تەختكە چىقتى. فەرغانە ۋادىلىرىدا زېمىن تالىشىش يۈزىسىدىن بىر مۇنچە جەڭ-جېدەللەر باشلاندى.



1494-يىلى ئەبۇ بەكرى بابۇرسۇلتانغا قارشى فەرغانىگە يۈرۈش قىلىپ، مەقسىتىگە يېتەلمەي قايتىپ كەتتى.



1497-يىلى ئەھمەدخان ئەبۇ بەكرىگە قارشى قوشۇن تارتقان بولسىمۇ مەغلۇپ بولۇپ قايتىپ كەتتى ۋە ئاقسۇنىمۇ تارتقۇزۇپ قويدى.



1502-يىلى سۇلتان مەھمۇدخان فەرغانىدە شەيبانىخان تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. ئالمىلىققا قايتىپ كەتتى. بۇ ئارىدا تۇرپان، بەشبالىقتا ئەھمەدخاننىڭ چوڭ ئوغلى مەنسۇر مۇستەقىل بولىۋالدى.



1507-يىلى يەتتەسۇدا ئەھمەد سۇلتاننىڭ خەلىل ۋە سەئىدخان ئاتلىق ئوغۇللىرى ئايرىلىپ چىقتى. كېيىنكى يىلى سۇلتان مەھمۇدخان شەيبانىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن مەنسۇرخان ئۇكىلىرى خېلىل ۋە سەئىد سۇلتانلار ئۈستىگە قوشۇن تارتىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ تۇرپانغا قايتتى. بۇ جايلارغا قازاقلار كېلىشكە باشلىدى.



1510-يىلى ئەبۇ بەكرى ئۆزبېك سۇلتانلىرى ئارىسىدىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، ئوش ۋە ئۇزكەنتنى ئىشغال قىلدى. سەئىدخان ۋە باشقا ئەمىر تۆمۇر ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلدى.



1515-يىلى سۇلتان سەئىدخان كاشىغەرگە يۈرۈش قىلدى ۋە ئابابەكرى مىرزىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۈچ ئەسىرگە يېقىن ھۆكۈم سۈرگەن دوغلات بەگلىكىنى يوقاتتى. ياركەنتنى پايتەخت قىلغان سەئىدىيە دۆلىتى بۇ ۋەتەن تۇپراقلىرىغا ھۆكۈمدا بولدى. سابىق كاشىغەر ۋالىيسى مىرزا ھەيدەر دوغلاتنىڭ نەۋرىسى، «تارىخى رەشىدى»نىڭ مۇئەللىپى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆراگانى «ئەمىر كەبىر» ئۇنۋانىدا كاشىغەر ۋالىيسى بولدى.



1516-يىلى ئاقسۇنىڭ باي ئەتراپىدە سەئىدخان ئاكىسى مەنسۇر بىلەن سۈلھلەشتى. ۋە سۇلتان سەئىدخان ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.



1518-يىلى ئىسسقكۆل ۋادىلىرىدىكى قىرغىزلار قالايمىقانچىلىقىنى بېسىقتۇردى.



1520-يىلى مەخدۇم ئەزەم لەقەبى بىلەن مەشھۇر بولغان خوجا ئەھمەد كاسانى بۇ مۇقەددەس تۇپراقلاردا ئۆز دىنىي ئەقىدىسىنى تارقىتىپ بۇ زېمىننىڭ دىنىي ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىش مەقسىتىدە كەلدى.



1519-يىلى سەئىدخان بەدەخشاننىمۇ بويسۇندۇردى.



1523-يىلى شاھزادە ئابدۇلرەشىد ئالتايدىكى قالماقلارنى قايتا بويسۇندۇردى.



1526-يىلى قازاق خانى تاھىرخان پاناھلىق تىلەپ كەلگىنىدە ئۇنىڭغا يايلاق بېرىلدى. شۇ زامانلاردىن باشلاپ قازاق، قىرغىز قەبىلىلىرى شىمالىي رايونلاردا ماكانلىشىشقا باشلىدى.



1532-يىلى سەئىدخان تىبەتكە قىلغان يۈرىشىدە سالامەتلىكى يار بەرمەي قازا قىلدى. كەشمىر ۋە تىبەتنىڭ خېلى كۆپ زېمىنى سەئىدىيىگە قارام بولدى.



1533-يىلى ئابدۇلرەشىدخان تەختكە چىقتى. مەدەنىيەتتە زور گۈللەنگەن بۇ زاماندا خانىش ئاماننىساخان باشچىلىقىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۈلتاجى بولغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تۇنجى قېتىم رەتلەپ چىقىلدى.


1534-يىلى خۇراسان ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ ھىندىستان ئارقىلىق ياركەنتكە كەلگەن خوجا مۇھەممەد شەرىف ئابدۇلرەشىدخان تەرىپىدىن باش شەيخۇلئىسلاملىققا تەيىنلەندى ۋە ئۆزىنى پىر دەپ ئېلان قىلىپ مۇرىد قوبۇل قىلدى.



1537-يىلى ئابدۇلرەشىدخان قازاقلارنى مەغلۇپ قىلىپ يەتتەسۇغا ئوغلى ئابدۇللەتىفنى ھاكىم قىلدى.



1544-يىلى ئابدۇلرەشىدخان تاشكەنت خانى بىلەن بىرلىشىپ، ئىسسىقكۆل، يەتتەسۇ ئەتراپىدا قالايمىقانچلىق تۇغدۇرغان قازاق، قىرغىز قەبىلىلىرىنى قايتا تىنجىتتى.



1569-يىلى ئابدۇلرەشىدخان خوتەنگە بارغاندا ۋاپات بولدى. ئابدۇلكەرىم خانتەختكە چىقتى. بۇ چاغدا مەخدۇمنىڭ ئوغلى خوجا ئىسھاق ۋەلىيۇللا دىيارىمىزگە كىرىپ ئۆزىنىڭ تەرىقەتچىلىك سۈلۈكلىرىنى تارقىتىشقا باشلىدى.



1582-يىلى شەرقىي مۇڭغۇل خانى تۇمۇت ئويرات قەبىلىلىرىگە ھۇجۇم قىلدى. ئويراتلار بۈگۈنكى جۇڭغارىيە ئويمانلىقى ۋە يەتتە سۇغا كەلدى.



1592-يىلى ئىسھاق ۋەلى ئابدۇلكەرىم خاننى قەستلەشتەك پەستكەشلىكنى قىلىپ، قۇرەيش سۇلتاننى تەختكە چىقاردى. باشقا شاھزادىلەر ئارىسىدىمۇ تەخت تالىشىش يۈز بەرگەن پەيتتە، مۇھەممەدخان قۇرەيىش سۇلتان سۈيقەستىنى تارمار قىلىپ، ئۇنى تەرەپدارلىرى بىلەن قوغلاپ چىقاردى.



1594-يىلى ماۋارائۈننەھىرنىڭ ھۆكۈمدارلىرىغا ئايلانغان ئۆزبېكلەر ئابدۇللاھخاننىڭ باشچىلىقىدا سەئىدىيەگە قوشۇن تارتىپ كەلگىنىدە مەغلۇپ قىلىندى. قالماقلار تۇرپانغا كىرىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، مەنسۇرخاننىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈدى. ئابدۇلرەھىمخان تۇرپان نائىبلىقىغا تەيىنلەندى.



1596-يىلى ئىسھاق ۋەلىنىڭ ئوغلى شادى خوجا مۇھەممەدخان تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىندى. قارا تاغلىقلار سەئىدىيە خان جەمەتى تەرىپىدىن ئۇلۇغلاندى.



1609-يىلى مۇھەممەدخان ۋاپات بولۇپ، ئوغلى شۇجائىددىن ئەھمەدخان خان بولدى.



1617-يىلى شۇجائىددىن ئەھمەدخان ئۆلتۈرۈلدى. تەخىت تالىشىش ماجىرالىرى نەتىجىسىدە ئوغلى ئابدۇللەتىفخان خان بولدى. تۇرپان ئەمىرى ئابدۇلرەھىمخان ئۇنىڭغا بويسۇنمىدى. ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى.



1620-يىلى قاراخۇلا ئويراتلارنى جۇڭغار قەبىلىلىرى ئىتتىپاقى قىلىپ تەشكىللەپ، تارغاباتاي رايونىنى ئاساس قىلغان ھالدا، بۇ رايوندىكى چوڭ كۈچلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.



1627-يىلى ئابدۇللەتىف خان ۋاپات بولدى. ئورنىغا ئىنىسى زىيائىددىن خان بولدى. ئارىلىقتا تەخىت تالىشىش ئۇرۇشلىرى خانزادىلەر ئارىسىدا ئۈزۈلمىدى. بۇ خىل شارائىتتا مەخدۇم ئەزەم ئەۋلادلىرىمۇ ئۆز ئەقىدىلىرىنى ئۈزلۈكسىز تارقىتىشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئېرىشتى ۋە سىياسىي ئىشلارغا ئاشكارا قول تىقىشقا باشلىدى.


   


1638-يىلى تۇرپان ۋالىيسى ئابدۇرېھىم خاننىڭ ئوغلى ئابدۇللاھخان غالىپ كېلىپ خان بولدى. كۈنەس ۋادىسىدا جۇڭغار قالماقلىرى بىلەن شىددەتلىك ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى. بالقاش كۆلى ۋە ئىسسىقكۆل ئەتراپىدىكى قازاق، قىىرغىزلارنى يېڭىباشتىن ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالدى. ئارقىدىنلا تاشكەنت، پەرغانىلەرنىمۇ ئۆز ئەمرى ئاستىغا كىرگۈزدى. مەخدۇم ئەزەمنىڭ يەنە بىر ئوغلىدىن بولغان نەۋرىسى خوجا يۈسۈپ كاشىغەرگە كەلدى ۋە رەسمىي ھالدا ئۆزىنى «پىر» ئاتاپ، ئۆز تاغىسى ئىسھاق ۋەلى تەرەپدارلىرىغا قارشى مەيداندا تۇرۇپ مۇرىد توپلىدى.



1640-يىلى باتۇر قونتەيجى قۇرۇلتاي چاقىرىپ، جۇڭغار خانلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.



1644-يىلى ھىندىستان بىلەن سەئىدىيە ئارىسىدا دوستانە مۇناسىۋەتلەر بولۇندى. خوجا مۇھەممەد ئىشان قارا تاغلىقلار باشلىقى خوجا ئابدۇللاھ ئىشان تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى. ھىدايىتۇللاھ ئاپاق خوجا ئۇنىڭ ئورنىغا ئاق تاغلىقلارغا پىر بولدى. جۇڭغار قالماقلىرى تەڭرىتاغدىكى قازاق، قىرغىزلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى.



1655-يىلى سەئىدىيە ئېلى بىلەن چىڭ ئېمپىرىيسى ئارىسىدا ئۆزئارا سوۋغا تەقدىم قىلىشلار بولۇندى. چەرچەن ئەتراپىدىكى ئىسلامغا كىرمىگەن ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش بولدى.



1659-يىلى قالماقلار كۈچلىنىپ، ئىلىغا ھۇجۇم قىلدى. سەئىدىيە بىلەن جۇڭغارلار ئارىسىدا قانلىق ئۇرۇش پارتلىدى. جۇڭغارلار غالىپ كېلىپ، تۇرپان، قۇمۇللارنىمۇ بېسىۋالدى.



1667-يىلى ئاق تاغلىقلارنىڭ پىرى ئاپاق خوجا پىتنە تۇغدۇرۇپ، يولۋاسخاننى ئاتىسى ئابدۇللاھخانغا قارشى تۇرۇشقا كۈشكۈرتتى. يولۋاسخان كاشىغەردە ئاتىسىغا قارشى تۇردى. ئابدۇللاھخان ئۇنىڭغا قارشى يۈرۈشتە مەغلۇپ بولدى.



1669-يىلى ئابدۇللاھخان تەختىنى يەنە بىر ئوغلى ئابدۇلمۆئمىنخانغا بوشىتىپ بېرىپ، ئۆزى ھىندىستانغا كەتتى. يولۋاسخان تەختنى ئىنىسىدىن تارتىۋالدى.



1669-يىلى يولۋاسخان ئۆلتۈرۈلدى. ئابدۇللاھ خاننىڭ ئىنىسى ئىسمائىل خان بولدى.



1670-يىلى ئاپاق خوجا مۇرىتلىرى نەچچە يۈزلىگەن قارا تاغلىقلارنى ئۆلتۈردى ۋە ۋەھشىيلەرچە ئۇسۇلدا مېيىپ قىلىپ قويدى.



1671-يىلى خوجا ھىدايىتۇللاھ قارا تاغلىقلارغا قارشى تېخىمۇ زور كۆلەمدە تازىلاش ئېلىپ بارماقچى بولغاندا، ئىسمائىل خانغا قارشى چىققانلىقتىن قوغلىۋېتىلدى.



1679-يىلى ئاپاق خوجا قالماق خانى غالداننىڭ ياردىمىدە ياركەنتنىڭ تەختىنى تارتىۋېلىپ،ئۆزى بۇ تۇپراقلارغا ۋالىي بولدى.



1679-يىلى مۇھەممەدئىمىنخان تەرىپىدىن ئاپاق خوجىغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىنىپ، كاشىغەردىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن. بىراق ئۇ ھىيلە ئىشلىتىپ، مۇھەممەدئىمىنخاننىڭ سىڭلىسى مۆھتەرەم خېنىمغا ئۆيلىنىپ ھوقۇققا شېرىك بولىۋالدى. بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئۇنى قەست بىلەن ئۆلتۈرۋەتتى. ئالىم-ئۆلىمالارنى قەتل قىلىپ كىتابلارنى كۆيدۈردى. قوزغىلاڭغا قاتناشقان خەلقنى ئىلىغا سۈرگۈن قىلدى.



1690-يىلى غالدان چىڭ سۇلالىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ , ئۇلانباتۇندا چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ قىلىندى .



1694-يىلى ئاپئاق خوجا قارا تاغلىقلار تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ خوتۇنى مۆھتەرەم خانىم ئۆزىنى «خانىم پادىشاھ» دەپ ئاتاپ، ئوغلى خوجا مەھدىنى تەختكە ئولتۇرغۇزدى. ئۇنىڭغا قارشى تۇرغان ئاپاق خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى يەھيا خوجا ۋە ئۇنىڭ تەرەپتارلىرىنى قىرغىن قىلدى.



1696-يىلى غالدان قوشۇنى جۇمۇتۇدا بولغان جەڭدە چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ قىلىندى . كېيىنكى يىلى غالدان ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولدى. سېۋان ئارابدان جۇڭغار قالماقلىرىغا خان بولدى. قۇمۇل بېگى ئەبەيدۇللاھ چىڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلىپ، غالداننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن مۇداپىئە كۆردى.



1697-يىلى «جاللات خېنىم» ئاتىقىنى ئالغان مۆھتەرەم خېنىم مەكىتلىك سوپىلار تەرىپىدىن پىچاقلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى. شۇ يىلى قارا تاغلىقلارنىڭ رەھبىرى دانىيال خوجا يەنە قالماقلارنىڭ كۈچى بىلەن كاشىغەرىينىڭ خانلىق تەختىنى قولىغا ئالدى. شۇ مەزگىلدە ئاق تاغلىقلارنىڭ رەھبىرى ئاپاق خوجىنىڭ نەۋرىسى خوجا ئەھمەد ئىشان كاشىغەردە دانىيال خوجا بىلەن تەپرىقىچىلىق ئۇرۇشلىرىنى كەڭ قانات يايدۇردى. ئارىدىكى زىددىيەت كەسكىنلەشتى.



1713-يىلى سېۋان ئارابدان سېلىقنى تۆلىمىدى دېگەن باھانە بىلەن قايتا ھۇجۇم قىلىپ،بارلىق خوجىلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئىلىغا كۆچۈرگۈزۈپ كەتتى. ئالتە شەھەرگە بۆلۈپ، قالماقلارنى نازارەتچى ئەمەلدارقىلىپ بىۋاستە ئىدارە قىلدى.



1715-يىلى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى قۇمۇلغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان جۇڭغارلارنى قوغلاپ چىقاردى.


1720-يىلى دانىيال خوجا چوڭ ئوغلىنى گۆرۈگە قويۇپ، ئۆزى ياركەنتكە قايتتى ۋە نائىب ھۆكۈمران بولدى.


1727-يىلى سېۋان ئارابداننىڭ ئورنىغا ئوغلى غالدان سېرىن تەختكە چىقتى.



1745-يىلى غالدان سېرىن ئۆلۈپ جۇڭغارلار قالايمىقانچىلققا پاتتى. ئامۇرسانا چىڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلىش ئارقىلىق ھوقۇقنى قولىغا ئالماقچى بولدى.



1734-يىلى دانىيال خوجا ئۆلگەن.



1753-يىلى داباچى خان بولىۋېلىپ، ئامۇرسانا بىلەن بولغان ئۇرۇشقا كىرىپ كەتتى. دانىيال خوجىنىڭ ئوغلى خوجا يۈسۈپ كاشىغەردە جۇڭغار ھۆكۈمرانلىقىدىن باش تارتتى.



1755-يىلى چىڭ سۇلالىسى جۇڭغارلارغا قارشى يەنە بر قېتىمىلىق يۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ئۇلارغا تەڭ كېلەلمىگەن داباچى ئۇچتۇرپانغا بارغاندا شۇ جاينىڭ ھاكىمى خوجاسى بەگ ئۇنى چىڭ قوشۇنىغا تۇتۇپ تاپشۇرۇپ بەردى. ئەينى چاغدىكى چىڭ سۇلالىسى گېنرالى جاۋخۇي خوجاسى بەگ قاتارلىقلارنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئىلىدا تۇرۇۋاتقان ئاق تاغلىق خوجىلاردىن خوجا بۇرھانىدىننىڭ قولى بىلەن ئالتەشەھەر رايونىنى بويسۇندۇرماقچى بولدى. بۇ پەيتتە خوجا يۈسۈپ قازا قىلدى. ئىنىسى خوجا جاھان(ئەرشى) ئاخىرقى تىنىقى قالغۇچە ئۇرۇش قىلىپ، شېھىت بولدى.



1756-يىلى ئامۇرسانا چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا قارشى چىقتى.



1757-يىلى بۇرھانىدىن خوجا ئىنىسى خان خوجىنىڭ تەكلىپى بىلەن، چىڭ سۇلالىسىگەقارشى چىقتى.ئامۇرسانا قوشۇنى مەغلۇپ قىلىندى ۋە جۇڭغارلار قىرغىن قىلىندى.



1758-يىلى چىڭ سۇلالىسى ئىيۇلدا يارخاشەننىڭ باشچىلىقىدىكى 50 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى ئەۋەتتى. ئۇلار كۇچاردىن ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى دەپ قارىلىپ، يارخاشەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى. ئون مىڭ كىشىلىك چوڭ-كىچىك خوجىلار قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. جاۋخۇي باشچىلىقىدىكى قوشۇنئىلگىرىلىگىلەش تۈگۈل قورشاۋغا چۈشۈپ قالدى.



1759-يىلى چىڭ ئارمىيسى ئاقسۇدا ھەربىي بازا قۇرۇپ، زامانىۋى قۇراللىرى بىلەن كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ۋەئىلغار قوراللانغان، مۇنتىزىم ھەربىي تەربىيە كۆرگەن قوشۇنغا قارشى ئۇرۇشقان ئاكا-ئۇكا خوجىلار قوشۇنى ئاخىرى قورشاۋنى يېرىپ بەدەخشانغا چېكىنىش مەجبۇرىيىتىدە قالدى. بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئۇلار شۇ يەردىكىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. شۇ چاغدا دىيارىمىزدىن تۇنجى تۈركۈمدە ئون مىڭلىغان خەلق پەرغانە ۋادىسىغا قېچىپ چقتى. ياركەنت ئۇرۇشى داۋامىدا «ئىپارخان» دەپ مەشھۇر بولغان ئۇيغۇر قىزى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراسى يەھيا خوجىدىن ئايرىلىپ قالدى ۋە ئۆزى ئەرەنچە ياسىنىپ جەڭ مەيدانىغا چۈشتى. ئۇرۇشتىن كېيىن بەدەخشان ھاكىمى ئىپارخاننى تىرىك تۇتۇپ، جاۋخۇيگە ھەدىيە قىلدى. جاۋخۇي ئۇنى چيەنلۇڭغا ئەۋەتتى. چيەنلۇڭنىڭ ئۆمۈر بويى ئىپارخاننىڭ ئىشقىدا كۆيۈپ ئۆتكەنلىكى، ئۇنىڭ ۋەسلىگە يېتىش ئۈچۈن دىيارىمىزدىن بېيجىڭغا ئادەم كۆچۈرۈپ ئاپارغانلىقى ۋە بۇ ئارىدا يۈز بەرگەن جىگدە يېغىلىقى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى، قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى ئىپارخاننىڭ ئاخىرقى تىنىقىغىچە بۇ ئېمپىراتورغا باش ئەگمەي، يېنىدىن قىلىچ ئايرىماي شېھىت كەتكەن ئېرىگە سادىق ئۆتكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان.



1759-يىلى جاۋخۇي ئىلىغا قايتىپ ئۇ جايدا «ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى» قۇرۇپ، دىيارىمىزنىڭ ئومۇمىي ئىشلىرىنى باشقۇردى. ھەر دەرىجىلىك يەرلىك بەگ-خوجىلار دىيارىمىزنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرىنى مۇستەقىل باشقۇرغان ئىدى. مانجۇلار «مەنچېڭ»لارىنى قۇرۇپ، ئايرىم ياشىدى.



1765-يىلى يانۋاردا چىيەنلۇڭ جىگدە دەرىخىنى بېيجىڭغا كۆچۈرۈپ ئاپىرىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. بۇ ئالۋاڭ ئۇچتۇرپانغا يۈكلەندى. فېۋرالدا رەھمىتۇللاھ بەگ جىگدىنى ئېلىپ مېڭىش جەريانىدىكى تۈرلۈك تەڭسىزلىكلەرگە چىدىماي پۈتۈن ئۇچتۇرپان خەلقى بىلەن قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئۇچتۇرپاننى ئىگىلىدى. ئاۋغۇستتا توپ زەمبىرەك بىلەن قوراللانغان ئون مىڭ ئەسكەر ئۇچتۇرپانغا باستۇرۇپ كەلدى. قوزغىلاڭچىلار ئالتە ئاي قەھرىمانلارچە جەڭ قىلغان بولسىمۇ، ئارىسىدىن خائىن چىققانلىقى ۋە كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى زور پەرق تۈپەيلى مەغلۇپ بولدى. مايىمخان باشچىلىقىدىكى باتۇر ئۇيغۇر قىزلىرى قورشاۋنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تاغ-جىلغىلاردا چىڭ ئارمىيسىگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېلىپ باردى. ئەڭ ئاخىرى مايىمخان باشلىق يەتتە قىزدىن باشقا ھەممەيلەن قۇربان بولدى. ئۇلار ئاقتوقاي دېگەن تاغنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىغا چىقىپ، ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلىدى.



1771-يىلى ئوباش باشچىلىقىدىكى تۇرغۇت مۇڭغۇللىرى ۋەتەنگە كەلدى. چىڭ سۇلالىسى ئۇلارنى كۈتۈۋالدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى.



1815-يىلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىستىبدات زالىم ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى دىيارىمىزنىڭ جاي-جايلىرىدا قوزغىلاڭلار بولدى. كاشىغەردە زىياۋۇدۇنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى، قانلىق باستۇرۇلدى.



1825-يىلى خوجىلاردىن جاھانگىر خوجا قوقەنت خانىنىڭ قوللىشى بىلەن ئەسكەر باشلاپ، كاشىغەر، ياركەنت، ئاقسۇلارنى ئۆز قولىغا ئالدى.



1827-يىلى جاھانگىر خوجا مەغلۇپ بولۇپ، بېيجىڭغا ئەۋەتىلدى. بۇ چاغدا كاشىغەردىن بىرمۇنچە كىشىنى چىڭ سۇلالىسىگە قارشى چىقتى دەپ ئىلىغا سۈرگۈن قىلدى. ئۇيغۇرنىڭ قەھرىمان قىزى «نۇزۇگۇم»نىڭ ۋەقەلىرى مۇشۇ زامانغا تەۋە.



1830-يىلى جاھانگىر خوجىنىڭ ئاكىسى يۈسۈپ خوجا قوقەنت خانىنىڭ ياردىمى بىلەن كاشىغەرگە ھۇجۇم قىلدى. بىراق ياردەم ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مىڭلارچە خەلق ئۇلارغا ئەگىشىپ فەرغانىغا چىقىپ كەتتى.



1848-يىلى جاھانگىر خوجىنىڭ جىيەنى مۇھەممەتئىمىن (كاتتا خوجا) بىلەن ۋەلىخان قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى يەتتە خوجا قوقەندىن لەشكەر تارتىپ كېلىپ قەشقەر ، يىڭسار ، يەكەن قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى . چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئەسكەر يۆتكەپ چىقىپ ئۇلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتتى . جەنۇبىي شىنجاڭدا ئېغىر قىرغىنچىلىق يۈز بەردى. خەلق بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرىدى .



1853-يىلى پەرغانە خانى شىرئەلى خاننىڭ ئارىلىشىشى بىلەن خوجىلار نەسلىدىن ۋەلىخان تۆرە كاشىغەرگە كىرىپ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتىدى.



1857-يىلى ۋەلىخان تۆرە يەنە بىرقىتىم توپىلاڭ كۆتۈردى، توپىلاڭ تۆت ئاي داۋاملاشتى. چىڭ سۇلالىسى توپىلاڭنى ئاخىر تىنچىتتى. ئۇزاق ئۆتمەي كۇچاردىكى ئۇيغۇرلار ئېغىر ئالۋاڭ-ياساققا، خورلۇققا قارشى قوزغىلاڭ كۈتۈردى. قوزغىلاڭ قاتتىق باستۇرۇلدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جەنۇبىي شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىدە بىرئاز يول قويۇشقا مەجبۇر بولدى .



1858-يىلى چىڭ سۇلالىسى باستۇرۇپ كەلگەندە، ۋەلىخان تۆرە قېچىپ كەتتى.



1863-يىلى ئىلىدا تۇڭگان خەلقى مەنچىڭ ئېمپىراتورلىقىنىڭ زۇلمىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى.



1864-يىلى 4-ئىيۇن كۇچاردىمۇ ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان خەلقى قوزغىلاڭ كۆتىرىپ راشىدىن خاننى «خان خوجا» دەپ پادىشاھ قىلدى. كاشىغەردە قىرغىزلاردىن سىدىقبەگ، خوتەندە ھەبىبۇللاھ ھاجى پاشا باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، چىڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرى يوقىتىلدى. بىر يىلنىڭ ئىچىدە كۇچا لەشكەرلىرى شەرقتە قۇمۇلغىچە غەرپتە تاكى ياركەنتقىچە زېمىنلارنى ئۆز تەسەررۇپىغا كىرگۈزدى. سىدىقبەگ قوقەنت خانى خۇدايارخانغا ئەلچى ئەۋەتىپ، جاھانگىر خوجىنىڭ ئوغلى بۇزرۇك خوجىنى ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇزرۇك خوجىغا ئەگىشىپ كەلگەنلەردىن يەئقۇپبەگمۇ بار ئىدى. يەئقۇپبەگ ئەسكەر بېشى بولۇپ، سىدىقبەگنى مەمۇرىي، ئەسكىرىي ئىشلاردىن يىراقلاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى قولىغا كىرگۈزۋالدى. غۇلجىدا ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلار بىرلىكتە غۇلجىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، غۇلجىنى ئىشغال قىلدى. ئىلى سۇلتانلىقى قۇرۇلۇپ، مەزەمزات ھېكىم سۇلتان بولدى.



1865-يىلى يەئقۇپبەگ ياركەنتنى ئېلىپ، بۇزرۇك خاننى رەسمىي تۈردە تەختتىن يىراقلىتىپ، ئۆزىنى خان دەپ ئاتىدى. غۇلجىدا قوزغىلاڭچىلار بايانداي قەلئەسىنى ئىشغال قىلدى. مۇھەممەد پوچى مەزەمزاتنى ئۆلتۈرۈپ سۇلتانلىقنى تارتىۋالدى. كېيىن موللا شەۋكەت سۇلتان بولدى. چۆچەكتە قازاقلار قوزغىلاڭ كۆتۈردى.



1866-يىلى يەئقۇپبەگ خوتەندىكى ھەبىبۇللاھ خان پادىشاھنى ھىيلە بىلەن ئۆلتۈرۈپ خوتەننى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا ئالدى. ئىلى جياڭجۇنى مىڭ رۇي ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى.



1867-يىلى يەئقۇپبەگ كۇچاغا ھۇجۇم قىلدى. ھىيلە بىلەن ئېلىپ خان خوجىنى ئۆلتۈردى.



1869-يىلى يەئقۇپبەگ تۇرپانغا ئۇرۇش قىلىپ، قۇمۇل، ماناسقىچە بولغان زېمىنلارنى ئىشغال قىلدى. چىڭ سۇلالىسى دىيارىمىز تۇپرىقىنى «قوبدۇ چېگرا شەرتنامىسى» ۋە «ئۇلاستاي چېگرا شەرتانمىسى» ئارقىلىق روسىيىگە بېرىۋەتتى.



1870-يىلى يەئقۇپبەگ ئوسمانلى سۇلتانى ئابدۇلئەزىزخانغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۆزىنى ھامىيلىقىغا ئېلىشنى ئۆتۈندى ۋە «ئەمرۇلمۇسلىمىن» ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئەلاخان ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ سۇلتانى بولدى. چارروسىيە تېكەسكە ئەسكەر كىرگۈزدى ۋە يولسىز تەلەپلەرنى قويدى. مۇساباي گېرمانىيدە تۇنجى قېتىم خەلقئارا يەرمەنكىگە قاتناشتى.



1871-يىلى ئىچكىرىدىن چىققان تۇڭگانلار ئۈرۈمچىدە ئىسيان كۆتۈردى. يەئقۇپبەگ ئۇلارنى بويسۇندۇردى. چارروسىيە بىلەن ئىلى ئەسكەرلىرى ئارىسىدا كەسكىن ئۇرۇش بولۇپ، چارروسىيە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ كەلدى ۋە ئىلىنى تولۇق بېسىۋالدى.



1872-يىلى چاررۇسىيە ياقۇپ بەگ بىلەن «رۇسىيە-قەشقەر شەرتنامىسى»نى ئىمزالىغان.



1875-يىلى چىڭ سۇلالىسى ياقۇپ بەگ ھاكىميىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن، زوزۇڭتاڭنى چىنچەي دارېن ھەم شىنجاڭنىڭ ھەربىي دۇبەنى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇ ئەنگىلىيىدىن بىر قېتىمدىلا بىر يېرىم مىليون فوندسېترلىڭدىن ئوشۇق قەرز ئالسا، روسىيدىن 15مىليون جىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىپ، شىنجاڭغا قىلغان يۈرۈشىنى باشلىدى. چارروسىيەئۆزىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئىلىغا پاناھلىق تىلەپ كەلگەن قازاق باتۇرى تازبېكنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى قويغاندا، ئىلى سۇلتانلىقى رەت قىلدى. چارروسىيە گېنرالى كولپاكوۋىسكى ئىلىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى.



مىلادىنىڭ 1876-يىلى زوزۇڭتاڭ قوماندانلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەسكەرلىرى ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ، يەئقۇپبەگكە ھۇجۇم قىلدى. فۇكاڭ، گومودى، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلانى قايتۇرۋىلىپ، داۋاملىق جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرلىدى. يەئقۇپبەگ مەسىلىنى تېنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىشنىلا ئويلىشىپ، ئەسكىرىي جەھەتتىن تۈزۈك مۇداپىئە خىزمىتى ئىشلىمىدى.



مىلادىنىڭ1877-يىلى چىڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرى تۇرپان، توقسۇن، داۋانچىڭ قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى. يەئقۇپبەگ كورلىدا نىياز ھېكىمبەگ تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى.چىڭ ئەسكەرلىرى داۋاملىق ئىلگىرلەپ كورلا، كۇچار، باي، ئاقسۇلارغا كىردى. يەئقۇپبەگنىڭ ھېكىمبەگ تۆرە ئاتلىق سەركەردىسى ۋە ئىككى ئوغلى ئارىسىدا بۆلۈنمىچىلىك پەيدا بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا قارشى مۇداپىئەگە ئەھمىيەت بەرمىدى. كېيىنكى يىلى كاشىغەر چىڭ سۇلالىسىنىڭ قولىغا ئۆتتى.



1878-يىلى 12-ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى چىڭخۇنى سۆھبەت ۋەكىلى قىلىپ ئىلىنى قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن رۇسىيىگە ئەۋەتكەن بولسىمۇ نەتىجە چىقىرالمىدى.



1880-يىلى يەنە چىڭ ھۆكۈمىتى زىڭ جىزىنى چاررۇسىيىگە سۆھبەت ۋەكىلى قىلىپ ئەۋەتىپ، ئىككى يىللىق سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە ئىلى ۋادىسىدىكى 70 نەچچە مىڭ كۋادرات كلومېترلىق تېررىتورىيە چارروسىيىگە بۆلۈپ بېرىلدى. ئىلىدىن نەچچە يۈزمىڭلىغان خەلق مەجبۇرىي چارروسىيە تەۋەسىگە كۆچۈشكە مەجبۇرلاندى.



مىلادىنىڭ 1884-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم «شىنجاڭ» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتتى ۋە مەمۇرىي ئۆلكىگە ئۆزگەرتتى. ليۇ جىڭتاڭنى پاششاپ بەگلىككە، خې كوڭتاڭنى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ئامباللىقىغا تەيىنلىدى. شۆتاڭلار قۇرۇلۇپ، خەلقنى بۇ ئورۇنلاردا ئىلىم تەھسىل قىلىشقا مەجبۇرلىدى.



1885-يىلى مۇساباي ئىلىدا ئەڭ ئاۋال 200كىشىلىك كۆن-خۇرۇم زاۋۇتىنى قۇردى.



1887-يىلى شىنجاڭدا يەرلىك ئۇيغۇر ۋاڭ-بەگلىرىنىڭ ھوقۇقىنى(قۇمۇلدىن باشقا) بىۋاستە ئۈرۈمچىدىكى جياڭجۇن يامۇلىغا قارايدىغان قىلىپ، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش نىزامنامىسى يولغا قويدى. ئۆمەرباي ئاخۇنبايوف كاشىغەردە «ئاخۇنبايوفلار شېركىتى» قۇرۇپ، يېرىم مىخانىكلاشقان چىگىت ئايرىش زاۋۇتى قۇردى.



1907-يىلى شىنجاڭ تارىخدىكى تۇنجى قېتىملىق خەلق نامايىش ھەرىكىتى «تورپاقلار يېغىلىقى»-قۇمۇل ۋاڭىنىڭ ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىپ، قانلىق باستۇرۇلدى.



1909-يىلى ۋەتەندە تۇنجى قېتىملىق نوپۇس ئېنىقلاشتا، بىر يېرىم مىليون دەپ ئېلان قىلىندى. مۇسابايلار زاۋۇتىنى زامانىۋىلاشقان زاۋۇت ئۈسكىنىلىرى ۋە «تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى» بىلەن گۈللەندۈردى.



1912-يىلى ياڭ زەنشۇي قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى ئىنقىلاپچىلار ئىلىدا قورالىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى. ئىلى چىگرا مۇداپىئەسىدە تۇرۋاتقان چىڭ سۇلالىسى چىرىكلىرىنى تېزلا تارمارقىلىپ ئىلىنى ئىشغال قىلدى. ئىلى جاڭجۈنى ئۆلتۈرۈلدى. ئۇيغۇر، خەنزۇ، مانجۇ، مۇڭغۇل، زاڭزۇ لاردىن ئىبارەت «بەش مىللەت ئورتاق ئىلگىرلەش جەميىتى» ۋە«يىڭى ئىلى چوڭ دودو مەھكىمىسى» قۇرۇلدى. ئىلى ئىنقىلاپچىلىرىقوشۇنى شەرققە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، جىڭ ناھىيىسىدە چىڭ سۇلالىسى چېرىكلىرىنى تارمار قىلدى. شىنجاڭنىڭ پاششاپ بېگى يۇەن داخۇا جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلدى. شىنجاڭنىڭ ئەدلىيە ئامبىلى قوشۇمچە ئۈرۈمچىنىڭ ۋالىيسى ياڭ زېڭشىن دۇدۇلىققا تەيىنلەندى. مەركىزىي ھۆكۈمەتكە بولغان قاراملىقنى تۈگىتىپ، شىنجاڭنىڭ «يەرلىك خاقانى» بولىۋالدى. پۇل پاخاللىقى ۋە مەدەنىيەت-مائارىپتىن يىراق تۇتۇش سىياسىتى يۈرگۈزدى. شۇ يىلى قۇمۇلدا تۆمۈر خەلىپە، تۇرپاندا مۇھىددىن خەلىپە باشچىلىقىدىكى ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىققا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. خوتەندە چىريە ناھىيسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چارروسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشى يەنى « چىرا ۋەقەسى » پارتىلدى .



1913-يىلى مەخسۇت مۇھىتى تاتارىستاندىن بىر قىسىم زىيالىيلارنى تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كېلىپ، ئۆز قورۇسىدا يېڭىچە مەكتەپ قۇردى.



1928-يىلى بىر قەدەر ئىلغار ئىدىيىگە ئىگە بولغان، كونا سىياسەتنى ئسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلدىغان فەن ياۋنەن باشچىلىقىدىكى بەزى ياش ئەمەلدارلار 7 – ئاينىڭ 7-كۈنى سىياسى ئۆزگىرىش قىلپ، ياڭ زىشىننى ئۆلتۈردى. بۇ ۋەقە تېزلا بېسىقتۇرۇلدى . شىنجاڭ مەمۇرىي ئىشلار نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى جىن شۇرىن پۇرسەتتىن پايدىلنىپشىنجاڭنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولىغا كىرگۈزۋالدى .



1930-يىلى ئەتىيازدا قۇمۇل ۋاڭى شاھمەخسۇت ئۆلدى. ئۈرۈمچى نەزەرنىڭ ھوقۇقىنى بىكار قىلىپ، قۇمۇلنى تۆت ناھىيگە بۆلۈپ بىۋاستە ئىدارە قىلدى.



1931-يىلى 20-فېۋرال قۇمۇلنىڭ شوپۇلدا شۇ يېزىغا قويۇلغان ژاندارما باشلىقى جاڭ سالى دورغىنىڭ قىزىنى مەجبۇرىي كېلىنلىككە ئالماقچى بولغاندا، ئۇنىڭسىزمۇ، گەنسۇدىن چىققان كۆچمەنلەر بىلەن قۇمۇلدىكى ئۇيغۇرلارغا تۇتۇلغان تەڭسىز مۇئامىلىگە چىدىمىغان قۇمۇل خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. قۇمۇلدىكى ھۆكۈمەت چېرىكلىرىنى ئارقىمۇ-ئارقا مەغلۇپ قىلدى. يولۋاسبەگ ماجۇڭيىڭنى قۇمۇلغا باشلاپ چىقتى. بىرلەشمە قوشۇن قۇمۇل خەنزۇلار شەھرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغان بولسىمۇ، بىراق تەلتۆكۈس مەغلۇپ قىلالمىدى. ماجۇڭيىڭ بارىكۆلنى ئىشغال قىلدى.



1932-يىلى 17-فېۋرال مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ باشچىلىقىدا خوتەندە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. شېڭ شىسەي قۇمۇل قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قوماندانلىق قىلدى، توپ، زەمبىرەك، برونۋېكلار بىلەن قۇراللانغان ئۆلكە قوشۇنى قۇمۇلغا كىرىشى بىلەنلا، ماجۇڭيىڭ ئىچكىرىگە قېچىپ كەتتى. خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇن مەغلۇپ بولۇپ، تاغلارغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. قۇمۇل خەلقىمۇ قېچىپ كەتتى. شېش شىسەي قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىنى كۆيدۈرۈپ، شەھەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. مۇڭغۇلىيە تەرەپتىن قوزغىلاڭغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۆمەك كەلدى. قوزغىلاڭچىلار 70 نەچچە مىلتىق ۋە باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋالدى. شېڭ شىسەي قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىنى بويسۇندۇرالمىدى. 29-دېكابىر تۇرپاندا قوزغىلاڭ پارتلاپ، تۇرپان شەھرىنى ئىگىلىدى.



1933-يىلى 1-ئايدا شېڭ شىسەي قۇمۇلدىن چېكىنگەندە، تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرى قاراشەھەرگە چېكىندى.توقسۇندا قوزغىلاڭ كۆتۈگەن توختى لۈيجاڭلار، توقسۇننى ئېلىپ بولۇپ، كورلىغا كىردى.27-يانۋار كۇچادا تۆمۈر ئېلى قوزغىلاڭ كۆتۈردى ۋە ئۆلكە قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ ئاقسۇ شەھرىنى ئىگىلىدى.


2-ئاينىڭ ئاخىرى خوجىنىياز ھاجى قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن تۇرپانغا ياردەمگە چىققان لۈكچۈن شەھرىدە شېڭ شىسەي سوۋېت زەمبىرەكلىرى بىلەن باستۇرۇپ كىرىپ، ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن مەخسۇت مۇھىتىنى شېھىت قىلدى.


3-ئايدا ئوسمان ئېلى كاشىغەرنى ئىشغال قىلدى.


13-مارت شېڭ شىسەي ۋەتەنپەرۋەر مىللىىي قەھرىمانىمىز ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر باشلىق 17 كىشىنى شېھىت قىلدى.


3-ئاينىڭ ئاخىرى ماجۇڭيىڭ شىنجاڭغا قايتا چىقتى. گۇچۇڭ، مورى ئۇرۇشلىرىغا قاتناشتى. جىمساردىكى ئۇرۇشتا تۇڭگانلار ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلارغا تەئەللۇق غەنىيمەتلەرنى ئېلىۋالغانلىقتىن ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسى بۇزۇلدى.


8-ئاپرېل تۆمۈرئېلى سىجاڭ ئوسمان باشلىق قىرغىزلار ۋە يۈسۈپجان باشلىق ئۆزبېكلەر بىلەن كاشىغەر شەھرىنى ئالدى. كاشىغەرگە ھۆكۈمران بولدى. ماجەنساڭ قاتارلىق تۇڭگانلارنىڭ كۈچىگە سەل قاراپ، ئۇلارنى ئېتىراپ قىلدى.


11-ئاپرېل مۇھەممەدنىيازئەلەم رەسمىي تۈردە «مېلىك ھەزرەت» دېگەن نامدا رەھبەرلىك قىلغان خوتەن ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى.


12-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە سىياسى ئۆزگىرىش بولۇپ، شېڭ شىسەي تەختكە چىقتى.


4-ئىيۇن كۈنى شېڭ شىسەي بىلەن خوجىنىياز ھاجى ئارىسىدا «جىمسار پۈتۈمى» ئىمزالىنىپ، شىمالىي شىنجاڭنى ئۈرۈمچى تەرەپ، قۇمۇل، تۇرپاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي شىنجاڭنى خوجىنىياز ھاجى تەرەپ باشقۇرىدىغان، ماجۇڭيىڭنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا، ئۆزى تەدبىر كۆرىدىغان بولدى. خوجنىياز ھاجى جەنۇبىي شىنجاڭغا قىلغان يۈرۈشىنى باشلىدى.


12-ئىيۇن ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم باشلىغان ماجۇڭيىڭ بىلەن شېڭشىسەي ئارىسىدا زىنىچۇەندە قاتتىق ئۇرۇش بولدى. ماجۇڭيىڭ يېڭىلدى. تۇرپانغا چېكىنىپ، كۈچ توپلىدى، خوجىنىياز ھاجىنىڭ كەينىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا ئەسكەر ئەۋەتتى.


17-ئىيۇن ياركەنت خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى.


7-ئايدىن باشلاپ توقسۇندا ماجۇڭيىڭ بىلەن خوجىنىيازھاجى ئارىسىدىكى جەڭدىن باشلاپ، ئىنقىلاب ئۈچۈن چىللاپ چىقىلغان بۇ بالا سەركەردە بىلەن ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرى ئارىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان جەڭنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. كېيىنچە باشئەگىم پاسىل قىلىنغانىدى.


18-ئىيۇل سابىت داموللا ۋە شاھمەنسۇر(ئابدۇللاھ) 2500كىشىلىك قوشۇن بىلەن يېڭىھېسارغا كاشىغەر ۋە خوتەن ھۆكۈمەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن باردى.


8-ئاۋغۇست تۆمۈر ئېلى سابىت داموللا ۋە شاھمەنسۇرلارنى نەزەربەنت قىلدى.


21-ئاۋغۇست قارغىلىقتا تۆمۈر ئېلى قوشۇنى بىلەن خوتەن قوشۇنى ئارىسىدا ئۇرۇش بولدى.


21-سېنتەبىر ئوسمان خوتەنگە ھۇجۇم قىلىشتىن باش تارتىپ تاغقا چىقىۋالدى.


28-سېنتەبىر تۆمۈر ئېلى ماجەنساڭ قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى كاشىغەر تۇڭگانلارغا تەۋە بولدى.


5-ئۆكتەبىر ئوسمان ئۇيغۇر-ئۆزبېك قوشۇنلىرى بىلەن كاشىغەرنى قايتۇرۋالدى. سابىت داموللا قاماقتىن چىقىپ، خوتەن ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن «خوتەن ئىدارىسى» قۇردى. «ئىستىقلال جەمئىيىتى» قۇردى.


12-نويابىر خوجىنىياز ھاجى رەئىس جۇمھۇر، سابىت داموللا باش مېنىستىر بولغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى»نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى. دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى، دۆلەت مارشى،دۆلەت پۇلى، پاسپورت ۋە ھۆكۈمەت گېزىتى قاتارلىقلارنى بېكىتتى.


13-دېكابىر تۇڭگانلار باشئەگىمگە ھۇجۇم قىلدى. مەھمۇد سىجاڭ قوشۇنى كورلا، كۇچاردىن چېكىندى.


1934-يىلى 12-يانۋار ماجۇڭيىڭ ئۈرۈمچىگە قايتا ھۇجۇم قوزغىدى. سوۋېت ئارمىىيسى ئايروپىلان، تانكا، زەمبىرەك قاتارلىق ئىلغار قۇراللار بىلەن ئۇنى مەغلۇپ قىلدى. چېگرىدىن كىرگەن سوۋېت ئارمىيسى ئىلىدىكى قۇراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى جاڭ پېييۇەننىمۇ يوقاتتى.


فېۋرالدىن باشلاپ ماجۇڭيىڭ جەنۇپقا رەسمىي يۈرۈشىنى باشلىدى.


يانۋاردا خوجىنىياز ھاجى كاشىغەرگە كىردى. دىيارىمىزنىڭ پۈتۈن پىداكار يىگىتلىرى خوجىنىياز ھاجى بايرىقى ئاستىغا توپلاندى. 5-فېۋرال خوجىنىياز ھاجى باشلىق قوشۇن يېڭىشەھەردىكى تۇڭگانلارنى مەغلۇپ قىلاي دەپ تۇرغان چاغدا، ئاقسۇدىن نۇرغۇن تۇڭگاننىڭ كەلگەنلىك خەۋىرى كەلدى، قوزغىلاڭچىلار چېكىنىپ كەتتى. 7-فېۋرال تۇڭگانلار شەھەرنى ئىشغال قىلدى.


10-فېۋرال ئۆزبېكلەرنىڭ باشلىقى يۈسۈپجان ئۆز ئەسكەرلىرى بىلەن كاشىغەرگە ھۇجۇم قىلىپ، شەھەرنى ئالغان پەيتتە، تۇڭگانلارنىڭ ياردەمچى قوشۇنى كەلدى. تۇڭگانلار كاشىغەردە دەھشەتلىك قەتلىئام يۈرگۈزۈپ ئالتە مىڭغا يېقىن بىگۇناھ پۇقرانى ئۆلتۈردى. يۈسۈپجان تاغقا قېچىپ كەتتى.


15-فېۋرال سوۋېتنىڭ قوشۇنى ماجۇڭيىڭنىڭ كەينىدىن قوغلاپ زەربە بەردى. قاراشەھەرنى بومباردىمان قىلدى.


26-فېۋرال خوجىنىياز ھاجى ئەركەشتامغا باردى.


11-مارت ماجۇڭيىڭ كاشىغەرگە كىردى.


27-مارت ماجۇڭيىڭ خوتەن ھۆكۈمىتى بىلەن يېڭىساردائۇرۇشتى. خوتەن ئەسكەرلىرى قاتتىق قارشىلىق قىلغان بولسىمۇ، مەغلۇپ بولدى.


13-ئاپرېل ئەركەشتامدىن قايتىپ كەلگەن خوجىنىياز ھاجى سوۋېتنىڭ بېسىمىغا بىنائەن سابىت داموللا، زېرىپ قارىھاجى قاتارلىق كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلدى. «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» رەسمىي ئاياغلاشتى.


12-ماي تۇڭگانلار ياركەنتكە كىردى.


5-ئايدىن باشلاپ تۇڭگانلار خوتەنگە بولغان ھۇجۇمنى كۈچەيتتى.


ئىيۇندا ماجۇڭيىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتتى. قېيىن ئاكىسى ماخۇسەن ئەسكەرلىرىگە باشچىلىق قىلدى.


26-ئىيۇن ماخۇسەن خوتەن ھۆكۈمىتىنى يىقىتىپ، خوتەننى ئۆز تەسەررۇپىغا ئالدى.


5-ئىيۇل تارمار بولغان خوتەن ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ھىندىستانغا چىقىپ كەتتى.


ئاۋغۇسنىڭ ئوتتۇرىلىرى خوجىنىياز ھاجىم شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە چىقتى. شۇ يىلدىن باشلاپ، تاشكەنتكە دىيارىمىزدىكى بالىلاردىن يىلدا ئىككى يۈزدىن يېقىن ئوقۇغۇچى چىقىرىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.



1935-يىلى شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن 5مىليون رۇبلى قەرز ئېلىپ، سوۋېت بىلەن دوستلىشىشتەك ئاتالمىش «ئالتە بۈيۈك سىياسەت»نى ئېلان قىلدى.



1936-يىلى ماخۇسەن شېڭ شىسەيگە تەۋە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



1937-يىلى شېڭشىسەي سوۋېتتىن يەنە 2مىليون قەرز ئالدى.


5-ئايدا شېڭ شىسەي جۇڭگو كومپارتىيسى ئۇزۇن سەپەر غەربىي يۆنىلىش ئارمىيسىنىڭ400 نەچچە ئادىمىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.


10-ئايدا ئۈرۈمچىدە «سەككىزىنچى ئارمىيە ئىش بېجىرىش ئورنى» قۇرۇلدى.


12-ئۆكتەبىر «سۈيقەستلىك توپىلاڭ» دېگەن بىر نېمىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، خوجىنىياز ھاجىم باشلىق دىيارىمىزنىڭ سەرخىل ئوغلانلىرىنى قىرغىن قىلدى.


2-ئاپرېل مەھمۇت مۇھىتى يېقىنلىرى بىلەن كاشىغەردىن چىقىپ ھىندىستانغا كەتتى.


ئارقىدىنلا مەھمۇت مۇھىتىنىڭ كىشىلىرىدىن ئابدىنىياز كامال مىللىي قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، خوتەندىكى ماخۇسەن بىلەن بىرلىكتە شېڭ شىسەيگە قارشى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇشنى باشلىدى. بۇ قوشۇن تاكى قاراشەھەرگە قەدەر يېتىپ كەلدى.


8-ئايدا چېگرىدىن كىرگەن ئىلغار قۇراللانغان سوۋېت قىزىل ئارمىيسى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنىپ، ئىككى ئايدىن كېيىن قوزغىلاڭچى قوشۇننى تەلتۆكۈس يوقاتتى.



1938-يىلى 1-ئايدا شېڭشىسەي سوۋېت قىزىل ئارمىيسىنى قۇمۇلدا تۇرغۇزدى. سوۋېت كومپارتىيسىگە ئەزا بولدى.



1939-يىلى 9-ئايدا شېڭ شىسەي ئالتايدا قازاقلارنىڭ قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلىش ۋە باشلىقلىرىنى قولغا ئېلىشقا باشلىدى.


11-ئايدا شېڭ شىسەي ئالتايدا قورال يىغىش ئۈچۈن 600 كىشىلىك يىغىن چاقىرىپ، بەزىلەرنى قولغا ئالدى.


12-ئايدا ئالتايدا قورال-ياراق ئېنىقلاش كومىتېتى قۇرۇلدى.



1940-يىلى 2-ئاتدا قازاقلار ئالتاي سارتېرەكتە قورال يىغىشقا كەلگەن 7 ئەمەلدارنى ئۆلتۇردى.


20-فېۋرال قازاق قوزغىلاڭچىلار كۆكتوقاي ھۆكۈمەت بىناسىنى ئىشغال قىلدى.


9-ئايدا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قوزغىلاڭچىلارنىڭ 5 شەرتىنى قوبۇل قىلدى.



1941-يىلى شېڭشىسەي دىيارىمىزنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇشنى تەشەببۇس قىلدى.


6-ئايدا قازاقلار كۆكتوقاي ئالاردا سوۋېتلارنىڭ گۆھەر كان ئېچىشىغا قارشى قوزغىلاڭ قىلدى.


7-ئايدا شېڭ شىسەي كۆكتوقايغا ئايروپىلان، برونېۋىكلار بىلەن 7000 ئەسكەر ئەۋەتىپ قوزغىلاڭچىلار بىلەن سوقۇشتى.


8-ئايدا شېڭ شىسەي يەنە چىڭگىلدىكى قوشۇنىغا ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىپ، قوزغىلاڭچىلارنى ئايروپىلان بىلەن بومباردىمان قىلدى.


9-ئايدا كۆكتوقايدا چوڭ قار يېغىپ، قوزغىلاڭچىلار تەسلىم بولدى. شېڭ شىسەي 12 ئادەمنى قولغا ئالدى.



1942-يىلى 20-ئىيۇل جۇ شياۋلياڭ ئۈرۈمچىگە كەلدى.


17-سېنتەبىر شېڭ شىسەي چېن تيەنچيۇ، ماۋ زېمىن قاتارلىق 164نەپەر كوممۇنىستلىرىنى قولغا ئالدى.


5-ئۆكتەبىر شېڭ شىسەي سوۋېتقا ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، 3 ئاي ئىچىدە ھەممە ھەربىي ۋە يەرلىك خادىملىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.


يىل ئاخىرى ئوسمان ئىسلام چىڭگىل ئورمانلىقىدا پارتىزانلىق قىلدى، ئەسكەر سانى 80 نەچچىگە يەتتى. بۈگۈن «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئىنقىلاب مۇشۇ ئالتاي تاغلىرىدىن باشلاندى.



1943-يىلى ئۈرۈمچىدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە كونسۇلخانىلىرى قۇرۇلدى. تاشكەنت، ئالمۇتالاردا “شەرققە ياردەم بېرىش كومىتېتى” قۇرۇلدى. “شەرق ھەقىقىتى”، “قازاق ئېلى” ژۇرناللىرىنى بېسىپ شىنجاڭغا كىرگۈزدى.


16-يانۋار گومىنداڭ ئۈرۈمچىدە پىرقە بۆلۈمىنى قايتا قۇردى. شۇ يىلدىلا 7200 ئەزا قوبۇل قىلدى.


4-ئايدا سوۋېت قىزىل ئارمىيە 8- پولكا سوۋېتقا چېكىنىپ كەتتى.


5-ئايدا سوۋېت ئوسمانغا قورال ۋە ئىقتىسادى ياردەم بەردى.


9-ئايدا چۆچەكنىڭ شىمالىدىكى قىزبەيىت تېغىدا رىپوۋ پارتىزانلار ئەترىتى قۇرۇلدى.


ئىسھاقبېك تاشقورغانغا كېلىپ ئازادلىق تەشكىلاتىنى قۇردى. موڭغۇل ھۆكۈمەت ۋەكىلى دۇپدۇن كېلىپ ئوسمانغا ياردەم بەردى.گومىنداڭنىڭ 70مىڭ ئەسكىرى بارىكۆلگە كىردى.


12-ئايدا ئوسمان بۇلغۇن دەرياسى بويىدا “ئالتاي قازاق مىللىي ئاقارتىش كومىتېتى”نى قۇرۇپ 8 ماددىلىق تەشەببۇسنى تارقاتتى.



1944-يىلى ئامېرىكا غۇلجىدا كونسۇلخانا قۇردى.


5-ئاپرېل ئوسمان ياغاچوبادا شېڭ شىسەينىڭ بىر پولكىنى يوقاتتى. موڭغۇلىيە ھۆكۈمەت رەئىسى چويبالسان چېگرادا ئوسماننى قوبۇل قىلىپ مەسلىھەتچى ۋە قورال بىلەن تەمىنلىدى. جۇ شاۋلياڭ ئۈرۈمچىگە بىۋاسىتە قوماندانلىققا كەلدى. ئالتاي پارتىزانلىرى بۇلغۇن دەرياسى بويىدا قۇرۇلدى. سۇلۇباي قوماندان بولدى.


9-ئاپرېل غۇلجىدا «غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى» قۇرۇلدى. ئېلىخان تۆرە رەئىس بولدى.


10-ئاپرېل ئامېرىكا پرېزىدېنتى روزۋېلت جياڭ جيېشىگە تېلېگرامما يوللاپ، "شىنجاڭدىكى جىددىي مۇناسىۋەتنى پەسەيتىش"نى تەلەپ قىلدى.


13-ئاپرېل چىڭگىل ھاكىمى تاۋ بەيچۈەن قاچتى ۋە گۇچۇڭ يولىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.


ئىيۇندا دەلىلقان سۇگۇربايېۋ تومۇرخان ئارۇپباي قاتارلىق 13 سوۋېت مەسلىھەتچىلەرى بىلەن چىڭگىلغا بېرىپ ئالتاي پارتىزانلىرىنى يېتەكچىلىك قىلدى. ئوسمان قوشۇنى چوڭ ئەترەتنىڭ باشلىقى قۇۋانىشباي 400 ئەسكەر بىلەن سارسۇمبە، بورچىنلارغا باردى.


8-ئىيۇن قاسىماخۇن ئىسمايىلوۋ قاتارلىق پارتىزانلار چۆچەكتىن سوۋېت تەرەپكە ئۆتۈپ، ئابدۇللا رامىزانوۋىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شۇ يەردە ئېمىل قوماندانلىق شتابىنى قۇردى.


15-ئىيۇل ئېمىل شتابى چۆچەكتىكى 3 پارتىزانلار گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.


قابدىل باشلىق 50 نەچچە موڭغۇلىيە ھەربىي مەسلىھەتچىلىرى ئالتايدىن قېچىپ كەلگەن 100دىن ئارتۇق پارتىزاننى باشلاپ بورچىنگە كەلدى. تاشقورغاندا 120 نەچچە كىشىلىك تاجىك پارتىزانلار ئەترىتى قۇرۇلدى.


20-ئىيۇل ئوسمان قوشۇنىدىكى قۇۋانىشباي بورۇلتوقايدا پارتىزان ئەترىتى قۇردى.


10-ئىيۇل جىمىنەي پارتىزانلىرى ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلدى. تارباغاتايدىكى 3 جەڭگىۋار گۇرۇپپا ئابلىمىت ھاجىيوۋلارنىڭ باشچىلىقىدا بىرلىشىپ «مىللىي ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش تەشكىلاتى»نى قۇردى.


30-ئىيۇل قابا پارتىزانلىرى ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلدى.


8-ئاۋغۇست قابا پارتىزانلىرى ئالتاي پارتىزانلىرى بىلەن چىڭگىلدا ئۇچراشتى.


11-ئاۋغۇست شېڭ شىسەي «توپىلاڭ كۆتۈرۈشنى قەستلىگەن» دېگەن دېلو بىلەن 300دىن ئارتۇق گومىنداڭچى ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي ئەمەلدارلارنى قولغا ئالدى. ئۇنىڭغا چېتىلغانلار 500دىن ئاشتى.


17-ئاۋغۇست فاتىخ باتۇر، غېنى باتۇر پارتىزانلىرى ئۇلاستايدا نىلقا ساقچىلىرى بىلەن سوقۇشۇپ «نىلقا قوزغىلىڭى»نى قوزغىدى.


20-ئاۋغۇست نىلقا پارتىزانلىرى كۆپىيىپ 200دىن ئاشتى، 60تىن ئارتۇق مىلتىققا ئىگە بولدى. فاتىخ باتۇر قوماندان بولدى.


29-ئاۋغۇست گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شېڭ شىسەينى دۇبەنلىكتىن قالدۇرغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.


2-سېنتەبىر جۇ شاۋلياڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ھەربىي قوماندانلىقنى ئۈستىگە ئالدى.


3-سېنتەبىر   گومىنداڭنىڭ ئالتاي، چۆچەككە ئەۋەتكەن ئەسكىرى 10 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، غۇلجىدا ئاران 2500 ئەسكەر قالغان ئىدى.


11-سېنتەبىر شېڭ شىسەي چوڭچىڭغا كەتتى. ئۇنىڭ تېررورلۇقىدا قولغا ئېلىنغان ئادەم 120-130 مىڭ، ئۆلگەنلەر 60 مىڭدىن ئاشقان. ئۇ مېڭىشتا قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى ھەربىي ئايروپىلان بىلەن 3 قېتىم يۆتكەپ بولۇپ، قالغانلىرىنى ئائىلە-جەمەتلىرى بىلەن 180 ئاپتوموبىلغا توشقۇزۇپ ماڭغان.


22-ئاۋغۇست پارتىزانلار بۇرۇلتوقايغا ھۇجۇم قىلدى.


4-ئۆكتەبىر ۋۇ جوڭشىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆلكە رەئىسى بولدى.


5-ئۆكتەبىر فاتىخ باتۇرلار 3 يولغا بۆلۇنۇپ نىلقىغا ھۇجۇم قىلدى. ئۈچىنچى كۈنى نىلقا ئېلىندى.پارتىزانلار نىلقىدا 800گە يېتىپ ئۇيغۇر، قازاق ۋە رۇسلاردىن بولۇپ 3 ئەترەتكە بولۇندى.


6-ئۆكتەبىر ۋۇ جۇڭشىن ئۆلكىلىك يىغىن چاقىرىپ «قورشاپ يوقىتىش بىلەن تەسەللى بېرىشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش» سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئارقىدىن بۇرھان قاتارلىق 270 ئادەمنى تۈرمىدىن چىقاردى.


ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا جىمىنەي، قوبۇقسار، قابا، بۇرۇلتوقاي پارتىزان مەسئۇللىرى قىزىل ئادىردا يىغىن ئېچىپ «ئازادلىق تەشكىلاتى» بىلەن پارتىزانلار بىرلەشمە شتابىنى قۇردى.


چىڭگىلنىڭ بۇلغۇن ئوزەن بازىرىدا «ئالتاي ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» قۇرۇلدى. ئوسمان ۋە دەلىلقان باشلىقىدا 12 ئادەم ھۆكۈمەت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى. قازاق مىللىي ئارمىيىسى قۇرۇلۇپ 9 چوڭ ئەترەتكە بولۇندى.


5-نويابىر نىلقا پارتىزانلىرىنىڭ 2- ئەترىتى غۇلجىغا يېتىپ كېلىپ ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلدى. گومىنداڭ 128- دېۋىزىيىسىنىڭ بىر باتاليون ئەسكىرى 3 ئايروپىلان بىلەن قارشىلىق قىلىپ پارتىزانلارنى تۇرپانيۈزىگە چېكىندۈردى.


6-نويابىر ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ ۋە سوۋېت ئوفىتسېرى پېتىر ئالىكساندروۋ 60 نەچچە ئەسكەر بىلەن سوۋېتتىن قورغاس يېڭى تال ئارقىلىق غۇلجىغا كىردى. ئۇلار غۇلجىدا ھەربىي ئىشلار قوماندانلىق شتابىنى قۇرۇپ ئالىكساندروۋ قوماندان بولدى. لېسكىن پارتىزانلىرى لوسىگۇڭ ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلىپ لوسىگۇڭ رايونىنى ئىشغال قىلدى. ئۇلارنىڭ ئادىمى تىزلا 300گە يېتى.


10-ئۆكتەبىر سېيىت باشچىلىقىدىكى پارتىزانلار غۇلجا گومىنداڭ ھەربىي شتابىنى ئالدى. غېنى باتۇر باشچىلىقىدىكى قوشۇن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنى ئالدى. گومىنداڭنىڭ بىر باتاليونىنى يوقاتتى.


12-نويابىر غۇلجا ئاساسەن پارتىزانلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. گومىنداڭ ۋە خەنزۇ ئاممىسى بولۇپ، 8000 ئادەم ھەرەمباغ، ئايرودروم ۋە لاڭشاڭلارغا كىرىۋالدى.«شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» غۇلجىدىكى ئۇيغۇر قازاق قىرغىز كۇلۇبىدا رەسمىي قۇرۇلدى. ئەلىخان تۆرە رەئىس، 16 كىشى ھۆكۈمەت ئەزاسى بولدى. دۆلەت بايرىقىنىڭ تېگى يېشىل، ئوتتۇرىسى سېرىق ھىلال ئاي ۋە يۇلتۇزلۇق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى.


16-نويابىر گومىنداڭنىڭ موڭغۇلكۈرەدىكى ئەمەلدارلىرى شەھەرنى تاشلاپ جەنۇبقا قاچتى. ھوشۇر بىر نەچچە يۈز ئادەمنى تەشكىللەپ، ئۇلارغا شوتا ئەتراپىدا ھۇجۇم قىلدى. موڭغۇلكۈرە پارتىزانلىق ئەترىتى قۇرۇلدى. ئۇلار مۇزاتتىن كەلگەن گومىنداڭنىڭ 2 باتاليونىنى چېكىندۈرۈپ غۇلجىنى بىخەتەر قىلدى.


17-نويابىر جۇمھۇرىيەت ئورگان گېزىتى «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتخانىسى قۇرۇلۇپ ھەبىب يۇنىچ باشلىق بولدى. گېزىت ئۇيغۇر، قازاق، رۇس ۋە خەنزۇچە 4 تىلدا رەسمىي نەشر بولدى.


19-نويابىر «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ نازارىتى» قۇرۇلدى. ھەبىب يۇنىچ نازىر، سەيپىدىن ئەزىزى مۇئاۋىن بولدى.


20-نويابىر «شەرقىي تۈركىستان پەۋقۇلئاددە ھەربىي سوتى» قۇرۇلدى. سوۋېت گېنېرالى كوزلوۋ قوماندانلىقىدىكى پارتىزان ئەترىتى قورغاس بازىرىنى ئالدى.


نويابىرنىڭ ئاخىرىجۇمھۇرىيەت دىن نازارىتى قۇرۇلۇپ ئابدۇلمۇتالى خەلپەت نازىر بولدى.


جۇمھۇرىيەت ئالىي مەھكىمە شەرئىيە قۇرۇلۇپ زەرىف قارىھاجى باشلىق بولدى.


جۇمھۇرىيەت تەشۋىقات بۆلۈمى قۇرۇلۇپ ئابدۇكەرىم ئابباسوۋ باشلىق بولدى.


جۇمھۇرىيەت چارۋىچىلىق ئىدارىسى قۇرۇلۇپ ئوبۇلخەيرى تۆرە باشلىق بولدى.


شەقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بانكىسى قۇرۇلۇپ ھۈسەيىن تارانوۋ باشلىق بولدى.


جۇمھۇرىيەت مالىيە نازارىتى قۇرۇلۇپ ئەنۋەر مۇسابايوۋ نازىر بولدى.


شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى سوۋېت مۇتەخەسسىسلەرنى مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلدى. ھۆكۈمەت سوۋېت ئالىي مەسلىھەتچىلىرىدىن ۋىلادەمىر كوزلوۋ ئومىگىنى «1- نومۇرلىق ئۆي» ۋە ۋىلادەمىر ستىفانوۋىچ ئومىگىنى «2- نومۇرلىق ئۆي» نامىدا تەكلىپ قىلدى.


19-دېكابىر غېنى قوشۇنى بىلەن ئېردەنى قوشۇنى بىرلىشىپ ئارشاڭغا ھۇجۇم قىلدى. گومىنداڭ قوشۇنىنى تارمار قىلىپ ئەتىسى بازارنى ئالدى.


31-دېكابىر موگۇتنوۋ ۋە لومىيوۋ پارتىزانلىرى سۈيدۈڭنى ئالدى. ئىسھاقبېك مونونوۋ باشلىقىدىكى بىرلەشمە قوشۇن كۈرەنى ئالدى.



1945-يىلى 1-يانۋار ھەربىي سوت كۈرەگە ھۇجۇم قىلغاندا كىرىپ بىر مۇنچە بىگۇناھ خەنزۇنى ئۆلتۈرگەن لاتىپقا ئۆلۈم جازاسى بەردى. جۇمھۇرىيەت سەھىيە نازارىتى قۇرۇلۇپ قاسىمجان قەمبىرى نازىر بولدى.


5-يانۋار جۇمھۇرىيەت 4- سانلىق يىغىنىدا 9 تۈرلۈك خىتابنامە ئېلان قىلىپ «شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا گومىنداڭنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش»نى قارارلاشتۇردى.


7-يانۋار ھۆكۈمەت 5- نومۇرلىق قارارنى ماقۇللاپ ھەربىي ئىشلار نازارىتىنى قۇردى. پېتىر رومانوۋىچ ئالىكساندروۋ نازىر بولدى. دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى قۇرۇلۇپ، جانى يولداش مۇدىر بولدى. يەر-سۇ نازارىتى قۇرۇلۇپ، سالىجانباي باباجان نازىر بولدى. جۇمھۇرىيەت 100، 300، 500 ۋە 1000 سوملۇق قەرەللىك چەك قەغەز پۇلىنى تارقاتتى.


11-يانۋار خۇاڭ ۋەنسى 2 باتاليون بىلەن يېڭى ئەرتەيدىكى پارتىزانلارغا ھۇجۇم باشلىدى. فەن يۇرەن بىر قوشۇننى باشلاپ قار داۋانغا، بىر قوشۇننى باشلاپ كوكەرچىن داۋىنىغا ئاتلاندى.


13-يانۋار شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا قۇربان بولدى.


1-ئوتتۇرىسىدا سوۋېت ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى قورغاستا ئوفىتسېرلار كۇرسىنى (بىر قارار 3 ئاي) ئاچتى ۋە باياندايدىمۇ 3 قارار كۇرس ئېچىپ 450 كۇرسانتنى يېتىشتۈردى.


20-يانۋار غۇلجا پارتىزانلىرى، خەلق ۋە سوۋېت ياردەمچى قوشۇنى بىرلىشىپ پىلچىدە شيەنيىفىڭ قوشۇنىنى يوقاتتى.


28-يانۋار پارتىزانلار غۇلجا لاڭشاڭنى ئالدى


1-فېۋرال پارتىزانلار ھەرەمباغنى ئالدى. غۇلجاتولۇق ئازاد بولدى. ئۇرۇشتا گومىنداڭنىڭ 1500 ئەسكىرىنى يوقىتىپ، 3700 ئەسكەر ۋە خەلقىنى ئەسىرگە ئالدى، 2100 مىلتىق، 5 مىناميوت، 98 پىلىموت، 54 ئايروپىلان، 16 ئاپتوموبىل ۋە 8 راتىسيەنى ئولجا ئالدى.


20-فېۋرال پارتىزانلار بورىتالا بازىرىنى ئالدى. ئىككى تەرەپ داھىيەنزىدە تىركىخىپ قالدى.


26-مارت جۇمھۇرىيەت دىنىي ئىخلار نازارىتى ئوچۇق خەت ئەلان قىلىپ خەلقنى ئىنقىلاپقا سەپەرۋەر قىلدى.


جۇمھۇرىيەت پالىنوۋنى مىللىي ئارمىيە باش قوماندان، زۇنۇن تەيىپوۋنى مۇئاۋىن باش قۇماندان، ماجاروۋنى سەنمۇجاڭ، رۇسۇلوۋ پەھىردىن ھوجانى ئارقا سەپ تەمىنات بولۇم باشلىغى، ئابدۇكەرىم ئابباسوۋنى سىياسى بولۇم مۇدىرى، غەنى باتۇرنى ھەربى سوت باشىلىغى، ئابدۇغۇپۇر سابىرھاجىنى ھەربى تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىش، رازىيوۋ داموللانى مىللىي ئارمىيە دىنىي ئىشلار مەسۇلى قىلىپ تەيىنلىدى.


جۇمھۇرىيەت زۇنۇن تەيىپوۋنى ھەربىي ئىشلار نازىرلىغىدىن قالدۇرۇپ ئورنىغا ئەخمەتجان قاسىمىنى قويدى.


8-ئاپرېل جۇمھۇرىيەت غۇلجىدا 10 مىڭ كىشىلىك مىللىي ئارمىيە قۇرۇلۇش يىغىنى ئۆتكۇزدى. رەئىس ئەلىخان تورە قىسىملارغا “شەرقىي تۇركىستان مۇستەقىللىغى ئۈچۇن ئالغا” دىگەن شۇئار يېزىلغان ئاي يۇلتۇزلۇق ھەربى بايراق بىلەن ئايەت يەزىلغان دىنىي ئاق بايراقنى تۇتقۇزدى.


1-ماي “ئازاد شەرقىي تۇركىستان” گېزىتى “تار مىللەتچىلىك ۋە ئەمەلپەرەسلىك ئەڭ ئەشەددى دۇشمىنىمىز” دىگەن ماقالىنى ئېلان قىلدى.


ئىيۇنگومىنىداڭنىڭ بۇرۇلتوقايدىكى باشلىقلىرى شەھەرنى تاشلاپ بۇرچىنگە قاچتى.


مىللىي ئارمىيە باش شىتابى ساۋەنگە 200 نەچچە كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىپ قالىبەك پارتىزانلىرى بىلەن كۆرۇشتى.


5-ئىيۇل جياڭ جيېشى يىغىندا سوۋېت شەرقىي شىمال بىلە شىنجاڭ زېمىنىغا چېقىلمىسا تاشقى موڭغۇلىيىنى بېرىشنى ئويلىشىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.


9-ئىيۇل ستالىن سوڭ زىۋېننىڭ تەلەپلىرىگە قوشۇلۇپ "شىنجاڭغا ئوغۇرلۇقچە" قورال يۆتكەشنى توسۇشقا ماقۇل بولدى.


25-ئىيۇل لېسكىن 3- پولكى ۋە مايلى ئەترىتى دوربىلجىندىن جەنۇبقا يولغا چىققان گومىنداڭنى تارمار قىلدى. ئەتىسى دۆربىلجىندىن ياردەمگە كەلگەن گومىنداڭ قوشۇنىغا زەربە بەردى.


30-ئىيۇل چاغانتوقاي پارتىزانلىرى ناھىيىگە ھۇجۇم قىلدى، ھاكىمى ساۋەنگە قاچتى.


29-ئاۋغۇست ماۋزېدۇڭ چۇڭچىڭغا بىتىم ئىمزالىغىلى باردى. ماۋزېدۇڭ "جۇڭگو كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئۆزىنى ئازاد قىلىش يولىدا ئېلىپ بارغان كۆرىشىگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە مەنىۋى جەھەتتە مەدەت بەرىدىغانلىقىنى" بىلدۇردى. سوپاھۇن قوشۇنى ئاقسۇغا ھۇجۇمغا ئاتلاندى.


3-ئاۋغۇست مىللىي ئارمىيە ئاتلىق ئەسكەرلىرى، جەمىنەي، قوبۇقسار پارتىزانلىرى بىرلىشىپ بۇرچىننى ئىگەللىدى. گومىنداڭنىڭ مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى ئەسىرگە چۈشتى. ئارمىيە سارسۇمبىگە قاراپ ئىلگىرلىدى.


7-ئاۋغۇست پالىنوۋ ئاساسلىق كۈچنى يۆتكەپ كېلىپ سوۋېتنىڭ 3 ئايروپلان، برونىۋېك ۋە توپچى قىسىملىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى. 8- چىسلا شىخو بازىرى ئېلىندى. مىللىي ئارمىيە گومىنداڭ قوغلاپ ئايرودروم، كۇيتۇڭ، مايتاغلارنى ئىگەللەپ، يەنسىخەيگە ئىلگىرلىدى. ئۇرۇشتا 900دىن ئارتۇق گومىنداڭ ئەسكىرى يوقالدى، مىڭدىن ئارتۇقى ئەسىرگە چۇشتى.


9-ئاۋغۇست مىللىي ئارمىيە مۇستەقىل ئاتلىق ئىسكادرونى سارسۇمبىگە مېڭىپ دەلىلقان پارتىزانلىرى بىلەن ئۇچراشتى. 6- چىسلا ۋەن لىڭيۈەن گومىنداڭ ئەسكەرلەرى ۋە 3 مىڭ جۇڭگو ئاممىسىنى باشلاپ موڭغۇلىيە تەرەپكە قاچتى. مىللىي ئارمىيە سارسۇمبەنى ئېلىپ، قاچقانلارنى 7- چىسلا قوغلاپ يېتىپ تەسلىم قىلدى. ئالتاي پۈتۈنلەي ئازاد بولدى.


6-سېنتەبىر سوۋېت ھۆكۈمىتى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە: شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى ھەر مىللەت خەلقىنى قاتناشتۇرسىلا، ئالاھىدە ئىشلاردا كەڭرەك بولسىلا شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ، دەپ ئىپادىلىدى.


8-سېنتەبىر ئاتلىق پارتىزانلار ئاقسۇنى مۇھاسىرىگە ئالدى. گومىنداڭ قوشۇنى قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. شەھەردىكى لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق 28 ياشنى ئولتۇرۋەتتى.


10-سېنتەبىر چىڭخەيدىكى 5- ئاتلىق كورپۇسى قۇمۇلدىن ئۈرۈمچىگە ماڭدى.


مىللىي ئارمىيە ماناس دەرياسىنىڭ غەربىگە يۈرۈش قىلدى. ئۈرۈمچىگە 150 كىلومىتىر قالدى. جۇ شاۋلياڭ جياڭ جيېشىگە 8 سائەت ئىچىدە 3 قېتىم تېلىگرام بېرىپ ياردەم سورىدى.


13-سېنتەبىر جاڭ جىجۇڭ مەسئۇد، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، ۋاڭ زەڭشەن، جاڭ جىڭيۇ، مۇھەممەتئىمىن بۇغرا، ليۇمىڭچۈەن، توڭ شىگاڭ قاتارلىقلارنى باشلاپ ئۈرۈمچىگە كەلدى. ئۇلار بىردەك: ھەربى كۈچ ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن قىلچە ئۈمىد يوق، سىياسى يول بىلەن ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ياھشى ۋاستىچى سوۋېت ئىتتىپاقى دەپ قاراپ، دەرھال ليۇ زېرۇڭنى سوۋېت بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتتى.


17-سېنتەبىرسوۋېتنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى بۇيرۇققا بىنائەن گومىنداڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە مۇنۇلارنى ئۇقتۇردى: يېقىندا بىر مۇنچە مۇسۇلمانلار ئوزلىرىنى شىنجاڭدىكى قوزغىلاڭچى خەلقنىڭ ۋەكىلى دەپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ ۋاستىچى بولۇپ، ئۆزلىرى بىلەن جۇڭگو دائىرلىرى ئۆتتۇرسىدا يۇز بەرگەن توقۇنۇشنى ياراشتۇرۇپ قويۇشنى ئۇمىد قىلىدىغانلىقىنى ئاسترىتتىن بىلدۇردى ھەمدە قوزغىلاڭچى خەلقنىڭ ئەئاسلىدىلا جۇڭگودىن ئايرىلىپ كەتىش نىيىتى يوق، ئۇلارنىڭ مۇددىئاسى مۇسۇلمانلار شىنجاڭدىكى كوپ ساننى ئىگەللىگەن جايلاردا ئاۋتونومىيەنى يولغا قويۇش مەقسىتىگە يەتىشتىن ئىبارەت دەپ ئىزھار قىلدى.


17-سېنتەبىر جياڭ جيېشى يوليورۇق بېرىپ سوۋېتكە: سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ياردەملىشىشنى خالىسا،ھۆكۈمىتىمىز تولىمۇ مىننەتدار بولىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ مەسىلىنى تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىش چارىسىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۇن، ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلارنىڭ ئۈرۈمچىگە ۋەكىل ئەۋەتىپ سىياسىي بۆلۈم باشلىقى جاڭ جىجۇڭ بىلەن كۆرۈشىشىنى ئۇقتۇرۇپ قويسا، دېدى.


18-سېنتەبىر ساۋەن ۋە تارباغاتاي تولۇق ئازاد بولدى.


20-سېنتەبىر ئالتاي پارتىزان ئەترىتى ئالتاي قازاق ئاتلىق ئەسكەرلەر مۇستەقىل پولكىغا ئۆزگەردى. سېنتەبىردە مولوتوۋ گومىنداڭغا غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدە: بۇنداق ۋەقە بولۇش ۋاقىتلىق ھادىسە، ئۇزۇن ئۆتمەي بېسىقىدۇ، دېدى.



1946-يىلى 2-ئىيۇلدا ئىككى تەرەپ 11 ماددىلىق بىتىم بىلەن 3 ماددىلىق قوشۇمچە بىتىم گە قول قويدى.


تاشقورغان ئارمىيىسى قاغىلىقنى ئالدى.


4-يانۋار تاشقورغان ئارمىيىسى پوسكامنى ئالدى.


6-يانۋار جياڭ جيېشى بىتىمنى تەستىقلىدى.


16-29-يانۋارتاشقۇرغان ئارمىيەسى يەكەنگە ھۇجۇم قىلىپ ئالالمىدى.


27-يانۋار جۇمھۇرىيەت 213- ھۆججەتنى ئېلان قىلىپ، خانىم-قىزلار جەمىئيىتى قۇرۇشنى قارار قىلدى. جەمىيەت 2- ئاينىڭ 4- كۇنى قۇرۇلۇپ ئەزىز پاشا (ئەلىھان تورەنىڭ قىزى) رەئىس بولدى.


30-يانۋار گومىنداڭ 36- ئاتلىقلار پولكى پوسكام ۋە قاغىلىقلارنى قايتا ئىشغال قىلدى.


يانۋار ئوسمان گومىنداڭغا بويسۇنۇدىغانلىقىنى بىلدۇردى.


«شەرقى تۇركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى مىللىي ئارمىيە كومېتىتى» قۇرۇلدى، ئابباسوۋ رەئىس بولدى.


5-فېۋرال جۇمھۇرىيەتلىك ئالى سوت خەنزۇلارنىڭ مېلىنى بۇلىغان مۇقاش، ئومەرغالى، ھەيداربەكلەرگە ئۆلۇم جازاسى بەردى.


7-فېۋرال گومىنداڭ تاشقورغانغا ھۇجۇم قىلىپ، قۇنجىراپ، كاچۇڭ ئەتراپىدا تىركىشىپ قالدى.


20-مارت مىللىي ئارمىيە ئىسھاقبەگنى 400نەچچە ئەسكەر، 240 مىلتىق ۋە پىلىموت، 16 زەمبىرەك بىلەن سوۋېت ئارقىلىق تاشقورغان ئارمىيەسىگە ياردەمگە ئەۋەتتى.


23-مات جۇمھۇرىيەت 249- ھۆججەتنى ئېلان قىلىپ، 8- ئاپرىلنى ئارمىيە بايرىمى قىلىشنى بەلگۇلىدى.


28-مارت گومىنداڭ جاڭ جىجۇڭنى ۋۇ جۇڭشىننىڭ ئورنىغا قوشۇمچە ئۆلكە رەئىسى قىلىپ بەكىتتى.


مارتتا ئىلىدا خەنزۇ، تۇڭگان، موڭغۇل، قازاق، قىرغىز مەدەنىيەت ئۇيۇشمىلەرى قۇرۇلدى.


7-ئاپرېل رەھىمجان،ئەخمەتجان قاتارلىقلار جاڭ جىجۇڭ بىلەن قوشۇمچە 2- ھۆججەت ئۇستىدە سۆھبەتلەشتى.


10-ئاپرېل تاۋ سىيۆ شىنجاڭ گارنىزونىڭ باش قوماندانى بولدى.


13-ئاپرېل جۇمھۇرىيەت 260- ھۆججەتنى ئېلان قىلىپ، ئوسمان بىلەن دەلىلقانغا "ئازادلىق" ئوردىنى بەردى.


16-ئاپرېل ئوسمان دەلىلقان بىلەن زىددىيەتلىشىپ كۆكتوقايغا كۆچۇپ كەتتى.


مايدا ئابدۇكەرىم ئابباسوۋلار غۇلجىدا خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى دىگەن مەخپى تەشكىلاتنى قۇردى. مەركىزى كومېتىت 7 كىشىدىن تەركىپ تاپتى. ئۇلارغا لۇتپى (ئابباسوۋ)، ئىجات (ئەسەت ئىسھاقوۋ)، نۇر (سەيپىدىن)، ئىلدان (سەيپۇللايوۋ)، نىجات (مەمتىمىن ئىمىنوۋ)، چولپان (ئەنۋەر خانبابا) دىگە مەخپى ئىسىملار قويۇلدى.


5-ئىيۇن مىللەت ۋەكىللەرى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزالەرى تېزىملىكىگە 3 تۇرلۇك پىكىر بەردى: (1) جاڭ جىجۇڭ ھۆكۈمەت ئەزاسى بولسۇن، (2) مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇشىغا قارشى تۇرىمىز، (3) ئەخمەتجان قاسىمى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇۋىن رەئىسى بولۇشى كېرەك. جاڭ پىكىرلەرگە قوشۇلۇش بىلەن يەنە مۇھەممەت ئىمىننىڭ ئورنىغا بۇرھاننى قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.


6-ئىيۇن بىتىم ۋەكىللەرى بىتىمنىڭ قوشۇمچە ھۆججەت (2)گە رەسمى ئىمزا قويدى: مىللىي ئارمىيە 6 پولىكقا قىسقارتىلىدۇ. ئومۇمى ئادەم سانى 11-12 مىڭغىچە بولىدۇ. بۇ 6 پولك ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلەرىدىلا تۇرىدۇ.


8-ئىيۇن شۇ كۇندىن باشلاپ مىللىي ئارمىيەگە ئەسىرگە چۇشكەن 4000 گومىنداڭ ئەسكىرىنى ماناس دەرياسى بويىدا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى باشلىدى.


13-ئىيۇن مىللىي ئارمىيە ئىسھاقبەگكە تاشقورغاندىكى ھەربىي پائالىيەتلەرنى توختۇتۇپ دەرھال ئىلىغا قايتىشنى بۇيرىدى.


18-ئىيۇن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش بۇيرۇقى ۋە ئەزالىرىنى ئېلان قىلدى.


ئىيۇندائەلىخان تۆرە، ئەھمەت ھاجى، رەھىمجان سابىر ھاجى، ھۈسەن قارى قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى رەھبەرلەر غۇلجىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىلدى. ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكەرىم ئابباسوۋ قاتارلىق ئىلغارلار رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئىگەللىدى.


سوۋېت ئالى مەسلىھەتچىلەر "1- ئۆي"، "2-ئۆي" ئۆمىكى، باشقا مەسلىھەتچىلەر ۋە باش قوماندان پالىنوۋلار بۇيرۇققا بىنائەن دۆلىتىگە قايتتى.


23-ئىيۇن ئەخمەتجان، رەھىمجان ۋە ۋاڭ زىڭشەنلەر ماناس دەرياسى بويىغا بېرىپ ئىككى تەرەپ ئەسكەرلەرىنى چېكىندۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.


27-ئىيۇن جۇمھۇرىيەت 324- نومۇرلىق ھۆججەتنى ئېلان قىلىپ، ئىلى ۋىلايەتلىك كېڭىشىنى تەشكىللەپ ھاكىمبەگ خوجىنى باشلىق قىلىپ تەيىنلىدى، ئىسھاقبەگ مونونوۋنى مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىغىغا، دەلىلقان بىلەن زۇنۇن تېيىپوۋلارنى مۇئاۋىن قوماندانلىققا تەيىنلىدى، ھۆكۈمەت ئورگان گېزىتى "ئازاد شەرقى تۇركىستان"نى ئىلى ۋالى مەھكىمىسى ئورگان گېزىتىگە ئۆزگەرتتى.


1-ئىيۇل شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت رەسمىي قۇرۇلدى. قەسەمىيات يىغىنىغا سوۋېت، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە كونسۇللىرى قانتاشتى. مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان: بۇ بىتىمگە ئاساسەن بۇ يىل 6- ئاينىڭ 28- كۈنى بىز ئىلى، تارباغاتاي، ئالتاي ۋىلايەتلىرىدە قۇرۇلغان "شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيىتى" ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولدى دەپ ئېلان قىلدۇق. دېدى.


2-ئىيۇل "ئىنقىلابى شەرقى تۇركىستان" گېزىتىدە "شەرقى تۇركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارقىتۋېتىلىشى توغرىسىدا ئىككى كەلىمە سۆز" دېگەن ماقالە ئېلان قىلىنىپ: بۈگۈندىن باشلاپ "شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيىتى" ھۆكۈمىتى تارقىتۋېتىلدى، دەپ يازدى.


4-ئىيۇل ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسى يىغىن ئاچتى، ئوسمان سوۋېتنىڭ كۆكتوقايدا كان ئېچىۋاتقان خادىملىرىنى قوغلاپ چىقىرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. دەلىلقان قوشۇلمىدى.


22-ئاۋغۇست ئەخمەتجان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزالەرى يىغىنىدا سوز قىلىپ مۇنداق دىدى: "شەرقى تۈركىستان بىر جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ، ئۇنى سىياسىي پائالىيەت نەزىرىيىسى قىلۋېلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر كىمكى ئۇنى سىياسىي پائالىيەت نەزىرىيىسى قىلىۋالسا، ئۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ دۈشمىنى يەنى پۈتۈن ئۆلكە خەلقىنىڭ دۈشمىنى." ئۇ يەنە "شىنجاڭ جۇڭگونىڭ بىر تەركىبىي قىسمى، ئۈچ ۋىلايەت شىنجاڭنىڭ تەركىبىي قىسمى، ئىلى مېنىڭ كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن يەر، ئاتا-بوۋىلىرىمىز كۆمۈلگەن زېمىن، جۇڭگو بىزنىڭ دىيارىمىز، بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىز، بىزنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنىمىز ئازادلىق، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك" دىدى.


9-سېنتەبىر غۇلجىدا مەسئۇد تەشەببۇسىدا ئىلمى تەتقىقات جەمىيەتى قۇرۇلدى.


سېنتەبىردە تاشقورغان مىللىي ئارمىيەسى تارقىتۋەتىلدى.


22-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە جۇڭگو - سوۋېت ئىتتىپاقى مەدەنىيەت ئالامشتۇرۇش جەمىيەتى قۇرۇلدى.


22-نويابىر ئەخمەتجان نەنجىڭدە جياڭ جيېشى، جاڭ جىڭگو، بەي چۇڭشى، يۈ يۈرېن، شاۋ لىزى ۋە سۇن كېلار بىلەن كۆرۇشتى.


25-نويابىر مىللىي قۇرۇلتايدا ئۈچ ۋىلايەتنىڭ 7 ۋەكىلى قۇرۇلتايغا شىنجاڭنى "شەرقىي تۇركىستان جۇمھۇرىيەتى" دەپ ئاتاش تەكلىبىنى بەردى. شاۋ لىزى، جياڭ جيېشىلەر ۋەكىللەرگە كۆپ مەسلىھەت بېرىپ ئاخىرى پىكىرىدىن قايتۇردى.


جاڭ جىجۇڭ "شىنجاڭ گېزىتى"دە ماقالە ئېلان قىلىپ: "شەرقىي تۈركىستان" دېگەن ئاتالغۇ تارىختىكى جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ بولۇپ، ئاللىبۇرۇن ئۆتمۇشكە ئايلانغان، ئۇ ۋەتەننى پارچىلايدىغان چاقىرىق بولۇپ قالماسلىغى لازىم. دىدى.


نويابىردا ئوسمان 200 نەپەر قوراللىق بىلەن بۇرۇلتوقاي بازىرىنى ئالدى. مىللىي ئارمىيە ئالتاي ئاتلىق 3-پولكى 2 روتا ئەسكەر ئەۋەتىپ ناھىيەنى قايتۇرۇپ ئالدى.


5-دېكابىر مىللىي ئارمىيە سىياسى بولۇمى گېزىتتە ئەسكەر ئېلىش ھەققىدە ئېلان چىقىرىپ: بىز ھازىرقىمىللىي ئارمىيىنى ساقلاپ قېلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق ۋىلايەتلەردە مىللىي ئارمىيە تەشكىللەيمىز. دىدى.



1947-يىلى 1-يانۋار ئىنقلىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى غۇلجىدا 1- قۇرۇلتاينى ئاچتى. رەئىس سەيپۇللايوۋ دوكلاد بەردى.


يانۋاردا ئابباسوۋ شىنجاڭ كوممۇنىزىمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى لو جى،لى تەييۇي قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنى بىرلەشتۈرۈپ دېموكراتىك ئىنقىلاب پارتىيىسى قىلىپ قۇرۇشنى ماقۇل كۆردى.


1-فېۋرال ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ ئوسماننى ئالتاينىڭ ۋالىلىغىدىن ئەلىپ تاشلاپ ئورنىغا دەلىلقاننى قويدى.


فېۋرالدىن باشلاپ ئوسمان گومىنداڭنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئالتاي ئاتلىق 3- پولكىغا ھۇجۇم قىلدى.


17-فېۋرال ئەخمەتجان ئۆلكىلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش جەمىئىيىتىدە سۆزلەپ: بىر مىللىي قۇرۇلتايدا شىنجاڭدا مىللەتنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، لېكىن بۇ مۇستەقىل بولۇش دېگەن مەنىنى بىلدۇرمەيدۇ،دېدى.


20-فېۋرال ئۈرۈمچىدە 500دىن ئارتۇق ياش ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىدا "ئەركىنلىك يىغىنى" ئاچتى. ئارقىدىن "مەركەزنىڭ قوشۇنى شىنجاڭدىن چىقىپ كەتسۇن!"، "گومىنداڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرايلى!" دەپ شۇئار توۋلاپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دەرۋازىسىغا باردى. ئەتىسىئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەشكىللىگەن 5 مىڭدىن ئارتۇق نامايىش قوشۇنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئالدىغا بەرىپ 50 ماددىلىق تەلەپنى قويدى.


22-فېۋرال ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەخمەتجان رىياسەتچىلىگىدە يىغىن ئېچىپ نامايىشچىلارنىڭ بەزى تەلەپلەرىگە ماقۇل بولدى. سۇڭ شىلىيەن قاتارلىقلار كېچىلەپ يېڭى بىنادا ئۈچ ۋىلايەتكە قارشى نامايىش ئارقىلىق نامايىشقا تاقابىل تۇرۇپ، تەلەپ قويۇش ئارقىلىق تەلەپ قويۇشقا تاقابىل تۇرۇپ، ئۈچ ۋىلايەتكە قايتۇرما زەربە بەرىشنى ئورۇنلاشتۇردى.


25-فېۋرال ئۆلكىلىك جۇڭگو مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يۇڭشياڭنىڭ باشلامچىلىغىدا 10 مىڭدىن ئارتۇق خەنزۇ، تۇڭگان، قازاق ئاممىسى ۋە پۇقراچە ياسىنىۋالغان ساقچىلار ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئالدىغا بېرىپ 16 ماددىلىق تەلەپنى قويدى. نامايىشچىلار دەرۋازا سىرتىدا توپىلاڭ چىقىرىپ بۇرھاننىڭ شوپۇرى گراناتتا ئۆلدى، ئىككى ئادەم ياردار بولدى. بۇنى ئاڭلاپ 5-6 مىڭ ئۇيغۇر توپلۇشۇپ مەيدانغا ماڭدى. شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى توقۇنىشنى باستۇردى.


5-مارت ئۈرۈمچى گارنىزونى نەنلىئاڭدا 50 نەچچە ئۇيغۇرنى قولغا ئالدى.


9-مارت قەشقەردە مىڭدىڭ ئارتۇق ئامما "25- فېۋرال ۋەقەسى"گە قارشى نامايىش قىلدى.


24-مارت قەشقەردە مىڭدىن ئارتۇق ئامما "25- فېۋرال ۋەقەسى"گە قارشى يەنە نامايىشقا چىقىپ، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى.


18-ئاپرېل مىللىي ئارمىيە ئالتاي 3- پولكى ئېتىكقىزىلدا ئوسمان قىسىملىرىغا زەربە بەردى، ئوسمان بەيتىككە چېكىندى. ئوسمان لاتىپ قاتارلىقلارنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ سۇڭ شىلىيەندىن ياردەم سورىدى. گومىنداڭ ئۇلارغا 4 ماشىنا تۇرمۇش بۇيۇملىرى بېرىدىغان بولدى.


21-ئاپرېل جاڭ جىجۇڭ، ئەخمەتجان باشلىق ئۆلكە باشلىقلىرى قەشقەرگە باردى. ۋىلايەت ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستان نامىنى قوللىنىش دېگەندەك تەلەپلەرنى قويدى.


7-ماي 5-6 مىڭ ئامما جاڭ جىجۇڭ چۇشكەن قەشقەر ۋالى مەھكىمىسىنى قورشىۋېلىپ "گومىنداڭنى يوقىتايلى!"، "جاڭ جىجۇڭنى يوقىتايلى!" دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلىدى.


10-ماي جاڭ جىجۇڭ جياڭ جيېشىگە تەلەگرام يوللاپ ئوزىنىڭ ئۆلكە رەئىسلىكىدىن ئىستىپا سوراپ، ئورنىغا مەسئۇد سەبىرىنى كۆرسەتتى.


28-ماي ئۈرۈمچىدە مەسئۇد سەبىرىنىڭ ئۆلكە رەئىسى بولۇش، ئۆلكىلىك كېڭەش قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۇزۇلدى. ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ مۇراسىمغا قاتناشمىدى. قەشقەر ۋەكىلى ئابدۇرېشىت ئەلەم سۆزگە چىقىپ رەئىس يۆتكەشنى خالىمايمىز دېدى. ئۆلكىلىك كېڭەشنىڭ ئەزالىرىدىن ئوسمان داموللا قاتارلىق 40 نەچچە ئەزا ئىمزا قويۇپ جاڭ جىجۇڭغا قايتىپ كېلىش ھەققىدە تەلەپ يازدى. ئەينى ۋاقىتتا ئاقسۇ، قۇمۇل، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلەردىن كەلگەن كېڭەش ئەزالىرى بىلىىپ خەت يېزىپ، مەسئۇد سەبىرىنىڭ رەئىس بولۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىغىنى بىلدۇردى.


3-ئىيۇل جاڭ جىجۇڭ 7 كىشىلىك گۇرۇپپىنى چاقىرىپ 3 قەتىم يىغىن ئەچىپمۇ ئىككى تەرەپنى بىرلىككە كەلتۈرەلمىدى. قەشقەر ۋەكىللەرى روزا ھېيت كېلىپ قالدى، يىغىننى ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرايلى دەپ تەكلىپ بەردى. ئۆلكىلىك كېڭەشنىڭ تۇنجى يىغىنى بەربات بولدى.


8-10-ئىيۇل تۇرپان، توقسۇن، پىچانلاردىكى يەرلىك خەلق تەشكىكىللىك ھالدا قوزغۇلاڭ كوتۇردى. 8- كۇنى نەچچە يۇز ئامما ھەمىتنىڭ باشچىلىغىدا توقسۇننىڭ ئالغۇي جىلغىسى ئەتراپىدا ئائۇتوموبىللارغا ھۇجۇم قىلدى. پىچاندىن نەچچە يۇز ئامما لەمجىن ساقچى ئىدارىسنى ئەلىپ، ھاندۇ ساقچىسىغا ھۇجۇم قىلغاندا قاتتىق قارشىلىققا ئۈچراپ كوكيارنىڭ غەربىئە ۋە شەرقىگە چەكىندى. 10- كۇنى پىچان يانغە ئەتراپىدا 200دىن ئارتۇق ئامما قوزغۇلاڭ كوتۇردى. قوزغلاڭچىلار گومىنداڭ ئارمىيەسى چىقىپ كەتسۇن، مەسئۇد رەئىسلىكتىن ئېلىپ تاشلاندىدىگەن تەلەپلەرنى قويدى.


12-13-ئىيۇل توقسۇن پارتىزانلىرى كۈمۈشكە ھۇجۇم قىلىپ ئىككى كۈن سوقۇشتى.


تۇرپان ھاكىمى ئابلىمىت مۇھىتى ۋە مۇئاۋىنى باۋۇدۇنلار مىڭدىن ئارتۇق قوراللىق پارتىزانلارنى تەشكىللەپسىڭگىمگە ھۇجۇم قىلدى.


16-ئىيۇل كۆكياردىكى تۇرپان پارتىزانلىرى يەتتە قۇدۇقتىكى گومىنداڭ ئەسكەرلەرىگە قورشاپ ھۇجۇمقىلدى. ئەتىسى گومىنداڭ ياردەمچى قوشۇنلىرى كەلگەندە پارتىزانلار چېكىندى.


22-ئىيۇل گومىنداڭ قەشقەردە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزىدىغانلىغىنى جاكارلىدى ۋە "قوزغىلاڭ كۆتۈرمەكچى"دېگەن باھانە بىلەن مۇئاۋىن ۋالىي قاسىمجان قەمبرى ۋە باشقا ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ ئەمەلدارلىرىنى قولغا ئالدى.


24-ئىيۇل گومىنداڭ ئەمەلدارى ما چېڭشاڭ بەيتىككە بېرىپ ئوسمان قوشۇنىنى تەرتىپكە سالدى ۋەمەشىق قىلدۇردى. ئوسمان ئىسلامنى ئۈرۈمچىگە ھەربىي لاۋازىمەت يەتكۈزۈشكە مەسئۇل قىلىپ ئەۋەتتى.


ئىيۇلدا جاڭ جىجۇڭ ستاالىنغا خەت يېزىپ، ھازىرقى قاتمال ھالەتنى ياراشتۇرۇشقا ياردەم بېرىشىنى


سورىدى.


6-ئاۋغۇست ئابدۇراھمان مۇھىتى باشچىلىقىدىكى يۈزدىن ئارتۇق تۇرپان پارتىزانلىرى قېچىپ غۇلجىغا يېتىپكەلدى ۋە قىزغىن قارشى ئېلىندى.


ئاۋغۇستتا ئەخمەتجان، ئابباسوۋ، سەيپىدىنلەر ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قايتتى.


رەھىمجان، ئەنۋەرھانبابا قاتارلىق ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىدىن


غۇلجىغا قايتتى. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.


ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرى ئوسمان 600 نەچچە ئەسكەرنى باشلاپ ئالتاي ۋىلايەتىگە ھۇجۇم قىلىپ، چىڭگىل،كوكتوقايلارنى ئالدى. ئالتاي ئاتلى 3- پولكى ئېغىز چىقىمغا ئۈچىردى. ئىبراھىم باينىڭقوبۇقسار ئاتلىق 3-روتىسى موڭغۇلىيىگە چېكىنىپ كەتتى. يۇسۇپقان كۇنبايئىككى روتا ئاتلىقلار بىلەن ساربۇلاقتا ئوسمان قوشۇنى بىلەن قاتتىق سوقۇشۇپ يېڭىلىپ قاچتى.


ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ تەلىپى بىلەن سوۋېت يەنە مەخپىي مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنى غۇلجىغا


ئەۋەتتى ۋە ئۇنى "ئەخمەتجان قاسىمى 2- ئىشخانىسى" دەپ ئاتىدى.


10-سېنتەبىر ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بۈگۈندىن باشلاپ سابىق شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى تارقاتقان پۇللارئىناۋەتسىز دەپ ئېلان قىلدى.


16-سېنتەبىر ئوسمان قىسىملىرى گومىنداڭنىڭ ياردىمى بىلەن سارسۇمبەگە ھۇجۇم قىلدى. دەلىلقانلارسوۋېتقا قېچىپ كەتتى.


ئەتىسى ئوسمان كۈچلىرى لاتىپ مۇستاپانى ئالتاينىڭ ۋالىسى قىلىپ تەيىنلەپ، داۋاملىق ئىلگىرىلەپبۇرچىن، قابا، بۇرۇلتوقايلارنى ئىشغال قىلدى.


21-ئاۋغۇست ئۈچ ۋىلايەت موڭغۇللىرى غۇلجىدا 150 كىشىلىك خەلق قۇرۇلتەيى ئاچتى. موڭغۇل مەدىنىئاقارتىش ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى، لۇرۇپ دالاما رەئىس بولدى. ئارقىدىن يۇلتۇز، قوبۇقسار،ئارىشاڭ، بورتالا، جىڭ، دۇربىلجىن قاتارلىق جايلاردا شۆبە ئۇيۇشمىلىرى قۇرۇلدى.


10-30-دېكابىر دەلىلقان سوۋېت ئوفىستېرى ئويستروۋ، مىخايىلوۋ قاتارلىقلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۈچ سەپكە بۆلۈنۈپ ئوسمانغا قارشى ھۇجۇم باشلىدى. بىرىنچى يۆلىنىشتە لېسكىن باشلىغان 800 كىشىلىكموتورلاشقان كۈچەيتىلگەن باتاليون بۇرچىن بازىرىغا ھۇجۇم قىلدى. ئىككىنچى يۆلىنىشتەدەلىلقان ئاتلىق 3- پولكنى باشلاپ ئېرتىش دەرياسىنىڭ تۇۋەنلىرىگە ھۇجۇم قىلدى. ئۈچىنچىيۆلىنىشتە ھەمىت ئەلىيوۋ باشچىلىقىدا تارباغاتاي ئاتلىلار پولكى بۇرۇلتوقايغا ھۇجۇم قىلدى.ئوسمان قوشۇنى تارمار بولۇق بەيتىككە قاچتى.


23-ئۆكتەبىر دەلىلقان ئالتايغا ۋالىي بولدى، ۋە ئالتاي ۋىلايەتىدىكى ناھىيىلەرنىڭ ھاكىملەرىنى قايتىدىنبېكىتىپ چىقتى. "ئەركىن ئالتاي" گېزىتى قايتا ئىشقا چۈشتى.


28-ئۆكتەبىر ئۈچ ۋىلايەت شىبە - سولۇن مىللەتلىرى قۇرۇلتىيى غۇلجىدا ئېچىلدى ۋە مەدەنىي ئاقارتىشئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى. ئەخمەتجان كېلىپ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "مەزلۇم مىللەتلەر ئىستىبدادھۆكۈمران ھاكىمىيەتنى غۇلاتقاندىن كېيىن، ئۆز مىللىيتىنىڭ ھۆكۈمران ھاكىمىيەتىنى ئورناتمايدۇ، بەلكى ئەسلىدىكى ھۆكۈمران مىللەت ئىچىدىكى ئېزىلگۈچى خەلقنىڭمۇ


باراۋەرلىك، ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ھاكىمىيەت ئورنىتىدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ مىللىي


ئازادلىق ئىنقىلابىمىزنىڭ ماڭىدىغان يولى بولۇشى كېرەك."


6-نويابىر ساۋەن ھاكىمى قالىبەك ئۈچ ۋىلايەتكە قارشى چىقىپ مىڭغا يېقىن ئەسكەرنى باشلاپ شىخو،ساۋەنلەرگە ھۇجۇم قىلدى ۋە كۇيتۇندىن يەنسىخەيگە بارىدىغان يولىنى كۆۋرۈك، تېلىفۇن سىملىرىنى بۇزۇۋەتتى.


16-نويابىر ئىسھاقبەگ شىھودا ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شتابى قۇرۇپ قالىبەك قوشۇنىغا ھۇجۇم باشلىدى. قالىبەك يېڭىلىپ قالدۇق ئەسكەرلەرىنى باشلاپ ماناس دەرياسىدىن كەسىپ گومىنداڭ تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى.


19-نويابىر ئالتاي ۋىلايەت مەھكىمىسى بۇيرۇق چىقىرىپ "شەرقى تۈركىستان" دېگەن ۋىۋىسكلارنى بىكار قىلىشنى ئۇقتۇردى.



1948-يىلى يانۋارنىڭ باشلىرى گومىنداڭ گۇچۇڭدا "ئالتاي ۋالى مەھكىمىسى"نى تەسىس قىلىپ، ئوسماننى ۋالى، لاتىپنى مۇئاۋىنلىققا تەيىنلىدى. يەنە كوكتوقاي، چىڭگىل، بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك ھۆكۈمەتلەرىنى قۇردى.


10-يانۋار ئىلى ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ھاكىم ۋە كەڭەش باشلىقلەرى يىغىنى غۇلجىدا ئۆتكۇزۇلۇپ ئۈچ ۋىلايەت خەلقىنىڭ مەسئۇدنى رەئىسلىكتىن قالدۇرۇش، قاماقتىكى زىيالىلارنى قويۇۋەتىشتەك تەلەپلەرى ھەل بولمىغانلىقى ئۈچن نەنجىڭدا ئەچىلىدىغان مىللىي قۇرۇلتايغا ۋەكىل ئەۋەتمەسلىكنى قارار قىلدى. ئەتىسى ئەخمەتجان، رەھىمجان، ۋە ئابباسوۋلار جاڭ جىجۇڭغا ھەت يەزىپ قارارىنى يەتكۈزدى.


مارتتا ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىلەن كەلىشىم ھاسىل قىلىپ ماناس دەرياسى بويىدامال ئالماشتۇرۇش يەرمەڭكىسى ئۆتكۇزۇشنى قارار قىلدى. 5- ئاينىڭ 3- كۇنىگە قەدەر 3قېتىم مال ئالماشتۇرۇلدى.


27-ئىيۇن ئىلى ۋالى مەھكىمىسى سوۋېتتىن ئىمپورت قىلغان سانائەت، يەزا ئىگىلىك ۋاستىلەرىدىن باج ئالماسلىقنى قارار قىلدى.


ئىيۇن ئوسمان كوممۇنىستىك پارتىيىگە، سوۋېتكە، ئۈچ ۋىلايەتكە قارشى تۇرۇش ھەيئىتى قۇردى.


10-ئىيۇل ئوسمان ئۈرۈمچىگە بەرىپ سۇڭ شىلىيەن بىلەن مەخپى كېلىشىم ئىمزالىدى. كەلىشىمدە ئوسمانقوشۇنىنى مىڭغا يەتكۈزۈش، گومىنداڭ ئوسمانغا 100 ھەربى ھادىم ئەۋەتىپ، ئەسكەرلەرنى تەربىيىلەش قارار قىلىندى.


1-ئاۋغۇست ئەخمەتجان، ئىسھاقبەگ باشچىلىقىدا ئۈچ ۋىلايەت تەرەپتىن 31 كىشى، يەتتە ۋىلايەت تەرەپتىن 20 كىشى بىرلىشىپ «51چىلەر يىغىن» ئۆتكۈزۈپ "شىنجاڭدا تېنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايەقىلىش ئىتتىپاقى"نى قۇرۇپ چىقتى. ئەخمەتجان قاسىمى رەئىس بولدى. مەركىزى تەشكىلىي كومىتېتى ئەخمەتجان، ئىسھاقبەگ، سەيپىدىن، ئەسەت ئىسھاقوۋ، شامشى مامىيوۋ، ئابلىمىت ھاجىيوۋ، ئابدۇلمۇتائالى خەلپەت، ئۇيغۇر سايرانى، ئىبراھىم تۇردى، ئەنۋەر خانبابا، ھاشىرباي تىلەۋبەردى قاتارلىق 11 كىشىدىن تەركىپ تاپتى. سابىق "ئويغان"نىڭ نامىنى "ئالغا"غائۆزگەرتىپ ئورگان گېزىتى قىلدى. يىغىن "پۇتۇن ئۆلكە خەلقىگە مۇراجىئەت"نى ئېلان قىلدى.


ئاۋغۇست شىنجاڭدا تېنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى تەشكىلات بۆلۈمى قۇرۇلۇپ زۇنۇن تەيىپوۋ باشلىق بولدى، مەدەنىيەت - مۇئارىپ بولۇمى قۇرۇلۇپ، ئىبراھىم تۇردى باشلىق بولدى، خوجىلىق بۆلۈمىگە ئابدۇرەھىم ئەيسا باشلىق بولدى، تەپتىش بۆلۈمىگە جابۇقباي ئاقلاقىچى باشلىق بولدى.


سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئەخمەتجان ئالتايدا: “جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئازادلىقئارمىيىسى پات ئارىدا شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىدۇ، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرگەئازادلىققا ئېرىشىدۇ، مىللىي ئارمىيىمۇ ئازادلىق ئارمىيە تەركىبىگە كىرگۈزۈلىدۈ” دېدى.


ئۆكتەبىردە ليۇ زېرۇڭ ئالمۇتادىن قايتىش سەپىرىدە غۇلجا ئايرودرومىدا ئەخمەتجان بىلەن كۆرۈشتى. ئەخمەتجان: ئۈچ ۋىلايەت تەرەپنىڭ ھەرگىز جۇڭگودىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىش ئويى يوق، بارلىق مەسىلىلەرنى تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى خالايمىز دېدى.


31-دېكابىر مەسئۇد، ئابدۇكەرىمخان ۋە ئەيسالار ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىكى ئورۇنلەرىدىن قالدۇرۇلدى. ئۇلارنىڭئورنىغا بۇرھان رەئىس، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرامۇئاۋىن رەئىس، ليۇ مىڭچۈەن باش كاتىپ بولدى.



1949-يىلى 1-يانۋار جۇڭگو گومىنداڭ ھۆكۈمىتى يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگوكوممۇنىستلىرىغا قارىتا تېنچلىق تەكلىپى سۇندى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ جۇمھۇرىيىتىئارمىيىسىگە (ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيەسى) قىلىۋاتقان ياردەمنى كېسىش مەقسىدىدە، جۇڭگونىڭغەربىي شىمال ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئىشلار قوماندانى گېنىرال جاڭجىجۇڭنى سوۋېت ئىتتىپاقىبىلەن يېڭى ئىقتىسادى ئاڭلاشما ئىمزالاش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ئەۋەتتى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى مۇزاكىرىدە ستالىن جۇڭگودىن شىنجاڭنىڭ پۈتۈن تەبىئىي بايلىقلىرىدىن ئەركىن پايدىنىش ھوقۇقىنى ۋە شىنجاڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ئىمپورت–ئېكىسپورتنى ئەركىن قويۇۋەتىشنى تەلەپ قىلدى، ئەمما، 5 – ئايغىچە داۋام قىلغان بۇ سۆھبەتتە ئىلگىرىلەش بولمىدى ۋە سۆھبەت 5 – ئايدا توڭلۇتۇپ قويۇلدى.


7-يانۋار ئەخمەتجان "ئالغا" گېزىتىدە "خەلقارا ۋەزىيەت ۋە شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى" ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى:«سۆز ئەركىنلىكى بولۇش روھى بويىچە ئۆلكىمىزنىڭ جۇغراپىيىلىك نامىنى خالىغانچە ئاتاشقا بولسىمۇ، لېكىن سىياسىي تەرتىپ جەھەتتە ئۇنى شىنجاڭ دەپ ئاتاش كېرەك.» دەپ كۆرسەتتى.


مارتتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك 2 – ئومومىي يىغىنىدا، «پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە ئازاد قىلىش» چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىش ۋەزىپىسى خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى 1–دالا ئۇرۇشى ئارمىيەسى قارمىقىدىكى ۋاڭ جېن قىسىملىرىغا (1–دالا ئۇرۇشى ئارمىيەسى 1–بىڭتۈەنى) تاپشۇرۇلدى.


24-ماي چىڭخەي ۋىلايىتىنىڭ رەئىسى گېنىرال ما بۇفاڭ، گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن غەربىي شىمال ھەربىي ۋە مەمۇرى ئىشلار باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭمۇ ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتتى.


ئىيۇندا ليۇ شياچى باشچىلىقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيسى ۋەكىللەر ئۆمىكى مەخپىي ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئامېرىكا جاھانگىرلىكى شىنجاڭ مەسىلىسىگە قول تىقىۋاتىدۇ، ئامېرىكا، ما بۇفاڭ باشچىلىقىدىكى غەربىي شىمال مىلىتارىستلىرىنىڭ شىنجاڭغا يۆتكىلىپ، يەرلىك ئەكسىيەتچى كۈچلەر بىلەن بىرگە «بۈيۈك ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇشنى پىلانلىماقتا، ئەگەر ئۇلارنىڭبۇ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشسا، جۇڭگو ئىنقىلابىغا بۈيۈك خەتەر ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈنمۇ خەتەرلىك، بۇ شىنجاڭنىڭ ئازاد قىلىنىشىغا چوڭ كاشىلا بولىدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە، سوۋېت تەرەپ تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى بەردى:


«ئازادلىق ئارمىيە شىنجاڭغا قىلغان يۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئامېرىكىنىڭ پىلانىنى تارمار قىلىشى كېرەك.»


ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى پاكىستون، شىنجاڭنىڭ مىللەتچى رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەت ئەمىن بۇغرا، مەسئۇد سابرى بايقۇزى، ئەيسايۈسۈپ ئالپتېكىنلەر بىلەن، شۇنداقلا گومىنداڭغا سادىق بەزى ئوفېسستىرلار ما بۇفاڭنىڭ قول ئاستىدىكى گېنىراللار بىلەن مەخپىي ئۈچرىشىپ، شىنجاڭنىڭ تەقدىر مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى توسۇش ھەققىدە تەكلىپ بەردى.


11-ئاۋغۇست گومىنداڭ گېنراللىرىدىن ماچېڭشياڭ قاتارلىقلار مۇھەممەتئىمىن بۇغرا، مەسئۇد سەبىرىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، تاۋسىيۆنىڭ تېنچ يول بىلەن كومپارتىيىگە تەسلىم بولماقچى بولغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، بىرلىكتە تاۋسىيۆگە قارشى تۇرۇپ، ئۇنى ئاغدۇرۋېتىش تەكلىپىنى بەردى ۋە رەت قىلىندى.


ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ كاتىپى ئەيسا ئالپىتېكىن چىڭخەيگە بېرىپ، مابۇفاڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، چىڭخەي، گەنسۇ، شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فېدراتىپ دۆلەت قۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن ئەنسىرىگەن مابۇفاڭ بۇ تەكلىپنى قوللىمىدى.


14-ئاۋغۇست جۇڭگو كومپارتىيسى تېلگىراف ئاپپاراتى بىلەن دېڭ لېچۈەننى غۇلجىغا ئەۋەتتى.


15-ئاۋغۇست ئەخمەتجان، دەلىلقان، ئىسھاقبېك، ئابباسوۋ قاتارلىقلار شىنجاڭنىڭ تەقدىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالمۇتىغا باردى.


18-ئاۋغۇست ماۋزېدۇڭ ئالاھىدە مەكتۇپ يوللاپ، ئەخمەتجان باشلىق ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرىنى بېيجىڭغا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى.


20-ئاۋغۇست ئەخمەتجان جاۋاپ يوللاپ چوقۇم ئۈلگۈرۈپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


8 – ئاينىڭ 26 – كۈنى : جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى شىنجاڭنىڭ شۆشنىسى چىڭ


خەينىڭ مەركىزى لان ژوئۇنى ئىشغال قىلىپ، شىنجاڭ چەگرىسىغا قىستاپ كەلدى.


ئوششاش مەزگىلدە، گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنىڭ سابىق غەربىي – شىمال ھەربىي ۋە مەمۇرى ئىشلار 27-ئاۋغۇست ئەخمەتجان قاسىمى، دەلىلقان سۈگۈربايېۋ، ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ، ئىسھاقبەگ مۇنۇنۇۋ قاتارلىقلارنىڭ ئايروپىلان قازاسىدا ۋاپات بولغانلىقى ئېلان قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ جەسىدى غۇلجىغا ئېلىپ كېلىندى.


28-ئاۋغۇست ماۋزېدۇڭ «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى» دەپ كۆرسەتتى.


14-سېنتەبىر مۇھەممەتئىمىن بۇغرا باشلىق كىشىلەر ئۈرۈمچىدىن ئايرىلدى.


21-سېنتەبىر سەيپىدىن ئەزىزى، ئالىمجان ھېكىمبايوۋ باشلىق شىنجاڭ ۋەكىللىرى بېيجىڭغا يۈرۈپ كەتتى.


22-سېنتەبىر سەيپىدىن ئەزىزى بايانات ئېلان قىلىپ جۇڭگو كومپارتىيسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە جۇڭەو كومپارتىيسى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ يېڭى جۇڭگو، يېڭى شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


25-26-سېنتەبىر شىنجاڭدىكى گومىنداڭنىڭ باش قوماندانى تاۋسىيۆ ۋە رەئىس بۇرھان ھەقىقەتكە قايتقانلىقىنى جاكارلاپ، كومپارتىينى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


28-سېنتەبىر ماۋزېدۇڭ ئۇلارنىڭ تەسلىمنامىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملىق ئۇلارغا تاپشۇردى.


1-ئۆكتەبىر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.


2-ئۆكتەبىر بۇرھان شەھىدى، تاۋسىيۆلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈرۈمچىدە تۈمەن كىشىلىك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.


3-ئۆكتەبىر جۇڭگو كوممۇنىستلىرى، شىنجاڭنى ئىشغال قىلىشنى تېزلىتىش


ئۈچۈن، جىئۇ قۈئان – ئۈرۈمچى ھەربىي تىرانسىپورت قوماندانلىق شىتابىنى قۇرۇپ، بۇ شىتاپقا


545 ئاپتوموبىل ئاجراتتى.


5-ئۆكتەبىر بۇرھان شەھىدى تېلگىرامما يوللاپ شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىنى ئېيتىپ، ئازادلىق ئارمىينىڭ تېزراق شىنجاڭغا كىرىشىنى تەلەپ قىلدى.


8-ئۆكتەبىر تاۋسىيۆ جيۇچۈەنگە بېرىپ، پېڭ دېخۇي بىلەن كۆرۈشتى. پېڭ دېخۇي ئۇنىڭغا ئازادلىق ئارمىيە كىرگۈچە گومىنداڭ قىسىملىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ تۇرۇشنى تاپشۇردى.


9-ئۆكتەبىر شىنجفڭغا يۈرۈش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان ۋاڭ جېن 6-كورپۇسنى شىنجاڭغا قاراپ يۈرۈش قىلىشقا بۇيرۇدى.


10-ئۆكتەبىر 6-كورپۇس16-دېۋىزىيىدىكى ئەسكەرلەر ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، قوماندانلىق شىتابى قۇردى.


12-ئۆكتەبىر پېڭ دېخۇينىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈرۈمچىدە «جۇڭگو كومپارتىيسى شىنجاڭ شۆبىسى» قۇرۇلدى. ۋاڭ جېن سېكرىتارلىقىدا، ۋاڭ ئېنماۋ باشلىق يەتتە كىشىلىك ھەيئەت قۇرۇلدى.


2-6-كورپۇس شىنجاڭغا قاراپ رەسمىي يۈرۈش قىلدى.


ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى جيۇچۈەنگە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرىمۇ ئازادلىق ئارمىينى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلدى.


13-ئۆكتەبىر ۋاڭ ئېنماۋ رەھبەرلىكىدىكى 2-كورپۇس قۇمۇلغا كىردى. قۇمۇلدىكى گومىنداڭنىڭ 178-بېرىگادىسى ئازادلىق ئارمىيگە قارشى تۇردى ۋە باستۇرۇلدى. ۋاڭ ئېنماۋ:«يېڭى شىنجاڭ قۇرۇش ۋە شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش» ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.


15-ئۆكتەبىر تۇرپانغا كىرگەن ئازادلىق ئارمىيە ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ ئىلگىرلىدى. سەيپىدىن ئەزىزى جۇڭگو كومپارتىيسىگە ئەزا بولۇش توغۇرلۇق ئىلتىماس سۇندى.


16-ئۆكتەبىر پىچاندا گومىنداڭ قىسىملىرى ئىسيان كۆتۈردى. ۋاڭ ئېنماۋ قىسىملىرى تەرىپىدىن بېسىقتۇرۇلدى.


19-ئۆكتەبىر تاۋسىيۆ ھەقىقەتكە قايتقان قىسىملىرىغا بايانات ئېلان قىلىپ قىسىملارنى «جۇڭگو خەلق سىياسىي كېڭىشى ئورتاق پروگراممىسى» بويىچە ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.


20-ئۆكتەبىر ئازادلىق ئارمىيە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كىردى. بۇرھان شەھىدى ئۆزى قارشىئالدى. ئازادلىق ئارمىيە كورلا، قاراشەھەرلەردىن ئۆتۈپ، كاشىغەرگە يۈرۈش قىلدى.


3-نويابىر ئازادلىق ئارمىيە كۇچاغا كىردى. پۇقرالارنىڭ ئۆي-جايلىرىنى سۈپۈرۈپ تازىلاپ خەلق بىلەن ھەمنەپەس ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى.


7-نويابىر گېنرال ۋاڭ جېن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.


13-نويابىر ۋڭ جېن تاۋسىيۆ بىلەن كېڭىشىپ، گومىنداڭ ئارمىيسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش خىزمىتىنى باشلىدى.


14-نويابىر غۇلجىدا «شىنجاڭدا تېنچلىقنى ۋە دېموكراتىينى قوغداش ئىتتىپاقى» «جۇڭگو خەلق سىياسىي كېڭىشى ئورتاق پروگراممىسى»نى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.


22-نويابىر جۇڭگو كومپارتىيسى مەركىزىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن چاقىردى. يىغىندا:


مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك پىرىنسىپى بويىچە، ئازسانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياكى


ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلۇپ، بىرلەشمە


ھۆكۈمەتلەر تەسىس قىلىنىدۇ؛


مىللىي ئارمىيە، خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىگە ئۆزگەرتىلىدۇ؛


ئازسانلىق مىللەت رايونلىرىدا يۈز بەرگەن قوراللىق توپىلاڭلار ئامال بار تېنچلىق شەكلى بىلەن


ھەل قىلىنىدۇ، قوراللىق باستۇرۇشقا مەجبۇر قالغاندا چوقۇم ئاممىۋىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش


لازىم؛


ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋە ئىختىلاپلار ( يەر – تۇپراق بىلەن مۇناسىۋەتلىك


بولغان ) ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كېڭىشىپ ھەل قىلىنىدۇ؛


ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسات ۋە مەدىنىيىتى تەرەققى قىلدۇرىلىدۇ؛


ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرى ئاكتىپلىق بىلەن تەربىيىلەپ چىقىلىدۇ؛


دېگەن قارارلار ماقۇللاندى.


26-نويابىر ماۋزېدۇڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغانلىقىغا تەزىيە باياناتنامىسى ئېلان قىلدى. ئازادلىق ئارمىيە كاشىغەرگە كىردى.


28-نويابىر ئۈرۈمچىدە، گېنىرال پېڭ دېخۇەي باشچىلىقىدىكى جۇڭگو


كومپارتىيە ۋەكىللىرى،گېنىرال جاڭ جىجۇڭ، تاۋ سىيۆ باشچىلىقىدىكى


گومىنداڭنىڭ تەسلىم بولغان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ۋەكىللىرى، سەيپىدىن ئەزىزى


باشچىلىقىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ


ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشىدا چوڭ يىغىن چاقىرىلىپ، پۇل پاخاللىقى ۋە قاتناش ھەققىدە مۇھىم قارارلار چىقىرىلدى.


1-دېكابىر 2-كورپۇس باش قوماندانى ۋاڭ ئېنماۋ كاشىغەرگە يېتىپ كېلىپ قوماندانلىق شىتابى قۇردى.


ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسى بىرىنچى كورپۇسى قارمىغىدىكى قىسىملار، دېۋىزىيە قوماندانى مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوۋنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاقسۇغا يېتىپكېلىپ، ئاقسۇنى يېڭى ئىشغال قىلغان خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى بىلەن ئۇچراشتى، بۇ مىللىي ئارمىيە بىلەن خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ تۇنجى ئۈچرىشىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.


7-دېكابىر ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيسى پىيادىلەر بىرىنچى پولكى ئۈرۈمچىگە كىردى.


ۋاڭ جېن كۈتۈۋېلىشقا چىقتى.


10-دېكابىر «شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىق كوپراتىپى» قۇرۇلدى. بۇ 1954-يىلى «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ئۆزگەرتىلدى.


14-دېكابىر سەيپىدىن ئەزىزى ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرىنى باشلاپ ئۈرۈمچىدە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن كەلدى.


16-دېكابىر شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزالىرى ئېلان قىلىندى. بۇرھان شەھىدى رەئس، سەيپىدىن ئەزىزى، گاۋميەنچۈن مۇئاۋىن رەئىس بولدى.


17-دېكابىر شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى «شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت»، «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. پېڭ دېخۇەي باش قوماندان، سىياسىي كومىسسار بولدى. ۋاڭ جېن، تاۋسىيۆ، سەيپىدىن ئەزىزىلەر مۇئاۋىن رەئىس بولدى. ئىلى، جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ ھەربىي رايونىغا بۆلۈندى. شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدە پاراتتىن ئۆتۈش بولدى.


20-دېكابىر تەسلىم بولغان گومىنداڭ ئارمىيسى ئازادلىق ئارمىينىڭ 22-بىڭتۇەنى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، تاۋسىيۆ باش قوماندان، ۋاڭ جېن سىياسىي كومىسسار بولدى.


مىللىي ئارمىيە ئازادلىق ئارمىينىڭ 5-كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، لېسكىن باش قوماندان، دۇن شىڭيۈن سىياسى كومىسسار بولدى.


30-دېكابىر غۇلجىدا 5-كورپۇس قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى پىيادىلەر دېۋىزىيسى بىلەن ئىككى ئاتلىق پولك مەۋجۇت بولدى.


_______________________


پايدىلانغان ماتېرىياللار:


لىن گەن:«ھۇنلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى»


ھاجى نۇر ھاجى:«قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»


كروپاتكىن:«قەشقەرىيە»


شاھ مەھمۇد جوراس:«تارىخىي رەشىدى زەيلى»(‹سەئىدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار›دەپ ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان.)


ۋېي لياڭتاۋ: «يەكەن خانلىقىنىڭ تارىخىدىن ئومۇمىي بايان »


ھاجى نۇرھاجى:«يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»


ۋېي لياڭتاۋ، ليۇ جېڭيىن:«خوجىلار جەمەتى ھەققىدە»


شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى:«شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»


ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق:«شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى»


موللا موسا سايرامى:«تارىخى ھەمىدى»


ياسىن ھوشۇرئېلى:«ئۇيغۇرلاردا مەتبەئە»


ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق:«ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»


غەيرەتجان ئوسمان:«ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە»


ئىمىن تۇرسۇن:«تارىمدىن تامچە»


نىزامىدىن ھۈسەيىن:«جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا»«كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىي ئوچېركلىرى»


رەشىد رەھمەتى ئارات:«ئۇيغۇرلار»


ئابدۇللا تالىپ :«ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىن ئوچېركلار»


مۇھەممەد سادىق كاشىغەرى:«تەزكىرەئى ئەزىزان»


ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:«قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا»


نۇرۇللا مۇئىمىن يۇلغۇن:«غەربىي يۇرت-تارىخىمىزدىكى خاقانلار»


غەيرەتجان ئوسمان:«قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتى»


ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر:«ئىز»،«ئويغانغان زېمىن»


شېرىپ خۇشتار:«شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر»


سەيپىدىن ئەزىزى:«ئۆمۈر داستانى»


«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار يىلنامىسى»


مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان: «تارىخى رەشىدىي»(2 توم).


ۋاڭ جىلەي: «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى»(2 توم)


لىن گەن: «تۈرك تارىخى»


ئىبراھىم نىياز: «تارىختىن قىسقىچە بايان»


دۇەن ليەنچىن: «دىڭلىڭلار، قاڭقىللار ۋە تۇرالار»(2توم)


قازاقىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى: «ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى»


ئا. گ. مالياۋكىن: «9 - 12 - ئەسىردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى»


لىن گەن: «قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى»


بەت: [1]
: دىيارىمىز يىلنامىسى