elqut يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 08:58:03

ئاخشام خەۋەر كۆردۈڭلارمۇ؟

ئاخشامقى مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋەخەلىقئارا خەۋەرلەردە ئىيتىلىشىچە ياپۇنىيە بىزنىڭ دىياۋيۈ ئارىلىنى ئۆز ئالدىغا سىتىۋالىمىز دەپ خالىقئارا قانۇنى نىزاملارغا قارشى چىقىپ دىگەندەك بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلدى، يەنە ياپۇنىيەنىڭ جۇڭگۇدىكى باش ئەلچىسىنى بىزنىڭ دەيبىڭگو ئەلچىمىز جىددى چاقىرتىپ قاتتىق گەپلەر بىلەن نارازىلىق بىلدۈرگەننىڭ گىپىنى قىلدى ،دىپلىماتىيە مىنىستىرلىكىمىزمۇ بايانات ئىلان قىلىپ بىرمۇنچە بايانات ئىلان قىلدى،پۇزىتسىيەتسى خىلە قاتتىق ، لىكىن ئۇرۇش توغرىسىدا گەپ يوق مىنىڭ بىلىشىمە بۈگۈن ئارالنى سىتىۋالىدىغان كۈن ،بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بۇلار ؟دۆلىتىمىز مۇشۇنداق بايانات بىلەنلا چەكلىنىپ قالامدۇ ياكى ئۆز ئالدىغا ھەركەت قوللىنالامدۇ ؟مۇشۇ ھەقتە بىر مۇنازىرە قىلىپ باقساق، ئەلۋەتتە گەپ سۆزدە دىققەت قىلىپ ھاياجانلانماي سۇغۇنققانلىق بىلەن ھە ؟

patrol يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 11:18:57

جۇڭگۇ ئۇرۇش قوزغىيالمايدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭ بىرقانچە يۈزەكى سەۋەپلىرى بار:

1)ياپونىيە سىنكاكۇ(بىلىقچىلىق)ئارىلىنى سېتىۋېلىش يەنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىشنى پەقەت رەسمىيەت شەكلىدىلا ئېلىپ بېرىلىدۇ. سېتىۋالغاندىن كىيىن بىۋاستا دىڭىز قوغدىنىش قىسمىنىڭ مۇداپىئە قىلىشىغا ئەمەس. بەلكى دىڭىز ساقچى قىسمىنىڭ ساقلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىدۇ. بۇنداق بولغاندا بۇ بىرخىل ياپۇنىيىنىڭ ئىچكى ئىشى تۈسىدە ئېلىپ بېرىلىپ باشقا دەۋاگەر تەرەپلەرنىڭ دىپلوماتىيىدىن ھالقىغان ئىنكاس قايتۇرىشى ئۈچۈن چەك باسقۇدەك باھانە چىقمايدۇ.

2)بىلىقچىلىق ئارىلى مەسىلىسىدىكى يەنە بىر تەرەپ-تەيۋەن ئارىغا قىستۇرىلىۋالدى. گەرچە مايىڭجىيۇڭ بىۋاستا بىلىقچىلىق ئارىلىغا چىقىپ ئىگىدارلىق ھۇقۇقى ئىلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بىلىقچىلىق ئارىلىنى تەيۋەننىڭ بىر قىسمى دەپ جاكارلىدى. بۇ يەردە دىققەت قىلىدىغان بىر نوقتا: ما يىڭجىيۇڭ بىلىقچىلىق ئارىلىغا يەككە ھالدا ئىگىدەرلىق ھۇقۇقى ئىلان قىلدى. ئامما، بېيجىڭ بىلىقچىلىق ئارىلىغا مەيلى تەيبىي ئىگىدارلىق قىلسۇن ياكى بېيجىڭ ئىگىدارلىق قىلسىمۇ ئوخشاش. ھەممىمىز جۇڭگۇ پەرزەنتلىرى دەپ ئىنكاس قايتۇردى. لېكىن، تەيۋەن رەھبەرلىرى مەيدانى جۇڭگۇ تەرەپكە ئوخشىشىپ كىتىدىغان ئىنكاس قايتۇرمىدى. شۇنداق بىر پەرەز چىقىدۇكى: مايىڭجىيۇڭ ياپۇنىيە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ بىلىقچىلىق ئارىلىغا ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى جاكارلىشى ياپونىيەنى ئەمەس. بەلكى بېيىجىڭنى ئاگاھلاندۇرۇش! چۈنكى، بىلىقچىلىق ئارىلىنى ياپونىيە كونتىرول قىلىپ كەلگەن.تەيبىيغا نىسپەتەن ئۇنىڭ ھازىرقى ھەرىكىتى پەقەت سول قولدىكى نەرسىنى ئوڭ قولغا ئېلىشتىنلا ئىبارەت خالاس. ئەمما، بېيجىڭنىڭ بىلىقچىلىق ئارىلىغا بولغان ئىگىدارلىق تەلىپىنى كۈچەپ تەكىتلىشى تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىنلەندۈرىدۇ.

3)جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش قىزغىنلىقى، كەسكىنراق دىگەندە جاسارىتى قانچىلىك؟ ياپۇننىڭ ماشىنلىنىرىنى چاققانلار دىن بىر قانچىسى 5مىڭ سومغابىر كىچىك كىمى كىرا قىلىپ بىلىق ئارىلىغا چىقالارمۇ؟ يېقىندا بىر كورىيەلىك ئەر ياپونىيىنىڭ كورىيە كونتىروللۇقىدىكى دوك ئارىلىغا ئىگىدارلىق ھۇقۇقىنى جاكارلىغانلىقىغا چىدىماي ئۆزى ئۆلتۈرىۋالغانىدى. ھازىر ياپۇنىيىكلەر بىلىقچىلىق ئارىلىنى رەسمىي دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈپ كىينچە ئارمىيىگە تاپشۇرۇپ بەرمەكچى. بۇنداق ‹ھاقارەت ›ئالدىدا قانچىلىك جۇڭگۇلۇق ھېلىقى ‹قۇربانلىق›بىرىشكە جېنىنى تىكەر؟

....

چوڭقۇر ‹سەۋەپ›لىرى بۇ بىر مەزمۇنى ئۇزۇن  ۋە كەڭرى تىما. بۇ ھەقتە توختىلىشقا مەزكۇرتىما كىچىكلىك قىلىدۇ.

serqut يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 11:45:28

2- قەۋەتتىكى Hechkimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سودا پۈتۈپ بوپتۇ. 210 مىليارد يېنغا توختاپتۇ. 100 يېن سەككىز سوم بولسا بۇ خېلى بىر پۇل بولىدىكەن.

ئارالنى سېتىۋالسا جۇڭگودىن سېتىۋالماپتۇ، جۇڭگو بۇ سودىغا ئارىلاشقۇچى تەرەپ ئەمەسكەن. كىمنىڭ ئارىلىكىن بۇ ئەسلى؟  


ئەمىسە «سەۋزىدىن خەۋەر يوق، گۈرۈچ دەم يەپتۇ» دېگەندەك بوپتۇ.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 12:04:50

ئىشقىلىپ بىر ئۇرۇش بولسا بولاتتى .

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 12:12:05

چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدا ھەرگىز ئۇرۇش بولمايدۇ.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 12:33:58

ۋاي كىمدىن ستىۋالىدىكەن ؟  ئارالنىڭ پۇلىنى كىم ئالىدىكەن؟   بىرەسى شەخسى بېرىپ مېنىڭ ئارىلىم دەپ پاسىل سىزىپ، قوزۇق قېقىپ قويۇپ يېنىپ كەلگەن يەرمىكەن يا ئۇ ؟  ھەجەپ چۈشەنمىدىم. \"\"

yagma يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 12:45:11

ئاڭلىسام ياپۇنىيەدىكى بىر چوڭ جەمەت 1894- يىلى بايقاپتىكەن، كىيىن 1895-يىلى ( ئەھۋالدىن قارىغاندا جىياۋۇ يىلدىكى جۇڭگۇ ياپۇنىيە ئۇرشى مەزگىلى ئوخشايدۇ)  ياپۇنىيە ھۆكۈمىتىدىن سېتىۋاپتىكەن. ھازىر ياپۇنىيە ئاشۇلاردىن سېتىۋالىدىغان ئوخشايدۇ. ئەھۋالدىن قارىغاندا قوينۇمدىن چۈشسە چۆنتەككە دىگەندەك ئىش بولىدىكەندە.



باشقىلار قانداق قارايدىكى بىلمىدىم .  مېنىڭ شەخسىي قارشىمچە دۆلتىمىز ھازىر قۇدىرەت تاپقان كۈچلۈك دۆلەت بولغاندىكىن ئۆزىنى بىر كۆرۈستۈپ قويسا بولاتتى.

flashboy يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 10:48:52

ھازىرقى دۇنيادا  ئىلاجى بار تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ، قۇرال كۈچى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش ئاساسلىق تەدبىر ھىسابلىنىدۇ ...

جۇڭگو -ياپونىيە تەرەپ ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسە قىلىشقا ئىمكان بولمىغانلىقتىن ،كاللىسى ئىشلەيدىغان ياپونىيە تەرەپ ئالدىن بىر قەدەمنى بېسىۋىلىپ ، سنكاكۇنى سېتىۋىلىپ تىنچ بىر تەرەپ قىلىش  لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى .. ھازىر جۇڭگۇنىڭ بېشى قاتماقتا ... ئەگەر سېتىۋېتەيلى دىسە ،بۇ مۇقەررەركى ۋەتەن ساتقۇچلۇق جىنايىتى ،مەن قاتارلىق جۇڭگۇ خەلقى بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايدۇ ، شۇڭا بۇ يولنى تۇتۇش مۈمكىن ئەمەس ،ھاھاھا ...

ساتمايلى دىسە ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نەزىرىدە مەسلىنىڭ تىنچ ھەل قىلىنىشدا پاسسىپلىق قىلىپ ،قۇراللىق توقۇنۇشتىكى ئاساسلىق جاۋابكارلىق  ئۈستىگە ئارتىلىپ قالىدۇ ...

شۇئار :‹دىياۋيۇداۋ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىرقىسمى ، ياپونلارغا ھەرگىز بەرمەيمىز !باشتىن ئاياق مەركىزى ھۆكۈمەتنى قوللايمىز!›

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 11:01:42

سودا پۈتۈپ بوپتۇ. 210 مىليارد يېنغا توختاپتۇ. 100 يېن سەككىز سوم بولسا بۇ خېلى بىر پۇل بولىدىكەن.

ئارالنى سېتىۋالسا جۇڭگودىن سېتىۋالماپتۇ، جۇڭگو بۇ سودىغا ئارىلاشقۇچى تەرەپ ئەمەسكەن. كىمنىڭ ئارىلىكىن بۇ ئەسلى؟

kahxal يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 13:00:14

دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى شۇنچھ كەڭ بولغاندىكىن . كىچىككىنە ئارالنى تالاشماي بىرىۋەتسە بولمامدىغاندۇ?

Aqilghin يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 13:35:13

كالا گۆشى ئوبدان، چاشقان گۆشۈمۇ بەك بەلەن، پاقا گۆشى بەك تەملىك...................... ئىشقىلىپ مىدىرسىلا ھەممىسى گۆش دەپ،

          كىچىككىنە بىر سانتا  ئارال  بولسىمۇ  تالاپ ئالمىساق ھىساپ ئەمەس!    {:107:}

anas001 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 13:39:23

ھېلىقى باياناتچىمىز : تەدبىر قوللىنىپ ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى قوغدايمىز دېدى . ۋېىن زوڭلى : زىمىن پۈتۈنلۈكىمىز ھەققىدە يېرىم قەدەممۇ چېكىنمەيمىز دېدى.

بۇلار ئۇرىيشىمىز دېگەن گەپمۇ قانداق؟ ئەگەر ئۇرۇشمىسا ئاۋۇ گەپلەرگە كىم ئىگە بولار؟ يا ئىگە بولماسمۇ؟

يەنە بىرى : جوڭگۇنى بوزەك قىلىدىغان دەۋر كەلمەسكە كەتتى...ئاقىلەي شاقىلەي دېگەندەك گەپلەرمۇ بار...

شۇنچە چوڭ ئىمپىرىيە دوپپامدەك كېلىدىغان ياپوندىن قورقۇپ قول سالالمىسا ، ھەقىقەتەن نومۇسلۇق ئىش بولىدۇ.  جوڭگۇنىڭ تۆمۈر مۇشتىنى تەككۈزۈپ قويسا بولاتتى.

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 14:02:41

ياپوننىڭ قىلغىنى ئىنىقكى قۇدرەتلىك دۆلىتىمىزنىڭ شان شەرىپىگە داغ تەككۈزگەنلىك ،يىڭىلمەس كومپارتىيە ئاقىلانە تەدبىر تۈزۈپ چىقىپ چوقۇم ئۇلارنىڭ جاجىسىنى بىرىدۇ .  ھازىرقى جۇڭگۇ تەرەققى قىلغان قۇدرەتلىك جۇڭگۇ ، ئامرىكىمۇ جۇڭگۇغا گەپ قىلىشتىن ئەيمىنىدۇ ، جۇڭگۇنى چوڭ كۆرىدۇ ، شۇنداق تۇرۇپ ياپوننڭ بۇنداق قىلىشى جۇڭگۇغا ھاقارەت قىلغانلىق ، بىز چوقۇم مەيدانىمىز مۇستەھكەم ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا كومپارتىيەنىڭ چاقىرقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ دۆلىتىمىزنىڭ زىمىن پۈتۈنلىكىنى قەتئى قوغدىشىمىز لازىم ، ياپونىيەدەك ئەكسىل ئىنقىلابى كۈچلەرنى قەتئى چەكلەپ ياكى قارشى تۇرۇپ ، دۇنيا تىنىچلىقىغا بىر كىشىلىك كۈچ قوشىشىمىز كىرەك ...... ئەگەر ياپونلۇقلار مۇش كۆتۈرۈپ قوپىدىكەن ، ئىككىلەنمەي ئالدىنقى سەپكە تىزىمغا ئالدۇرۇپ قانلىق جەڭ قىلىشقا ئۆزىمىزنى ئاتىمىساق بولمايدۇ بالىلار، ئۇلار كىم ؟ بىز كىم ؟... بىز دىگەن جۇڭخۇا مىللەتلىرى ...... تەييارلىق كۆرۈپ قويغۇلۇق .   {:92:}

izchi_biz يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 15:02:09

2- قەۋەتتىكى Hechkimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سودا پۈتۈپ بوپتۇ. 210 مىليارد يېنغا توختاپتۇ. 100 يېن سەككىز سوم بولسا بۇ خېلى بىر پۇل بولىدىكەن.

ئارالنى سېتىۋالسا جۇڭگودىن سېتىۋالماپتۇ، جۇڭگو بۇ سودىغا ئارىلاشقۇچى تەرەپ ئەمەسكەن. كىمنىڭ ئارىلىكىن بۇ ئەسلى؟  

ئارالنى بىر ياپونلۇق ئائىلىسىدىن سېتىۋالىدىكەن. چۈنكى ئۇ ئارالنىڭ يەر كېنىشكىسى ئاشۇ ياپونلۇق ئائىلىدە ئىكەن. دېمەك ھازىر ياپون ھۆكۈمىتى ئۆز پۇخراسىنىڭ قولىدىن يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى سېتىۋالماقچى بولۇۋېتىپتۇ.

abomjan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 15:05:54

9- قەۋەتتىكى kahxalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى شۇنچھ كەڭ بولغاندىكىن . كىچىككىنە ئارالنى تالاشماي بىرىۋەتسە بولمامدىغاندۇ?




مەنمۇ دەسلەپ مۇشتا ئويلىغان ، لىكىن بۇ ئىككى دۆلەت بۇ ئەسكى ئارالنى زادى نىمىشقا بۇنچە تالشىدۇ ؟


ئاڭلىشمچە ، خەلىقئارا قانۇندا مۇنداق دىيىلگەنمىش ، دىڭىزدىكى مەلۇم بىر ئارال مەيلى چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن ، ئۇنڭغا زىمىن ھۇقۇقى جاكارلىغان بىر دۆلەت بۇ ئارالنىڭ مەڭگۈلۈك ئېچىش ھۇقۇقىغا ئىگە بۇلدىكەن ، يەنى شۇ ئارالنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ 120 مىل  دائىردىكى نىفىت ،تەبئى گاز قاتارلىقلارنى خالىغانچە ئاچسا بۇلدىكەن ، ئەمدى گەپ بۇ ئارالنىڭ ئەتراپىدا نەچچە مىليۇن توننىلق نىفىت تەبئى گاز زاپىسى باركەنتۇق ، شۇنى تالاشمامدۇ .


ھەممىدىن چاتاق يىرى ، بۇ ئارالنى ياپونلۇق باللاغا بەردۇقمۇ دەيلى ، بۇلا نىفىت دىگەننى بۇلشىغا ئاچسا ، نىفىت دىگەن سۇيۇق بولغاچقا دۆلتىمىز تەۋەلىكىدىكى نىفىتلارمۇ ئېچىلىپ بولغان يەرگە قاراپ ئاقامىش ، شۇنداق قىلىپ دۆلتىمىزگە سەت زىيان بولغىدەك ، ياپۇنلۇق باللا ئارالدا تۇرۋېلىپ دۆلتىمىزنىڭ نىفىتلىرىنى بۇلشىغا ئاچسا چىم چىداپ تۇرالايدۇ دەيسىلە .


newkiran يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 15:07:02

ناۋادا جۇڭگۇ پۇقراسىنىڭ قۇلىدا بۇلۇپ قالغان بولسا ئىش قانداق بۇلار ئىدى ........!

ئۇ جۇڭگۇلۇق چۇقۇم ۋەتەنگە ھەدىيە قىلىۋەتتىم دەپ ھەدىيە قىلىۋېتەر بولغىيتى ، ئىپلاس ياپۇنلۇق ئۆز دۆلىتىگە يەر سېتىپ يۈرگىنىنى .  {:107:}

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 15:20:51

ئىسىت.......! ئۆي ئالىمەن دەپ بىرىپ قويغان پۇللىرىمغا ياپۇنغا بېرىپ ئارال ئېلىپ قويسام بوپتىكەن. باي بولۇپ كىتەتتىمكەن. \"\"

holmis1 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 17:03:02

قاراپ تۇرۇڭلار دۆلىتىمىز ھەرگىز ئۇرۇشمايدۇ ، ھەم ئۇرۇشالمايدۇ . ۋاقتى كەلگەندە دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز بۇ ئىشقا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرىدۇ ، ئاندىن دۆلەت ئىچىدە ياپۇن ماللىرىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىغى ھەممە يەرنى قاپلايدۇ ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىشلار يەنە ئۆز ئىزىغا چۈشىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش ئاياقلىشىدۇ،  قۇرال ئىشلىتىش دىگەن يىراق گەپ .

noshirwan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 17:42:02

بېيجىڭ، گۇاڭدوڭدا ئامما ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونىڭ دىياۋيۈداۋ ئارىلىنى «سېتىۋېلىشى»غا ئېتىراز بىلدۈرگەن



شىنخۇا تورى بېيجىڭ 11-سېنتەبىر تېلېگراممىسى: 11- سېنتەبىر بېيجىڭ، گۇاڭدوڭ، شەندوڭ قاتارلىق جايلاردا  ئامما كوچىلارغا چىقىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونىڭ دىياۋيۈداۋ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاراللارنى «سېتىۋېلىشى»غا ئېتىراز بىلدۈرگەن.

بېيجىڭدا كىشىلەر ياپونىيەنىڭ جۇڭگۇدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئېتىراز بىلدۈرگەن. شۇ كۈنى سائەت 12 دە مۇخبىر ياپونىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئىككى ئەرنىڭ «دياۋيۈداۋ جۇڭگونىڭ زېمىنى» دەپ يېزىلغان لوزۇنكا كۆتۈرىۋالغانلىقىنى كۆرگەن، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئوندىن ئارتۇق ئېتىراز بىلدۈرگۈچى ياپونىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئېتىراز بىلدۈرگەن.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ياپونىيەنىڭ گۇاڭجۇدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا كىشىلەر لوزۇنكا ۋە جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، \"دىياۋيۈداۋنى قوغدايمىز» دەپ شۇئار توۋلاپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونىڭ دىياۋيۈداۋ ئارىلىنى ئاتالمىش «دۆلەت ئىگىدارلىقىغا ئۆتكۈزىۋالغانلىقى»غا ئېتىراز بىلدۈرگەن.

شەندوڭنىڭ ۋېيخەي شەھىرىدە 200 دىن ئارتۇق ئادەم نامايىش قىلغان. نامايىشچىلار شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىدىكى يولنى بويلاپ، لوزۇنكا كۆتۈرۈپ، «دىياۋيۈداۋ بىزنىڭ» دەپ شۇئار توۋلاپ ماڭغان. تەرتىپ ياخشى بولغان، ئاشقۇن ھەرىكەتلەر بولمىغان، يولدا بەزىلەر نامايىشچىلار قاتارىغا قوشۇلغان.



شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

http://news.xinhuanet.com/politics/2012-09/11/c_113038303.htm

shakira يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 18:00:11

ئەسلىدىمۇ مۇرەككەپ بۇ ئىشقا تەيۋەن ئارلىشىپ باشنى تېخىمۇ قاتۇردى.تۈنۈگۈنكى يىغىندا چېن چۇڭ:«دىياۋيۈ ئارىلى تارىخى نۇقتىنەزەر،قانۇن نەزىرىيەۋى ئاساسىدىن بولسۇن،دىياۋيۈ ئارىلى جۇڭخۇا مىنگونىڭ زىمىنى (دىققەت:جوڭگۇ دىمىدى،جۇڭخۇا مىنگو)،تەيۋەنگە تەۋە ئارال.»دىدى.ئەمدى ئارال تالىشىدىغانلار ئىككى ئەمەس ئۈچ بولدى.

بۇنداق ۋاقىتتا تەيۋەننىڭ مەركەز بىلەن بىر ياقىدىن باش چىقارماي قىلغان ئۆز بېشىمچىلىق،يۈزسىزلىك قىلمىشىنى كەچۈرۈشكە بولمايدۇ.تەيۋەن تەرەپ ھازىر ئارال مەسلىسىدە كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان توقۇنۇشقا قارىتا جەڭ لاھيىسى تۈزەۋېتىپتۇ،بۇندىن سىرت يەنە باشقا لاھيەلەرنى تۈزەپ،بۇ ئىشقا تەييارلىق كۆرىدىكەن.

    دۆلىتىمىزنىڭ تەيۋەننىڭ بۇ پوزىتسىيىگە قارىتا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ھازىرچە كۆرمىدىم.«تەيۋەن مېنىڭ دېسە دىمەمدۇ،بەرىبىر تەيۋەن جۇڭگۇنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغۇ» دەپ ئويلاشقا قەتئي بولمايدۇ،چۈنكى تەيۋەن ھەقىقەتەن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماش بىر قىسمى بولسىمۇ،ئۇ تېخى ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلمىدى.بۇنداق ۋاقىتتا تەيۋەننىڭ بۇنداق پوزىتسىيەدە بولۇشى دۆلىتىمىزنى ئارال مەسلىسىدە پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇپلا قالماي يەنە چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننىڭ مۇناسىۋىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.تەيۋەن تەرەپنىڭ بۇنداق گەپنى قىلغانلىقى يەنە مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلغانلىقمۇ قانداق؟چۈنكى ئارال تەۋەلىك ھوقۇقى بىر دۆلەتنىڭ بىر ئۆلكىسىگە تەۋە بولمايدۇ،بەلكى بىر پۈتۈن دۆلەتكە تەۋە بولىدۇ.تەيۋەن مۇشۇ ئىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈن دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكچىمۇ؟

    ھازىر قىزىقىدىغىنىم ئامېرىكا بۇ ئىشقا قانداق قارايدىكىن؟ئەلۋەتتە،بۇنداق چوڭ ئىشلاردا ئامېرىكىنىڭ تەسىرىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ.ئامېرىكىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ۋاقىتتا  يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنى فىلىپىن دېڭىز تەۋەلىكىگە ئەكىرىپ توختىتىپ قويغانلىقىنى ھازىرچە چۈشەنمىدىم.
بەت: [1] 2 3 4 5
: ئاخشام خەۋەر كۆردۈڭلارمۇ؟