kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 22:07:47

توي قىلىشتا ئويلىشىپ قالدىم (كۆۋرۈك)

خۇدايىم بۇيرىسا تويغا ئاز قالدى، قىز تەرەپكە بارىدىغان ئەلچىمۇ بىكىتىلىپ قىز تەرەپنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ كەلدى. ئاكامغا ئەلچى بولغانبىزنىڭ مەھەللىك پىنىسيىگە چىققانتۇرسۇن مۇئەللىم، مەن ئۈچۈنمۇ ئەلچى بولدى. ئاكام يۇقارقى مەھەللىدىكى رىشىت ساراڭنىڭ ئىككىنچى قىزىنى ئاغىنسىنىڭ تويىدائېلىپ قېچىپ كەلگەندە رىشىت ساراڭ ئۈچ ئوغلى بىلەن ئاكامنىڭ قارنىنى يارىمىز دەپ پىچاق كۆتۈرۈپ جېدەل قىلىمىز دەپ يۈرگەن ۋاقىتتا تۇرسۇن مۇئەللىم ئۇلارغا ئەلچى بولۇپ بېرىپ چىرايلىق گەپ بىلەن ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى ياندۇرغان ۋە بىر چىرايلىق توي ئۆتكۈزگەن ئىدۇق ئەمەسمۇ؟ تېخى رىشىت ساراڭ كۈيئۇغۇللىرى ئىچىدە ئاكامغا ئەڭ ئامراق، قولىدىن ئىش كەلمىگەن بىلەن كۇڭلى يۇمشاق، قىزىمنى ئورمايدۇ دەپ .. رىشىت ساراڭنىڭ قىزى پاتى ساراڭنىڭ ئۇرغىنى بۇلامدۇ؟

-تۈنۈگۈن قىز تەرەپ تۇرسۇن مۇئەللىم ئارقىلىق بىزگە ‹سېلىق› ساپتۇ. تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن شەھەرگە كىرىپ ماللارغا يەم ئاچىقىپئۆيگە كىرسەم دادام بىلەن ئاپام دادۇينىڭ ئىش قەغىزىگە يېزىلغان ‹سېلىق› قا قاراپ سولىشىپ ئولتۇرۇپ كىتىپتۇ ،، چىقىم دىگەن يامان نەرسە ھە؟ بولمىسا، دادامنىڭ ماڭا يۈز خۇتۇن ئىلىپ بەرگۇدەك پۇلى بار. مىنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپ ماۋۇ قاپاقۋاش ئاكىسىدەك ئاپقىچىپ كەلسە مۇشۇ چىقىم يوق دەپ غۇدۇرىدى ئاپامغا ..

ئاپام:- ۋىيەي تۇۋۋا بىر دەڭە، ھىلىمۇ سىتەك (ئاكامنى شۇنداق دەيدۇ) قىز ئېلىپ قېچىپ كىلىپ يۈزىمىزنى تۆكتى. يا بىزنىڭ بالىلارنى ئۆيلىگىدەك مادارىمىز بولمىسىكەن ...

-دادام سىرتقا چىقىپ كەتكەندە ئاپامنىڭ قولىدىن ئۇلارنى سۇلاشتۇرۇپ قويغان ئىككى ۋاراق قەغەزنى كەينىمىزدىكى باققا چىقىپ ئۇقۇشنى باشلىۋەتتىم. نىمىشقىكىن ئاۋازلىق ئوقىمىسام چۈشەنمەيمەن، يۇقۇرى ئاۋازدا ئازراق دودۇقلاپ ئۇقۇشنى باشلىۋەتتىم:

1- ئالتۇن جابدۇق 20گىرام. چوقۇم %99 دىن يۇقۇرى بولۇش كىرەك، تالونى ۋە ئالغان ۋاقتى ئالتۇن ساتقۇچىنىڭ تېلفۇن نومۇرىئېنىق بولۇش كېرەك.

2-ياراملىق توپاق. 50 كىلودىن يۇقۇرى گۇش چىقىشى كىرەك، بەك سىمىز ياكى بەك ئورۇق بۇلوشقا بۇلمايدۇ. بەك مايلىق چىقىپ كەتسە ماينىڭ ئىغىرلىقى بۇيىچە ئايرىم گوش تولوقلىنىدۇ، تۇپاققا ھەر قانداق ئەن سېلىنمىغان بولىشى كىرەك. مۈڭگۈزلىرى پۈتۈن، چاپچىپ تۇرىدىغان بولىشى، كېسەل كالا ئەمەسلىكى ھەققىدە مال دوختۇرخاننىڭ توپاقنى ct---bq غا سېلىپ تەكشۈرگەنلىك ئىسپاتى بولوش كىرەك.

3- قىزنىڭ كىيىم كىچەكلىرى. ئىتالىيەنىڭ ئەڭ يىڭى نوركا پەلتوسى بىر دانە، كۈزلۈك يىتۇ، يازلىق ۋە قىشىلىق پادىچىلار ئىشتىنى، پاكار پاشنىلىق ۋە ئىگىز پاشنىلىق ئاياق چۇقۇم پىتىكى بىلەن، بىردانە يانچۇقچىلاردىن ساقلىنالايدىغان قول سومكىسى، بىردانە يەرگە چۈشۈپ كەتسە چېقىلىپ كەتمەيدىغان كۆز ئەينەك.

4- ئۇچ خالتا يىڭى، سېسىمىغان، تاتلىق، يۇيۇپ پاكىز تازلانغان سەۋزە. 15كىلو ھەقىقىي زىغىر مىيى، تەمى تېتىپ كۆرىلىدۇ ئەگەر ساپ زىغىر مىيى بۇلمىسا ماي قايتۇرىلىدۇ. ئۇچ خالتا گۈرۈچ، مەخسۇس پولو گۈرۈچى بولۇش كېرەك، گاڭپەنياكى شويلا گۈرۈچى قوبۇل قىلىنمايدۇ.

5- قىزنىڭ دادىسىغا بىر كىشىلىك سارجا. چۇقۇم كاستىيۇم بۇرۇلكىغا يەتكۈدەك بولۇشى كىرەك، تالاستۇپكىغا يەتكۈدەك بولسا قوبۇل قىلىنمايدۇ.


ئاپىسىغا شىپىڭ دۇخاۋا، چوقۇم كۈن نۇرىدا ئازراق پارقىرىشى كىرەك.

قىزنىڭ ئاكىسىغا خۇرۇم شىبلىت، چوقۇم قولدا تىكىلىشى كىرەك، شاگىرىت ئۇستىلار تىككەنلىكى ئاشكارىلىنىپ قالسا قوبۇل قىلىنمايدۇ.

ئون كىلو پىرەنىك، چۇقۇم شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئېلانىغا چىققان ماركىلىق پىرەنىك بولىشى كىرەك، بەش كىلو كەمپىت يۆگىلىشى، كۆركەم، ئۆزى قاتتىق، يىيىش تەس بۇلىشى كىرەك. شۇنداق بۇلغاندا بەركەتلىك بۇلىدۇ، چۇقۇم دىققەت قىلىڭلار.


300 نان. چۇقۇم بىنەم ئۇنىدا يىقىلىشى، سۈت، ماي قېتىلىشى كېرەك. ناننى بىز كۆرسىتىپ بەرگەن ناۋايغا ياقتۇرىسىلەر، خېمىر يۇغۇرغاندىن تارتىپ يېقىپ چىققىچە چۇقۇم بىر ئادەم بىشىدا تۇرىشى كىرەك.

قۇدىلارنىڭ يۇقارقى شەرتلەرگە ۋاقتىدا جاۋاپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ...


نىمە دىگەن چىڭگىز خەق بۇ ،،،، دىدىم ئۆزەمگە ئۆزەم بۇ سېلىقنى ئوقۇپ ،،،،سىلەرچە بۇ خەق ماڭا قىيئاتا -قىينىئانا بۇلۇشقا بۇلىدىغاندەكمۇ؟؟ توي قىلىشقا ئويلىنىپ قالدىم...

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 11:12:21

مېنىڭچە قىز بالىنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۇسۇل -پۇسۇل كۇرژۇكىغا بەرمەي ،سەندا كۇرسىغا بېرىش،ئۆيگە قۇم خالتا ئېسىپ بېرىش، سەل چوڭراق بولغاندا مەخسۇن سومكا قىلىپ بېرىش،سومكسىغا گىرىم -پىرىم ،كىچىك ئەينەك ئەمەس ،قارىمۇچ پۈركۈگۈچ،توك سوقتۇرغۇچ كالتەك ، خش -كېسەك پارچىسى،ھەر ئېھىتىماللىققا قارشى بىرەر تال زاڭدۇ تەييارلاپ بېرىش كېرەك ، شۇنداق بولغاندا مەن بىر كۆرەي قېنى ئەپقاچىدىغان نوچىلاريەن چىقامدىكىن{:92:}

tuprakbag يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 11:39:03

قىزنىڭ رازىلىقى بولسا ئېلىپ قاچمامسەن..توققۇزتارادا بىر تونۇشۇم بولىدىغان قىزنىڭ دادىسىدىن 28 سوم سوراپ تۇرۇپ، ئاكىسىنىڭ موتوسىدا سىڭلىسىنى ئېلىپ قېچىپتىكەن....قېينى ئاتىسى ھازىر سورۇندا بىزنىڭ كىيىغول\"\" مۇشۇندا بالا دەپ يۈرەمىش.....

بولمىسا مىھرىڭ چوڭقۇرراق پارتىيەگە دە....بازا باشقۇرۇشنىڭ ماشىنىسىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئاقىچىپ بىرىدۇ....

izchi_biz يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 12:48:26

خەق بىر بەلەن چوڭ قىلىپ قويغان قىزىنى رازى بوپ بېرەي دەۋەتسا، سېلىق جىقكەن دەپ ئولتۇردىغان ئىش بارمۇ ئەمدى. شۇ قىزغا ئالغان ئالتۇن جابدۇق يەن قايتىپ كېلىپ سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەرنىڭ مۆلىكى بولار. ئۇيغۇرچىلىقتا توينى يارىشىغىدا قىلىپ قىزبالىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ قويمىسا گەپ جىق بولۇپ كېتىدىغان گەپكەن. ئەڭ مۇھىمى ئۇ قىز بالا سىزنىڭ ئايالىڭىز بولىدۇدە.

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 22:12:37

ئېلىپلا قاچە ئۇكا

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 22:21:09

تىنچلىق بولسا بۈگۈن يەنە بىر قىزىتىدىغان چېغىڭلىۋا ئىزدىنىشنى.

ئەلا كەتتى.

patrol يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 22:30:55

سىنى قارىغۇ ئۈچىيىگە چۈشمىگەن قۇرۇتنى ئۆلتۈرىمەن دەپ د د ۋ ئىچىپ مەستچىلىكتە يېتىپ قاپتۇ دەپ ئاڭلايمەنغۇ ئۈكە؟؟؟؟؟؟؟؟ \"\"\"\"\"\"

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 22:42:02


3- قەۋەتتىكى patrolنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىنى قارىغۇ ئۈچىيىگە چۈشمىگەن قۇرۇتنى ئۆلتۈرىمەن دەپ د د ۋ ئىچىپ مەستچىلىكتە يېتىپ قاپتۇ دەپ ئاڭلايمەنغۇ ئۈكە؟؟؟؟؟؟؟؟ \"\" \"\" \"\"


---سىزنىئولىۋالىمەن دەپ د د ۋ تاپالماي ،ئىسپرىت ئىچىپ مەس بۇلوپ قىلىپ ئولەلمەيقىينىلىپ يۇرىدۇ دەيدىغۇ،،،راسما؟؟پاتۇرما ئاكا؟\"\"




qingil يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 22:45:07

بولغۇسى قىيىنئاتاڭ بىلەن قىيىنئاناڭ قىزىقچى ئوخشايدۇ....غۇلجىنىڭ قىزلىرى بەك ئىشچان ،پاكىز، شوخ،جانلىق،چىرايلىق دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.توي سىلقى ئانچە ئېغىر ئەمەسكەن،مىنىڭ كۇچۇم يەتكۇدەك.ئەگەرئۇ قىز بىلەنتوي قىلغۇڭ كەلمىسە ،مەنمۇ بويتاق ،بولمىسا مەن ئېلپ قويايمۇ؟

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 22:47:25

قارىسام تويلۇق ئانچە كۆپمۇ ئەمەستەك.



ئۈستىدىكى گەپنى ئوقۇپ يەنە كۈلدۈم نىمە گەپ ئۇ پاتۇرما ئاكا دېگەن

sogukbulak يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 22:50:08

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!كۆۋرۈكجان سالامەتمۇ سىەن، نېمىشقىكىن ئىنكاسلىرىڭدىن مەن بىلەن بىر يېزىلىقتەكلا ھىس قىلمەن سىنى. ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ تويدىن ئىبارەت خەيرىلىك ئىشقا تۇتۇش قىلغىنىڭلارنى مۇبارەكلەيمەن ھەم تويۇڭلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن.

   لىكىن مونۇ گەپلىرىڭلار ئارسىدىن ئاۋۇ ئەپ قېچىش دىگەن سۆزنى كۆرۈپ ئىككى ئېغىز سۆزلىگىمكەپ قالدى.

   يېقىن بىر ئاغىنەم بارئۆزى كىرا كەچ ئۇمۇ شۇنداق ئەپ قېچىش ئۇسۇلى ئارقىلىق توي قىلغان .بىر بالىلىق بولغان كۈنلەردە ئايالى ئىككى ئاي يامانلاپ كىتىپ بالا ئۆزىگە قاپتىكەن.چىقسام مۇنداق قاقشاپ بەرگەن:

    -ئاداش ، بالا باقماق بەك تەسكەن . نەچچەكۈن موشۇ بالىغا قارغۇچە شۇنى ھېسقىلدىمكى خەقنىڭ ئاشۇ جاپاداباققان قىزىنى ئەپ قىچىش بىر نامەرتلىكئىكەن........

   مەلىمىزدە شۇنداق قىززىقچى بىرئاكىمىز بار ئىدى . ئۇنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاشقا بەك ئامراق ئىدىم. چۇنكى ئۇ بىر ئىشنى ۋىزدانىغا خىلاپ دەپ ھىسقىلسا شۇ ئىشتىن دەررۇ قول ئۈزەتتى.قىسقىسى ،ئوچۇق يورۇق غۇرۇرلىق ئىدى. بىر تەتىلدە پاراڭقىلىپ موشۇ قېچىش توغرۇلۇق پاراڭ قىلىپقالدى:

      --ئۇكىلىرىم ،ئىمكان بار چىرايلىق توي قىىلىڭلار.نەدىن ئازدىم سالى كامنىىڭ بالىسى خاڭدىن قىز ئەپ قاچىمەن، قاندا؟ماشىناڭبولغاندىنكىيىنئەسقاتاسەن؟- دىدى. مەنمۇ ئويلىمايلا، ماقۇل دەپ ساپتىمەن......شۇنداق قىلىپ بىر تويدىن يانغان ۋاقتىدا ،قىزنى ھاپلا -شاپلا ،نە ۋاقىرشىغا قارماي ماشىنىغا باستۇق......شۇنداق ،قىلىپ يولدا كىتىۋاتمىز، سەپ سالسام قىزبىرگېپىمباردى دەۋالاي دەپ خىرە يىغلاۋاتىدۇ؟!دەرھال ماشىنىنى توختاتتىم .قىزنى پەسكە ئېلىپ چۈشتۇق .قىز ئاران تەستە يىغىسىنى توختۇتۇپ مەن تەغدىرىمگە تەنبەرگەن بولاي ،تەلىيم كاجكەن .....قاتتىق يىغلاپيەنە ئاران ئۆزىنى توختۇتۇپ مېنى ئەپقاچقان قايسىڭلار؟؟؟-دەپ سوراپيىغلاپ كەتكەن ئىدى. ئىچىم بەك ئاچچىق بولۇپكەتتى ...ئەينى چاغدا ، ماشىنىنى ئۇددۇل ساقچىخانىغا ھەيدەي دەپ ،نېمىشقۇدۇ يەنە ھەيدىمىدىم. ئۇلارغۇ مانا ئىككى باللىق بولدى شۇنداق چېرايلىق ئۆي تۇتۇپكېتىۋاتىدۇ....لىكىن باللا ئاتا-ئانىنىڭ رازىلىقىنى يوق دىگەننى ئازدەپ ئاۋۇ گۇي قىزنىڭمۇ رازىلىقىنى ئالماپتىكەن ئەمەسمۇ!!!!!   ئۇكىلىرىم ، تويدىگەن نى بىرقىتىم موشۇنداق داغدۇغا بىلەن قىلسىلە، ئامال بار ئاتا -ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ چىرايلىق قىلىڭلار......دىگەن ئىدى.

    يەنە،نەچچە قاتار ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم قۇدلۇقنىڭ قاچا -قۇچىسىنى توي بولغان قىز ئۆزى يۇيىدىكەن ئەمەسمۇ.....

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 22:50:30


5- قەۋەتتىكى qingilنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بولغۇسى قىيىنئاتاڭ بىلەن قىيىنئاناڭ قىزىقچى ئوخشايدۇ....غۇلجىنىڭ قىزلىرى بەك ئىشچان ،پاكىز، شوخ،جانلىق،چىرايلىق دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.توي سىلقى ئانچە ئېغىر ئەمەسكەن،مىنىڭ كۇچۇم يەتكۇدەك.ئەگەرئۇ قىز بىلەن توي قىلغۇڭ كەلمىسە ،مەنمۇ بويتاق ،بولمىسا مەن ئېلپ قويايمۇ؟


----لىكىن ،مەن ئۇ قىزنى ياخشى كورىمەندە ،،ئۇمۇ مىنى ياىشى كۇرىدۇ ،ئىلىپ قۇيايلا دەپ ئىلىپ قۇيدىغان مال بازىرىدىكى يىتىم قۇزا ئەمەس ئۇ ،،،باش قىتىپ تۇرغاندانىمانداق گەپلەرنى قىلىسەن،،\"\"


gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 22:50:55

بىر يەردە ‹‹ خوشلاشسا پارتىيەگە ئامانەت دەيدىغان كۆۋرۈك›› دەپ تۇراتتى ما يەردە پارتىيە بۇيرىسا دىمەپسەنغۇ ئۇكە{:92:}



بىر ئىتوت بولىدىغانتى راست ‹‹ باشلىق بۇيرىسا ›› دەپلا تۇرىدىغان \"\"

sogukbulak يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 22:51:59

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!كۆۋرۈكجان سالامەتمۇ سىەن، نېمىشقىكىن ئىنكاسلىرىڭدىن مەن بىلەن بىر يېزىلىقتەكلا ھىس قىلمەن سىنى. ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ تويدىن ئىبارەت خەيرىلىك ئىشقا تۇتۇش قىلغىنىڭلارنى مۇبارەكلەيمەن ھەم تويۇڭلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن.

   لىكىن مونۇ گەپلىرىڭلار ئارسىدىن ئاۋۇ ئەپ قېچىش دىگەن سۆزنى كۆرۈپ ئىككى ئېغىز سۆزلىگىمكەپ قالدى.

   يېقىن بىر ئاغىنەم بارئۆزى كىرا كەچ ئۇمۇ شۇنداق ئەپ قېچىش ئۇسۇلى ئارقىلىق توي قىلغان .بىر بالىلىق بولغان كۈنلەردە ئايالى ئىككى ئاي يامانلاپ كىتىپ بالا ئۆزىگە قاپتىكەن.چىقسام مۇنداق قاقشاپ بەرگەن:

    -ئاداش ، بالا باقماق بەك تەسكەن . نەچچەكۈن موشۇ بالىغا قارغۇچە شۇنى ھېسقىلدىمكى خەقنىڭ ئاشۇ جاپاداباققان قىزىنى ئەپ قىچىش بىر نامەرتلىكئىكەن........

   مەلىمىزدە شۇنداق قىززىقچى بىرئاكىمىز بار ئىدى . ئۇنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلاشقا بەك ئامراق ئىدىم. چۇنكى ئۇ بىر ئىشنى ۋىزدانىغا خىلاپ دەپ ھىسقىلسا شۇ ئىشتىن دەررۇ قول ئۈزەتتى.قىسقىسى ،ئوچۇق يورۇق غۇرۇرلىق ئىدى. بىر تەتىلدە پاراڭقىلىپ موشۇ قېچىش توغرۇلۇق پاراڭ قىلىپقالدى:

      --ئۇكىلىرىم ،ئىمكان بار چىرايلىق توي قىىلىڭلار.نەدىن ئازدىم سالى كامنىىڭ بالىسى خاڭدىن قىز ئەپ قاچىمەن، قاندا؟ماشىناڭبولغاندىنكىيىنئەسقاتاسەن؟- دىدى. مەنمۇ ئويلىمايلا، ماقۇل دەپ ساپتىمەن......شۇنداق قىلىپ بىر تويدىن يانغان ۋاقتىدا ،قىزنى ھاپلا -شاپلا ،نە ۋاقىرشىغا قارماي ماشىنىغا باستۇق......شۇنداق ،قىلىپ يولدا كىتىۋاتمىز، سەپ سالسام قىزبىرگېپىمباردى دەۋالاي دەپ خىرە يىغلاۋاتىدۇ؟!دەرھال ماشىنىنى توختاتتىم .قىزنى پەسكە ئېلىپ چۈشتۇق .قىز ئاران تەستە يىغىسىنى توختۇتۇپ مەن تەغدىرىمگە تەنبەرگەن بولاي ،تەلىيم كاجكەن .....قاتتىق يىغلاپيەنە ئاران ئۆزىنى توختۇتۇپ مېنى ئەپقاچقان قايسىڭلار؟؟؟-دەپ سوراپيىغلاپ كەتكەن ئىدى. ئىچىم بەك ئاچچىق بولۇپكەتتى ...ئەينى چاغدا ، ماشىنىنى ئۇددۇل ساقچىخانىغا ھەيدەي دەپ ،نېمىشقۇدۇ يەنە ھەيدىمىدىم. ئۇلارغۇ مانا ئىككى باللىق بولدى شۇنداق چېرايلىق ئۆي تۇتۇپكېتىۋاتىدۇ....لىكىن باللا ئاتا-ئانىنىڭ رازىلىقىنى يوق دىگەننى ئازدەپ ئاۋۇ گۇي قىزنىڭمۇ رازىلىقىنى ئالماپتىكەن ئەمەسمۇ!!!!!   ئۇكىلىرىم ، تويدىگەن نى بىرقىتىم موشۇنداق داغدۇغا بىلەن قىلسىلە، ئامال بار ئاتا -ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ چىرايلىق قىلىڭلار......دىگەن ئىدى.

    يەنە،نەچچە قاتار ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم قۇدلۇقنىڭ قاچا -قۇچىسىنى توي بولغان قىز ئۆزى يۇيىدىكەن ئەمەسمۇ.....

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 22:57:33


10- قەۋەتتىكى sogukbulakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!كۆۋرۈكجان سالامەتمۇ سىەن، نېمىشقىكىن


---ئاكا ئىككىلا ئىنكاس مىنىڭما؟؟؟بىرسى زاپاس ئىنكاس ئىكەندە ،،،،


-تويلارغا بار ھە،،،ھە،،\"\"


patrol يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 22:57:38

4- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


3- قەۋەتتىكى patrolنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىنى قارىغۇ ئۈچىيىگە چۈشمىگەن قۇرۇتنى ئۆلتۈرىمەن دەپ د د ۋ ئىچىپ مەستچىلىكتە يېتىپ قاپتۇ دەپ ئاڭلايمەنغۇ ئۈكە؟؟؟؟؟؟؟؟ \"\" \"\" \"\"


---سىزنىئولىۋالىمەن دەپ د د ۋ تاپالماي ،ئىسپرىت ئىچىپ مەس بۇلوپ قىلىپ ئولەلمەيقىينىلىپ يۇرىدۇ دەيدىغۇ،،،راسما؟؟پاتۇرما ئاكا؟\"\"






نە دىكىنى د د ۋ نى تېپىشىم تاپقان، 再来一瓶دىن بىرسى چىقىپ شۇنىمۇ ئىچىۋىتىپ ھازىرغىچە يامان ئەمەس كىتىپ بارىمەن كورىكىۋا ئۈكە...بېشىڭنىڭ مۇندا قېتىشىنى بىلگەن بولسام ساڭا بىرنى قالدۇرپ قۇياكەنمەن...

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 23:00:22


12- قەۋەتتىكى patrolنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نە دىكىنى د د ۋ نى تېپىشىم تاپقان، 再来一瓶دىن بىرسى چىقىپ شۇنىمۇ ئىچىۋىتىپ ھازىرغىچە يامان ئەمەس كىتىپ بارىمەن كورىكىۋا ئۈكە...بېشىڭنىڭ مۇندا قېتىشىنى بىلگەن بولسام ساڭا بىرنى قالدۇرپ قۇياكەنمەن...


---مىنى تۇلا گەپكە سالماڭە شەپەرەڭ پالۋاننىڭ بىشىنى كىيىۋىلىپ ،،،،


--تويغا قۇپقان ئادەمگە د د ۋ ئىچ دەپ ،،،،\"\"




sogukbulak يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 23:02:09

11- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


10- قەۋەتتىكى sogukbulakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!كۆۋرۈكجان سالامەتمۇ سىەن، نېمىشقىكىن


---ئاكا ئىككىلا ئىنكاس مىنىڭما؟؟؟بىرسى زاپاس ئىنكاس ئىكەندە ،،،،


-تويلارغا بار ھە،،،ھە،،\"\"


ۋۇي ئۇكا ۋۇي ئىنكاستىنمۇ ،زەيلەي يىپىڭ چىققان چىغۋا





kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 23:05:23

14- قەۋەتتىكى sogukbulakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

11- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


10- قەۋەتتىكى sogukbulakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!كۆۋرۈكجان سالامەتمۇ سىەن، نېمىشقىكىن


---ئاكا ئىككىلا ئىنكاس مىنىڭما؟؟؟بىرسى زاپاس ئىنكاس ئىكەندە ،،،،


-تويلارغا بار ھە،،،ھە،،\"\"


ۋۇي ئۇكا ۋۇي ئىنكاستىنمۇ ،زەيلەي يىپىڭ چىققان چىغۋا


---خۇتۇن ئالغاندىمۇ <زەيلەي يىگۇ ،،،>چىقىپ قالسا ،،،،قانداق قىلارمەن ،،،\"\"


--ھەي باللا مىنى گەپكە سالماڭلار ،،ئۇزەمنىڭ تىمىسىغا ئۇزەم ئىنكا س يىزىپ تۇشۇپ كەتمىسۇن،،،ئۇبدان بىر ئەقىل كۇرسىتىڭلارچۇ،،\"\"








qingil يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 23:06:36

8- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


5- قەۋەتتىكى qingilنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بولغۇسى قىيىنئاتاڭ بىلەن قىيىنئاناڭ قىزىقچى ئوخشايدۇ....غۇلجىنىڭ قىزلىرى بەك ئىشچان ،پاكىز، شوخ،جانلىق،چىرايلىق دەپ ئاڭلىغان ئىدىم.توي سىلقى ئانچە ئېغىر ئەمەسكەن،مىنىڭ كۇچۇم يەتكۇدەك.ئەگەرئۇ قىز بىلەن توي قىلغۇڭ كەلمىسە ،مەنمۇ بويتاق ،بولمىسا مەن ئېلپ قويايمۇ؟


----لىكىن ،مەن ئۇ قىزنى ياخشى كورىمەندە ،،ئۇمۇ مىنى ياىشى كۇرىدۇ ،ئىلىپ قۇيايلا دەپ ئىلىپ قۇيدىغان مال بازىرىدىكى يىتىم قۇزا ئەمەس ئۇ ،،،باش قىتىپ تۇرغاندانىمانداق گەپلەرنى قىلىسەن،،\"\"




بولدى كۆۋرۇكجان كۆڭلۇڭنى يىرىم قىلما .يسەن بىر مەسلھەھەت چاي قىلىپ ماۋۇ ئىزدىنشىتكى بالىلارنى چاقىر ،تاما_تاما كۆل بولار دىگەن گەپ بار ،ھەممەيلەننىڭ ساڭا ئاتتەك كۆڭلمىزبار،كۆپنىڭ كۆچى كۆپ دەپ يىغلىغان پۇلنىڭ كۆپلۇگىدىنئىكنىچى خوتۇننىمۇ ئىلۋامسەن تىخى....
بەت: [1] 2 3 4 5
: توي قىلىشتا ئويلىشىپ قالدىم (كۆۋرۈك)