uighur906 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 17:42:50

كومپىيوتېر سېتىش دۇكىنى ئېچىش توغىرسىدا پاراڭلىشىپ باقساق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !


ئاساسى قاتلامدىكى دۆلەت مەمۇرلىق خىزمىتىمنى(قەشقەرنىڭ مەلۇم ناھىسدىكىبىر يىزا) تاشلاپ چىقىپ كەتكىنى 2ئاي بولدى ، خىزمەتكە چىققىنى بىريىل بولغان ، شۇ كۈنلەرنىڭ ئاخىرلاشقانلىق سەۋەبىدىن 2ئاينى بايرامدەك ئۆتكۈزدۈم . مەمۇرلىق ئىنتاھاندىن ئۆتكەندىن تارتىپ خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەنگىچە بولغان جەرياننى خۇدا بۇيرىسا ئايرىم تېما قىلىپ يوللايمەن.


ئاساسى مەخسەتكە كەلسەك ، بىكار يۈرىۋەرگەن بىلەن بولمايدۇ،خىزمەتنى تاشلاپ چىقىپ كىتىشتىكى مەخسەت بىر ئىش قىلىپ پۇل تېپىش ئىدى،ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان كەسپىم كومپىيوتېر ، ئۆزۈممۇ كەسپىمنى قىزغىن سۈيىمەن،ئىزچىل مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسام دەپ ئارزۇ قىلاتتىم،شۇڭا ناھىمىزدە مەخسۇس كومپىيوتېر ساتىدىغان(خاتىرە كومپىيوتېر،ئۈستەل كومپىيوتېر،قۇراشتۇرۇش....قاتارلىقلار) ، رىمونت قىلىدىغان دۇككان ئېچىش قارارىغا كەلدىم،بۇ ئىشلارنىڭ ھۆددىسدىن تولۇق چىقىپ كىتەلەيمەن.


بۇرۇن تىجارەت قىلىپ باقمىغاچقا تېخنىكا ئايرىم ، تىجارەت ئايرىم بىر ئىش بۇلىدىغانلىقىنى ئەمدى چۈشەندىم.مۇشۇ تىجارەتنى قىلىۋاتقانلار ئارىمىزدا خېلى كۆپ،قانداق ئىش باشلاش،قانداق مال كىرگۈزۈش،نىمىلەرگە دىققەت قىلىش.......دىگەندەك بىر قاتار مەسىلەر توغۇرلۇق تەجىربە بولسا پاراڭلىشىپ باقساق ، مەسلىھەت بەرسەڭلار ، يول كۆرسەتكەن بولساڭلار.


ھازىرچە 100مىڭدىن 150مىڭيۈەنگىچە مەبلەغ بىلەن ئىش باشلىماقچى، 70كۇۋادىرات دۇككاننىڭ يىللىق ئىجارسى 30مىڭ يۈەن ئەتراپىدا . بۇنىڭدىن باشقا تەپسىلى پىلان تېخى يوق.


serqut يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 12:25:16

Capslockنىڭ ئىنكاسى ھەقىيقەتەن ئېسىل تەكلىپ بوپتۇ!

\"\"

anas001 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 17:51:16

مەن تىجارەت باشلىغىلى مانا 4ئايدىن ئاشتى . يېڭى تونۇشقان بۇرادەرلىرىم ماڭا كۆپ يار يۆلەك بولدى .ئۇلاردىكى سەمىمىيەت يېڭى دۇككان ئاچقانلار ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق .خالىسڭىز مال بىلەن تەمىنلەيدىغانلارنى تونۇشتۇرۇپ قوياي ،ئۇچۇر يوللاڭ،مال كىرگۈزۈشتە ئۇلار ئىشەنچلىك ،سەمىمىي.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 17:59:28

ھەر ئىشنىڭ باشى ‹‹بىسمىللا . . .››



قالغان ئىشلار ئۆز يولى بىلەن يۈرۈشۈپ كەتكۈسى.



سودىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن!

ozhan082 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 18:09:34

ئەگەرخالىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ مەن ئۈرۈمچى ئۆزخان كومپيۇتېر شىركىتىدىن مۇشۇ كەسىپتە 7-8يىللىق تەجىربىمىز با شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ناھىيە شەھەرلىرىدە ئاساسەن ۋاكالەت چىمىزبا609982549كوت كوت بازار بۇلمى دىرىكتۇر مۇھاممەتجان 0991-7791419-18699703848

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 18:17:48

ئۈرۈمچى قىزىل بايراق يولىدىكى ئىككى بىنادىن ئىزدەپ، توپ مال تارقىتىدىغانلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىۋېلىڭ، پۇل سېلىۋەتسىڭىزلا مال سېلىپ بېرىدۇ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مەلۇم پىرسەنت نېسى ئېلىپ سېتىپ بولۇپ بەرگىلىمۇ بولىدۇ. ئەگەر باھانىڭ ئۆرلەش- چۈشۈشىنى پەرق ئېتەلىسىڭىز، باھاسى ئەرزان چاغدا ئىچكى ساقلىغۇچ، قاتتىق دېسكا ئىككىسىنى ئەرزان بېسىپ قويۇپ، ئۆرلىگەندە شۇ بازار باھاسىدا چىقارسىڭىز بولىدۇ.

كومپيۇتېر ئالغانلارغا يۇمشاق دېتال، پىرىنتېر ئالغانلارغا سىيا- قەغەزنى تەمىنلەپ تۇرىدىغان سودىلارنى كۆپرەك ئېلىۋېلىڭ، يېقىن ئەتراپتىكى ئىدارىلەرنىڭ بولسا تېخىمۇ ياخشى.

قايسى ئىدارە- مەكتەپتە تورلىشىش كەمچىل بولسا، شۇلارنى قولغا كەلتۈرۈڭ.

ئىللىق چىراي، خېرىدارلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان، تەرجىمە، كۆپەيتىش، خەت بېسىش قولىدىن كېلىدىغان مالىيە خادىمىنى ئىشلىتىڭ،

ئەمەلىي مەشغۇلات ئۆگىنىدىغان ئۆزى ئىللىق، ھەركىتى چاققان بالا شاگىرتلاردىن ئالسىڭىز، چاپىدىغان ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن ئوبدان چىقىدۇ.

قانداق گەپ قىلىشنى بىلمەيدىغان ئادەمنى ئىشلىتىشتىن يىراق تۇرۇڭ. ئادەتتىغۇ، كەسپىي ئاساسى ياخشى بالىلارنىڭ مىجەزى ئوبدان كېلىدۇ.

Capslock يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 22:29:08

كومپيۇتېر دۇكىنى ئاچقۇچە تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىڭ.

1. ئامال بار مۇشۇ ساھەدىكى يەنى كۇمپيۇتېر، ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى، يانفۇن دۇكانلىرى كۆپرەك جايغا ياكى ئادەم كۆپ باردىغان سودا سارايلار ئىچىدىن ۋە ياكى كۆپەيتىش باسما ئىشلىرى كۆپرەك بولدىغان يەردىن دۇكان تاللاڭ،(باجخانا، دوختۇرخانا، سۇغۇرتا شىركىتى، بانكا...) دۇكىنىڭىز ئايرىم يەردە بۇلۇپ قالسا تەشۋىقات ئىشلىرىغا جىق كۈچەپ كېتىسىز.

2. دۇكاننى ئاق رەڭنى ئاساس قىلغان ئاساستا بېزەڭ، بۇنداق بولغاندا ماللىرىڭىز كۆزگە ئاسان چېلىقىدۇ، دۇكانغا چىراقنى كۆپرەك ئورنىتىڭ، ھەرخىل ئېلان تەشۋىقاتقا ئۇرۇن ئاجىرتىڭ. ئالغان دۇكان ئېگىز بولسا پاكارلىتىڭ مال ئاز كۇرنۇپ قالمايدۇ.

3.رېمىنۇت ئورنىڭىز بىلەن يېڭى كومييۇتېرنى قۇيدىغان ئورنىڭىز چۇقۇم ئايرىم بۇلۇشقا دىققەت قىلىڭ، نىمكەش كۇمپيۇتېر بىلەن يېڭى كۇمپيۇتېر بىر ئۆيدە تۇرمىسۇن. نىمكەش كۇمپيۇتېرلارنى مال تېزىش ئورنىغا تىزماڭ سورىغانلارغا ئېلىپ چىقىپ كۆرسىەتسڭىزلا بولىدۇ، بولمىسا يېڭى كۆمپيۇتېر ئالدىغانلارنى گۇمانغا سېلىپ قۇيسىز.

4. دائىم ئىشلىتىدىغان مەھسۇلاتلاردىن باشقىسى كۆپ ئەكىرۋالماڭ ، مائۇس، كۇنۇپكا تاختىسى ، تىڭشىغۇچ قاتارلىق نەرسىلەرنى كۆپرەك ئەكىرسىڭىز بولىدۇ، ياڭراتقۇنى كۆپرەك ئەكىرىڭ كۇمپيوتېرسى يوقلارمۇ كۆپ ئالىدۇ، قالغان يۇقىرى پەن تېخنىكىك نەرسىلەرنى كۆپ ئەكىۋالماڭ، ئەۋرىشكە ئورنىدا بىرنەچچە تال تۇرسىلا بولىدۇ.

5. ناھىيڭىزدىن سىزگە ئوخشاش دۇكان ئاچىدىغانلار بىلەن ياخشى ئۆتۇپ مال ئارىيەت ئېىلىشنى قولغا كەلتۇرۇڭ بۇنداق بولغان ھەممە مالنى تېزۋېلىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، لازىم بولغان شۇلاردىن ئېلىپ چىقىڭ، بىر ئېىككى نەرسىنى زاكاس قىلمەن دەپ يۇرمەڭ بۇنداقتا خېردارنىڭ ۋاقتىنى ئالىسىز ھەم مال كىراسى تۆلەيسىز شۇلارنى قۇشقاندا كەسىپداشتىن ئارىيەت ئالغان مال پۇلىغا يېقىلىشىپ قالىدۇ.

6.كۇمپيوتېر ئەكىرگىچە بازانى ئوبدان كۆزتىپ مال زاكاس قىلىڭ باشقا دۇكانلارنى ئادەم سېلىپ ئايلاندۇرۇپ دۇكىنىڭزغا خاس بولغان ماللارنى تىزىڭ، قۇراشتۇرۇلما كۇميوتېر بىلەن ماركىلىق كۇميوتېردىن ئامال بار ئېككىدىن بىرنى تۇتۇڭ بولمىسا خېرىدارغا چۈشەندۇرۇش ھەمدە پەرقىنى ئايرىش تەس كېلىدۇ. ئامال بار نىمكەش مال ساتماڭ ساتسىڭىزمۇ مۇلازىمەت، سۇپەت، كاپالەت ۋاقتىنى ئېنىق دىيىشىڭ. بولمىسا يامان نامىڭىز چىقىپ قالىدۇ.

7. تۆت پەسىل مۇقىم بولغان خېرىدار مەنبەسىنى تېپىشقا تېرشىڭ، مەسلەن: مەكتەپ، ئىدارە-ئورگان، يېزا، كەنىت... دىگەندەك بولمىسا كۈز بولغىچە كىنو كۈردىغان ئىش چىقىدۇ. ئىدارە-ئورگانلارغا مۇلازىمەت قىغۇچە سۈرئەتنى قوغلىشىڭ، سىزنىڭ سەۋەبىڭىزدىن خىزمىتى توختاپ قالسا پۇل ئالغۇچە قىينىپ قالىسىز، ئۇلارغا باھانى سەل يۇقىرى يېزىڭ چۇنكى تالۇن كەسكەشكە باج تۆلەيسىز، نىسى قىلغاچقا مەبلىغىڭىز بېسلىدۇ، سەل يۇقىرى بۇلۇپ قالسىمۇ ئولار توغرا چۈشىنىدۇ. يەنە بىر تەكىتلەي چۇقۇم مۇلازىمەت سۈرئىتىڭىز تېز بولسۇن سىزدە يوق نەرسىلەر بولسۇمۇ باشقا يەردىن تېپىپ ئاپىرىپ بېرىڭ. ئىشقىلىپ قىيىنچىققا يۇلۇقسا سىزنى ئەسلەيدىغان قىلۋىتىڭ. ئۇلارغا ئامال بار ئۆزىڭىز مۇلازىمەت قىلىڭ مۇلازىمەت قىلغۇچە ئارلىقتا ئۇلارغا ياخشى تور بېكەتلەرنى ياخشى كىنولارنى، ياخشى ئۇيۇنلارنى تەۋىسىيە قىلىڭ، ئائىلىسىدىكى كۇميوتېرنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ ھەقسىز ياكى تۆۋەن باھادا مۇلازىمەت قىلىپ بىرىڭ.

8. خاتېرە كۇمپيوتېرلارنى جىق بېسۋالماڭ، ئامال بار بىر خىل ماركىنى تۇتۇڭ، كىرىستال ئېكرانلىق تېلۋۇزۇر بىلەن ئاساسى ماشننى بىرلەشتۇرۇپ سېتىڭ، بىركمە كۇميۇتېرنمۇ ئەكىلىپ قۇيۇڭ ھازىر مودا بۇلۋاتىدۇ.

9. ھەرخىل پائالىيەتلەرگە ئاكىتىپ قاتنىشىڭ قوللاڭ مەسلەن باللار بايرىملىق بايرامدا مەكتەپلەرگە بۇيۇم سوۋغا قىلىڭ، ھېيىت بايرامللىق ئېتىۋار باھا پائالىيتى ئېلىپ بېرىڭ(بۇلۇپمۇ نورۇزدا) ، تويلۇق كوميوتېر ئالغۇچىلارغا سوۋغا تەقدىم قىلىڭ.

10. تەشۋىقاتقا ئالاھىدە ئېتىۋار بېرىڭ ، ئىشىك ئالدىغا ئاقما ئېكران بېكىتىپ كۇندۇلۇك باھا ۋە مەھسۇلاتلارنى چىقىرىڭ، ھەرخىل ئالاھىدە كۇنلەردە خېردارلىرىڭىزغا ئۇچۇر يوللاپ تەبرىكلەڭ، قەرەللىك ھالدا تېلېفۇن ئۇرۇپ مەھسۇلاتنىڭزنىڭ ۋە خېرىدارڭىزڭنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرۇڭ بولمىسا ئۇلار سىزنى ئۇنتۇپ قالىدۇ \"\" ، كوت كوت توپى قۇرۇپ خىېرىدارلىرىڭىزنى قۇشۇپ ھەقسىز تور مۇلازىمىتى ئېلىپ بېرىڭ، يېڭى مەھسۇلاتىڭىنىنىڭ تەشۋىقاتنى قىلىڭ. ئايلىق تەشۋىقات ۋارقى بېسىپ تارقىتىڭ، دۇكانغا كىرگەن ھەربىر كىشىگە ئىسىم كارتىسى بېرىشنى ئۇنۇتماڭ.

11. ئىللىق چىراي بۇلۇڭ، خىرىدارلىرىڭىزغا ئامال بار ئۆزىڭىز بىر قوللۇق مۇلازىمەت قىلىڭ، ئالدىغا چىقىڭ، شاگىر ۋە دۇكان خىزمەتچلىرىنى چىقىرىپ قۇيۇشتىن ساقلىنىڭ خېردارڭىزنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىغا قاراپ مال باھاسىنى بېكىتىڭ،بەكلا مۇقىم قىلۋالماڭ، مۇناسىۋەت دائىرىسى ۋە تەشۋىقات ئىقتدارى كۈچلۇك كىشلەرگە ئانچە مۇنچە زىيانىغا سودا قىلىپ قويسىڭىزمۇ ھىچقىسى يوق.

12. دۇكانغا خىزمەتچى ئالغۇچە چۇقۇم قاتتىق سىناپ قۇبۇل قىلىڭ، شاگىرىت قۇبۇل قىلغۇچە ۋاقتىنى ئېنىق دىيىشىڭ چۇقۇم بىر يلىدىن كام بولمىسۇن ۋاقتى كەلسە زاكالەت ئېلۋالسىڭزمۇ بۇلىدۇ، بولمسا يېرىم ئۈگۈنۈپ كېتىپ سىزنىڭ ھەم دۇكىنىڭزنىڭ ئېناۋىتىڭىزنى تۆكىدۇ. دۇكاندىكى ماللارنىڭ كىېرىش باھاسىنى قاتتىق ئىشەنچ بولمىغان ئاساستا ئۆزىڭىز ھەمدە مالىيە خادىمىدىن باشقا خىزمەتچىلەرگە ئۇقتۇرماڭ، خىزمەتچىلەرنى بەك قاتتىق باشقۇرۋالماڭ ئۇلارنىڭ تەپەككۇرنى قاناتلاندۇرۇشقا بوشلۇك بېرىڭ ئۇلارنى دۇكان ئۆزنىڭكىدەك ھىسياتقا كەلتۇرۇڭ. مۇئاشىنى چۇقۇم ۋاقتىدا بېرىڭ، (بىر كۇنمۇ ئۈتۈپ كەتمىسۇن چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ نۇرغۇن ئىقتىسادىن پىلانى بار بۇلىدۇ، پىلانى بۇزۇلسا خىزمەت كەيپىياتى بۇزىلىدۇ)مۇئاشنى ئۈلۈك قىلىماڭ ، پىرسەتنلىك ئۇنۇم مۇئاشى قىلىڭ، قەرەللىك بىللە تاماق يېيىشكە ساياھەتكە ۋە باش شىركەتلەرگە ئەۋەتىڭ، كوللىتىۋىزمىلىق روھنى شەكىللەندۇرۇڭ، ئۇلار بىلەن دوستەك ئۈتۈڭ سىزگە ھەر ۋاقىت گىپىنى دىيەلەيدىغان بۇلۇڭ، تۇرمۇشىغا ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۈلۈڭ، توي تۆكۈن ، نەزىر چىراق ئىشلىرىدا باش بۇلۇپ بېرىڭ، ئاتا-ئانىسى ھېيت بايراملاردا يوقلاپ تۇرۇڭ، ئۇلار بىلەن قەرەلسىز پىكىر ئالماشتۇرڭ، كەيپىياتىدا ئۆزگۈرۈش بولغان ھامان پىكىرلىشىڭ(بۇ تۇر بەكمۇ مۇھىم)

9. نۇقۇل كومپيوتېرغىلا ئېسىلۋالماي كۆزىتىش ئاپىراتى، ئېلان تاختاي، تور قۇرلۇشى، يول باشلاش ئۈسكۈنىسى، ئاشخانا، تاللا بازىرى ئاپتۇماتلاشتۇرۇش سېستىمىسى قاتارلىق تۈرلەنىمۇ يولغا قۇيۇڭ.

10. مال زاكاس قىلدىغان ئۇرۇن بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك سەممىيى ھەمكارلىششتا بۇلۇڭ، ئۇيەر-بۇ يەردىن مال ئالسىڭىز چوڭ تۈر چىقىپ قالسا قوللاپ بىرەلمەيدۇ.



مۇشۇنچلىك يازاي، يەنە يازسام بەك جىق ئىكەن، باشقا ئېشلار بولسا كوت -كوت 373900971 بىلەن ئالاقلىشىڭ با مەسلىھەت ئىش قىلايلى.

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 01:03:09

يۇقۇردىكى قىرىندىشىمىز ناھايىتى ياخشى چۇشەندۇرۇپتۇ

مۇشۇ بويىچە تىجارەت باشلىسىڭىز ئاللاھ بەركەت بەرگەي

بولۇپمۇ سىتىشتىن كىينكى مۇلازىمەت ھەم مالنىڭ سۇپىتىگە كاپالەتلىك قىلىڭ

function يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 08:05:40

ئىنكاسنى باھالىغىلى بولامدۇ؟

anas001 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 09:08:10

Capslockنىڭ ئىنكاسى تۈپەيلى ،بۇ تېمىنى ئەلا باھالىۋەتتىم. ھەقىقەتەن ئاقىلانە پىلانلار بوپتۇ~

arzu415 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 17:51:02

Capslockنىڭ ئىنكاسىدىكى بەزەن تەكلىپلەرنى باشقا كەسىپتىكىلەرمۇ قوللانسا بولغۇدەك .

tursun12 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-13 00:55:42

ياخشى ئىنكاس ..

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2012-9-13 08:42:00

Capslock خېلە ئەتراپلىق ئىنكاس يېزىپتۇ يەنىلا ياخشى باھاسى مۇۋاپىق مال مەنبەسى بۇلۇشمۇ ئىنتايىن مۇھىم

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-9-13 10:19:36

خەتكۈچ سېلىپ قوياي.

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2012-9-13 13:04:02

مىنىڭ قۇلۇمغا سونىي رەقەملىك فوتۇ ئاپىراتتىن بەش ئونى چۈشۈپ قالغان ، يەنە لەپتوپتىن بەش ئالتىسى بار . ھەممىسىنىڭ تېخى يەشىكى ئېچىلمىغان ، ئەرزان باھادا ئۈتۈنۈپ بىرىمەن . كىيۇ كىيۇ 923323861



ساۋاقدېشىم دۇكاننى تاشلاپ بېيجىڭغا تاش سودىسى قىلغىلى كەتكەن ، شۇ دۇكاندىكى نەرسىلەر .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-15 20:26:49

ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنىڭ بەرىكىتىنى بەرسۇن
بەت: [1]
: كومپىيوتېر سېتىش دۇكىنى ئېچىش توغىرسىدا پاراڭلىشىپ باقساق