ARUNI2 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 12:01:19

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدىكى خىياللار

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدىكى خىياللار



2012- يىلى 9- ئاينىڭ 10- كۈنى پۈتۈن دۇنيادىكى پۈتۈن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى! جۈملىدىن دىيارىمىزدىكى ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭمۇ بايرىمى. ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن! بولۇپمۇ مۇكاپات ئالالمىغان، ئىلغار بولالمىغان، بولالمىسىمۇ ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى چۈشىنىپ، مۇكاپاتنى ئەمەس، ئەۋلادلارنى تەربىيلەشنى ئويلاپ، ئىرادىسىدىن قايتىمىغان، «مۇكاپاتسىز» بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىغا قۇرۇق بولسىمۇ مۇبارەك بولسۇن! ئۈمىد-ئىرادە سىلەرگە يار بولسۇن!



بۇ كۈندە ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرلائۆز ئورۇنلىرى تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشپ، باشقا كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا قىزغىن ئالقىش- چاۋاكلار ئىچىدە مۇكاپاتلىنىپ، بەلگىلىك خوشاللىق، كىشىلىك قەدىر-قىممەت، ئىززەت- ھۆرمەتكە نائىل بولىدۇ. ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا خىزمەت شادلىقىغا چۆمۈلۈپ رىغبەتلەندۇرۈشكە مۇيەسسەر بۇلالايدۇ. خىزمەت ھاردۇقلىرىنى بىر ئاز بولسىمۇ چىقىرىپ، ئىنسانىيلىق قەدىر- قىممىتىدىن بەلگىلىك پەخىرلىنىدۇ. لېكىن كۆپ ساندىكى ئوقۇتقۇچى يولداشلارتىرشىپ- تىرمىشىپ خىزمەت قىلسىمۇ، گەرچە بەزى ئورۇنلار تەرىپىدىن ئالداش خاراكتېرىگە ئىگە ئومۇمىي سۆزلەر بىلەن ئوپچە ئۆزرىگە ئۇچراپ، كونكىرىتنى رىغبەت- مەدەتسىز قېلىپ، بىر يىللىق خىزمەتلىرى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۇرۇلمەيدۇ. قىزغىنلىقىغا ئاكتىپچانلىق قوشۇلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەزىلىرى ئاستا- ئاستا رەڭۋازلىق كوچىسىغا كىرىپ، ئۇستاتلىق ھۈنىرىنى ئىشقا سالىدۇ، يەنە بەزىلىرى تەپسە تەۋرىمەس بولىۋالىدۇ. يەنە بەزىلىرى مۇكاپاتلانغانلار بىلەن ئۆز خىزمەتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۆز ئورۇنلىرىغا نارازىلىق كەيپىياتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئومۇمەن بۇ بايرام تاشقى جەھەتتە بايرام تۈسىگە ئىگە بولسىمۇ، ئويلانغان ۋە ئويلىنالايدىغانلارغا يۇشۇرۇن بىر خىل ئازاپ بولىدۇ.


مەنمۇ ئۈن-تىنسىز ئىشلەۋاتقان ئاددىي بىر ئوقۇتقۇچى. بۈيۈك ئارزۇ ئارمانلارنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، خىزمەتلەرنى ئەستايدىللىق بىلەن ئورۇنداپ، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە رازى قىلىش ئۈچۈن تىرشىۋاتقان، ھازىرنى ئەمەس، كەلگۈسىنى، كوممۇنىزىمنى قۇرۇپ چىقىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، بىر تەرەپتىن ماتېرىيال ئۆگىنىپ، تەجىرىبە توپلاپ ،يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇ-ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمەتلەرنى زور تىرىشچانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان، لېكىن ئاشكارا سورۇنلاردا مۇكاپات ئېلىپ، رىغبەتلەندۇرۇشكە ئۇچراپ باقمىغان، بەزىدە ئىرادىلىك، ئۈمىدلىك بولساممۇ، يەنە بەزىدە بۇ تۈپەيلى ئۆزۈم ھەققىدە: خىزمىتىم ئۈنۈمسىز بۇلۇۋاتامدىغاندۇ، مەنمۇ ئوخشاش خىزمەت قىلىپ، نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدىكى مۇئەييەنلەشتۇرۇشىگە ئېرىشەلمەيمەن؟خىزمەت ھاياتىمدا دەرھال رۇخسەت سوراشقا رايىم بارماي، باشقىلارنىڭ قالدى-قاتتى دەرىسلىرىنى ئۆتۈپ، شىلاپ-ماختاش، گوللاش-ئالداشلىرىغا ئالدىنىپ، باش كۆتۈرمەي ئىشلەپ، ئۆزۈمنىڭ بەلگىلەنگەن دەرس، خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئىشلەپ، كۈندۈزى يەتمىسە، كەچتە سىمنا قوشۇپ ئىشلەپ، ياكى قوشۇمچە سىمنا ھەققى ئالماي ئۆتۈپ كېتىدىغان دەۋەت، رىغبەت، مەنپەئەت-ھۆرمەتنى بىلمەيدىغان، جازالانمىغىنىغا شۈكرى قىلىپ ئۆتۈۋېرىدىغان، تەپسە تەۋرىمەس، توۋلىسا مۆرىمەس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قېلىۋاتامدىغاندىمەن؟ قەدىرىمنى، ئىززەت- ھۆرمىتىمنىتاپالمايدىغان بىر ھاڭۋاقتىغا ئايلىنۋاتقان ئوخشايمەن دەپ ئويلىنىپ قالىمەن. بەلكىم بۇنداق ئويلايدىغانلار مەنلا ئەمەستۇرمەن...


خىزمەتكە چىققىلى 10 نەچچە يىل بولدى، تاكى ھازىرغىچە بىر قېتىم يىللىق خىزمەتلەرنى مىقدارلاشتۇرۇپ، باھالاشتا خىزمەت نومۇرۇم مەكتەپ بويىچە يۇقىرى چىقىپ قېلىپ، 100يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىپ قالغان (شۇ چاغدا تېخى بەزى مۇكاپاتلىنالمىغان خىزمەتداشلىرىم بولۇپمۇ ھەر يىلى ئاساسەن دېگۈدەك مۇكاپاتلىندىغانلارنىڭ بىر قىسمى مەن يوق جايلاردا بىر ئاز غەيۋەت قىلىپ، نارازىمۇ بولغان. قارىغاندا ئازاپلىندىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئوخشايدۇ. مۇكاپاتنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئوتتۇرىسىدا تارقىتىلىپ، ئاشكارا، كۇنكىرىتنى مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە ئېرىشىشنىڭ تەسىرى ئاددىي ئەمەس ئىكەن). خىزمەتداشلىرىم بىلەن ھەر يىلى ئوخشاش خىزمەت قىلىمەن، ئوخشاش ئىشلەيمەن، شۇلار نەچچە سائەت دەرس ئۆتسە، مەنمۇ شۇنچە سائەت دەرس ئۆتىمەن، باشقا ئىشلارنىمۇ ئوخشاش قىلىمەن. ھەتتا، باشقىلارنىڭ ھېرىپ قالغىنغا، دەرس سائىتى كۆپرەك كۈنىگە توغرا كەلگەن سورىغانلارنىڭ قالدى-قاتتى دەرسلىرىنى ئۆتۈپ تۇرىمەن. قوشۇمچە ئالداپ-شىلاپ بۇيرىغان، يېلىنىپ- يالۋۇرغان باشقا ئىشلارنىمۇ ھەرقانچە جىددىي بولساممۇ قىلىپ تۇرىمەن. پەقەت ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، مۇكاپات ئالغانلار ۋە ئالالىغانلار تاللانغان، خىللانغان ئوقۇغۇچىلارغا دەرىس بېرىدۇ. مەن بولسام دەرستە نىسبەتەن ئاجىزراق، ئىنتىزامسىزراق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس بېرىمەن، بۇ دەسلەپتىلا بېكتىۋىتىلىدۇ. نەتىجىنى ئاساس قىلامدىكىن دېسەم، ھەممە تەرەپتىن نومۇر قويۇپ مىقدارلاشتۇرۇپ باھالايمىز دەپ ھېساپلاپ يۈرىيدۇ. ئىشلەك ماتېرىياللاردىن كەتتىمىكىن دېسەم، ھەممىسىنى تولۇق يېزىپ، تولۇق دەپ تەكشۈرتۇپ تۇرىمەن. بەزىدە ئوتتۇرىدا ئىلغارلارنى بېكتىدۇ. كىم سۆزگە ماھىر، ياشتا-ساقالدا چوڭ، مەنپەئەتتە ئورتاق، كۆڭۈلگە ياقسا، شۇنىڭ كۆرسەتكىنىگە ئاۋاز ئېلىندۇ. كىممۇ بۇ بولمىسۇن دېيىشكە كۆڭلى بارسۇن، چۈنكى ئۇمۇ بىر ئوقۇتقۇچى، ئۇمۇ ئوخشاش ئىشلگەن. بىر- بىردىن قالغۇسىز، ھەممەيلەن قول كۆتۈرۈپ تەستىقلايمىز. مەكتەپ ئىقتىسادى يار بەرمەيدۇ ياكى يۇقىرى تەستىقلىمايدىغان بولغاچقا مۇكاپاتلىندىغان سان چەكلىك، نۆۋەت سىزگە كەلمەيدىكەن. شۇڭا ھەر يىلى مۇكاپات ئالىدىغانلار ئاساسەن شۇنداقلار بولدىكەن.


قارىغاندا مەن ئۆمۈر بويى خىزمىتىمنىڭ مۇئەييەنلەشتۇرلىشىنى كۈتمىسەم، ئىنسانىي ھۆرمەتنى، خىزمەت قىممىتىمنى ئارزۇ قىلمىساممۇ بولغۇدەك، باشقىلار قانداق، قانچىلىك مۇكاپاتلانسامۇكاپاتلانسۇن! بۇرۇنقى پادىشاھلارنىڭ ئوردىسىدىكى ۋەزىر-ۋۇزىرالارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىككىگە بۆلۈنۈپ، ئايىغى چىقماس دە-تالاش، جەڭگە-جېدەلگە چۈشكەنلىكىنىمەن ئەمدى چۈشەنگەندەك بولىۋاتىمەن، مېنىڭ بۇ خىيالىممۇ ئاشۇئايىغى چىقايدىغان ياكى شۇ ۋەجىدىن ئوردىدىن قوغلىنىدىغان گەپكە ئوخشايدۇ.


elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 15:59:41

مۇشۇ مەمۇرى ئورۇندا ئىشلەۋاتقان ھەدىلىرىم ھەر چاغان كەلگەندە نەچچە مىڭدىن پۇل تارقىتىدۇ،لىكىن بىزنىڭ ئالاھىدە تەرپىلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدە دەپ مەكتەپتىن بىردىغىنى بىرخالتا گۇرۇچ ياكى 10 كىلو ماي،گەپقۇ بۇ نەرسىلەردە ئەمەس، لىكىن يوق باھانىلەر بىلەن يىغىدىغان ئىئانە ياكى ھاشارلار ........................................................

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 15:59:49

ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى قىلىشنىڭ تەس ئىكەنلىگىبىر جەھەتتىن ئۇنىڭ ئاسانلىقچە مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشەلمەسلىگىدە. مائارىپ خۇددى ئەتىيازدا ئۇرۇق سېلىپ كۈزدە ھوسۇل ئالغانغا ئوخشايدۇ، پايدىسىنى شۇ ھامان كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەجرىڭىزدىن تولۇپ چوڭ بولغان باشاق ئۇ مايسا ۋاقتىدا ئۈستىگە تامغان بىر تامچە تەرىڭىزنىڭ قەدرىنى بىلىشى ناتايىن... ھەممە ئادەم كۆز ئالدىدىكى پايدىنى كۆزلەۋاتقان ئارقا كۆرىنىش ئاستىدا ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، دەرىس ئۆتمىگەن، قىزىق گەپ قىلىپ بەرگەن، ياكى ماتىماتىكا دەرسىدە ھىكايە سۆزلەپ بەرگەن، فىزىكا تەجرىبىسى ئىشلىمەي كارتون فىلىم قويۇپ بەرگەن، ئىمتىھاندا يۇقرى نومۇر بېرىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدا يۈزىنى \"يورۇق\" قىلغان، ئالي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ياردەم قىلىپ ئۆتكۈزۈپ قويغان ... ئوقۇتقۇچىلارنى ياخشى كۆرىدىغانلار كۆپ. ئەمما ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم ئالدى بىلەن جەمئىيەت ئالدىدا جاۋاپكار، مەلۇم بىر ئوقۇغۇچى ئالدىدا ئەمەس. ئۆز ۋىجدانىمىزغا يۈز كىلەلىسەك شۇ كۇپايە.

alwasti يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 18:48:53

قىززىق يېرى، مۇشۇ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا شۇ مائارىپ تارماقلىرى پۈتۈن بىر كۈن قويۇپ بېرەلمەيدۇ.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 20:41:51

بۈگۈن ئەتىگەن تېلېفۇن كەلدى ، ئالسام يېغىن بار ئىكەن ، بارسام 200 كوي مۇكاپاتىم باركەن ..قولىمىزغا پۇل سانى يېزىلغان تاختىن تۇتقۇزۇپ ،سۈرەتكە تارتىۋالغاندىن كېيىن ، شەرەپ گۇۋاھنامىسىدىن بىرنى تۇتقۇزۇپ ،چاۋاك چىلىپ تۆۋەنگە ئۇزىتىپ قويدى (قاچان نەقلەشتۈرىدىكىن تاڭ؟)

بىر باشلىق سۆزگە چىقىپ 5 مېنۇت ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدە مەدھىيە ئوقىغاندىن كېيىن ، بىراقلا2 سائەتساقال-بۇرۇت، رومال-لېچەك ھەققىدە ۋەزخانلىق قىلدى ....ئاندىن يەنە بىر ئىككى مۇئاۋىنلارتولۇقلىما قىلدى ...شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ نەق يېرىم كۈنى تۈگىدى...

چۈشتىن كېيىن ، خوتۇن كىر-قات يۈيىمەن دېدى ، شۇنىڭ بىلەن بالىنى توكسېكىلىتنىڭ ئالدىغا مىندۈرۈپ ، يېرىم كۈن بالا باقتىم ....

Ulanbay يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 22:46:28

3- قەۋەتتىكى alwastiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قىززىق يېرى، مۇشۇ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا شۇ مائارىپ تارماقلىرى پۈتۈن بىر كۈن قويۇپ بېرەلمەيدۇ.

نېمە سەۋەبتىنكى بۈگۈن بىزنى بىر كۈن قويۇۋەتتى.\"\"

Ulanbay يوللانغان ۋاقتى 2012-9-10 22:50:06

بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئەلا نەتىجىسىنى كۆرۈشتىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق بولمىسا كېرەك.

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئوقۇغۇچۇمنىڭ يۇقىرى ئالغان نەتىجىسىنى ئاڭلاپ،

كۆزلىرىمدىكى ياشنى توختىتالمىغاندا ھەقىقىي خۇشاللىق ۋە سوۋغىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 08:32:24

بىز ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنى يولنىڭ ئىككى يېنىغا بالىلارنى ئاچىقىپ تىزىپ قارشى ئالدۇق. ناھىيىمىزنىڭ رەھبەرلىرى تۇلۇق قاتنىشىپ مۇكاپاتلاش يىغىنى ئېچىپ مۇھىم سۆز قىلدى، خېلى داغدۇغىلىق بولدى! ئادەمنىڭ روھى كۈتۈرۈلۈپ قالدىكەن بولمىسا!

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-9-11 19:56:47

1- قەۋەتتىكى elxat421نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ مەمۇرى ئورۇندا ئىشلەۋاتقان ھەدىلىرىم ھەر چاغان كەلگەندە نەچچە مىڭدىن پۇل تارقىتىدۇ، لىكىن بىزنىڭ ئالاھىدە تەرپىلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدە دەپ مەكتەپتىن بىردىغىنى بىرخالتا گۇرۇچ ياكى 10 كىلو ماي، گەپقۇ بۇ نەرسىلەردە ئەمەس، لىكىن يوق باھانىلەر بىلەن يىغىدىغان ئىئانە ياكى ھاشارلار ........................................................



سىلەرگە تېخى بىر نەرسە بېرەمدا؟شۈكرى قىلىڭلار جۇمۇ!


بىزگە بىر نەرسىمۇ بېرىلمەيدۇ، بىر سائەت بۇرۇنمۇ قويۇپ بەرمەيدۇ،8 سائەتنى 9 سائەت قىلىپ ئىشلەپ تەبرىكلەيمىز

nurfiya يوللانغان ۋاقتى 2012-9-12 09:32:40

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتى ھەقىقەتەن جاپالىق ،ئەمما بەزى يەرلەردە يىتەرلىكبولغان ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇلالمايۋاتىدۇ\"\"

alwasti يوللانغان ۋاقتى 2012-9-12 12:23:03

5- قەۋەتتىكى Ulanbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى alwastiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قىززىق يېرى، مۇشۇ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا شۇ مائارىپ تارماقلىرى پۈتۈن بىر كۈن قويۇپ بېرەلمەيدۇ.

نېمە سەۋەبتىنكى بۈگۈن بىزنى بىر كۈن قويۇۋەتتى.\"\"

بۇ يەردە ئەھۋال مۇنداق:


بايرام، تەتىل كەلدىمۇ بولدى ، دەم ئېلىشقىغۇ قويۇپ بېرىدۇ ئەمما باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا بىر توقاي ئىشنى ۋەزىپە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ بىچارە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمى ئائىلىلەرگە بېرىپ جەدۋەل تولدۇرۇش، ئۇنى تېخى كېچىلەپ كومپيۇتېرلاش (كومپيۇتېرى يوقلار پۇلغا قىلدۇرۇش) بىلەن ئۆتىدۇ.


ئوقۇتقۇچىنىڭ بايرىمى شوچاڭنىڭ دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇۋېلىپ 1 مىنۇت كېچىكسە 10 مىنۇت يازدۇرىشىدىن قۇتۇلغىنى بولىدۇ.

بەت: [1]
: ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدىكى خىياللار