ئۇيغۇر تىلى ھىندىستان كىنولىرىدا
بۇ تېمىنى نەچچە كۈن ئاۋال يوللىغانتىم ، ماۋزۇسىنىڭ خەت نۇسخىسى توغرا كەلمەي تەھرىرلىگەندىن كىيىن بىر يوقاپ كەتكەنچە قايتا چىقمىدى ، تەستىقلاپ قويساڭلار :::
مەن يېقىندا « ئۈچ ئەخمەق » ، « مىنىڭ ئىسمىم خان » « تۇتۇش بۇيرىقى » …..قاتارلىق بىر قاتار خەنچە ئىزاھ بىرىلگەن ئەسلى زۇۋانلىق فىلىملەرنى كۈرۈپ چىقتىم . بۇ فىلىملەرنى كۈرۈش جەريانىدا فىلىمدىكى ماڭا تۇنۇش بولغان، مەن مەنىسىنى چۈشىنىدىغان ( ياكى مەن ئۇيغۇرچە دەپ بىلگەن ) سۆزلۈكلەرنى رەتلەپ چىقتىم . ھەممىمىزگە مەلۇم تىلىمىز تارىختا ئەرەپ ، پارس تىلىنىڭ تەسىرىگە كۈچلۈك ئۇچرىغان . «مىھراپتىن چايان » « ئۆتكەن كۈنلەر » رۇمانىدا بۇ نوقتا ناھايىتى كۈچلۈك يۇرۇتۇپ بىرىلگەن .
ئەمما مەن بۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قۇيماقچى بولغان سۆزلۈكلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭىپ كەتكەن بۇلۇپ ، بىزنىڭ دىققەت ئىتىبارىمىزنى تارتىدۇ .
ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر تىلى يەنە خەنزۇ تىلى ، لاتىن تىلى سېستىمىسى ، سىلاۋىيان تىللىرى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ،ۋە ئۇلاردىن لۇغەت قۇبۇل قىلغان ، لىكىن بۇلارنىڭ تىلىمىزغا كىرىش تارىخىغا ئۇزۇن بولمىغاچقا خەلقىمىز تەرىپىدىن ھەقىقى ئۇيغۇر تىلى دەپ قارالمايدۇ .......
بەلكىم مەن ئەرەب ، پارس ،ھىندى ، پۇشتۇ تىللىرىدىن خەۋىرىم بولمىغانلىقى ئۇچۈن ئارتۇقچە سۆزلۈكلەرنى تىزىپ يۈرگەندىمەن ، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن كاللىمىزدىن بارلىق چەتئەل تىلى ئىلمىنتلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ تۆۋەندىكى سۆزلۈكلەرگە نەزەر سالايلى :
سۇئال ، جاۋاپ ، لىكىن ( بۇ سۆز ئەڭ بۇرۇن دىققىتىمنى تارتتى ، خەنچە 但是 )،مىھرىبان ، دوست ، ئاسان ، مۇھەببەت ، ئىنشائاللا ، ئىنسان ، قىسىم ، پىرقە ، ئەدەب ،كىتاب ،خوشال ، سالام ،ئاۋاز ، شاد (كۈلۈش ) ،خوپ سۈرەت ( چىرايلىق ) ،ھارامزادە ،ئاسمان ،مۇمكىن ، موزىيى ،داك ( ئۆردەك – بۇ ئېنگلىزچە سۆزمۇ ئۇيغۇرچىغا يېقىن ) ،پىقىر ( مەن ) ،بىگۇناھ ، ئايەت ، مەزھەب ، ناماز ، نىيەت ،جەڭ ( ئىراق ئۇرۇشى تىلغا ئېلىنغان ) ، چوكىلىت ( بەلكى ئېنگىلىزچىدۇ ) ، زۇلۇم ، ھەزرەت ، قۇربان ، خۇدا ، كافىر ، شەيتان ، نارازى ، ھەق ، ئازاد (自由 ) ، گۇناھى سابىت ، ئىنتىزار ، ماما ( ئانا-بۇ خەنچىدىكى ماماغا يېقىن ، ئېنگىلىزچىدىمۇ مام دەيدۇ ) ، يادىكار ، ھەرۋاقىت ( 一直 ) ، سودا ، چاي ، گۆش ، بول ( 快说 ) ، باھادىر ، مۈشكۈل ، ئىجازەت ، دەرۋازا ، ئىسكەندەر ( ئادەم ئىسمى ) ، رۇخسەت ، پادىشاھ ، جاناب ( ئەپەندىم ، سىر ) ، پىلان ، قايسى ؟ ، شىھىد ، مەشھۇر ، ئابا ( دادا ، بۇ سۆزمۇ ئوخشاشتەك بىلىندى ) ، مەسجىد ، شەيتان ، شاھزادە ، ھەقىقەت ( ئەمەلىيەتنى ھەقىقەت دەيدىكەن ، ئۇنداقتا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش دىگەن بىر سەپسەتىمۇ ؟ ) ، شەرمى ( ئەدەب ) ، ئوپىراتسىيە ، سىگنال ، رادىئو ، زەھەر ، شۈكرى , نۇمۇر ، يىگانە ، تەسۋىر ((相片 ، ئازاد ( 独立 ) ،شاراپ ، ئىنساپ ( 公平 ) ، يارا ، مەدەتكار ، مۇناسىپ ، ئىشك ( مۇھەببەت ) ...
( ئىزاھات : يېشىل رەڭ بىرىلگەنلىرى مەن ئەرەبچە سۆز دەپ بىلگەنلىرىم ، سېرىق رەڭ لاتىن ئىلىپبەسى تىللىرىدىن ، تىرناق ئىچىدىكى ئىزاھات ، شۇ سۆزنىڭ شۇ فىلىمدىكى مەنىسى، مەن فىلىمنى كۈرۈش جەريانىدا تىلىمىزدىكى سۆزلەرگە تاۋۇشى ئوخشايدىغان سۆزلۈك بايقىغىنىمدا ئاستىدىكى خەنچە مەنىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئاندىن بۇنىڭ بىز ئىشلىتىۋاتقان سۆز ئىكەنلىگىنى جەزملەشتۈردۈم )
مەن بۇ تېمىنى يوللاش ئارقىلىق بىز ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى لوغەت تەركىۋىنىڭ ( مەيلى ئۇ ساپ بولسۇن ياكى باشقا تىللاردىن سۆز قۇبۇل قىلغان بولسۇن ) تۇلىمۇ مول ، دۇنيادىكى ئىشلتىلىش ئورنى تۇلىمۇ كەڭرى ئىكەنلىگى ھەققىدە ھىس قىلغانلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش ، يەنە بىرسى تۈركىي تىل سېسىتىمىسى ، ھىندى ياۋرۇپا تىل سېستىمىسى ، ئەرەبلەرنىڭ ( قايسى تىل سېستىمىسى بولغىيتى ) تىل سېستىمىسى قاتارلىقلارنىڭ لوغەت تەركىۋىدىكى ئوخشاشلىق ، تىلدىكى بىرلىكلىق ھەققىدە كۆپچىلىكتىن ئازراق تەلىم ئېلىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يوللاپ قويدۇم .....
سۇئال، جاۋاب، لېكىن، قىسم، پىرقە، مۇمكىن، مەزھەب، شەيتان، ھەق، ئىنتىزار، مۈشكۈل، ئىجازەت، جاناب، مەشھۇر، ھەقىقەت، شۈكرى، تەسۋىر ،شاراپ، ئىنساپ مۇناسىپ، ئىشق ، رۇخسەت ھەممىسى ئەرەبچە ياكى ئەرەبچىدىن ئۆزگەرگەن
دوست،شاد، ھارامزادە، بىگۇناھ، خۇدا، ناماز،مەدەتكار لار پارسچىمىكىن. بۇ تېمىنى ئالدىنقى كۈنىلا كۆرگەندەك قىلغان ئىدىم، يا مەن ئابدۇكېرىم ئابلىزدەك بالدۇر كۆرىۋالغاندىمەنمۇ!؟ ئالدىنقى قېتىمقى تېمىڭىزغا ئىنكاسىمدا :« تۆمۈرلەڭ ئىمپىرىيەسى ئوردىسىدا ، بۈيۈك موغۇل ئىمپىرىيەسى ئوردىسىدا ، ھەتتا ئالتۇن ئوردا خانلىغى ئوردىسىدا ۋە مىسىردىكى مەملۈكىلەر ئوردىسىدا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلغان ... » دەپ يېزىپتىكەنمەن ، بۇنىڭغا قارشى پىكىردىكى دوستلار بولسا بۇ ئىنكاسىمدىن يېنىۋالسام بولىدۇ ، چۈنكى تارىختىكى سەلتەنەتنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرىمىزگە ئانچە كۆپ باغلىنىشى قالمىغاندەك ... {:92:}
يەنە بىر مەسىلە ، ھىندىلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ، ئافغانىستاندىكى ۋە ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى « موغۇل » دەپ ئاتىغان ، بۇ خۇددى ئەرەپلەرنىڭ يايلاقتىن كەلگەن موڭغۇل ياكى تۈركلەرنىڭ ھەممىسىنى « تاتارلار » دىگىنىگە ئوخشاش ، لېكىن بۇ تېرمىننىڭ « موڭغۇل » نامى بىلەن باغلىنىشىنى تارىخ ھەۋەسكارلىرى تۈجۈپىلەپ تەتقىق قىلىپ باقسا بولىدۇ . ئەجرىڭىزگە رەھمەت

مۇشۇلارنىڭ ئەرەبچىدىن كىرگەنلىكىنى بىلىدىكەنمەن. ئەڭ ياخشىسى ((ئىمپىراتۇر ئەكبەر)) نىڭ قۇتيار تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇر يېزىقى،ئەسلى تىلى بويىچە ئىشلەنگەن فىلىمنى كۇرۇڭلار،ھەقىچان نۇرغۇنلىرىڭلار خەنچە بىلىمەن دەپ ***چىسىنى كۇردۇڭلار، بۇنىڭدا قەدىمى ئۇيغۇر تىلىنىڭ مۇشۇ فىلىمدىكى ساداسىنى بىلەلمەيسىلەر، ئۇيغۇر تىلىدىكى سۇزلەملەر شۇنچىلىك كۇپ، ئۇنۇڭ ئۇستىگە ھىندىستانلىقلار تارىخى فىلىم بولغاشقا ئارتىست تاللىغاندا پۇتۇنلەي ئۇيغۇر چىراي ئارتىستلارنى تاللاپتۇ،يەنە كىلپ ئوردا-سارايلار پۇتۇنلەي قەدىمى ئۇيغۇر ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەتلەر، بۇنى ئۇيغۇر تارىخىنى بىلگەن كىشى كارامەت ھوزۇر ئىچىدە كۇرىدۇ شۇنداقلا تارىختا قانداق شانۇ-شۇھرەتلىك ئىكەنلىگىڭىزنى ئاندىن ھىس قىلىسىز، ئەلبەتتە فىلىمدىكى ھىندى ئىلمىنىتلىرىنى كۇڭۇلدىن ساقىت قىلىسىز. ئالدىنقى كۈنى ئىمكاس يازغاندەك قىلىۋىدىم ماۋۇ تىمىغا ئىنكاسىم بىرەرسىنىڭ بىر يېرىگە تاقاش قانمىدۇ ؟
6- قەۋەتتىكى urdekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەڭ ياخشىسى ((ئىمپىراتۇر ئەكبەر)) نىڭ قۇتيار تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇر يېزىقى،ئەسلى تىلى بويىچە ئىشلەنگەن فىلىمنى كۇرۇڭلار،ھەقىچان نۇرغۇنلىرىڭلار خەنچە بىلىمەن دەپ
***چىسىنى كۇردۇڭلار، بۇنىڭدا قەدىمى ئۇيغۇر تىلىنىڭ مۇشۇ فىلىمدىكى ساداسىنى بىلەلمەيسىلەر، ئۇيغۇر تىلىدىكى سۇزلەملەر شۇنچىلىك كۇپ، ئۇنۇڭ ئۇستىگە ھىندىستانلىقلار تارىخى فىلىم بولغاشقا ئارتىست تاللىغاندا پۇتۇنلەي ئۇيغۇر چىراي ئارتىستلارنى تاللاپتۇ،يەنە كىلپ ئوردا-سارايلار پۇتۇنلەي قەدىمى ئۇيغۇر ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەتلەر، بۇنى ئۇيغۇر تارىخىنى بىلگەن كىشى كارامەت ھوزۇر ئىچىدە كۇرىدۇ شۇنداقلا تارىختا قانداق شانۇ-شۇھرەتلىك ئىكەنلىگىڭىزنى ئاندىن ھىس قىلىسىز، ئەلبەتتە فىلىمدىكى ھىندى ئىلمىنىتلىرىنى كۇڭۇلدىن ساقىت قىلىسىز.
قۇتياردىكى فىلىملەرنى چۈشۈرگىلى بولامدۇ؟ مەن خەنچىسىنى كۆرگەنتىم، ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى كۆرەي دېسەم قېتىۋېلىپ ياخشى ماڭمايۋاتىدۇ.....