مىڭ ئىككى كېچە: 9 قىتئە سېھىرگەرلىرى
بىفانتازىيە ئىزدەنگۈچىسى فېردوننىڭ دۇنيا تارىخى ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى ئاشكارلانمىغان ئۇچۇرلار ۋە ئېچىلمىغان سىرلار توغرىسىدىكى «مىڭ ئىككى كېچە II : توققۇز قىتئە سېھرىگەرلىرى» ناملىق لېكسىيەسى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى (سەيشەنبە) قارلۇق يىغىن زالىدا ئۆتكۈزىلىدۇ، قىزىققۇچىلار بەھىرلەنگەيسىلەر.
ۋاقتى: 2012-يىلى 9- ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 16:30
ئورنى: ئۈرۈمچى يەنئەن يولى شىنخۇا كىتاپخانا بىناسى 4-قەۋەت قارلۇق مېدىيا تېخنىكا شىركىتى
لىكسىيە سۆزلىگۈچىلەر: فېردون(بىفانتازىيە ئاپتورى، ئەسەرلىرى www.gullug.com تورىدا ئېلان قىلىنغان)
ئەلى مامۇت(قارلۇق كومپىيۇتېر گرافىك خىزمەتچىسى)
ئاللا،خالسا بىرىپ ئاڭلاپ كىلەرمىز دۇنيادا قانداقئاشكارلانمىغان ئۇچۇرلار ۋە ئېچىلمىغان سىرلارتوغۇرلۇق
2- قەۋەتتىكى arqinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇمكىن بولسا بىزدەك يىراقتىكىلەر YY دا ئاڭلىساق .....
ئەھۋالدىن قارىغاندا ھازىر YY نىڭ تۇلۇق ئۇيغۇرچە قوللىشى ، بىزلەرنىڭ ئارىمىزدا ئۇمۇملىشى بىر قەدەر تىز بولغاندەك كۆردۈم ، ئىشلىتىش قولايكەن تۇق ....
قوللايمەن، ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا ئىچكىرىدىكىلەرمۇ بەھرىمەن بۇلالىغان بۇلاتتۇق

ئەھۋالدىن قارىغاندا ھازىر YY نىڭ تۇلۇق ئۇيغۇرچە قوللىشى ، بىزلەرنىڭ ئارىمىزدا ئۇمۇملىشى بىر قەدەر تىز بولغاندەك كۆردۈم ، ئىشلىتىش قولايكەن تۇق .... ئاللاھ خالىسا بۇدا چوقۇم قاتنىشىمەن... مەن دەل ئۈرۈمچىگە يولغا چىققان كۈنى باشلىنىدىكەن ئەمەسمۇ. قاتناشقانلاردىن بىلىۋالاي ئەمدى. بارغانلارسۈرەتكەئېلۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار،بارالمىغانلارمۇكۈرۋالىلى~ بىفانتازىيە دەپ خاتا يېزىۋالمىغانسىز؟ ئاۋۇ ئەرۋاھلارنىڭ بوينىدىكى ئالتە تەرەپلىك ئىرائىليەنىڭ بايرىقى ھەي ئۈرۈمچىدە بولغان بولساق بىر بېرىپ قاتناشقۇچىلىكى بار يىغىنكەنتۇق ، ئەپسۇس ئۇ كۈنى ئىشلەيدىغان كۈنۈمگە توغرا كەپ قاپتۇ ، بىفانتازىيە دىگىنى قايسى ئۇقۇم بولدى ، چۈشەنچە بەرمەمسىلەر ؟
6- قەۋەتتىكى tahir17نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىفانتازىيە دەپ خاتا يېزىۋالمىغانسىز؟
فانتازىيە ئۇيدۇرما، بىانتازىيە ئويدۇرما ئەمەس دەپ قارىساقچۇ؟ ئالتە بۇرجەكلىك يۇلتۇز، يەنە ئاۋۇ تۆت تادۇغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قاناتلىق بەلگە... ئاڭلاپ بېقىپ بىر نەرسە دەيلى~ @sandhouseمۇمكىن بولسا قارلۇقتىكىلەرگە (بەرىكەت تاپسۇن) ئىنكاس قىلىپ قويغان بولساڭلار، 4:30دا باشلىنىدۇ-دەپ يازغاندىكىن ئىمكانبار ۋاقتىدا باشلىسا. ئالدىنقى قېتىملىق جەمىئەتشۇناسلىق ھەققىدىكى لېكسيىسىنى 20نەچچە مىنۇت كېچىكىپ باشلىدى، 200دەك ئادەم ساقلاپ ئوتتادۇق. ئابدۇرەشىدكام سۆزىنى باشلاپ 15 مىنۇت بولمايلا شام ۋاختى بولۇپ قالدى، چىقىپ نامىزىمىزنى تۈگىتىپ كىرسەك ئورۇن توشۇپ كېتىپتۇ

‹‹بىفانتازىيە›› دىگەن سۆزبىزلەر فانتازىيە دەپ ئويلايدىغان، ئەملىيەتتەفانتازىيە بولماسلىقى مۇمكىن دىگەندەك مەنا بىرەمدىكىن.ئۇنداق بولمىسا فانتازىيە ئەمەس دەپ ئالسىلا بۇلىۋىرەتتى ...
سىنغا ئېلىپ تورغا چىقرىپ قۇيۇشقا ئىمكان بارمىدۇ ؟
مۇشۇ تىما ئىلان قىلىنغاندىن باشلاپ گۈللۈگنىڭ تېلسىكوپ سەھىپىسنى بەش قېتىم يوقلاپ بولدۇم ،ئۆزگىرىش بارمىكىن دەپ ،كاللامدا نۇرغۇن ئېنىقسىز سوئاللار بار ،مۇشۇ قېتىم جاۋاپ تېپۋالسام بولاتتى ،
فېردون قاتارلىقلار ھارمىغاي .. ئا ب س د دىگەندەك ، بىر ئىككى دىگەندەك
ئادەتتىكى فانتازىيە ، بۇرۇندىن باشلاپ فانتازىيە دەپ ئاتالغاندۇ ، ئەمدى بىفانتازىيە دىگىنىمىز شۇ بېشىدىكى ئا فانتازىيە بولغاندىكىن 2 - سى بىفانتازىيە دەپ ئاتالدىمۇ تېخى ..
فانتازىيەنىڭ نوچىسى دىگەندەك .... مەن تورغا چىقالمىغانلىقىم ئۈچۈنلا بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قاپتىمەندە ، چۈشتىن كىيىن ۋاقتىمنى بەكلا بىھۇدە ئۆتكۈزىۋەتتىم ھەي ئېسىت ............! سىنغا ئالمىغان ئوخشىمامدۇ ؟سىنغا ئالغان بولسا يوللاپ قويساڭلار بولاتتى باللا ..... بايا بالىلار بىلەن بارساق ئورۇن قالماپتۇ..
يەنە شۇ شام نامىزىغا تاقىشىپ يېنىپ چىقتىم. بەك جىق تېمىدا گەپ بولدى. ئىكىلوگىيىلىك تەڭپۇڭسىزلىقتىن UFOغىچە، كىمياگەرلىكتىن سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ كىتابى(مۇشۇنداق رىۋايەتلەر بار. سېھىر توغرىسىدىكى كىتاپ. خۇددى ھەيكەل ياشاش مۇباھ بولغىنىدەك، سېھىرگەرلىكمۇ ھالال ئوخشايدۇ،سۇلايمان ئەلەيھسسالامنىڭ شەرىئىتىدە.) گىچە. conspiracy theoryسۈيقەسىت نەزەرىيىسى دەمدۇق ؟ ئىشقىلىپ ئۇمۇ بار.
伪科学 دىگەن سۆزنى ئۇيغۇرچە قانداق ئالىدىغاندۇ-دەپ يۈرىتىم. بەلكىم بىفانتازىيە دېگىنى شۇ بولسا كېرەك.
ھەر ھالدا ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە مۇشۇ بىفانتازىيە بىلەن مىستىسىزىمغا ئائىت مەزمۇنلار تېخى يوق.
بۈگۈن سۆزلەنگەن مەزمۇنلارغا ئالاقىدار ئىشلارغا قىزىقىدىغانلار پات-پات ماۋۇ ئادېرسقا كىرىپ قويساڭلار بولىدۇ.http://www.awaker.net/
تىمنى يوللىغۇچى سىنغا ئالغان بولساڭلار يوللاپ قويساڭلار بۇلتى... خۇتەندە ئاچقان بولسا ئۇ يىغىننى كاساپەتلەر ھەي...
