Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-9-6 23:50:24

نوكىيا WP8 يانفۇنىنى ئېلان قىلدى.

9- ئاينىڭ 5- كۈنى نىيۇ- يوركتا، نوكىيا ئۆزىنىڭ 920 ۋە 820 تىپلىق ئىككى يېڭى Lumia يانفۇنىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭغا مىكروسوفت Windows Phone 8 مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان.



920:



820:



بۇ ئىككلىسىگە كۇۋالكوم snapdragon S4 1.5 GHz لىق قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن.

920 نىڭ ئېكرانى 4.5 سۇڭ، 820 نىڭ 4.3 سۇڭ.

920 بولسا 1GB لىق RAM ۋە 32GB لىق ROM غا، 820 بولسا 1GB لىق RAM ۋە 8GB لىق ROM غا ئىگە.






تۈۋەندىكىسى بۇ سابىق گىگانتنىڭ پاي ئەھۋالى، ئەسلىگە كېلىشى بۇ قېتىملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىگە باغلىق بولۇپ قالدى. 1997- يىلى مەرھۇم سىتىۋ جوبىس ئالما شىركىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تۇنجى قىلغان ئىشى بېل گېيتىستىن 150 مىلىيون دوللار مەبلەغ ھەل قىلغانلىقى بولۇپ، 15 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئالما شىركىتىنى بازار قىممىتى ئەڭ يوقىرى شىركەتكە ئايلاندۇردى. نوكىيا گەرچە سىتىۋ جوبىستەك كىشىگە ئىگە بولمىسىمۇ، لېكىن مىكروسوفت بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، Windows Phone يانفۇنى ئېچىۋاتقاندىن بېرى، يىلىغا تەخمىنەن 1 مىلىيارد دوللار تولۇقلىمىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۆتكەن ئايدا، ئۇنىڭ Samsung نى «ئاگاھ بولسۇن» دىگىنى بەلكىم ئۆزىگە ئىشەنچى بارلىقىدىن بولسا كېرەك.




ئالما ۋە مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى سىنىنى كۆرگەن كىشىلەر، سىتىۋ جوبىسنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتى ۋە سەنئەتلىك تەييارلىقىغا قارىغاندا، مىكروسوفت ياكى نوكىيا يىغىنىنىڭ سەھنە ئورۇندىلىشىنىڭ چېنىپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن، نىمىلا بولمىسۇن قىزىققۇچىلارغا بۇ سىن تېپىپ چاپلاندى:




WP8 Lumia دىكى يېڭىلىقلار:


كۆچمە Internet Exploer 10 قاچىلانغان.


كۆپ نېگىزلىك بىر تەرەپ قىلغۇچنى قوللايدۇ. ئەپ ئاچقۇچىلار پروگراممىغا سەللا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە، pc دىكى windows8 دا ئىجرا بولىدىغان ئەپ wp8 دىمۇ ئىجرا بولالايدۇ.



Windows Live ID:


WP نى تۇنجى تەڭشىگەندە ياكى كېيىن، ئۇنىڭغا live, Hotmail قاتارلىقلارنىڭ بىرى ئارقىلىق Live ID بىلەن باغلاپ قويغىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، يانفۇن چوڭ سىغىمدىكى SkyDrive بوشلۇقى، خەت ۋە ھۆججەتلەرنى ماس قەدەملەش، xBox ئۇيۇنى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن باغلىنىدۇ.



سىمسىز زەرەتلەش:


نوكىيا سىمسىز زەرەتلەش مەھسۇلاتىنى چىقارغان بولۇپ، بىرى، سىمسىز زەرەتلەش ياستۇقى Fatboy، يەنە بىرى سىمسىز زەرەتلەش ئاۋاز ساندۇقى Powerup.




Nokia wireless charging plate DT-900:





ئېكران:


Super Sensitive تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن ئېكراننى تىرناق، قەلەم ئۇچى، ھەتتا پەلەي بىلەنمۇ بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدۇ. قەھرىتان سۇغۇقتا پەلەي سېلىپ مەشغۇلات قىلىش ياكى بۇرۇننىڭ ئۇچىدا تېلېفۇن ئېلىش ھاجەتسىز، پەلەيدىمۇ ئېكران ئۆرۈش، ئەپ قوزغىتىش، خەت يېزىش مەشغۇلاتلىرىنى توغرا ئورۇنلاشقا بولىدۇ.





  




City Lens:


ئەپ ئارقىلىق، كامېرانى كوچىغا توغرىلاپلا، دۇكان، ئاشخانا.. قاتارلىقلارنىڭ ئورنىنى بىلىشكە بولىدۇ.






ئىككىنچى ئەۋلات PureView تېخنىكىسى:


قاراڭغۇ ئۆي ئىچىدىمۇ سۈزۈك رەسىم تارتالايدۇ، سىناقتا 4S تىنمۇ ئوچۇق ۋە يورۇق تارتقان. كامېرانىڭ نۇر ئېلىشى بۇرۇنقىلاردىن 5 ھەسسە يوقىرى. كامېرانىڭ سىلكىنىشتىن ساقلىنىش تېخنىكىسى يانفۇندىكى گىرىسكوپنىڭ ياردىمىدە، يانفۇننىڭ ھالىتىگە قارىتا تەڭشەپ، رەسىم ۋە سىنلارنى سىلىق تارتىشقا ئىمكان بېرىدۇ.






نوكىيا خەرىتىسى ئىشلىتىلگەن:






نۇرغۇن رەڭلىك قاپلار تاللاشقا بېرىلگەن:







Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2012-9-6 23:58:23

نوكىيا بار ھەممە كوزېرىنى بىراقلا چىقىرىپتۇ مانا.

باھاسى نەچچىدىن چىقاركىن؟

ما تېلىفۇنلىرى چىققاننىڭزى نوكىيانىڭ پېيى ھەدەپ چۈشۈۋاتىدۇ-يا.


mohsin يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 03:15:02

بالقاننىڭ داۋامىغا كىرمەيمىزمۇ  ؟ ھېچكىم بۇرادەر !   @Hechkim   ،   Hechkim

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 03:19:28

تېلىفۇنلار بەك ئىلغارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ مۇشۇ كۈندە ،   ئەمدى ئېۋۇ باتارىيەسىمۇ شۇنىڭغا ماس ئىلغارلاشسا ،   توكىنىڭ تۈگەپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەي ئەتىگەندىن كەچكىچە تورغا چىقالايدىغان بولساق ياخشى بولىتى .

باتارىيە جەھەتتە ئادەمنى خوشال قىلىدىغان يېڭى تېخنىكىلار يوقمۇ   ؟

Qabil يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 07:40:20

بۇگۇن ئەتىگەن ئوقۇغان پەچەت خەۋەر.  \"\"

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 08:47:45

نەقىل:[بۇ ئىككلىسىگە گالتون snapdragon S4 1.5 GHz لىق قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن.]





\"گالتون\" ئەمەس Qualcomm.  نۇر تورىدا \"گاۋتۇڭ\"لا دەۋالىدۇ تېخى.

albeini يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 09:05:14

نوكىيانىڭ ئەڭ ئاخىرقى كوزىرى ئاندىرويىد بىلەن ئالما قاتتىق كۈچ سىنشىۋاتقان مۇشۇ پەيىتتە بۇ سېستىمىنىڭ ئۈزۈپ چىقالىشىمۇ ناھايتى بىر تەس ئۆتكەل قالغىنىنى بازار ئەھۋالىقا قارايمىز ئۈزۈم بىر ئاندىرويىد ئىشلەتكۈچىسى لىكىن مەن يەنىلا نوكىيانى قوللايمەن سۈپىتى ياخشى چىداملىق !

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 09:23:37

ھازىرقى ئەڭ ھالقىلىق تىخنىكا باتارىيە بىلەن تىلفۇننىڭ چىدامچانلىقى

بولۇپمۇ تىلفۇننىڭ چىدامچانلىقى

مەسىلەن بىز نەچچە ئايلىق مۇئاشىمىزغا بىرتىلفۇن سىتىۋالساق قولدىن چۇشۇپ كىتىش ياكى

ئازراق سوقۇلۇپ كىتىش بىلەن ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قىلىۋاتىدۇ

مىنىڭ بىرئاغىنەم بولىدىغان htcدىن بىرنى 2500 گە ئالغان قولدىن چۇشۇپ كەتكەندىن كىيىن

پەقەتلا ئىچىلمىدى ھەم ئوڭشالمىدى شۇنىڭ بىلەن 2500 كوي پۇل يوق بولدى

يەنە بىرئاغىنەم باتى  ئالما 4sئالغان لىكىن ئاچچىغى بەك يامان خوتۇنى بىلەن تىلفۇندا ئۇرشۇپ قىلىپ

يەرگە بىر ئاتقان باھانە بىلەن ئۇ تىلفۇنمۇ يوق بولدى شىجىنغا سىلىپ بەرگەن ئوڭشاتقىلى بىر مۇنچە پۇلنىڭ گىپىنى قىلدى ئۇنىڭ ئوڭشاتقان پۇلدىن ئالمىدىن يەنە بىرنى ئالغىلى بولدىكەن دەپ ئوڭشاتماي تاشلاپ قوياپ 100 كويغا تىلفۇندىن بىرنى ئىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ شۇڭا

مۇشۇ ئىككى تىخنىكىنى كىم بۇرۇن قوللۇنۇپ تىلفۇن ئىشلەپ چىقارسا ھەممەيلەن شۇنى ئالامدىكىن دەيمەنغۇ

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 09:43:21

چوڭقۇر مېھرىم بار نوكىياغا، ئالاقىلىشش ئۈسكۈنىسى قىلىشقىمۇ، خۇتۇنغا ئېتىشقىمۇ، ياڭاق چېقىپ يىيىشكىمۇ بۇلىدىغان بەك پۇختا تېلىفۇندە. قانچىدىن چىقار بازارغا؟

function يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 10:20:32

sumsung تېلېفۇن خوتۇنغا ئېتىشقا يارىمايدىكەن

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 11:08:14

9- قەۋەتتىكى veyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

sumsung تېلېفۇن خوتۇنغا ئېتىشقا يارىمايدىكەن  

خوتۇنغا ئېتىشقا يۇمشاقراق تېلېفۇن بولمىسا بولمايدۇ ھەي. قاپىقىنى يېرىپ قوياپ دۇختۇرخانىغا تۆلەيسىلە پۇلنى ئاندىن.



Samsung Galaxy S3  ئەڭ پەيزى تېلېفۇن ھازىر.


تېلېفۇننى مۇندا سىنايمىز



http://www.samsung.com/global/galaxys3/specifications.html

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 11:29:50

تۆۋەندىكى BBCنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا، Nokia بۇ تېلېفونىنىڭ ئېلانىدا ساختىلىق ئىشلەتكىنى چېنىپ قېلىپ ئەيىپلەنگەن ۋە نوكىيا شىركىتى ئەپۇ سورىدى دەپ يېزىپتۇ.


http://www.bbc.com/news/technology-19499879


\"\"



نوكىيانىڭ ئېلانىدا بۇ رەسىمنى بۇ يېڭى چىققان تېلېفوندا تارتقانلىقىنى ئىلان قىلىپتۇ. لېكىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئېلاندا ئىشلتىلگەن بۇ رەسىمنىڭ باشقا ئاپاراتتا تارتىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 12:38:30

5- قەۋەتتىكى sarwanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نەقىل:[بۇ ئىككلىسىگە گالتون snapdragon S4 1.5 GHz لىق قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن.]





\"گالتون\" ئەمەس Qualcomm. نۇر تورىدا \"گاۋتۇڭ\"لا دەۋالىدۇ تېخى.



رەھمەت سىزگە، ئۆزگەرتىپ قويدۇم. مەن تېخى نۇر تورى توغرىسىنى دىگەن ئوخشايدۇ، دەپتىمەن، ئېنگىلىزچىدا كۇۋالكوم دەپ ئوقۇيدىكەن، شۇنداق دىسەك بولار ھە؟



ئۆتكەن ئايدا ئالما شىركىتى پاتېنتقا دەخلى- تەرۇز قىلىش بويىچە سامسۇڭنى ئەرىز قىلىپ يەڭگەنلىكى، كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئاندرويىد ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلارغا بىر سىگىنال، ئۇلار باشقا بىر تاللاش يولىنى ئويلىشىشى مۇمكىن، دەپ قارىلىۋاتىدۇ.

hezine يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 14:18:01

htc بىلەن سامسۇڭمۇ بۇ سەپكە قېتىلىپتۇ، لېكىن ئۇلار ئاندرويد تېلفونلىرىنىمۇ تەڭ تۇتۇۋاتىدۇ.  نوكىيا بولسا پۈتۈن ئۈمىدىنى ۋىندوۋىسقا باغلىدى، بۇنىڭدا مەغلۇپ بولسىلا ئىشى چاتاق.

dada يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 14:29:30

نوكىيانىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى قوللايمەن.  ۋېندوۋىس سىستىمىسىنى باشقا تېلفون شىركەتلىرىنىڭ داۋاملاشتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

anty_almas يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 15:17:45

« سامسۇڭ يىڭىلگەن پاتنىت دەۋاسى سىستىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ، بۇ گوگىل تىلفۇنلىرىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ» دىدىغۇ گوگىل ؟

   بۇ تىلفۇنغا بولغان باھالاردا « باشقا تىلفۇنلار تۆت نىگىزلىك cpuغا كۆچۈپ بولغان بولغاندا نوكىيا قوش نىگىزلىك ئويناۋاتىدۇ» دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپتۇ . بەزى ئىستىمالچىلار ھەقىقەتەن قاتتىق دىتالغا قاراپ قىلىشى مۇمكىن ، لىكىن كۆپىنچە كىشىلەر windowsphoneنىڭ ئۇنداق يۇقىرى سەپلىمىگە ئىھتىياجلىق ئەمەسلىكىنى ئۇقىدۇ ، بىرىنجدىن سىستىما باشقا سىستىمىغا قارىغاندا يەڭگىل . lumia900 لار تاق نىگىزلىك ، لىكىن يەنىلام بەك يەڭگىل . ئىككىنجدىن باتارىيە ، سەپلىمە يۇقىرى بولغانسىرى سەرىپ بولدىغان ئىنىرگىيەمۇ كۆپ بولدىغان گەپ ، ھازىرقى تىخنىكىدا باتارىيەنى تەرەققي قىلدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئوخشايدۇ .ئۈچىنجدىن ، ئۇنچىۋالا نوچى cpuنىڭ ھازىرچە كىرىكى يوق .مۇشۇ cpuلارمۇ خىلى ھاجىتمىزدىن چىقدۇ . تاختا كومپىيوتىرنىڭ سەپلىمىسىنى كۆتۈرسە ئەرزىيدۇ ، توكى تۈگەپ كەتسىمۇ بەك جىددى ئالاقە ئەسۋابى بولمىغاندىكىن .  تىلفۇننىلام ئويلاشقاندا بۇ تىلفۇنلار ھەقىقەتەن ياخشى تاللاش .

   لىكىن بۇ تىلفۇنلارنىڭمۇ كىشىنى ئويلاندۇرۇدىغان تەرىپى بار . ئەنجۈر ، ئالما ، ۋىندوۋس تىلفۇنلىرىنى ئىشلىتىپ ھىس قىلغىنىم :

   ئەنجۈر ئەڭ ئەپلىك ، لىكىن بىر تىلفۇن ئالماشتۇرسىڭىز بۇرۇنقى كۆنگەن ئەپلەرنى ئىشلىتەلمەسلىك خەۋىپى بار ، گالاكسى تىلفۇنلىرى مىنىڭچە مۇشۇ سەۋەپ بىلەن بىر يۆنىلىش بويىچە تەرەققي قىلدۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن . لىكىن بۇ تىلفۇنلار رەھمەتلىك بولۇپ كىتىدىغان چىراي، موتورولامۇ تىلفۇن تۈرىنى ئازايتىپ ،بىر نەچچە خىل تۈر بويىچە يۇقىرى سەپلىملىك تىلفۇننىلام ئىشلەيدىغانلىقىنى دىدى ، دىمەك بۇلارمۇ شۇ مەخسەت ئۈچۈن  .   يەنە بىخەتەرلىك مەسلىسى بار(مەن ئۈچۈن بەرىبىر )  . ئىشقىلىپ يەنە جىق رەتلىنىشكە  تىگىشلىك . يەنە بىرەر يىلدىن كىيىن ماۋۇ سوتنىڭ قارارى كۈچىنى كۆرسىتىپ سامسۇڭ گالاكسىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان تىلفۇنلارنى بازارغا سالسا ، موتورولامۇ دىگىنىنى قىلسا ، ئۇ ۋاقىتقىچە سىستمىمۇ تىخىمۇ تەرەققى قىلسا

ئاندىن بۇ ئەنجۈرنىڭ كارامىتىنى كۆرىمىز .

   ئالما بەك ئەپسىز ، لىكىن ھەم غەمسىز، كۆنۇپ قالسىڭىز ئايرىلالمايسىز . ئەپ جىق ، خالىغان ۋاقىتتا  تىلفۇن ئالماشتۇرسىڭىزمۇ كۆنەلمەسلىك مەسلىسى يوق ، يەنە بۇلۇت بار ، يۈتۈپ كەتسە يەنە بىرنى ئىلىپ ئوخشاش ئىشلەتسە بولىدۇ ، پەقەت پۇلغا زىيان. لىكىن تاللاش دائىرىسى بەك تار بەك تار ، بىرلا تىلفۇن بولغاندىكىن ئوزى ياختۇرۇدىغان ئالاھىدىككە ئىگە تىلفۇننى تاپقىلى بولمايدۇ ، مەسلەن ئاۋاز سۈپىتى ناچار ، بۇنى ياختۇمايدىغانلار ئامالسىز باشقا

تىلفۇنغا كۆچىىدىغان گەپ . راست ، ماڭا ئىكىرانى ياقمايدۇ ، ھەم ماڭا نوكىيا n900نىڭ ئىكرانىدىن باشقا ئىكران تۈزۈك ياراپ باقمىدى . ئامالسىز كۆزۈم ئاغرىسىمۇچىداپ ئالما ئىشلىتىۋاتىمەن .

ۋىندوۋس تىلفۇنلىرى ئەمدى يىڭىدىن تۇغۇلدى، ئۇ توغرۇلۇق جىق گەپ قىلغىلى بولمايدۇ . سىستما ئەمدى ئىزچىل تەرەققىي قىلسا ، يەنە بۇلۇت قىتىلسا

بولدى ، قالغىنىنى نوكىيا ئۆزى قىلىپ كىتىتى ،بۇ  مىنىڭ ئۈمۈدۈم . شۇنداق بولسا مەن چۇقۇم ۋىندوۋس ئىشلىتىمەن .

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 16:11:21

WP8 يانفونىنى تۇنجى ئېلان قىلغىنى نوكىيا ئەمەس Samsung بولۇپ قالدى







جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىچە، تۈنۈگۈن Samsung گېرمانىيە IFA ئىستېمال ئېلىكترون كۆرگەزمىسىدە دۇنيادىكى تۇنجى نۇسخا WP8 ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونى ATIVS نى ئېلان قىلدى، بۇ نوكىيا تۇنجى WP8 يانفونىنى ئېلان قىلىدۇ دەپ قارىغان ساھەدىكىلەرنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى.



بۇندىن بۇرۇن ساھەدىكىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا مىكروسوفتنىڭ ستراتېگىيە ھەمكارلاشقۇچىسى نوكىيا سېنتەبىر بېشىدىكى نوكىيا چوڭ يىغىنىدا تۇنجى نۇسخا Windows Phone 8 يانفونىنى ئېلان قىلىدۇ دەپ قارىغان، ئەمما ئوتتۇرىدىن بۆسۈپ چىققان Samsung نوكىيانىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالدى. ئۇ ئېلان قىلغان ATIVS نۆۋەتتە بازاردىكى سەپلىمىسى ئەڭ ئىلغار WP يانفونى ھېسابلىنىدۇ.



تەھلىل قىلىنىشىچە، مىكروسوفتنىڭ بۇ ئىشتا Samsung غا يول قويۇشى بارلىق يانفون كارخانىلىرىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى، نوكىياغا يان باسمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.



ئەمما بۇ ئەڭ بۇرۇن مىكروسوفتقا ئەگەشكەن ۋە ئىزچىل ساداقەتمەنلىك بىلدۈرۈپ كەلگەن نوكىياغا نىسبەتەن بىر شۇم خەۋەر. ئەمەلىيەتتە، بۇ مىكروسوفتنىڭ نوكىيانى تۇنجى قېتىم ئوڭايسىزلاندۇرۇشى ئەمەس. بۇ يىل ئىيۇندا، نوكىيانىڭ تۇغلۇق WP يانفونى Lumia 900 بازارغا سېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مىكروسوفتنىڭ ئەجەللىك زەربىسىگە ئۇچرىدى، Lumia 900 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان WP7.5 سىستېمىسىدىكى يانفونىنى WP8 سىستېمىسىغا ئىلغارلاشتۇرغىلى بولمايدىغانلىق خەۋىرى ئەمدىلا بازارغا چىققان تۇغلۇق يانفونىنى ۋاقتى ئۆتكەن مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇپ قويدى، نوكىيا ئامالسىزلىقتىن زور ھەجىمدە باھا چۈشۈرۈپ سېتىشقا مەجبۇر بولدى.





http://news.okyan.com/View.aspx?ID=5913 &Page=1

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 18:25:28

بۇنىمۇ بىر ئىشلىتىپ كۆرگۈلۈك \"\" ئەمما ئەتە ئۆگۈن يەنە يېڭى سېستىما چىقسا بۇمۇ ۋاقتى ئۆتكەن مەسھۇلات بولۇپ قالارمۇ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-9-8 11:40:25

سىزنىڭ قولىڭىزدىكىسىنى WP8 گە كۆتۈرگىلى بولمايدۇ، WP7.8 گە كۆتىرىشكە بولىدۇ، سەۋەبى، سىستېما نېگىزى ئوخشىمايدۇ، قاتتىق دېتال جەھەتتىمۇ پەرق بار بولۇشى مۇمكىن. ئەمما مىكروسوفت WP8 دىن كېيىنكىلىرىدە بۇ خىل ئەھۋالنى تەكرارلىشى ناتايىن.

مەنچە، قاتتىق دېتال جەھەتتىن، wp8 يانفۇنلىرىنى كېيىنكى يېڭى سىستېمىلارغا يېڭىلىغىلى بولۇشى مۇمكىن.



WP8 يانفۇنىنى، مىكروسوفتنىڭ ئىتتىپاقدىشى نوكىيا ئەمەس بەلكى سامسۇڭنىڭ باشتا ئېلان قىلغانلىقى، مىكروسوفتنىڭ مۇنداق ئۇچۇرنى تارقاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن: مىكروسوفت قەستەن ھەمكارلاشقۇچىسى نوكىياغا ئاغمايدۇ، بەلكى ھەممە ياسىغۇچى كارخانىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدۇ. نۇرغۇن كارخانىلار بۇ ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇشى مۇمكىن.



نوكىيا 808 گە ئىشلەتكەن PureView(ساپ كۆرۈنۈش) 41 مىليون چېكىتلىك كامېرانى 920 ۋە 820 گە ئىشلەتمىگەن، سەۋەبى، كىشىلەر تېلېفۇندا تارتقان سۈرەتنى ئاساسلىقى ئىجتىمائىي ئالاقە بېكەتلىرىگە يوللاشقا ئىشلىتىدۇ، ھەمدە، ھازىرقى يانفۇن تور سۈرئىتى، سىغىمى قاتارلىق چەكلىمىلەردىن ئېيتقاندا، يانفۇندا ئۇنچىۋالا يۇقىرى سىغىملىق كامېرا ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپتۇ، ھەمدە، سۈرەت سۈپىتى يالغۇز چېكىت سانىلا ئەمەس، بەلكى ئاپپارات كۆزى، سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىن قاراش كېرەككەن.

ئەقىللىق تېلېفۇنلار ئىچىدە، ھازىر پەقەت نوكىيالا سىلكىنىشتىن ساقلىنىش تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەن. كېلەر ھەپتە ئايفوندا قانداق ئوخشاش يېڭىلىقلار بار قاراپ باقايلى.

ئەگەر، سىلكىنىشتىن ساقلاش كامېراسى، Qi سىمسىز توك قاچىلاش، دەرىجىدىن تاشقىرى سەزگۈر ئېكران.. قاتارلىق يېڭىلىقلار ئالما ياكى ئاندىرويىدتا ئاۋال ئېلان قىلىنغان بولسا، چوقۇم نۇرغۇن كىشى قاتتىق ھەيران قالاتتىكەن،.. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، ياڭاق چاققىلى بولىدىغان يانفۇن ياسىيالايدىغان نوكىيا نۇرغۇن سادىق ئىشلەتكۈچىلەرگە ئىگە.

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-8 13:39:40

4.3دىيوملۇق  820 نى ياقتۇرۇپ قالدىم،قاچان بىزنىڭ بۇ يەرلەرگە كېلەر؟باھاسى قانچىلىك بولار؟ئۇيغۇرچىنى قانچىلىك دەرىجىدە قوللار؟
بەت: [1] 2
: نوكىيا WP8 يانفۇنىنى ئېلان قىلدى.