hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-6 21:13:13

مىۋىلىك دەرەخلەردىكى چىرىش كىسىلىنىڭ ئۇنىۋىرسال ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسى

چىرىش
كىسىلى يەنە قوۋزاق چىرىش كىسەللىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، رايۇنىمىزغا كەڭ تارقالغان
بۇلۇپ ، ياڭاق نەشپۈتكە زىيان سېلىشتىن تاشقىرى يەنە ئالما ، شاپتۇل ، ئۈرۈك
قاتارلىق مىۋىلىك دەرەخلەرگە زىيان سالىدۇ .


Iكىسەللىك
ھالىتى


چىرىش
كىسەللىگىنىڭ كىسەللىك ھالىتى نەم چىرىش تىپلىق ۋە قورغاق چىرىش تىپلىق دەپ ئىككى خىل بۇلىدۇ
.


1.نەم چىرىش تىپلىق


بۇ
يەنە يارا تىپلىق چىرىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، كۆپىنچە 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 6- ئاينىڭ
ئوتتۇرىلىرىغىچە پەيدا بۇلىدۇ ،5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىلىدۇ
، باش ئەتىيازدا كىسەللىك شەكىللەنگەن دەسلەپكى مەزگىلىدە كىسەللىك داغلىرى تۇتۇق
قۇڭۇر ( قارامتۇل ) رەڭلىك ھۆلسىمان ھالەتتىكى چوڭ داغ بۇلۇپ ، كىسەللىك ئورنى
ئازراق ئىششىغان ھالەتتە بۇلىدۇ، بارمىقىمىز بىلەن باسساق قىزغۇچ قارامتۇل (
قىزغۇچ جىگەررەڭ )شىرنىسىمان سۇيۇقلۇق ئاقىدۇ ، ئۇنىڭ تاتلىق تەمى ياكى ھاراق تەمى
بۇلىدۇ، كىسەللەنگەن قوۋزاقتۇقۇلمىلىرى
چىرىپ ، قوۋزاق
قەۋىتى نابۇت بۇلىدۇ .


2. قورغاق چىرىش تىپلىق


بۇ
يەنە شاخ قۇرۇش تىپلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، 7-ئاينىڭ باشلىرىدا پەيدا بۇلىدۇ ،
تېمپۇراتۇرىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشىگە ئەگىشىپ ، كىسەللىك داغ تۇقۇلمىلىرىدىكى سۇ
مىقدارى تىز سۈرئەتتە پارغا ئايلىنىدۇ ، تۇشۇغۇچى تۇقۇلمىلار نابۇت بولغانلىقى
سەۋەپتىن ، سۇ ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش توختاپ قېلىپ ، كىسەللىك داغلىرى قۇرۇپ
قاغجىراپ كىتىدۇ ، سۇسىزلانغان دائىرە كېڭەيگەنسىرى ،كىسەللىك داغلىرى تەدرىجى يامراپ ، تىز
سۈرئەتتە پۈتكۈل شاخنىڭ قۇرۇپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .


II پەيدا بۇلۇش شارائىتى


كىسەللىك
مىكروبى ( پاتوگىن ) كىسەللەنگەن تۇقۇلمىلاردا قىشنى ئۆتكۈزىدۇ ، باش ئەتىيازدا
دەرەخ سۇيۇقلۇقلىرى ھەرىكەتلەنگەن چاغدا كىسەللىك مىكروپلىرى ھەرىكەتلىنىشكە ۋە
يۇقۇشقاباشلايدۇ ،بىراق كىسەللىك
مىكروبلىرى بىر خىل ئاجىز پارازىت مىكروبى بولغاچقا ، بىۋاستە پارازىت ئىگىسى تىنىگە ( يەنى مۇشۇ دەرەخ تىنىگە )
يۇقۇپ كىرەلمەيدۇ ، پەقەت سوغۇقتىن زەخمىلەنگەن ، كىسەل ھاشارەتلەردىن زەخمىلەنگەن
، چاتاشتىن زەخمىلەنگەن يارا ئېغىزلىرى ئارقىلىق يۇقىدۇ . رايۇنىمىزدا تۆۋەن
تىمپۇراتۇرىدا سوغۇقتىن زەخمىلىنىش چىرىش كىسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەپ
بۇلۇپ ، كۆپىنچە مەركىزى غول ۋە ئاساسى شاخلاردا پەيدا بۇلىدۇ ، ( كىچىك شاخ ) يان
شاخلاردا بىر قەدەر ئاز پەيدا بۇلىدۇ ، ئاساسى شاخ ۋە غوللارنىڭ كۈنگەي تەرىپىدە
بىر قەدەر كۆپ كىسەللىك بۇلىدۇ ، تەسكەي تەرىپىدە بىر قەدەر ئاز پەيدا بۇلىدۇ ،
غولنىڭ شاخ ئايرىيدىغان قىسمىدا ئاسان كىسەللىك پەيدا بۇلىدۇ ، ئەتىياز پەسلىدە
3-ئايدىن 5-ئايغىچە كىسەللىك ئەڭ كۆپ يۈز بىرىدۇ ، ئۇنىڭدىن قالسا 6-7 ئايلاردا
كۆپ پەيدا بۇلىدۇ ، 9-ئاينىڭ ئاخىرلىدا بۇ كىسەللىك ھەرىكەتتىن توختايدۇ .شۇڭلاشقا
قىش پەسلى سوغۇق زىيىنىدىن مۇداپىئە كۈرۈش ئەڭ مۇھىم تەدبىر . ئۇندىن باشقا چىرىش
كىسەللىگىنىڭ ئېغىر يىنىكلىگى باشقۇرۇش پەرۋىش تەدبىرلىرى بىلەنمۇزىچ
مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ ، ئەگەر چاتاش زىيادە ئېغىر بولسا ، ئۇغۇتلاش يىتەرلىك
بولمىسا ، تۇپراق بەك سېغىز بولسا ، سۇ چىقىرىش ياخشى بولمىسا ، دەرەخ قۇۋۋىتى
ئاجىز بولسا ، تۆۋەن تىمپۇراتۇرا ، يۇقىرى نەملىك ، يۇقىرى تىمپۇراتۇرا ، يەر
ئاستى سۇ ئۇرنىنىڭ يۇقىرى بۇلۇشى ، نامۇۋاپىق سۇغۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى
چىرىش كىسەللىگىنىڭ ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .


III ئالدىنى ئېلىش داۋالاش تەدبىرلىرى


چىرىش
كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا سۇ ئۇغۇت باشقۇرۇشىنى كۆچەيتىش ، دەرەخ قۇۋۋىتىنى
كۈچەيتىش ، يۈكنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ، مىۋىلىك دەرەخلەرنى شەكىلگە كەلتۈرۈشتە
چاتاشنى ئاساس قىلىش ، ھەرگىزمۇ شاخ كىرىش ئۇسۇلىنى قوللانماسلىق ، كىسەللىك
مىكروبلرى بار باغلارغا نىسبەتەن قوغداش خاراكتىرلىك مىكروپ ئۆلتۈرگۈچى پۈركۈش ،
كىسەللىك داغلرىنى بايقىغان ھامان ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش ، داۋالاشنىڭ ئۆز
ۋاقتىدا بۇلۇشنى ، كىچىك ۋاقتىدىلا داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك .


( )فىزىكىلىق مىخانىكىلىق ئالدىنى
ئېلىش


قوۋزاقتىكى
كىسەللىك داغلىرىنى قىرىپ چىقىرىۋېتىش


1. يىنىك دەرىجىدە
قىرىش : قوۋزاقنى قىرغان چاغدا ينىك دەرىجىدە قىرىش ئارقىلىق شەكىللىنىش قەۋىتى
ئىچىدىكى بىرىكتۈرگۈچى تۇقۇلمىلارنىڭ زەخمىلىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك ، بۇ خىل
ئۇسۇلدا دەرەخ تىنىنىڭ ئەسلىگە كىلىشى تىز بۇلىدۇ.


2.ئېغىر دەرىجىدە قىرىش
: پۈتكۈل قوۋزاق قەۋىتى زىيانغا ئۇچرىغان چاغدا بارلىق كىسەل داغلرىنى قىرىپ
چىقىرىۋېتىش ، ھەمدە ياغاچلىق قىسمى ئۈستىدىكى چىرىگەن ئۇرۇننى يىنىك قىرىش كېرەك
، قىرغان چاغدا چۇقۇم كىسەللىك داغلرىنىڭ تۆت ئەتراپىنى تۇلۇق ئېلىۋېتىش ،
قوۋزاقنى 0.5~1 سانتىمىتىرغىچە ئېلىش كېرەك ، يانتۇ كىسىش كېرەك .


3. چىرىش كىسلىنىڭ
ئالدىنى ئېلىشتا ئىمكانقەدەر چوڭ دائىرلىك ، چۇڭقۇر قوۋزاق قىرىشتىن ساقلىنىش
كېرەك ، ئەگەر يارا ئېغىزى بەك چوڭ ، ھەم بەك كۆپ بۇلۇپ كىتىپ ،ياخشى دىزىنفىكسىيە قىلىنمىسا تېخىمۇ چوڭ تارقىلىش ۋە يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىشى مۇمكىن .


() دېھقانچىلىق تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش


1. پەرۋىشنى كۈچەيتىش
، باغ ئىچىدە سۇ توختاپ قالماسلىققا دىققەت قىلىش ، ئورگانىك ئۇغۇت ۋە كالىي
فوسفۇرلۇق ئۇغۇت لار بىلەن ئۇغۇتلاشنى كۈچەيتىپ دەرەخ قۇۋۋىتىنى ياخشىلاش ،
مۇۋاپىق چاتاش .


2.ئەتىيازلىق (
قىشلىق ) چاتاشبىلەن بىرلەشتۈرۈپ دەرەخ
غۇلىنى ئاقارتىپ ، قۇياش نۇرىنىڭ
كۆيدۈرۈشىدىن ساقلىنىش ، ھاشارەت زىيىنى جاراھەت ئېغىزلىرىنى ئازايتىش
ئارقىلىقكىسەللىك مىكروپلىرىنىڭ دەسلەپكى
يۇقۇپ كىرىش يۇلىنىتىزگىنلەش .


3. باغ بەرپا قىلغاندا
تۇپرىقى مۇنبەت ، تۇپراق سۈپىتى قۇمساڭغۇ ئەت بولغان ، يەر ئاستى سۈيى ئورنى تۆۋەن
بولغان ئۇرۇننى تاللاش كېرەك .


4.ئۇلاش ئورنىنى
يۇقىرى كۆتىرىش كېرەك ، ئۇلاش ئورنى بەك تۆۋەن بولغاندا ئۈششۈشى ئېغىر بۇلىدۇ ، (
ئۇلاش ئورنى بەك يۇقىرى بۇلۇپ كەتسە قەۋەتلەرگە بۈلۈپ چاتاپ باشقۇرۇشتا قىيىنچىلىق
تۇغۇلىدۇ ، شۇڭا تۆۋەن ئۇرۇندىن ئۇلىغاندا ئۇلىغان كۆچەتلەرنى كۈمۈپ قىشتىن
چىقارساق بۇلىدۇ ، بۇلۇپمۇ ياڭاق كۈچىتى ) ، شالاڭ ئۆتكۈزۈشچان تىپلىق مۇداپىئە
ئورمان بەلبېغى بەرپا قىلىش ، مۇۋاپىق سۇغۇرۇش ( تېيىز سۇغىرىش ، سۇنى توختىتىپ
قويماسلىق ) .


5. چىرىش كىسىلى
يامغۇر سۈيى ئارقىلىق تارقىلىدۇ ، 3 يىلدىن يۇقىرى دەرەخلەرگەسۇ ئۆتكۈزمەس قىر سېلىش ئارقىلىق كىسەللىك
مىكروپلىرىنىڭ سۇغارغان چاغدا يۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ .دەل –دەرەخلەر
ئۆچەككە كىرىشتىن ئىلگىرى دەرەخ غۇلى ئۆستىدىكى كونا قوۋزاقلارنى قىرىپ بىر يەرگە
يىغىپ توپلاپ كۆيدۈرىۋېتىش كېرەك .


خىمىيىلىك ئالدىنى ئېلىش


1. چاتاش ئېغىزىنى ۋە
قوۋزاق قىرغاندىكى يارا ئېغىزىنى دىزىنفىكسىيە قىلىپ ئاسراشقا دىققەت قىلىش ،
قوۋزاق قىرغاندىن كىيىن 5-10 باۋمىي گىرادۇسلۇق ھاك-گۈڭگۈرت بىرىكمىسىنى سۈرتۈپ
،سۇلياۋ بىلەن تېڭىش كېرەك .


2.سوغوقتا ئۈششۈگەن
ئۇرۇننىڭ سىرتىغا
农歇 نىڭ 100-200ھەسسە
سۇيۇقلۇقىنى بىۋاستە سۈرتۈش كېرەك ، قوۋزاق قىرمىسىمۇ بۇلىدۇ .


3.چىرىش كىسىلىنىڭ
كىسەللىك دېغىنى ياغاچلىق قىسمىغىچە يەتكۈزۈپ قىرغاندىن كىيىن ئاۋال
菌毒清 نى
سۈرۈش ، ئارقىدىن
843康复剂 نىڭ ئەسلى
ئىرىتمىسىنى
سۈرۈش ، ئارقىدىن سۇلياۋ بىلەن تېڭىش
كېرەك ، بۇخىل ئۇسۇلنىڭكىسەللىك ئورنىنىڭ
بىرىكىشى تىز ، قايتا قوزغالماسلىقتەك ئالاھىدىلىكلىرى بار .


(تۈگىدى )


gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-9-6 22:17:19

مۇشۇنىڭدەك تېخنىكىلىق تېمىلارنى يوللاپ تۇرغىنىڭىزغا تەشەككۈر!

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 12:26:44

قۇرتلاپ كېتىشكە قارىتا قانداق ياخشىراق ئۇسوللار بار؟ بىزنىڭ باغدىكى ئالما بىلەن ئۆرۈك دائىم قۇرتلاپ كېتىدۇ...

bugday يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 13:48:16

2- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قۇرتلاپ كېتىشكە قارىتا قانداق ياخشىراق ئۇسوللار بار؟ بىزنىڭ باغدىكى ئالما بىلەن ئۆرۈك دائىم قۇرتلاپ كېتىدۇ...





ئۆسۈملۈك ئاسراشنىڭ ‹‹ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ھەر تەرەپلىمە ئۇسۇل ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىپ يۇقۇتۇش›› دەيدىغان پىرىنسىپى بار.

مىۋىلىك دەرەخلەردىكى زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، مىۋىلىك باغ ئىچىدىكى ياۋا ئوت چۆپلەرنى ۋاختىدا يۇقۇتۇش، يەر توڭلاشتىن بۇرۇن ئاغدۇرۇپ يۇمشۇتۇش، دەرەخ تۈۋىگە قۇم دۆۋىلەش، دەرەخ غولىغا سۇلىياۋ بەلۋاغ ئوراش، چاتالغان، پۇتالغان دەرەخ غول-شاخلىرىنى ۋاختىداباغ ئىچىدىن يۆتكەش، مىۋىلىك باققا يېقىن يەردىكى ھاشارات ئاسان كۆپىيىدىغان مەنبەلەردىكى (بولۇپمۇ بىدە ئېتىزلىقى) ھاشاراتلارنى يۇقۇتۇش، قىشتا مىۋىلىك دەرەخنىڭ كونا قۇۋزاقلىرىنى سويۇپ، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ تۇخۇم لىچىنكىللىرىنى ئازايتىش، قىشلىق سۇغۇرۇشنى ياخشى قىلىپ يەر ئاستىدا قىشتىن ئۆتىدىغان ھاشاراتلارنى تۇنجۇقتۇرۇش قاتارلىق يەرلىك ئۇسۇللارنى قۇللانغان ياخشى.

يۇقۇتۇشتا زىيانداش ھاشاراتنى ئامال بار ئالدىن بايقاشقا دىققەت قىلىپ مىۋە غۇرا ۋاختىدىلام دىھقانچىلىق دورىللىرىنى ئىشلىتىپ يۇقاتسا ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ. دىھقانچىلىق دۇرىسى ئىشلەتكەندە ئامال بار زەھىرى تۆۋەن، ئۈنىمى يۇقۇرى، ئىچىگە سۈمۈرۈلۈپ ھاشارات يۇقۇتۇدىغان دۇرىلارنى تاللاپ ئىشلەت سە بولىدۇ. ئەگەر ئۆز ئائىلىڭزنىڭ ئۆزۇڭلار ئىستىمال قىلىدىغان كۆلىمى كىچىكرەك بېغىڭلار بولسا، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى قىلىپ، چىراق نۇرى ئارقىلىق يىتىشكەن ھاشاراتلارنى ئالداپ ياكى قول بىلەن تۇتۇپ يۇقاتقانغا يەتمەيدۇ، چۈنكى دىھقانچىلىق دۇرىللىرىنىڭقالدۇق زەھىرى ئادەم بەدىنىدە نەچچە ئەۋلاتقىچە يامان تەسىر قىلىدۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 20:39:13









\"\"





ئالمىنىڭ چىرىش كىسىلى ( يارا تىپلىق )) 1-رەسىم )

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 20:49:45

رەھمەت خىيالچى بىلەن بۇغداي بۇرادىرىم. بۇ يىل ئۆرۈك بىلەن ئالما شۇنداق ياخشى بولغانتى. ئەپسۇس...كىلەر يىللىققا چۇقۇم ياخشى تەييارلىق قىلىمەن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 20:59:41



\"\"

قورغاق چىرىش تىپلىق(2-رەسىم )





\"\"


قورغاق چىرىش تىپلىق ئاساسلىقى مەركىزىي غولدا كۈرۈلىدۇ( 3-رەسىم )




\"\"


قورغاق چىرىش تىپلىق
ئاساسلىقى مەركىزىي غول ، ئاساسى شاخلاردا كۈرۈلىدۇ .(4-رەسىم )






\"\"



نەشپۈت غۇلىدىكى چىرىش كىسلى ۋىروسلىرىنىڭ پارازىت كۈچى بىر قەدەر ئاجىز ئادەتتىكىچە بۇلدۇ ( 5-رەسىم )

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 21:25:29

يارا كىسەللىك ۋىروسلىرىنىڭ تۈرلىرى

 pathogens causing canke

ئۆسۈملۈك تىنىدىكى قىسمەن قىسمەن توقۇلمىلارنىڭ چىرىشىنى ، نابۇت بولۇشىنى شۇنداقلا ئىدىق قەۋىتىنىڭ ئۈسۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك ۋىرۇسلىرى ( باكتىرىيىلىرى ) . ئۈسۈملۈكلەرنىڭ چىرىش كېسىلى ئادەتتە غولدىكى قوۋزاقلاردا پەيدا بولىدۇ ، مېۋە ۋە شاخ ئۇچىلىرىدىمۇ پەيدا بولىدۇ .

چىرىش كىسەللىگى ۋىروسلىرىنىڭ كۆپىنچىىسى پارازىت ياشاش كۈچى ئاجىز بولغان ھېقىقى ۋىروسلاردۇر ، دائىم كۈرۈلىدىغانلىرىدىن نىكتىرىيە ئۇرۇقدىشىدىكى ئۇچۇق قىزىل رەڭلىك نىكتىرىيە باكتېرىيىسى قاتارلىق تۈرلىرى بار . بۇ ۋىرۇسلار كۆپ خىل كەڭ يوپۇرماقلىق دەرەخلەر ياكى چاتقاللارنىڭ غول ۋە شاخ قوۋزاقلىرىدىكى كېسەللىك مەنبەسىدۇر . ئۈسۈش مەزگىلىدە كىسەللەنگەن ئۇزۇندا ئاچ قىزىل رەڭلىك بۆلۈنگۈچى سپورا تۈۋىنى كۆرگىلى بولىدۇ ، كۈز پەسلىدە سپورا تۈۋىدە قېنىق قىزىل رەڭلىك سپورا خالتا قاپچۇقى پەيدا بولىدۇ . كېسەللىك ۋىرۇسلىرى ئۇرۇقلۇق تىنى ياكى ئوزۇقلانغان زەمبۇرۇغ يىپچىسى ھالەتتە كىسەللەنگەن توقۇلمىلاردا قىشتىن ئۈتىدۇ ، ئىككىنچى يىلى ئەتىياز پەسلىدە سپورا ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ ھەمدە شامال ، يامغۇر ،ھاشارات قاتارلىقلار ئارقىلىق پارازىت ئىگىسى ( دەرەخنىڭ ) يارا ئېغىزى، ھەرىلەنگەن ئورۇنغا يۇقىدۇ ، بۇ ئارقىلىق قايتا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . نىكتىرىيە ۋىرۇسلىرى ئالما ۋە باشقا دەرەخ غولىنىڭ چىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ ، ئۇ جىنسسىز جەريان ئارقىلىق ئورغاقسىمان زەمبۇرۇغ تىپلىق بۆلۈنگۈچى سپورىلارنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ . مۇشۇ ئۇرۇقداشنىڭ يېرىم ئېنىق تىپلىق زەمبۇرۇغ كەنجى تىپى ، ئورگان سپورىلىقلار ئەترىتىدىكى تىرەك يارا قاپلىق سپورىسى قاتارلىقلارمۇ تىرەك دەرىخىنىڭ غول چىرىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ .

چىرىش كىسەللىگى ۋىرۇسلىرى ئۆسۈملۈككە يۇققاندىن كىيىن ، كۆپىنچە يارا كېسەللىكىنىڭ ھالىتىنى دەرھال ئىپادىلىمەستىن يوشۇرۇن ھالەتتە يۇقىدۇ .دەرەخ سۇسىزلانغاندا ياكى ئۈسۈشى ئاجىزلىغان چاغدا ، ئاندىن چىرىش كىسەللىگى داغلىرىنى پەيدا قىلىدۇ ، داۋالاش ئۆز ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلمىغان شارائىت ئاستىدا ، يارا يىلمۇ – يىل كېڭىيىدۇ ، ھەتتا غول شاخلارنىڭ ئۈزۈلۈشى ياكى ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

ۋىرۇس ( باكتېرىيە ) خاراكتېرلىك چىرىش كېسىلى ئاساسەن ئاپېلسىن چىرىش كېسىلى كىسەللىگى ۋىرۇسىدا بولىدۇ ، گرام مەنپىي بويىلىدىغان، ھاۋاپەرەس قىسقا تاياقچە باكتېرىيىسى ، يەككە قامچا تۈكتە ئۈسىدۇ ، كاپسۇل ( قاپچۇق پەردىسى ) بولىدۇ ، بىخ سپورىسى بولمايدۇ ، ھەرىكەتلىنىدىغان تېمپېراتۇرىسى 20 30 سېلسىيە گرادۇسقىچە بولىدۇ ، كىسەللەنگەن يوپۇرماق توقۇلمىلىرى ئىچىدە بىر نەچچە ئاي ياشىيالايدۇ ، قۇياش نۇرىدا ئاشكارىلىنىدۇ ، ھەمدە ئىككى سائەتتە ھاياتىي كۈچىنى يوقىتىدۇ .دەسلەپتە باكتېرىيە ئېلىپ يۈرىدىغان توقۇلمىلارغا يۇقىدۇ ، ئادەتتە يۇمران توقۇلمىلارنىڭ يارا ئېغىزى ياكى ھاۋا تۈشۈكچىلىرى ئارقىلىق ئاپېلسىننىڭ غول ، شاخ ، مېۋە ۋە يوپۇرماقلىرىغا يۇقىدۇ ، 4-6 كۈنگىچە بولغان ۋاقىتتا چىرىش كىسەللىگى ھالىتى كۆرۈلىدۇ ، كىسەللەنگەن توقۇلمىلاردىن ئاققان سۇيۇقلۇقلار شامال ، يامغۇر ، ھاشارات ۋە باشقا تېگىشىش ئارقىلىق قايتا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئۇندىن باشقا مىجىئان تاياقچە باكتېرىيىسى پەمىدۇرنىڭ چىرىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

كارانتىن قىلىشقا دىققەت قىلىش ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ، يارىلىنىشتىن ساقلىنىش ، يارا ئېغىزىنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، دورا بىلەن داۋالاش ھەمدە بىئولوگىيىلىك ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلار چىرىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى دائىملىق ئۇسۇلدۇر .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 21:26:42

شەكىللىنىش قەۋىتى

خەنزۇچە نامى : 形成层

ئىنگىلىزچە نامى : cambium

باشقا نامى : تالا تومۇرلۇق شەكىللىنىش قەۋىتى (vascular cambium)

ئېنىقلىمىسى : ئەۋرىشىم قىسىم ( پوست قىسىم ) بىلەن ياغاچلىق قىسمى ئوتتۇرىسىدىكى يان بۆلۈنگۈچى توقۇلمىلىرى

ئىشلىتىلىدىغان پەنلەر : ماتېرىيال ئىلمىي تېخنىكىسى ( بىرلەمچى پەن ) ، تەبىئىي ماتېرىياللار ( ئىككىلەمچى پەن ) ، ياغاچ ماتېرىياللىرى ( ئۈچلەمچى پەن ) ، ئومۇمىي بايان ( تۆتلەمچىپەن ):

مۇندەرىجە

ئىدىق شەكىللىنىش قەۋىتى ( 木栓形成层 )



شەكىللىنىش قەۋىتى

cambium

كۆپلۈك شەكلى cambiumsياكى cambia .

تالا تومۇرلۇق شەكىللىنىش قەۋىتى (维管形成层) ۋە ئىدىق شەكىللىنىش قەۋىتى (木栓形成层)دەپ بۆلۈنىدۇ .ئادەتتە يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ۋە قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز ۋە غولىدا بولىدۇ ، ياغاچلىق قىسمى بىلەن پوست قىسمى ئوتتۇرىسىدىكى بىر خىل بۆلۈنگۈچى توقۇلمىلاردىن ئىبارەت . شەكىللىنىش قەۋىتى ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۆلىنىشى ئارقىلىق ، توختىماستىن يېڭى ياغاچلىق قىسىم ۋە پوست قىسىم چىكىلىگى ( ئەۋرىشىم قىسىم ) پەيدا بولىدۇ ، بۇ ئارقىلىق يىلتىز ۋە غوللار توختىماستىن توملايدۇ ، شەكىللىنىش قەۋىتى ھۈجەيرىلىرى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ : ئۇرچۇقسىمان ئىپتىدائىي ھۈجەيرىلەر ۋە شولىسىمان ئىپتىدائىي ھۈجەيرىلەر . ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قاۋۇل ئېگىز بولۇشىدىكى سەۋەب دەل شەكىللىنىش قەۋىتىنىڭ بولغانلىقىدىندۇر : ئەكسىچە سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر پاكار كىچىك بولىدۇ ، بۇ دەل شەكىللىنىش قەۋىتىنىڭ بولمىغانلىقىدىندۇر .

ئالدىدا ئېيتىلغان ھۈجەيرىنىڭ ئىككى ئۇچى ئۇچلۇق ، ياپىلاق تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك ، ھۈجەيرە يادروسى كۆپىنچە ئىللىپىسسىمان ياكى بۆرەك شەكىللىك بولىدۇ ، سىتوپلازما بىر قەدەر شالاڭ بولىدۇ ، روشەن بولغان چوڭ ۋاكولا ۋە تارقاق ھالەتتىكى كىچىك ۋاكولا بولىدۇ ، ھۈجەيرە دىۋارى ( ھۈجەيرە پوستى ) قاراپ رادىئۇس بويلاپ ماڭغان ئارىلىق قىلىن بولىدۇ ، ھۈجەيرە دىۋارى ( ھۈجەيرە پوستى)دا يېڭىدىن ئۆسكەن ھۈجەيرە پوستى تۈشۈكچىسى بولىدۇ .

شولىسىمان ئىپتىدائىي ھۈجەيرىلەر ئاساسى جەھەتتىن دېگۈدەك تەڭ رادىئوسلۇق بولىدۇ ، ئۇلار ئادەتتە نېپىز پوستلۇق توقۇلما ھۈجەيرىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولىدۇ .

شەكىللىنىش قەۋىتىنىڭ پائالىيىتى سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ، ئىسسىق بەلۋاغ دەل دەرەخلىرىنىڭ شەكىللىنىش قەۋىتى ئەتىياز پەسلىدىن باشلاپ ھەرىكەتلىنىشكە باشلايدۇ ، ئاساسلىقى پىرىكلىنال بۆلۈنۈش (平周分裂) ئېلىپ بارىدۇ ، ئىچىگە ۋە سىرتىغا قارىتا يېڭى ھۈجەيرىلەرنى ئىشلەپچىقىرىدۇ ، ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئىككىلەمچى ياغاچلىق قىسمى ۋە ئىككىلەمچى پوست قىسمىنى شەكىللەندۈرىدۇ . قىش پەسلى شەكىللەنگەن ئىپتىدائىي ھۈجەيرىلەر ئۇيقۇ ھالىتىدە بولۇپ ، كېلەر يىلى ئەتىياز پەسلىدە ھەرىكەتلىنىشكە باشلايدۇ ، ھەمدە شۇ يىلى يەنە قايتا تەكرارلىنىدۇ .بۇ خىل پەسىل خاراكتېرلىك ئۈسۈش بولغانلىقتىن غولنىڭ توغرا كەسمە يۈزىدە يىل ھالقىسى شەكىللىنىدۇ .

ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياغاچلىق قىسمى بىلەن پوست قىسمى چىكىلىگى ئەۋرىشىم قىسمى ) ئوتتۇرىسىدا بۆلىنىشى كۈچلۈك بولغان بىر قەۋەت ھۈجەيرىلەر بولىدۇ ، بۇلار يىلتىز بىلەن غولنىڭ ئىككىلەمچى قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ . نەزەرىيە جەھەتتىن ئالغاندا شەكىللىنىش قەۋىتى پەقەت بىر قەۋەت ھۈجەيرە بولۇپ ، ئىپتىدائىي ھۈجەيرىلەر دەپ ئاتىلىدۇ ؛ بىراق ئەمەلىيەتتە ئىپتىدائىي ھۈجەيرىلەر بىلەن تېخى بۆلۈنمىگەن بالا ھۈجەيرىلەرنى پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى تەس ، شۇڭلاشقا ئادەتتە شۇ نەچچە قەۋەت ھۈجەيرىلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ شەكىللىنىش قەۋىتى ياكى شەكىللىنىش قەۋىتى بەلۋېغى دەپ ئاتىلىدۇ . شەكىللىنىش قەۋىتى ئوتتۇرا ئۇق يۆلىنىشىگە قاراپ بۆلىنىشىدىن يېڭى ياغاچلىق قىسىم ھۈجەيرىلىرى شەكىللىنىدۇ ، سىرتقا قارىتا بۆلىنىشىدىن يېڭى پوست قىسمى چىكىلىگى ئەۋرىشىم قىسمى ) ھۈجەيرىلىرى شەكىللىنىدۇ . شەكىللىنىش قەۋىتى بۆلۈنمىگەن قىسىمدىن كېلىدۇ ، بىراق تۆرەلمە خاراكتېرلىك تىز ئۈسۈش ۋە بۆلۈنۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ھۈجەيرىلەرنى ساقلاپ قالىدۇ ، ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنىڭ ئىچىدىمۇ شەكىللىنىش قەۋىتى شەكىللىنىدۇ .

ئىدىق شەكىللىنىش قەۋىتى (木栓形成层)

ئىدىق شەكىللىنىش قەۋىتى ئاساسلىقى قوۋزاقنى كۆرسىتىدۇ ، شەكىللىنىش قەۋىتىنىڭ پائالىيىتى تۈپەيلىدىن ياغاچ غوللۇق ئۈسۈملۈكلەرنىڭ غولى ھەر يىلى ئۈزلۈكسىز توملاپ ئۈسەلەيدۇ . ياغاچلىق قىسمى بىلەن سۇ مىقدارى ئانئورگانىك تۇزلارنىڭ توشۇلۇشى مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ ، قوۋزاق قىسمى چىكىلىگى بىلەن ئورگانىك ماددىلارنىڭ توشۇلۇشى مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-7 21:36:53

ساقايتقۇچى توقۇلما

خەنزۇچە نامى : 愈伤组织

ئىنگلىزچە نامى : callus;calli(复)

ئېنىقلىمىسى : ئەسلىدىكى ئۆسۈملۈك تىنى يارىلىنىشقا ئۇچرىغان چاغدا يارا ئېغىزى ئەتراپىدا شەكىللىنىدىغان توقۇلما . ھازىر كۆپىنچە ئۆسۈملۈك تىنىنىڭ بىر قىسمىنى كېسىپ ئېلىپ تەركىبىدە ئۆستۈرگۈچى گورمون ۋە سىتوكىنىن (细胞分裂素) مول بولغان ئۆستۈرۈش سۇيۇقلۇقى ئىچىدە قۇيۇپ يېتىشتۈرگەن ، ئۈسۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدىغان توقۇلما كاللىكىنى كۆرسىتىدۇ .

پەندە قوللىنىشى : ھۈجەيرە بىئولوگىيىسى ئىلمى ( بىرلەمچى پەن ) ، ھۈجەيرە يېتىشتۈرۈش ۋە ھۈجەيرە قۇرۇلۇشى ( ئىككىلەمچى پەن ) .

ساقايتقۇچى توقۇلما ( (callus) ئەسلىدە ئۆسۈملۈك تىنىدىكى مەلۇم قىسمى يارىلىنىپ غىدىقلىنىشقا ئۇچرىغاندىن كېيىنكى يارا سىرتقى يۈزىدە يېڭىدىن شەكىللەنگەن توقۇلمىلارنى كۆرسىتەتتى . ئۇ جانلىق بولغان نېپىز دىۋارلىق ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەن ، ئۆسۈملۈك تىنىنىڭ ھەرقانداق ئەزاسى ئىچىدە ھەرخىل توقۇلمىلارنىڭ تىرىك ھۈجەيرىلىرى بولىدۇ .

قىسقىچە بايان




ئۆسۈملۈك تىنىنىڭ يارىلانغان قىسمى ، ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنىڭ ياردىمىدە ساقىيىپ بىرىكەلەيدۇ ؛ ئۇلاقچىلىقتا ئۇلاق ئاستى بىلەن بېگىنىڭ بىرىكىشى ، يېڭى ئۆسكەن تالا تومۇر توقۇلمىلىرىنىڭ ئۇلاق ئاستى ۋە بېگىنى ئۆز ئارا ئۆتۈشتۈرگەنلىكىدىن بولىدۇ . قەلەمچە قىلىشتا ، كېسىك ئېغىزىدىكى ساقايتقۇچى توقۇلمىلار تۇراقسىز بىخ ۋە تۇراقسىز يىلتىزغا بۈلۈنگەنلىگىدىن ، مۇكەممەل ئۆسۈملۈك تىنىنى شەكىللەندۈرىدۇ . ئۆسۈملۈكنىڭ ئەزا ، توقۇلما ، ھۈجەيرىلىرى تەندىن ئايرىلىپ يېتىشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلغاندا ، شارائىت مۇۋاپىق بولسا ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنى ئۆستۈرۈپ چىقالايدۇ ، ئۇنىڭ يۈز بېرىش جەريانى : سىرتقا تىكىلگەن تىرىك ھۈجەيرىلەر 外植体中的活细胞 قوزغىتىلىش ئارقىلىق ، ئۇنىڭ يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ئومۇمىي ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىدۇ ، ھەمدە بۆلۈنگۈچى ھۈجەيرىلەرگە ئايلىنىدۇ ، ھەمدە تۇغۇندى ھۈجەيرىلەر نېپىز دىۋارلىق توقۇلمىلار( پارېنخىما) غا پارچىلىنىدۇ ھەمدە ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنى شەكىللەندۈرىدۇ . ئۆسۈملۈكنىڭ ئەزا ، توقۇلما ، ھۈجەيرىلىرى تەندىن ئايرىلىپ يېتىشتۈرگەندە شەكىللەنگەن ساقايتقۇچى توقۇلمىلار ، بەلگىلىك شارائىت ئاستىدا ئەزالارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىلھاملاندۇرۇپ قايتا ئۈسىدۇ ياكى تۆرەلمە ھالەتتىكى تەنچىدىن پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپىنى شەكىللەندۈرىدۇ .



تاماكا ساقايقۇچى توقۇلمىلىرىنى قاراڭغۇدا يىتىشتۈرۈش ( 7-رەسىم
)



ئۈسۈملۈك
تىنىنىڭ يارىلانغان قىسمى ، ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنىڭ ياردىمىدە ساقىيىپ
بىرىكەلەيدۇ ؛ ئۇلاقچىلىقتا ئۇلاق ئاستى بىلەن بەگىنىڭ بىرىكىشى ، يېڭى ئۆسكەن
تالا تۇمۇر توقۇلمىلىرىنىڭ ئۇلاق ئاستى ۋە
بەگىنى ئۆز ئارا ئۆتۈشتۈرگەنلىكىدىن بۇلىدۇ . قەلەمچە قىلىشتا ، كىسىك ئېغىزىدىكى
ساقايتقۇچى توقۇلمىلار تۇراقسىز بىخ ۋە تۇراقسىز يىلتىزغا تەقسىملەنگەنلىكتىن ، مۇكەممەل ئۈسۈملۈك تىنىنى شەكىللەندۈرىدۇ .
ئۈسۈملۈكنىڭ ئەزا ، توقۇلما ، ھۈجەيرىلىرى تەندىن ئايرىلىپ يىتىشتۈرۈش ئېىلىپ بېرىلغاندا ، شارائىت مۇۋاپىق بولسا
ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنى ئۆستۈرۈپ چىقالايدۇ ، ئۇنىڭ يۈز بىرىش جەريانى : ئىكىسپىلانت
( سىرتتا ئۆستۈرۈلگەن تەنچە ) دىكى تىرىك
ھۈجەيرىلەر
外植体中的活细胞 قوزغىتىلىش ئارقىلىق ، ئۇنىڭ يۇشۇرۇنۇپ تۇرغان ئۇمۇمىي ئىقتىدارى ئەسلىگە
كىلىدۇ ، ھەمدە بۆلۈنۈپ ئۆسكۈچى (
分生 ھۈجەيرىلەرگە ئايلىنىدۇ ، ھەمدە
تۇغۇندى ھۈجەيرىلەر نىپىز دىۋارلىق توقۇلمىلار( پارېنخىما)غا پارچىلىنىدۇ ھەمدە ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنى شەكىللەندۇرىدۇ .
ئۈسۈملۈكنىڭ ئەزا ، توقۇلما ، ھۈجەيرىلىرى تەندىن ئايرىلىپ يىتىشتۈرگەندە شەكىللەنگەن ساقايتقۇچى توقۇلمىلار
بەلگىلىك شارائىت ئاستىدا ئەزالارنى يەنىمۇ
ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىلھاملاندۇرۇپ قايتا ئۈسىدۇ ياكى تۈرەلمە ھالەتتىكى تەنچىدىن
پۈتۈن ئۈسۈملۈك تۈپىنىشەكىللەندۇرىدۇ .يەككە
ھەسسىلىك تەنچىدە سورت يىتىشتۈرگەندە ، گۈل چاڭلىرى پەيدا قىلغان ساقايتقۇچى توقۇلمىلار
ياكى تۆرەلمىسىمان تەنچىلەر بۈلۈنۈپ يەككە ئۈسۈملۈك تۈپىنى شەكىللەندۈرىدۇ .ھەتتا پروتوپلاستلىق كۆپەيتىش
(原生质体培养) ئارقىلىق ئۈسۈملۈك تىنى ياكى
ئەزالارنى قايتا ئۆسۈشكە يىتەكلەيدۇ . ساقايتقۇچى توقۇلمىلار ئۇقۇمى ئۈسۈملۈك تىنى
يارىلانغان قىسمىدىكى يېڭى ئۆسكەن توقۇلمىلار بىلەن چەكلەنمەيدۇ .



شەكىللىنىشى



ئۈسۈملۈكلەر توقۇلما ئارقىلىق يىتىشتۈرۈش
جەريانىدا ، بىر پارچە ئېكسپلانت (سىرتتا ئۆستۈرۈلگەن
تەنچە) تىپىك بولغان ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنى
شەكىللەندۈرۈشكىچە ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۈتىدۇ ، قوزغىلىش باسقۇچى ، بۆلىنىش باسقۇچى ، ۋە شەكىللىنىش باسقۇچى .



قوزغىلىش باسقۇچى ھۈجەيرىلەر
بۆلىنىش كە تەييارلىق قىلغان مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ . سىرتقى مەنبەلىك ئۈسۈملۈك يىتىشتۈرۈش ھورمۇنى ھۈجەيرىنىڭ بۆلىنىشىنى باشلىشىغا ياخشى قوزغاتقۇچى رۇلىنى ئۆتەيدۇ .
دائىم ئىشلىتىلىدىغانلىرىدىننافتالېن
ئاتسېتات كىسلاتاسى
(萘乙酸)، ئىندىل ئاتسېتات (吲哚乙酸) ، سىتوكىنىن (细胞分裂素) قاتارلىقلار بار .
ئادەتتە سىتوكىنىن بىلەن ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننى 1:1 نىسبەتتە ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۈسۈملۈك ماتىرىيالى ساقايتقۇچى توقۇلمىلىرىنى
شەكىللەندۈرىدۇ .



بۆلىنىش باسقۇچىبولسا ئېكسپلانت (سىرتتا ئۆستۈرۈلگەن تەنچە ھۈجەيرىسى
) قوزغىتىلغاندىن كىيىن تەقسىملىنىشتىن
چىكىنىپ ، توختىماستىن بۈلۈنۈپ ، يېڭى ھۈجەيرىلەرنى پەيدا قىلىش جەريانىدۇر .بۆلىنىش باسقۇچىدىكى ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنىڭ
ئالاھىدىلىگى : ھۈجەيرە بۈلۈنىشى تىز ، قۇرۇلمىسى شالاڭ ، رەڭگى ئاچ ۋەسۈزۈك .



تەقسىملىنىش باسقۇچى : بۆلىنىش نىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ھۈجەيرە ئىچىدە بىر قاتار مورفۇلوگىيىلىك ۋە
فىزىئولوگىيىلىك يۈزبىرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن
ساقايتقۇچى توقۇلمىلار ئىچىدە ئوخشاش بولمىغان مورفۇلوگىيە ۋە ئوخشاش بولمىغان
ئىقتىدارغا ئىگە ھۈجەيرىلەر شەكىللىنىدۇ . بۇ ھۈجەيرىلەر ئىچىدەنىپىز پوستلۇق ھۈجەيرە ، بۆلۈنگۈچى ھۈجەيرە (
分生细胞) ،رەڭ ھۈجەيرىسى ، تالا
ھۈجەيرىسى قاتارلىقلار بۇلىدۇ . ئېكسپلانت (سىرتتا ئۆستۈرۈلگەن تەنچە) ھۈجەيرىسى قوزغىتىلىش ،بۆلىنىش ۋە تەقسىملىنىش قاتارلىق بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر
ئارقىلىقرەتسىز تۈزۈلۈشكە ئىگە
ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنى شەكىللەندۇرىدۇ . ئەگەر ئەسلىدىكى ئۆستۈرگۈچتە داۋاملىق ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنى يىتىشتۈرگەندە ،
ئۆستۈرگۈچتىكى ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك ياكى زەھەرلىك مىتابولىزىم مەھسۇلاتلرىنىڭ
يىغىلىپ قېلىشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ، ساقايتقۇچى توقۇلمىلار ئۈسۈشتىن
توختاپ قالىدۇ ،ھەتتا قارىداپ ئۈلۈپ كىتىدۇ . ئەگەر ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنى
داۋاملىق كۆپەيتمەكچى بولساق ، چۇقۇم بەلگىلىك قەرەل ئىچىدە ( 2- 4 ھەپتە ) گىچە
بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنى كىچىك پارچىلاپ يېڭى ئۆستۈرگۈچ ئىچىگە قۇيۇشىمىز كېرەك ، بۇنداق قىلغاندا ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنى
ئۇزاق ۋاقىت ياخشى ئۆستۈرگىلى بۇلىدۇ .



يىتىشتۈرۈش



ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنى يىتىشتۈرۈشداۋاملىق يىتىشتۈرۈش ۋە تەقسىملەپ يىتىشتۈرۈش دەپ ئايرىلىدۇ .



ساقايقۇچى
توقۇلمىلارنىڭ داۋاملىق ئۆستۈرۈلۈشى



ئېكسپلانت ( سىرتتا ئۆستۈرۈلگەن تەنچە ) شەكىللەنگەندىن كىيىن ، ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنىڭ
داۋاملىق
ئۆستۈرۈلۈشى تولۇق بولغان بۇلىدۇ ، بىراق قېرىش ھادىسىسى كۈرۈلۈشتىن بۇرۇن ،
ئۇنى ئېكسپلانت ( سىرتتا ئۆستۈرۈلگەن تەنچە ) دىن ئايرىپ ئېلىپ ، يېڭى ئۆستۈرگۈچكە سېلىپ
داۋاملىق يىتىشتۈرۈش كېرەك . بۆلۈنۈش
مۇقەررەر تەدبىر ،
ئۇلاشتۇرۇپ (يېڭى
مۇھىتتا ) ئۆستۈرگەن
چاغدا ئەگەر ئېكسپلانت (سىرتتا ئۆستۈرۈلگەن تەنچە ) ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنىڭ مەھسۇلاتى
ۋە سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزسە ، بۇنىڭ سەۋەبى چۇقۇم قالدۇق ئېكسپلانت (سىرتتا ئۆستۈرۈلگەن تەنچە ) ئۈلۈش جەريانىدا بىرقىسىم
زەھەرلىك ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىپ ، ساقايتقۇچى
توقۇلمىلاردا قېرىش ، يېپىشقاقلىشىش ، نورمال تەقسىملىنەلمەسلىك قاتارلىق
ھادىسلەرنىڭ كۈرۈلگەنلىكىدىندۇر . نورمال ئەھۋال ئاستىدائېكسپلانت (سىرتتا ئۆستۈرۈلگەن تەنچە ) دىن
ئايرىپ ئېلىنغان ساقايتقۇچى توقۇلمىلار چۇقۇم 4-6 ھەپتىگىچەئۆستۈرۈلسە ئاندىن نورمال يىتىلەلەيدۇ .
يىتىلىشى ياخشى بولغان ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنى كۆپلەپ يىتىشتۈرۈش ئۈچۈن
ئۇلاشتۇرۇپ (يېڭى مۇھىتتا ) يىتىشتۈرۈش بولسا ئۈنۈملۈك تەدبىر .



继代培养



ئۈسۈملۈكلەرنىڭ ساقايتقۇچى توقۇلمىلىرىنىڭ ئۇلاشتۈرۇپ
ئۆستۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرىسىتىدىغان ئامىل ھورمۇن . ئۇلاشتۇرۇپ (يېڭى مۇھىتتا ) يىتىشتۈرۈش
نى ياخشى ماسلاشتۇرۇش ئۇچۈن ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنىڭ ياخشى كۆپىيىپ ئۆسۈش
ھالىتىنى ساقلاپلا قالماستىن بەلكى يەنە ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنىڭ تەقسىملىنىش
ئىقتىدارىدىكى زىددىيەتنى ساقلاش كېرەك ، شۇڭا ئەڭ ياخشى قۇيۇقلۇقتىكى ھورمۇننى
تاللاش كېرەك .
24D23mg/L    ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنىڭ بۈلۈنمەسلىكىنى ساقلاشتا ئۈنۈملۈك ، بىراقئۇلاشتۇرۇپ (يېڭى مۇھىتتا ) يىتىشتۈرۈش قېتىم سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ، ئۇنىڭ يېشىل
مايسىغا تەقسىملىنىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەيدۇ .



ساقايقۇچى توقۇلمىلارنىڭ
تەقسىملىنىپ ئۆستۈرۈلۈشى



شىكەر قۇمۇشى ساقايتقۇچى توقۇلمىلىرى ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننى چىقىرىپ
تاشلىغان ياكىئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ
قۇيۇقلۇقى تۆۋەن بولغان ئۆستۈرگۈچتە ، پەقەت ئەزالارنىڭ قايتا تەقسىملىنىشى يۈز
بىرىدۇ . شىكەر قومۇشىنى توقۇلمىلار ئارقىلىق يىتىشتۈرۈشتە ،بەزى سورتلىرىنىڭ بىر
قەدەر كۈچلۈك بولغان سۈمۈرۈش ۋە پارچىلاش ئىقتىدارى بۇلىدۇ ، ھەتتا بەلگىلىك
قويۇقلۇقتىكى ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ قوزغىتىشى ياكى
ئۇلاشتۇرۇپ
(يېڭى مۇھىتتا ) ئۆستۈرگۈچتىكى ئىنىرگىيەنىڭ تىز سۈرئەتتە تەقسىملىنىشى ئارقىلىق
مايسىغا ئايلىنىدۇ .شىكەر قومۇشى ساقايتقۇچى توقۇلمىلىرىنىڭ مايسىغا ئايلىنىشىغا تەسىر
كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىللار ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنىڭ چوڭ –كىچىكلىگى ،
ئۆستۈرگۈچ، يورۇتۇش قاتارلىقلار ، ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنىڭ چوڭ كىچىكلىگى
تەقسىملىنىشكە روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ئەۋرىشكە ئالغاندا ساقايتقۇچى توقۇلما
پارچىسى 5 مىللىمىتىردىن كىچىك بۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك .



يورۇتۇش شىكەر قومۇشى ساقايتقۇچى توقۇلمىلىرىنىڭ يېشىل
مايسىغا ئايلىنىشىدا بىر قەدەر ياخشى بولغان ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئۆتەيدۇ ،
يۇرۇتۇش شارائىتى بولمىغان شارائىت ئاستىدا بۈلۈنۈپ چىققان مايسا سېرىقداپ كىتىدۇ
، يۇرۇتۇشقا ئۇچرىغاندىن كىيىن ئاندىن يېشىللىققا قايتالايدۇ . ئادەتتە يورۇتۇش
شارائىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان يىتىشتۈرۈش ئۆيىدە تەبىئىي قۇياش نۇرىدىن پايدىلانسىلا
ئىھتىياجنى قاندۇرغىلى بۇلىدۇ . يورۇتۇش شارائىتى ناچار بولغان يىتىشتۈرۈش ئۆيىدە يورۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىكە توغرا
كىلىدۇ . ئادەتتە كۈن نۇرلۇق چىراقنى قۇشۇمچە يۇرۇقلۇق مەنبەسى قىلىشقا بۇلىدۇ ،
يورۇتۇش كۈچلۈكلىگى
15002000Lx   ، يورۇتۇش ۋاقتى 12 سائەت بولسا بۇلىدۇ . ئۆستۈرگۈچنىڭ (
توقۇلمىلارنى ) تەقسىملەشكە بولغان تەسىرى مۇۋاپىق بولغان ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن بىلەن سىتوكىنىن ( ھۈجەيرە بۈلۈنگۈچى
ھورمۇن) نىڭنىسبىتى شىكەر قومۇشىنىڭ ساقايتقۇچى
توقۇلمىلىرىنىڭ يېشىل مايسىغا تەقسىملىىنىشىگە پايدىلىق بولغانلىقىدا . شىكەر
قومۇشىنىڭ ئوخشاش بولمىغانسورت ، ئوخشاش
بولمىغان ماتىرىيالدىكى ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنىڭ تەقسىملىنىشى ئىھتىياجلىق بولغان
ئەڭ مۇۋاپىق ھورمۇن تەييارلاش نىسبىت ئوخشاش بولمايدۇ ، دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئۆستۈرگۈچ   
“MS+NAA0.51.5mg/L+BA(0.51.0mg/L)”    ، يەنە    IBA0.52.0mg/L   مۇ ئىشلىتىلىدۇ .



دەرەخنىڭ تەرەققى قىلغان ساقايتقۇچى توقۇلمىلىرى



توقۇلمىلار ئارقىلىق يىتىشتۈرۈش جەريانىدىكى فىنول بۇلغىنىشى
يىتىشتۈرۈش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .
فىنول بۇلغىنىش جەريانى بىلەن
ئېكسپلانت (سىرتتا ئۆستۈرۈلگەن تەنچە) ھۈجەيرىلىرىنىڭ پولىفېنول ئوكسىدازا( كۆپ فىنوللۇق ئوكسىدلانغان ئىنزىم ) نىڭ
ئاكتىپلىقى مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ ، شىكەر قۇمۇشىنىڭ غۇلى ئىنچىكە ، يومران غوللۇق
كېسىكھەمدە بۇغۇملىرىغا يېقىن بولغان
جايدىكى يومران يوپۇرماق غىلىپىدا ئومۇمەن ئاكتىپلىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان پولىفېنول ئوكسىدازا( كۆپ
فىنوللۇق ئوكسىدلانغان ئىنزىم ) بۇلىدۇ ،



شۇڭلاشقا مۇشۇ توقۇلمىلارنىڭ
ئېكسپلانت (سىرتتا ئۆستۈرۈلگەن تەنچە) سى كۆچۈرۈلگەندىن كىيىن فىنول بۇلغىنىشمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بۇلىدۇ .ئۆستۈرگۈچىگە
قوشۇلغان ھۆجەيرە بۈلۈنگۈچى ھورمۇنلىرىپولىفېنول
ئوكسىدازا( كۆپ فىنوللۇق ئوكسىدلانغان
ئىنزىم ) نىڭ ئاكتىپلىقىنى يوقىرى كۆتىرىش رولىغا ئىگە ، يىتىشتۈرۈش جەريانىدىكى
فىنول بولغىنىش دەرىجىسى ھۆجەيرە بۆلۈنگۈچى ھورمۇنلىرىنىڭ قۇيۇقلۇقىنىڭ ئېشىشىغا
ئەگىشىپ ئېغىرلايدۇ . ئۆستۈرگۈچى ئىچىدە
0.1~0.5% ئاكتىپ
كاربۇن ئىشلەتكەندە فىنول بۇلغىنىشىنى ئازايتىدۇ .شۇنداقلا يىلتىزنىڭ
شەكىللىنىشىگە ياردىمى بۇلىدۇ .



ئىقتىدارى ئىشلىتىلىش ئورنى



تەندىن ئايرىپ يېتىشتۈرۈشتە كۆپ خىل ئامىللارنىڭ رولى قۇبۇل قىلىنىدۇ
، ھۈجەيرىلەرنىڭ ھەممىسى بۈلۈنۈپ،
تەقسىملىنىشتىن ئايرىلىش باسقۇچىغا كىرىدۇ ، ئۈزلۈكسىز بۆلۈنۈپ ئۈسۈشنى
داۋاملاشتۇرۇپ ھۈجەيرە توپىنى شەكىللەندۈرىدۇ ، ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا
تەرەققى قىلىپ ئەجدات تۈپنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنى
شەكىللەندۈرىدۇ . ساقايتقۇچى توقۇلمىلاردىن يىتىشتۈرۈش بىرخىل ئەڭ ئادەتتىكى
يىتىشتۈرۈش شەكلى ، بىر قىسىم غول ئۇچى بۆلۈنگۈچى توقۇلمىلىرى ئارقىلىق يىتىشتۈرۈش
ۋە بىر قىسىم ئەزالار ئارقىلىق يىتىشتۈرۈشتىن سىرت ، باشقا بىر نەچچە خىل يىتىشتۈرۈش شەكلى ئەڭ ئاخىرىدا ساقايتقۇچى توقۇلمىلار
ئارقىلىق ئاندىن يېڭى تۈپنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساقايتقۇچى
توقۇلمىلار دائىم يىتىشتۈرۈلىدىغان ھۈجەيرە ۋە پروتوپلاست تا لەيلەپ يۈرىدۇ .
شۇڭلاشقا ، ساقايتقۇچى توقۇلمىلار ئارقىلىق يىتىشتۈرۈش ناھايىتى كۆپ ئىشلىتىلىش
ئورنىغا ئىگە . بىر جەھەتتىن ئۈسۈملۈكنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشى ۋە تەقسىملىنىش مىخانىزىمى ، ئىرسىيەت ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى
تەتقىق قىلىشقا بۇلىدۇ ، ئۈسۈملۈكنىڭ ئىرسىيەت سورت يىتىشتۈرۈشكە نىسبەتەن
ئالاھىدە ئەھمىىيىتى بۇلىدۇ ؛ يەنە بىر جەھەتتىن كۆلەملىك زاۋۇتلاشقان
ئىشلەپچىقىرىشتا قوللىنىشچان بىرىكمىلەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا قوللىنىلىدۇ ، ياكى
ھۈجەيرە ئارقىلىق يىتىشتۈرۈش سانائەت ، يېزا ئىگىلىكى ، تىبابەت قاتارلىقلارغا كېرەك
بولغان جىنسسىز يېتىشتۈرۈشكە تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ ، ياكى پروتوپلاست ئارقىلىق
يىتىشتۈرۈش(
原生质体培养)داپروتوپلاستنىڭ مەنبەسى قىلىنىدۇ . ئەمەلىيەت
شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، توقۇلمىلار ئارقىلىق يىتىشتۈرۈش ئۈسۈملۈكلەرنى تىز سۈرئەتتە
يىتىشتۈرۈشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە سورت ئۆزگەرتىش ، سورتنى
ساقلاش ۋە كىرەكلىك ئورگانىك بىرىكمىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلارنىڭ
كۆڭۈلدىكىدەك ئۇسۇلى .



كىرەكلىك ئورگانىك بىرىكمىلەر دىگەن نىمە ؟



بىر پۈتۈن ئۈسۈملۈك تىنى يىلتىز ، غول ، يۇپۇرماق ، گۈل ، مىۋە ،
ئۇرۇقتىن ئىبارەت ئالتە ئەزادىن تەركىپ
تاپىدۇ ، بۇ ئەزالار توقۇلمىلاردىن تۈزۈلگەن . توقۇلمىلار بولسا ھۈجەيرىلەردىن
تۈزۈلگەن .



ھۈجەيرە : مۇستەقىل كۆپىيەلەيدىغان پەردە بىلەن ئورىلىپ تۇرغان ،
بىئولوگىيىلىك تەنچىدىكى ئاساسى ئىقتىدار بىرلىگى .



ھۈجەيرىنى
تۈزگۈچى بىرىكمىلەر ئانئورگانىك بىرىكمىلەر ۋە ئورگانىك بىرىكمىلەر دەپ ئىككى چوڭ
تۈرگە بۆلىنىدۇ .



ئانئورگانىك بىرىكمىلەر
سۇ ۋە ئورگانىك تۇزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .



ئورگانىك بىرىكمىلەر ئاقسىل ، يادرو كىسلاتاسى ،
قەنتۋە مايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . سۇ
ۋە ئانئورگانىڭ تۇز ، ئاقسىل ، يادرو كىسلاتاسى ، ماي قاتارلىقلار ئورگانىك ھالدا
بىرلەشكەندىلا ئاندىن جانلىقلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى ئىپادىلىنىدۇ . نۆۋەتتە بۇ بىرىكمىلەرنى تۆۋەندىكىدەك
خۇلاسىلەيمىز :



سۇ : 80ـ90 نى ئىگەللەيدۇ



ئانئورگانىك بىرىكمىلەر،
ئانئورگانىك تۇزلار 1.5%-1



ئاقسىل 7%-10%



ماي :1% -2%



قەنت تۈرلىرى ۋە يادرو
كىسلاتاسى 1.5%-1%



 



ھۈجەيرىنى تۈزگۈچى
بىرىكمىلەر ئىچىدە مىقدارىئەڭ كۆپ
بولغىنى سۇ ، بىراق ھۈجەيرىنىڭ قورغاق ئېغىرلىقىدا ئىگەللىگەن مىقدارى ئەڭ كۆپ
بولغىنى ئاقسىل .



ئاقسىل ھۈجەيرە قورغاق ئېغىرلىقىنىڭ 50 % دىن
كۆپرەگىنى ئىگەللەيدۇ .



ئەمەلىي نەتىجىلەر



بىر خىل ساقايتقۇچى
توقۇلمىلارنى ئىشلىتىپ
海膜مايسىسىنى يىتىشتۈرۈش ئۇسۇلى ، ئالاھىدە شارائىت ئاستىدا 海膜غا قارىتا قوزغىتىش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ، ئۇنى يىپسىمان
ھالەتتىكى ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنى ئىشلەپچىقارغۇزىدۇ ، تەجرىبىلەرگە ئاساسەنيۇرۇتۇش، تېمپۇراتۇرا ، ئۇزۇقلۇق تۇز قاتارلىق شارائىتلارنىڭ بۇخىل ساقايتقۇچى
توقۇلمىلارغا بولغان تەسىرىنى ئىگەللەپ ، شۇنىڭ بىلەن ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنىڭ
داۋاملىق يىتىلىشى ۋە ساقلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ ، بۇ خىل ساقايقۇچى
توقۇلمىلارغا قارىتا سوسپىنزىيىلىك يىتىشتۈرۈش ، ئۇنى تىز سۈرئەتتە كېڭەيتىپ
ئۆستۈرۈپ ، زور مىقداردىكى ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ ،
سوسپىنزىيىلىك يىتىشتۈرۈلگەن ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنى يېپىشقاق مۇھىتقا پۈركۈسەك ،
تۇرغۇن سۇ ئارقىلىق يىتىشتۈرۈش ، ئۇ چاپلاشقاندىن كىيىن ئېقىن سۇدا يىتىشتۈرۈشكە
ئۆزگىرىدۇ ، ھەمدە يىتىشتۈرۈش شارائىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇنى قايتا مايسا
ھاسىل قىلىشقا قوزغاتقىلى بۇلىدۇ . بۇ خىل ئۇسۇل ئۈنۈملۈك بولغان
海膜نىڭ مايسا يىتىشتۈرۈش ئۇسۇلىدۇر . بۇ كەشپىياتنى قوللىنىپ ، 海膜نىڭ پىشقان ۋاقتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي ، خالىغان ۋاقىتتا
يېڭى مايسا بىلەن تەمىنلگىلى بۇلىدۇ ، ھەمدە ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنى قايتا يىتىشتۈرۈش
تە جىنسلىق كۆپىيىش جەريانى بولمىغانلىقتىن ھالەت بۆلىنىشى يۈز بەرمەيدۇ ، شۇنىڭ
بىلەن ئەلا سورتلارنىڭ تاللىنىشىغا پايدىلىق بۇلىدۇ .



تۈرلىرى



زىچ شەكلى (compact ) : ساقايتقۇچى توقۇلمىلار ئىچىدەچوڭ ھۈجەيرە ئارىلىقى بولمايدۇ ، ھۈجەيرە
ئارىلىقى پىكتىنلىق ماددا بىلەن زىچ بىرىكىپ كىتىدۇ ، ئاسانلىقچە لەيلەش سېستىمىسى
شەكىللەنمەيدۇ .



بوش
ۋە چۈرۈك شەكلى
friable : ساقايتقۇچى توقۇلمىلار ئىچىدە زور
مىقداردىكى چوڭ ھۈجەيرە ئارلىقى بۇلىدۇ ، ھۈجەيرە تىزىلىشى تەرتىپسىز بۇلىدۇ ،
ناھايىتى ئاسانلا يەككە ھۈجەيرە ياكى ياكى بىر قانچە ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن ،كىچىك
ھۈجەيرە توپىنى شەكىللەندۈرىدۇ ، سۇسپىنزىيىلىك كۆپەيتىش ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەڭ ئەڭ
مۇۋاپىق ماتىرىيالى .



ئىككى
تۈرلۈك ساقايتقۇچى توقۇلمىلار ھورمۇنلارنىڭ تەڭشىشى ئارقىلىق ئۆز ئارا ئايلىنىدۇ .



ئۇنىڭ
ئۇسۇلى : يۇقىرى قۇيۇقلۇقتىكى ئۆسكۈچى ماددىلارنى قۇيۇپ ، مۇستەھكەم بولغان
ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنى بوش چۈرۈككە ئايلاندۇرغىلى بۇلىدۇ . ئەكسىچە ، ئۆسكۈچى
ماددىنى ئازلاتقاندا ياكى چىقىرىۋەتكەندە بوش چۈرۈك ھالەتتىكى ساقايتقۇچى
توقۇلمىلار مۇستەھكەم ھالەتكە كىلىدۇ .



شەكىللىنىشى



بىر پارچە ئېكسپلانت
(سىرتتا ئۆستۈرۈلگەن تەنچە) دىن تىپىك بولغان ساقايتقۇچى توقۇلمىنى شەكىللەندۈرۈش
ئۈچۈن ئۈچ مەزگىلنى باشتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك : قوزغىلىش مەزگىلى ، بۆلۈنۈش مەزگىلى ۋە شەكىللىنىش مەزگىلى .



قوزغلىش
مەزگىلى ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلىنىشكە تەييارلىق قىلغان باسقۇچىنى كۆرسىتىدۇ .
ئەملەنگەن ( كۆچۈرۈلگەن ) ئىكىسپىلانت (سىرتتا ئۆستۈرۈلگەن تەنچە) ھۈجەيرىسىگە
ئىشلىتىلىدۇ ، كۆپىنچىسى پىشقان ھۈجەيرىلەر ، كۆپىنچە تۇراقلىق ھالەتتە بۇلىدۇ .



قوزغلىش مەزگىلى بولسا بىر
قىسىم غىدىقلىغۇچى ئامىللار (مەسىلەن مىخانىكىلىق زەخمىلىنىش ، يورۇتۇش
كۈچلۈكلۈگىنى ئۆزگەرتىش ، ئوكسىگىننى كۆپەيتىش ) ۋە ھورمۇنلارنىڭ قوزغىتىش رولى
بىلەن ئىكىسپىلانت (سىرتتا ئۆستۈرۈلگەن تەنچە) ھۈجەيرىلىرىنىڭ بىرىكىش ماددا
ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى كۈچىيىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن تىز سۈرئەتتە ئاقسىل ۋە يادرو
كىسلاتاسى بىرىكىدۇ . مىخانىكىلىق زەخمىلىنىش ئۈسۈملۈك ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۆلۈنۈشكە
باشلاشنى غىدىقلايدۇ ، يەنى يارا ئېغىزىدا ساقايتقۇچى توقۇلمىلار شەكىللىنىدۇ .
ئۈسۈملۈكلەرنى توقۇلما ئارقىلىق يىتىشتۈرۈشتە ئىزچىل ساقايتقۇچى توقۇلمىلار دىگەن بۇ سۆزنى ئىشلىتىمىز ، بىراق
ئۈسۈملۈكلەرنى توقۇلما ئارقىلىق يىتىشتۈرۈشتە ئىكىسپىلانت (سىرتتا ئۆستۈرۈلگەن
تەنچە) ھۈجەيرىلىرىنى قوزغىتىپ بۈلۈنىشىدىن شەكىللەنگەن ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنىڭ
زور كۆپچىلىگى زەخمىلەندۈرۈشنىڭ نەتىجىسى ئەمەس . سىرتقى مەنبەلىك ئۆستۈرگۈچى
ھورمۇ ن تۈرىدىكى ماددىنىڭئىكىسپىلانت (سىرتتا
ئۆستۈرۈلگەن تەنچە) ھۈجەيرىلىرىنى قوزغىتىپ بۈلۈنىشكە قارىتا ئۈنۈمى ناھايىتى
ياخشى بۇلىدۇ ، شۇڭلاشقا ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن تۈرىدىكى ماددىلار ئۈسۈملۈكنىڭ
توقۇلمىلار ئارقىلىق يىتىشتۈرۈلىشىدە ناھايىتى كەڭ ئىشلىتىلىدۇ ، دائىم
ئىشلىتىلىدىغانلىرىدىن دىخلوروفېنوكسى
ئاتسېتىك كىسلاتا(
24-二氯苯氧乙酸)، نافتالېن ئاتسېتات
كىسلاتاسى (
萘乙酸 )، ئىندىل ئاتسېتات (吲哚乙酸)ۋەسىتوكىنىن ( ھۈجەيرە بۆلۈنگۈچى ھورمۇنى )
قاتارلىقلار بار .



بۆلىنىش مەزگىلى : ئىكىسپىلانت (سىرتتا
ئۆستۈرۈلگەن تەنچە) ھۈجەيرىلىرى قوزغىتىلىش ئارقىلىقتەقسىملىنىشتىن ئازات بۇلۇپ توختىماستىن
بۆلىنىپ ، بالا ھۈجەيرە ھاسىل قىلىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ ، بۆلۈنۈش مەزگىلىدە تۇرغان ساقايتقۇچى توقۇلمىلارنىڭ ئالاھىدىلىگى :
ھۈجەيرىنىڭ بۆلىنىشى تىز ، قۇرۇلمىسى شالاڭ ، رەڭگى سۇس ھەم سۈزۈك بۇلىدۇ .



ئىكىسپىلانت (سىرتتا
ئۆستۈرۈلگەن تەنچە) نىڭ تەقسىملىنىشتىن ئاجرىلىشى ئۈسۈملۈك تۈرلىرى ، ئەزالارنىڭ
كىلىش مەنبەسى ھەمدە فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىگىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن
ناھايىتى زور پەرقلىق بۇلىدۇ . مەسىلەن : تاماكا ، سەۋزە قاتارلىقلارنىڭ
تەقسىملىنىشتىن ئاجرىلىشى ناھايىتى ئاسان بۇلىدۇ ، باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ
تەقسىملىنىشتىن ئاجرىلىشى بىر قەدەرتەس
بۇلىدۇ ؛ گۈلنىڭ تەقسىملىنىشتىن ئاجرىلىشى ناھايىتى ئاسان ، غول ، يۇپۇرماقنىڭ
تەقسىملىنىشتىن ئاجرىلىشى بىر قەدەر تەس ، يۇمران توقۇلمىلارنىڭ تەقسىملىنىشتىن
ئاجرىلىشى بىر قەدەر ئاسان ، پىشقان كونا توقۇلمىلارنىڭ تەقسىملىنىشتىن ئاجرىلىشى
بىر قەدەر تەس .



alwasti يوللانغان ۋاقتى 2012-9-8 12:35:22

يازمىڭىزدىن نۇرغۇن ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بىلىۋالدىم، يامان يېرى ئىملايىڭىزدىكى ئىملا خاتالىقى (ئو، ئۇ نى ئالماشتۇرۇپ يېزىشىڭىز ) سەۋەبىدىن گاڭگىراپ قالدىم.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-8 15:17:16

10- قەۋەتتىكى alwastiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يازمىڭىزدىن نۇرغۇن ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بىلىۋالدىم، يامان يېرى ئىملايىڭىزدىكى ئىملا خاتالىقى (ئو، ئۇ نى ئالماشتۇرۇپ يېزىشىڭىز ) سەۋەبىدىن گاڭگىراپ قالدىم.



ئۇ نى ئو قىلىپ يېزىپ قۇيۇش كۆپ ئۇچرىمايدۇ ، ئەمما ئو نى ئۇ قىلىپ يېزىپ قۇيۇش دائىم يۈز بىرىدۇ ، بۇ مىنىڭ تەلەپپۇزۇمدىكى خاتالىق بولسا كېرەك .



توقۇلما - تۇقۇلما    ئوقۇتقۇچى - ئۇقۇتقۇچى    ئوبدان - ئۇبدان      بوغالتىر - بۇغالتىر    كۆزۈم-   كۈزۈم       ئوقۇغۇچى - ئۇقۇغۇچى      ئوماق - ئۇماق      بوغاز - بۇغاز       بوغا- بۇغا      بوغداي - بۇغداي      ئويۇشما- ئۇيۇشما   خوتۇن - خۇتۇن    ھورۇن - ھۇرۇن   مورا- مۇرا    شوئار- شۇئار    شوتا - شۇتا   تۆكۈلدى - تۈكۈلدى    توما (كەنت نامى - تۇما )،   قورساق - قۇساق   جوڭگو - جۇڭگو   جوڭغار - جۇڭغار   



يۇقارقى سۆزلۈكلەردىكى ئالدىدا يېزىلغىنى   لوغەتتىن تاپقان ھەقىقى ئىملا، كەينىدىكىسى مىنىڭ ئۆز تەلەپپۇزۇم .



ئەمدى ئۇ ھەرپىنى ئو قىلىپ تەلەپپۇز قىلىشقا كەلسەك بىز : بىز ئىش ئوختاسىغا كەلدى ، دەپ قۇيىمىز ، لوغەتتە بۇنى ئۇختاسى دەپ ئالىدىكەن .



يەنە بىرسى مەن لۇغەتنى لوغەت دەپ تەلەپپۇز قىلىدىكەنمەن ....



تېما يازغاندا دەككە -دۈككىدە قالىدىغان بولدۇم .....


تېمىلىرىمدىكى ئالمىشىپ قالغان سۆزلۈكلەرنى مۇشۇ ئىنكاسىم بۇيىچە توغرىلاپ ئۇقۇغايسىلەر .....

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-9-8 20:21:50

تېمىنى تەھرىرلىسىڭىز ئارقىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئىنكاسنى تەھرىرلەپ تۈزۈتۈپ قويۇڭ.


بۇ قوراللار سىزگە ئەسقاتىدۇ





http://www.yulghun.com/imla


http://imla.uyghurdev.net



كومپيۇتېردا قىلاي دېسىڭىز ئۇيغۇر ئېدىتبولىدۇ.


AlpSoft نىڭ يەنە بىر دىتالىمۇ بار.


يازمىڭىزنى باشقىلار ساقلىۋېلىشى مۇمكىن، بۇ ئىشقا ھورۇنلۇق قىلماڭ بولمىسا خاتالىقنىڭ ئومۇملىشىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالىسىز.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-9 12:01:27

ياخشى قۇراللار ئىكەن ......





تېمىنى تەھرىرلەپ قويدۇم .....





چىرىش كىسىلى يەنە قوۋزاق چىرىش كىسەللىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، رايۇنىمىزغا كەڭ تارقالغان بۇلۇپ ، ياڭاق نەشپۈتكە زىيان سېلىشتىن تاشقىرى يەنە ئالما ، شاپتۇل ، ئۈرۈك قاتارلىق مىۋىلىك دەرەخلەرگە زىيان سالىدۇ .



Iكىسەللىك ھالىتى



چىرىش كېسەللىكىنىڭ كېسەللىك ھالىتى نەم چىرىش تىپلىق ۋە قورغاق چىرىش تىپلىق دەپ ئىككى خىل بولىدۇ .



1.نەم چىرىش تىپلىق



بۇ يەنە يارا تىپلىق چىرىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، كۆپىنچە 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 6- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە پەيدا بولىدۇ ،5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ ، باش ئەتىيازدا كېسەللىك شەكىللەنگەن دەسلەپكى مەزگىلىدە كېسەللىك داغلىرى تۇتۇق قوڭۇر ( قارامتۇل ) رەڭلىك ھۆلسىمان ھالەتتىكى چوڭ داغ بولۇپ ، كېسەللىك ئورنى ئازراق ئىششىغان ھالەتتە بولىدۇ، بارمىقىمىز بىلەن باسساق قىزغۇچ قارامتۇل ( قىزغۇچ جىگەررەڭ )شىرنىسىمان سۇيۇقلۇق ئاقىدۇ ، ئۇنىڭ تاتلىق تەمى ياكى ھاراق تەمى بولىدۇ، كىسەللەنگەن قوۋزاقتوقۇلمىلىرىچىرىپ ، قوۋزاق قەۋىتى نابۇت بولىدۇ .



2. قورغاق چىرىش تىپلىق



بۇ يەنە شاخ قۇرۇش تىپلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، 7-ئاينىڭ باشلىرىدا پەيدا بولىدۇ ، تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ، كېسەللىك داغ توقۇلمىلىرىدىكى سۇ مىقدارى تىز سۈرئەتتە پارغا ئايلىنىدۇ ، توشۇغۇچى توقۇلمىلار نابۇت بولغانلىقى سەۋەبتىن ، سۇ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش توختاپ قېلىپ ، كېسەللىك داغلىرى قۇرۇپ قاغجىراپ كېتىدۇ ، سۇسىزلانغان دائىرە كېڭەيگەنسېرى ،كېسەللىك داغلىرى تەدرىجىي يامراپ ، تىز سۈرئەتتە پۈتكۈل شاخنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .



II پەيدا بولۇش شارائىتى



كېسەللىك مىكروبى ( پاتوگىن ) كىسەللەنگەن توقۇلمىلاردا قىشنى ئۆتكۈزىدۇ ، باش ئەتىيازدا دەرەخ سۇيۇقلۇقلىرى ھەرىكەتلەنگەن چاغدا كېسەللىك مىكروبلىرى ھەرىكەتلىنىشكە ۋە يۇقۇشقاباشلايدۇ ،بىراق كېسەللىك مىكروبلىرى بىر خىل ئاجىز پارازىت مىكروبى بولغاچقا ، بىۋاسىتە پارازىت ئىگىسى تىنىگە ( يەنى مۇشۇ دەرەخ تىنىگە ) يۇقۇپ كىرەلمەيدۇ ، پەقەت سوغۇقتىن زەخىملەنگەن ، كېسەل ھاشارەتلەردىن زەخىملەنگەن ، چاتاشتىن زەخىملەنگەن يارا ئېغىزلىرى ئارقىلىق يۇقىدۇ . رايونىمىزدا تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا سوغۇقتىن زەخىملىنىش چىرىش كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ ، كۆپىنچە مەركىزى غول ۋە ئاساسى شاخلاردا پەيدا بولىدۇ ، ( كىچىك شاخ ) يان شاخلاردا بىر قەدەر ئاز پەيدا بولىدۇ ، ئاساسى شاخ ۋە غوللارنىڭ كۈنگەي تەرىپىدە بىر قەدەر كۆپ كېسەللىك بولىدۇ ، تەسكەي تەرىپىدە بىر قەدەر ئاز پەيدا بولىدۇ ، غولنىڭ شاخ ئايرىيدىغان قىسمىدا ئاسان كېسەللىك پەيدا بولىدۇ ، ئەتىياز پەسلىدە 3-ئايدىن 5-ئايغىچە كېسەللىك ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدۇ ، ئۇنىڭدىن قالسا 6-7 ئايلاردا كۆپ پەيدا بولىدۇ ، 9-ئاينىڭ ئاخىرلىدا بۇ كېسەللىك ھەرىكەتتىن توختايدۇ .شۇڭلاشقا قىش پەسلى سوغۇق زىيىنىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئەڭ مۇھىم تەدبىر . ئۇندىن باشقا چىرىش كېسەللىكىنىڭ ئېغىر يىنىكلىگى باشقۇرۇش پەرۋىش تەدبىرلىرى بىلەنمۇزىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ ، ئەگەر چاتاش زىيادە ئېغىر بولسا ، ئوغۇتلاش يېتەرلىك بولمىسا ، تۇپراق بەك سېغىز بولسا ، سۇ چىقىرىش ياخشى بولمىسا ، دەرەخ قۇۋۋىتى ئاجىز بولسا ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ، يۇقىرى نەملىك ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ، يەر ئاستى سۇ ئورنىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ، نامۇۋاپىق سۇغۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چىرىش كېسەللىكىنىڭ ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .



III ئالدىنى ئېلىش داۋالاش تەدبىرلىرى



چىرىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا سۇ ئوغۇت باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش ، دەرەخ قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىش ، يۈكنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ، مېۋىلىك دەرەخلەرنى شەكىلگە كەلتۈرۈشتە چاتاشنى ئاساس قىلىش ، ھەرگىزمۇ شاخ كىرىش ئۇسۇلىنى قوللانماسلىق ، كېسەللىك مىكروبلىرى بار باغلارغا نىسبەتەن قوغداش خاراكتېرلىك مىكروب ئۆلتۈرگۈچى پۈركۈش ، كېسەللىك داغلىرىنى بايقىغان ھامان ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش ، داۋالاشنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بولۇشنى ، كىچىك ۋاقتىدىلا داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك .



(Ⅰ )فىزىكىلىقمېخانىكىلىق ئالدىنى ئېلىش



قوۋزاقتىكى كېسەللىك داغلىرىنى قىرىپ چىقىرىۋېتىش



1. يېنىك دەرىجىدە قىرىش : قوۋزاقنى قىرغان چاغدا يېنىك دەرىجىدە قىرىش ئارقىلىق شەكىللىنىش قەۋىتى ئىچىدىكى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلارنىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك ، بۇ خىل ئۇسۇلدا دەرەخ تىنىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تىز بولىدۇ.



2.ئېغىر دەرىجىدە قىرىش : پۈتكۈل قوۋزاق قەۋىتى زىيانغا ئۇچرىغان چاغدا بارلىق كېسەل داغلىرىنى قىرىپ چىقىرىۋېتىش ، ھەمدە ياغاچلىق قىسمى ئۈستىدىكى چىرىگەن ئورۇننى يېنىك قىرىش كېرەك ، قىرغان چاغدا چوقۇم كېسەللىك داغلىرىنىڭ تۆت ئەتراپىنى تۇلۇق ئېلىۋېتىش ، قوۋزاقنى 0.5~1 سانتىمېتىرغىچە ئېلىش كېرەك ، يانتۇ كېسىش كېرەك .



3. چىرىش كىسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىمكانقەدەر چوڭ دائىرىلىك ، چوڭقۇر قوۋزاق قىرىشتىن ساقلىنىش كېرەك ، ئەگەر يارا ئېغىزى بەك چوڭ ، ھەم بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ ،ياخشى دېزىنفېكسىيە قىلىنمىسا تېخىمۇ چوڭ تارقىلىش ۋە يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .



(Ⅱ) دېھقانچىلىق تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش



1. پەرۋىشنى كۈچەيتىش ، باغ ئىچىدە سۇ توختاپ قالماسلىققا دىققەت قىلىش ، ئورگانىك ئوغۇت ۋە كالىي فوسفورلۇق ئوغۇت لار بىلەن ئوغۇتلاشنى كۈچەيتىپ دەرەخ قۇۋۋىتىنى ياخشىلاش ، مۇۋاپىق چاتاش .



2.ئەتىيازلىق ( قىشلىق ) چاتاشبىلەن بىرلەشتۈرۈپ دەرەخ غولىنى ئاقارتىپ، قۇياش نۇرىنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن ساقلىنىش ، ھاشارات زىيىنى جاراھەت ئېغىزلىرىنى ئازايتىش ئارقىلىقكېسەللىك مىكروبلىرىنىڭ دەسلەپكى يۇقۇپ كىرىش يولىنىتىزگىنلەش .



3. باغ بەرپا قىلغاندا تۇپرىقى مۇنبەت ، تۇپراق سۈپىتى قۇمساڭغۇ ئەت بولغان ، يەر ئاستى سۈيى ئورنى تۆۋەن بولغان ئورۇننى تاللاش كېرەك .



4.ئۇلاش ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك ، ئۇلاش ئورنى بەك تۆۋەن بولغاندا ئۈششۈشى ئېغىر بولىدۇ ، ( ئۇلاش ئورنى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە قەۋەتلەرگە بۆلۈپ چاتاپ باشقۇرۇشتا قىيىنچىلىق تۇغۇلىدۇ ، شۇڭا تۆۋەن ئورۇندىن ئۇلىغاندا ئۇلىغان كۆچەتلەرنى كۆمۈپ قىشتىن چىقارساق بولىدۇ ، بولۇپمۇ ياڭاق كۆچىتى ) ، شالاڭ ئۆتكۈزۈشچان تىپلىق مۇداپىئە ئورمان بەلۋېغى بەرپا قىلىش ، مۇۋاپىق سۇغۇرۇش ( تېيىز سۇغىرىش ، سۇنى توختىتىپ قويماسلىق ) .



5. چىرىش كېسىلى يامغۇر سۈيى ئارقىلىق تارقىلىدۇ ، 3 يىلدىن يۇقىرى دەرەخلەرگەسۇ ئۆتكۈزمەس قىر سېلىش ئارقىلىق كېسەللىك مىكروبلىرىنىڭ سۇغارغان چاغدا يۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .دەل –دەرەخلەر ئۈچەككە كىرىشتىن ئىلگىرى دەرەخ غولى ئۈستىدىكى كونا قوۋزاقلارنى قىرىپ بىر يەرگە يىغىپ توپلاپ كۆيدۈرۈۋېتىش كېرەك .



Ⅲ خىمىيىلىك ئالدىنى ئېلىش



1. چاتاش ئېغىزىنى ۋە قوۋزاق قىرغاندىكى يارا ئېغىزىنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ ئاسراشقا دىققەت قىلىش ، قوۋزاق قىرغاندىن كىيىن 5-10 باۋمىي گىرادۇسلۇق ھاك-گۈڭگۈرت بىرىكمىسىنى سۈرتۈپ ،سۇلياۋ بىلەن تېڭىش كېرەك .



2.سوغۇقتا ئۈششۈگەن ئورۇننىڭ سىرتىغا 农歇   نىڭ 100-200ھەسسە سۇيۇقلۇقىنى بىۋاسىتە سۈرتۈش كېرەك ، قوۋزاق قىرمىسىمۇ بولىدۇ .



3.چىرىش كېسىلىنىڭ كېسەللىك دېغىنى ياغاچلىق قىسمىغىچە يەتكۈزۈپ قىرغاندىن كىيىن ئاۋۋال 菌毒清نى سۈرۈش ، ئارقىدىن 843康复剂 نىڭ ئەسلى ئېرىتمىسىنى سۈرۈش ، ئارقىدىن سۇلياۋ بىلەن تېڭىش كېرەك ، بۇخىل ئۇسۇلنىڭكېسەللىك ئورنىنىڭ بىرىكىشى تىز ، قايتا قوزغالماسلىقتەك ئالاھىدىلىكلىرى بار .



(تۈگىدى )

tahir17 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-9 13:38:31

ئەلانى 3 قىلىۋەتتىم.
بەت: [1]
: مىۋىلىك دەرەخلەردىكى چىرىش كىسىلىنىڭ ئۇنىۋىرسال ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسى