windows phone يانفونىدىن ياردەم سورايمەن
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى! يانفون ئۇستىلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدىم. نەچچە كۈن بۇرۇن توردىن htc mozart نى سېتىۋالغان ئىدىم. تەكشۈرۈپ باقسام تەلىيىمگە يارىشا يېپيېڭى تېلىفونكەن. سېستىمىسى windows phone7.5 ئىكەن. باشقىلار ۋىندوۋس سېستىمىلىق تېلىفونلارنىڭ ئالاھىدە راۋانلىقى توغرىسىدا جىق توختىلىپتىكەن، سۈرئىتىنىڭ تېزلىقىغا، راۋانلىقىغا، راھەتلىكىگە ھەقىقەتەن گەپ كەتمەيدىكەن. بىر چاتاق يېرى ئاندرويد تېلىفونلىرىغا ئوخشاش كومپيۇتېرغا چېتىپلا ھۆججەت قاچىلىغىلى بولمايدىكەن.
ئەمدى ئەسلى گەپكە كەلسەك، يانفونۇمدا ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى ئاچسام ھەرپلەر بىر-بىرىگە قېيداپ، ئايرىم ئايرىم تۇرۇۋاپتۇ. ئوقۇش مۇمكىن بولمايدىكەن. يانفون ئۇستىلىرى ياكى تەجرىبىسى بارلار يول كۆرسەتساڭلار، قانداق قىلسام ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى نورمال زىيارەت قىلالايمەن؟ ھە،راست! دۇكان ئىگىسى سېستىمىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ قويۇپتۇ.
ئالىپباي جاۋاب بەرمىسە بولمىغۇدەك. ئەگەر مۇمكىن بولسا، Windows Phone نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى قاچىلاپ بېقىڭ، ئۇ ئۇيغۇرچىنى بىمالال تونۇيدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولمىسا، فونت مۇندەرىجىسىنى تېپىپ، Arabic دېگەن نام بىلەن ئاتالغان خەت نۇسخىلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆچۈرۈپ، كومپيۇتېرىڭىزدىكى ئەرەبچە ۋە ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتەلەيدىغان خەت نۇسخىلىرىنى قاچىلاپ، ئىسمىنى يانفوندىن ئۆچۈرۈۋەتكەن خەت نۇسخىلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاش قىلىپ قويسىڭىز، تونۇشى مۇمكىن. توردىن شۇ تېلفۇنىڭىزنى قوللايدىغان دېتالنى چۈشۈرسىڭىز ئاندىن كومپيۇتىرىڭىز بىلەن ھۆججەت ئالماشتۇرالايسىز،مېنىڭ ئىشلەتكىنىم نوكىيا، بۇنى تونىتىدىغان دېتالنىڭ ئىسمى zune،ئەمما htcنىڭ قايسى دېتال ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم.يەنە بىرخىل ھۆججەت كۆچۈرۈش ئۇسۇلى ئەگەر سىزدە skydriveتوردېسكىسى بولسا كومپيۇتىرىڭىزدىكى ھۆججەتلەرنى skydriveغا يوللاپ ئاندىن تېلفۇنىڭىزغا چۈشۈرسىڭىزبولىدۇ.ئۇيغۇرچە خەت تونۇتۇش مەسلىسىگە كەلسەك ھازىرچە تېخى يەنە بىر ئاز تەخىر قىلىشقا توغرا كېلىدىغان ئوخشايدۇ،ئۇيغۇرچە خەت سېستىمىسىنى ھازىرچە قوللىمايدۇ،http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=47768بۇ يازمامدا بۇ سېستىما توغرىلىق خېلى ياخشى ئىنكاس ئۇچۇرلار بار،پايدىلىنىڭ2- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەگەر مۇمكىن بولسا، Windows Phone نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى قاچىلاپ بېقىڭ، ئۇ ئۇيغۇرچىنى بىمالال تونۇيدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولمىسا، فونت مۇندەرىجىسىنى تېپىپ، Arabic دېگەن نام بىلەن ئاتالغان خەت نۇسخىلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆچۈرۈپ، كومپيۇتېرىڭىزدىكى ئەرەبچە ۋە ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتەلەيدىغان خەت نۇسخىلىرىنى قاچىلاپ، ئىسمىنى يانفوندىن ئۆچۈرۈۋەتكەن خەت نۇسخىلىرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاش قىلىپ قويسىڭىز، تونۇشى مۇمكىن.
قاچىلانغىنى ئەڭ يېڭى نۇسخىسىكەن،لېكىن يەنىلا تونۇيدىغان چىرايى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە فونت مۇندەرىجىسىنى تېپىش مۇمكىن ئەمەستەك، ھەتتا ئىچىدىكى ناخشا، رەسىملەرنىمۇ باشقا يۇمشاق دېتالنىڭ ياردىمى بىلەن كومپيۇتېرغا ئاران كۆچىرىۋالغىلى بولىدىكەن.
3- قەۋەتتىكى adil621نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
توردىن شۇ تېلفۇنىڭىزنى قوللايدىغان دېتالنى چۈشۈرسىڭىز ئاندىن كومپيۇتىرىڭىز بىلەن ھۆججەت ئالماشتۇرالايسىز،مېنىڭ ئىشلەتكىنىم نوكىيا، بۇنى تونىتىدىغان دېتالنىڭ ئىسمى zune،ئەمما htcنىڭ قايسى دېتال ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم.يەنە بىرخىل ھۆججەت كۆچۈرۈش ئۇسۇلى ئەگەر سىزدە skydriveتوردېسكىسى بولسا كومپيۇتىرىڭىزدىكى ھۆججەتلەرنى skydriveغا يوللاپ ئاندىن تېلفۇنىڭىزغا چۈشۈرسىڭىزبولىدۇ.ئۇيغۇرچە خەت تونۇتۇش مەسلىسىگە كەلسەك ھازىرچە تېخى يەنە بىر ئاز تەخىر قىلىشقا توغرا كېلىدىغان ئوخشايدۇ،ئۇيغۇرچە خەت سېستىمىسىنى ھازىرچە قوللىمايدۇ،http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=47768بۇ يازمامدا بۇ سېستىما توغرىلىق خېلى ياخشى ئىنكاس ئۇچۇرلار بار،پايدىلىنىڭ
مېنىڭكىگىمۇ zuneنى ئىشلىتىدىكەن، قارىماققا ۋىندوۋس يانفونلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق چىراي. يانفونغا ھۆججەت قاچىلاش سەل ئاۋارىچىلىقكەن. مىڭ تەستە ئاۋاز ھۆججىتى قاچىلىسام قوڭغۇراق قىلىپ ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن، zune دىن بىر يەرلىرىنى تەڭشەپ ئاران ئوڭشىدىم. لېكىن سېستىمىنىڭ راۋانلىقىغا،راھەتلىكىگە ھەقىقەتەن ئىچىم كۆيدى. ھەي، مۇشۇ ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنۋەتسە بەك ئېسىل ئىش بولاتتى.
ئاۋال ماۋۇ توربەتتىن ماۋۇنى چۈشۈرۈڭ ، http://www.ifangge.com/
ئىسمى 爱方格手机助手 ئالمىنىڭ itunes قا ئوخشاش باشقۇرۇش دېتالى ، ئاندىن zune نى قاچىلاڭ ،
http://www.zune.net/zh-CN/products/software/download/default.htm
ئەمدى ئىش تامام ، ئاۋۇ 爱方格 دىگەننى ئېچىپ خالىغانچە بىرنەرسە چۈشۈ رسىڭىز بۇلىدۇ ، ھەم ئىچىدىكى ناخشا-مۇزىكا دىگەنلەرنىمۇ باشقۇرالايسىز . مىكروسوفت، Windows Phone 7.5 نى Windows Phone 8 گە كۆتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، لېكىن Windows Phone7.8 گە كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، WP 7.8 نىڭ كۆرۈنۈشى WP8 گە ئوخشايدۇ، لېكىن ئىچى ئوخشىمايدۇ، نېمىلا بولمىسۇن WP7.5 تىن يېڭى نەشىرى.
ئاۋال 7.8 گە كۆتىرىشنىڭ غېمىنى قىلىپ تۇرسا، WP8 مۇشۇ ئايدا ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ، يىل ئاخىرىدا نەچچىمىز ئالساق، قولغا چىققاندا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى كۆرسىتىشنىڭ ئۇسۇلى ئېلان قىلىنىپ قالىدۇ.
WP يانفۇنى بىلەن كومپيۇتېر ئارىسدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن، Office Outlook ۋە ActiveSync لازىم بولىدىغۇ دەيمەن. قارىغاندا يانفونىمغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ھازىرچە مۇمكىن ئەمەس ئوخشىمامدۇ؟! شۇنداقتىمۇ يۇقىرىدىكى ھەممىڭلارغا رەھمەت. opera تور كۆرگۈنى قاچىلىسىڭىز ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى نورمال كۆرەلەيسىز. windows mobile 6.5 تىمۇ شۇنداق قىلاتتۇق.
9- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
opera تور كۆرگۈنى قاچىلىسىڭىز ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى نورمال كۆرەلەيسىز. windows mobile 6.5 تىمۇ شۇنداق قىلاتتۇق.
بايا مىكروسوفتنىڭ دۇكىنىنى ئىزدەپ باقسام operaنىڭ تور كۆرگۈسى تېپىلمىدى، قارىغاندا wp7 ئۈچۈن تېخى ياسىمىغان ئوخشايدۇ. قارىغاندا يا opera نىڭ تور كۆرگۈسىنى يا 7.8 نىڭ ئۇيغۇرچە قوللىشىنى كۈتسەم بولغۇدەك.