yamhur يوللانغان ۋاقتى 2012-9-4 18:24:06

ماشىنا ئالامسىز؟

ئىزدىنىشتا ئىككى -ئۈچ ئايدا بىرقېتىم ماشىنا سېتۋېلىش توغرىسدا ياردەم تىمىللىرنى كۈرۈپ ئۈزمىز ھەيدەۋاتقان ماشىنلارنىڭ ئالاھىدلىكى ۋە يىتەرسىزلىكى توغرىسدا پىكىر ئالماشتۇرۇش نىيتىدە بۇتىمىنى يېزشىم .. ئۇنىڭدىن باشقا رايونىمىز دىھقانچىلىقنى ئاساس قىلدىغان رايون بولغاچقا يەنە بىر-ئىككى ئايغىچە ماشىنا سېتۋالدىغانلاكۈپيىشى مۇمكىن.



ئاۋال مەن بىرقانچە ماشىننى تۇنۇشتۇرۇپ ئۈتەي قالغىننى تورداشلار ئۆز-ئارا تۇلۇقلىۋالساق ماشىنا ئالماقچى بولغانلار ئازراق بولسىمۇ پايدىلنىپ قالسا دىگەن ئۈمۈتتە مەن.


رايونمىزنىڭ ھاۋارايى ئالاھىدە  يەنى قۇم-بوران كۆپرەك  بولۇپمۇ (جەنۇبى شىنجاڭ) ،تاشيوللار دىگەندەك ئۆلچەملەشمىگەن ،ماشىنلارنى سېتۋالغاندىن كىيىن كۆلەملەشكەن ،سەۋيىسى يۇقرى بولغان ماشىنا رىمنۇت قىلىش ئورۇنلىرى ئاز (ئۈرۈمچىنى ھىساپقا ئالمىغاندا) شۇڭلاشقا ماشىنا سېتۋالغاندا  ،ئالدى بىلەن بىزسېتۋالغان ماشىننىڭ ئۇمۇملىشىش ئەھۋالىنى ياخشى ئويلىنىپ  ماشىننىڭ ھەرخىل زاپچاسلىرى  تېپىش قولايمۇ يوق؟ رايونمىز ھاۋاسىغا ،يوللىرغا ماسلىشامدۇ يوق ؟ئۇندىندىن باشقا ئۈزمىزنىڭ ئىشىلتىش ئورنىغا قاراپ سېتۋېلشىمىز لازىم ..



مەن ياپونيىنىڭ ماشىنلىرنى ئاساس قىلىپ تۇنۇشتۇرۇپ باقماقچى  قالغىننى تورداشلارمۇ تولۇقلىشىپ بەرگەي ، شۇنداق قىلىپ ماشىنا ئالماقچى بولغانلار ناچار ماشىنىلارنى ئېلىشتىن ساقلىنىپ قالغاي..باشلاپ كەتتۇق ئەمسە .


پۇل بولمىسا ماشىنا ئالغىلى بولمايدۇ ،شۇنداقلا زور كۆپچىلكىمىز مانچە پۇلغا قايسى ماشىنا ئالغان ياخشى دەپ ئويلايدىكەن شۇڭلاشقا  پۇلنى  باش نۇقتا قىلدىم.


( ماشىنا باھاسى قۇشۇمچە باج، سۇغۇرتىنى ئۆزئىچگە ئالمايدۇ. چۈشنىشلىكرەك بولسۇن ئۈچۈن زاغرا نان تىلدىلا يېزۋەتتىم )


35 مىڭدىن 50 مىڭغىچە


سۇزۇكى لىڭياڭ  بۇماشىنا  6 خوت  (ئارقا خوت بىلەن) 4 پورشىنلىق 1.3  ماتور سەپلەنگەن  ،ماي سەرپىياتى تۈۋەن (شالىدىن ئاز يەيدۇ) ماشىننىڭ ئاستىمۇ خېلى ئېگىز گاز قويسىڭىزمۇ ،مايدا ماڭسىمىزمۇ ئۇششاق غەلۋىسى يوق پىششىق ماشىنا ، چوڭراق ۋە قەگە ئۇچراپ كەتسىمۇ سايمانلىرى ئەرزان ھەم كەڭرى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا ئاساسەن داۋالاتقلى بۇلدۇ. مۇشۇ باھا ئىچدە بۇ ماشىنىغا تەك چىقالىغدەك پىششىق ماشىنا يوققۇ دەيمەن.



80 مىڭدىن 100 مىڭغىچە


مىنىڭچە ئىشقا بېرىپ كىلىشكە ئائىلدە ئىشلىتىدىغان ئىش بولسا  نىسساننىڭ لىۋىنا  ،تىدا ماشىنلىرى ياخشى تاللاش بولايدۇ. ماي سەرپىياتى تۈۋەن ئىچكى بوشلىقمۇ خېلى كەڭرى ،ئاساسەن ئۇششاق كاشلىسى يوق ماشىنا .



100 مىڭدىن 130 مىڭغىچە


توياتا ماركىسى ئاسىتىدىكى  كوروللا تىپدىكىسنى تاللاڭ  ،بۇماشىنىڭ  ئىچكى بىزلىشى ،تاشقى كۈرنىشى   چىرايلىق ،چوڭ كىچىك ھەممە ئادەمگە ئاساسەن ماس كىلدۇ ،ماي سەرپىياتىمۇ تۈۋەن ،تورمۇز قىسمىمۇ ياخشى  ،ماتورمۇ ناھايىتى پىششىق ،ئادەتتە باشقا ماركىنىڭ كوروللا بىلەن تەڭ دەرجىدىكى ماشىنلىرغا قارغاندا  بۇماشىننىڭ ماتروغا زاۋۇت تەرەپ ياخشى كاپالەت بىرەلەيدۇ ،يەنى خوندانىڭ سىۋچنى 80 مىڭ كىلومىتىرغىچە كاپالەت بەرسە كوروللانىڭ 100 مىڭ كىلومىتىر (زاۋۇتنىڭمۇ ئىشىەنچىسى بار) ،ئاستى قىسمىمۇ ئىگىز ، ماتورمۇ زەنجىرلىك بۇلۇپ باشقا ماشىنلارئوخشاش <<پىدەي>> كونراش ،ئۈزلۈپ كىتىشتىن خالى ،نىمكەش بازرىدىمۇ ئەڭ ئاز ئۇچرايدىغان ماشىنا سەۋەبى ئالغان ئادەم ئاساسەن ساتمايدۇ ،ساتماقچى بولسىمۇ بازارغا ئاپامايمۇ ساتقىلى بۇلدۇ .



150 مىڭدىن 250 مىڭغىچە  



توياتانىڭ  كەمرۈي ، راۋى 4  تىپلىقلىرنى  ياكى بولمىسا بىنتىيەن زاۋۇتنىڭ  ياگىر ياكى س ر ۋ  نى تاللىسڭىز بۇلدۇ .كەمرۈي بىلەن راۋى4 نىڭ موتورىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئازراق يەرلىرنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئىككى ماشىنىنىڭ ماتورلىرى ئاساسەن ئوخشاش ،ياگىر بىلەن س ر ۋ نىڭ ماتورلىرى ئاساسەن ئوخشاش  4 ماشىننىڭ باھاسىمۇ  ئاساسەن بەك پەرىق ئەتمەيدۇ ، لىكىن 4ماشىننى سېلىشتۇرغاندا  توياتانىڭ كەمرۈيگە قارغاندا بىنتىيەننىڭ ياگىر سەل ياخشى ،  راۋى 4 بىلەن س ر ۋ نى سېلىشتۇرغاندا  راۋى4 پىششىقراق كۆردۈم. ئەلۋەتتە بۇمۇ شەخسى پىكىر قالغىننى ئىنكاس ئارقىلىق تۇلۇقلىۋالمىز .



يۈكسەلبايغا  :



بىزنىڭ خەنزۇ باشلىقنىڭ ئايالىنىڭ بىرسى بار 144 مىڭغا ئاپتىكەن  ،لىكىن توردا ھازىر ئۇنچە قىممەت ئەمەسكەن ، مەنمۇ 500 -600 كىلومىتىرغا يېقىن ھەيدىگەن مىنىڭ تەسراتىم ،ماشىنىغا ھەقىقەتەن ماي ئازكىتىدىكەن   ،ماشىنىنىڭ ئىگسى خۇتۇنمۇ  200 يۈەنلىك ماي جالىسام 500 كىلومىتىر مڭۋىتىمەن دەيدۇ ،لىكىن ئۇ ئايال يولدىكى سۈرئەت تاختايلىرغا تۇلۇق ئەمەل قىلىپ ماڭدىكەن ،مەن بىردەم ھەيدىسەم  ماي سىترىلكىسى تىزلا تۈۋەنلىدى ،بۇماشىنىڭ موتۇرى كىچىك بولغاندىكىن سۈرئەتنى تىزلىتىپ 130-150 كىلومىتىر ھەرسائەت تىزلىكتە مېڭۋەتسە  ئادەتتىكى سانتانادەكلا يەيدىكەن شۇ ،ئاندىن يېندىن چوڭ تىپتىكى ماشىنا ئۈتۈپ قالسا ئۈزنى شالىدا ئولتۇرغاندەكلا ھىس قىلىپ قالدىكەن .ئەگىلمىلەردىكى ئىپادىسمۇ بەك قورقۇنۇشلۇق ھىسيات بىردىكەن ..ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلى خېلى بودەك تۇرتىلە بۇماشىننى ھەيدىسلە كىچىك چاپان كىيۋالغاندەكلا بوپقاللا،   ئىزدىنىشلىق باللاربىلەن بىريەرگە بېرىپ قالسىلا تامنىڭ كەينىگە توختىپ بېرىپ قالالىمكى...



ئاندىن سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى توغرىلىق بىلگىنىمنى دەپ قوياي  



كۆپچىلكىمىزدە قول خوت ماشىنا بىلەن ئاپتوماتىك خوتلىق ماشىنىغا قارتا   قول خوتقا ئاز ماي كىتىدۇ دەيدىغان  ئاپتوماتىكقا جىق كىتىدۇ دەيدىغان قاراش باركەن ،ئاساسى يوقمۇ ئەمەس لىكىن بەك توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ ، ئىشىلتىش ئورنىغا قاراش كىرەك ،يەنى ئەگەر كىراغا ئىشلىتىدىغان ماشىنا بولسا قول خوت ماشىنا ياخشى تاللاش بولالايدۇ،چۈنكى كىراماشىنلىردا 5 ئادەم ئاساسەن دىگۈدەك تۇلۇق . ئارقا ساندۇقمۇ داۋاملىق دىگۈدەك نەرسە كىرەكلار بىلەن توشقان بۇلدۇ ،ماشىنا سۆرەيدىغان يۈكمۇ ئاشىدۇ ،ئۇنىڭدىن باشقا كىراماشىنلىرى تۇلا توختاپ تۇلا قوزغىلدىغان بولغاچقا  ماتورغا بېسىم كىلىم تۇردۇ  ،بۇنداق چاغدا شوپۇرلار تۈۋەن خوتتا تۇرغۇزۇپ  ماي تەپكىسنى بەكرەك دەسسەيدۇ .تاكسى شوپۇرلىغا قارسىىڭىزلا بىلەلەيسىز،  بۇخۇددى سۇتۇربىسنىڭ كىلاپاننى بوشراق ئېچىپ قۇيۇپ  تۇربىغا چىتىغلىق شىلانكىنى چىڭ مىجىپ سۇنى يىراققا چاچقانغا ئوخشايدۇ ، سۇچېچلىپ مەلۇم نۇقتىغا بارغاندا  شىلانكىنى ھەرقانچە مىجساقمۇ سۇ ئۇنىڭدىن يىراققا بارالمايدۇ ، يەنىمۇ يىراققا بارغۇزۇش ئۈچۈن سۇتۇربىسنىڭ كىلاپاننى ئېچشىمىز كىرەك ،شۇندىلا سۇيەنىمۇ يىراققا باردۇ ، كىلاپاننى قولمىزبىلەن ئاچتۇق ،ئەگەر شىلانكىنىڭ ئۇچىغا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ،شىلانكىنىڭ ئۇچغا بېسىم چۈشكەن بېسىم ئاشقانچە كىلاپان ئاپتوماتىك ئېچلىدىغان قىلساقچۇ  ،  ئەلۋەتتە بۇمۇ مىنىڭ ئويلىغانلىرىم  تىمنىڭ بېشدا دەپ قويغانتىم چۈشنىشلىك بۇلشى ئۈچۈن زاغرانان تىلى ئىشلىتىمەن دەپ. يەنە باشقا تەرەپلىرنى ئىنكاستا ئورتاقلىشمىز .



ياپونيىنىڭ ماشىنلىرنى ياقتۇرشىمدىكى سەۋەپ  بىرقانچە قېتىملىق بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن قاتناش ۋەقەسىدە بىرقانچە نۇقتىنى بايقىدىم .يەنى ئەگەر ئۇدۇل سۇقلۇپ كەتكەندە ،ياپۇنيىنىڭ ماشىنلىرنىڭ رولدىن چىققان شار سىزنى ئۈنۈملىك قوغدايدۇ..ئۇنىڭدىن باشقا  ماشىنا رولى ، گىرمانىينىڭ ھەم ئامرىكىنىڭ ماشىنلىرغا قارغاندا بەدەنگە چوڭ تەسىرى بولمايدىكەن ،يەنى ۋولكىس ۋاگېننىڭ ماشىنلىرى ئۇدۇلمۇ -ئۇدۇل سۇقۇشقاندا بىخەتەرلىك شارچىسى بېشمىزغا دەل كەلمەيدىكەن ،دەك كەلسىمۇ ماشىنا رولى ئادەمنىڭ قوۋرىغا  ،دوۋسۇن تەرەپلىرنى زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن،،تاكسى شوپۇرلىرى ۋەقەگە ئۇچرىسا كۆپ سانلىقلىرى كۆكرەكلىرى مىجلىپ  ،دوۋسۇنلىرى مىجلىپ كىتىدىغان ئىشلار كۆپ يۈزبىردىكەن.  ئۇنىڭدىن باشقا گىرمانيە بىلەن ئامرىكىنىڭ ئالدى راملىرى قوش  ،ھەم قېلىن بۇلدىكەن ،بۇنداق بولغاندا ماشىننىڭ ئېغرلىقى ئېشىپ ماي ،سەرپىياتى ئىشىپ كىتىدىكەن ،يەنە توك يوللىرى جەھەتتە گىرمانىينىڭ دۆلىتمىزدە سېتلىۋاتقان ماشىنلىرى بىلەن ياپونيىنىڭ ماشىنلىرىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ ،ياپونيەدە  دېڭىز بويدىكى دۆلەت بولغاچقىمۇ  توكيوللىردا  قى


سقا تۇتشىش ئاساسەن يوق دىيەرلىك ،ماشىننىڭ ئاستى قىسمىمۇ ئاسان سېسپ كەتمەيدۇ. تاكسىغا سېلنىۋاتقان سانتانا بۇنىڭ دەلىلى ئۈرۈمچىدە 5يىل ماڭغان تاكسىنىڭ دىبەن قىسمى ئاساسەن چىرىپ كىتىدۇ ،لىكىن ياپونيەنىڭ دىبەن سېسىپ كىتىدىغان ماشىنلىرنى كۆرمىدىم . ئەمدى بەك ھېرىپ قالدىم بولدى قىلاي قالغىننى بىرلىكتە تۇلۇقلامىز  ،


ئىملا خاتالىقى بار بولشى مۇمكىن.سەۋەپ كۇنۇكپا تاختا يوق ،خاتىركومپىيوتۇردا يازسام ئانچە-مۇنچە تېيلىپ كىتىدىكەنمەن.


yarzat يوللانغان ۋاقتى 2012-9-4 19:57:35

ياپونىيەنىڭمۇ ماشىنىسىنى 5 يىل تاكسى قىلىپ ھەيدىسە ئاستى تەرەپ سېسىشى ئېنىق...

سەۋەبى 90%تاكسى ھەيدىگەنلەر يامغۇر ياغقان ياكى سۇ يەرلەرگە كەلگەندە سۈرئىتى تېز بولسا ھەرگىز ئاستىلاتمايدۇ.سۇغا ئۇچرىشىشى قانچە كۆپ بولسا ئاستى

تەرەپنىڭ سېسىشىمۇ تېز بولىدۇ.لېكىن سېسىشىدىنمۇ ساقلانغىلى بولىدۇ ئازراق پۇل خەجلىسە...



ئەگەر ماشىنىنىڭ چىدامچانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىدىغان ئىش بولسا ياۋروپا-ئامرىكىنىڭ ماشىنىسىنى ئويلاشسا بولىدۇ.ماي سەرپىياتىنى ئويلاشسا ياپونىيەنىڭ ماشىنىسىنى تاللىسا بولىدۇ.

مەن تەۋسىيە قىلدىغىنىم بېك ماركىلىق ماشىنا ۋە ۋولكىسۋاگىننىڭ ماركىسى ئاستىدىكى ماشىنىلار...ماينى كۆپ يېگەن بىلەن كۈچ جەھەتتە باشقا ماشىنىلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-9-4 20:14:29

پىكا(پ) ماشىنا (كەينىدە ھارۋىسى بار)نىڭ 100 مىڭ يۈەندىن ئەرزانلىرىدىن قايسىسى ياخشىراق بولار؟ مېنىڭ ئۆيۈمگە باشقا ماشىنا بولمايدۇ، ئېتىز - ئېرىققا چىققاندا قىغ ئۇسۇپ، كەتمەڭ - تىشاڭ سېلىپ قالىمەن. نىسسان ماركىلىقى يارىغان، ئەمما ياپونىيەدە ئىشلەنگىنى بەك قىممەتكەن، دوڭفېڭ ماتور سەپلەنگىنى ئەرزانكەن، ئەمما ئۇنىڭ ماركىسىدىن باشقا ھېچقەيەرى نىسسان ئەمەستەك تۇرىدۇ. جۇڭشىڭ دەپ بىرسى بار ئىكەن، ماتورى مىتسۇبىشى ئىكەن، ئەمما ماتورىدىن باشقا ھەممە يېرى شاكال چىرايلا تۇرىدۇ. توردا ۋولكىسۋاگون، تويوتا قاتارلىقلارنىڭ پىكا(پ) ماشىنىلىرى كۆرۈنىدۇ، ئەمما سېتىش نۇقتىلىرىدا يوق...


ئاندىن يەنە بىر مەسىلە: بۇ خىل ماشىنىلارنىڭ تۆت چاق سۆرەيدىغانلىرى بىلەن ئىككى چاق سۆرەيدىغانلىرىنىڭ ماي سەرپىياتى ۋە قۇۋۋىتىدىن باشقا يەنە قانداق پەرقلىرى بار؟

yamhur يوللانغان ۋاقتى 2012-9-4 20:18:34

بىك ماشىنسنىڭ راملىرى  گەۋدىللىرى پىشىىق، لىكىن ياپۇنيىنىڭ ،گىرمانىينىڭ ماشىنلىرغا قارغاندا ماتورى بەك ناچار  ،ھەيدەپ باققانلا بىلدۇ .... نىمكەش ماشىنا بازرىغا چىقسىڭىز  بىك ماشىننىڭ نوچلىغنى بىلسىز ..

yamhur يوللانغان ۋاقتى 2012-9-4 20:31:07

2- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پىكا(پ) ماشىنا (كەينىدە ھارۋىسى بار)نىڭ 100 مىڭ يۈەندىن ئەرزانلىرىدىن قايسىسى ياخشىراق بولار؟ مېنىڭ ئۆيۈمگە باشقا ماشىنا بولمايدۇ، ئېتىز - ئېرىققا چىققاندا قىغ ئۇسۇپ، كەتمەڭ - تىشاڭ سېلىپ قالىمەن. نىسسان ماركىلىقى يارىغان، ئەمما ياپونىيەدە ئىشلەنگىنى بەك قىممەتكەن، دوڭفېڭ ماتور سەپلەنگىنى ئەرزانكەن، ئەمما ئۇنىڭ ماركىسىدىن باشقا ھېچقەيەرى نىسسان ئەمەستەك تۇرىدۇ. جۇڭشىڭ دەپ بىرسى بار ئىكەن، ماتورى مىتسۇبىشى ئىكەن، ئەمما ماتورىدىن باشقا ھەممە يېرى شاكال چىرايلا تۇرىدۇ. توردا ۋولكىسۋاگون، تويوتا قاتارلىقلارنىڭ پىكا(پ) ماشىنىلىرى كۆرۈنىدۇ، ئەمما سېتىش نۇقتىلىرىدا يوق...


ئاندىن يەنە بىر مەسىلە: بۇ خىل ماشىنىلارنىڭ تۆت چاق سۆرەيدىغانلىرى بىلەن ئىككى چاق سۆرەيدىغانلىرىنىڭ ماي سەرپىياتى ۋە قۇۋۋىتىدىن باشقا يەنە قانداق پەرقلىرى بار؟






توياتانىڭ  ۋولكىس ۋاگېنىنىڭ  ماشىنلىرنى ئالماقچى بولسىڭىز ئالدىن زاكالەت پۇلۇپ تاپشۇرۇپ بۇيرىتىپ ئەكەلسىڭىز بۇلدۇ ..  دوڭفىڭ ماركىسدىكى پىكا خېلى بۇلدۇ ،بىنزىن ماتورلۇق  ئىچمۇ خېلى كەڭرى  بىزنىڭ ناھيىدە  ھەربىر يىزىنىڭ بىردىن ئاشۇنداق ماشىنىسى بار  ،،خېلى يامان ئەمەستەك تۇردۇ ،لىكىن  پىكا ماشىنلاردا شەھەر مەركىزگە كىرەلمەيسىز..   ھەم پىكا ماشىننىڭ  تۈززىكلىرى يوق دىيەرلىك ،ياخشىسىنى ئالمەن دىسڭىز  isuzu  五十铃  مۇشۇ ماركىلىقنى كۈرۈپ باقسىڭىزمۇ بۇلدۇ ،سالياركا ماتورلۇق ،بىنزىن ماتورلوق ،4چاق تەڭ سۆرەيدىغان ،2 چاق سۆرەيدىغان نۇسقىللىرى بار      五十铃 ماتور سەپلەنگەن   JAC دەيدىغانلىرمۇ بار ئىدى ،شۇمۇ خېلى ياخشى چىقدۇ..

function يوللانغان ۋاقتى 2012-9-4 20:33:48

ھەجەپ قىزىپ ئوقۇۋەتتىم ما تېمىنى ، يەنە بارمۇ؟

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-9-4 20:47:03

مېنىڭ شەخسى قارىشم گېرمانىيەنىڭ مېرسىدىس، ئوۋدى ، ۋولكىس ۋاگېن ماشىنىلىرى رايونمىزغا بەكمۇ ماس كېلىدۇ ، ياپوننىڭ سەل چىدامسىز ،

ئوۋدى A6تانكىدەكلا ماشىنىدە كاساپەت .

yamhur يوللانغان ۋاقتى 2012-9-4 20:51:46

ماس كىلشىغۇ پەچەت ماس كىلدۇ ،لىكىن شۇ پۇلى ماس كەلمەيدۇ  ھازىرچە ،

oghlan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-4 20:55:34

نىسساننىڭ ھەرقانداق ماشىنىسى بىلەن تازا خوشۇم يوق ،،،ياڭگۇڭ دىگەن ماشىنىسى ئەرزان بولغان بىلەن سەت ،شۈەنيى دىگەن ماشىنىسىىمۇ سەت ،شاۋكى دىگەن ماشىنىسى پاكار يەڭگىل ،تىدا دىگەننىڭمۇ پەقەت سۈپىتى يوق ،


تىيەنلەن خېلى بوپ قويىدۇ ،،لىىكىن سەل قېرى ماشىنىدەكلا كۆرنىدۇ ،لىۋىنا دىگەنغۇ ماشنا ئەمەس ئۇ


نىسساننىڭ بالا ماركىسى بولغان يىڭفىيدىنى ماركىلىق  ماشىنا  مانا رەسمى نوچى ماشىنا ،،


تويۇتانىڭ كەمىرۇي دىگىنى ئۇزۇنغا قالمايلا ماينى شوراپ يەيدىغان بولۇۋالىدۇ ،راۋ سسى دىگەىنى دالا ماشىنىسى ئىىچىسدىكى ئەڭ سەت ماشىنىمىكى دەيمەن ،،


ماشىنا ئالاي دىسىڭىز   ..شىيەندەينىڭ يىڭى چىققان لاڭدۇڭ ،بەك چىرايلىق  چىىققان ماشىنا ،ھەممە جەھەتتىن بولىدۇ ،100مىڭ ئەتىراپىدا بىردۇ ،ياكى داجۇڭنىڭ لاڭيى ،،باۋلەي ،،گولىف،سۇتىېڭ  ،دىگەننى ئېلىڭ ،،بېك بىلەن شۆفۇلەننى ھازىرچە ئويلاشماي تۇرۇڭ ،


سەل پۇل جىقراق بولسا  داجۇڭنىڭ مەيتىڭ ،شىيەندەينىڭ يىڭى چىققان سوناتا ئېلىڭ ،ياكى داجۇڭنىڭ CCنې ئېلىڭ

yamhur يوللانغان ۋاقتى 2012-9-4 20:56:19

تىمنىڭ بېشدىلا پۇل باشلىنىش نۇقتىسى دىگەن ئىدىم شۇ ئاساستا يازدىم   ھازىرچە كۆپ سانلىقلار مۇشۇ ئەتراپتىكى ماشىنغا چىقىش قىلالايدىكەن ، مۇشۇ ماشىنلاربىلەن تەڭ دەرجىدىكى ياۋرۇ-ئامرىكىنىڭ ماشىنلىرنىڭ باھاسىنى كۈرۈپ بېقىڭلا بولمىسا ،  پۇل جىق بولسىغۇخەممىر ، بىنىز ،ئوۋدى ،ئىنفىنتى ،رېنو ،فارارى ماشىنلا ھەقىقەتەن ئېسىل  ....

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2012-9-4 21:00:03

Livina  بىلەن Suzuki 天雨 نىڭ قۇيرۇقلۇغى ئىككىسىنىڭ قايسىسى ياخشىدۇ ؟ ئاپتوماتىك خوتلىغىنىڭ باھاسى ئوخشاشكەن.



يەنە بىرسى MG3. ھەيدەپ باققانلار دەپ باقساڭلار.

yamhur يوللانغان ۋاقتى 2012-9-4 21:02:57

ھىيۇنداي ماركىسدىكى ماشىنلار كوريەنىڭ كىنولىردا چىقدىغان قىزلىرغا ئوخشاش نازۇك ،سەل قېرغاندا ئې ب س لىرى  بىخەتەرلىك شارچىللىرى شۇپۇر ئەڭ ئىھتىياجلىق چاغدا يەل قۇيۋىتىدىغان خۇيى بار  ،،   ياپوننىڭ ماشىنلىرى  ياۋروپانىڭكىدىن  سەل ئاجىزراق لىكىن كوريەنىڭ ياپونيىنىڭكىدىنمۇ ئاجىز ..   



كەمرۈي دىن بىزنىڭ بىرئاغىندە بىرسى بار 5 يىل بولدى ،ھىچ ماينى جىق يىۋالغاندەك قىلمايدىغۇ ..

yamhur يوللانغان ۋاقتى 2012-9-4 21:05:48

10- قەۋەتتىكى yollughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

Livina  بىلەن Suzuki 天雨 نىڭ قۇيرۇقلۇغى ئىككىسىنىڭ قايسىسى ياخشىدۇ ؟ ئاپتوماتىك خوتلىغىنىڭ باھاسى ئوخشاشكەن.



يەنە بىرسى MG3. ھەيدەپ باققانلار دەپ باقساڭلار.


Suzuki 天雨   تىيەنيۈ ياخشى چىقدۇ ھەم لىۋىناغا قارغاندا پىششىق.   لىكىن ئۇيغۇرلاردا ئانچە كۆپ ئەمەس  ساتارمەن بولسىڭىز  لىۋىنادەك   تىز قولدىن چىقمايدۇ ،، سېتلمايدۇ ئەمەس ..




paliwan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-4 21:19:32

ماشىننى گاز يېقىلغۇلىق قىلىپ ئۆزگەرتسە ماشىنا ماتۇرىنىڭ چىدامچانلىغغا زىيانلىقمۇ-پايدىلىقمۇ؟(ماتۇرغا دىدىم جۇما يانچۇققا ئەمەس)ئادەتتە ماشىنا نىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىدە توقسان مانچىنچى نۇمۇرلۇق بىنزىن ئشلىتىلدۇ، دەپ يېزىپ قۇيدىكەن.شۇ بىنزىن نىڭ نۇمۇرنىڭ ئوكدان قىممىتىگە ئاساسەن بەلگىلەنسىمۇ (تەبئى گاز، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازلارنىڭ ئوكدان قىممىتى قانچە)قايسى ماشىنلارغا قانداق گاز مۇۋاپىق،دىگەن بۇگەپلەرمۇ مۇشۇ تىمدا ئايدىڭ بۇلۇپ كەتسە.

yamhur يوللانغان ۋاقتى 2012-9-4 21:24:20

كەمرۈي بىلەن ياگىرنى پەرقىنى سۆزلەپ باقاي



كەمرۈي ئادەتتە قولخوتلىقى بولمايدۇ ،زاۋۇت تەرەپ ئىشلەپ چىقارمايدۇ ،سەۋەپ كەمرۈيگە قول بىرلىك ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى سەپلەنگەن ،قىسقا يولغا ماڭغاندا شەھەر ئىچدە ھەيدىگەندە قول ئارقىلىق سۈرئەت ئۆزگەرتسە ئۇزاق يولغا ماڭغاندا ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتشكە توغرىلاپ قويسا ماي تىجگىلى بۇلدۇ .

ياگىر كەمرۈيگە قارغاندا سەل جانلىق لىكىن قىسقا يول بىلەن ئۇزاق يولغا ماڭغاندىكى ماي كۆيدۈرشى بىرھەسسە پەرىق قىلىپ كىتىدىكەن ،يەنى قىسقا يولغا ماڭغاندا  جىقراق ئۇزاق يولغا ماڭغاندا ئازراق ماي كىتىدىكەن .

ياگىردە ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگرتىش تىپى ۋە قول خوت تىىپلىق ئىككى خىل نۇسقىسى بار ،ئىشىلتىش ئورنىڭلارغا قاراپ سېتۋالساڭلار بۇلدۇ ، نۇقۇل ھالدا جىق ماي يىۋالدۇ دەيدىغان قاراش خاتا .يەنە ئاپتوماتىك ماشىنا ھەيدىگەندە  ئامال بار ماي تەپكىسنى سۈزۈپ دەسسەش كىرەك ،شۇنداق قىلسا خېلى بەك پەرقى بۇلدۇ ..





ئاندىن يەنە بىر ئىشنى ئېيتىپ قويغۇم كەلدى  ،ماشىنا بىلەن دۆڭدىن چۈشكەندە خالاستوي قىلۋەتسە ماي ئاز كىتىدۇ دىگەن قاراش خاتا چۈنكى ھازىرقى ماشىنلارغا بىردىن كىچىك ئىلكتۇرۇنلۇق مىڭە ئورنىتىلغان   ،سىز خوتتىن چىقرىۋەتسىڭىزمۇ ئوخشاشلا ماي كىتىۋىردۇ  ياكى جىق ماي تىجيەلمەيسىز. ئۇنىڭدىن باشقا ھازىرقى ماشىنلار ماشىنا ئوت ئېلىشلىق ھالەتتە تورمۇز رول قىسمى ئىشلەيدۇ ،دۆڭدىن چۈشكەندە ياكى تۈز يولدا ماڭغاندا خالاستوي قىلۋىتىپ  ،ئاكمۇلياتورنىڭ ياكى توك چقرش  ئۈسكۈنسىنىڭ مىجەزى بوش ماشىنا بوپ قالسا ياكى ماشىنا ئۈچۈپ قالسا  خەتەرلىك ئاقۋەت چىقدۇ ،شۇڭلاشقا خالاستوي قىلىشتىن ،بىسمىللا دىمەي يولغا چىقىشتىن ساقلىنىڭ ..

yamhur يوللانغان ۋاقتى 2012-9-4 21:25:32

كەمرۈي بىلەن ياگىرنى پەرقىنى سۆزلەپ باقاي



كەمرۈي ئادەتتە قولخوتلىقى بولمايدۇ ،زاۋۇت تەرەپ ئىشلەپ چىقارمايدۇ ،سەۋەپ كەمرۈيگە قول بىرلىك ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى سەپلەنگەن ،قىسقا يولغا ماڭغاندا شەھەر ئىچدە ھەيدىگەندە قول ئارقىلىق سۈرئەت ئۆزگەرتسە ئۇزاق يولغا ماڭغاندا ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتشكە توغرىلاپ قويسا ماي تىجگىلى بۇلدۇ .

ياگىر كەمرۈيگە قارغاندا سەل جانلىق لىكىن قىسقا يول بىلەن ئۇزاق يولغا ماڭغاندىكى ماي كۆيدۈرشى بىرھەسسە پەرىق قىلىپ كىتىدىكەن ،يەنى قىسقا يولغا ماڭغاندا  جىقراق ئۇزاق يولغا ماڭغاندا ئازراق ماي كىتىدىكەن .

ياگىردە ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگرتىش تىپى ۋە قول خوت تىىپلىق ئىككى خىل نۇسقىسى بار ،ئىشىلتىش ئورنىڭلارغا قاراپ سېتۋالساڭلار بۇلدۇ ، نۇقۇل ھالدا جىق ماي يىۋالدۇ دەيدىغان قاراش خاتا .يەنە ئاپتوماتىك ماشىنا ھەيدىگەندە  ئامال بار ماي تەپكىسنى سۈزۈپ دەسسەش كىرەك ،شۇنداق قىلسا خېلى بەك پەرقى بۇلدۇ ..





ئاندىن يەنە بىر ئىشنى ئېيتىپ قويغۇم كەلدى  ،ماشىنا بىلەن دۆڭدىن چۈشكەندە خالاستوي قىلۋەتسە ماي ئاز كىتىدۇ دىگەن قاراش خاتا چۈنكى ھازىرقى ماشىنلارغا بىردىن كىچىك ئىلكتۇرۇنلۇق مىڭە ئورنىتىلغان   ،سىز خوتتىن چىقرىۋەتسىڭىزمۇ ئوخشاشلا ماي كىتىۋىردۇ  ياكى جىق ماي تىجيەلمەيسىز. ئۇنىڭدىن باشقا ھازىرقى ماشىنلار ماشىنا ئوت ئېلىشلىق ھالەتتە تورمۇز رول قىسمى ئىشلەيدۇ ،دۆڭدىن چۈشكەندە ياكى تۈز يولدا ماڭغاندا خالاستوي قىلۋىتىپ  ،ئاكمۇلياتورنىڭ ياكى توك چقرش  ئۈسكۈنسىنىڭ مىجەزى بوش ماشىنا بوپ قالسا ياكى ماشىنا ئۈچۈپ قالسا  خەتەرلىك ئاقۋەت چىقدۇ ،شۇڭلاشقا خالاستوي قىلىشتىن ،بىسمىللا دىمەي يولغا چىقىشتىن ساقلىنىڭ ..

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-4 21:50:40

مەن كوروللانىڭ1.8لىك قول خوتلۇقىغا كۆز تىكىپ يۈرىۋاتىمەن،ھازىرقى ماشىنامنى سېتىۋېتىپ ئالاي دىسەم ئالغىلى ئەمدى ئىككى يىل بولدى،تۈزۈك ھەيدىمىگەندىكىن 2يىلدا ئاران30مىڭ كىلومىتىر يول يۈرۈپتىمەن،ماشىنىمۇ سىرتقى قېپى ئانچە-مۇنچە ئۇششاق بالىلار جىرىۋەتكەن يەرلېرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا يېپيىڭىلا.يەنە بىرەر يىل ھەيدەپ كۆزۈمگە ئازراق سەت كۆرۈنگەندە سېتىۋېتىپ ئاندىن باشقا ماشىنا ئويلىشايمىكىن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-4 21:57:12

ساقلاپ قۇياي

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-9-4 22:20:50

ئەپ قالساڭلار ئامال بار قۇيرۇقى بار ماشىنا ئېلىڭلار ، قۇيرۇقى يوقتىن بىخەتەر كەينىدىن سوققاندا بېسىمنى ئازراق بولسىمۇ ئاجىزلىتالايدۇ.

شەخسەن ماڭا قۇيرۇقسىز ماشىنىلار بەك سەت كۆرۈنىدۇ.

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2012-9-4 22:36:21

3- قەۋەتتىكى yamhurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىك ماشىنسنىڭ راملىرى گەۋدىللىرى پىشىىق، لىكىن ياپۇنيىنىڭ ،گىرمانىينىڭ ماشىنلىرغا قارغاندا ماتورى بەك ناچار ،ھەيدەپ باققانلا بىلدۇ .... نىمكەش ماشىنا بازرىغا چىقسىڭىز بىك ماشىننىڭ نوچلىغنى بىلسىز ..



بېك ماشىنىنىڭ ماتورى ياپونىيەنىڭ ماشىنلىرىنىڭ ماتورىدىن قېلىشمايدۇ..پەقەتلا ماينى گېرمانىيەنىڭ ماشىنىسىدىنمۇ كۆپ يەيدۇ..شۇڭا ماشىنا بازىرىدىمۇ بازىرى ئىتتىك بولماسلىقىدىكى سەۋەب.مانا مەن 2005-يىلى


كەييۆدىن بىرنى ئېلىپ ساق 5يېرىم يىل ھەيدەپ ماتورىغا بىر قېتىم چېقىلىپ باققىنىمنى بىلمەيمەن.ماتورنىڭ ئاۋازى ياپونىيەنىڭ بەزى يېڭى ماشىنلىرىدىن سۈزۈك ۋە تۆۋەن چىقاتتى تېخى.ماتور دېگەن سىزنىڭ ئاسرىشىڭىزغا


باغلىق نەرسە.ئۆتكەن يىلى مېرسىدىسنىڭ B200 ـ تىپلىقىدىن بىرنى ئالدىم،لېكىن يەنىلا شۇ كونا بېك ماشىنامنى


ئەسلەپ قالىمەن.

بەت: [1] 2 3 4
: ماشىنا ئالامسىز؟