بۇ ماشىنىنى ئالسام قانداق بولار ؟
ئۇزۇندىن بېرى ئوبدانراق پاكىز نىمكەش ماشىنىلار بولسا بىرەرنى ئالاي دەپ يۈرگەن ، تۈنۈگۈن بىر ماشىنا ئۇچرىدى ، ماشىنىنى كۆرۈپ ھەرھالدا رازى بولدۇم ، پاكىز تۇتقان ماشىنىكەن
نىسساننىڭ شۇەنيى (轩逸) نىڭ 2009-يىلىدىكى نۇسخىسى ئىكەن ، 1.6 لېتىر ، ئاپتوماتىك خوتلۇق ، ئۆگزىسىدە دەرىزىسى يوق ، (没有天窗) ، ئىچىگە ئۆزى (DVD导航) ئورنىتىپتۇ ، كۆك قۇش (蓝鸟 BLUE BIRG) دىگەن ئېنگلىزچە خېتى بار ، ھازىرقى يېڭى چىققان نىسسان شۈەنيى ئەمەس جۇمۇ ، ماشىنىنى بۇلتۇر 8-ئايدا ئالغانكەن ، 24 مىڭ كىلومېتىر مېڭىپتۇ ، ئەمدى بىر يىل بوپتۇ ، باھاسىنى ئەڭ تۆۋەن بولسا 125 مىڭدىن كام ساتمايمەن دەيدۇ ، ماشىنىنى ھەيدەپ كۆردۈم ئاپتوماتىك تۆت خوتلۇقكەن ، تېخى گاز ئورناتماپتۇ ، ئائىلە ماشىنىسى ، توردىن ئاقتۇرسام 2009 -يىلنىڭ بۇ نۇسخىسى ئىشلەپچىقىرشتىن توختىتىپتۇ ، ئەسلى باھاسى 134 مىڭ 800 يۈەن كەنتۇق ، ئۆزى مۇشۇ باھاغا ئاپتىكەن ، سول تەرەپ كەينى چاقنىڭ ئۈستىدە ئازراق 3سانتىمېتىر ئۇزۇنلىقتا ئويمانچاق باركەن ، 5 سانتىمېتىر ئەتراپىدا سىزىلغان يېرىمۇ باركەن ، ئىگىسىنىڭ دىيىشىچە موتو كېلىپ سوقۇۋەتكەنكەن ، قارىسام مەسىلە چوڭ ئەمەس ، قالغان جايلىرى 90 % يېڭى دىسەكمۇ بولىدۇ ، ماشىنا مايتاغنىڭ
ئىلگىرى ماشىنا ئېلىپ باقمىغاچقا ، بازار ئەھۋالىنى تازا چۈشەنمەيدىكەنمەن ، ئىزدىنىشتىكى تورداشلارنىڭ پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، زادى قانچە پۇلغا ئالسام مۇۋاپىق بولىدۇ ؟ بۇ ماشىنىنىڭ ھازىرقى بازار ئەھۋالى قانداق دىگەندەك ، بىر يول كۆرسەتكەن بولساڭلار
رەڭگى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش
2012 - يىللىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى : 109 مىڭ 800 يۈەنكەن ، لېكىن بۇ نۇسخىسى نۇرغۇن سەپلىمىلىرىنى قىسقارتقانكەن ، ماتورىمۇ يۇقارقىغا ئوخشىمايدىكەن
2012款 1.6XE 经典自动舒适版 发动机:L4排量:1.6L 马力:117马力变速箱:4档自动 | 10.98万 |
|
1- قەۋەتتىكى yamhurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
125 مىڭ يۈەن بولسا قىممەت بۇلۇپ قالدۇ ....ھازىرقىسى بۇرۇنقىسدىن ماتور قىسمى ئىلغار بولسا بۇلدىكى (يەنى ماي سەرپىياتى ) ناچار بولمايدۇ ....125 -130 مىڭغىچە ماشىنا ئالماقچى بولسىڭىز ياگىرنىڭ 2007 نۇسقىسى ياكى 2008 يىلنىڭ 45000 كىلومىتىردىن 80000 كىلومىتىر ئەترىپىدا ماڭغان پاكىز ماشىنا ئالالايسز ،،،سىزدىگەن شۆەنيى خەنزۇ يولداشلار كۆپرەك سېتۋالغان بىلەن مىللىلار ئاساسى جەھەتتىن كۆپ ئالمىغان ،سېتلىشىمۇ نىسساننىڭ لىۋىنا ،تىدا قاتارلىقلارغا قارغاندا ئاز...بۇماشىننىڭ مەن ياقتۇرغان ئەڭ چوڭ ئالاھىدلىكى ماشىنا ئىچكى بوشلىقى چوڭ خېلى ئىگىز ئادەم بولسىمۇ بېشى ئۈستىگە تاقشىپ قالمايدۇ ،ئارقا ئۇرۇندىقدا ئولتۇرغان ئادەممۇ راھەت ھىس قىلدۇ ،لىكىن پۇلغا باققاندا قىممەت ،چۈنكى ماشىنا ئاستى قىسمى ئانچە ئىگىز بولمىغاننىڭ ئۈستىگە ، ئوخشاش تىپتىكى باشقا ماركىدىكى ئاپتومبىللارغا قارغاندا قايرىلىش كۈچى خېلى تۈۋەن يەنى باشقىدا ماركىدىكى ئوخشاش تىپتىكى ماشندا 100 كىلومىتىر ھەر سائەت تىزلىك بىلەن بۇ ماشىنىنىڭ قايرىلغاندىكى ھىسيات ئوخشىمايدۇ . پۇلغا باققاندا قىممەت تۇيلىدۇ ھەم بەك بۇۋاي چىراي ماشىنا بۇ ..قالغىننى باشقىلار تېخمۇ تەپسىلى چۈشەندۈرۋەتكەي ....لىكىن 125 مىڭغا ئالسىڭىز قىممەت جىمۇ بۇماشىنا ...
مەنمۇ قىممەت ھېس قىلدىم 125 مىڭغا ، 120 مىڭ دىسەم يېقىن كەلمىدى ، 4 پاي قىشلىق چاقى بار يېپيېڭى شۇنىمۇ قوشۇپ بېرىمەن ، 125 تىن تۆۋەن ساتمايمەن دەپ ئۇنىمىدى ، مەنمۇ 120 دەپ چىڭ تۇردۇم ، ئاخىرى سودا پىشمىدى ، ئويلىسام 120 مىڭغا خېلى يامان ئەمەس يېڭى ماشىنىلارمۇ كەلگۈدەك ، شيەندەينىڭ لاڭدۇڭ دىگەن (朗动) يېڭى چىققان ماشىنىسى قانداقراقتۇ ؟ سىرتقى شەكلىمۇ چىرايلىقكەن ،لېكىن باھاسىنى سەل قىممەت ھېس قىپ قالدىم ، ئوبدانراق قارىسام ماتورى ئېلەنتىرا يۆدۇڭ (悦动) نىڭكى بىلەن ئوخشاشتەك قىلىدۇ ، جۇڭگوچىلىقتا قايسىنى ئېلىپ قايسىنى قويۇشنى بىلەلمىدىم ، شاڭخەي ۋولكىسۋاگىننىڭ يېڭى لاڭيى ، يېڭى مازدا 3 (马自达3星骋) ، يېڭى ساگىتار يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش ماشىنىلار ئارىسىدا ئىككىلىنىپ قېلىۋاتىمەن ، ئوبدانراقى بولسا تەۋسىيە قىلىڭلار
2- قەۋەتتىكى rockنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نىمكەش ماشىنا ئالما ئاداش، 125 مىڭ تېخى. بەك نىمكەش ماشىنا ئالىمەن دېسەڭ 5-7تۈمەن ئارىسىدىكى ماشىنا ئالساڭ، يارىمىسا يەنە ساتقىلى بولىدۇ. 12 تۈمەنگە ئالغان ماشىنىنى بازارغا ئەكىرسەڭ 8 تۈمەن يا دەيدۇ يا دېمەيدۇ.
قارىماي بازىرىغا بىر بېرىپ باقىدىغان ئىشتى ، مايتاغدا تۈزۈك ماشىنىلار ئۇچرىمايۋاتىدۇ ، ئەتراپتا سەن دىگەندەك پاكىز ماشىنىلار بولسا ئۇچۇر قىلىۋەتمەمسىلەر ؟ بۇ ماشىنىنىڭ ئىگىسىمۇ تازا جاھىلكەن
QQ : 15305317
قاراماي5- قەۋەتتىكى gewalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قاراماي
توغرا قاراماي ، دىققەت قىلماپتىمەن

7- قەۋەتتىكى yamhurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۈستىدىكى تورداش دىگەندەك نىمكەش ماشىنا ئالدىغان ئىشڭىز بولسا 5-8 تۈمەن ئەتراپىدا ماشىنا ئېلىڭ ،ياكى يېڭسىنى ئالدىغان بولسڭىز توياتانىڭ كوروللانى ئېلڭ رازى بوپ قالسىز سىز دىگەن پۇلغىمۇ كېپ قالدۇ ...ھازىرغىچە ئوۋتودىن باشلاپ 4500 غىچە 9 ماشىنا ئالماشتۇرۇپ بېقىپتىمەن مۇشۇ كوروللادىن راسلا رازى بولدۇم ،ماي سەرپىياتى تۈۋەن ، نوچى ماشىنلانىڭ ئالدىدا چېنىپ قالمايدۇ ،سەل تۈۋەنرەك ماشىنلارباريەردە ئالدىدا چىقىپ قالمايدۇ .يا ئۇششاق كاشلىسى يوق ،چوڭ ئادەم ھەيدىسمۇ ،ياشلار ھەيدىسمۇ بۇلدۇ ،باشقا ماشىنلارغا قارغاندا ساتارمەن بولسىڭىز بازاغا ئېچىقسىڭىزلا يۈگرەپ ئالدىغا كىىلدىغان ئادىمى بار .
مەن ئىلگىرى ماشىنا ئېلىپ باقمىغان ، بۇ قېتىم تۇنجى ئېلىشىم بولىدۇ ، ماشىنا سودىسى جەھەتتە نۇرغۇن نەرسىلەرگە تېخى خام ، مۇمكىن بولسا يەنىمۇ كۆپرەك ياخشى دەپ قارىغان ماشىنىلارنى تەۋسىيە قىلغايسىز ، جۇڭگوچىلىقتا ھەربىر قېتىم يېڭى نۇسخىلىق ماشىنا چىقسا شۇنىڭ بىرىنجى تۈركۈمدىكىسى ھەقىقىي ياخشى دىگۈدەك چىقىدىكەن ، كېيىنكىلىرى بارا- بارا بىرتال ئىككى تال بولتىسىدىن تارتىپ سېرىق چوقايلىشىپ كېتىدىكەن ، سۈپىتى بارغانچە ناچارلاپ ، سىز دىگەن كوروللانىمۇ ئويلاشقان لېكىن ھازىرقى يېڭى چىققان نۇسخىلىرىغا تازا ئىشەنچ قىلالمايۋاتىمەن ، بىر ئۇنى دەيدۇ ، بىر بۇنى دەيدۇ ، مەنمۇ كېسىپ بىر قارارغا كېلەلمەي يۈرۈيمەن ، مەن يۇقىرىدا دىگەن شىيەندەينىڭ لاڭدۇڭ دىگىنى قانداقراقتۇ ؟ ئامما ياپونىيەنىڭكىنى ئالما جۇما ئاداش ،چېقىۋىتىمەن ۋەتەنپەرۋەرلىكىم تۇتىۋاتقاندا ... {:92:} 125 مىڭغىمۇ نىمكەش ماشىنا ئالامدا .............قولۇمنى رولغا كۆندۈرىمەن دىسەڭ 20-30مىڭغا ياخشىراق سانتانا ئېلىپ ھەيدە بىرەر يىل ،ئاندىن 120مىڭغا يېڭى ماشىنىدىن بىرنى ئال . موزدوزمۇ تۇنجى تىككەن ئايغىنى قوپال سەت لىكىن ئاسان يىرتىلمايدىغان تىكدۇ ،كىيىن بارا-بارا چەمىنى پاشنىسنى پىششىق قىلىپ ،ئاياغنىڭ ئىچىنى پۇتنى ئاغرىتمايدىغان قىشلىقلىرنى بولسا تىۋىتلىق ئىسسىق قىلىپ تىكدۇ ،دىمەكچى بولغىنىم بارغانچى ئۇستىشىپ سىپتا تىكدىغان بوپكىتىدۇ ، تۇنجى نۇسقىسى بىلەنكىيىن چىققانلىرنىڭ پەرقى شۇ ، ئەگەر مەن ئاياغ ئالماقچى بولسام بۇرۇنقى نۇسقىسنى ئالمايتىم ،چۈنكى مەن بۇرۇنقى داتۇشىينى كىيىپ توپ تەپمەيمەن ،ياكى ئېتىزلىقتا سۇكەچمەيمەن .شۇڭلاشقا راھەت ،ئىسسىق بولغان كىيىنكى ئاياغنى تاللايمەن . ماشىنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشيدۇ، يەنى يېڭى چىققانلىرى بۇرۇن يۈزبەرگەن قاتناش ھادىسلىرنى ئۆرنەك قىلىپ تۇرۇپ ئاجىز يەلىرنى پۇختىلايدۇ ، شوپۇرنىڭ ۋە ئىچدىكىلەرنىڭ بىخىەتەرلىكنى ئويلايدۇ ،شوپۇرنىڭ راھەت ماشىنا ھەيدىشگە شارا ئىت يارتىدۇ ، قالغىننى ئۈزڭىزمۇ ئويلاپ بېقىڭ ،بىرماشىنا تەتقىق قىلىپ ياسغان شىركەن سىزنىڭچە بارغانچە ناچار ياسامدۇ ،پەقەت بۇرۇن ئانچە بېسىم كەلمەيدىغان يەرلەرگە ئۇشۇقچە چاپلاپ قويغان تۈمۈرنى ئېلۋىتىپ شۇتۈمۈرگە كەتكەن چىقىمنى تېخمۇ ئىھتىياجلىق يەرنى تۇلۇقلايدۇ..
بۇرۇن ماشىنلارنىڭ ئىشىكلىرى مىجلىپ كەتسە بولقىدا ئۇرۇپ تۈزلەپ لاي چاپلاپ ئاۋارچىلىق ئىدى ،يېڭسى قىممەت ئىدى شۇڭا ئوڭشايتى ،ھازىر ئوڭشىماي يېڭنى سېتۋېلىپ سېر ئۇرۇپلا ئوڭشايدىغان بولدى سەۋەبى سۈپەتلىك چىقدۇ ،چىقم ئازكىتىدۇ ،شۇڭا ھازىرقى ماشىنلار قەغەزدەك ياسلىدۇ لىكىن بۇرۇنقى تۈمۈرى قېلىن ماشىنلاردا بىخەتەرلىك شارچىسى ئازئىدى ،سۇقشۇپ كەتسە ماشىنا ساق قالغان بىلەن ھەيدۈگچى ئېغىر زەخمىلىندۇ ياكى ئۈلدۇ ،مەنسىزگە تەۋسىيە قىلغان كورللانىڭ يېڭى نۇسقىللىردا 8 تال بىخىتەرلىك شارچىسى بار ،مىنىڭكىچە 2تال شارچە بار لىكىن مىنىڭكى يېڭى نۇسقىسدىن 25 كىلوگىرام ئېغىر ،ئەمدى ئويلاڭ يېڭى نۇسقىسى ياخشىمۇ كونا نۇسقىسمۇ ؟ مىنىڭچە بەك قىممەت بوپكىتىپتۇ،مەن ھىلىقى ئاپتوماتىك خوتلۇق دىگەننى تازا ياخشى نەرسە ئەمەس دەپ قارايمەن،سىزگە تەۋسىيە،ماشىنىنىڭ ھەشەمىتىنى،سىرتقى كۆرۈنىشىنى بىرىنجى ئورۇنغا قويىۋالماڭ،W نىڭ ئاپتوموبىللىرىنى ئويلۇشۇپ بىقىڭ، ماشىنا ئالسىڭىز ئاپتۇماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچلىكنى تاللاڭ ،جاننىڭ راھىتى ،ماي جىق كىتىدۇ دەپ قۇيدۇ ،لىكىن كەسپى شوپۇر بۇلۇپ خوتنى ۋاختىدا ئالماشتۇرالىسا قولخوت ئازراق يىيشى مۇمكىن ،لىكىن بىز كەسپى شوپۇر بولمىغاندىكىن ئاپتوماتىك خوتلۇقى ياخشى ،چەتئەلدىن ئىمپورىت قىلىنغان يىلى بەك كونا بولسا ئاپتوماتىك بولماسلىقى مۇمكىن ،لىكىن راھەت ماڭمەن دىسڭىز ئاپتوماتىك خوتلىقى ياخشى. يەنىمۇ ئىزدىنىپ باقاي ، ياخشىلىرى چىقىپ قالار لېكىن قايسى ماشىنا بولسۇن ، جۇڭگوغا كىرگەن زامان ناچارلىشىدىكەن
13- قەۋەتتىكى yamhurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ماشىنا ئالسىڭىز ئاپتۇماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچلىكنى تاللاڭ ،جاننىڭ راھىتى ،ماي جىق كىتىدۇ دەپ قۇيدۇ ،لىكىن كەسپى شوپۇر بۇلۇپ خوتنى ۋاختىدا ئالماشتۇرالىسا قولخوت ئازراق يىيشى مۇمكىن ،لىكىن بىز كەسپى شوپۇر بولمىغاندىكىن ئاپتوماتىك خوتلۇقى ياخشى ،چەتئەلدىن ئىمپورىت قىلىنغان يىلى بەك كونا بولسا ئاپتوماتىك بولماسلىقى مۇمكىن ،لىكىن راھەت ماڭمەن دىسڭىز ئاپتوماتىك خوتلىقى ياخشى.
ماڭا بەرىبىر ، قولخوت ياكى ئاپتوماتىك خوتلۇق بولسىمۇ ھەيدەۋېرىمەن ، كەسپىي شوپۇر بولمىساممۇ ئىشقىلىپ يامان ئەمەس ، سىز دىگەن W نىڭ قايسى ماشىنىلىرىنى تەۋسىيە قىلىسىز ؟ يېڭى لاڭيى ياكى يېڭى ساگىتارنىڭ قايسىسى ئوبدانراقتۇ ؟ 天窗 نى «ئۆگزە دېرىزىسى» ئەمەس، «تۈڭلۈك» دەيمىز....
تۈڭلۈكى بار ماشىنا، تۈڭلۈكى يوق ماشىنا دېسە 8 ياشلىقتىن 80 ياشلىققىچە ئادەم چۈشىنىدۇ.
W ماركىسدىكى ماشىنلارنى تەۋسىيە قىلمىدىم .لىكىن يېڭى لاڭيى ياكى يېڭى ساگتارنىڭ سايمانلىرى سەل قىممەت سەل كوناغاندا تۇلا ئاغرىپ قالدىكەن ئىۋۇ لاڭيى ،، گىرمانىيە بىلەن ياپونيە نىڭ ماشىنلىرى قايسى بولسا بۇلىۋىردۇ . قالغىننى ماشىننى سىز ھەيدىسڭىز ئۈزڭىز بىرقاراغا كىلىڭ ... CHEVROLET نىڭ ماشىنىلىرىنىمۇ ئويلىشىپ بېقىڭ.
18- قەۋەتتىكى esirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
CHEVROLET نىڭ ماشىنىلىرىنىمۇ ئويلىشىپ بېقىڭ.
مەن مۇشۇنىڭ كىرېست بەلگىسى بولغاچقا ياقتۇرمايمەن.