Kuwruk ھەققىدە ئەپقاشتى گەپلەر
Kuwruk ھەققىدە ئەپقاشتى گەپلەر
ھەش-پەش دېگۈچە <<ئىزدىنىش>>مۇنبىرىگە ماكانلاشقىلى بىرەر يىلچە بولۇپ قاپتۇ،ئۇندىن بۇرۇنمۇ <<ئىزدىنىش>> مۇنبىرىنى سەيلە قىلىپ يۈرگەچكە،مۇنبەردىكى كونا-يېڭى ئەزالارنىڭ خۇي-پەيلىمۇ خېلى ئايان بولۇپ قالدى.گەرچە،مۇنبەردىكى تارىخى ئارقىلىق نوپۇزىنى گەۋدىلەندۇرمەكچى بولغانلارغا نىسبەتەن بىز تېخى ‹‹بالا›› بولساقمۇ،يەنە شۇ ئاتالمىش بالىلىقىمىزدا مۇنبەردىكى ئەقىللىق،بىلىملىك،ھېسسىياتچان،تەقۋا،غەرىپپەرەس،ماركىسىمچى،خىرىستىئان،تەرسا،مىجەزى چۇس،ئاغزى ئىتتىك،ئىتىقادلىق،مەيدانى يوق ... قاتارلىق ھەرخىل تۈرلەر بويىچە تالاي تۇرداشلارنى ئۇچراتتۇق.بەزىلىرىگە قايىل بولدۇق،بەزىلىرىگە ھەيران قالدۇق،بەزىلىرىگە غەزەپلەندۇق،بەزىلىرىگە ‹‹توۋۋا›› دېدۇق،بەزىلىرىگە نەپرەتلەندۇق،بەزىلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇق.مەيلى قانداقلا بولمىسۇن،<<ئىزدىنىش>> مۇنبىرىنى چوڭ جەھەتتىن قالتىس بىلدۇق،شۇڭا،ۋاقتىمىز چىقسىلا يوقلاپ تۇردۇق...
ئاز كەم ئۇچ ئاي بولدى،<<ئىزدىنىش>>مۇنبىرىگە تالاي ئەزالار قاتارىدا يېڭى بىر ئەزا قوشۇلدى،ئەپسۇس،بۇ ئەزانىڭ مۇنبەر ئىسمىمۇ ئۆلچەملىك يېزىلمىغان ئىدى.گەپلىرى بولسا تاققا-تۇققا ئىدى.بۇ ئەزا يۇقۇرىدا مەن دېگەن تۇرلەرنىڭ ھېچقايسىسىغىلا يېقىن كەلمەيتتى،ھەتتا،بەزىدە تېخى كىشىگە لەقۋادەك تۇيغۇمۇ بېرىپ قوياتتى.شۇ تۆپەيلى،دەسلەپتە بەزەنلەر بۇ ئەزاغا ھېسداشلىق قىلدى،بەزەنلەر بولسا،ئەقىل ئۈگەتمەكچى بولدى،يەنە بەزەنلەر بولسا، ئۇنى مازاق قىلدى،بەزەنلەر تىللاپمۇ سالدى،كېيىن ۋاقىتتا يەنە بەزەنلەر تۇيۇقسىزلا چۆچۈشۈپ ‹‹بۇ گۇي بىزنى گەپكە سېلىپ ساز قىلىۋاتىدۇ››دېيىشتى.لېكىن،بۇ ئەزانىڭ ئۆزى ھەققىدىكى ئاچچىق ئىنكاسلار بىلەن قىلچە كارى بولمىدى،تاكى،يېقىندا مۇنبەرنىڭ بىر ھەپتىلىك ‹‹تەربىيە بىلەن ئۆزگەرتىلىش›› جازاسىغا ئۇچراپ قاماققا ئېلىنغۇچە ھەممە تېمىدا دېگۈدەك ئۆزىنىڭ ئىزىنى قالدۇرۇپ مېڭىۋەردى.ئاخىرقى ھېساپتا خېلى كۆپ ‹‹ئىزدىنىش››لىقلار ئارىسىدا قىززىق نوقتىلىق ئەزاغا ئايلىنىپ قالدى. Ziyalنىڭ قايسى بىر تېمىدا چاقچاق قىلىپ ‹‹ئەركتىكىنكا،مەتۇكام ‹بۇ بالىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىڭلار› دېگەنتى››دېگىنىدەك،ئۆز ئەركىگە قويۇپ بېرىپ،پارىڭىنى ئاڭلايدىغان گۇيلۇقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.‹‹ئىزدىنىش››مۇنبىرىنىڭ سالماق تېمىلىرى،ۋەزىنلىك ئىنكاسلىرى قاتارىدا ئىسمىنى Kuwruk دەپ قويىۋالغان مۇشۇنداق بىر سۆزگە ماھىر،ئىنكاسى تىز،ئەقىللىق،يۇمۇرلۇق،زىرەك بالىغىمۇ مۇھتاجلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ قويدى.قالدى گەپلەرنى تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن،شۇنداقلا ئۇنىڭ كېيىنكى ئىپادىسىدىن كۆرەيلى.
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى
تۆرمىگە سولانغان ئىشى كۆڭلىگە كەلگەن ئوخشايدۇ.يۇقاپلا كەتتىغۇ تاڭ.3- قەۋەتتىكى sal_manنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئالا جوقا گەپلىرى سىزگە ياراپتۇ دە؟
كەيپىياتىنى ياخشى تۇتىدىكەن. تۇنۇگۈنكى جىدەل-ماجىرا<< چىرايلىق>> گەپ-سۆزلەردىن مۇشۇ ئالا-جوقا ياخشىمۇ نىمە؟-دەپ ئويلاپ قالدىم. تۈرمىدىن چىققىلى نەچچە كۈن بوپتۇ، ئىنكاسمۇ يېزىپتۇ. ئىشقىلىپ گەپلىرى يۇمۇرلۇق بۇ شۇمنىڭ...
ماۋۇ ‹‹ ھىندىستاندا ›› دېگەن تېمىدا تۈنۆگۈنكى ئىنكاسى:
ئىزدىنىش تۈرمىسىدىن چىققىلى « 2 كۈن بولدى»
--------------------------------------------------------------------------------
ئوتكەندە ئاكام بىلەن ھىيىتلىق كىيىم ئالغىلى شەھەرگە كىرىپ سىيگىم كىلىپ كىتىپ ئوبۇرنى تاپالماي بىر ئىدارىنىڭ كەينىگە ئوتۇپ سىيىۋاتسام كوزەتچى كىلىپ قالغان مەن داۋاملىق سىيىۋەردىم كوزەتچى مەن سىيىپ بۇلغىچە قاراپ تۇرۇپ ئاندىن 50سۇم جىرىمانە تۇلەيسەن دىگەن ئاكام كىچىك بالا كەچۇرۇڭ دەپ يالۋۇرپ ئو كوزەتچىگە ئون سۇم بەرگەن قويۋەتتى ،ئاكام شەھەردە بىر سىيىشىڭ ئۇن كويغا تۇختىدى دەپ مىنى ئويگە بارغىچە تىللىدى... كۆۋرۈك VS قاسساپ
قوچۇم كۆرۈڭلار، كۈلۈپ يىتىپ قالىسىلەر



http://bbs.kangsay.com/read.php?tid-21367.html بۇ بالىغا مەنمۇ دىققەت قىلۋاتىمەن، ئۈزى ھەققىدىكى خېلى ئېغىر گەپلەرنىمۇ چاقچاققا ئايلاندۇرۇپ، پەرۋاسىزلا يۈرۈيدىغان بالا ئىكەن، بەزىدە ئادەمىنىڭ ئامراقلىقى كېلىدۇ

خىزمەت ئالدىراشمۇ يا؟ ئىشقىلىپ مەن ئامراق بوپ قالدىم ماتازغا {:92:} قىزىق-قىزىق ئىنكاسلرى بەك يارايدۇ ماڭا، ئاغىنەمدەكلا بىلىنىدۇ


يامان ئاشكارىلىۋەتتىمدە، {:92:} ئەمدى ئىنكاس يازغىلى ئۇنىماي تۇرىۋالارمىكىن،،،، قېرى بولسا بالا دېمەي بوۋا دەرمىز بۇ قوڭغا ئوخشايدىغان كۆۋرۈك بولمىغاندىن كېيىن {:92:} 2-3 ئاي بۇرۇن يېڭى كىرگەن ۋاقىتلاردا يۇرت ئايرىمچىلىق قىلغاندىن تارتىپلا بۇ قېرى بالنىڭ گەپلىرى ياقمايدۇماڭا ..... كەڭسايدىمۇ كۆپرەك دەيدىغان سۆز قاشقالىق ئىدى،،، ئىچىۋېلىپ تۇرۇپ سوزلەمدىكى بۇ قېرى.....ئۈزى تارانچى بۇلالماي قاشقالىققا قېيداپلا يۈردىغۇ دەيمەن.... بۇ بالىنىڭ ھىيلىسى تولىدەك كۆردۈم.