«جەڭگاھ خاتىرلىرى»ناملىق ئېلكىتابنى چۈشۈرۋېلىڭ![ئىجادىيەت]
توردىن ئېلىكىتاپ يىغىۋاتقىنىمغا خېلى كۈنلەر بولۇپ قاپتۇ. كومپىيوتىرىمدا ساقلانغان ئېلكىتابلارنى كۆرسەملا، بىر خىل ئىللىق سېزىم قەلبىمنى ئىللىتىدۇ. ئاشۇ ئېلكىتاپلارنىڭ جاپاسىنى تارتقان دوستلارغا ۋە قېرىنداشلارغا چىن دىلىمدىن تەشەككۈر ئېيتىپ كېتىمەن. يېقىندىن بۇيان خېلى جىق كىتابلارنى ھەقسىز چۈشۈرۈپ پايدىلىنىپتىمەن، لېكىن ئۆزۈم ئېلىشنىنىلا بىلىپ، دوستلارغا قايتۇرۇشنى خىيالىمغا كەلتۈرۈپمۇ قويماپتىمەن. بۇنى ئويلىسام ھەقىقەتەن خجىللىق ھېس قىلىمەن. مانا مۇشۇ خىجىللىق تۇيغۇسىدا مەنمۇ بەك سۈپەتلىك بولمىسىمۇ، قولۇمدا بار بولغان بىر قىسىم قىممەتلىك كىتابلىرىمنى دوستلار بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى. شۇنىڭ بىلەن غەيرەتكە كېلىپ تۇنجى بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەت مەگىلىدىكى باتۇر جەڭچى، قانلىق جەڭلەرنىڭ شاھىدى ئەخمەت تۇردىيۇف ئەپەندىنىڭ "جەڭگاھ خاتىرلىرى"ناملىق كىتابىنى توپتۇغرا بىر كۈن ۋاقتىمنى چىقىرىپ، بەك سۈپەتلىك بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا ئېلىكىتاب قىلىپ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم قىلغان ئىشىم، شۇنداقلا تېخنىكام ئانچە يۇقىرى بولمىغاچقا، كىتاب ئانچە سۈپەتلىك چىقمىدى. بۇ ھەقتە ياخشى بىلىدىغان دوستلارنىڭ مېنى سۈپەتلىك ئېلكىتاب ياساش بىلىملىرى ھەققىدە ساۋاتلارغا ئىگە قىلىپ قويۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. خەنزۇچە تور بەتلەرگە كىرسەملا ئۇلارنى ھەقسىز ئېلكىتابلىرىنىڭ تولىلىقىغا قاراپ بەك ھەۋەس قىلىپ كېتىمەن. ئېلىكىتابنىڭ پايدىلىق ھەم قولايلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ بۇ كۆپچىللىككە ئايان. شۇڭىلاشقا، ئۇيغۇر ئېلكىتابچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز. ھەممەيلەن قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە بۇ ئىشنى قىلىشىمىز كېرەك. شۇندىلا بۇ پايدىلىق بىلىم سۇپىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، نۇرغۇن ۋاقتىمىزنى تىجەپ قالالىشىمىز ۋە خەلقمىزنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئاز تولا ھەسسىمىزنى قوشالىشىمىز مۇمكىن. بۇ يەردە كۆپ سۆزلىمەي ئۇنداق بولسا، تۇنجى ئېلكىتابىمنى مازاق قىلماي قۇبۇل قىلىشالا!
چۈشۈرۈش ئادىرىسى:http://www.lopnuri.com/?p=2378
رەھمەت ،،ياخشى كىتابلىرىڭىزبولسا داۋاملىق يولاپ تۇرۇڭ قىرىندىشىم چۈشۈرگىلى بولمىدى،بەيدۇ بۇلۇت دېسكىسىدىن ھەمبەھىر قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايسىز. ئېلىكىتاب ھۆججىتىنىڭ ئالدىدىكى كاتەكنى چېكىپ 分享给好友چىققاندىن شۇنى چەكسىڭىز 创建连接دېگەن خەت چقىدۇ .ئاندىن مۇشۇنى باسسىڭىز ھەمبەھىر ئۇلىنىشىنى ھاسىللاپ بېرىدۇ .شۇ ئۇلىنىشنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بەھۇزۇر چۈشۈرەلەيمىز. كەچۈرۈڭلار، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم قىلغان ئىشىم بولغاچقا، ئىشىنى چالا قىپتىمەن. دوستلارنىڭ دېگىنى بويىچە قايتا تەڭشەپ قويدۇم. ئەمدى چوقۇم چۈشۈرەلەيسىلەر. رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم، ياخشى كىتابلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز...
كىچىككىنە تەكلىپ:
1. رەسىم بەك كىچىك بوپ قالغاندەك(بەت)، ئامال بولسا سەل چوڭايتىپ تارتىپ باقسىڭىز.
2. ھەر بىر بەتتە بىر يەردە بلوگىڭىزنىڭ ئادرىسىنى قىستۇرۇپ مېڭىپسىز، مۇشۇنى باشقىچىرەك قىلىپ باققان بولسىڭىز. مەسىلەن: بىرىنچى بەتنى ياكى ئەڭ ئاخىرقى بەتنىلا مەخسۇس بلوگ ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىشكە ئىشلىتىپ، باشقا بەتلەردە كۆرسىتىلمىسە دېگەندەك... رەھمەت، لوپنۇرى! چۈشۈرۈۋالدىم.
4- قەۋەتتىكى turkzadنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم، ياخشى كىتابلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز...
كىچىككىنە تەكلىپ:
1. رەسىم بەك كىچىك بوپ قالغاندەك(بەت)، ئامال بولسا سەل چوڭايتىپ تارتىپ باقسىڭىز.
2. ھەر بىر بەتتە بىر يەردە بلوگىڭىزنىڭ ئادرىسىنى قىستۇرۇپ مېڭىپسىز، مۇشۇنى باشقىچىرەك قىلىپ باققان بولسىڭىز. مەسىلەن: بىرىنچى بەتنى ياكى ئەڭ ئاخىرقى بەتنىلا مەخسۇس بلوگ ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىشكە ئىشلىتىپ، باشقا بەتلەردە كۆرسىتىلمىسە دېگەندەك...
بولىدۇ، كېلەر قېتىملىق يوللىغان ئېلكىتابتا بۇ نوقتىغا دېققەت قىلاي. قىممەتلىك پىكىر بەرگىنىڭىزگە تەشەككۈر.
رەھمەت. چۈشۈرەلمىگەنلەر بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭلار
http://www.birhon.com بۇ كىتاب نەشر قىلىنىپ خېلى ۋاقت ئۆتكەندىن كېيىن سېتىشتىن توختىتىلغان. ئەجرىڭىزگە رەھمەت. سىزگە كۆپ رەخمەت ئىيتىمەن!ئامان بولۇڭ!
چۈشۈرۈۋالدىم. مۇشۇ baidu غا ياكى بولمىسا دۆلىتىمىزدىكى ھەرقانداق بىر تور دىسكىسىغا ماتىريال يوللىمىسىڭىز ، ۋاختى كەلسە شۇنداق بىر شامال بىلەن ھىساباتىڭىز توڭلاپ ھەممە نەرسە يوقاپ كىتىدۇ .
تەۋسىيە قىلىدىغىنىم skydrive.live.com
ساقلىۋالاي. رەھمەت قېرىندىشىم!!!!!!!