koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-9-3 07:22:51

كەلپىن ھەققىدە رىۋايەتلەر [كۆچۈرۈلمە]

كەلپىن ھەققىدە رىۋايەتلەر





غەيرەت جاسارەت




    1. ئېزىتقۇ رىۋايىتى: مىلادىيەدىن ئىلگىرى 336 ~ 348 يىللاردا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ ئاسىياغا يۈرۈش قىلغان قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسىمى ھازىرقى ئاقچىنىڭ قۇلانسىرىق، سەپەرۋاي دېگەن جايلىرىغا چۈشكۈن قىپتۇ. قۇلانسىرىققا چۈشكۈن قىلغان ئەسكەرلەر ئاتلىرىنى قويۇۋېتىپ، سۈت-قىمىز ئىچىپ، ئويناپ بىر ئاش پىشىمدىن كېيىن قارىسا ئۈچ ئات يوق تۇرغۇدەك، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ ئاتلارنى ئۇدا ئۈچ كۈن ئىزدەپ، ھېچ يەردىن تاپالماي ئاخىرى يەنە ئۆزلىرى چۈشكۈن بولغان يەرگە كېلىپ قارىسا، ئۈچ ئات شۇ پېتى تۇرغۇدەك. ئۇلار بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ: ‹‹بۇ يەردە ئېزىتقۇ بار ئىكەن›› دېيىشىپتۇ. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان خان بۇ يۇرتنى ‹‹ئېزىتقۇ يۇرتى›› دەپ ئاتاپتۇ. شۇنىڭدىن بېرى بۇ يۇرت ‹‹ئېزىتقۇلار ماكانى›› دەپ ئاتىلىشقا باشلىغانمىش.

   2. ئوغۇزخان مەزگىلىدە ئوغۇزخانغا قاراشلىق قەبىلە ناھايىتى كۆپ ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر تۈرك قەبىلىسى بولۇپ، ئۇ قەبىلە ھەمىشە ئوغۇزخاننىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا بويسۇنمايدىكەن، خانغا ئولپان (باج، سېلىق)مۇ تاپشۇرمايدىكەن، داۋاملىق خاننىڭ پەرمانلىرىدىن قۇسۇر تېپىپ، خان ئەمەلدارلىرى بىلەن قارشىلىشىپ تۇرىدىكەن. بۇ ئىشلاردىن تولۇق خەۋەر تېپىپ تۇرىدىغان ئوغۇزخان پەرمانىغا بويسۇنمايدىغان، سۆزىدە چىڭ تۇرۇۋالىدىغان، چاتاقچى بۇ قەبىلىنى تاغبۇلاقلىرى يۇرتى ـــ كەلپىنگە سۈرگۈن قىپتۇ. ئۇلار كەلپىنگە كېلىپ، گەمە كولاپ، كەپىلەرنى ياساپ، چېدىر تىكىپ ماكانلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يۇرت ‹‹چاتاقچىلار يۇرتى›› دەپ ئاتىلىشقا باشلاپتۇ. بۇ ئىسىم ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىپ ‹‹كەلفنىت›› (ۋەدىسىدە تۇرغۇچىلار) دەپ ئاتىلىپ، كېيىن ‹‹كەلپىن›› دېگەن سۆزگە ئۆزگىرىپ، يۇرت نامى بولۇپ قالغان ئىكەن.

    3. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 2-ئەسىرلەردە غەربكە كۆچكەن توخرىلار 12 قەبىلە بولۇپ، بۇ قەبىلىلەر ئىچىدە ‹‹كالافان›› (كالىغا ئىتائەت قىلغۇچى) دېيىلىدىغان بىر قەبىلە بولۇپ، ئۇلار كەلپىنگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىكەن. شۇڭا ‹‹كەلپىن›› ‹‹كالافان›› قەبىلىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ، كېيىن ‹‹كەلپىن›› دېگەن سۆزگە ئۆزگىرىپ يۇرتنىڭ نامى بولۇپ قالغان.

    4. زامان ئەۋۋىلىدە ھازىرقى خوتەن ئېلىدە داۋاملىق بوران چىقىپ تۇرغانلىقتىن، كىشىلەرنىڭ ماكانلىرى قۇم-بوران ئاستىدا قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىپ تۇرىدىكەن. ئەنە شۇ خوتەندىكى بىر سەھرانىڭ ئىككى چېتىدىكى ئىككى ئائىلىنىڭ قىز-ئوغۇللىرى بىر-بىرىگە ئاشىق ئىكەن. بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ بىرىنىڭ دۇنيادا تەڭدىشى يوق ئوغلى بولسا، يەنە بىرىنىڭ چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان بىر قىزى بار ئىكەن. ئۇدا بىر نەچچە يىل چىققان بوران، قۇم بارخانلىرىنى ھاسىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆرۈشۈپ تۇرۇشىغا پۇرسەت بەرمەپتۇ. ئوغۇل بوراننىڭ توختاپ ئاشىقى بىلەن كۆرۈشۈشىنى ئۈمىد قىلىپ، كېچە- كۈندۈز يىغلاپتۇ، ئاھ ئۇرۇپتۇ. قىزمۇ نالە قىلىپ، كۈن، ئايلارنى، يىللارنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈپتۇ، لېكىن بوران زادىلا توختىمىغاچقا، ئۇلار ئۇچرىشالماپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇل بىر چۈش كۆرۈپتۇ، چۈشىدە ئۇ سۇلىرى ئەلۋەك بىر يۇرتقا ئاشىقى بىلەن كېلىپتۇدەك، ئۇلار خۇشاللىقىدىن سۈزۈك بۇلاق سۇلىرىنى ئىچىپتۇ، يۇيۇنۇپتۇ. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ ئاشىقى ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرغاندەك بوپتۇ-دە، چۆچۈپ ئويغانسا، ئۇ ئۆز ئاشىقى بىلەن بىللە ھېلىلا چۈشىدە كۆرگەن يەردە تۇرغۇدەك، ئاشىقىدىن بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى سورىغان ئىكەن، ئاشىقى چۈشىدە ئۇز يىگىتىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ نالە قىلىپ چۆچۈپ ئويغانسا، بۇ يەردە تۇرغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇلار خۇشال بولۇشۇپ توشقانلاردەك سەكرىشىپتۇ، جەرەنلەردەك تاقلىشىپتۇ، ئوغلاق، قوزىلاردەك مەرىشىپتۇ، پۈتكۈل ھايۋانلار يىغىلىپ بۇ ئادەمزاتنىڭ ئۇزلۇقىغا مەستلىكى كېلىپتۇ، كۆك يايلىلىق بۆرە ئۇلارغا ياردەملىشىپ، گەمە كولىشىپ بېرىپتۇ، پىللار خارتۇملىرى بىلەن يىراقتىن ياغاچ توشۇپ كەپە ياسىشىپ بېرىپتۇ. ئۇلار توي قىلىپ توققۇز ئوغۇللۇق بولۇپ، بالىلىرى دېھقانچىلىق قىلىشنى ئۆگىنىپتۇ. ئاتا-ئانىسى ئۇلارغا كەندىر تالاسىدىن رەخت توقۇش، يىپ ئىگىرىش، تېرىدىن كىيىم تىكىش، كىگىزچىلىك، پالاس توقۇش، موزدوزلۇق، تۆمۈرچىلىك قاتارلىق ھۈنەرلەرنى ئۆگىتىپتۇ. توققۇز بالا توققۇز خىل ھۈنەر ئۆگىنىپ جان ساقلاشقا باشلاپتۇ. بۇ يۇرت كېيىن بوستانلىققا ئايلىنىپتۇ. رىۋايەت قىلىنغان بۇ يۇرت ھازىرقى كەلپىن ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن ھازىرمۇ كەلپىندە ھۈنەرۋەن كۆپ.

    5. كەلپىن قەدىمدە ئۇنسۇ بەگلىكىگە قاراشلىق ئىكەن. كېيىن قۇم بەگلىكى ئونسۇ بەگلىكىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىلىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغاندا كەلپىن قۇم بەگلىكىگە تەۋە بولغان ئىكەن. شۇ مەزگىللەردە كەلپىننىڭ ھازىرقى قارا كۈتكە سۇ باشلاپ چىقىش ھاشىرى (مەجبۇرىيەت ئەمگىكى) قايغۇلۇق ھاشار بولغان ئىكەن. بۇ ھاشارغا ئەينى ۋاقتىدا، ئاقسۇنىڭ ئايكۆلدىن كىشىلەر كېلىپ تۇرىدىكەن. بۇ شەھەر ھاشارنىڭ ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرۇشى ۋە ئۇزاق داۋام قىلىشى، يولنىڭ يىراقلىقى، نامىنىڭ يامانلىقى بىلەن داڭلىق ئىكەن. بۇ ھاشارغا كېلىپ تۇرىدىغان ئايكۆل قىز-يىگىتلىرى ھاشار قايغۇسىدىن خالاس بولۇش ئۈچۈن كەلپىندە تۇرۇپ قېلىشقا باشلاپتۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ ھاشار ‹‹قايغۇلۇق ھاشىرى›› دەپ ئاتىلىپ، كېيىن بۇ ئىسىم ئاستا-ئاستا ‹‹قالغۇلۇق ھاشىرى››، ‹‹قاراپ كۈت ھاشىرى››، ‹‹قارا كۈت ھاشىرى›› دەپ ئاتىلىپ، كېيىن ‹‹قارا كۈن›› دېگەن بىر ئايماق شەكىللىنىپتۇ..

    6. كەلپىن قەدىمكى زامانلاردا جاڭگاللىق بولۇپ، ئۇ يەردە توغراق، يۇلغۇن، كۆرۈك (يۇلغۇن تىپىدىكى بىر خىل چاتقال)، سۆكسوك، تېرىلغا (شاۋى)، ھەر خىل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر، ساقساق (بىر خىل چاتقال)، ياۋا كەندىرلەر قويۇق ئۆسكەن، ياۋايى ھايۋانلار كۆپ ئىكەن. بۇ جاڭگاللىقتا بىر ئوۋچى پەيدا بوپتۇ. ئۇ تېۋىلغىدىن ياسىۋالغان چومىقى بىلەن ھايۋان ئوۋلاشتا داڭق چىقارغان ئىكەن. ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆيلىنىپتۇ، خوتۇنى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى ئوغۇل تۇغۇپتۇ. كۈنلەر ئايلار، يىللار ئۆتۈپتۇ، بالىلار چوڭ بوپتۇ. ئۇلارغا ھۈنەر ئۆگىنىشنى ئېيتسا، قۇلاق سالماپتۇ، ھەتتا ياۋا مېۋىلەرنى تېرىپ يېيىشنىمۇ بىلمەيدىغان، تەييار تاپ بولۇپ چوڭ بوپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇدا بىر نەچچە كۈن يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن كېلىپ، جاڭگال-سايلاردا ئادەم بويى سۇلار ئېقىپتۇ. بالىلارنىڭ ئانىسى چوماقنى ئېلىپ، ئوۋغا چىقىپ كېتىپ كەلمەپتۇ. ئوغلى بىر دەرەخقە چىقىۋېلىپ، كەلكۈندىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ. قورسىقى ئاچقان بالا ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەش ئۈچۈن دەرەختىن چۈشۈپ، قىيان ئېقىتىپ كەلگەن نەرسىلەرنى يەپتۇ، قورسىقى ئاغرىپ كېيىن يېيىشكە پېتىنالماي، ئادەمزات بار يەرنى ئىزدەپ ماڭغان ئىكەن، بىر تاغ كۆرۈنۈپتۇ. بالا تاغقا چىقىپ، ئۆزى كەلگەن جاڭگال تەرەپكە قاراپ، ئاتا-ئانىسىنى چاقىرىپ، يىغلاپ، زارلىنىپ، يېشى قۇرۇپ، كۆزى ئاغرىپ، كۆزى چىمىلدايدىغان بولۇپ قاپتۇ. بۇ بالىنىڭ كۆزى دەريا بولۇپ مازار ئېقىنىنى پەيدا قىلغانمىش. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ بالىنىڭ زارىغا چىدىمىغان پەرىشتىلەر بالىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ: ‹‹ئىسمىڭىز چىم-چىم ئوغۇل، يۇرتىڭىز كەپە بولسۇن، جىسمىڭىز مۇشۇ تاغدا تاشقا ئايلانسۇن، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلمىغانلار سىزدىن ئىبرەت ئېلىپ كىچىكىدىن تارتىپ چىۋەر، چېچەن، ھۈنەرۋەن، ئەقىللىق بولسۇن››، دەپ دۇئا قىپتۇ-دە، پەرىشتىلەر كۆزدىن غايىب بوپتۇ. بالىنىڭ جىسمى تاشقا ئايلىنىپ، تاغ ئۈستىدە ماكان تۇتۇپتۇ. چىم-چىم ئوغۇل ھېلىھەم ئۆز يۇرتىغا تەلپۈنۈپ، ئاتا-ئانىسىنى سېغىنىپ يىغلاپ تۇرارمىش.



ئاپتور: كەلپىن ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا


مەنبە: www.uyghur.co.uk/forum

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-3 09:45:27

ئەلقىسسە:رىۋايەتلەر داۋام قىلدۇكى گەلۋېنلىكلەرنىڭ ئاپىسى جىن،دادىسى ئېزىتقۇمىش \"\"\"\"\"\"

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-9-3 10:22:08

يۇئاللا،يۇئاللا،مو رېۋايەتنىڭ4-چىسىنىڭ ئاساسى يوق.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2012-9-3 10:34:10

ئەسلى كەلگۈن دىگەن سۆزدىن پەيدا بولغان دەپ ئاڭلىۋىدىم

ئۇلار خوتەن تەرەپتىن كېلىپ قالغان كىشىلەر بولۇپ، شىۋىسى ئاقسۇ ياكى قەشقەرنىڭكى بىلەن زور پەرقلىندىغۇ دەيمەن .

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-9-3 10:35:12

كەلپىندە ئاڭلىغان قىزىق گەپلەر:

كەلپىننىڭ دەرۋازىسدا ئالا چاپان كىيگەن بىر مىنبىڭ بىز چىققان مىنبۇسىنى تۇسۇپ، كىملىك تەكشۈردى. بىر بوۋاي كىملكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخسىنى بېرىۋىدى، مېنبىڭ:-ئاككاۋۇي، بۇ فۇيىنجەنكەن-دېسە،


ئاۋۇ بوۋايمۇ .ئۇكام سەنمۇ شۇنداقكەنسەن-دەۋىدى گەپ قىلمايلا چۈشۈپ كەتتى.



قاتناش ساقچىسى:-ئېسقەرجان، ماشىنىڭىز چاۋسۇ بوپكېتىپتۇ!

-مۇشۇ گەلۋېىندىمۇ ماشىنا چاۋسۇ بولامتۇ؟! ئىككىنچى خوتقا ئەپ بولغىچە چىكىتىپ بولدىغان تۇرسام گەلۋېندىن!

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-3 10:45:56

مەنمۇ ئانچە مۇنچە ئاڭلىغان گەپلەركەن

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-3 10:51:58

ئاڭلىغان گەپلەردىن پارچە ھە!كەلپىنلىكلەر بالىلىرى ئالىي ئۇقۇللارنى تاماملاپ سىرىتلاردا خىزمەت قىلسا خوش بۇلارمىش،ئەگەر يۇرتىغا يېنىپ كەلسە ئاتا-ئانىلىرى دەيمىشكىن«يۇنۇ،يۇنۇ!ئۆزەڭنىڭ ئەسكىلىكىدىن كىشىنىڭ يۇرتىغا پاتماي،يېنىپ كەلدىڭمۇ يەنە بىزنىڭ يۇتقا،يۇرتنى تارلاشتۇرۇپ»! \"\"\"\"\"\"

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-9-3 10:56:39

كەلپىنلىكلەر بەك ئۆم، ھەرقايسى كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىۋاتقانلارمۇ كۆپ.

uzakam يوللانغان ۋاقتى 2012-9-3 12:11:49

ئېشقىلىپ مەن كەلپىنلىك بىر قىزغا ئامراقتىم.. \"\"

pidayi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-3 14:00:42

كەلپىنلىكلەر بەك چىرايلىق، بۇ يۇرتتىن سەت ئادەم چىقمايدۇ ئىشقىلىپ\"\"

    مائارىپقىمۇ بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، خېلى داڭلىقلىرىمىزنىڭ يۇرتى

elqut يوللانغان ۋاقتى 2012-9-3 17:31:24

راست كەلپىنلىكلەر بىر بىرگە بەك ئۆم ئوخشايدۇ

بىزنىڭ يۇرتتىما بىرەر كەلپىنلىك باشلىق بولسا ئۇزاققا قالماي شۇ كەلپىنلىكنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىمۇ يۇرتقا كۈچۈپلا كىلىدۇ ئىشقىلىپ ياخشى خەقلەر ،كەلپىن لەقىمى بىلەن ئاتالغانلارمۇ خىلە بار

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-3 19:45:40

مۇشۇ مۇنبەردىكى مەن بەك ئامراق بىر ئاچاممۇ كەلپىنلىك   {:90:}

imkansiz يوللانغان ۋاقتى 2012-9-3 20:13:19

ئۈنۈككۈي،،،،،نىمە بۇ يەدە بىزنىڭ غەۋىتىمىزنى قىلىشىپ كەتكەنتۇ،،،،،،،،كىم يازغان چۆچەك بۇ ،،ئىسمىنى دىمەمسە كالۋېرەي،ماڭقالىغانا،مىڭبىر كېچىنىڭ چۆچىكىدەك بىنمىنى ئەپكىپ ئىزدىنشتىكى باللىنى ئايلاندۇرۇۋئوينىغىلى تۇدۇڭمۇ ئەمدى،،،،يا بى يازغان ئەدەمنىڭ ئىسمىنى دىمىسەڭ،يا بى قاسى كىتاپتىلىقىنى دىمىسەڭ،قاندا ئىشىنىتمىز

بۇ گىپىڭگە،،،،،،،،،،(ھاھ،اھا،،پىشكە شىۋە ئويناپ قويدۇق،يوللۇغۇچى قېرىندىشىمىز كايىپ كەتمىگەي)    {:92:}

sudannaz يوللانغان ۋاقتى 2012-9-4 14:14:48


11- قەۋەتتىكى rita1028نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ مۇنبەردىكى مەن بەك ئامراق بىر ئاچاممۇ كەلپىنلىك \"\"



كىمئۇماڭىمۇدەپبېرىڭە   ،مەنمۇبىلىپقالاي،




lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2012-9-4 15:36:44

ھېلىقى مىيۇنخىندىكى قۇرۇلتاينىڭ ھازرىقى رەئىسى،نېمسچىنى كەلپىنچە سۆزلەمىش.

بۇ يۇرتتىن ياپۇنيىدە تەققىقات بىلەن شۇغۇللىنۋاتقانلار بىر قەدەر جىق.
بەت: [1]
: كەلپىن ھەققىدە رىۋايەتلەر [كۆچۈرۈلمە]