بىر سوم پىلانى داۋاملىشۋاتامدۇ ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇرۇن بۇ مۇنبەردە بىر سوم پىلانى دەپ ناھايتى بىر ئىئانە توپلاش پاليىتى بار ئىدى ،ھازىرمۇ داۋام قىلۋاتامدۇ ،ئەگەر داۋام قىلۋاتقان بولسا بۇ ئىشنى تەشكىللۈگىچى مەن بىلەن مۇشۇ يەردە ئالاقە قىلغان بولسا دەيمەن!
كامالىي ئېھترام بىلەن :بىرسى
بىر سومغا ياردەم قىلماقچ بولسىڭىز، سالاھىيىتىڭىز ئېنىق بولىشى كېرەك، بۇنى چۈشەندۈرۈپ يۈرمىسەكمۇ بىلىسىز بەلكىم چەتئەللەردىن ئىئانە قوبۇل قىلىنمايدۇ.شۇڭا سالاھىيىتىڭىز ئېنىق بولۇشى كېرەك. 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 外尔.艾麦尔 kai***@163.com نامىدىكى 支付宝ھىسابىغا 50سوم يۆتكەپ قويغان، تاپشۇرۇپ ئالغايسىلە! راس مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ا جۇمۇ!! {:106:} چەتئەلدىن ئىئانە قۇبۇل قىلماسلىقنىڭ سەۋەبىنى چوقۇم چۈشىنىسىلەر دەپ ئويلايمەن . بۇ تېمىنى كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن ....6- قەۋەتتىكى wapadarim912نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ تېمىنى كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن ....
ماڭا چەتئەلدىن ئىئانە قۇبۇل قىلاسلىقنىڭ سەۋەبىنى دەپ بىردىغان بىر مۇسۇلمان بارمۇ ؟
بىر سوم پىلانى بۇندىن ئالتە يىل بۇرۇن مېنىڭ تەشەببۇسۇم بىلەن تور دۇنياسىدا ئېلىپ بېرىلغان ،بۇ جەرياندا دوسىت بۇرادەرلىرىم ،خىزمەتداشلىرىم ،ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ قاتنىشىشى،بولۇپمۇ تور دۇنياسىدىكى تورداشلارنىڭ قىزغىن ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ھازىرغا كەلگەن ،گەرچە بۇ ئىشلاردا ھېچقانداق قانۇنسىزلىق بولمىسىمۇ لىكىن بۇ پىلان باشقا مېھرىبانلىق فونىدلىرىغا ئوخشاش خەيىر-ساخاۋەت ئورگانلىرىغا ئەنگە ئېلىنغان ياكى بىرەر فونىدى جەمىئەتنىڭ باشقۇرىشىدا ئەمەس ،شۇڭا سىرىتتىن كەلگەن پۇللارنىڭ ھەتتاكى بۇ يەردىن كەلگەن جىق مىقدارىدىكى پۇللارنىڭ ھېسابىنى قىلالمايمەن .....
توغرا چۈشەنگەيسىلەر ... راس، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئېئانە ئىشلىرىغىمۇ ئېھتىياق قىلغۇلۇق. بۇ جەھەتتە سىياسىغا ئارلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى ئۇدۇلدىن ئېتىلغان ئوقتىن قايغان ئوق يامان

لېكىن ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى پېشقەدەم تورداشلار تەشكىللىگەن بۇ ئىئانە پائالىيىتىنىڭ بېخەتەرلىكىگە ئىشەنىچ قىلىشقا بولىدۇ.

بەت:
[1]