horazjan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-1 17:37:02

ئۇرۇمچىدىكى خىزمەتچىلەرگە تەخسىملىنىدىغان ئوي ئۇچۇرىنى بىلدىغانلا بارمۇ؟

ئىلگىرى ئىدارىدىن تولۇقلقما بېرىپ تاۋار ئوي تەقسىملەپ بەرگەن، قەرىزنى ئەمدى تولەپ بولۇپ ئۇف دەپ تۇرسام،بىراق بۇ قېتىم يەنە ئىدارىدىن ئوي تەخسىملىدى .بۇ ئويلەرنى بەلكىم ئۇرۇمچىدە تۇرۇۋاتقان ئىدارە كارخاندىكىلەنىڭ كوپ سانلىقى بىلىشى مۇمكىن. ئورنى باداۋان، باگاڭ ،شىمكو ئۇچ ئورۇنغا سېلىنىپتۇ، چەك تاشلاش ئارقىلىق قايسى ئورۇنغا كەلسە شۇ يەردىن ئالىدىكەنسىز . بىنا قەۋەت سانىنىمۇ بىلمەيدىغان گەپ، ئالدىن 16 تۇمەن پۇل تولەيدىكەنمىز . پۇلىمىز بولمىسا ئىدارە بانكىدىن 5 تۇمەندىن 20 تۇمەنگىچە قەرزى ھەل قىلىپ بېرىدىكەن. ئويۇمنىڭ قەرزىنى ئەمدى تولەپ بولغاندا يەنە قەرزى ئېلىپ ئوي ئېلىشتا ئىككىلىنىپ قالدىم. مۇشۇ ئويلەر توغرۇلىق بىلدىغانلا بولسا پاراڭلىشىپ باققان بولساق؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-9-1 17:57:32

ئۈزىڭىز تەھرىلەپسىزغۇ تېمىڭىزنى!

تەھرىرلىسىڭىز شۇنداق كەينى ھويلىغا ئۈتۈپ قالىدۇ.

ئادەمگە تۆھمەت قىلماڭە

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-1 18:01:32

ئالمىسىڭىز بولمامدىكەن.

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-1 18:10:54


1- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۈزىڭىز تەھرىلەپسىزغۇ تېمىڭىزنى!

تەھرىرلىسىڭىز شۇنداق كەينى ھويلىغا ئۈتۈپ قالىدۇ.

ئادەمگە تۆھمەت قىلماڭە



توھمەت قىلمىدىم ، قارىسام بەك تېز سۇئەتتە تەستىقلىنىپ بەك تېز سۇرئەتتە ئەخلاتخانغا چۇشۇپ كېتىپتىكەن ، بىلىپ باقاي دەپ سورىغانتىم. ئەمدى ئاۋۇ كوڭزىنىڭ تېمىسىدىكى مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسىمنى يۇۋەتسىڭىز بولغىدەك.




mux يوللانغان ۋاقتى 2012-9-1 18:11:45

پۇل پاخالۋىشۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە بانكا قەرىز بەرسىلا ئىلىۋەمەمسز. 20 يىل ياكى بولمىسا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن قىلاسز بانكا قەرزىڭىزنى .... پەيتى كەلسە ساتاسز ئۆينى  \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-9-1 18:12:41

تۇرىۋەرمەمدۇ

تاۋاپ قىلىدىغانلار بېرىپ تاۋابىنى قىلىۋېرىدۇ

ئالدىراپ قالغاندا بىزمۇ ھاجىتىمىزدىن چىقىۋېرىمىز.......

شۇنىڭغا ئوخشاش

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-1 18:22:30

4- قەۋەتتىكى muxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پۇل پاخالۋىشۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە بانكا قەرىز بەرسىلا ئىلىۋەمەمسز. 20 يىل ياكى بولمىسا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن قىلاسز بانكا قەرزىڭىزنى .... پەيتى كەلسە ساتاسز ئۆينى \"\"

ئوي باھاسى ئۇچ مىڭ يۇئەندىن يۇقۇرى بولماسلىق ئېھتىمالى باردەك قىلىدۇ ،ئۇنچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت كەتمەيدۇ . ئوي ئەپ بولغان ئادەمگە قەرىز بېرىپ تۇراي يەنە ئوي ئاۋال دىسە ئادەم ئىككىلىنىپ قالدىكەن.

mux يوللانغان ۋاقتى 2012-9-1 19:16:20

دۆلەت مەمۇرىي بولسىڭىز نىمىدىن قورقىسز.. ۋاقتى سائەتى كەلسە دۆلەت جىنىڭنى ئەكەل دىسىمۇ غىڭ قىلالمايسز...   بىرىمەن دىسە ئىلىۋەگۈلۈك \"\"

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-1 19:36:35

مۇمكىن بولسا ئېلىپ قويغۇلۇق

imkansiz يوللانغان ۋاقتى 2012-9-1 20:01:12

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى خەۋىرى



خەينەن ئۆلكىسى خەيكۇ شەھىرى ئۆلكە، شەھەردىكى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى مەمۇرلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆي مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2009-يىلىدىن باشلاپ 10 مىڭ يۈرۈشكە يېقىن مەمۇرلارغا بېرىلىدىغان باھاسىغا چەك قويۇلغان تاۋار ئۆي سېلىشنى باشلىغان، شۇنداقلا بازار باھاسىنىڭ ئۈچتىن بېرى بويىچە مەمۇرلارغا سېتىپ بەرگەن. يېقىنقى كۈنلەردە، مۇخبىر زىيارەت جەريانىدا، بەزىلەرنىڭ ئۆي كۆرسەتكۈچىگە ئېرىشكەن ھامان توردا ئۇچۇر بېرىپ ياكى ۋاستىچى شىركەتلەرنى تەكلىپ قىلىپ ساتماقچى بولغانلىقىنى، ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا 300 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى بايقىدى.


داۋامى،،،


http://www.uycnr.com/xwzx/lwzg/201208/t20120829_375707.html








esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-1 21:12:48

Antonio يوللانغان ۋاقتى 2012-9-1 22:05:30

ئۆي زىمىن دىگەننى چوقۇم ئىلىش كىرەك، ھەرگىز سىتىشقا بولمايدۇ، ئەگەر ئىلىشقا قۇربىتىڭىز يەتسە ئىلىۋىرىڭ،،

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2012-9-1 22:43:46

7- قەۋەتتىكى muxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دۆلەت مەمۇرىي بولسىڭىز نىمىدىن قورقىسز.. ۋاقتى سائەتى كەلسە دۆلەت جىنىڭنى ئەكەل دىسىمۇ غىڭ قىلالمايسز... بىرىمەن دىسە ئىلىۋەگۈلۈك \"\"

شۇ مەمۇرىلارغا سېلىنغان ئويكەندۇق ، مەمۇرىلار ئوينى چەت كوردىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ ئالمايدىغانلا كوپ بولۇپ قېلىپ شۇ بىزدەك ئىشچى خىزمەتچىلەرگە ئورۇن بوشۇتۇلۇپتۇ.....ئويى يوقلارغا ،يانچۇغىدا پۇلى بارلارغا بولغىدەك........مەنمۇ قەرىز بولۇپ ئوي سېتىۋالغۇچە ئەركىن ئازادە يۇرەيمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-9-2 07:58:23

ئۆيىڭىز بولغاندىكىن، ئەڭ ياخشىسى ئالماڭ.

1. بانكىدىن قەرز ئالسىڭىز، ئېنىقكى ئۆسۈم تۆلەيسىز، ئۆسۈم سېپى ئۆزىدىن ھارام، ئۆزىڭىزگە زىيادە گۈناھ ئارتىۋالىسىز.

2. مۇشۇ 2 يىلدىن 10 يىلغىچە بولغان ئارلىقتا، ئۆي باھاسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار، بۇنى داڭلىق بىلەن خەنزۇ تەھىلىلچى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ تەھىلىلچى 90-يىللاردىكى ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇش ۋەقلىرىنىمۇ ئالدىن مۆلچەرلىگەن ئىكەن. سىز ھارام ئۆسۈم بىلەن بىللە بانكىغا قەرز تۆلەپ بولغۇچە، يېڭى سېتىۋالغان ئۆيىڭىزنىڭ قىممىتى نەچچە قاتلىنىپ چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن.

3. سىزگە ئوخشاش ئۆيى بار كىشىلەرنىڭمۇ ئۆي سېتىۋېلىشى نەتىجىسىدە، 2 يىلدا چۈشۈپ كېتىدىغان ئۆي بازىرى، 10 يىلغا سوزۇلۇپ كېتىشى، شۇ ئارقلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىل ئۆيسىز قېلىشى مۇمكىن.

4. پاتاڭغا نۇرغۇن قەرزنى ئارتىۋېلىپ تۇرغاندا، ئۆيىڭىزدە بىرەر چوڭ ۋەقە ياكى ئاغرىق-سىلاق بولۇپ قالسا، نەدىن پۇل سوراپ يۈرەرسىز!؟ يامان يېرى ئاغرىق سىلاققا بانكىدىن پۇل قەرز بەرمەيدۇ!

5. نەتىجە شۇكى، يەنە ئۆي سېتىلۋاسىڭىز، ئۆزىڭىزگىمۇ، جەمئىيەتكىمۇ زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداقلا ئۆسۈم ئارقىلىق گۇناھىڭىزنىمۇ جىقلىتىۋالىسىز.

alwasti يوللانغان ۋاقتى 2012-9-2 08:27:14

ئۆيىڭىز بار بولسا ئالامەن بولسىڭىز زېمىنلىقنى ئېلىڭ ياكى زېمىن ئېلىڭ(ئارغىي بۇلاقتىن بولسىمۇ)

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-2 10:46:55

ھازىر ئويىڭىز بۇلسا ئوشۇق ئوي ئالىمەن دەپ قەرىزنى بەك كوپەيتىۋالغاننىڭ پايدىسى يۇق يۇقاردىكى تورداش دىگەندەك گەندەنگىچە قەرىزنى ئارتىۋىلىپ جاننى قىيناپ ئوتۇشنىڭ ھاجىتى يۇق چۇقۇم ئائىلىدە ھەر خىل خەۋەب خەتەرگە ئىشلەتكودەك نەق پۇل بولوش كىرەك،ئولوپ كىتىدىغان جاھان بۇ..جاھاننىڭ راھىتى ۋاختىدا كورۇش كىرەك ئەگەر ئىدارىدىن ئىتۋار باھادا ئوي بەرسە سىتىشقا روخسەت قىلسا سىتىپ پايدىسنى بانكىغا قويۇڭ ..ياكى ئايالىڭىزغا ئالتۇن جابدۇق ئىلىپ بىرىڭ بىشىڭىزغا كون چۇشسە ۋاقتىدا ساتالايسىز،،، \"\"

Deqyanus يوللانغان ۋاقتى 2012-9-2 11:06:31

20يىللىق بانكا قەرزى بىجىرىپ بەرسە ئۆينى چوقۇم ئىلىڭ.20يىلغىچە ئەمەس يەنە 2 يىلغىچە قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولا... \"\"

abaidul يوللانغان ۋاقتى 2012-9-2 23:06:13

بانكا قەرزىنى 20 يىللىق قىلىپ ئەپ قويدۇق، ئىجارىگىممۇ كېتىدىكەنغۇ ئۇنچىلىك پۇل!

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2012-9-2 23:43:52

ئۆي تەقسىملىنىدىغان يەر سەل يىراق ئىكەن.

شۇ يەرلەرنىڭ تاۋار ئۆي باھاسى نەچچە پۇل،مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلىسە نەچچىدىن بېرىدۇ،نەق تۆلىسە نەچچىدىن بېرىدۇ.ئۆي قۇرۇلمىسى قانداق شۇلارنى سۈرۈشتە

قىلىپ بېقىپ ئاندىن قارار قىلىڭ.
بەت: [1]
: ئۇرۇمچىدىكى خىزمەتچىلەرگە تەخسىملىنىدىغان ئوي ئۇچۇرىنى بىلدىغانلا بارمۇ؟