[رەسىم] مەلۇم جايدىكى ھۆكۈمەت ئىش بېجىرىش زالى
ھۆكۈمۈتىمىز پۇخرالارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە ھەممە يەردە ھۆكۈمەت ئىش بېجىرىش زالى تەسىس قىلدى ئەمما بەزى بىر قىسىم ھۆكۈمەت خادىملىرى ، كومپيۇتېر ۋە توردىن پايدىلىنىپ كەسپىي بىلىمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ، بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن...
1- قەۋەتتىكى Bayawanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىش بېجىرگىلى كەلگەنلەرگە ئالايمىسا، ۋارقىرىمىسا، ئىشىنى ۋاقتىدا بېجىرىپ بەرسىلا بولدى. قالغان ۋاقىتتا نىمە ئىش قىلسا قىلمامدۇ.
ئويۇننىڭ ئەۋجىگە چىققاندا ئىش بېجىرگىلى بارسىڭىز ئالايماي قالامتى،بىلمەي سوراپ سالسىڭىز ۋارقىرىماي قالامتى... ۋاي ،،،،كونا رەسىملەركەنغۇ بۇ............ ھەممە يەردە ئاساسى جەھەتتىن ئومۇملىشىپ بولاي دىدى . گوگىلغا ئوخشاش شىركەتلەرنىڭ ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش تەرەققى قىلغان شىركەتلەرنىڭ ئىشخانلىرى ئارام ئېلىش ئۆيلىرنىڭ رەسىملىرنى كۆرسەك چەتئەل كارخانلىرى شۇڭا تەرەققى قىلغان ئانداق-مانداق دەپ كىتمىز ، مۇلازىمەت ئۇرۇنلىردىكى مۇشۇلارغا ئوخشاش ئادەم يوق ۋاقىتتا 10-15 مىنۇت ئۇيۇن ئويناپ قويسا تورغا چىقرىپ سازايىسنى چۇۋۋىتمىز ،ئەملىيەتتە ئۇيۇننى زادى كىم ئويناۋاتىدۇ ئۇنىڭ بىلەن كارىمىز يوق ،جۇڭگوچىلىق .... بۇ نەچچە يىل بۇرۇنقى كونا رەسملەرغۇ ..
مەنمۇ بۇرۇن ئورگاندا ئىشلەيدىغانلارنى چاي ئىچىپ گېزىت كۆرۈپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ دەپ ئويلايتىم، ھازىرمۇ بار ئىكەن ئۇنداق يەرلەر. تېخى تۆنۈگۈنلا بىر رەسىم كۆردۈم، ئۇ تېخىمۇ ۋەھشەتكەن، نەچچە مېتىر ئۆچىرەتتۇرسا قاراپمۇ قويماي كۇرت ئويناپ ئولتۇرىدۇ،،،ھىندىلارنىڭكەن مەنمۇ بىر قانچە قېتىم كۆردۈم مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى، قارىسىڭىز قاتتىق قىزىقىپ ئۇيۇنچۇق ئويناۋاتقان، زال ئىچىگە «خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلايلى!»، «ئاممىغا قولايلىق يارىتايلى»..........دىگەندەك شۇئارلارنىڭ كۆپلىكىدىن ھەيران قالسىز، سەل ئالدىراڭغۇ ئادەم بولسىڭىز (ئۇلار غەلبە بىلەن ئۇيۇننى ئاخىرلاشتۇرغىچە ساقلىيالمىسڭىز)، «جەڭ» قىلۋاتقان ئۇنىڭغا بىر نەرسە دىسىڭىز ئالىيىپ قۇيۇشى، سىزگە قارايمەن دەپ ئوق يەپ كەتسە ياكى ئورەككە چۈشۈپ كەتسىغۇ ۋاقىراپ قۇيۇشىمۇ مۇمكىن.
ئويناۋاتقان ئۇيۇنىدا خەلق پۇلىدىن زىيان چىقسا ئۇرۇپمۇ قويۇشى مۇمكىن


11- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھېلىقى شەھەر مەمۇريىتىنى تۈزەش ئىشخانىسىدىكىلەرنى بىر ئايالنىڭ « يامان بولساڭلار دىئاۋيۈ ئارىلىنى قايتۇرۇپ كەلمەمسىلەر؟ نەچچە ماشىنىدا مىنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا كىلىپ دىۋەيلەپ ھەيۋە قىلماي» دىگەن ۋىدىئۇلىق خەۋەرنى نىمىشقا يوللىمايسىلەر؟ مەن ۋىدىئۇ يوللاشنى بىلمەيمەن. بولمىسا يوللاپ قوياتتىم.
ئۇنى يوللىسا ئىزدىنىشنى ماراپ ياتقان لالما ئيتلار بىرنىمە دىمەس ھە
ئىشخانىمىزدا كومپىيۇتېر بولغان بىلەن، ئويۇپ ئوينىغۇدەك ۋاقىت يوق-دە!
14- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
3- قەۋەتتىكى iztikinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ۋاي ،،،،كونا رەسىملەركەنغۇ بۇ............
بۇ ھىچقانچە رەسىم ئەمەسكەن. ھىلىقى بىر رەسىم بولىدىغان. ئوچۇق سوت زالىدا، نۇرغۇن ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان جىنايەتچىلەرنى قاتار تىزىپ قويۇپ، پۈتۈكچى خاتىرجەم ئولتۇرۇپ كومپىيۇتۇردا ئويۇن ئوينايدىغان.
بۇ گەپكە ئىشىنىمەن جۇمۇ.
شۇنى قىلمىسا 8 سائەتنى توشقۇزماق تەس {:92:} ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئويۇننىڭ ئورنىدا بولۇۋاتىدىغۇ. ئويۇن ئوينىمىسا كۈن قانداق ئۆتىدۇ؟ بەزىدە ئويناپ قويغۇلۇق،ئۇيۇن ئويناشمۇ ئاسان ئەمەس،مەسلەن مەن ئويناشنى بىلمەيمەن
بەت:
[1]
2