almas0319 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 15:08:42

مورى-پىچان تاشيولى تېز ئىشلەنمەكتە

مورى-پىچان تاشيولى تېز ئىشلەنمەكتە


8-ئاۋغۇست،جۇڭغار ئويمانلىغى بىلەن تۇرپان ئويمانلىغىنى شەرىق تەرەپتىن تۇتاشتۇرىدىغان مورى -پىچان تاشيولى شەرقىي تەڭرىتېغى تونىلىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن تۇتاشتۇرۇلىشى بىلەن بۇ يول قۇرلۇشى ئىككىنچى يىلىغا ھەم قۇرۇلۇش تاپشۇرۇش يىلىغا قەدەم قويدى ،بۇ مورى -پىچانتاشيول قۇرۇلىشىدىكى زور ئىلگىرلەش ھىساپلىنىدۇ .


شەرقىي تەڭرىتاغ تونېلى پىچان ناھىيىسى بىلەن مورى ناھىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى شەرقىي تەڭرىتاغ ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ ،تونېلنىڭ ئۇمومىي ئۇزۇنلىغى 1690مېتىر ،قوش يۆلىنىشلىك يول ئولچىمى بويىچە لايىھەلەنگەن ،بۇ تونېل قۇرۇلۇشىنى جوڭگو تۈمۈريول تونېل قۇرۇلىشى گۇروھى ئۈستىگە ئالغان ،مەزكۈر قۇرۇلۇش مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىنىپ ،ئاپتۇنۇم رايونىمىزدىكى ئوخشاش ئۇزۇنلىقتىكى تونېل قۇرلۇشلىرى ئىچىدە قۇرلۇش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان قۇرۇلۇش بولۇپ قالدى .


2010-يىلى 9-ئايدا ئىش باشلانغان ،2-دەرىجىلىك تاشيول ئولچىمى بويىچە ياسىلۋاتقان مورى-پىچان تاشيولىنىڭ ئۇمومىي ئۇزۇنلىغى 94.45كىلومېتىر ،303-نومۇرلۇق ئولكە تاشيولىنىڭ مورى بازىرىغا 47كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىن باشلىنىپ ،تەڭرى تېغىنى كېسىپ ئوتۈپ ،پىچان ناھىيىسىنىڭ چىقتىم بازىرى(پىچان ناھىيە بازىرىنىڭ 44كىلومېتىرلىق جايى) دالىيەنيۈنگاڭ-قورغاس يوقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولى بىلەن تۇتىشىدۇ . بۇ تاشيولنىڭ پۈتىشى بىلەن پىچان ناھىيىسى بىلەن مورى ناھىيىسىگە قاتناش قولايلىغى يارىتىپ زور ئىتىسادى مەنپەئەت ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى بىلەن جەنۇبىنى تۇتاشتۇرىدىغان يەنە بىر مۇھىم قاتناش تۈگىنى بولۇپ قالىدۇ.


مورى-پىچان تاشيولىنىڭ پۈتۈن لىنىيە قۇرۇلۇشى 2012-يىلى10-ئاينىڭ 31-كۈنى تاماملىنىش پىلانلانغان.


توۋەندە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر:

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 16:50:11

تېمائىگىسىسىزمورىيدىنما؟؟؟

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 17:15:49

مورىغا بارمىقىمىز ئاسان بولۇپ كەتكۈدەكتە.

تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك سۆرئەتلەر دەپ قويۇپ ئەۋەتمەپسىزغۇ؟

totem يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 20:07:22

سۈرەت يوق،سەيسىز«گاڭپەن»يىگەندەك بوپ قالدىم. \"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 22:02:22

ھازىر ئۈرۈمچىدىن ئايلىنىپ كېلىدىغان يول 400 كىلومېتىردىن ئارتۇققۇ دەيمەن، بۇ دۆلەت مۇداپىيە زاپاس يولى مۇڭغۇلىيە چىگراسى ئەتىراپىدا سىتىراتىگىيىلىك زاپاس يولغا ئايلىنىدۇ.

تېشىلىۋاتقان تونېلنىڭ ئۇزۇنلۇقى قانچە كىلومېتىر؟ بۇرۇن، بىر داۋان بار ئىكەن بەك خەتەرلىك، چىقىۋاتقان ماشىنا سۆرىيەلمىگەندە ۋاقتىدا تورمۇز قىلالمىسا ماشىنا ھاڭغا چۈشۈپ كېتىدىغان، ياردەمچى ماشىنىنىڭ چاقىغا توختىماي تاش تىرەپ ماڭاركەن. ئاتام ياش ۋاقتىدا ھەيدىگەن ماشىنا تاش قويۇشقا ئۈلگۈرمەي شۇنداق سېيرىلىپ كېتىپ، باشقا بىر ماشىنىنىڭ تۇمشۇقىغا تىگىپ توختاپ، ئامان قاپتىكەن، خۇداغا رەھمەت.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 22:52:09

پىچاندىن ئۈرۈمچىگە 280 كېلومېتىر ئۈرۈمچىدىنمورىغا 350 كېلومېتىر   تەخمىنەن ، ئاڭلىشىمچە پىچان - مورىييېڭىيولىپۈتسە ئارىلىغى بىريېرىمسائەتلىكيولمىش ...........................

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 23:02:23

5 ياشچېغىممىكىن،كوناپىچان-مورىييولدا بىرماڭغان ، شۇچاغدا يولدا ئۇچرىغان توپ-توپجەرەن،كىيىكلەرنى دەيمەن ،ھازىرئۇيولداجەرەنتۇرماق ئېزىپقالغانئىشەكمۇئالدىراپئۇچرىمايدۇ .

ozturk123 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 23:36:28

توپ-توپ جەرەن -كىيىكلىرىڭنىڭ ئورنىدا ئويۇر-ئۇيۇر ئاققۇنلار يۈرگەندۇ. \"\"

sazgur1080 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-31 13:10:57

يەنە شۇ بايلىق ئۈچۈن ..............

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-8-31 21:16:10

6- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5 ياش چېغىممىكىن،كونا پىچان-مورىي يولدا بىر ماڭغان ، شۇ چاغدا يولدا ئۇچرىغان توپ-توپ جەرەن،كىيىكلەرنى دەيمەن ،ھازىر ئۇ يولدا جەرەن تۇرماق ئېزىپ قالغان ئىشەكمۇ ئالدىراپ ئۇچرىمايدۇ .



ئىشەكلەرنىمۇ يەپ تۈگىتىپتۇ-دە..\"\"

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-9-1 15:58:04

ئاقسۇ بورتالا يولى ئىتتىكرەك ئېچىلسا بولاتتى ...

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-9-1 18:43:19


1- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېما ئىگىسى سىز مورىيدىنما ؟؟؟



بىزنىڭ تامخوشنا مورىلىق ، ...



6- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5 ياش چېغىممىكىن،كونا پىچان-مورىي يولدا بىر ماڭغان ، شۇ چاغدا يولدا ئۇچرىغان توپ-توپ جەرەن،كىيىكلەرنى دەيمەن ،ھازىر ئۇ يولدا جەرەن تۇرماق ئېزىپ قالغان ئىشەكمۇ ئالدىراپ ئۇچرىمايدۇ .



5يىل ئەۋۋەلمىكىن ، كونا پىچان - مورىي تاش يولىدا بىرماڭاي دەپ تەۋەككۈل قىلغان ، لېكىن ئەپسۇس ، شۇ چاغدا يولدا ئۇچرىغان بىر توپ قازاق قېرىنداشلارنىيىتىمنى چۈشەنمەي ئۇنىمىغانغا ئۇنىماي مورىي تەرەپكە قايتۇرىۋەتكەن... ھزىر بۇنداقپۇرسەتئالدىراپكەلمەيدۇدە ...



ئەڭ بۇرۇن بۇنىڭدىن 3000يىل مۇقەددەم ئالتاي ئوغۇزلىرى مورى تاغ يولى ئارقىلىق پىچاننىڭ ياڭخەيدە ئولتۇراقلاشقان ئىكەن ، ئۇلار مەدىنىيەتتە ( سىكىتاي مەدىنىيىتى ) خېلى ئىلگىرى سانىلىدىكەنشۇچاغلاردا ، ئۆزلىرىبىلەن بىللە ئوتتۇرا يەردېڭىزى ئەتراپىدىن ئۈزۈم ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئېلپ كەلگەن ، مانابۇلارتۇرپان قەدىمىيئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرىئىكەن .

almas0319 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-2 07:36:31

\"\"
بەت: [1]
: مورى-پىچان تاشيولى تېز ئىشلەنمەكتە