YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 12:09:18

پۇتبول بازىرى توغرىلىق غەيۋەتلەر


ئەڭ يېڭى بىر خەۋەر، بايېرىن ميۇنخېن 40 مىليون ياۋرولۇق ئالمىشىش بەدىلى بىلەن ئىسپانىيە ئوتتۇرا مەيدان ئويۇنچىسى خاۋى مارتىنىزنى ئاپتۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەت باھالىق توپچى رېكورتىنىمۇ يارىتىپتۇ. (تۈنۈگۈنكى خەۋەر)، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا مارىيو گومېز ئۈچۈن 33 مىليون ياۋرو پۇل چىقارغان ۋە تالاش-تارتىشلارغا سەۋەپ بولغانتى. ۋارتار مانۇئېل نوئېس ئۈچۈنمۇ 18 مىليون ياۋرو پۇل تۆلىدى. قارىغاندا، بايېرىن ميۇنخېن ئۆزىنىڭ «ئىقتىسادچانلىق بىلەن كولۇپ باشقۇرۇپ، چىقىمى تۆۋەن پۇتبولچىلار بىلەن نەتىجىگە ئېرىشىش» سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، رېئال مادرىدتەك كولۇپلارنىڭ يولىدا مېڭىشنى قارار قىلغان ئوخشايدۇ.



7-8 يىلنىڭ ئالدىدا ئابراموۋىچنىڭ چېلسىنى سېتىۋىلىشى بىلەن، «پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي، كۆزگە كۆرۈنگەن توپچىلارنى سېتىۋېلىپ، كۈچلۈك كوماندا قۇرۇپ چىقىش ۋە نەتىجە ئېلىش» سىياسىتى يېقىندىن بۇيان باشقا كۇلۇپلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى ۋە شۇنىڭ بىلەن پۇتبول بازىرىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى. شەلىكلەرمۇ (Manchester City) پۇل بىلەن قۇرۇپ چىققان كوماندىسى بىلەن ئەنگىلىيە چىمپىيونى بولىۋالدى.


فرانسىيەدىكى پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىمۇ، شەيخ خوجايىنىنىڭ ئارقىدا تۇرىشى بىلەن شەلىكلەرنىڭ يولىدا مېڭىپ، بىراقلا تىياگو سىلۋا ۋە ئىبراھىمئاخۇننى ئەكەلدى. بەلكىم ئىبراھىمئاخۇن ھازىر دۇنيادىكى مائاشى ئەڭ يۇقىرى توپچىغۇ دەيمەن. (ياق خاتا بوپ قاپتۇ، شاڭخەيدىكى دروگبانىڭ مائاشى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن.)


ياۋروپا تەرەپقۇ ئازراق تالانتى بار، يېشى كىچىك توپچىلارغا مىليون ياۋرولارنى كۆزىنى مىت قىلىپ قويماي خەجلەۋاتىدۇ، لېكىن ما يىراق شەرق بىلەن روسىيەدەك دۆلەتلەر بولسا، پىنسىيەگە چىقىشنىڭ ئالدىدا تۇرغان توپچىلارغا پۇل دېگەن چېچىپ بېرىۋاتىدۇ.


يەنە بىر تەرەپتىن قارىساق، تېز سۈرئەتتە ھۇجۇمنى ۋە دىنامىكىلىق ئويناش پەلسەپىسى بىلەن ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ يارىتىپ بىر مەھەل ياۋروپادا بوران چىقارغان ئارسېنال بولسا، پۇتبول مافىيالىرىنىڭ چىقارغان قالايمىقانچىلىقلىرىدا دىمىنى ئىچىگە يۈتۈپ ئوتتۇرۇپ قېلىۋاتىدۇ. بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا بىر مۇنچە پۇتبولچىسىنى بارسېلونا يۇلۇپ ئەكەتتى، شەلىكلەمۇ بوش كەممىدى، ۋان پېرسىمۇ قىزىل شەيتانلارنىڭ يېنىغا كېتىپتۇ. تېخى تۈنۈگۈنكى خەۋەردە، ۋالكوت دېگەن شۇمنىڭ ئارسېنالدا قېپ قالغۇسى يوقلۇقى، يېڭى توختامغا قول قويۇشقا ئۇنىمىغانلىقىنى دەپ ئۆتتى.



شۇنىڭ بىلەن ماندا قايلاپ باقسام، پۇتبول سانائەتلەشكەندىن بۇيان، ھازىر ھەقىقى مونوپول كاپىتالىزىم دەۋىرىگە چىرىپ قاغان ئوخشايدۇ. چىمنىڭ پۇلى بولسا، شۇ پۇل بىلەن پۇل تاپىدىغان. قايلاپ باقمامسىلە، رېئال مادرىدنىڭ ئىككى-ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا كاكا بىلەن رونالدو ئۈچۈن بەرگەن پۇلىغا. لېكىنغۇ رونالدو دېگەن شۇم ئويناپ قويىۋاتىدۇ. ئەگەر بايېرن مارتىنىز ئۈچۈن 40 مىليون چىقارغان ئىش 4-5 يىلنىڭ ئالدىدا بولغان بولسا، دۇنيا مېدياسىنى قاپلاپ كېتەتتى. لېكىن ھازىر ئادەتتىكىدەك بوپ قالدى مانا. ئۆتكەن يىلى ئاتلېتىكو مادرىد جېنىدا فالكاۋ (Falcao) ئۈچۈن ئوخشاشلا 40 مىليوننى چىقاردى.


بىر نەچچە يىلدىن بېرى بۇ مافيالار بۇ پۇللارنىڭمۇ پايدىسىنى كۆرىۋاتىدۇ، چىمپيونلۇق لوڭقىسى، ياكى ئۇزغۇنلار لوڭقىسىدىكى 4نىڭ ئىچىدە موشۇلاردىن باشقىلار تۈزۈك يوق. قېنى ھېلىقى ۋالىنسىيە، ئارسېنال، ئاجاكس، پورتو دېگەندەك پۇلى بولمىغان بىلەن ئەنئەنىسى بولغان كوماندىلار.



ئۇنىمۇ دېدىم، بۇنىمۇ دېدىم. لېكىن پۇل بىلەن ئەمەس، ئۆزىنىڭ سېستىمىسى بىلەن نەتىجە ئېلىۋاتقان دورتمۇندنى دېمەي ئۆتۈپ كېتەلمىدىم. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمىغان كىچىك بالىلار بىلەن گېرمانىيەدە چىمپيون بولدى بۇ گۇيلار. ئۆتكەن يىلى بىر چولپان ياراتتى، ئۇ بولسىمۇ تۈرك شۇم نۇرى شاھىن. ئۇنىڭدىن كىيىن نۇرى شاھىننى سېتىۋەتتى، لېكىن خۇددى ھېچ ئىش بوممىغاندەك، ئۆزىنىڭ ئويۇنىنى ئويناۋەردى ۋە ھەم بىرلەشمىدە، ھەم لوڭقىدا بايېرننىڭ كۆزىنى پارقىرىتىپ قويۇپ چىمپيون بولدى. ما يىلى 5 يۈزمىڭ ياۋروغا ياپونىيەدىن ئەكەلگەن كاگاۋانى ھەم چولپان قىلدى ھەم مانچېستېرغا سېتىۋەتتى. لېكىن ئوينىغان مۇسابىقىگە قاراپ باقسام يەنە شۇ بۇرۇنقىدەك تۇرىدۇ.


ھە راست ئۇنتۇپ قاپتىمەن. يۇۋېنتۇسمۇ بار تېخى بۇ قاتاردا.



ما يىلى ئەمدى قانداق بولىدىكىن قايلاپ باقايلى. بارسېلونادا گۇئاردىيولا كەتتى. رېئال مادرىد مۇدرىچنى ئەكەلدى. بايېرن 40 مىليون خەجلەپ قوياپتۇ. ئارسېنال (ھەيييي، ئاشۇ ۋېنېگېرنىڭ چىرايىغا قارىساملا، بىر تەشۋىشنى ھېس قىلىمەن دېسە) قايدا بولاركىن. شەلىكلەر يەنە بىر مەھەل كوچىنى قالايمىقان قىلىپ باقىدىغان ئوخشايدۇ. مانچېستېرنىڭ سىستېمىسى بۇزۇلمايدۇ ئەلۋەتتە، ھېلىقى قېرى پىنسىيەگە چىقمۇغىچە، كىم گەپ ئاڭلىمىسا، قۇلاقنى تولغايدۇ ئۇ گۇي. ئىتالىيەدىغۇ پۇتبول بارغانسېرى پەسكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ، چولپانمۇ كەممەيۋاتىدۇ، يا ياش شۇملار چىقمايۋاتىدۇ. كولۇپلىرىنىڭ نەتىجىسىمۇ ھېچ ياخشى ئەمەس. ئەتە ئۆگۈن فرانسيەنىڭمۇ كەينىدە قالىدىغان چىراي.

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-1 10:13:18

ئالدىنقى يېرىم مەيدانىدىلا تۈگىتىپ بولدىغۇ مۇسابىقىنى

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 13:19:08

روبىن ۋان پېرسى مانچېستېرغا (Manchester Utd.) كېتىشى بىلەن، ئۇنى مازاق قىلغاندەك ھەجۋى رەسىملەرنى چىقىرىشقا ئۈلگۈرۈپ بوپتۇ.


\"\"


لەيدى روبىن


\"\"


مانى بىلمىدىم


\"\"


\"\"


ئېشەك - روبىن


\"\"


ئاخىرقى كەچلىك غىزا


\"\"



\"\"



ماۋۇ بەك پەيزى چىقىپتۇ.


\"\"



ماۋۇ قايسىى كىنو بولغىيتتى؟


\"\"



دىققەت، \"چېقىلىپ كەتمىسۇن\"


شۇنىڭغا قارىغاندا بۇ ئاداشمۇ كۆپ يارىلىنىۋالىدىغان ئوخشايدۇ.


\"\"


\"\"



ماۋۇ بولسا، رەسمى ئارسېنالنى مازاق قىلىپ چىقارغان رەسىمكەن.


\"\"


دۈمبىسىنى قىلىپ تۇرغانلار ئارسېنالدىن كەتكەنلەر، ئاستىدىكى بولسا \"دۇنيا ئۈچۈن باققۇچى كۇلۇپ\".

erven_rummel يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 13:50:23

بايرېن 3يىل ئىچىدە ئىككى قىتىم ھەل قىلغۇچقا كىرىپ ئوتتۇرىشى ،رەئىسلىرىگە ئىغىر كەلگەن چىغى ،بۇ يىل ئەڭ كۆپ توپچى قىتىۋالغىنى بۇلار ،پىساررو ،مەندۇزىچ ،توبا باش ئوتتۇرا بىك ،تىمىدىكى مارتىنىز ، جىق خەجلىۋەتتى بۇلارمۇ ....نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا شەھەرلىكلەر قالايمىقان توپچى سىتىۋىلىپ بازار قالايمىقانلاشتۇرغان بۇ يىل مانا پارىژچىقتى ،بۇ پارىژ شەھەردىنمۇ بەك خەجلىۋىتىپ بارامدىكىن تاڭ ،بىر 19ياشلىق بىرازىليەلىك لۇكاسنى45 مىليون ياۋروغا سىتىۋالدى ..



مادرىد بۇندىن كىيىن بىر مەزگىل مۇشۇ ھازىرقى توپچىلىرى بىلەن جاھاندارچىلىق قىلدىغاندەك تۇرىدۇ ،سامان يولى جەڭ كىمىسى 2قاچىلانغان توپچىلارنىڭ قىممىتى ،سامان يولى 1دىكى توپچىلارنىڭ قىممىتىدىن بەك ئىشىپ كەتتى ..


koxuk يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 14:26:59

ئىتالىيە بىرلەشمىسى توغرىسىدا بىر ئاز توختىلىپ قوياي . ئا س مىلانبۇ يىل ئوڭتەي -توڭتەي بوپ كەتتىغۇ.   خوتۇنپۇرۇچ بېرلوسكونى يانچۇقتا پۇل قالمىدىدەپ ئىبراھىم تۆگەبىلەن تىياگو سېلۋا نى پارىژغا يولغا سەپ قويدى. ئىلگىرىئۇزۇن قۇلاقنى كۆتۈرگەن تۆھپىكار توپچىلىرىنىڭ ئامبىروسىنىدىن باشقىلىرىنىڭپېنسىيەگە چىقىدىغانلىرى پېنسىيىگە چىقتى، ساناتورىيىلەرگە بارىدىغانلار ئاخىرقى بىر ئىككى يىلنى شۇ يەردە ئارام خۇدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كەتتى. ھازىر مىلاندا ۋاي دىگۈدەك بىرمۇ توپچى قالمىدى.ئىلگىرى كېلىشكەن ئاقپۇشماقلار يىغىلغان مىلاندا ھازىر قارىۋايبالىلار جىقلاپ كېتىپتۇ.بېرلوسكونىنىڭ بولغۇسى كۆيۈئوغلى بىر مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ نەچچە ئاي دەم ئالىدىغانلا بولدىغۇ ھازىر. بىرىنچى ئايلانمىدىكى مىلاننىڭ ئىپادىسىنى كۆرگەندىن كېيىن ،بارسلونا تەربىيلەپ چىققان ئۆتكەن يىلى رىمدا ئوينىغان بوجاننىئىجارىگە ئالدى. كاكانى    مادرىتتىن پۇلنىڭ كۆزىگە قاراپ ئەكىلەلمىدى.كاسانو« ئىبراھىم بىلەن سېلۋا كەتسە، ماڭا نېمە بار ، كېتىمەن» دەپ تولا جىدەل قىلىپ، ئاخىرى ئىنتىرمىلانغا بېرىۋالدى، ئىنتىرمۇ پاززىنىنى مىلانغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.ئىنتىردىمۇ ئۆزگىزىش كۆپ، كونا ۋارىتار سېسار ئېنگىلانقا بارىدىغان ئوخشايدۇ، مايكونمۇ كېتىدىغان چىراي. كوردوبا چېكىندى، لۇسىئو كەتتى... ئىشقىلىپ خېلى بىر تۈركۈم توپچىلار كېتىپ، يېڭىلىرى كەلدى. يوۋىنتۇسنىڭ ئەھۋالى بىرقەدەم مۇقىم،تاغىل شاھزادە پېئېرونىڭ توختام ۋاقتى توشتى. يوۋىنتۇس ئۆتكەن يىلقى   ئاساسىدا بىر قەدەر يېڭىلاشلارنى ئېلىپ بېرىپ،خېلى يامان ئەمەس بىر تۈركۈم توپچىلارنى كىرگۈزدى. ناپلىسلاۋېززىنى 30 مىليونغا پارىژغا ساتتى.قالغان كوماندىلاردىكى ئۇششاق -چۈششەك ئېلىم- بېرىملاردىن ئانچە خەۋەردار ئەمەسكەنمەن.   

   بۇ يىل ئۇزۇن قۇلاقنى مادرىد، بارسا، بايرىن، شەلىكلەر يەنە چېلسى تالىشىپ قالىدىغان چىراي. چېلسى 40 مىليونغا سېتىۋالغان ھازارد دىگەن توپچىنى بەك ياخشى ئويناۋاتىدۇ دەيدۇ، ئاڭلىسام ئالدىنقى ئۈچ مەيدان ئايلانما مۇسابىقىدە چېلسىنىڭ تىققان توپلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك مۇشۇ بالا بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىش. مۇسابىقىسىنى كۆرگۈدەك بولمىدىم. رۇنىينى 50 مىليون دىسە ئالدىغان ئادەم چىقمىغان ئوخشايدۇ.

malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 15:12:18

شەلىكلەرگە مەبلەغ سالغان ئارفاشىمنىڭ تەشۋىقاتمىكىن دەيمەن ،كاللىسى ئىشلىمەيدىغان ھورۇن ئەرەپلەر ئاز -پاز بولسىمۇ نېفىنتنىڭ مەڭگۈلۈك بايلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان ئوخشايدۇ،باشقا ساھالەرگە قول تېقىشتىن بۇرۇن پۇتبۇلنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئاز تولا داڭ چىقىراي دىگەن ئوخشايدۇ دەپ قالدىم ،بۇ يىلقى ئەلپازىدىن قالغاندا بۇلتۇرقىدەك ئۇنداق ئالارمەن ئەمەس ،ئىغىر بىسىق بولۇپ قاپتۇ،كوماندىدىكى ئەز قاتمايدىغانلىرىنى تازلاپراق تۇرۋاتىدۇ.

پارىژ ۋەلىئەھدىلىكىنىتالىشىۋاتقانبىرشاھزادىنىڭقولىدىكىكوماندا بۇ يىل ئۇلارمۇ شەلىكلەردەك چولپانلارنى تالان-تاراج قىلغىلى تۇردى.شۇنداق يۇقىرى مائاش بىلەن ھىچكىم بەمىگەن تەمىنات بىلەن ئەكەلدىمۇ دەيلى لىكىن ئۇلار كۆزلىگەن نىشانغا يىتەلمەي ،يىلدىن يىلغا زىيان تارتىپ ماڭسا ئۇ ئەرەپلەر كۆتە قاسقىنىڭنى دەپ تاشلاپ ماڭامىكى دەيمەن،ئەڭ تىپىك مىسالى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى مالاگا

مالاگانىڭ خوجايىنىمۇ مالاگانى ئۇنداق قىلمەن بۇنداق چېمپىيۇن قىلىمەن ،ئىسپانىيەدىكى ئۈچىنجى قۇتۇب قىلمەن دەپ مەبلەغنى توشاق سالغان،كىيىن بارسا بىلەن مادىردنىڭ دەردىدە خىيالى بىنتچىت بولدىمۇ كوماندىنى قەرىزگە بوغۇپ قويۇپ تاشلاپ ماڭدى،شۇنىڭ بىلەن مالاگا كۇزۇر توپچىلىرنى سىتۋەتتى.

چىلسىيغا كەلسەك ئابلا باي كۆزلىگەن نىشانغا يەتتى،شۇڭا بۇيىل قورىقماي يەنە مەبلەغ سالدى،ئۇ ئالدىراپ كوماندىدىن ۋاز كەچمەسلىكى مومكىن.

قىممەتتوپچى سىتۋىلىپ كۆزلىگەن نىشانغا يەتمىسىمۇ ئۆزى قىممەت يارىتىپ توپچىلىرنى باقالايدىغان مادىرىد دەك كوماندىدىن بىرسى يوق تېخى پۇتبول دۇنياسىدا


joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 17:01:47

بىزنىڭ مىرەخمەتجانغىمۇ 15 مىليون خەلق پۇلى باھا قوياۋاتىدۇ ھازىر جۇما!

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 18:51:10

5- قەۋەتتىكى joshuaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىزنىڭ مىرەخمەتجانغىمۇ 15 مىليون خەلق پۇلى باھا قوياۋاتىدۇ ھازىر جۇما!



15/7,8=1,9 m


تەخمىنەن 2 مىليون ياۋروما؟.....


بارسېلونا ئىبراھىم ئاففېلايغىمۇ 3 مىليون بەرگەن. خېلى كۆپ پۇلغۇ بۇ....

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 20:36:59

شۇ، لىپى دېگەن ئاقۋاش ئون مىليونغا بەرسەڭ ئەپ قوياي دېسە، شەندۇڭ 15 نى دەپ تۇرىۋېلىپ بەرمەپتۇ.

جۇڭگونىڭ بىرلەشمىسىدە گەرچە چەتئەللىك چولپانلارنى كۆپ پۇل خەجلەپ ئېلىش ئادەتتىكى ئىش بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگونىڭ يەرلىك پوتبولچىلىرىنى ئادەتتە بەك قىممەت ئالمايدۇ، مۇشۇ باھا ناھايىتى يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ.

مەنچە خېڭدادەك زەردار كۇلۇب بولمىسا مۇشۇ باھاغىمۇ چىقىش قىلمايدۇ تېخى!

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2012-8-31 06:02:45

شاھىن ئۈچۈن خوش بولدۇم، لېۋىرپۇل ئەمدى بىر ياخشىراق پۇرسەتلەرنى بەرسە، ئۆزىنى بىر ئىسپاتلىسا بولاتتى. تۈركلەرنىڭ باھاسى بەك ياخشى بۇ بالىغا. ئوقۇشتىمۇ بەك ياخشى ئىمىش، تولۇق ئوتتۇرا دىپلومىنى ئاپتۇ (پۇتبۇلچىلار ئۈچۈن كىچىك ئىش ئەمەس بۇ يەردە)، ھەم دىيىشىچە نىمىسچىنى شۇنداق ئۆلچەملىك سۆزلەيدىكەن(كوچا ئاھاڭىدا ئەمەس دىمەكچى)، تۈركچىنىمۇ ھەم شۇ. ئىسپانىيەگە بىرىپ ئۈچ ئايدىلا ئىسپانچە ئۈگىنىپ بولغاننىڭ گىپىنى قىلۋاتاتتى، راستمىدۇ بىلمىدىم. ئىشقىلىپ مۇخبىرلار زىيارەت قىلغاندىمۇ بەك ئوڭلۇق گەپ قىلىدۇ، تاكتېكا ئۈگىنىشكە بەك ئامراق ئىمىش...

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2012-8-31 11:07:31

8- قەۋەتتىكى oghuzkbنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شاھىن ئۈچۈن خوش بولدۇم، لېۋىرپۇل ئەمدى بىر ياخشىراق پۇرسەتلەرنى بەرسە، ئۆزىنى بىر ئىسپاتلىسا بولاتتى. تۈركلەرنىڭ باھاسى بەك ياخشى بۇ بالىغا. ئوقۇشتىمۇ بەك ياخشى ئىمىش، تولۇق ئوتتۇرا دىپلومىنى ئاپتۇ (پۇتبۇلچىلار ئۈچۈن كىچىك ئىش ئەمەس بۇ يەردە)، ھەم دىيىشىچە نىمىسچىنى شۇنداق ئۆلچەملىك سۆزلەيدىكەن(كوچا ئاھاڭىدا ئەمەس دىمەكچى)، تۈركچىنىمۇ ھەم شۇ. ئىسپانىيەگە بىرىپ ئۈچ ئايدىلا ئىسپانچە ئۈگىنىپ بولغاننىڭ گىپىنى قىلۋاتاتتى، راستمىدۇ بىلمىدىم. ئىشقىلىپ مۇخبىرلار زىيارەت قىلغاندىمۇ بەك ئوڭلۇق گەپ قىلىدۇ، تاكتېكا ئۈگىنىشكە بەك ئامراق ئىمىش...

دورتمۇند چىمپىيون بولىدىغان چاغدا، بۇ بالىنىڭ رولىمۇ بەك چوڭ بولغان. مورىنو ئۆزى تەلەپ قىلىپ ئەكەلگەنتى ئۇنى، لېكىن تەلەيسىز، يارىلانغان بولغاچقا تازا ئېچىلالمىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قېرىمۇ ئۇنى ئويناتقۇسى كەممىدى. تۈنۈگۈن لىۋىرپۇل مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا قارىسام، ئوبدانلا ئىنگىلىزچە سۆزلەۋاتىدۇ. ئىسپانچىنى رېئال مادرىدقا بېرىشتىن بۇرۇن ئۆگىنىپتىكەن. مورىنو بىلەن تېلېفوندا ئىسپانچە سۆزلىشىپتىكەن... ئىشقىلىپ مۇخبىرلار بىكار يۈرمەي موشۇنداق خەۋەرلەرنىمۇ تېپىپ چىقىدىغۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-8-31 22:52:51

بۇ يىل چېلسىنىڭ يىلى. ھېلى سائەت 12 دىن 45 دە چېلسى مادرىت رىقابەت بىلەن ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىسى ئوينايدۇ. خازاردنىڭ ئىپادىسى بەك ياخشى بولىۋاتىدۇ. توررېسمۇ ئېچىلىپ كەتتى. چېلسى بۈگۈنكى غەلبىنى چۇقۇم قولغا كەلتۈرەمىكىن. \"\"

ئارسىنال يەتتە يىلنىڭ ياقى تېخى لوڭقا كۆتۈرۈپ باقمىدى. بىچارە ئارسىنال مەستانىلېرى ۋان پېرسىنى تىللاشنى باشلاپتۇ دە. ئامال قانچە ئاشىلى كولنى تىللاپ ھارمىدى، فابرىگاسنى تىللاپ ھارمىدى، ناسىرىمۇ قۇتۇلالمىدى. كەتكەنلەردىن بىر ھېنرى قارغىشقا ئۇچرىماي ئىززىتى بىلەن كىتىۋالدى...ۋالكوت چېلسىغا كەلسە بولاتتى ئەسلى.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-1 03:07:47

غەيۋەتخورلار

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-9-1 03:13:52

چېلسى فالكاۋنى ئالمىغانغا تويىدىغان بولدى...چىشىم چىقىپ چېلسىنىڭ بۈگۈنكىدەك ناااچااار ئوينىغىنىنى كۆرمەپتىمەن.\"\"

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2012-9-2 18:11:15

تېخى ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى تەرىپىدىن \"2012 - يىلىنىڭ ئەڭ نوچى پۇتبولچىسى\" مۇكاپاتىنى تاپشۇرىۋالغان ئاندرىس ئىنىئىستانىڭ غەيۋىتى


\"\"



يىلدا ئاز دېگەندە 10 مىليون ياۋرو تاپىدىغان، لېكىن دۇنيا مېدياسىدا ھېچ غەيۋەت خەۋەرلىرىنى كۆرگىلى بولمايدىغان ئىنىستانىڭ داڭلىق ماركىلىق ماشىنىسى بىلەن چۈشكەن رەسىملىرىنى كۆرگىلى بولمايتتى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ توكيودا مېترودىكى رەسىمى تورغا چىقىپتۇ.


ئەزەلدىن كەمتەر، كىچىك پىئىل كۆرۈنىدىغان، تېلېۋىزوردىمۇ تۈزۈك تاقا-تۇقا خەۋەرلىرى چىقمايدىغان بۇ چولپاننىڭ بۇ رەسىمىنى كۆرۈپ ئەمەس، باشقا ئىشلىرى تېخىمۇ ھۆرمىتىمنى قوزغىدى مېنىڭ.


2012 ياۋورپا لوڭقىسى چىمپيونى بولغان ئىسپانىيە پۇتبولچىلىرىغا 500 مىڭ ياۋرودىن مۇكاپات تارقىتىلاتتى. ئىنىستا بولسا، بۇ پۇلنى ئىسپانىيەنىڭ ۋالىنسىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان كىشىلەرگە بېرىلىشىنى، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاز تولا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.


2012 ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان ئىنىستا پولشاغا بىر سومكا كىتاپ بىلەن كېلىدۇ. سومكىدىكى كىتابلارنىڭ ئىچىدە بولسا لېۋ تولستوي، پابلو نېرودا ۋە گارسىيا لوركانىڭ كىتابلىرى بار ئىدى. بۇنى تاساددىپى بايقاپ قالغان مۇخبىر ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنى سورىغاندا ئىنىستا: \"بۇ ھېچگەپ ئەمەس، پۇيول كېلەلمەي قالدى (يارىلانغانلىقى ئۈچۈن مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان)، ئۇ بولغان بولسا، بۇ يەرگە بىر كۈتۈپخانا كۆچۈرۈپ كېلەتتى.\" دېگەن.


\"\"



ھەقىقى چولپان.

بەت: [1]
: پۇتبول بازىرى توغرىلىق غەيۋەتلەر