مادىرىد vs بارىسلونا (ئەسىر جىڭى)
بۈگۈن ئاخشام كىچە سائەت 2:30 ئىسپانىيە دەرجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ ئىككىنجى قىتىملىق جىڭى مادىرىد بىلەن بارىسلونا ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرلىدۇ ،بىرنجى قىتىملىق ئۇچۇرشىسدا مادىرىد مىھمان مەيداندا 3:2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويغان،مادىرىد بۇ لوڭقىنى ئالىمەن دەيدىكەن ئۆز مەيدانىدا چوقۇم بارسلونانى يىڭىشى كىرەك.
مادىرىد بارىسلونانى يىڭىەلمەي جىلە بولغانسىرى بۇ ئەسىر جىڭىمۇ يىلدىن يىلغا كۆپەيگىلى تۇردى،يا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە بۇ ئىككىسىگە رەقىپ بولغىدەك كوماندا چىقمىدى.
كەچتە مۇسابىقە كۆرىدىغان شەپەرەڭلەر بارمۇ ؟ ياۋورپا لوڭقىسىدىن كىيىن بىر تېمىغا يىغلىپ مۇسابىقە كۆرگەچ پاراڭلىشىپمۇ باقماپتىمىز،ئىزدىنىشنىڭ تەنتەربىيە سەھپىسى جىمىپ قالمىسۇن،كۆز قارىشىڭلارنى تېما ئاستىغا تۆككەچ تۇراسىلەر
مادرىت نۇكاپمۇدا ،بارېسلونانى ئۇتالمايدۇ.ئۆز مەيندانىدا ئۇتتۇرۋەتتى گۇاردىيولا يوق ، بارسىلوناغا ئانچە چوڭ ئىشەنچىم يوق. مەن كۆرمەن،،بۇ قېتېم مادىرىد مۇدرىچنى سېتۋالدى ،ئەھۋال قاندا بۇلاكىن تاڭ،،،لېكن بارسلونا ئەڭ نوچسى... كۆرىدىغان مۇسابىقە چىقتى مانا.باسانىڭ لوڭقا كۆتۈرۈش ئېھتىمالى يوقىرى.خان جەمەتى مادرىت ياخشى ئوينىسا بولاتتى. تۇنجى ئۇچىرشىشتا 3-1 بولغاندا ۋاي بۇ گۇيلار لوڭقىدىن يەنە قۇرۇق قالدى دەپ ئولتاسام،ئاخىرسىدا ۋالدىزنىڭ سوغىسى بىلەن مېھمان مەيداندا 2 توپ ئۇرۇپ ئازىراق بولسىمۇ ئۈمىد تۇغۇلدى،ھەم كىينكى قىتىملىق ئۇچۇرشىشقا كەسكىنلىك ۋە جىدىچىلىك ئىلىپ كەلدى.بۇ قېتىملىق مۇسابىقىىنى مۇنۇ يەردىن كۆرۈڭلار ،ئىنىقلىقى بەك يۇقىرى ،چەتئەل تىلدا چۈشەندۇرىدۇ لىكىن،دۆلەت ئىچىدە بىۋاستە قويىدىغان قاناللار يوق
http://rmfans.cn/news/2012-08-28/12925.html
نەقىل :«بۈگۈن ئاخشام كىچە سائەت 2:30»مۇشۇ گەپ ئۈچۈن بىر دانە«ناچار» باھاسى بېرىۋەتتىم سىزگە.
ئەتە سەھەردىكى دېربىدايەنىلا بارسىلونا ئۇتىدىغان چىراي ، مادرىد مەستانىسى بولۇش مەيدانىم بىلەن مادرىدلىقلارنىڭ «بارسىلونادىن قورقۇش كېسلى» نى يېڭىپ ،ياخشى ئىپادىسى بىلەن ئۆزمەيدانىدا غەلىبە قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆتكەندە بۇ يىلقى مۇسابىقە پەسىلىدە مادرىدنىڭ قايتا بىرلەشمە چېمپيون بولىشىنىڭ 5 سەۋەبى دەپ بىر ماقالە ئوقۇغان
سەۋەپلەرنىڭ بىرسى مەشقاۋۇلكەن. ۋىلانوۋا مەيلى قانداق بولسۇن گۋاردىئولا ئەمەس دەپتۇ. قارىسام 2 ئايلانمىدىلا مۇسابىقىدە ئارقىدا قالغان ئەھۋال ئاستىدا،قىزىل كارتىدىن بىرنى يەپ تاماشىبىنلار ئارىسىغا پالىۋېتىلدى. پىسخىك ساپاسى گۋاردىئولاغا يەتمەيدىكەن ھەقىقەتەن، بۈگۈنكى مۇسابىقىدە بىرنېمە دېمەك تەس....... دۇنيا پۇتپولچىلىكى مۇشۇ ئىككى كوماندىغا قاراپ قۇتۇپلىشىۋاتىدۇ،ھەر ھالدا چىلىسى بىلەن شەھەرلىكىلەرمۇ بوش كەلمەيۋاتدۇ،قالغان كوماندىلار چولپاننى يىتىشتۇرۇپ ساتىدىغانغا ئاران تۇردۇ، بۈگۈن ئۇخلىماي كۆرەپ باقاي دىگەن، لېكىن يەنىلا ئۇخلىمىسام بولمىغىدەك مەن مۇشۇ ئۇيغۇر چىقمىسا مۇسابىقە كۆرمەيدىغان سەت خۇيۇمنى ئۆزگەرتسەم بۇلىتى


ئەڭ ياخشىسى سىلەرنىڭ ھەقسىز خەۋىرىڭلاردىن بىلەي.
14- قەۋەتتىكى Bughra1902نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مادرىد ئىككىدە بىر ئالدىدا يېرىم مەيدان تۈگىدى.بەك كۆپ پۇرسەت كەتكۈزىۋەتتىدە .......
ئاخشام مۇسابىقىنى كۆرەلمىدىم،يېرىم مەيداندا مادرىد ئىككىدە بىر ئالدىدا تۇرغان بولسا،مادرىت ئۇتىۋاپتىمۇ نىمە؟ ئاخىرى قانداق بولدى؟ ئاخىرىغىچە مۇشۇ نەتىجە ساقلىنىپ قالدى، ئومۇمىي نەتىجە 4-4 بولدى، مادرىد مېھمان مەيداندىكى ئۇرغان توپ سانىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن غەلىبە قىلدى.
ئاخشام مادرىد پۈتۈنلەي ئۈستۈنلۈكتە ئوينىدى، بارسانىڭ بىر ئادىمى چۈشۈپ كېتىشتىن بۇرۇنمۇ شۇنداق.ئەگەر پۇرسەت تۇتالىغان بولسا چوڭ پەرقلىق نەتىجە كېلىپ چىقاتتى. بەك كۆپ پۇرسەت كەتكۈزىۋەتتى، ھىگۇائىننىڭ ئۆزىلا بىرگە بىر دېگۈدەك قالغان توپتىن تۆت توپ كەتكۈزىۋەتتى... رېئال مادرىد تۈنۈگۈنكىدەك ئوينىسا، بۇ قېتىم يەنە بارسېلونانى يېڭىپ، يەنە بىر قېتىم چىمپيون بولالىغۇدەك تۇرىدۇ. گەرچە رېئال مادرىد بىرلەشمە مۇسابىقىنى ياخشى باشلىيالمىدى، بىر تەڭلىشىپ، بىر ئۇتتۇرىۋەتتى. گۇئاردىيولا كېتىپ، يېڭى تېرنىر بىرىنچى لوڭقىنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، بۇ پەسىللىك مۇسابىقىنى باشلىدى. ئەگەر بۇ پەسىلدە بارسېلونا ياخشى نەتىجە ئالالمىسا، «بارسېلونانىڭ نەتىجىسى توپچىلىرى ۋە سېستىمىسا ياخشى بولغاچقا، موشۇ نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، گۇئاردىيولانىڭ رولى چوڭ ئەمەس» دېگۈچىلەر بىلەن قايتا مۇنازىرە قىلىشقا توغرا كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ.
بەت:
[1]
2