بادام ئۈزۈش بايرىمىدىن كۆرۈنۈشلەر (Nijat)
8-ئاينىڭ 25-كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ يەكەن 2-نۆۋەتلىك بادام ئۈزۈش بايرىمى يەكەن ناھىيەسىنىڭ مىشا يېزىىسدا داغدۇغىلىق باشلاندى. بۇيىلقى بادام ئۈزۈش بايرىمىنىڭ تېمىسى بولسا "دۇنيادىكى ئېسل مەھسۇلات مېۋىلەرنىڭ سەردارى" .
يەكەن ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن ئېسىل باداملار بۇ بايرامغا قاتناشتۇرۇلدى، ھەمدە مۇتەخەسسلەرنىڭ باھالاپ چىقىشى ئارقىلق ، ئېسىل سورتلۇق بادام يېتىشتۈرگەن ، يېزا، شەخس، شىركەتلەر مۇكاپاتلاندى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە، ئېىسىل سورتلۇق باداملارنى "كىم ئارتۇق" قىلىپ سېتىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلۈپ ،ئەڭ قىممىتى بىر كىلوگىرامى 50 مىڭ يۈەن باھادا سېتىلدى.
بادام ئۈزۈش بايرىمى يەكەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئادەتتە ھەر يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرلىدا بادام پىشقان چاغلاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ ، دېھقانلار ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش مەدەنىيەت تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئارقىلق ئۆزلىرىنىڭ بادام ھوسۇلىغا بولغان تەبرىكلەش ھېسىياتى ۋە ئەمگەككە بولغان قىزغىنلىقى ، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشلىرىنى ئىپادىلىشىدۇ.
يەكەن ناھىيەلىك پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ھەر يىل 50 مىىليۇن يۈەندىن ئارتۇق مەبلەخ ئاجرىتىپ ، بادام كۆلىمىنى ئاشۇرۇش، سورتىنى ياخشىلاش ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، ماركا يارىتىش قاتارلىق تۈرلەرگە سەرپ قىلماقتا. بادام بولسا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق مېۋىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
تۆۋەندە مەن بۇ پائالىيەت جەريانىدا تارتىۋالغان بىر قىسىم سۈرەتلەرنى تورداشلارغا سۇندۇم:
بادام ئۈزۈش بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى
ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى سەنئەت پائالىيتى
ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى سەنئەت پائالىيتى
ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى سەنئەت پائالىيتى
ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى سەنئەت پائالىيتى
ئېچلىش مۇراسىمىغا قاتناشقا رەھبەرلەر بادام قاقماقتا
"كىم ئارتۇق" سودىسدا بۇ بادامنىڭ بىر كىلوگىرامى 50 مىڭ يۈەنگە سېتىلدى
سەنئەت پائالىيتى "بادام ئۇسۇلى"
سەنئەت پائالىيتىدىن كۆرۈنۈش
بايرام كۈلكىلىرى
بايرامغا قاتناشتۇرۇلغان سەر خىل بادام
بايرامغا قاتناشتۇرۇلغان بادام
مۇتەخەسسلەر بادام سورتلىرىنى باھالىماقتا
"يەكەن بادىمىنى تېتىپ كۆرۈڭ"
ھەجەپ يوغانغان كاۋىكەن (ئاقسۇدىمۇ بارمىدۇ؟)
يەكەن چاھارباغ قوغۇنى
قوغۇنچى بوۋاي
قوغۇندىن مول ھوسۇل
سەبدە گۈل
يەكەن ئودانلىق دېھقانلىرى سەبدە گۈللەرنى تەرمەكتە
قىنى ھىلقى دوپپا بايرىمىغا بىر نەرسە دەۋاتقانلار مانىڭغا بىر زەھىرىڭلارنى چاچمامسىلەر.... قىلمايدىغان بايرىمى يوقكىنا توۋە باشقا نەرسىنىغۇ خەق ياسىدى، خەقنىڭ يۇرتىدا چىقتى دەيلى، بادام يۇرتى دەپ ماختىندىغان يەكەندىن چىققان بادامغىمۇ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويالمىدىڭلارما؟ئاۋۇ بادامنىڭ بىر كىلوگىرامىنى 50مىڭ يۈەنگە سېتىۋېلىش پارا بېرىشنىڭ ئۆزگەرگەن شەكىلىمۇ قانداق؟ جەنۇبتا نېمە تولا بايرام ... بادام ئۈزۈش بايرىمى يەكەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئادەتتە ھەر يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرلىدا بادام پىشقان چاغلاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ ، دېھقانلار ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش مەدەنىيەت تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئارقىلق ئۆزلىرىنىڭ بادام ھوسۇلىغا بولغان تەبرىكلەش ھېسىياتى ۋە ئەمگەككە بولغان قىزغىنلىقى ، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشلىرىنى ئىپادىلىشىدۇ.
..............................
بۇ بايرام قاچاندىن بېرى ئەنئەنىۋى پائالىيەتكە ئايلانغان ؟؟؟ تېما ئىگىسى بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن تۇرمۇشمىز پاراۋان، ئويناپ تۇرىمىز ھېيىت-بايرام! بىزدە مېۋە-چىۋە بايرىمى يىلدىن يىلغا كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ دېسە. بۇنىڭ نېمىگە ئەھمىيىتى باركىن؟ ئۇلار كۆپەيگۈچە باشقىچىراق بايراملار بولسىچۇ؟ نىمدا جىق كاۋا ئاۋۇ بانان بايرىمى قاچان بولىدىكەن ؟
10- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بانان بايرىمى قاچان بولىدىكەن ؟
ئىنكاس يېزىش بايرىمىچۇ؟
11- قەۋەتتىكى baytekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
10- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بانان بايرىمى قاچان بولىدىكەن ؟
ئىنكاس يېزىش بايرىمىچۇ؟
ئاپتاپ چىققان پەيشەنبىسى . يەكەندە چوڭ بولغانغا 18 يل بوپتۇ تۇنجى ئاڭلىشىم مۇنداق بايرامنى................ بىزنىڭ يۇرتتا يەكشەنبە كۈنى ئۈزۈم بايرىمى ئۆتكۈزدۇق. ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بۇ ئارقىلىق ناھىيە ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە، ناھىيېلىك پارتىكوم، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ يىتەكلىشى بىلەن، ھەر يىلدا بىر قىتىم، بادام ئۈزۈش بايرىمى، مۇقام بايرىمى قاتارلىق بايراملار يولغا قويۇلدى.
ئاۋۇ بادام قىقىۋاتقان باشلىقنىڭ قوسىقىغا قاراڭلار... ئاۋۇ تاياق خاسىيەتلىك تاياق ئوخشىمامدا؟سۇنۋۇكۇڭ،ئادەم گىياھ مىۋىسىنى قاقىدىغان.
15- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بۇ ئارقىلىق ناھىيە ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە، ناھىيېلىك پارتىكوم، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ يىتەكلىشى بىلەن، ھەر يىلدا بىر قىتىم، بادام ئۈزۈش بايرىمى، مۇقام بايرىمى قاتارلىق بايراملار يولغا قويۇلدى.
ئەمىسە تېما ئىگىسى بۇ سۇنئىي بايرامغا نىمە دەپ \"ئەنئەنىۋى\" دىگەن قالپاقنى كىيدۈرىدۇ ؟؟؟ ھۆكۈمەت تەرەپ ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا ئاشۇنداق دېگەن ئىدى. مېنىڭ ئۇنداق قالپاقلارنى كىيدۈرگۈدەك ئىمتىيازىم يوق، بۇ پائالىيەتنى ھۆكۈمەت تەرەپ ئۆتكەن يىلىدىن تارتىپ بايرام شەكلىدە تەسىس قىپتۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن قايسى شەكىلدە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى يەركەندىكى تورداشلار بىر نىمە دەپ باقسۇن.
18- قەۋەتتىكى Nijatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھۆكۈمەت تەرەپ ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا ئاشۇنداق دېگەن ئىدى. مېنىڭ ئۇنداق قالپاقلارنى كىيدۈرگۈدەك ئىمتىيازىم يوق، بۇ پائالىيەتنى ھۆكۈمەت تەرەپ ئۆتكەن يىلىدىن تارتىپ بايرام شەكلىدە تەسىس قىپتۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن قايسى شەكىلدە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى يەركەندىكى تورداشلار بىر نىمە دەپ باقسۇن.
بۇندىن بۇرۇن بۇنداق بايرام يوق ئىدى.......مەن كىچىك چاغلىرىمدىمۇ يەكەننىڭ باداملىرىنىڭ ھازىرقىدەك داڭقى يوق ئىدى. ...... بۇ مەنچە بىر تەشۋىقات پالىيتى ياكى بىرقىتىملىق سودىگەر چاقىرىش پالىيتى بولسا كىىرەك.........