GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-8-28 13:05:41

Java ھەققىدە

   


    كۆپلىگەن تورداشلار Java ئۆگەنمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ QQ, Email ۋە مۇنبەر يۈزى ئارقىلىق مەندىن مەسلىھەت سوراپ، نەدىن باشلاش كېرەكلىكى، قانداق ئۆگىنىش كېرەكلكى توغرىسىدا مەندىن مەسىھەت سورىغان بولدى، بەزىلىرىگە تەپسىلى چۈشەنچە بەردىم، بەزىلىرىگە ۋاقىت قىس بولىشى تۈپەيلى سورىغىنىغا يارىغا جاۋابىنى بەرگەن بولدۇم.  ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە Java ھەققىدىكى تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان ماتېرىيال مەنبەسى يوقتەك قىلىدۇ، شۇ ۋەجىدىن يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە كىرىش پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قالسۇن ئۈچۈن بۇ يازمىنى تەييارلاپ قويۇشنى توغرا تاپتىم.


    Java نىڭ كېلىپ چىقىشى، تەرەققىيات جەريانى دېگەندەك بىر تالاي قۇرۇق گەپلەرنى قىلماي، بۇ ھەقتىكى ماتېرىياللارنى Java توغىرسىدىكى ھەر قانداق كىتاب ياكى تور بەتلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ.


    Java بىر قەدەر كەڭ دائىرىلىك ئۇقۇم بولۇپ، نۆۋەتتە ئەقىللىق تېلېفون، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى، تور بەت پروگراممىسى قاتارلىق ساھەلەردە ناھايتىمۇ قارشى ئېلىشقا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۆگەنگۈچىلەرمۇ ئۆزىنىڭ نىشانىغا قاراپ تۇرۇپ، يۆنىلىشنى توغرا تاللىمىغاندا بىر تالاي ۋاقىت ئىسىراپچىلىقىغا ئۇچىرىغاندىن سىرىت، دەسلىپىدىلا قايمۇقۇپ ئاسانلا زېرىكىپ قالىدىغان گەپ.


    نەق گەپنى باشلاشتىن بۇرۇن ئازراق گەپ قىستۇراي. بىر پروگراممىر بولۇپ چىقىشقا مۇئەييەن ۋاقىت كېتىدۇ، مەلۇم كىتابنى تولۇق ئۆگىنىپ بولۇش، ياكى مەلۇم مەكتەپتە بىر قارار ئوقۇش بىلەن يىتىشكەن بىر پروگراممىر بولغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن يۈكسەك دەرىجىدىكى قىزىقىش بىلەن بېسىپ ئولتۇرالايدىغان پولاتتەك ئىرادە بولىشى كېرەك، مۇشۇلار ئاساسىدا توختىماي تەجىرىبە توپلايدىغان گەپ. يىتىشكەن پروگراممىرلارنىڭ مەسىلىلەرنى تىز سۈرەتتە ھەل قىلالىشىنىڭ سەۋەبى قانداقتۇر ئۇلارنىڭ ئاساسى بىلىمىنىڭ سىزدىن يۇقىرلىقىدىن ئەمەس، سىزدىن بۇرۇن نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ، شۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەريانىدا سىزدە بولمىغان تەجىربىلەرنى توپلىغانلىقىدىندۇر. شۇڭا زېرىكمەي ئۆگىنىۋېرىڭ، ئۆگىنىپلا قويماي ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىڭ، ئازراق ئاساسقا ئېگە بولغاندىن كېين، شارائىت يار بەرسە مەلۇم ئورۇنغا كىرىپ ئەمەلى خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىڭ، ئەمەلىيەت جەريانىدىكى ئۆگىنىشنىڭ سۈرىتى تېز ۋە بەك ئۈنۈملۈك بولىدۇ، مۇشۇنداق تىرىشىۋەرسىڭىز قاچانلاردا ئۆزىڭىزنىڭ بىر پروگراممىر بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالىسىز.


    ئەسلىدە بىۋاستە Java توغىرلىق توختىلىشىم كېرەكتى، ئەمدى باشلىغانلارنىڭ يول تاللىشىغا پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن گەپنى سەل باشتىن باشلاپ، نۆۋەتتىكى پروگرامما تىللىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي، لېكىن ئاساسى مەقسەد يەنىلا Java ھەققىدە بولىدۇ.

malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-8-28 13:30:13

قوللىرىغا دەرت كەلمىگەي

ئاخىرغا تەشنامىز

matu يوللانغان ۋاقتى 2012-8-28 14:02:30

بۇ تېما بىزە قوساق سالغاندا كۆرەي.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-8-31 19:51:55

تېمىنىڭ داۋامى بار، سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم، لېكىن چوقۇم يېزىلىدۇ.

ئەزىزكا، بۇ تېما جاۋا ھەققىدىكى دەرسلىك بولمايدۇ، ئۆگەنمەكچى بولغانلار يۆنىلىش تاللىيالماي قايمۇقۇپ ئارتۇق يول بېسىۋالمىسۇن دەپ، جاۋا ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دائىرىلەر ھەققىدە تونۇشتۇرۇشنى ئويلىغان.

بىز كۆپىنچە جاۋانى تەس دەپ يۇرۇپ بەك سىرلىقلاشتىرىۋېلىپ بارىمىزمىكىن دەيمەن، پروگراممىدا كاللىسى نۆل بولغان ئادەمگە جاۋا تەس تۇيۇلىدىغىنى ئېىنىق، لېكىن ئوبدانراق C تىلى ئاساسى بار كىشى تېرىشسا كىرىشىپ كېتەلەيدۇ دەپ قارايمەن.

يەنە بىر جەھەتتىن مەن ئۆزۈمنى دەسلەپكى سەۋىيىدە دەپ قارايمەن، كام قالغان جايلىرىنى ئۇستازلارنىڭ تولۇقلاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

arqin يوللانغان ۋاقتى 2012-8-28 14:22:41

java ئۈگۈنۈپ تېلفۇنلارغا ئاندۇ مۇندۇ پىروگرامما يېزىپ قوياي ئەمىسە !   {:134:}

talmas يوللانغان ۋاقتى 2012-8-28 20:06:45

java  تۇغۇرلۇق  ھىچ نىمىنى بىلمەيدىكەنمەن.ئۈتكەندە چەتئەلنىڭ بىر ماتىريال ساقلاش بۇشلىقىدىن تام ئۆرۈپ(خەنزۇچە 翻墙دەيدىگەن)ماتىريال چۈشۈرگەن،  تام ئۆرۈش يۇمشاق دىتالىغا،مۇشۇ java نى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدىكەن.قاچىلەپ قۇيساملا تام ئۆرۈش قۇرالى ھەركەتكە كەلدى.چۈشۈردىغاننى چۈشۈرۋېلىپلا چىقىرۋەتتىم،javaدىگەن مەلۇم بىرخىل يۇمشاق دىتالللارنىڭ ئۇمۇمى ئاتىلىشىمۇ؟ياكى مەلۇم بىرخىل يۇمشاق دىتالمۇ؟نىمە ئىش قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-8-28 20:47:43

داۋامىنى كەچتە يازماقتىچىم، بەكلا چارچاپ كەتتىم، بۈگۈن بالدۇرراق ئارام ئېلىپ ئەتە ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ يازاي.

@talmas داۋامىدا سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاب چىقىدۇ.

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-8-28 21:05:30

بىر چاغلاردا ئۇيغۇرچە نەشىردىن چىققان جاۋا تىلدىن ئاساس دېگەن كىتاپقا زور دەرىجىدە قىزىقىپ خوشاللىق بلەن سېتىۋالدىم.دەسلەپتكى ئىككى بابنى ناھايتى قىزىقىش بلەن ئوقۇدۇم. كىين جاۋانىڭ ئىجرا بولۇش مۇھىتنى ھازىرلايدىغان يەرنى پەقەت چۈشىنەلمەي تاشلاپ قويغان. ئەمدى تېمىڭىزغا دېققەت قىلسام بولغۇدەك...

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-28 22:55:40

ئېدېېېېېېېش،نان تىگىتقان گەپتىن جىق جىق سۆزلەپ بىرىڭلا ماقما.مەنما بىي ئۈگىنىپ قاي دىگەن بۇ بىلمىنى.  {:92:}

forever يوللانغان ۋاقتى 2012-8-29 10:12:42

شۇنداق قىلىپ پىروگراممىر بوپ كەتتۇق دە!

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-8-29 11:40:51

پروگرامما تىلىنى ئۆگىنىش ساز ئۆگەنگەنگە ئوخشايدۇ. بىرەر موزىكىنى ياخشى ئۆگىنىپ، قالغان موزىكىلارنى ئاسان ئۆگىنىۋالغىنى بولىدۇ. چۈنكى موزىكا سېزىمى ئويغۇنىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر پروگرامما تىلى ئۆگىنىۋالسا قالغان تىللارنى ئاسان ئۆگەنگىلى بولىشى مۇمكىن. چۈنكى ھىسابلاش لوگىكىسىنى پىششىق ئۆگىۋالسالسىلا مەيلى س بولسۇن، مەيلى س پلۇس پلۇس بولسۇن، مەيلى جاۋا بولسۇن،... ئۆگەنمەك ئاسان. شۇڭا ھىسابلاش لوگىكىسى پروگرامما تىلىنىڭ جېنى دىسەك بولىدۇ. خۇددى ئوخشاش ئويلاپ، ئوخشىمىغان تىلدا ئىپادىلىگەندەك ئىش.



شۇڭا تىلنىڭ گىرامماتېكىسىنى قانداق يېزىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ 算法 سىنى قانداق تۈزۈش، دەسلەپكى ئورگىنال تىل قۇرۇلمىسىنى قانداق پىلانلاش ھەقىقىدىمۇ ئۆز سەزگۈلىرىڭىزنى قېتىپ يازسىڭىز، ياخشى بىر دەرسلىك بولۇپ قالسۇن. سىزدەك كۆپ پروگرامما تۈزگەن ئادەمدە مەنچە (موزىكا سېزىمىگە ئوخشاش) لوگىكا سىزىمى ھەمدە بۇ ھەقتە ئۆز خاسلىقىڭىز شەكىللىنىپ بولدى.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-8-29 13:14:10

بىلىكنىڭ ئىنكاسىغا ماسلاشتۇرۇپ ئازراق قوشۇپ قوياي.

ئەسلى مەن بۇ تېمىنى Java ئۆگەنمەكچى بولغانلارغا يۆنىلىشنى توغرا كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن تەييارلىماقچى بولغان، چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا ماڭا دەپ بېرىدىغان ئادەم يوق، جىق قايمۇقۇپ كەتكەن.

بىلىك بەك توغرا سېلىشتۇرۇپتۇ، پروگرامما تىللىرى ئارىسىدىمۇ ئۆگىنىپ مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە مۇزىكا سېزىمىغا ئوخشاش بىر ئوخشاشلىقنى ھېس قىلىمىز، بۇنداق ئوخشاشلىق بولۇشنىڭ سەۋەۋبى پروگرامما تىللىرىنىڭ ھەممىسى ئىككىلىك لوگىكىغا بويسۇنىدۇ، يەنى توغرا ياكى خاتا، توغرا بولسا مانداق ماڭىمىز، خاتا بولسا مانداق ماڭىمىز دېگەندەك، پروگرامما تىللىرى ئارىسىدىكى گرامماتىكىلىق پەرق نەق مۇشۇ توغرا خاتانى ئىپادىلەشتىن كېلىپ چىققان. بىزنىڭ كاللىمىزدا ئىگەللەنگەن، توغرا خاتا يولى ئارقىلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسى بارلىق پروگرامما تىللىرىغا ئورتاق بولۇپ، شۇ پروگرامما تىللىرىنىڭ گرامماتىكىلىق بىر تەرەپ قىلىش ئۇسلۇبى بويىچە ئىپادىلىسەكلا بولىدۇ. بۇنى خەنزۇچىدا 算法 دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرچىدىكى بىر قانچە ماتېرىيالغا قارىسام ئېنگىلىزتىلىدىن بىۋاستە قوبۇل قىلىپ ئالگورىزىم دەپ ئاتىغاندەك قىلىدۇ.

دېمەك بىزنىڭ كاللىمىزدا كۆپلىگەن ئالگورىزىملار شەكىللىنىپ بولغان ۋاقىتتا، ئۆزىمىزگە لازىم بولغان پروگرامما تىلىنىڭ گرامماتىكىسى ھەققىدە ئازراق تونۇشقا ئېگە بولساق شۇ تىلنىڭ پروگراممىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقالايمىش، ئەلۋەتتە بۇ ۋاقىت بىزنىڭ توردىن ناھايتىمۇ قولايلىق ھالەتتە پايدىلىنالايدىغان ۋاقتىمىز بولۇپ بولغان بولىدۇ.

مەن سەل ئاممىباب يازماقچى بولغان، شۇڭا ئالگورىزىم پىلانلاش، پروگرامماتىكا گىرامماتىكىسى... قاتارلىق سۇبىكىتىپ مەسىلىلەردە جىق توختىلىپ كەتمەيمەن، ئۆگىنىپ شۇ باسقۇچقا بولغاندا بۇنى ھەممىمىز تەبئى ھېس قىلىدىكەنمىز.



يازمامنىڭ داۋامىنى چۈشتە ئازراق تەييارلىغان، ھېلىغىچە يوللايمەن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-8-29 14:34:25

داۋامى

بۇ تۇغرىسىدا بۇرۇن بىر تېمىغا يازغان ئىنكاسىم باركەن، شۇنىلا چاپلاپ قۇتىلايچۇ.

======================================================

تور بېكەت تىللىرىدىن ASP(ئەمەلىيەتتە بۇ بىر تىل ئەمەس، بىر مۇھىت. تەپسىلاتىنى توردىن ئىزدەڭ، لېكىن مۇشۇ مۇھىتنى VbScript قا ماسلاشتۇرۇپ ھەرىكەتچان تور بەت ھاسىل قىلغىلى بولىدىغان بولغاچقا بۇ يەردە سانالدى)، PHP,JSP,ASP.Net قاتارلىقلار بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر پروگراممىرلار ساۋادىنى ASP ئارقىلىق چىقىرىپ، ئاندىن پەيدىنپەي ئىلگىرلىگەن بولسا كېرەك. چۈنكى ASP ئۆگىنىش ئاسان، تېزلا ئۈنىمىنى كۆرەگىلى بولىدىغان تىل بولۇپ، ھالبۇكى مىكروسوفتنىڭ ASP.net نى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىشى بىلەن بارا-بارا ئىشلىتىلىشتىن قالماقتا، شۇنداقتىمۇ ئەينى ۋاقىتلاردىكى تەسىرى بىلەن، كۆپ قىسىم تور بېكەتلەر يەنىلا ASP دا يېزىلىۋاتىدۇ، كىچىكرەك تور بېكەتلەرنى مەنمۇ ASP دا يېزىپ بېرىمەن.

ئارتۇقچىلىق كەمچىللىكلىرىنى توردىن ئىزدىگەيسىز.

ئاندىن ASP.Net قا كەلسەك، مىكروسوفىت ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن پروگرامما تىلى بولۇپ، مىكروسوفىتتىن ئىبارەت غايەت زور ئارقا تېرەكنىڭ قوللىشى بىلەن، ئىشلەتكۈچىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولماقتا ھەم ئۆزلۈكسىز ئاشماقتا. بۇنى ئۆگىنىۋالسىڭىزمۇ جۇڭگونى بۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بازىرى دەپ قارىساق بولىدۇ. ASP.net توغىرلىق تېخىمۇ جىق گەپلەرنى دىيىشىمىز مۇمكىن، گەپنىڭ قىسقىسى ئۆگەنسىڭىز زىيان چىقمايدۇ.



PHP بۇ مۇستەقىل بىر پروگرامما تىلى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ASPدىن كېيىنكى ئىككىنچى قىزغىنلىق دەپ قاراشقا بولىدۇ، ھازىر PHP ئۆگەنگەنلەر ASP بىلىدىغانلارنى ياراتمايدىغاندەك بىر كەيپىياتنىڭ شەكىللەنگىنىگە قارىغاندا، بۇ تىلنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ تىلغا زور ئىشەنچ باغلىسا كېرەك، شۇنىڭدەك بۇ تىلنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق خېلى ياڭزىلىرى بار. جۇڭگودىكى خېلى تەسىر كۈچى بار چوڭ شىركەتلەرنىڭمۇ PHP پروگراممىرى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىدىن قارىغاندا بۇ تىلنىڭمۇ تەسىرى بوش چاغلىغىلى بولمىغىدەك. مەن بۇ ئۆمرىمگە كېلىپ ھازىرغىچە بىر كۈنمۇ PHP ئۆگىنىپ باقمىغان بولغاچقىمىكىن، بۇ تىل ھەققىدە جىق ئىزدىنىپ باقماپتىكەنمەن، لېكىن بۇمۇ نۆۋەتتىكى ئاساسى يۆنىلىشلەرنىڭ بىرى.

JSP كۆپىنچە كىشىلەر بۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسا بېشى ئاغرىيدۇ، لېكىن ئۇنچىلىك قورقۇنچىلىقمۇ ئەمەس، ئۆگىنىۋالسىڭىز بۇنىڭدا پروگرامما يازغاندا ئادەمدە بۆلەكچە بىر خىل مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى بولىدۇ، بەك كۈچلۈك بىرىنى بوي سۇندۇرىۋالغاندەك. لېكىن رايونىمىزدا JSP دا يېزىلغان تور بېكەتلەر يوق دىيەرلىك، دېمەك بۇنىڭغا ئېھتىياج يوق بولغاچقىمىكىن، بۇ بىزنىڭ بالىلارنىڭ جىق قىزىقىشىنى قوزغىيالمىدى.

بۇ يەردە سەل توختىلاي، ئەمەلىيەتتە JSP ئايرىم پروگرامما تىلى ئەمەس، بۇ Java دىكى Servlet نىڭ HTML بىر تەرەپ قىلىشىدىكى كەمچىللىكلىرىنى تولۇقلاش مەقسىتىدە بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، Java نىڭ بىر قىستۇرمىسى بولۇپ ھسابلىنىدۇ، پروگرامما يېزىش ئۇسلۇبى ASP غا ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇڭا بىر قىسىم ئۇستازلار JSP نى ئۆگىنىش ئاسان دەپ تەبىر بېرىدۇ.

MVC قۇرۇلمىسى يەنى Model+View+Controler قۇرۇلمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، يەككە ھالدىكى JSP دا تور بېكەت يېزىش بارا-بارا ئەمەلدىن قېلىشقا باشلىدى، لېكىن MVC قۇرۇلمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، تىگىشلىك رولىنى ئۆتەۋاتىدۇ. MVC بىر مەزگىل دەۋران سۈرگەن ئېدى، كېيىن بىخەتەرلىك، باشقۇرۇش قولايلىقلىقى، ئۆزگەرتىش قولايلىقلىقى قارتارلىق بىر قىسىم مەسىلىلەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن SSH يەنى Spring+Struts+HibareNate قۇرۇلمىسى بارلىققا كېلىپ كەڭ كۆلەمدە قارشى ئېلىشقا ئېرىشىپ، چوڭ كارخانىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ نىگىزلىك سىستېمىلىرىنى مۇشۇ قۇرۇلما ئاساسىدا يېزىپ چىقىۋاتىدۇ. JSP ئۆگەنگىنىڭىز Java ئۆگەنگىنىڭىز.

===============================================

ئىنكاس تامام. ئەمدى يەنە ئۆزۈمنىڭ گېپى.

گېپىمىزنىڭ بېشىدا دېگىنىمىزدەك Java ئەقىللىق تېلېفون يۇمشاق دېتالى، تور بەت پروگراممىسى ۋە كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى قاتارلىق ھازىرقى مودا بولغان ئىلىكترون ساھەسىنىڭ ھەممىسىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئۆزىمىز قىزىققان يۆنىلىشنى تاللاپ تۇرۇپ ئۆگەنمىسەك ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋېتىمىز. Java يۇقاردا دىيىلگەن ئالاھىدىلىكى بويىچە تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ.

1.        J2ME  يەنى Java 2 micro Edition

2.        J2SE يەنى Java 2 Standard Edition

3.        J2EE يەنىJava 2 Enterprise Edition

J2ME          ئاساسلىقى ئەينى ۋاقىتتىكى Symbian سىستېمىلىق ئەقلى تېلېفونلارغا Java پروگراممىسى يېزىشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، Symbian ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىللەردە بۇنىڭ ئىشلىتىلىشى ناھايتى كەڭرى بولغان، كېيىن Android نىڭ بېسىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ بۇ بارا-بارا ئىشلىتىلىشتىن قالدى، ھازىر Android نى ئاساس قىلغان Java  پروگراممىرلىرىنىڭ بازىرى ناھايتىمۇ تىز بولماقتا، ھەم بۇ كېيىنكى خېلى مەزگىللەرگىچە ئاساسى يۆنىلىش بولۇپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ.

        J2EE بۇ تور بەت پروگراممىسى يېزىشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ تەرەققىياتى بەكلا تېز بولدى، مېنىڭ قىلىۋاتقىنىممۇ مۇشۇ يۆنىلىشنى بولغاچقا، مۇشۇنى ئاساس قىلىپراق چۈشەندۈرىمەن.

        J2SE يەنى Java ئاساسى. بۇنى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى تۈزۈشكە ئىشلىتىدىغان بولۇپ Java مۇشۇنىڭدىن تەرەققى قىلغان، شۇنداق بولغاچقا يۇقاردىكى ئۈچ تۈرنىڭ مەيلى قايسى يۆنىلىشىگە تەرەققى قىلماقچى بولىدىكەنمىز، بىزدىن J2SE ئاساسى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، بولمىسا ئۆگەنمىكىمىز بەكلا تەسكە توختايدۇ.

        ئانداق بولسا يۇقاردا دىگىنىمدەك گەپنى J2EE ھەققىدە باشلاي، قالغانلىرى ھەققىدە شۇ يۆنىلىشنىڭ ئىلىم ئېگىلىرى خالىسا تەپسىلى چۈشەنچە بەرگەي.

J2EE  تور بەت پرگراممىسى بولغانىكەن چېتىشلىق دائىرىسى ناھايتى كەڭ بولىشى مۇقەررەر، بىرىنچى بولۇپ Html بىلىش كېرەك، Html بىلمەي تۇرۇپ تور بېكەت ياساش ساھەسىگە كىرىش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا مەيلى قايسىلا تىلدا تور بېكەت ياساشنى ئۆگەنمەكچى بولۇڭ بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىڭىز Html ئۆگىنىش، بۇنىڭغا بىر ھەپتە ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاساسى بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋالسىڭىز، قالغان يېرىنى ئەمەلى مەشغۇلات جەريانىدا پىششىقلىۋالغىلى بولىدۇ. ھەرگىزمۇ بىر نەرسىنى تولۇق ئۆگىنىپ بولۇپ ئاندىن ئارقىغا ئۆتىمەن دېمەڭ، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى توردىن ئىزدەپ ھەل قىلالايدىغان سەۋىيەگە يەتسىڭىز، قالغىنىنى ئەمەلى خىزمەت جەريانىدا ئۆزىڭىزنىڭ تەجىربىسىگە ئايلاندۇرۇپ كېتىسىز.

Html دا تور بەت قوراشتۇرۇشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، تور بەتنى چوقۇم بېزەش لازىم بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن CSS ئۆگىنىسىز. بۇ Table+CSS ۋە DIV+CSS دەپ بۆلىنىدۇ، بۇرۇنقى IE6,IE7 دەۋرلىرىدە ئومومەن Table +CSS ئىشلەتكەن، بۇنىڭدا تور بەت ياسىسا سۈرەت بەك تېز بولىدۇ. كېينچە IE دىن باشقا يەنە Chrome, FireFox قاتارلىق تور كۆرگۈچلەرنىڭ چىقىشىغا ئەگىشىپ Table +CSS ئارقىلىق IE6,IE7 ئۆلچىمىدە ياسىغان تور بەتلەرنى بۇ يېڭى لېكىن بەك قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن تور كۆرگۈچلەردە نورمال زىيارەت قىلىشقا بولمىدى، بۇ ئەھۋال بارلىق تور كۆرگۈچلەرگە ئورتاق بولغان بىر ئۆلچەمنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن Web ئۆلچىمى دەپ بىر ئۆلچەم چىقتى، شۇنداق قىلىپ Web ئۆلچىمىنى ئاساس قىلغان ھالدا DIV+CSS بارلىققا كەلدى. بۇ يەردە ئازراق ئۇقۇم خاتالىقى بار، ئەمەلىيەتتە DIV+CSS ۋە Table+CSS لەر بىر مۇكەممەل ئۇقۇم ئەمەس، بۇنىڭدىكى DIV ۋە Table ئەمەلىيەتتە HTML غا تەۋە بولغان بىر بەلگە بولۇپ، بۇرۇنقى HTML بىلەن CSS نى ئارلاشتۇرۇپ يازىدىغان ئۇسۇلدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئاتىلىپ قالغان. دېمەكچى DIV+CSS بولسا Web ئۆلچىمى بويىچە HTML بىلەن CSS  تولۇق ئايرىلغان ھالدىكى تىنىچ بەت پروگراممىسى يېزىشنىڭ ئادەت نامى بولۇپ قالغان.



داۋامى بار...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 08:32:50

12- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كىچىك تۇرۇپلا ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە ساپالىق بالا ئىكەنسىز \"\" ...

ئاللاھ سىزدەك بالىلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن، ئىشلىرىنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن!!!

2012-يىلى چىقىپ كەتكىلىۋاتسا يەنە كىچىك دەيدا\"\"


رەھمەت!

tvman يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 16:29:57

13- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

12- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كىچىك تۇرۇپلا ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە ساپالىق بالا ئىكەنسىز \"\" ...

ئاللاھ سىزدەك بالىلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن، ئىشلىرىنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن!!!

2012-يىلى چىقىپ كەتكىلىۋاتسا يەنە كىچىك دەيدا\"\"


رەھمەت!





ئىزدىنىشتىكى بارلىق خانىم قىزلار سېنىڭ ئارخبىڭنى بىلەمدۇ نېمە\"\"

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 16:46:45

قىزلارنىڭ تىگىۋالغۇسىنى كەلتۈرۈپ  \"\"

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-31 06:47:25


12- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كىچىك تۇرۇپلا ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە ساپالىق بالا ئىكەنسىز \"\" ...

ئاللاھ سىزدەك بالىلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن، ئىشلىرىنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن!!



شۇنداق ئۆمرىنى ئۇزاق قىلسۇن\"\"





تېما ئىسمىغا قاراپلا سزنى يوللىدىمىكىن دېۋىدىم ،،،،


tvman يوللانغان ۋاقتى 2012-8-31 10:06:24

16- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە قول قويمىقى ئاسان ئىش ئەمەس...

بۇ بالا ياخشى بالا، مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشىمۇ مەندە بىر خىل قايىللىقنى قوزغايدۇ.

قىز دوستى بار ئادەمنىڭ ئارخىپىنى ئەڭ ياخشىسى تەكشۈرمىگەن تۈزۈك \"\"

ما تېمىنىڭ داۋامىنى تېزرەك يېزۋېتىڭە، پىسپاس ئىنكاس بىلەن توشۇپ كەتمىسۇن يەنە \"\"

  



قىز دوستىنىڭ بارلىقىدىن تارتىپ بىلىدىكەنسىز يەنە قايسى ئارخىۋى لازىمتى\"\"

Mushawir يوللانغان ۋاقتى 2012-8-31 12:03:49

Java توغرىسىدا نادىر يازمىدىن بىرسى چىقىدىغان بولدى دېسەم بۇ تېمىمۇ تۈگەپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟  ئازدىن - ئازدىن يازسىڭىزمۇ چوقۇم ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىپ تۈگەتكەن بولسىڭىز، شەخسەن مەن داۋامىنى ساقلاۋاتىمەن.

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2012-8-31 14:23:10

goodluckنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

   


    كۆپلىگەن تورداشلار Java ئۆگەنمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ QQ, Email ۋە مۇنبەر يۈزى ئارقىلىق مەندىن مەسلىھەت سوراپ، نەدىن باشلاش كېرەكلىكى، قانداق ئۆگىنىش كېرەكلكى توغرىسىدا مەندىن مەسىھەت سورىغان بولدى، بەزىلىرىگە تەپسىلى چۈشەنچە بەردىم، بەزىلىرىگە ۋاقىت قىس بولىشى تۈپەيلى سورىغىنىغا يارىغا جاۋابىنى بەرگەن بولدۇم.  ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە Java ھەققىدىكى تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان ماتېرىيال مەنبەسى يوقتەك قىلىدۇ، شۇ ۋەجىدىن يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە كىرىش پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قالسۇن ئۈچۈن بۇ يازمىنى تەييارلاپ قويۇشنى توغرا تاپتىم.



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،


ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە جاۋا ھەققىدە ئەمەس، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئاددى ۋە ئاساسى ئۇقۇم بولغان نۇرغۇن پىروگرامما تىللىرى ھەققىدە تېخى تۈزۈك ماتىريال يوق.


پىروگرامما تۈزۈشتىن ساۋادى يوق ياكى دەسلەپكى سەۋىيەدە ساۋادى يوقلار ئۈچۈن جاۋا ئۆگىنىش ئېنىقلا نىشاننى خاتا تاللىغانلىق. ھەتتاغۇ باشقا كەسپنىڭ بالىلىرى ئىكەن، كومپيۇتېر كەسپىنىڭ باكلاۋۇر 3-، 4-يىللىقنىڭ بالىلىرىمۇ جاۋا غا كەلگەندە خېلە ئوبدانلا ھالسىراپ قالىدۇ. شۇڭا دەسلەپكى باسقۇچتا ياكى كىرىش بوسۇغىسىدا تۇرىۋاتقان بالىلار ئۈچۈن جاۋا دىن ئىش باشلاش ئېنىقلا نىشاننى خاتا تاللىغانلىق.


پىروگرامما تۈزۈش تىللىرىنى ئۆگىنىشتە، 1-تىلغا جاۋانى ئۆگەنگەنلەر دۇنيا مىقياسىدا يوقنىڭ ئورنىدا. تاماق ئېتىش ئاخىرقى مەقسەت بولسىمۇ، ئۈن-گۈرۈچ يوق ئۆيدە، قازانغا تاش-داڭگال تاشلاپ قاينىتىپ ئولتۇرۇش ئاخمىقانە ئىش، ئېتىز بېشىغا بېرىپ بۇغداي-قوناق تېرىش، گەرچە يول ئۇزۇن ۋە جاپالىق بولسىمۇ، نەتىجە بېرىدىغان، مەقسەتكە يەتكىلى بولىدىغان ئىش بولغىنىدەك، پىروگرامما تۈزۈش ساھەسىگە يېڭىياچە ياكى دەسلەپكى كىرىشكەنلەر ئۈچۈن، ئىشنى جاۋا دىن باشلاي دەپ خىيال قىلىش، خۇددى قازانغا تاش-داڭگال سېلىپ قاينىتىپ تاماق ئېتىمەن دىگەندەكلا ئىش. بۇ يەردە، قېرىنداشلىرىم قايمۇقۇپ، ئەگرى-توقاي يوللارنى كۆپ بېسىپ، رىيازەت چېكىپ قالمىغاي دەپ بۇ گەپنى دەپ قويغۇم كەلدى. كامىدا باشقا مەلۇم بىر تىلنى ئۆگىنىپ، ئوتتۇرا سەۋىيەگە يەتكۈدەك بولغاندىن كېيىن، ئاندىن جاۋا نى باشلىسا مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. جاۋا نى 1-تىل ئورنىدا ئۆگىنىشتىن نەتىجە چىقمايدۇ. ئالى مەكتەپنىڭ مۇنتىزىم دەرسخانىلارىدا ئولتۇرۇپمۇ ئۆگىنىشتىن نەتىجە چىقمىغان يەردە، ئىشتىن سىرت، ھەۋەس ئورنىدا ئۆگىنىشتىن نەتىجە چىقىشى تېخىمۇ تەس.


سىزگە ئېيتسام، جاۋا ھەققىدە ماتىريال سۇنۇشىڭىزغۇ ياخشى ئىشتى، لېكىن ئاۋال باشقا ئاساسى بىلىم ھەققىدە ماتىريال تەييارلاپ سۇنسىڭىز، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ساۋاپلىق ئىش بولارمىكى دەپ ئويلاپ قالدىم. ئوخشىمىغان پىكىرلەر بولسا، پىكىر ئالماشتۇرساق بولىدۇ.

بەت: [1] 2
: Java ھەققىدە