چىش ئاغرىقىمۇ ئاغرىق
مۇشۇ چىش ئاغرىقىنى ئۇنتۇي دەپ ھېچ ئۇنتۇپ بولالماي ئاخىرى چىش ئامبۇلاتورىيەسى ئاچىدىغان ئاغىنەمنىڭ يېنىغا بېرىپ، قەلەمپۇر يېغىغا ئوخشايدىغان ئاغرىق توختىتىدىغان دورىسىنى تېمىتتۇرۇپ دەردىم پەسكويغا چۈشتى. بۇرۇن چىش ئاغرىقىغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيتتىم، ھەر قانچە ئاغرىسا بىرەر ھەپتە ئاغرىپ ئوڭشىلىپ قالاتتى. لېكىن، بۇ قېتىم ئاغرىۋاتقىلى بىر يېرىم يىل بولاي دەپتۇ.دائىم ئەمەس ئەمما پارتىزانلارچە ئاغرىپ جېنىمنى قاقشىتىپ قويىدۇ.
چىش ئاغرىقى بىزدە ئاددىلا قىلىپ سوغۇقتىن بولغان چىش ئاغرىقى،ئىسسىقتىن بولغان چىش ئاغرىقى ۋە يەلدىن بولغان چىش ئاغرىقى دەپ بۆلۈنىدۇ. خەلق ئارىسىدا بولسا ئىسسىق يەل ۋە سۇغۇق يەل دەپلا ئايرىدۇ. ئەمما بۇنى تەپسىلىيرەك ئايرىساق توققۇز خىل سەۋەبتىن بولۇپ چىقىدۇ.
بۇرۇنقى دۇكاننىڭ ئىككىلا تەرەپ قوشنام چىش دوختۇرلىرى بولغاچقىمىكىن ئەيتاۋۇر ھەممىلا ئادەمنىڭ چىشى ئاغرىيدىغاندەك تۇيۇلاتتى . قوشنا ئەللەردىن بىرەر يۈزمىڭ يۈئەنگە چىش سالدۇرىدىغانلار كېلىپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭ شۇنچىۋالا پۇلغا چىش سالدۇرۇشلىرىغا ھەيران بولاتتىم ۋە ئۈرۈكچە چېقىپ يىگەن چىشلىرىمدىن ماختىنىپ قوياتتىم. كىم بىلسۇن، چىشىم تۇرۇپلا كاۋاكلىشىپ ئاغرىيدىغان بولۇۋالدى. تۇرۇپ چىش ئاغرىقىمۇ يۇقامدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن. تازا رامىزان مەزگىللىرىدە ئاغرىقى كۈچىيىپ كەتتى، كېچىلىرى ئۇيقۇ يوق،كۈندۈزى تېخى..... بىر كۈنى ئىكەڭ تۇتۇپ ئولتۇرسام ئاغىنىلەر كۆرۈپ باقايلى دەپلا ئۇكۇل ئۇرۇۋەتتى ، كاساپەت بەك ئاغرىيدىكەن ئەمەسمۇ،چىش ئاغرىقى پەسىيىپ ئۇكۇل ئاغرىقى كۈچىيىپ كەتتى.( بولمىسىغۇ ئۇكۇلدىن قورقۇپ كەتمەيتتىم. نەچچە يىللار بۇرۇن چايان چېقىۋېلىپ غېرىچ كېلىدىغان يىڭنىدە ئۇكۇل سالغاندىمۇ ئانچە ئاغرىمىغان ئىدى).... شۇ ئۇكۇل سالغاندىكى ئاغرىق بىلەن ئەتىسى چىشىمنى داۋالاتقىلى كىرگىلى ئۇنىمىدىم . زاماسكىلاپ قويىمىز دېسىمۇ ئەمدى ئاغرىمىدى دەپلا قېچىۋالدىم.
بەرشىشا، ھەببى قوقىيا قاتارلىق دورىلارنى يەپ تۇرسام ئاغرىقى يوقاپ كېتىدۇ بولمىسا ....
شۇنىڭدىن كېيىنلا بىر قاتار سەۋەبلەر بىلەن يۇرتقا قايتىپ كەلدىم. بۇ جەرياندا ئايالىمنىڭ، قېيناتامنىڭ دېگەندەك بىر قاتار چىش ئاغرىقلىرى مېنى ئالدىراش قىلىۋەتتى. خەلق ئارىسىدا چىش ئاغرىقىغا ئىشلىتىلىدىغان <<قارا تىرەك يىلىمى>>،<<قىچا>>،<<ھەرە كۈنىكى>>،<<قاپاق لېشى>>،<<تۇز سۈيى>> دېگەندەك بەزى دورىلارنى سىناق قىلىپ چىقتىم. بۇ دورىلارنىڭ ھەر ھالدا خېلى ئۈنۈمى بولىدىكەن. بولۇپمۇ ماڭا قارا تىرەك يىلىمى ، ئايالىمغا قىچا ئۇرۇقى بەلەن مەنپەئەت قىلغان بولدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ماڭا دورا تەسىر قىلماس بولۇپ قالدى. چىشلىرىم بارغانسىرى كاۋاكلىشىپ بىرىگە قوناق،بىرىگە بۇغداي پاتقۇدەك كاۋاكلىشىپ كەتتى. نان يېمەكنىڭ ئۆزى بىر مۈشكۈل، كۇماك چىش بوۋاي-مومايلاردەك تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ نان يېيىشلىرىمنى كۆرۈپ ئۆيدىكىلەر بالىڭىز نان چايناپ بىرىپ باقسا بولغۇدەك ئەمدى دەپ چاقچاق قىلىپ قويىدۇ پات-پات.............
كېيىن بۇرادەرلەر ياسىغان چىش ئاغرىقىنى توختىدىغان سۇيۇقلۇقتىن بىر قېتىم تېمىتىپ قويغان پېتى بىر تەرەپتىكى قوناقتەك كاۋاك چىشىم ھازىرغىچە ئاغرىماي كەلدى،يا ئاغرىيدىغان يىرى قالماي شۇڭا ئاغرىمامدۇ بىلمىدىم. ئەمما يەنە بىرى ئايدا بىرەر قېتىم ئاغرىۋاتقان ، ما ئۈرۈمچى دىگەن شەگە چىقىپ ئىككى قېتىم ئاغرىپ بولدى. يا ھېلىقى ئاغرىق توختىدىغان سۇيۇقلۇقنى ئالماي چىقىپتىمەن.تۈنۈگۈندىن بېرى چىشىمغا قوشۇلۇپ كاللامنىڭ يېرىمىمۇ ئاغرىپ بەك قىيناپ كەتتى. ئۇقۇپ سۈرۈپ قويىمەن، دەمال پەسكويغا چۈشىدۇ،تاماق يېگەن ۋە يا باشقا سەۋەبلەر بىلەن يەنە ئاغرىشقا باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بايا ھېلىقى دورىنى تېمىتىپ كىرىپ ئولتۇرۇپ مۇشۇ ھەقتە بىر نەرسە يېزىپ قويغۇم كىلىپ قالدى.
سىلەرنىڭ چىشىڭلار ئاغرىپ باققانمۇ؟قايسى دورىلارنى ئىشلىتىپ ئاغرىقى پەسەيگەن ؟ئورتاقلىشىپ كۆرسەك....
ئەلھەمدۇلىللاھ مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئەقىل چىشى چىقىپ چىش ئاغرىغاندىن باشقا ئاغرىقنى بىلمەيمەن.لىكىن ئۇدۇل ئاستى ئۇستى 4چىشىم ئوبدانلا ئارلىق بوپ كەتتى.دوختۇرغا بارسام چىشنى قىرىپ كىچىكلىتىپ چىش سەپ قويىمىز دەيدۇ،چىشىم ساق تۇرسا نىمە قىلاي دەپ شۇ پىتى قويۇپ قويدۇم @gulahmalikئۇنداق قائىدە بىلىدىغان قىز ئەمەسكەن. قۇتقۇزماي دېسەم تېخى {:90:}
پولات چىش سالدۇرىدىغان ئىشمۇ باما تېخى؟! بولسا شۇنىڭدىنلا سالغۇزۇپ، ئىڭەكنى ئوق ئۆتمەسلا قىلىۋالسام. بۇنىڭدىن كىيىن خاتىرجەم مۇشتلىشاتتىمدە {:92:}
42- قەۋەتتىكى halik_puliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
@gulahmalik
ئۇنداق قائىدە بىلىدىغان قىز ئەمەسكەن. قۇتقۇزماي دېسەم تېخى![]()
پولات چىش سالدۇرىدىغان ئىشمۇ باما تېخى؟! بولسا شۇنىڭدىنلا سالغۇزۇپ، ئىڭەكنى ئوق ئۆتمەسلا قىلىۋالسام. بۇنىڭدىن كىيىن خاتىرجەم مۇشتلىشاتتىمدە![]()
پولات تامغاقلىق چىش مۇنداق بولىدۇ
ۋاقتىڭىز بولسا مۇنۇ تور بەتنى كۆرۈپ بېقىڭ:
ما يەردىكى «چىش» نى «قۇلاق» دېسەك نەق مېنىڭ كېسەل سەرگۈزەشتىلىرىم بولغۇدەك. ھېلىقى پىشلاق يارىچۇ تېخى .
نەچچە يىل بولدى ساقىيىپ باقمىدى . بەزى كۈنلىرى سەل ياخشى بوپ قالىدۇ ، بەزى كۈنلىرى پۈتكۈل ئېغىز بوشلۇقۇم ئىششىپ ، تېرىلىرى سويۇلۇپ ،،، گەپ قىلىش شۇنداق تەسكە چۈشىدۇكى ...خەپ خەپ .
تادۇبەگنىڭ نامىنى جېق ئاڭلاپ ئۈرۈمچىگە بارغاندا ئاتايىتەن دورا سوقتۇرغىنىم نەدە قالدى مېنىڭ .
ئەمما چىشىم ئاغرىپ باقماپتۇ . شۈكرى مەندە قوناق پاتقۇدەك تۈشۈك چىشتىن ئىككىسى بار،دەسلەپتە زاماسكىلاتقان،زاماسكا بىرىپ ساق ئالتە ئايدىن كىيىن شۇنداق ئاغىردىكى كاساپەت،بۇيۇنلىرىمغىچە ئىششىپ كەتتى،ئۆيۈمنىڭ كەينىدىكى خەنزۇ قوشنام كۈرۈپ،توختا مەن بىر ئامالىنى قىلاي دەپ يوغان بىر شىپىرىسنى كۆتۈرۈپ كىرىپ زاڭقىمدىن قاسسىدە بىر ئۇكۇل ئۇرۇپتى،پەسلەپ قالغان،ئەتىسىدىن باشلاپ يىڭنىدە كوچىلاپ يۇرۇپ زاماسكىسىنى چىقىرۋەتتىم،شۇندىن بۇيان ساق 15يىل بوپتۇ ئاغرىپ باقمىدى،مەنمۇ چىشىمنى قايتا زاماسكىلاتمىدىم.ئەمما شۇ سۇيقاش ئىچسەممۇ چىشىمنىڭ كاۋىكىنى كولاپ بولالماي ئاۋارە...



3- قەۋەتتىكى dawanqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەندە قوناق پاتقۇدەك تۈشۈك چىشتىن ئىككىسى بار،دەسلەپتە زاماسكىلاتقان،زاماسكا بىرىپ ساق ئالتە ئايدىن كىيىن شۇنداق ئاغىردىكى كاساپەت،بۇيۇنلىرىمغىچە ئىششىپ كەتتى،ئۆيۈمنىڭ كەينىدىكى خەنزۇ قوشنام كۈرۈپ،توختا مەن بىر ئامالىنى قىلاي دەپ يوغان بىر شىپىرىسنى كۆتۈرۈپ كىرىپ زاڭقىمدىن قاسسىدە بىر ئۇكۇل ئۇرۇپتى،پەسلەپ قالغان،ئەتىسىدىن باشلاپ يىڭنىدە كوچىلاپ يۇرۇپ زاماسكىسىنى چىقىرۋەتتىم،شۇندىن بۇيان ساق 15يىل بوپتۇ ئاغرىپ باقمىدى،مەنمۇ چىشىمنى قايتا زاماسكىلاتمىدىم.ئەمما شۇ سۇيقاش ئىچسەممۇ چىشىمنىڭ كاۋىكىنى كولاپ بولالماي ئاۋارە...![]()
![]()
![]()
ھازىر مەنمۇ شۇ ئەھۋالدا، زاماسكىلىسام بولمايدۇ دەپلا كاۋاك قويۇپ قويغان، ئەمما تاماقتىن كېيىن بىرەر سائەت چىش كوچىلايمەن. بولمىسا نامازدىمۇ تىلىم ئاشۇ كاۋاك چىشقا كىرىۋېلىپ


ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا ئايالىمنىڭ ئۈيىگە بارغان كۈننىڭ ئەتىسى ،بۇ چىشىم يەنە چىدىغۇسىز ئاغرىپ كەتتى.تۇققانلار بىر دورىنى تەۋسىيە قىلدى.ئىككى سائەتكىچە ئاغرىقىنى تۇختىتىدۇ.ئاندىن پەقەت ئاغرىمايدۇ دەپ.چوڭ-كىچىك 15تالدەك دۇرىكەن(باھاسى 1.5يۈەن).بىر قېتىمدىلا ئىچىۋەتتىم.دىگەندەك تۇختىدى.ھازىر ئاغرىسىمۇ ،تاماق يىسەم،چىشىمنى -چىشىمگە بەكرەك تەككۈززەم ئاغرىيدۇ.ئەمما بۇرۇنقىنىڭدەك باش ،قۇلاق،كۈز ئاغرىمايدۇ،ئۇيلاپ قالدىم ،بەدەندىكى بىرەر نىرۋىنى ئۆلتۈرۈپلاۋىتىدىغان دۇرىمۇ دەپ.ئەمما تىلىمنى چىشلەپ باقسام ئاغرىيدۇ.


شۇنىڭدىن بىرى چىش ئاغرىقىدىن يىراق تۇرۇپ كەلدىم، ئايالىممۇ چىش ئاغرىقىنىڭ دەردىنى خېلى تارتتى، مەن ئۇنىڭغا مۇشۇ دورىنى يىيىشنى دېدىم، يىدى (بىلشىمچە بىرەر قاپ يەپ توختاپ قالدى)، باشقا دورىلارنىمۇ يىدى، ئۇمۇ ساقايدى. مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان دورىنىڭ چىش ئاغرىقىنى داۋالاش رولىدىن ھەقىقەتەن ھەيران قالغان ھەم ھېلىقى شائىر ئاكامغىمۇ قايىل بولغان. ئۇ شائىر ئاكامنىڭ دېيىشىچە ئۇمۇ ئىلگىرى ياش ۋاقتىدا چىش ئاغرىقىنىڭ دەردىنى خېلى تارتىپتىكەن، ئۇمۇ مۇشۇ دورا ئارقىلىق مەنپەئەت تاپقان بولسا كېرەك.
بۇ دورىنىڭ ئىچكىدىكى دورا زاۋۇتلىرى ياسىغان نۇسخىلىرى بەكمۇ كۆپ، شىنجاڭ جۇڭيى دورا زاۋۇتى ياسىغىنىنى تاپماق سەل تەسكەن، ئەمما ئىشلىتىدىغىنىمىز دەل شىنجاڭ جۇڭيى دورا زاۋۇتى ياسىغىنى!
2- قەۋەتتىكى rita1028نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھېلىقى پىشلاق يارىچۇ تېخى .
نەچچە يىل بولدى ساقىيىپ باقمىدى . بەزى كۈنلىرى سەل ياخشى بوپ قالىدۇ ، بەزى كۈنلىرى پۈتكۈل ئېغىز بوشلۇقۇم ئىششىپ ، تېرىلىرى سويۇلۇپ ،،، گەپ قىلىش شۇنداق تەسكە چۈشىدۇكى ...خەپ خەپ .
تادۇبەگنىڭ نامىنى جېق ئاڭلاپ ئۈرۈمچىگە بارغاندا ئاتايىتەن دورا سوقتۇرغىنىم نەدە قالدى مېنىڭ .
ئەمما چىشىم ئاغرىپ باقماپتۇ . شۈكرى
نامىم ئىچكىرىگە تارقالمىغاندۇ ھەي، سىزنىڭ ئۇ ئاغرىقىڭىزنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلەلمىسەم مەن ....
8- قەۋەتتىكى raxit1973نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
چىش ئاغرىقىنى مەنمۇ ئۇزۇن تارتتىم، مېنىڭمۇ قىلمىغان دورىلىرىم قالمىغان. ھەتتا بىر چىشىمنى تارتقۇزۇپمۇ باقتىم... مېنىڭمۇ بىر كۈن توختىسا ئىككى كۈن ئاغرىپ دېگەندەك جاھاندا مۇشۇ چىش ئاغرىقىدىنمۇ يامان كېسەل بارمىدۇ دېگەن ئويغىمۇ كېلىپ قالغانىدىم... بىر كۈنى بىر شائىر ئاكام (مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ سابىق باش كاتىپى، شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان) پاراڭ ئارىلىقىدا چىش ئاغرىقىنى تارتىۋاتقانلىقىمنى ئاڭلاپ بىر دورا بۇيرىدى. ئۇ بۇيرۇغان دورا مەخسۇس چىش ئاغرىقى دورىسىمۇ ئەمەس ھەم شۇنداق ئەرزان دورا ئىكەنتۇق. دورا سېتىۋالاي دەپ كىرسەم «نېمە كېسەلگە ئىشلىتىدىغانلىقىمنى» سورىدى، «چىش ئاغرىقىغا» دېسەم، «بۇ چىش ئاغرىقى دورىسى ئەمەس، مەن ساڭا چىش ئاغرىقى دورىسى بېرەي» دەپ 40 نەچچە سومغا باشقا دورىلارنى بەردى. يىسەم ئازراق مەنپەئەت قىلغاندەكمۇ قىلدى، شۇ ئارىلىقتا ھېلىقى دورىنى بۇيرۇغا شائىر ئاكامغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى دېسەم «پوق يەيدۇ ئۇ ساۋاتسىزلار، ماڭا دېگەن دورامنى بەر دەپ شۇ دورىدىن ئىككى قاپ ئېلىپ ئۈزۈلدۈرمەي يىگىن» دېدى. يەنە دورا دۇكىنىغا باردىم، يەنە شۇ بۇرۇنقى سوئال ۋە يەنە شۇ بۇرۇنقى جاۋاب، چىشىم ئاغرىۋاتقاندا بۇ گەپلەر خوش ياقامدۇ دەيسىلەر، «ماڭا تولا ئەقىل ئۆگىتىشمەي مەن دېگەن دورىنى سېتىپ بەر» دەپ 牛黄解毒片 دېگەن دورىنىڭ شىنجاڭ جۇڭيى دورا زاۋۇتى ياسىغىنىدىن ئىككىنى 8 سومغا سېتىۋالدىم. بۇ دورىنىڭ ئىچكىرىدە ياسالغىنىمۇ بار ئىكەن. ماڭا بۇيرۇغاندا شىنجاڭ جۇڭيى دورا زاۋۇتى ياسىغىنىنى سېتىۋېلىشىمنى ئالاھىدە تاپىلىغان. شۇنداق قىلىپ مۇشۇ دورىنى يىدىم، بىر ۋاقلىق ئۈچۈن 3 تىن يەيتتىم، بىر قاپ تۈگىدى (بىر قاپتا ئىككى قەغەز ھەر قەغەزدە 10 غۇ دەيمەن)، تۈزۈك بىر مەنپەئەت قىلغىنىنى ئۇقالمىدىم، شۇنداقتىمۇ توختاتماي يىدىم، ئىككى قاپ تۈگىدى، چىش ئاغرىقىممۇ ئاستا-ئاستا يوقالغان بولدى... مېنىڭ چىش ئاغرىقىمغا مەنپەئەت قىلغان دورا مۇشۇ 牛黄解毒片 دېگەن دورا. بۇ ئەسلى كۈچلۈك زەھەر قايتۇرۇش رولىغا ئىگە دورا ئىكەن. دورا چۈشەندۈرىشىدىمۇ چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچنېمە يوق. شائىر ئاكام ماڭا ، چىش ئاغرىقىنىڭ يىلتىزى زەھەر (ئىسسىق، سوغۇق، يەل دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى زەھەركەن)، شۇڭا چىش ئاغرىقىنى داۋالاشتا زەھەر قايتۇرۇش تىپىدىكى دورىلارنىڭ ئۈنۈمى ياخشى دېگەنىدى...
شۇنىڭدىن بىرى چىش ئاغرىقىدىن يىراق تۇرۇپ كەلدىم، ئايالىممۇ چىش ئاغرىقىنىڭ دەردىنى خېلى تارتتى، مەن ئۇنىڭغا مۇشۇ دورىنى يىيىشنى دېدىم، يىدى (بىلشىمچە بىرەر قاپ يەپ توختاپ قالدى)، باشقا دورىلارنىمۇ يىدى، ئۇمۇ ساقايدى. مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان دورىنىڭ چىش ئاغرىقىنى داۋالاش رولىدىن ھەقىقەتەن ھەيران قالغان ھەم ھېلىقى شائىر ئاكامغىمۇ قايىل بولغان. ئۇ شائىر ئاكامنىڭ دېيىشىچە ئۇمۇ ئىلگىرى ياش ۋاقتىدا چىش ئاغرىقىنىڭ دەردىنى خېلى تارتىپتىكەن، ئۇمۇ مۇشۇ دورا ئارقىلىق مەنپەئەت تاپقان بولسا كېرەك.
بۇ دورىنىڭ ئىچكىدىكى دورا زاۋۇتلىرى ياسىغان نۇسخىلىرى بەكمۇ كۆپ، شىنجاڭ جۇڭيى دورا زاۋۇتى ياسىغىنىنى تاپماق سەل تەسكەن، ئەمما ئىشلىتىدىغىنىمىز دەل شىنجاڭ جۇڭيى دورا زاۋۇتى ياسىغىنى!
ما دورىنى ئازراق يەڭ !بۇنىڭ ئەكس تەسىرى كۇچلۇك!
يېرىم پىيالە ئاق ھەراققا تۇخۇمدىن بىرنى چېقىپ ئاندىن ھاراققا ئوت يېقىپ ئوت ئۆچكەندىن كىيىن ئېغىزغا ئېلىپ ئېغىزنى بىر ئىككى چايقىۋىتىپ ئىچىۋەتسە چىش ئاغرىقى توختايدۇ. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا دادامغا بىر يولداش خىزمەتدىشى دەپ بېرىپتىكەن ،شۇ ئامال بىلەن نەچچە ھەپتە ئاغرىغان چىش ئاغرىقى توختىغان.تا ھازىرغىچە قايتا ئاغرىپ باقمىدى.
ئۇدۇل كەپ قالغاچقا يېزىپ قويدۇم ،ھېچكىمگە تەۋىسىيە قىلمىدىم .
مېنىڭ چىشىمنى ئېغىز بوشلۇقى دوختۇرخانسىدىكىلەرمۇ كۆرۈپ ئامالىنى قىلالمىدى.چىشىم : تاتلىق ، سوغۇن نەرسىلەرنى يېسەم شۇرقىراپ ئاغرىپ كېتىدۇ ، پەقەت بىرتال چىش .
چىش مىلىكىنىڭ سەزگۈرلىكى ئېشىپ كېتىپتۇ دەپ دىئاگنوز قويغان تا ھازىرغىچە سەزگۈرلىكى بېسىقمىدى . بىر دىرامما بارتىغۇ «ئەل قىساسى» مىكىن ئىسمى. كىچىك ۋاقتىمدا ناۋات بىلەن قەننى جىق يەيتتىم.ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىمدا بېغىمىزدا ئالامەت تاتلىق پىشىدىغان بىر ئۈرۈك بار ئىدى.شۇ ئۈرۈك پىشقان ۋاقىتتىن باشلاپ تۈگەپ كەتكۈچە ئۆيدىن بىر ۋاخلا تاماق يەپ قالغىنىغا شۇ ئۈرۈكنىڭ شېخىغا چىقىۋېلىپ يەيتتىم. مېغىزىمۇ تاتلىق بۇ ئۈرۈكنىڭ ئۈچكىسىنى تاشلىۋىتىشكە چىدىماي چىشىمدا چېقىپلا يەۋىرەتتىم. ياش ئۈن يەتتە-ئون سەككىزگە كىرگەندە چىشلىرىم جاننى قاخشىتىپ ئاغرىغىلى تۇردى. دەسلەپتە ئۇششاق قارا قۇرىلار چوڭىيىپ كامار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. شۇ تەرىقىدە بەش-ئالتە يىل ئاغرىدى. پەقەت چىدىيالمىغاندا چىشلىرىمنىڭ ئارىسىغا ئەتۋىركىنى تىقىپ قايرىپ ئوشتىۋەتكەن،ئۇچلۇق ئامبۇر بىلەن ئۆزەمنىڭ چىشىنى ئۆزەم تارتىۋەتكەن چىشتىنمۇ بىر-ئىكىسى بار. شۇ چىشلىرىمنىڭ يىلتىزى قېلىپ قاپتىكەن. ئۆتكەندە بىر چىشىمنى زاماسكىلىغىلى كىرىپ كۆرسەتسەم چىش دوختۇرى يىلتىزىنى تارتىۋىتىپ قايتا چىش سالسا بولىدىغانلىقىنى دىدى. ئازىراق ئاغرىيمىش. چىش دوختۇرلىرىنىڭ ئازىراق ئاغرىيدۇ دىگىنى ئاغرىقتىن ئۆلۈپ كەتمەيسىز دىگەن گەپ ئىكەن. ئاۋال بىر تال چىشىمنى زاماسكىلىتىپ ئاندىن بىرنىمە دەي دەپ زاماسكىلايدىغان يەرنى قىردۇرۇپ دورا سالدۇرۇپ چىقىدىغان ۋاقتىمدا ‹‹بىر-ئىككى سائەت ئازىراق ئاغرىشى مۇمكىن›› دەپ يولغا سالدى. ئۆيگە كېلىپ يېرىم سائەتتىن كىيىن ئۆمرۈمدە كۆرۈپ باقمىغان ئاغرىقنى كۆردۈم. تامغا دوقۇسلىتىپ ئۈسۈپ كەتتىم. ئاغرىقتىن كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى. ئالاھىزەل بىر يېرىم سائەتتىن كىيىن ئاغرىق سەل پەسەيدى. دوختۇرنى ئۇرغىلى بارىمەن دەپ ئۆيدىن چىقىپ يېنىغا بارغۇچە خېلى پەسلەپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىممۇ پەسلەپ قالدى

ھازىر ئادەم بار يەردە ئېغىزىمنى يوغانراق ئېچىشتىن نۇمۇس قىلىمەن. كىچىك ۋاختىمدا ئاچچىقىمغا پايلىماي ئوشتىۋەتكەن چىشلارنىڭ قالدۇقلىرى ئالامەت سەت. 90 يېشىدا تۈگەپ كەتكەن رەھمەتلىك بوۋامنىڭ چىشلىرىمۇ شۇنداق پاكىز،رەتلىك ئىدى. مەن ياش تۇرۇپ چىشىمنىڭ سەتلىكىدىن 90 ياشلىق بوۋايغا ئوخشاپ قالدىم. {:92:}
1- قەۋەتتىكى Hechkimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ما يەردىكى «چىش» نى «قۇلاق» دېسەك نەق مېنىڭ كېسەل سەرگۈزەشتىلىرىم بولغۇدەك.
چىش بەك ئاغرىپ كەتسە تارتىۋېتىپلا قۇتۇلغىلى بولىدۇ. بىراق قۇلاق ئىككى - دە

3- قەۋەتتىكى dawanqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەندە قوناق پاتقۇدەك تۈشۈك چىشتىن ئىككىسى بار،دەسلەپتە زاماسكىلاتقان،زاماسكا بىرىپ ساق ئالتە ئايدىن كىيىن شۇنداق ئاغىردىكى كاساپەت،بۇيۇنلىرىمغىچە ئىششىپ كەتتى،ئۆيۈمنىڭ كەينىدىكى خەنزۇ قوشنام كۈرۈپ،توختا مەن بىر ئامالىنى قىلاي دەپ يوغان بىر شىپىرىسنى كۆتۈرۈپ كىرىپ زاڭقىمدىن قاسسىدە بىر ئۇكۇل ئۇرۇپتى،پەسلەپ قالغان،ئەتىسىدىن باشلاپ يىڭنىدە كوچىلاپ يۇرۇپ زاماسكىسىنى چىقىرۋەتتىم،شۇندىن بۇيان ساق 15يىل بوپتۇ ئاغرىپ باقمىدى،مەنمۇ چىشىمنى قايتا زاماسكىلاتمىدىم.ئەمما شۇ سۇيقاش ئىچسەممۇ چىشىمنىڭ كاۋىكىنى كولاپ بولالماي ئاۋارە...![]()
![]()
![]()
زاماسكىلاتماقچى بولغان كاۋاك چىشنى ئاز دىگەندە ئۈچ قېتىمدىن كۆپ بولغاندا ئاغرىقى يوقالغىچە(بەلكىم كۆپ بولسا ئون قېتىم بولا) دورا قويدۇرۇپ(تۇنجى قېتىم تازلىغاندا قاتتىق ئاغرىشى مۇمكىن)ئاندىن زاماسكىلاتسا، كېيىن قەتئى ئاغرىمايدۇ. سىزنىڭ چىشىڭىزنىڭ ئاغرىشىدىكى سەۋەب : دەسلەپ پاكىز تازلانمىغان. شۇ سەۋەبتىن چالا تازلانغان جاي ئۇزۇن مۇددەت تۇرغاندا ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زاماسكىنىڭ ئاستىدا قالغاچقا چىش چوتكىلىغاندىمۇ تازلانمايدۇ. ئاقىۋەتتە زاماسكىلاپ بولۇپ ئۈچ ئايدىن بىر يىلغىچە( شۇ ئادەمنىڭ ئىمونىت كۈچىگە باغلىق)ئىششىپ چىقىدۇ. ناۋادا زاماسكىنى ۋاقتىدا ئېلىۋەتمىگەندە چىشىڭىز قايتا - قايتا ئۈچ قېتىم ياللۇغلىنىپ، ئىششىپ ساقايدىمۇ، شۇ چىش ئۆزلىكىدىن بوشاپ قالىدۇ.
شۇڭا ئېغىز بوشلۇقى تازلىقى ھەممىدىن مۇھىم. چىش داۋالاتقاندا پاكىز، مۇنتىزىم ئورۇنغا بېرىڭ. چىشنىڭ ماتىريالى ھەممىدىن ئەرزان،پەقەت داۋالاش ھەققى سەل قىممەت شۇ
12- قەۋەتتىكى snakeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مېنىڭ چىشىمنى ئېغىز بوشلۇقى دوختۇرخانسىدىكىلەرمۇ كۆرۈپ ئامالىنى قىلالمىدى.
چىشىم : تاتلىق ، سوغۇن نەرسىلەرنى يېسەم شۇرقىراپ ئاغرىپ كېتىدۇ ، پەقەت بىرتال چىش .
چىش مىلىكىنىڭ سەزگۈرلىكى ئېشىپ كېتىپتۇ دەپ دىئاگنوز قويغان تا ھازىرغىچە سەزگۈرلىكى بېسىقمىدى .
ۋىتامىنc ۋە ۋىتامىنb2 يەپ بېقىڭ ( تەخمىنەن 15 كۈن ئەتراپىدا) يەنە ئۈنۈمى بولمىسا، شۇ بىر تال چىشنى تەشتۈرۈپ، چىش يىلىكىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئۈچ قېتىمدىن يەتتە قېتىمغىچە دورا قويدۇرۇپ، چىشىڭىز قەتئى ئاغرىمايدىغان بولغاندا زاماسكىلاتسىڭىز ئۇنىڭدىن كېيىن قەتئى ئاغرىمايدۇ.(لېكىن مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا داۋالىتىڭ. ئەرزان قىلدۇرىمەن دەپ، چالا تازلىنىپ قالسا ياكى يىلىك چالا ئېلىنسا dawanqi كۆرگەن كۈننى كۆرۈشۈپ بېرىسىز)