hotanboyxxx يوللانغان ۋاقتى 2012-8-26 16:06:46

توردا ئۇيغۇرچە PDF ھوججەت ھاسىل قىلىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، بۈگۈن مەن ئاددىي بىر قۇرالنى ئىشلىتىشىڭلارغا سۇنماقچىمەن، بۇ بىر PDF ھاسىل قىلىش بېتى، قۇشۇمچە ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە.



                 ئادرېسى:          http://y186569.51host.net/Default.aspx





ئىشلىتىپ كۈرۈپ تەكلىپ پىكىر بەرگەيسىلەر، كەمچىلىكلىرى بولسا تولۇقلاپ ئىشلەيمەن .



يەنە بىر گەپ، بۇ بۇشلۇقنى ئىچكىردىكى شىركەتلەردىن ئالغان ئىدىم، ئىسىممۇ ئالغان، لېكىن 备案,ICP  دىگەنلەرنى زادى ئالالمىدىم، بۇ ئىشنى بۇرۇن ئاسانلا قىلغىلى بولاتتى، ئارخىپنى تولدۇرۇپ بەرگىلى ئىككى ئايدىن ئاشتى، ھېچ تەستىقلانمىدى ...



قانداق قىلىشنى بىلمىدىم، بۇ جەھەتتە تەجرىبىسى بار دوستلار ياردەم قىلساڭلار، يول كۆرسەتسەڭلەر.

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-26 18:28:41

ICP ئالالمىغان بولسىڭىز ئاشۇ بوشلۇق سودىگەرلىرىگە پۇل بىرىپ بىجىرمەكتىن باشقا ئامال يوق .

raxit1973 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-26 19:05:03

بۇ تېما ئەسلى بىلىك كۇلۇبىغا يوللىنىپتىكەن، ئەسلى مەنبەدە خېلى ئەھمىيەتلىك ئىنكاسلارمۇ بار ئىكەن، بۇنىڭ ئاپتورغا ۋە بۇ بەتنىڭ كېيىنكى نەشرلىرىگە بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن بىلىكتىكى ئىنكاسلاردىن مۇھىمراقلىرىنى كۆچۈرۈپ قوياي:

------------------

Uginix نىڭ ئىىنكاسى

سىناپ كۆرۇپ باقتىم. ماڭا يارىدى.

تەكلىپ: 1. ھۆججەتنىڭ مۇۋەققىپىيەتلىك ھاسل بولغانلىغىنى ئەسكەرتىدىغان ئۇچۇرنىڭ كۆرۇنىدىغان ئورنى مۇۋاپىق ئەمەسكەن، بولسا «باشلاش» دىگەن كۈنۇپكا نىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلسا.

2. خەت نۇسخسى خېلى تولۇق تەمىنلىنىپتۇ، بولسا ماقالە مەزمۇن كوزنىكىنى RTF قىلساق، ھاسىل قىلىشتىن بۇرۇن «كورۇپ بېقىش» ئىقتىدارى بولسا.

3. PDF نىڭ بەت قېشى، 页脚(بەت نىمىسى )قاتارلىقلار نى ئىشلەتكۇچىلەر ئوزلىرى تەڭشىيەلەيدىغان بولسا.

----------------------------------

kulke نىڭ ئىنكاسى:

مەن سىناپ باقتىم. سۈرئىتى تېزكەن.

مېنىڭچە سىستېما ئۇچۇرلىرىنى ئاستىغا قىلسىڭىز، ئاشۇ بەت ئىچىنى يەنىمۇ كەڭرىرەك قىلسىڭىز بولامدۇ قانداق. سىستېما ئۇچۇرىنى ئاستىغا چۈشۈرۈپ PDF قا ئايلاندۇرۇش تاماملانغاندىن كېيىن ئەسكەرتىش ئۇچۇرى ئايرىم بەت يۈزىدە كۆرۈنسە ياخشى بولاركەن. بولمىسا ئايلاندۇرۇش تۈگىدىمۇ تۈگىمىدىمۇ بىلەلمەي قالىدىكەن ئادەم.

ئاندىن بەت قېشى ۋە بەت نومۇرلىرىنىمۇ خالىغانچە قوشقىلى بولىدىغان قىلىپ قويسىڭىز بولاركەن. ھازىر بەت قېشىدا پەقەت سىزنىڭ تور بېكەت ئادرېسىڭىزلا باركەن. مېنىڭچە بەت قېشىغا باشقىلار خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيدىغان قىلىپ قويسىڭىز. ئەڭ كەينىگە ئاندىن « بۇ PDF ھۆججەت www.uyasp.com دا ياسالدى» دېگەندەك گەپنى قوشۇپ قويسىڭىز ھەم باشقىلار دائىملا سىزنىڭ بېتىڭىزدىن pdf ئايلاندۇردىغان بولىدۇ. ھەم ئادرېسىڭىزمۇ ئاستىدا بار بولىدۇ.  ئويلىشىپ بېقىڭ.

-------------------------------

udmish نىڭ ئىنكاسى:

مەن تۆۋەندىكى مەسىلىلەر ساقلىنىۋېتىپتۇ دەپ قارىدىم:

1) مەشغۇلات دېگەندەك قولايلىق ئەمەس ئىكەن. يەنى، كۇنۇپكا ۋە ئۇلانمىلارنىڭ ئورۇنلىرى تازا مۇۋاپىق ئەمەس.

- تەھرىر رايۇنى  كىچىك.

- «باشلاش» كۇنۇپكىسىنىڭ ئىسىمىنى مەشغۇلات مەقسىىتىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان قىلىپ قويسىڭىز. مەسىلەن «PDF ھاسىللاش» دېگەندەك.

- PDF  ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن چۈشۈرۈپ كۇنۇپكىسىنى كۆزگە كۆرۈنەرلىك يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسىڭىز.



2) قوللىنىشچانلىقى دېگەندەك يۇقىرى ئەمەس.

- مېنىڭچە كىشىلەرنىڭ ئاددىي تېكىستىنىلا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىغا توغۇرلاپ PDF كە ئايلاندۇرۇۋېلىشقا بولغان ئىھتىياجى يۇقۇرى بولۇشى ناتايىن.

- مۇرەككەپ فورماتلىق مەزمۇنلارنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان تور يۈزى تەھرىرىلىگۈچلەر بىلەن بىرلەشتۈرسىڭىز.  تۆۋەندىكىلەر ئەس قېتىپ قالار:

ئەڭ ئاۋات تور يۈزى تەھرىرلۈگۈچىلەردىن 20 دانىسى: http://www.webdesignerdepot.com/ ... -rich-text-editors/

FCKEditor  مەزمۇنىنى PDF گە ئايلاندۇرۇش تۈرى: http://sourceforge.net/projects/h2pe/



- ئىشلەتكۈچىلەر تور يۈزىدە تۇرۇپ Text, Word, Excel, RFT ۋە باشقا فورماتتىكى ھۆججەتلىرىنى PDF ئايلاندۇرالايدىغان بولسا.



3) ياسالغان PDF ھۆججىتىگە ھۆرمەت قىلىنمىغان.

ياسالغان PDF ھۆججىتىنىڭ بەت قېشىغا تور بېتىڭىزنىڭ ئادرىسى كۆرۈنەرلىك قىلىپ ئاپتوماتىك قوشۇلۇپ قالىدىكەن.

بەت قېشى ھۆججەتنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇق ئۇچۇرلىرى ياكى باپ ئۇچۇرلىرنى قويىدىغان مۇھىم جاي. بۇ ئورۇننى PDF ھاسىللاپ بەرگۈچى خالىغانچە ئىگەنلىۋالسا مۇۋاپىق بولمايدۇ.

خۇددي  Kulke ئەپەندىم ئېيتقاندەك ئەگەر تور بېتىڭىزنى ياسالغان PDF ھۆججىتىگە چوقۇم قىستۇرۇپ قوياتتىم دېسىڭىز،  بەتنىڭ ئاستى تەرەپلىرىگە سۇس رەڭدە ياكى كىچىك قىلىپ قىستۇرۇپ قويسىڭىز.

ئەلۋەتتە، مېنىڭچە ئەڭ ئاقىلانىلق ئۇسۇل شۇكى، تور بەت ئۇچۇرىڭىزنىڭ قىستۇرۇلۇش قىستۇرۇلماسلىقىنى ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى تاللىسۇن. يەنى، بەت يۈزىدە Checkbox دىن بىرنى بېرىڭ ۋە ئۇنىڭ كۆڭۈلدىكى قىمىتى قىستۇرۇلىدىغان ھالەتتە بولسۇن.



3) www.uyasp.com ئېچىلمايدىكەن.



4) بۇ قۇرالنى سەل ياخشىلاپ  http://lab.uyghurdev.net گە قويۇپ قويسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولغۇدەك.

--------------------------------------------



ئاپتورنىڭ شۇ تېمىدىكى ئىنكاسى ۋە بۇنىڭغا udmish نىڭ بەرگەن باھاسى:

نۇرغۇن تورداشلار سىناق قىلىپتۇ، تور بوشلۇقۇمغا  قارىسام شۇنداق ياخشى ماقالىلەر تۇرىدۇ، ئۆزەممۇ چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقتىم، ئەمدى ئېلكىتاب چۈشۈرۈش بېتى ئىشلىسەم بولغىدەك، تىلفۇنلاردا، ئايپەدلەردە ئېلكىتاب كۆرۈش بەك ئەپلىككەن...

باھا:

باشقىلارنىڭ ماقالىلىرى PDF كە ئايلىنىپ چۈشۈرۈلۈپ بولۇنغاندىن كېيىن. ئاپتوماتىك ئۆچۈرۈۋېتىلمەيدىكەندە.

ئەمسىە، بىز قانداقسىگە خاتىرجەم ھالدا مۇھىم ۋە مەخپىي ماتېرياللارنى سىزنىڭ مۇلازىمېتىڭىزگە يوللاشقا جۈرئەق قىلالايمىز؟  سىزنى بۇ ماتېرلارنى كۆرمەيدۇ دېگەندىمۇ، باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشتىن قانداق ساقلانغىلى بولىدۇ؟ بۇ قۇرالنىڭ ئوغۇرلۇقچە ماتېرىيال يىغىش مەقسىدى بار-يوقلىقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىمىز؟

دېمەك قۇرالىڭىزدا ساقلانغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە: شەخسىي ماتېريالنىڭ مەخپىيەتلىك مەسىلىسى

بەلكىم «بۇ ماتېرياللارنى مەن نىمە قىلاتتىم، بۇ دېگەن چوڭ مەسىلە ئەمەس...ماتېريالىڭىزنى مۇھىم دەپ قارايدىغان ئىشىڭىز بولسا بۇ قۇرالنى ئىشلەتمەڭ...» دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ۋەبەلكىم ھازىرقى سىناق مەزگىلىدە بۇ مەسىلىلەرنى تېخى كوپ ئويلىمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن بۇ ھەقىقەتەن چوڭ مەسىلە. بىر قىسىم خەلقئارالىق چوڭ تور بەتلەر مۇشۇنداق مەسىلەردە تەۋەككۈل قىلىپ ساقلغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن تەنقىتلەرگە ئۇچراۋاتىدۇ.

. تور بېتىڭىزگە «شەخسىي مەخپىيەتلىك»  باياناتنامىسى قوشۇپ بۇنىڭدا ئىشلەتكۈچىلەر تەمىنلىگەن ئۇچۇرلانىڭ كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالى تورغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.



   

پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن:

ھەر خىل تىپلىق ھۆججەتلەنى PDF كە تور يۈزگە ئايلاندۇرۇش مۇلازىمىتى تەمىنلەيدىغان داڭلىق توربە ت http://www.freepdfconvert.com ئۆزىنىڭ «كۆپ سورالغان سۇئاللار» بېتىدە مۇنداق ئەسكەرتكەن:

مەنبە ھۆججىتڭىز PDF ئايلىنىپ بولۇپ سىز چۈشۈرۋالغاندىن كېينلا مۇلازىمېتىردىن دەرھال ئۆچۈرىۋېتەلەيسىز. سىز ئۆچۈرۋەتكەندىن كېيىن مۇلازىمېتىردا ھېچ قانداق كۆچۈرۈلمىسى ساقلىنىپ قالمايدۇ. ئەگەر ئۆزلىگىڭىزدىن ئۆچۈرۋەتمىسىڭىز 24 سائەتتىن كېيىن ئاپتوماتىك ئۆچۈپ كېتىدۇ.

------------------------------------------

raxit1973 نىڭ ئىنكاسى:

ياخشى يىرى مەن بۇ pdf قا ئايلاندۇرۇش بېتىنى ئايفوندا تۇرۇپ بىمالال ئىشلىتەلىدىم. ئۆزۈم بايقىغان بارلىق ئىقتىدارلىرىدىن نورمال پايدىلىنالىدىم، بۇنىڭدىن ناھايىتى سۆيۈندۈم. تۆۋەندىكى سۈرەتلەر ئايفون ئېكرانىدىن تۇتۇلغان سۈرەتلەر:

سۈرەتلەرنى ئەسلى مەنبەدىن كۆرۈڭ: http://bilik.biz/bbs/thread-25185-1-1.html

تېكىستلەرنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ PDF قا ئايلاندۇرۇش؛

تېكىستلەرنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈش، توغرىلاش:

خەت نۇسخىسى ۋە خەت چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىش؛

رەڭگىنى ئۆزگەرتىش؛

ھاسىللانغان PDF ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش ۋە بىۋاستە ئايفوندىكى ئېلكىتاب كۆرۈش قورالى iBooks قا ئۇزىتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا بىجىردىم. باشقىلار ئوتتۇرىغا قويمىغان بىر كەمچىلىك باردەك قىلىدۇ، يەنى ھاسىللانغان PDF ھۆججىتىدىكى تېكىستلەرنىڭ قۇر ئارقلىقى بەك يېقىن ئىكەن. قۇر ئارىلىقىنى سەل مۇۋاپىقلاشتۇرغىلى بولسا. ئەگەر بۇ ئىقتىدارنى ئىشلەتكۈچى ئۆزى بەلگىلەيدىغان قىلىپ لايىھەلىگىلى بولسا تېخىمۇ قالتىس بولاتتىكەن.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-8-26 19:58:35

مەنمۇ سىناپ باقتىم. بولۇپمۇ ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ياختۇردۇم.  \"\"

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2012-8-26 23:44:02

icp   نى بىر ھەپتە ئىچىدە   ئېىپ بېرىدىغان ئىشەنچلىك ئورندىن بىرنى دەپ بېرەي

www.xinjang.net ماۋۇ توردىكى مۇناسىۋەتلىك ئادەم بىلەن ئالاقىلىشىڭ! ئىشەنچلىك .

hotanboyxxx يوللانغان ۋاقتى 2013-2-16 08:28:01

مۇقىم ئادرىسى : http://pdf-books.info

بۇندىن كېيىن مۇشۇئادرېس بىلەن زىيارەت قىلىڭلار .



يىڭىلىق : ئېلخەت يوللاش ئىقتىدارى قوشۇلدى، ھاسىل قىلىنغان pdf ھۆججەتنى خەت ساندۇقىغا يوللاشقا بولىدۇ.

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2013-2-16 08:34:21

ساقلىۋالدىم، رەھمەت! \"\"

kabana يوللانغان ۋاقتى 2013-2-16 12:39:57

مۇشۇنداق بىر ئۇيغۇرچە توربەت بولىدىغان، نەچچە ئاي بۇرۇن @yolyar ئادرىسىنى ئىۋەتىپ بەرگەنتى. بۇ يەرگىمۇ قالدۇرۇپ قوييۇڭ

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-2-16 18:47:19

7- قەۋەتتىكى kabanaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇنداق بىر ئۇيغۇرچە توربەت بولىدىغان، نەچچە ئاي بۇرۇن @yolyar ئادرىسىنى ئىۋەتىپ بەرگەنتى. بۇ يەرگىمۇ قالدۇرۇپ قوييۇڭ

http://www.yolyar.com/html/qoral دىكى «كومپيۇتېر-تور» تۈرىگە قاراڭ.

بەت: [1]
: توردا ئۇيغۇرچە PDF ھوججەت ھاسىل قىلىش