ۋەدىسىدە تۇرۇش تەسمۇ- نېمە؟
«ۋەدىسىدە تۇرۇش تەسمۇ- نېمە؟» دېسەم ،ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئادەم تۇرۇپ، ۋەدىسىدە تۇرۇشتا بىزگە ئۈلگە بولماي نىمە ئۇنداق يانغاقتۇ- دەپ قالماڭلار ،ھېلىقى ئانا تىل توغرىسىدا شىئېر يازغان <بىر سوم پىلانى>نىڭ تەشكىللىگۈچىسى ئەيساجان دىگەن بالىنىڭ ساۋاپلىق ئىشلىرىنى 3-4يىل بۇرۇن ئاڭلاپ ،ئاۋاز قوشاي جۇمۇ دەپ ئازراق پۇل تەييارلاپ بانكىغا سېلىشقا ھورۇنلۇق قىلىپ مەھەللىدىكى بىر مومايغىلا بېرىۋېتىپ قۇتۇلغانتىم.ئەمما ئۆزەم ئوقۇشتىكى كەمبەغەل بالىلارنى يۆلەش تەرەپدارى بولغاچقا،پات-پات ۋاپادارىمنىڭ ساۋاپلىق ئىش قىلىۋاتقانلىغىنى تەشۋىق قىلىپ قويىمەن:<ئاشۇ بالا باشلىغان ساۋاپلىق ئىشقا قاتنىشايلى،ياردەمنى مۇشۇنداق ساۋاپلارغا ئاتاش كېرەك،نەچچە يىلنىڭ ياقى كەمبەغەلنىڭ بىر قېتىملىق قورساق تويغۇزۇشىغا ياردەم قىلدۇق،ئەسلى چوڭ ساۋاپ بالىلارنى ئوقۇتۇشتا >دەپ.ئاغىنىلەرمۇ:<ئۇنداقتا بىز ياردەم قىلايلى،سەن ئۆزۈڭ كېلىپ ئەكەت>دەيدۇ،مەن ھورۇن ماقۇل دەيمەنيۇ-بارالمايمەن.ئۇرۇق -تۇققانلارغىمۇ تەشۋىق قىلىمەن دەيمەن،ۋاقتىدا ئۇنتۇپ قالىمەن كېيىن ئېسىمگە كېلىپ ئاپلا دەيمەن.بۇ قېتىم ھېيتقا ئاز قالغاندا ئاشۇ ئەيساجانغا تېلىفۇن قىلىپ بانكا نومۇرىنى سورىۋېلىپ،پۇل سالغىلى بانكىغا بارسام ئادەمنىڭ جىقلىغى،يېنىپلا كەلدىم، ئەيساجاندىن بىر قىزنىڭ 23-چىسلا ئوقۇشقا بارماقچى ئىكەنلىگىنى ئاڭلىغاچقا،ئەتىسى ئەتىگەندە بېرىپ خېلى ئۆچىرەت ساقلاپ سېلىۋەتتىم ۋە ئۇھ دىدىم.ھېيت پەتىسىدە ئەيساجاننىڭ <بىر سوم پىلانى>نى يېقىن دوستلارغا يەنە دىدىم .بەزىلەر ئۇ بالا مۇشۇ يەردە بولغان بولسا قولىغىلا بەرگەن بولساق بوپتىكەن،مۇشۇ بانكىغا پۇل سېلىش ئاۋارىچىلىق(ماڭا ئوخشاش)دىيىشتى.يەنە بەزىلەر <مۇشۇنداق ياخشى ئىش قىلىۋاتقان بالا بارما؟ئەمدى ئاڭلاۋاتىمىز> دىيىشتى.<ئەيساجان باشقىچە بىر ئۇسۇلدا تەشۋىق قىلىپ قويسا بولىدۇكەن،ئاڭلىمىغانلار ئاڭلىۋالسىكەن >دەپ ئويلاپ قالدىم.تېخى تۈنۈگۈن بىر ئاغىنەم تېلىفۇن قىلىپ<بىر ياردەمنىڭ گېپىنى قىلىۋاتاتتىڭ،ئاتاپ قويغىنىم بارتى،ئەكەتكەن بولساڭ>دەيدۇ،ماقۇل دىدىم بارالمىدىم(ھورۇنلۇق)ياخشى ئىشلارغا نىمانداق سۇسلۇق قىلىدىغاندىمەن؟بولمىسا ياخشى ئىشقا دەۋەت قىلىشتا چاتاق يوق،ھەتتا تەشۋىقنىڭ كۈچىدىن بالاممۇ<دادا،ماڭا ئاتىغان ھېيتلىقنى ئەيساجان ئاكامغا بېرىۋەت،مەن ئەمدى ھېيتلىق ئالمايمەن>دىيەلىدى.ھەي ماڭا قېرىلىق يەتكەن ئوخشايدۇ،3كۈننىڭ ئالدىدا ئەيساجاندىن ئۇ قىزنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ ئاتالغان پۇلنى سېلىپ بېرىمەن دەپ ۋەدە قىلىپ يەنە ۋەدەمدە تۇرالمىدىم ئەپسۇس!ماڭا بىر ئىلھام بېرىڭلار ھوي ئىنى-سىڭىللار!ھازىرلا قوپاي ساۋاپلىق ئىشقا شېرىك بولاي. ،ئەر كىشى بولغاندىكى نىمە ئۇ ھۇرۇنلۇق -پۇرۇنلۇق دەيدىغان ،كېسىپ-كېسىپ قىلىدىغان ئىشقۇ بۇ ،خەق جاپادا قىينىلىپ زار-زار ،سىز ھورۇنلۇقتا غار-غار ،گەرچە ئۆزىڭىنىڭ پۇلى بولسىمۇ ۋەدە بېرىپ قويغاندىكى يۈز پىرسەنت قىلمىسىڭىز بولمايدۇ .مەيلى سىز ياش تۇرۇپ قېرىلىق يەتكەن بولسۇن ،يا راستىنلا قېرىپ كەتكەن بۇلۇڭ ،بانكىغا بىربېرىپ كېلىڭ ھە


بۇ پۇل قىزىل كىرىست جەمىيىتنىڭ ھېسابىغا يۆتكىلىدۇ.ئەگەر wapadarim912@ مۇ كۆچمە خەۋەرلىشىش بىلەن ھەمكارلىشىپ مۇشۇنداق مۇلازىمەتنى ئېچىۋالسا كۆپىنچە ئادەمنىڭ
بانكىغا بېرپ پۇل سېلىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.
6- قەۋەتتىكى sarayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ قىزىل كىرىست جەمىيىتىگە پۇل ئىئانە قىلىدىغان مۇلازىمىتى بار،ئادەتتە تېلفۇندىن بەلگىلەنگەن نومۇرغا ئۇچۇر يوللىسىڭىز بىر ئۇچۇرغا بىر كوي تۇتىدۇ،ئاندىن
بۇ پۇل قىزىل كىرىست جەمىيىتنىڭ ھېسابىغا يۆتكىلىدۇ.ئەگەر مۇ كۆچمە خەۋەرلىشىش بىلەن ھەمكارلىشىپ مۇشۇنداق مۇلازىمەتنى ئېچىۋالسا كۆپىنچە ئادەمنىڭ
بانكىغا بېرپ پۇل سېلىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.
ما بەك ئىسىل ئىشكەن. مۇشۇنداق قىلغىلى بولسا ئاسانلا ھەل بۇلاركەنتۇق؟
wapadarim912@ ئامانەت-قەرز كوپراتىپنىڭ كارتىسدىن بىرنى بىجرىپ قۇيۇڭلا. يىزا ئىگلىك بانكىسى بىلەن سودا سانائەت بانكىسى دا ئادەم بەك ئۆچرەتتە تۇرۇپ كىتىدىكەن ، تور بانكىسنى ئاچقۇزۇپ قۇيمەن دەپ 2يىل بولدى ،يا بىر ئاچقۇزمىدىم ،ۋاقىت چىقماي ۋاقىت چىىققاندا بولسا ئۇنتۇپ قېلىپ دىگەندەك ، ھەرقېتىم بىر سوم پىلاننىڭ گىپى چىقسىلا ياردەم قىلغۇم كىلىپ ھاياجانلىنىپ كىتمەن ،ئەتسلا جاھاندارچىلىقنىڭ ئالدىراشچىلقى بىلەن يەنە ئۆزئىشىمغا مەشغۇل بوپ كىتمەن،
ئويلاپ باقسام مۇشۇ ئىشتا ئۈزەمنى -ئۈزەم بەك ئالدىۋىتىپتىمەن ، ئەمدى بولسمۇ ئۈزۈمنى ئالدىماي .
تىما ئىگسى مەندەكلەرنىڭ ئىسگە ئۇشبۇ ساۋاپلىق ئىشنى سالغىنغىزغا كۆپ تەشەككۈر.
تېما ئىگىسى ئىلھام تەلەپ قىپتىكەن، شۇڭا يازدىم.
4- قەۋەتتىكى elbilgeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كالتىسىي خىلورات ئوكۇلىدىن بىرنى سالدۇرۇۋېتىڭە![]()
نېمە رولى بار ئادەمگە ؟؟؟
«ياھ . بىسمىللللللللللللللللللللللللللللللللللللللللللللا ھ»
دەپ ئورنوڭلاردىن تۇرساڭلار شەيتاننىڭ نوختىسى ئۈزۈلىدۇ!!!؟
5- قەۋەتتىكى bariberنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئى ئاللاھ! ۋەدەمنى ئىشقا ئاشۇرۇشۇمغا ياردەم بەرگەيسەن،ئامىن.
مەندەكلا دۇئا قىلىدىكەنسىز. ئاللاھ ئىجابەد قىلسۇن !!!
مېنىڭچە مەسىلنى ھەل قىلىشنى سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتىشتىن باشلىساق بولامىكىن . نىمە ئۇ بەرىبىر دەپ.
بەرىبىر ئەمەس چوقۇم بېرىش كېرەك . بولمىسا ئىسمىڭىزنى چوقۇمغا ئۆزگەرتەمدۇق يا!

13- قەۋەتتىكى hoxhawarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مېنىڭچە مەسىلنى ھەل قىلىشنى سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى ئۆزگ+ەرتىشتىن باشلىساق بولامىكىن . نىمە ئۇ بەرىبىر دەپ.
بەرىبىر ئەمەس چوقۇم بېرىش كېرەك . بولمىسا ئىسمىڭىزنى چوقۇمغا ئۆزگەرتەمدۇق يا!![]()
ئۇ ئىسىمنى قوللىنىشتىكى سەۋەپ،:7-8يىلنىڭ ئىزدىنىشقا قانداق چىقىدىغاندۇ؟دەپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا، بىرسى مەن تىزىملىتىپ بېرەي دەپ نىمە ئىىسىم قوللىنىدىغانلىغىمنى سورىدى،مەن نىمە بولسا مەيلى دىسەم مۇشۇ ئىسىمنى تىزىملىتىپ قويغان ئىدى... ۋاپادارىم دىگەن بالا بىزنى ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارغا يەنى خەيرى ساخاۋەت ئىشلىرىغا دەۋەت قىلىپ< بىر سوم پىلانى>نى يولغا قويۇپتۇ،ئۇ بالىغا ئەجىرلەر بولسۇن!بىر ئادەمنىڭ ساق ۋاقتىدا قىلغان سەدىقەسى ئەجىر-ساۋاپ جەھەتتە ،كېسەل ۋاختىدىكىدىن مۇكەممەل بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :بايلىقىڭنى كەمبەغەللىشىپ كېتىشتىن بۇرۇن غەنىمەت بىل دىگەن .مەنمۇ ئۈستىدىكى تورداش دىگەندەك <بىسمىللاھ >دەپ ئورنۇمدىن تۇراي،قېرىنداشلار ھەممىمىز ئەيساجان باشلىغان ساۋاپلىق ئىشقا ئەگىشىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىرايلى. ساۋاپلىق ئىشقا ئالدىرايلى دوسلار ، ئاللاھ ئىشلىرىمىزغا ئاسانلىق بەرگەي ...ئامىن
بەت:
[1]