adwukat يوللانغان ۋاقتى 2012-8-25 23:33:47

قىيناپ سوراق قىلغۇچىلار جازالاندى

قىيناپ سوراق قىلغۇچىلار جازالاندى




ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى . تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ كەيفىڭ شەھىرى لۇڭتىڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە ، جاۋ زوخەينى قىيناپ سوراق قىلىپ قىستاپ ئىقرار قىلدۇرغان 6 نەپەر ساقچىغا بىرىنچى سوت ھۆكۈمى چىقىرىلغان . بۇلارنىڭ ئىچىدە 5 نەپەر ساقچىغا جىنايى جازا بىرىلىپ ، 1 نەپەر ساقچى جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلىنغان . 6 نەپەر جاۋاپكارنىڭ ھەممىسى نارازىلىق ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . نۆۋەتتە مەزكۇر دىلونى كەيفىڭ شەھەرلىڭ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىككىنچى سوت تەرتىپى بويىچە قاراپ چىقماقتا . بىرىنچى سوتتا جاۋ زوخەي كەيفىڭ شەھەرلىك لۇڭتىڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە 600 مىڭ يۈەن ھەق تەلەپ تۆلىمى تەلەپ قىلغان ، بىراق بۇ تۆلەم تەلىپىنى سوت مەھكىمىسى قوللىمىغان .


2010 – يىلى 4 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ، جاۋ زوخەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى دەپ قارالغان جاۋ چىڭشياڭ تۇيۇقسىز «تىرىلىپ» قالغان . بۇ چاغدا بۇ «ئۆلۈك» نى ئۆلتۈردى دەپ سوت تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بىرىلىپ ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ، قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش جازاسى بىرىلگەن جاۋ زوخەينىڭ تۈرمىدە جازا ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىغا 11 يىل بولغانىدى . شۇنىڭ بىلەن جاۋ زوخەي گۇناھسىز دەپ قويۇپ بىرىلگەنىدى . 2011 – يىلى 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ، كەيفىڭ شەھەرلىك لۇڭتىڭ رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 6 نەپەر جاۋاپكارنى قىيناپ سوراق قىلىپ قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش جىنايىتى بىلەن سوتقا ئەيىپلەشكە يوللىغانىدى .


سوت مەھكىمىسى : 6 نەپەر جاۋاپكار دىلو بىجىرىش جەريانىدا جاۋ زوخەيگە قارىتا قىيناپ سوراق قىلىپ قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇشنى تەشكىللەپ ، ئەمەلىي يۈرگۈزۈپ جاۋ زوخەينىڭ خاتا ھالدا ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل قىلىپ بىكىتىلىشىدەك ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىدىن قىيناپ سوراق قىلىپ قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ دەپ قارىغان . 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ، لۇڭتىڭ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دىلوغا 1 – سوت ھۆكۈمى چىقىرىپ : جاۋاپكار ۋاڭ سوڭلىڭ ، گو شوۋخەيگە مۇددەتلىك 2 يىللىق قاماق جازاسى ، جاۋاپكار دىڭ جوڭچيۇ ، لو مىڭجۇغا مۇددەتلىك 1 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى بىرىش ، جاۋاپكار سى چوڭشىنغا مۇددەتلىك 1 يىللىق قاماق جازاسى بىرىش ، جاۋاپكار جۇ مىڭخەننى جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدا بىرىنچى سوت ھۆكۈمى چىقارغان . جاۋ زوخەي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەزكۇر دىلوغا قارىتا قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋا قىلغان .


جاۋاپكارلارنىڭ قىسقىچە سالاھىيىتى :


ۋاڭ سوڭلىن :


قولغا ئىلىنىشتىن بۇرۇن : شياڭچۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار تارماق ئەترىتى 3 – چوڭ ئەترەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى .


ئەينى ۋاقىتتا : ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ جىنايى ئىشلار چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئىدى .


دىڭ جوڭچيۇ :


قولغا ئىلىنىشتىن بۇرۇن : ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، دائىمى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى .


ئەينى ۋاقىتتا : ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ جىنايى ئىشلار تەھقىقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئىدى .


لو مىڭجۇ :


قولغا ئىلىنىشتىن بۇرۇن : شياڭچۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دىلولارغا قاراپ چىقىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى .


ئەينى ۋاقىتتا : ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ جىنايى ئىشلار چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئىدى .


سى چوڭشياڭ :


قولغا ئىلىنىشتىن بۇرۇن : ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئىقتىسادى رازۋىتكا ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى .


ئەينى ۋاقىتتا : ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ جىنايى ئىشلار چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىدى .


جۇ مىڭخەن :


قولغا ئىلىنىشتىن بۇرۇن : ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئەرز شىكايەت چوڭ ئەترىتىنىڭ يىتەكچىسى .


ئەينى ۋاقىتتا : ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ جىنايى ئىشلار چوڭ ئەترىتىنىڭ كادىر ساقچىسى ئىدى .


ھۆكۈمنامىدە كۆرسىتىلىشىچە : جاۋاپكار دىڭ جوڭچيۇ لاۋ ۋاڭجى ساقچىخانىسىدا مەزكۇر دىلوغا قارىتا تەھلىل قىلىش جەريانىدا دىڭ جوڭچيۇ دىلو بىجىرگۈچى ساقچىلارغا : « ئىرادىنى مۇستەھكەملەپ ، سوراق قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ ، بالدۇر پاش قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش » نى تەلەپ قىلغان .


جاۋ زوخەي 1999 – يىلى 5 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن 1999 – يىلى 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنىگىچە ، لاۋ ۋاڭجى ساقچىخانىسى ۋە ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىدا دىلو بىجىرگۈچى خادىملار نۆۋەتلىشىپ سوراق قىلىپ ئۇدا 33 كۈن سوراق قىلغان .


جاۋ زوخەي قىيناپ سوراق قىلىنىپ قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇلغان بولغاچقا 2002 – يىلى 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى شياڭچۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قەستەن قاتىللىق جىنايىتى بىلەن جاۋ زوخەيگە ئۆلۈم جازاسى بىرىپ ئىككى يىل كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلدۇرۇش ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش جازاسى بىرىلىشىگە سەۋەپچى بولغان .


جاۋاپكار ۋاڭ سوڭلىننىڭ ئىقرارىدا : « بىز ئۈچ گورۇپپىغا بۆلۈنۈپ جاۋ زوخەينى سوراق قىلدۇق ، ئۇ ئۇخلاشقا ئامالسىز ئىدى ، دېدى .


جاۋاپكار گو شوخەي ئىقرارىدا : « جاۋ زوخەي قاتىللىق قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلمىغاندا ، لى دىلىن كىچىك كالتەك بىلەن جاۋ زوخەينىڭ بىشىغا ئۇرغان . تاپانچا بىلەن ئۇنىڭ بىشىغا ئۇرغاندا بىشىدىن قان چىققان ھەمدە يارىلانغان . 2010 – يىلى 5 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ، جاۋ زوخەينىڭ بىشىدىكى يارا ئىزىنى شياڭچۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قانۇن دوختۇرى باھالاش ئارقىلىق يېنىك زەخمە دەپ بىكىتكەن .





مەنبە :


http://news.iyaxin.com/content/2012-08/25/content_3590717.htm





جاۋ زوخەي (赵作海)دىلوسىنىڭ باش – ئاخىرى



دىلو ئەھۋالى :


1998 – يىلى 2 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ، خېنەن ئۆلكىسى شاڭچيۇ شەھىرى جېچىڭ ناھىيىسى ۋاڭ جى يېزىسى جاۋلو كەنتىدىكى جاۋ چىڭ شياڭنىڭ جىيەن ئوغلى جاۋ زولياڭ ج خ ئورگىنىغا كىلىپ دىلو مەلۇم قىلىپ ، تاغىسى جاۋچىڭشياڭنىڭ 1997 – يىلى 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن 4 ئايغىچە ئىزدىرىكى بولمىغانلىقىنى ، شۇ كەنتتىكى جاۋ زوخەينىڭ تاغىسى جاۋچىڭشياڭغا زىيانكەشلىك قىلغانلىق گۇمانى بارلىقىنى ئېيتىدۇ ، ج خ ئورگانلىرى دەرھال ئالاقىدار تەكشۈرۈشلارنى قانات يايدۇرىدۇ . 1999 – يىلى 5 – ئاينىڭ 8 – كۈنى جاۋلو كەنتى قۇدۇق قىزىش جەريانىدا ئاللىقاچان چىرىپ كەتكەن بىر باشسىز جەسەتنى بايقايدۇ . شۇنىڭ بىلەن ج خ ئورگانلىرى جاۋ زوخەينى زور گۇماندار دەپ قاراپ 5 – ئاينىڭ 9 – كۈنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويىدۇ . 1999 – يىلى 5 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن 6 – ئاينىڭ 18 – كۈنىگىچە جاۋ زوخەي 9 قېتىم سوراق قىلىنىپ جىنايىتىنى ئىقرار قىلىدۇ . 2002 – يىلى 10 – ئاينىڭ 22 – كۈنى شياڭچۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جاۋاپكار جاۋ زوخەينى قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى بىلەن شياڭچۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىپلەيدۇ . 2002 – يىلى 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى شياڭچۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوت ھۆكۈمى چىقىرىپ ، قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى بىلەن جاۋاپكار جاۋ زوخەيگە ئۆلۈم جازاسى بىرىپ ئىككى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ . خېنەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا قاراپ چىقىش ئارقىلىق 2003 – يىلى 2 – ئاينىڭ 13 – كۈنى شياڭچۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يۇقارقى ھۆكۈمنامىسىنى تەستىقلاپ كېسىم چىقىرىدۇ .


2010 – يىلى 4 – ئاينىڭ 30 – كۈنى يۇقارقى جىنايى ئىشلار دىلوسىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتتى ، دەپ قارالغان جاۋ چىڭ شياڭ تۇيۇقسىز كەنتتە پەيدا بولۇپ قالىدۇ .


شياڭچۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋ چىڭ شياڭنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال تەپتىش مەھكىمىسىدىكى تەپتىشلەر بىلەن بىللە جاۋلو كەنتىگە كىلىپ كەنت كادىرلىرى ،بىلەن سۆھبەتلىشىش ، جاۋ چىڭ شياڭنىڭ ئۆزى بىلەن سۆھبەتلىشىش جاۋ چىڭ شىياڭنىڭ تۇققانلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق يۇقارقى قەستەن قاتىللىق دىلوسىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەل مۇشۇ جاۋ چىڭ شياڭ ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ .


جاۋ چىڭ شياۋ ئۇلارغا ئەھۋال چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ :


1997 – يىلى 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى (دېھقانلار كالىندارى بويىچە 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى كىچىدە) مەن جاۋ زوخەينىڭ دۇ xx نىڭ ئۆيىگە كەلگەنلىكىدىن بىر ئاز ئاچچىقلىنىپ قالغان ، شۇنىڭ بىلەن ئۆيىمىزدە ئىشلىتىدىغان كۆكتات توغرايدىغان چەيدونى ئىلىپ دۇ xx نىڭ ئۆيىگە كەلگەن جاۋ زوخەينىڭ بىشىغا بىرنى چاپتىم . جاۋ زوخەينىڭ مەندىن ئۆچ ئېچىلىشىدىن قورقۇپ شۇنداقلا جاۋ زوخەينىڭ مۇشۇ زەربىدە ئۆلۈپ كىتىشىدىن قورقۇپ نەرسە – كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى سەھەردە ۋەلسىپىت مېنىپ 400 يۈەن پۇل ، يوتقان ، كىملىك گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلارنى ئىلىپ سىرتقا چىقىپ ئەسكىپۇرۇشلۇق قىلىپ كۈن كەچۈردۇم . ئۆتكەن يىلى يارتا پالەچ كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ پۇل يوق داۋالىتالماي ، كەنتكە قايتىپ كەلدىم .


جاۋ زوخەي بىلەن جاۋ چىڭ شياڭ ئەسلىدە كىچىكىدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان ئاغىنىلەردىن بولۇپ ، دائىم سىرتلارغا چىقىپ بىللە ئىشلەپ پۇل تاپاتتى . بىراق ئىقتىسادى تالاش – تارتىش سەۋەپلىك ئىككەيلەن بىر ئاز زىدىيەتلىشىپ قالغانىدى . جاۋ چىڭ شياڭ ئىزچىل جاۋ زو خەينى ئىلگىرى شىئەندە بىللە ئىشلەش جەريانىدا مېنىڭ 1800 يۈەن پۇلۇمنى ئىلىۋالدى ، دەپ قاراپ كۆپ قېتىم جاۋ زوخەيدىن بۇ پۇلنى بىرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ بىراق جاۋ زو خەينى بۇ تەلەپنى رەت قىلغان .


1997 – يىلى جاۋ زو خەي بىلەن گەن شياۋخۇ (ئايال) نىڭ مۇناسىتىنىڭ ياخشىلىقىنى ھىس قىلغان جاۋ چىڭ شياڭ 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى كىچىدە ، جاۋ زو خەينى بىشىغا كۆكتات توغرايدىغان چەيدو بىلەن بىرنى چىلىپ ، جاۋ زو خەينى ئۆلتۈردۇم دەپ قاراپ كىچىلەپ نەرسە – كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ قاچقۇنلۇق تۇرمۇشىنى باشلىغان . جاۋ چىڭ شياۋ ئىز دىرەكسىز يوقاپ كەتكەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ تەرىپىدىن كۆكتات توغرايدىغان چەيدو بىلەن چىپىلغان جاۋ زوخەي ئەڭ چوڭ گۇماندار بولۇپ قالغان .


بۇ 13 يىل مابەينىدە جاۋ چىڭ شياڭ ئىزچىل ئەسكىپۇرۇشلۇق قىلىپ كۈن كەچۈرگەن . ئۇنىڭ 1 – ئەۋلاد كىملىك گۇۋاھنامىسى مۇشۇ مەزگىلدە ئىككى قېتىم ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، 1 – قېتىم 1999 – يىلى ئۇ مەلۇم ناھىيىنىڭ مېھمانسارايدا قونماقچى بولغاندا تىزىملىتىشقا ئىشلىتىلگەن ؛ يەنە بىر قېتىم 2003 – يىلى «سارىس كىسىلى» تارقالغان مەزگىلدە ئۇ كۆچمە نوپۇس دەپ قارىلىپ ساقچىخانا تىرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن . بىراق ج خ ئورگانلىرى ئۇنىڭ ئاللىبۇرۇن «ئۆلۈپ» كەتكەن ئادەم ئىكەنلىكىنى بايقىمىغان .


2010 – يىلى 5 – ئاينىڭ 4 – كۈنى تۈرمىنىڭ كۆرۈشتۈرۈش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋ زوخەينىڭ تاغىسى ، ئاچىسى خېنەن ئۆلكىلىك 1 – تۈرمىگە كىلىپ جاۋ زو خەي بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇ «ئۆتتۈرىۋەتكەن» ئادەمنىڭ «تىرىلگەن» لىكىنى ئۇنىڭغا ئېيتقان . جاۋ زو خەي باشتا بۇنى ئاڭلاپ سۈكۈت قىلىپ تۇرغان ، بىردەمدىن كېيىن قاتتىق ئۈن سىلىپ يىغلىغان .


2010 – يىلى 5 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دە جاۋ زو خەي تۈرمە ساقچىنىڭ باشلىشى بىلەن خېنەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى تۈرمىگە تەسىس قىلغان سوت نەق مەيدانىغا كىرگەن . سودىيە قانۇنى تەرتىپ بويىچە جاۋ زو خەينىڭ جىنايەتسىز ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ قويۇپ بىرىلگەنلىكىنى جاكارلىغاندا ، جاۋ زو خەي ئۆزىنى بىسىۋالالماي قاتتىق ئۈن سىلىپ يىغلىغان .


قايتىدىن سوت قىلىش تەرتىپىنىڭ قوزغىتىلىشى


2010 – يىلى 5 – ئاينىڭ 5 – كۈنى خېنەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى شاڭچيۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جاۋ زو خەي دىلوسىنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، مەزكۇر دىلونى يېڭىۋاشتىن سوت قىلىش تەرتىپىنى قوزغىتىشنى قارار قىلغان .


2010 – يىلى 5 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ، شاڭچيۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋ چىڭ شياڭنىڭ سالاھىيەت كىملىكىنى بىكىتىشكە ئالاقىدار تاپشۇرغان . خېنەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى جاڭ لىيۇڭ سوت ھەيئىىتى يىغىنىغا ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغان . خېنەن ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى خې خىڭياڭ بۇ قېتىملىق سوت ھەيئىتى يىغىنىغا قاتناشقان . شۇنداقلا دىلونى ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋ زو خەينى قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايى ئىشلار دىلوسىنىڭ ھەقىقەتەن خاتا ئىشلەنگەن دىلو دەپ قارىغان . شۇنىڭ بىلەن سوت ھەيئىتى مۇنۇلارنى قارار قىلغان :


1. خېنەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2003) 13 – نومۇرلۇق قايتا قاراپ چىقىش كىسىمنامىسى ۋە شاڭچيۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ (2002) 84 – نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى كۈچتىن قالدۇرۇلۇپ ، جاۋ زو خەينى جىنايەتسىز دەپ جاكارلاش ؛


2. خېنەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى كىچىلەپ قانۇن ھۆججىتى تەييارلاپ خادىم ئەۋەتىپ بۇ قارارنى يەتكۈزۈش ۋە تۈرمە باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئادەمنى قويۇپ بىرىش ؛


3. جاۋ زو خەينىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنكى تۇرمۇش ئىشلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، دۆلەت تۆلىمى تەرتىپىنى قوزغىتىش .


بۇ قارار چىققاندا جاۋ زو خەي تۈرمىدە جازا ئۆتەپ بولغىنىغا 11 يىل بولغانىدى .


2010 – يىلى 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى شاڭچيۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى «دۆلەت تۆلىمى قارارنامىسى» چىقارغان .


2010– يىلى 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، جاۋ زو خەي شاڭچيۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بەرگەن 650 مىڭ يۈەن دۆلەت تۆلىمى بانكا چىكىگە ئىمزا قويۇپ تاپشۇرۇپ ئالدى .


شاڭچيۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى دۇ جيەنخۇ ئاخبارات ۋاستلىرىغا ئاشكارىلاپ ، ئەينى ۋاقىتتا جاۋ زو خەي دىلوسىنى بىجىرگەن سوتچىلاردىن جاڭ يۈن ، خۇ شۈەنمىن ، مۇۋەققەت سوتچى ۋىي شىنجىلاردىن ۋەزىپىسىدىن توختىتىلىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان .


ئەينى يىلى جاۋ زو خەينى قىيناپ سوراق قىلىپ قىستاپ ئىقرار قىلدۇرغان ساقچى گو شوۋخەي بىلەن جۇ مىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى .


2010 – يىلى 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ، ج خ مېنىستىرلىكى ، دۆلەت بىخەتەرلىكى مېنىستىرلىكى ۋە ئەدلىيە مېنىستىرلىكى بىرلىكتە «ئۆلۈم جازاسى دىلولىرىنى بىجىرىشتە دەلىل – ئىسپاتقا قاراپ چىقىپ ھۆكۈم قىلىشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» ۋە «جىنايى ئىشلار دىلولىرىنى بىجىرىشتە قانۇنسىز دەلىل – ئىسپاتنى چىقىرىپ تاشلاش توغرىسىدىكى بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» نى ئېلان قىلىپ ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى ۋە جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنى ئىجرا قىلىشتا بۇ بەلگىلىمىنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ ، جىنايەتنى قانۇن بويىچە جازالاپ ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداپ ، ھەر بىر دىلونى تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان قىلىپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى .


2010 – يىلى 6 – ئاينىڭ 2 – كۈنى خېنەن ئۆلكىسى شاڭچيۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە ، ج خ ئورگانلىرى 30 كۈن جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق ، ئەينى يىلى جاۋ زو خەي دىلوسىدا پارچىۋىتىلگەن جەسەتنى ئۆلتۈرگەن 3 نەپەر جىنايەت گۇماندارى ۋە گۇماندارلارنى قانات ئاستىغا ئالغانلارنىڭ ھەممىسىنى قولغا چۈشۈرگەن .


ئىگىلىنىشىچە ، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت جاۋ زو خەينىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا 6 ئېغىزلىق يېڭى ئۆي سىلىپ بەرگەن . شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت يەنە جاۋ زو خەينىڭ كونا ئۆيى ئاساسىدا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە يەنە 6 ئېغىزلىق يېڭى ئۆي سىلىپ بىرىشنى قارار قىلغان .


جاۋ زو خەي بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە يەر تىرىپ كۈن كەچۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .


matu يوللانغان ۋاقتى 2012-8-28 13:07:11

گەپ قىلە پاترول...

tujjar365 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-28 14:08:14

قىيناپ  ئىقرار قىلدۇرمايدىغان ساقچى  جوڭگودا بارمۇ ؟

dadash يوللانغان ۋاقتى 2012-8-26 07:58:58

نمېە دېيىشمنى بىلمىدىم، جۇڭگودا بۇ ئالاھىدە بىر قىسمەت بولماسلىقى مۇمكىن....

elqut يوللانغان ۋاقتى 2012-8-26 08:12:43

、ئاۋۇ ساقچىلارغا بەكمۇ ئىچىم ئاغرىدى نىمە دىگەن تەلەيسىز ،ساقچىلارنىڭ قىيناپ سوراق قىلىپ قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش نورمال خىزمىتى تۇرسا نىمىشقا يەنە كىسىم كەسكەندۇ ؟ئەگەر قىيناپ قىستاپ ئىقرار قىلدۇرۇش جىنايەت بولسا ساقچىلارنىڭ سوراققا مەسئۇل كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى تۈرمىگە چۇشۇپ كىتەرمىكىن دەيمەن

dunyajan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-26 08:50:17

قىيىن قىستاققا ئېلىنغان  توشقاننىڭ مەن مۈشۈكتىم دەيدىغان يۇمۇرى بولىدىغان... \"\"

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-26 08:52:51

سوراق دىگەننى ‹ ماندا كەلسە ، ئاش مانتا بىلەن بەتتە پولا يەپ قىززىق چاي ئىچىپ ئالدىرىماي سۆزلىسە ....› دەپ قىلىدىغان نەرسە بولمىسا يا .. .

Ulanbay يوللانغان ۋاقتى 2012-8-26 09:49:06

3- قەۋەتتىكى dunyajanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قىيىن قىستاققا ئېلىنغان  توشقاننىڭ مەن مۈشۈكتىم دەيدىغان يۇمۇرى بولىدىغان... \"\"

-ۋاي مەن توشقان!!! ۋاي مەن توشقان!!!،-قاتتىق دۇمبالىنىۋاتقان ئېشەكنىڭ توۋلىغىنىنى ئاڭلىغان مەن.

ئېشەكنىڭ ئىككى دىڭ قۇلىقى گۇمانلىق دېگەندەكچۇ.

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2012-8-26 09:59:04

2010 – يىلى 6 – ئاينىڭ 2 – كۈنى خېنەن ئۆلكىسى شاڭچيۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە ، ج خ ئورگانلىرى 30 كۈن جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق ، ئەينى يىلى جاۋ زو خەي دىلوسىدا پارچىۋىتىلگەن جەسەتنى ئۆلتۈرگەن 3 نەپەر جىنايەت گۇماندارى ۋە گۇماندارلارنى قانات ئاستىغا ئالغانلارنىڭ ھەممىسىنى قولغا چۈشۈرگەن .









ئاۋۇ ئۈچەيلەنگە يەنە 650 مىڭ كويدىن پۇل بىرەمۇ؟

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-8-26 10:26:59

4- قەۋەتتىكى atiyanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سوراق دىگەننى ‹ ماندا كەلسە ، ئاش مانتا بىلەن بەتتە پولا يەپ قىززىق چاي ئىچىپ ئالدىرىماي سۆزلىسە ....› دەپ قىلىدىغان نەرسە بولمىسا يا .. .



مۇشلاپ-تېپىپ ،توك كالتىكى يېقىپ،ھەر خىل ئۇسۇللاردا قىيناپ قىلايلى ئەمىسە سوراقنى !!!


ئەرنىمۇ مەن ئايال دەپ ئىقرار قىلىۋەتكىدەك قىلايلى سوراقنى !!

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-8-26 10:28:48

بۇ دېلو پەقەت ئاشكارىلىنىپ قالغاننىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن ،يەنە قانچىلىكى بار كىم بىلىدۇ \"\"

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-26 10:30:38

ئامىرىكىنىڭ بەزى كىنولىرىدىكى سوت كۈرۈنىشىنى، تەپتىش ئەمەلدارى بىلەن گۇماندارنىڭ ئادۇۋكاتىنىڭ مۇنازىرىسىنى كۈرۈپ راستىنلا قايىل بولىمەن.



تەپىتىش: شۇ كۈنى كېچە سائەت 10:00دا سەن نەدە ئىدىڭ؟

گۇماندار: مەن ئۇ چاغدا ئۆيدە ئىدىم.

تەپتىش: سىنىڭ ئۆيدە ئىكەنلكىگە گۇۋاھچىڭ بارمۇ؟

گۇماندار: مەن يالغۇز، گۇۋاھچىم يوق.



1-خىل ئەھۋال: ئۆزىنىڭ ئۆيدە يالغۇز ئىكەنلىكى ئىسپاتلاپ بىرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، سائەت 10:00دا ئۇ جىنايەت نەق مەيدانىدا بار دەپ قارىلىدۇ، ھەم جىنايەتچى بۇپ قېلىش نسىپىتى ئاشىدۇ.



2-خىل ئەھۋال: ئەگەر گۇماندار شۇ چاغدا ئۈزىنىڭ ئۆيىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرەلمىسە، تەپتىشمۇ يول بۇيىدىكى كامىرا، يول بۇيىدىكى چازا ياكى دەرۋازا ئالدىدىكى تىزىملاش خاترىىسى، ئۆز كۈزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنى ئىسپاتلىققا تارتىپ، گۇماندارنىڭ شۇ چاغدا نەق مەيداندا بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان مۇستەقىل دەلىل ئىسپات كۆرستىشى كېرەك. تەپتىش ئۇنداق ئىسپاتنى كۆرسىتەلمىسە «ئۇ بايا گۇۋاھچىم يوق دىدى، شۇڭا ئۇ چۇقۇم نەق مەيداندا بار» دىگەن گىپى ئىتىراپ قىلىنمايدۇ.

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2012-8-26 11:23:09

3 دۆلەت ساقچىسىنىڭ قاچقۇن ئىشەكنى تۇتىشى دىگەن يۇمۇرى ئىسىمگە كىلىپ قالدى .

ozturk123 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-26 12:03:43

تېرگاۋ دىگەن ئالامەت بولىدىغان ئوخشايدۇ، خەنزۇ خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ھەققانىيەتچى،زورلۇقتىن قورقمايدىغان،بوزەكنى بوزەك قىلمايدىغان،ھەتتا 100دەررە ئورساڭ دەرھال ئۇرغىن ھەرگىز نېسى قالمىسۇن،ئەگەر ئورساڭلار كۆزۈمنى مىت قىلىدىغان بولسام جىڭياڭ داۋىنىدا يولۋاس ئۆلتۈرگەن ۋۇسۇڭ پالۋان بولماي كېتەي،دەپ مەردانە توۋلىغان سۇ بويىدا قەھرىمانى ۋۇسۇڭجانمۇ جاڭ سۇركاۋۇلنىڭ قەسىرىدە قەستەن ئوغرى دەپ تۇتۇلغاندا كېچىچە قىلىنغان سوراققا چىدىماي :«راست،مەن ئوغرى،سۇركاۋۇلنىڭ بايلىقلىرىنى مەن ئوغرىلىغان»دەپ ئىرار قىلغان،شۇڭا قارىغاندا دۆلىتىمىزنىڭ سوراڭچىلىرى قەدىمدىن تارتىپلا ئالامەت ئىقتىدارغا ئىگە بولسا كېرەك.

يۇقۇرقى ناھەق دېلوغا قارىساق بۇنداق ئىش نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا شىخودىمۇ بولغان،19نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ساقچىلار بىر قازاق يىگىرنى سىڭلىڭنى ئۆلتۈرۈپ تاققا ئەچىقىپ كۆمۈۋەتتىڭ دەپ ئىقرار قىلدۇرۇپتىكەن،ھەمدە كېچىكتۈرۈپ ئاتىدىغان ھۆكۈمنى چىقىرىپتىكەن،ئەمما 10نەچچە يىلدىن كېيىن ئىچكىرىدە تۇتۇلغان بىر نەپەر يولداش قاتىل بۇرۇنقى جىنايەتلىرىنىمۇ قوشۇپ ئىقرار قىلغاندا،ئۆزىنىڭ10نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا شىنجاڭنىڭ شىخو شەھرىدە بىرسىنى ئۆلتۈرىۋېتىپ تاققا كۆمگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان،شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى قازاق قېرىندىشىمىش تۈرمىدىن توكۇر ھالەتتە ئازات بولغان.

holmis1 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-26 12:16:07

بىر يۇمۇر بولىدىغانغۇ مۇنداق : قۇمۇلنىڭ قارا دۆۋە دىگەن يېرىدىن تەسادىپىي ھالدا بىر قۇرۇپ كەتكەن جەسەت تېپىلىپ قالىدۇ ، كىشىلەر بۇنىڭ قاچانقى جەسەت ئىكەنلىگىنى بىلەلمەي مۇنازىرىلىشىپ تۇرغاندا ئارىدىن بىرەيلەن ئەقىل كۆرسىتىپ بۇنى ساقچىغا تاپشۇرۇپ بېرەيلى ، شۇلار بىر نىمە دەپ باقسۇن دەپ جەسەتنى ساقچىخانىغا تاپشۇرۇپ بېرىشىدۇ . بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ ھېلىقى كىشىلەر ساقچىلار بۇ جەسەتنىڭ يىل دەۋرىنى ئېنىقلاپ چىقالىغانمىدۇ كىرىپ سوراپ باقايلى  دىيىشىپ ساقچىخانىغا كىرىپ ساقچىلاردىن سوراپتۇ  :

  -ھېلىقى جەسەت قانداق بولدى ، يىل دەۋرىنى ئېنىقلاپ چىقالىدىڭلارمۇ ؟ ساقچىلار دەپتۇ :

  _ ئېنىقلاپ چىقتۇق ، 5000 يىل بوپتۇ .

   ھېلىقى كىشىلەر ئەجەپلىنىپ سوراپتۇ :

  - سىلەر زادى قانداق ئېنىقلاپ چىقتىڭلار ؟ دەپ سوراپتىكەن ، ساقچىلار دەپتىغۇ :

  -ئۆزى ئىقرار قىلدى .  {:92:}  

  دىمەك جۇڭگونىڭ ساقچىلىرى بەك يامان ، ئۈلۈكنىمۇ ئىقرار قىلدۇرىۋېتىدۇ .

oghrimuxuk يوللانغان ۋاقتى 2012-8-26 12:53:29

قازاق يىگىتكە ئىچىم ئاغرىپ قالدى،،،،،،،،ئاتالمىش ‹مەدىنيەت زور ئىنقىلابىدا›خاتا قارلىنىپ تۈرمىدە ئۇزۇن يىتىپكەتكەن

ياكى خورلۇنۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ،كىين ناھەقچىلىققا ئۇچۇرغان دەپ ئاقلىنىپ نامى ئەسلىگەكەلتۈرۈلگەن ھەرمىللەت

خەلقىدىن چىققان يولداشلارغىمۇ تۆلەم بەرگەن بولغۇيمىتى ... \"\"

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-26 14:09:56

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-8-26 14:33:42

14- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

13- قەۋەتتىكى oghrimuxukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قازاق يىگىتكە ئىچىم ئاغرىپ قالدى،،،،،،،،ئاتالمىش ‹مەدىنيەت زور ئىنقىلابىدا›خاتا قارلىنىپ تۈرمىدە ئۇزۇن يىتىپكەتكەن

ياكى خورلۇنۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ،كىين ناھەقچىلىققا ئۇچۇرغان دەپ ئاقلىنىپ نامى ئەسلىگەكەلتۈرۈلگەن ھەرمىللەت

خەلقىدىن چىققان يولداشلارغىمۇ تۆلەم بەرگەن بولغۇيمىتى ... \"\"

سىزنىڭ قازاق يىگىتكە ئىچىڭىز ئاغرىغىنى بىلەن ماۋۇ بىزنىڭ ئوبلاستتا دەل ئەكسىچە.


\"قازاق يىگىتكە ئىچىم ئاغرىپ قالدى\" نىڭ ئەكسى قانداق بولىدۇ؟


«قالدى ئاغرىپ ئىچىم يىگىتكە قازاق» بولامدۇ؟


ياكى ئىچكىردىكى بىرەر يولداش سىڭلىسنى ئۆلتۈرۈپ كۆمۈۋەتسە سىلەرنىڭ ئوبلاستقا كېلىپ بىرەر قازاق يىگىتنى قاتىل دەپ تۇتۇپ كەتتىمۇ؟

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2012-8-26 16:29:36

سىزنىڭ ئىچىڭىز ئاغرىغان بىلەن ئۇلارنىڭ بىزگە ئىچى ئاغرىمايدۇ دېمەكچى چۈنكى ئۇ قىزچاق قازاق ئوبلاستتىكەن ئەمەسمۇ .  {:90:}

oghrimuxuk يوللانغان ۋاقتى 2012-8-26 16:32:07

14- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

13- قەۋەتتىكى oghrimuxukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

--

سىزنىڭ قازاق يىگىتكە ئىچىڭىز ئاغرىغىنى بىلەن ماۋۇ بىزنىڭ ئوبلاستتا دەل ئەكسىچە.


-------------------------------------------

مەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتىنوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىن بولىمەن ،،،،قازاقلارنى قىرىندىشىم دەپ تونۇيدىكەنمەن .....
بەت: [1] 2 3
: قىيناپ سوراق قىلغۇچىلار جازالاندى