بۈگۈنكى مۇسابىقەنەتىجىسىنى دەپ بېرىڭلار
شىنجاڭ
تاشئالما كوماندىسى ئارقىمۇ- ئارقا بەش مەيدان ئۇتۇپ، تۆتىنچى ئورنىغا قايتىپ
كەلگەن ئىدى، مۇسابىقە كۈنتەرتىپ جەدۋىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۈگۈن قارشى تەرەپ
مەيدانىدا، بېيجىڭ سەنگاۋ كومانىسى بىلەن ئوينايدىكەنتۇق، توردىن ئاختۇرۇپ
نەتىجىسىنى تاپالمىدىم، بۇ توغرىدا بىلىدىغانلار بولسا، نەتىجىسىنى دەپ بەرسەڭلار!
مۇسابىقە
كۈنتەرتىپى جەدۋىلىدە كۆرسىتىلىشىچە 8- ئاينىڭ 29- كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى قۇرۇق
ئايلىنىدىكەن.
9-
ئاينىڭ 2 -كۈنى ئۆز مەيدانىمىزدا 7- ئورۇندىكى بېيجىڭ ياشلار كوماندىسى بىلەن
بەسلىشىدىكەن.
9-
ئاينىڭ 8- كۈنى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 3- ئورۇندىكى چىڭخەي سېنكې كوماندىسى بىلەن
بەسلىشىدىكەن.
9-
ئاينىڭ 13- كۈنى ئۆز مەيدانىمىزدا 2- ئورۇندىكى بېيجىڭ يىتوڭ كۇ چې كوماندىسى
بىلەن بەسلىشىدىكەن.
9-
ئاينىڭ 18- كۈنى قارشى مەيداندا 1- ئورۇندىكى خېبېي جۇڭجى كوماندىسى بىلەن بەسلىشىدىكەن.
9-
ئاينىڭ 23- كۈنى ئۆزمەيداندا 11- ئورۇندىكى شەندۇڭ ئەرلەر پۇتبۇل كومانىدىسى بىلەن
بەسلىشىدىكەن.
9-
ئاينىڭ 28- كۈنى قارشى مەيداندا 5- ئورۇندىكى شاڭخەي جۇڭباڭ كوماندىسى بىلەن
بەسلىشىدىكەن.
2- قەۋەتتىكى crazy_for_uنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ۋاي ئىسىت ،يىڭىلىپ قاپتۇقتە،،،ۋاي ئىسىت،،،،ئەجەپ كۆڭلۈم يىرىم بوپكەتتى
يېڭىلىپ قالماپتۇق،بىر نۆۋەت ئۇتالماپتۇق....
0:1 تاشئالما يېڭىلىپ قاپتۇ...

