paul912 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 22:21:22

كۆيدۈرگە ۋە ئاقسىل كىسەللىكى ھەققىدە ساۋات بەرسەڭلار؟

بۈگۈن تۇيۇقسىز ھايۋاناتلاردىكى كۆيدۈرگە ، ئاقسىل كىسەللىكى توغرىسىدا توردا قىسقىچە چۈشەنچە بارمىدۇ دەپ توردىكى ئۇيغۇرچە ئىزدەشلەرنى ۋاراقلاپ باقسام بۇ توغرىسىدا ھىچنىمە تاپالمىدىم، مۇمكىن بولسا موشۇ كىسەللىكلەر توغرىسىدا ئوبدانراق خەۋىرى بار تورداشلارنىڭ بۇ كىسەللىك ھەققىدە چۈشەنچە بىرىشىنى، يەنى قانداق كىسەللىك،ئالامەتلىرى، پەيدا بولۇش سەۋەبى، داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدۇ، ئادەملەرگە يۇقامدۇ، يۇقۇپ قالسا داۋاسى بارمۇ، بۇنداق كىسەل بولغان ھايۋاناتلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ دىگەندەك ئۇچۇرلار توغرىسىدا تەپسىلىرەك ئىنىقلىما بىرىشىنى ئۆتۈنىمەن.....

paul912 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-25 12:11:37

بۇ كىسەل توغرىسىدا تەپسىلى جاۋاب بىرىپسىز، سىزگە كۆپ رەھمەت. كۆپچىلىكنىڭ بىلىۋالغىنى ناھايىتى ياخشى بولدى.

togrul يوللانغان ۋاقتى 2012-8-24 12:25:14

جاۋابىنى مەندەك مالدۇختۇرىدىن باشقىلار بېرەلمەيدىغاندەك تۇرىدۇ .

كۆيدۈرگە كېسىلى كۆيدۈرگە تاياقچە باكتىريىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆتكۈر خاراكتىرلىك ئاچا تۇياق ھايۋانلار بىلەن توم تۇياق ھايۋانلاردا ئورتاق كۆرۈلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل . ئادەمگە يۇقىدۇ . ھايۋانلاردىكى ئاساسلىق ئالامىتى قىزىش ، باشقا ئالامەتلىرىنى ئاسانلىقچە بايقىغىلى بولمايدۇ . بايقاپ بولغىچە ئۆلۈپ بولىدۇ . ئالامەتلىرى ئۆلگەن ھايۋاناتلاردا بىر قەدەر روشەن بولدۇ مەسلەن : چىققان قان ئۇيىمايدۇ ، ئۆلگەن ھايۋاناتنىڭ تېنى ۋاقىت قانچىلىك ئۇزىرىشىدىن قەتئىينەزەر قاتمايدۇ . يېرىپ كۆرگەندە تال ئۈچ ھەسسە زورىيىدۇ ( بۇنداق كېسەلدىن گۇمانلانغان ھايۋاناتلارنى يېرىش قەتئىي مەنئىي قىلىندۇ ) . ئادەملەردىكى ئالامەتلىرىمۇ ئوخشاش . ئادەملەرەە يۇقۇپ قالسا داۋالاش ئىمكانىيىتى بەك تۆۋەن دەسلەپكى باسقۇچ بولسا داۋالاپ ساقايتىش مۇمكىن . 90-يىللىرى ناھىيمىزنىڭ مەلۇم يېزىسىدا كۆيدۈرەە بىلەن يۇقۇملانغان كالىنىڭ گۆشىنى يىيىش سەۋەبى بىلەن 10نەچچە ئادەم ئۆلگەن . باكتىريىسى ھايۋانات تېنىدىن ئاجىرىغاندىن كېيىن سىپورا ھاسىل قىلۋالىدۇ ئادەتتىكى دىزىنفىكسىيە ئۇسۇللىرى بىلەن يوقاتقىلى بولمايدۇ . بۇ باكتىريە بەدەندىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ 30يىلدىن50يىلغىچە ھاياتلىقىنى ساقلايدۇ . دىمەك بۇ بىرخىل قورقۇنۇچلىق يۇقۇملۇق كېسەل .يىلدا بىر قېتىم كۆيدۈرگە ۋاكسىنىسى بىلەن ئەملەش ئارقىلىق ئالدىنى ئالغىلى بولدۇ .



ئاقسىل كېسىلى ئاقسىل ۋىروسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ، ئاچا تۇياق ھايۋاناتلاردا ئورتاق كۆرۈلىدىغان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل . تىپى بىر قەدەك كۆپ ئالدىنى ئېلىش بىر قەدەر قىيىن . نەزىريە جەھەتتىن ئادەمگە يۇقىدۇ ، بىراق ھازىرغىچە ئاقسىل كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم يوق .بۇ كېسەلنىڭ ھايۋاناتلاردا بولىدىغان ئالامەتلىرى بىر قەدەر ئېنىق ، ئاغزىدىن شالە ئېقىش ، تىلىغا ،چىش مىلىكىگە سۇلۇق قاپارتمىلار چىقىش ، لەۋلىرى تىتىلىش ، يېلىن توپچىلىرىغا سۇلۇق قاپارتمىلار چىقىش ، تۇياق ئاچىسىغا جاراھەت چىقىش قاتارلىقلار . بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان ھايۋانلار ئاسانلىقچە ئۆلۈپ كەتمەيدۇ . ئۆلۈش نىسبىتى بەك تۆۋەن . بىراق بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملۇنۇپ ساقايغان ھايۋانلار داۋاملىق تۈردە ۋىروس تارقىتىپ كېسەللىك مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ . شۇڭا بۇ كېسەلنى داۋالاش چەكلىندۇ .بۇرۇن بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان ،گۇمانى يۇقۇملانغان ھايۋانلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ ئاندىن كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلاتتۇق ، ھازىر قان چىقارسا بولمايدىغانلىقىنى تۇنۇپ يېتىپ زەھەرلىك دورا بىلەن ياكى توك بىلەن ئۆلتۈرۈپ كۆيدۈرۈپ كۆمۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز . كۆيدۈرگە كېسىلىمۇ ئوخشاش . بۇ كېسەلنىمۇ يىلدا 2قېتىمدىن 3قېتىمغىچە ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق كونتىرول قىلىمىز .



يۇقارقى ئىككى خىل كېسەلدىن قايسى كۆرۈلسە ‹‹ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە قانۇنى››غا ئاساسەن جىددى ئۆلتۈرۈپ كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز . ئاندىن كېسەل كۆرۈنگەن دائىرىنى قامال قىلىپ ئەڭ ئاخىرقى گۇمانلىق ھايۋانات تۈگەپ 21 كۈندىن كېيىن قامالنى بوشىتىمىز .



يەنە كەم قالغان جايلىرى بولسا داۋاملىق سورىسىڭىز بولىدۇ

Ulanbay يوللانغان ۋاقتى 2012-8-24 14:14:56

گەرچە ماڭا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، قىزىقىپ قالدىم.

بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان ھايۋانلارنى نېمىشقا يېرىشقا، قان چىقىرىشقا بولمايدۇ؟

newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-24 18:43:20

togrul قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.جاۋابىڭىز ھەقىقەتەن قانائەتلىنەرلىك بوپتۇ.

togrul يوللانغان ۋاقتى 2012-8-24 20:16:46

2- قەۋەتتىكى Ulanbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گەرچە ماڭا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، قىزىقىپ قالدىم.

بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان ھايۋانلارنى نېمىشقا يېرىشقا، قان چىقىرىشقا بولمايدۇ؟



ئىنكاسىمدا دېيىلگەندەك كۆيدۈرگە كېسىلنىڭ باكتىريىسى ھايۋانات بەدىندىن ئايرىلغاندا سىپورا (كاپسۇل) ھاسىل قىلۋېلىپ ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 50 يىلغىچە ھاياتلىقىنى ساقلايدۇ ھەم سېزىمچان ھايۋاناتقا يۇلۇققان ھامان يۇقۇملاندۇرىدۇ . بۇ باكتىريەنى ئادەتتىكى دىزىنفىكسىيە ئۇسۇللىرى بىلەن ئۆلتۈرگىلى بولمايدۇ  . شۇڭا كېسەللەنگەن ھايۋاناتنى يارغاندا باكتىريە بولغان قان ۋە بەدەن سۇيۇقلىقى سىرىتقا ئېقىپ چىقىپ كېسەللىك مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ . يەنە بىرسى ھايۋاناتنى يارغۇچىنى يۇقۇملاندۇرىشى مۇمكىن  شۇڭا يېرىشقا بولمايدۇ .

togrul يوللانغان ۋاقتى 2012-8-24 20:19:54

3- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

togrul قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.جاۋابىڭىز ھەقىقەتەن قانائەتلىنەرلىك بوپتۇ.

رەھمەت ،ھاردۇقۇم چىقتى

newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-24 20:35:22

5- قەۋەتتىكى togrulنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

togrul قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.جاۋابىڭىز ھەقىقەتەن قانائەتلىنەرلىك بوپتۇ.


رەھمەت ،ھاردۇقۇم چىقتى


ئىزدىنىشىمىزنىڭ ئادىتى شۇ بوپ قاپتۇلەركى:ناخشا تونۇشتۇرغان،شېئىر يېزىپ بەرگەن،چۆچەك توقۇپ بەرگەنلەرنىڭ تېمىسىنى رەھمەت دەپ بەك كۆرىدۇ،غاجايدىغان تېما بولسىغۇ دېمەيلا قوياي...قايناپ كېتىدۇ،مۇشۇ تەبىئى پەن،تېخنىكا دېگەن تېمىلارغا قاراپ سېلىشتىن ئاساسەن خۇدايىم ساقلايدۇ بالىلارنى...


بىراق سىزنىڭ جاۋابىڭىزدىن بىرخىل كەسپى سەۋىيەنى ھېس قىلدىم.كەسىپتە بوشاشماي ئىزدىنىپ تۇرۇڭ...تىرىشقانغا خۇدايىم ھامىنى بىر كۈن بېرىدۇ.ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق،تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن....




Ulanbay يوللانغان ۋاقتى 2012-8-24 20:36:16

4- قەۋەتتىكى togrulنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى Ulanbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گەرچە ماڭا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، قىزىقىپ قالدىم.

بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان ھايۋانلارنى نېمىشقا يېرىشقا، قان چىقىرىشقا بولمايدۇ؟




ئىنكاسىمدا دېيىلگەندەك كۆيدۈرگە كېسىلنىڭ باكتىريىسى ھايۋانات بەدىندىن ئايرىلغاندا سىپورا (كاپسۇل) ھاسىل قىلۋېلىپ ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 50 يىلغىچە ھاياتلىقىنى ساقلايدۇ ھەم سېزىمچان ھايۋاناتقا يۇلۇققان ھامان يۇقۇملاندۇرىدۇ . بۇ باكتىريەنى ئادەتتىكى دىزىنفىكسىيە ئۇسۇللىرى بىلەن ئۆلتۈرگىلى بولمايدۇ  . شۇڭا كېسەللەنگەن ھايۋاناتنى يارغاندا باكتىريە بولغان قان ۋە بەدەن سۇيۇقلىقى سىرىتقا ئېقىپ چىقىپ كېسەللىك مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ . يەنە بىرسى ھايۋاناتنى يارغۇچىنى يۇقۇملاندۇرىشى مۇمكىن  شۇڭا يېرىشقا بولمايدۇ .



رەھمەت سىزگە بۇ توغرىسىدىمۇ ئازراق ساۋاتقا ئىگە بولۇۋالدىم.


rock يوللانغان ۋاقتى 2012-8-24 20:53:37

ئەجەب كەسپى جاۋاب بوپتۇ.

قايسى كۈنى توردا مۇنداق بىر خەۋەرگە يولۇقۇپ قالدىم. كۇلىدا بىرسىنىڭ مىڭغا يېقىن چوشقىسىغا ۋاكسىنا ئەملەيمىز دەپ پاك پاكىز قىرىۋېتىپتىكەن، مۇشۇنداقمۇ ئىش بولىدىكەن دەپ ھەيران قالغان.

oxkantag يوللانغان ۋاقتى 2012-8-24 21:33:42

5- قەۋەتتىكى togrulنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

togrul قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.جاۋابىڭىز ھەقىقەتەن قانائەتلىنەرلىك بوپتۇ.

رەھمەت ،ھاردۇقۇم چىقتى


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !قارسام غۇلجىلىقتەك قىلىسىز ! كەسىپ تاش ئىكەنمىز ، كوت-كوت نومرىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز بولامدۇ ؟ مەنغۇ 1-2يىل بولغان دۇختۇر!  كۆيدۇرگە كىسىلى بولسا ھايۋانات ئۈلگەندە بەدەندىكى تەبئىي  توشۇكچىلەردىن قان كىلىدۇ، ئۇندىن سىرت قىزىتمىسى دەسلەپ ئانچە يوقىرى ئۆرلىمەيدۇ(كالىنىڭ40-40.5ئەتراپىدا)،ئارىدا بىر نورمال ھالاتكە كىلىپ قايتا ئۆرلەيدۇ ،قىزىتمىسى ئالاھىدە يوقىرى بولىدۇ.كۆيدۇرگە تاياقچ باكتىريىسىنىڭ كۆپىيىش سۈر ئىتى بەك تىز بولۇپ 3كۇندىن5كۈن ئەتراپىدا جاننى ئالىدۇ.ئۇندىن باشقا كۈن چۈشمەيدىغان قاراڭغۇجايلاردا،قىلىن تۇپراق ئاستىدا300يىلغىچە سپۇرىسى ھاياتى كۈچۈنى ساقلاپ قالالايدۇ.شىنجاڭدا تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئىچكىرى قىسمىدىكى تۇپراقتا بار دىگەن مۇ ئەللىم!يۇقۇش يوللىرى :ھەزىم يولى ،ۋە جارائەتتىن يۇقىدۇ.پۈتەي ھالەتتە تىرىدىن ئوتەلمەيدۇ.


داۋالاش:كۆيدۇرگە كىسىلنىڭ كىسەللىك باكتىريىسى پىنسىلىن تۇردىكى ئانتىبۇتىك دورىلارغا سىزىمچان.بىرىنچى باسقۇچلىق قىززىشتا  داۋالىسا  ساقىيىش ئىھتىماللىقى خىلى يوقىرى بولىدۇ.


  بىلگىنىمنى مەنمۇ دەپ قويدۇم!




79588010 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-24 23:39:05

731نىڭ كىنوسىدا بىئولوگىيىلىك قورال قىلىپ ياسايتتىغۇ....

eldos يوللانغان ۋاقتى 2012-8-24 23:50:47

togrul غا رەھمەت ئېيتىمەن . ھەقىقەتەن بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىملەركەن .

togrul يوللانغان ۋاقتى 2012-8-25 07:06:46

9- قەۋەتتىكى oxkantagنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى togrulنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

togrul قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.جاۋابىڭىز ھەقىقەتەن قانائەتلىنەرلىك بوپتۇ.

رەھمەت ،ھاردۇقۇم چىقتى


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !قارسام غۇلجىلىقتەك قىلىسىز ! كەسىپ تاش ئىكەنمىز ، كوت-كوت نومرىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز بولامدۇ ؟ مەنغۇ 1-2يىل بولغان دۇختۇر!  كۆيدۇرگە كىسىلى بولسا ھايۋانات ئۈلگەندە بەدەندىكى تەبئىي  توشۇكچىلەردىن قان كىلىدۇ، ئۇندىن سىرت قىزىتمىسى دەسلەپ ئانچە يوقىرى ئۆرلىمەيدۇ(كالىنىڭ40-40.5ئەتراپىدا)،ئارىدا بىر نورمال ھالاتكە كىلىپ قايتا ئۆرلەيدۇ ،قىزىتمىسى ئالاھىدە يوقىرى بولىدۇ.كۆيدۇرگە تاياقچ باكتىريىسىنىڭ كۆپىيىش سۈر ئىتى بەك تىز بولۇپ 3كۇندىن5كۈن ئەتراپىدا جاننى ئالىدۇ.ئۇندىن باشقا كۈن چۈشمەيدىغان قاراڭغۇجايلاردا،قىلىن تۇپراق ئاستىدا300يىلغىچە سپۇرىسى ھاياتى كۈچۈنى ساقلاپ قالالايدۇ.شىنجاڭدا تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئىچكىرى قىسمىدىكى تۇپراقتا بار دىگەن مۇ ئەللىم!يۇقۇش يوللىرى :ھەزىم يولى ،ۋە جارائەتتىن يۇقىدۇ.پۈتەي ھالەتتە تىرىدىن ئوتەلمەيدۇ.


داۋالاش:كۆيدۇرگە كىسىلنىڭ كىسەللىك باكتىريىسى پىنسىلىن تۇردىكى ئانتىبۇتىك دورىلارغا سىزىمچان.بىرىنچى باسقۇچلىق قىززىشتا  داۋالىسا  ساقىيىش ئىھتىماللىقى خىلى يوقىرى بولىدۇ.


  بىلگىنىمنى مەنمۇ دەپ قويدۇم!






مەن ئاقسۇدىن . كەسىپدىشىمدىن بىرسى باركەندە بۇ مۇنبەردە . مەنمۇ تېخى 7-8 يىللىق دوختۇر . مۇشۇ كەمگىچە 5~6تۇياق كۆيدۈرگە بىلەن يۇقۇملانغان كالىنى داۋالاپ باقتۇق (دەسلىۋىدە بىلمەي )لىكىن ھېچقايسىسىنى داۋالاپ ساقايتالمىدۇق .بۇ باكتىريەنىڭ ھاياتى كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا داۋالاش بەك قىيىنكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھىيمىزدە بۇرۇن بۇ كېسەل بىلەن ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن كىشلەر بۇ كېسەلدىن بەك قورقىدۇ ، دوختۇرلارمۇ بەك قورقىدۇ .بىرەرسىنىڭ كالىسى بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىپ كالىڭىز كۆيدۈرگە ئىكەن داۋالايلى دىسەك ، سىلىگە بېرەي ئەكىتىپ نىمە قىلساڭلار مەيلى دەپ كالىسىدىن يىراق قاچىدۇ .

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2012-8-27 09:59:18

توغرول بۇرادەردەك تورداشلار بولغاچ ئىزدىنىش ئىزدىنىش بوپ كىتىۋاتىدۇ..
بەت: [1]
: كۆيدۈرگە ۋە ئاقسىل كىسەللىكى ھەققىدە ساۋات بەرسەڭلار؟