umitwar11 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 01:11:04

دۇتتار چىلىشنى ئۆگىنەي دىگەنتىم،ياردەم قىلساڭلار!!!

ئۇيۇمدە ئۇزاق بولدى دۇتتاردىن بىرسى بارتتى،بىكار ۋاقتىمدا چىلىپ ئۆگىنەي دىسەم ھېچ كىلىشتۈرەلمىدىم.دۇتتار چلالايدىغان بالىلار ياردەم قىلساڭلار،دۇتتار چىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى دەپ باققان بولساڭلار .مىنىڭ بەك ئۆگەنگىم بارتتى

avatar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-25 13:13:10

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېما ئىگىسى:

دۇتتار چېلىش ھەققىدە ئېنىق ماتىرىيالنىڭ كەملىكى مېنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىۋاتقان مەسىلىنىڭ بىرى،ئۇزۇندىن بىرى مۇشۇ ھەقتە بىر نەرسە تەييارلاي دەيمەنۇ،ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق بوپ قېلىۋاتىدۇ.

ئەمدى مېنىڭ مەسلىھەتىم: دۇتتار-سازلار ئىچىدىكى ئەڭ ئاسىنى دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ، دۇتتارنىڭ ئىككىلا تارىسى بار،15 پەدىسى بار(ئالاھىدە بۇيرۇتۇپ ياسالمىغانلا بولسا). مەن دۇتتار چېلىشنى بەك تەستە ئۈگەنگەن، بىر پەدىگە چېلىش ئۈچۈن ئالتە ئايدىن ئارتۇق مەشىق قىلدىم. بەزىدە زېرىككەن ۋاقىتلىرىممۇ بولغان.ئوڭ قولۇمنىڭ تىرناقلىرى ئۇپراپ،سول قولۇمنىڭ بارماقلىرى يىرىڭداپ كەتكەن... ئاكام مېنىڭ ھەر كۈنى بىر بوي تارىنى ئۈزۈشۈمگە چىداپ بولالماي موزدۇزنىڭ ئاياق تىككەندە ئىشلىتىدىغان يىپىنى تارا ئورنىغا سەپلەپ بەرگەن ئىدى \"\" ئەمما بۇ نەرسە ھەر قېتىم دۇتتارنى سازلىغاندا سوزۇلۇپ ئاخىرى ئۇمۇ ئۈزۈلۈپ كەتكەن... دۇتتارنى ياستۇقۇم يېنىغا قويۇپ ياتاتتىم، نەچچە قېتىم چېقىۋىتەيمۇ دىگەن، يا تۈزۈك بىر پەدىگە چالالماي بۇقۇلداپ،ئۈنسىز يىغلاپ كېتەتتىم،چۈنكى تاغىلىرىم مېنى«ئىشتىنىڭنى بېشىڭغا سەللە قىلىپ يۆگەپ،مورا ئوچاققا كىرىپ ئولتۇرساڭ، بىر كۈندىلا ئۈگىنىپ بولىسەن»دەپ مازاق قىلىشقان. مۇشۇ گەپ بەك ھار كەلگەن ئىدى.خەپ زادى مەن ئىشتىنىمنى بېشىمغا سەللە قىلىپ يۆگىمەي تۇرۇپ، دۇتتارنى سايرىتىۋەتمەيدىغان بولسام...دىگەن ئىرادە بىلەن مەشىق قىلىپ 6- ئىيىغا كەلگەندە ئاخىرى توساتتىنلا بىر پەدىگە چالالىغاندىن كېيىن، كېيىنكى بىر نەچچە ھەپتىدە ئون نەچچە پەدىگە بىمالال چالالايدىغان بولغان ئىدىم.(كەسپىم رەسم، لېكىن سازغا ئاجايىپ ئىشتىياق باغلىغان بالىمەن) ئەمدى مەن سىزگە ئۆزەمنىڭ تەجىرىبىلىرىمنى قىسقىچە سۆزلەپ بېرەي:

1-دۇتتارنى سازلاش

دۇتتار چېلىشتىلا ئەمەس ھەر قانداق سازنى چېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ تارىلىرىنى مۇئەييەن قائىدە بويىچە تەڭشەش باسقۇچى بولىدۇ، بۇنى سازلاش دەيمىز.

سازلىغاندا  ئۈستىدىكى بوم تارىسىنى «دو»غا،ئاستىدىكى زىل تارىسىنى«سو»غا تەڭشىسەك ئاممىباپ تەڭشەلگەن بولىدۇ. يەنى ھەر بىر تارىنى ئايرىم-ئايرىم چەككەندە «دىڭ-داڭ»دىگەن ئاۋاز چىقسا ئەڭ ئاددىي ھالەتتىكى تەڭشەككە يەتكەن بولىمىز.مۇمكىن بولسا دۇتتار چالالايدىغان ئادەمدىن بىرنى تېپىپ تاكى تارىسى ئۈزۈلۈپ كەتمىگۈدەل ھالەتكىچە تەڭشىتىپ، ئۆز ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن يۇقىرىلىتىپ-تۆۋەنلىتىپ تەڭشىۋالساق بولىدۇ. مەنچە چېلىشتىن بۇرۇن تەڭشەش بەك مۇھىم،بولمىسا «يا بىسسىمىللاھ» دەپ تارىغا قول تېگىپ بولغۇچە ئۈزىدىغان گەپ. مۇۋاپىق سازلىيالىغاندا قانچىلىك تىرىڭلاتساقمۇ ئاسان ئۈزۈلمەيدۇ.

2- قول مەشىقى

دۇتتار چالغاندا ئادەتتە ئوڭ قول ئارقىلىق تارىلارنى چېكىمىز(سول قولىنى ئىشلىتىدىغانلار ئەكسىچە مەشىق قىلسا بولىدۇ، سازلاشمۇ ئەكسىچە بولىدۇ)

شۇڭا ئۈستىدىكى بىر تورداش دەپ ئۆتكەندەك ئوڭ قولنىڭ بارمىقىنى تەبئىي ئېچىپ،ئاندىن خەرەكتىن ئىككى ئالقان يۇقىرىسىدا دەستەك بىلەن دۇتتار قورسىقى تۇتىشىدىغان جايغا غىش شەكىللىك نەقىش قويۇلغان قىسىم بار، شۇ يەرنى تەخمىنىي نىشانلاپ تۇرۇپ بارماقلار بىلەن چىكىپ چالىمىز.

ئەمدى ئوڭ قول بىلەن دۇتتارنىڭ قورساق قىسمىدىكى ھەر قايسى نۇقتىلارنى چېكىپ باقساق، مۇڭنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىماق تەس ئەمەس، دۇتتارنىڭ قورسىقى ئىچى كاۋاك، دەستىسى پۈتەي بولغاچ، قورساق بىلەن دەستە تۇتاشقان قىسمىغا يېقىن قىسىمنى چەكسەك ئاندىن مۇڭى بۆلەكچە يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ.

مەشىق قىلغاندا سول قول چوقۇم دۇتتارنىڭ دەستىسىدە،دۇتتار دەستىسى باش بارماق بىلەن بېگىز بارماقنىڭ ئارسىدا تەبئىي تۇرىدۇ.ئەڭ دەسلەپ باشلىغاندا يۇقرىدىن تۆۋەنگە بىر چىكىش(سول قول مەلۇم پەدىنى يۆتكەلمەي بېسىپ تۇرسىمۇ بولىدۇ)قولنىڭ بېغىشى تالمىغۇدەك ھالەتكىچە مەشىق قىلغاندىن كېيىن،ئاندىن يۇقىرىدىن بىر، تۆۋەندىن بىر چىكىش...مۇشۇنداق قىلىپ يۇقىرىدىن قانچىنى چەكسەك تۆۋەندىن شۇنچىنى چىكىپ مەشىق قىلساق بولىدۇ. پەدە تۇتقاندا سول قولنىڭ چىمچىلاق بارمىقى ئاساسەن ئىشلىمەيدۇ(بارمىقىڭىز ئۇزۇنراق بولسا،ئىشلىتەلىسىڭىز ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ) پەدىنى تۇتۇۋاتقان ۋاقىتىدا چوقۇم پەدە تۇتقان بارماق،باغلانغان پەدىنىڭ ئۈستىگە ياكى سەل يۇقرىسىغا تىگىشىشى كېرەك.بولمىغاندا ئاۋاز چاقىدۇ(قېيىپ كىتىدۇ)

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

خەرەك(ئېشىكى)نى ئىمكان بار مۇقىم ئورۇنلاشتۇرغان ياخشى، بولمىغاندا ئاسانلا تار ئۈزىدىغان ئىش شۇنىڭ سەۋەبىدىنمۇ چىقىدۇ، ئىمكان بار ئېغىزغا بىر نەرسە سېلىۋىلىپ، چاينىغاچ مەشىق قىلغان ياخشى(بىزنىڭ يۇرتتا گۈلە شۈمگەچ ئۈگىنىدىغان ئىش باركەن)

مۇشۇ بويىچە مەشىق قىلىش بىلەن بىرگە، دۇتتار ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ بەرسىڭىز، سىنتەخسىلىرى بولسا كۆرگەچ، چالغۇچىنىڭ قولىغا دىققەت قىلسىڭىز تېخىمۇ ئۈنۈمى بولىدۇ.بۇنىڭغا ھوشۇر قارىنىڭ دىھقان ئوغلى ناملىق پېلاستىنكىسىنى تەۋسىيە قىلىمەن(قەشقەردە بولسىڭىز كۆچمە دېسكامنى ئاپىرىپ كۆچۈرۈپ بېرىمەن،چۈنكى ھازىر بۇ پېلاستىنكىنى تاپقىلى بولمايدۇ) ئاندىن ئابدۇرىھىم ھېيىت ئاكىمىزنىڭ بۇرۇنقى ۋە يېڭى چىققان پېلاستىنكىلىرىمۇ بولىدۇ... ئۆزىڭىز خالىغان كىشىنىڭ دۇتتار چېلىپ ئوقۇغان ناخشىلىرى بولسا ئاڭلىسىڭىز بولىۋىرىدۇ.

ھەر قانداق ئادەمدە مۇزىكا سېزىمى بولىدۇ،مۇزىكا سېزىمى ۋاقتىدا قوزغىتىلمىسا ياكى غىدىقلاشقا ئۇچرىمىسا بارا-بارا ئۇنتۇلىدىغان گەپ، دۇتتار چېلىش جەريانىدا مۇھىمى سىزنىڭ قانداق چىلىشىڭىز ئەمەس بەلكى مۇزىكا سېزىمىڭىزنى ئويغىتىش.مۇزىكا سېزىمىڭىز قەلبىڭىزدە ھېس قىلىنىشقا باشلىغان ۋاقتىڭىز دەل سىزنىڭ بىر قانچە پەدىگە ئويناپ يۈرۈپ چالالايدىغان بولغان ۋاقتىڭىزدۇر.

ئاخىرىدا دەيدىغىنىم-سەل ئۇستىلاشقاندا چوقۇم ئۇستازدىن بىرنى تۇتمىسىڭىز بولمايدۇ، ئۆزىگە تايىنىپ ئۆگەنگەندە ئۆزىنىڭ قەيەرنى خاتا قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ،شۇڭا باشقىلار بىلەن بىللە چىلىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزدىكى خاتالىقنى بايقاپ، توغرا بولغان تارا چېكىش ۋە پەدە تۇتۇش ئۇسۇلىنى بىلىۋىلىشىڭىز كېرەك!

سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-8-25 13:40:24

تېما مەزمۇنى ماۋۇ شۇ،ياردەم قىلدىغانلار بولسا پايدىلنارسىلەر،ئەمما قالايمىقان گەپ قىلماڭلار، تېما ئىگىسى تىللاپ كېتىدىكەن ئاغزىنى بۇزۇپ.

ئۇيۇمدە ئۇزاق بولدى دۇتتاردىن بىرسى بارتتى،بىكار ۋاقتىمدا چىلىپ ئۆگىنەي دىسەم ھېچ كىلىشتۈرەلمىدىم.دۇتتار چلالايدىغان بالىلار ياردەم قىلساڭلار،دۇتتار چىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى دەپ باققان بولساڭلار .مىنىڭ بەك ئۆگەنگىم بارتتى


elikhan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 08:47:26

مەنمۇ دۇتتار چىلىشنى ئۆگىنەي دەپ ،ئۆزھال ئۇستامدىن دۇتتارنى بىرنى ئالغان. ئۆيگە ئەپكىلىپ چەپ باقسام كىلىشتۇرەلمىدىم.بىرسىنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگىەنمىسە چالماق تەسكەن.

        قىنى چالالايدىغان دوستلار ، دۇتتار چىلىشنىڭ  ئاددى ئۇسۇلىنى دەپ باقمامسىلەر !بۇلۇپمۇ ئۇرۇش ئۇسۇلىنى دىسەڭلار.ھەممىمىز بىرلىكتە ئۆگەنمەمدۇق!

turikizat يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 08:47:50

مەنغۇ شۇنداق تىرىشىپ باقتىم  لىكىن قەتتى ئۇگىنەلمىدىم   ئازىراق مۇزىكا سىزىمى بولمىسا بىكار جۇمۇ

elikhan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 08:50:52

2- قەۋەتتىكى turikizatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنغۇ شۇنداق كىرىشىپ باقتىم لىكىن قەتتى ئۇگىنالمىدىم ئازىراق مۇزىيكا سىزىمى بولمىسسا بىكا قۇمۇ



مەنغۇ شۇنداق كىرىشىپ باقتىم. لىكىن ،قەتتى ئۇگىنالمىدىم .ئازىراق مۇزىيكا سىزىمى بولمىسسا بىكا جۇمۇ .



ئىملاغا دىققەت قىلىلى!

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 09:37:22

مېنىڭمۇ دۇتتۇرىم بار،مەنمۇ خېلى كىرىشىپ باقتىم،مۇزىكا سىزىمى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ بولدى،خېلى كۆپ ساندىكى ناخشىلارنىڭ مۇزىكىسىغا پەدىنى ئاساسىي جەھەتتىن توغرا باسىمەن،ئەمما ئوڭ قۇلدىكى ئۇرۇش ئۇسولىنى قەتئىي ياخشى ئۆگۈنۈپ بۇلالمىدىم.مۇزىكا چالسام پەدىنى توغرا باسساممۇ چىققان مۇزىكا تۈزۈك قولاققا خوشياقمايدۇ.

mastani يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 10:00:21

ما ئۇيغۇر باللىدا مۇزىكا سىزىمى،ئۇدار سىزىمى يوق دىسە مەن ئىشەنمەيمەن.

بەلكىم توغرا ئۇسۇلنى تاللىيالمىغان ئوخشايسىلە!

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 10:00:48

دۇتار چېلىشنىڭ مەخسۇس ئۇسۇلى بولمايدۇ.

ئالدى بىلەن موزىكا سېزىمىڭىز كۆرىنەرلىكىرەك بولسا ياخشى ئۇنداق بولمىسىمۇ ھەممە ئادەمنىڭ موزىكا سىزىمى بولىدۇ مىنىڭچە. شۇڭا ئۆگىنىش نىيىتىڭىز بولسا

1. دۇتارنى تۇتۇش قىياپىتى نى ئۆگىنىسىز. راھەت مەيدىڭىزنى تىڭ تۇتۇپ ئولتۇرىسىز، دۇتارنىڭ قورسىقىنى ئازىراق ئۈستىگە مايىل ئالدىغا قارىتىپ سول تىزىڭىزغا قويىسىز، سېپىنى سول قولىڭىزنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن باش بارمىقىنىڭ ئارىسىغا ئالقىنىڭىزغا مايىل قىلىپ تۇرىتىسز. ئوڭ جەينەك دۇتارنىڭ قورساق قىسمى گىرۋىكىگە تەبى ھالدا قويۇلىدۇ، ئوڭ قول بارماقلىرى تەبى ئېچىلىدۇ. سول قولدا دۇتار سېپىدىكى پەدىلەر ئارىسىدا ئەركىن يۆتكىلىدىغان قىلىپ تۇتۇپ تۇرىسىز. دۇيار سېپىنىڭ يانتۇلۇقى 45 گىرادۇس ئەتىراپىدا بولىدۇ...

2. دۇتارنى ئۇرۇشنى ئۆگىنىسىز. دۇتارنى ئۇرۇش شەكىللىرى كۆپ خىل، بۇنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ئاددىيلىرىدىن باشلاپ ئۆگىنىسىز.  بارماقلىرىڭىزنى تەبى ئېچىپ، قوللىرىڭىزنى قاتۇرىۋالماي تۇرۇپ، دۇتارنىڭ قورساق قىسمى بىلەن سېپى تۇتاشقان يەرگە يېقىن يەردىن ئۇرۇسىز. ئەڭ ئاددىيسى، بىر ئۇرۇپ، بىر تۆپىگە كۆتۈرۈپ،... مۇشۇ شەكىلدە داۋاملاشتۇرىسز، سەل مۇرەككەپىرەكى، بىر ئۇرۇپ، ئىككى تىز-تىز قىتىم تۆپپىگە كۆتۈرۈپ، يەنە ئۇرۇپ،... مۇشۇ پېتى داۋاملاشتۇرىسىز، يەنە سەل مۇرەككەپىرەكى، تۆرت بارمىقىڭىز بىلەن بىر چېكىپ، كەيدىنىدىن باش بارمىقىڭىزدا چېكىسىز، ياندۇرغاندا باش بارمىقىڭىزنىڭ تىرناق تەپىپى بىلەن چېكىپ، ئاندىن تۆرت بارمىقىڭىز بىلەن چېكسىىز...

3. پەدە تۇتۇشنى ئۆگىنىسز. ئاساسلىق سول قولنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى ۋە ئوتتۇرا بارمىقى بىلەن دۇتار سېپىدىكى پەدىلەرنى تۇتىسىز، شۇڭا شۇلار ئەركىن ھەرىكەتلىنەلەيدىغان بولسۇن. ئاندىن قالسا نامسىز بارماق، ناھايىتى ئاز ئىشلەيدىغېنى چىمچىلاق.  ئەڭ ئاددى دۇتار پەدىسىدىن بىرنى بىلىدىغان بىرىدىن تولۇق ئۆگەنگۈچە مۇكەممەل قىلىپ ئۆگىنىسىز.

4. ئۇرۇش بىلەن پەدە تۇتۇشنى ماسلاشتۇرۇشنى ئۆگىنىسز. يېڭى ئۆگەنگەندە تارا چەكسىڭىز پەدە تۇتۇش توختاپ قېلىپ، پەدە تۇتسىڭىز، ئۇرۇشىڭىز توختاپ قېلىپ سەل قيىلىنىسىز. لىكىن ھېچقىسى يوق مۇشۇنداق ئۆگىنىدىغان گەپ، مەشىق قىلسىڭىز نېرۋىلىرىڭىز يېشىلىپ، بارا-بارا ماسلىشىدۇ. مەشىق قىلىشقا باغلىق.

5. بىر پەدىنى مۇكەممەل ئۆگەنگەندىن كىيىن باشقا پەدىگە كۆچىسىز. بىر ئىككى پەدىنى تولۇق ئۆگىنىپ بولغاندىن كىيىن موزىكا سېزىمىڭىز ئويغۇنىدۇ. بارا-بارا باشقا موزىكىلارنى تەبى چالالايدىغان بولىسىز.

6. ناخشىغا ماسلاشتۇرۇپ چېلىشنى ئۆگىنىسىز.

تۈگدى.   {:92:}

dadash يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 10:27:43

بىلىگ نىڭ دۇتتارچىلىش ھەققىدىكى دەرسلىكىنى كۆچۈرۋالدىم ،ۋوردقا ، كېيىن ئۆگەنگەندە يېتەكچى ماتېرىيال قىلىمەن \"\"

taxtapan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 11:44:28

ھەي ئاغىنىلەر، ماۋۇ دۇتتارچى تۆمۈرخان روزى توغرۇلۇق بىر گەپنى بايا بىر ئاغىنەم مىكرو ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتىپتۇ، راس ئەمەستۇ-ھە؟ ئاڭلىمىغان بولساڭلار موشۇ يەردىلا قالسۇن. راست بولسا بىر دەۋىتەرسىلەر.

ArslanTekin يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 11:54:38

umitwar11نىڭ تېمىسىدىن نەقىل

ئۇيۇمدە ئۇزاق بولدى دۇتتاردىن بىرسى بارتتى،بىكار ۋاقتىمدا چىلىپ ئۆگىنەي دىسەم ھېچ كىلىشتۈرەلمىدىم.دۇتتار چلالايدىغان بالىلار ياردەم قىلساڭلار،دۇتتار چىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى دەپ باققان بولساڭلار .مىنىڭ بەك ئۆگەنگىم بارتتى





بوۋام ھايات ۋاقتىدا دۇتتار ياسايتتى ، لېكىن ئۈزى دىگۈدەك چالالمايتتى . نىمىشقا ئۈگەنمىگەن دىسەم ، ئۈگىنەي دەپ ئىشتىنىمنى بېشىمغا بىر كىچە قۇيۇپ ياتساممۇ ئۈگىنەلمىدىم دەپ مىنى كۈلدۈرىۋەتكەنىدى

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 12:35:41

توردا دەپ بەرگەنگە ئوگەنگىلى بۇلامدۇ،،،مەھەللىڭىزدە دۇتتارچى باللا يۇقمۇ ئايدا 500سۇم بەرسىڭىز بىشىڭىزدا تورۇپ بەرسە ئوگۇنەلەيسىز،،،،لىكىن ناخشا ئىيتالمىسىڭىز دۇتتار ئوگۇنۇپ نىمە قىلىسىز،،،،، \"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 13:55:15

مەنمۇ بۇرۇن بەك قىزىقاتتىم،قايسى پەدىگە چالغىنىمنى بىلمەيلا چېلىۋىرەتتىم. خوتەن بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدا كۆتۈرۈپ يۈرگەن ۋاقتىممۇ بولغان  \"\" ئەمما قول ئۈزدۈم .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 14:36:06

دۇتتار چالالمايمەن دىگىنىڭلار يالغان

دۇتتار دىگەننى ئايرىم چالىدىغان نەرسە ئەمەس،ناخشىغا قوشۇپ چالىدىغان نەرسە

شۇڭا دۇتتارنى چالالمايمەن ئەمەس ناخشىنى ئېيتالمايمەن دىسەڭلەر توغرا بولىدۇ.

پەدىگە ئانچە مۇنچە بېسىپ قويۇپ ئاۋازنى قويۇپ بېرىپ توۋلىساڭلار بولىۋېرىدۇ سارىخانغا \"\"

vivlviv يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 17:16:23

ئىشتاننى باشقا كېيىپ ،ئۆگزىنىڭ ئۈستىدە بىر كېچە ئولتۇرۇپ چالساڭلار قولۇڭلار كېپ قالىدۇ .بۇرۇنقى ئۇستازلار پەقەت چالالمىغانلارنى شۇنداق قىلاتتىكەن .

uqkun500 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 17:26:25

دۇتتار چېلىشنى ئۇگۇنەي دىسىڭىز تۇۋەندىكى ئۇسۇللاردىن بىرەسىنى  سىناپ بېقىڭ ، مەنمۇ باشقىلاردىن ئاڭلىغان .راستلىقىغا كاپالەت بىرەلمەيمەن . چۇنكى مەن سىناپ باقمىغان .

1- ئىشتىنىڭىزنى ( شىمىڭىزنى ) ياتقاندا (ئۇخلىغاندا ) ياستۇقىڭىزنىڭ تىگىگە قۇيۇپ يېتىپ بېقىڭ . ئۇنىمى بولسا ئەجەپ ئەمەس .

2-  مۇرىسى بار   ئۇيىنىڭ مۇرىستىن (ئىس چىقىدىغان يىرىدىن ) ئۇنداق ئۆيلەر ھازىر يوق بۇلىشى مۇمكىن  بەلكىم باردۇ ، شۇ مۇرىدىن تەتۇرىسكە بېشىڭىزنى ئالتىن ، پاچىقىڭىزنى ئۇستىن قىلىپ چۇشۇپ بېقىڭ ، پايدىسنى كۆرسىڭىز ئەجەپ ئەمەس ،  ئەمما بۇ ئۇسۇلنىمۇ مەن سىناپ باقمىغان ،  ئەمما شۇ دۇتارنى چېلىشنى ئۇگۇنەلمەي  باشقا ئىشلار چىقىپ قالسا  مەن ، يەنى پىقىر ئۇچقۇنجان مەسئۇل بولمايدۇ .  دۇتتارنى ئۇبدان چېلىشنى ئۇگۇنۇپ قالسىڭىز  (مەن كۆرسەتكەن ئۇسۇل ئارقىلىق ) دىيەنشىدە چىققان ۋاختىڭىزدا ماڭا رەخمەت ئېيتىشنى ئۇنۇتماڭ .

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 18:20:20

1. ئشتاننى بېشىغا كىيىش ياكى ئىشتان كۇسارنى بېشىغا قويۇپ يېتىش

2. تېزەك چىشلەپ ئولتۇرۇپ چېلىشنى مەشق قىلىش

turkex يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 18:29:05

نۆۋەتتكى ئۇيغۇر سەنئەت كۇلتۇرىغا ئھتىياجىلق بالىلار،ياشلارنىڭ تەلپىنى ئويلۇشۇپ ئەلتېكىن مۇقام –ناخشا،مۇزىكا كۇرسىغا تىزىملىتىش باشلاندى

ئۆتىلىدىغان دەرىسلەر: مۇقاملار،

ئۇيغۇر خەلق ناخشا –مۇزىكىللىرى،

ئىجادى،ئاممىباب ناخشا- مۇزىكىللىرى

چالغۇلاردىن:راۋاب،دۇتار؛ئاكاردىيۇن،پىيانىنو



ئورنى:ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ



تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى:2012.يىل 8.ئاينىڭ 8.كۇندىن باشلىندۇ

ئالاقە تېلفۇن نۇمۇرى:13699350043

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 19:52:44

مانا مەن ئۇستازسىز ئۆگەنگەن، ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغانغا بىر ئاي قالغاندا ئاپام كىچىكرەك بىر دۇتتارنى كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ 50 كويغا ئالدىم بالام ، چىرايلىق ئېسىپ قويايلى دەپ ، بىكار چاغلىرىدا ئاپام تىرىڭشىتىپ قوياتتى ، مەنمۇ كاللام چارچىغاندا تىرىڭشىتىپ باقتىم ، كىيىن كىرىشپ قالدىم ،زۇلۇمغۇ بۇ ؟ ئاغىينىلەرنىڭ گىتتار چالغىنىنى دوراپ پەدە تۇتۇپ باقتىم ، بۇنىڭ ئىككى تارىسى سىمدىن ياسالمىغىنى بىلەن بارمىقىمنى بەكلا ئېچىشتۇرۋەتتى... لېكىن مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھاۋانى تۇمان باستى دىگەن ناخشىنىڭ ئاساسى ئاھاڭىنى چىقىرالىغان چېغىمدا ئالەمچە خوشال بولغانىدىم ، پەدە باسىدىغان قوللىرىم تېلىپ دۇتتارنىڭ سېپىنى تامغا يۆلەپ قويۇپ چالاتتىم ، ئۇرۇشنى بىلمىگەچ ھەتتا بامىقىمنىڭ تېرىسىمۇ شۈلۈنۈپ كەتكەن ، ئاخىرى قاناپ ، يەنە قاناپ ، قېتىپ كەتتى ، لېكىن بىرەر ئىككى ھەپتە چالمىسە يەنە ئەسلىگە كېلىۋالىدۇ ...شۇنداق قىلىپ ئالى مەكتەپكە بارغۇچە ئۆينىڭ دۇتتارچىسى بولۇپ قالغان، لېكىن ئىشتاننى بېشىمغا قويۇپ يېتىپ باقمىغان،   بىر ئېپىنى بىلىۋالسىڭىز ئاھاڭىنى بىلىدىغانلىكى ناخشىنىڭ ئاساسى جەھەتتىن چېلىپ كەتكىلى بولىدۇ ، يامان يىرى ئۇستازسىز ئۆگەنگەچكە مۇرەككەپرەك ئۇرۇش ئۇسۇللىرىنى تا ھازىرغىچە  تۈزۈك راۋان ئۇرالمايمەن ، ئابدۇرېھىم ھېيت ئاكىمىزنىڭ ئاشۇ يۆگەپ ئۇرۇشلىرىزە........

ئۆگىنىمەن دىگەن ئادەم قىزىقىشتىن باشقا چوقۇم خەلق ناخشىلىرىنى ياخشى كۆرۈشى ، ئانچە مۇنچە ئېيتالىشى كېرەك ، بولمىسا بۇمۇ تەسكە توختايدۇ....بىلىكنىڭ تەجىربىلىرى ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ .
بەت: [1] 2
: دۇتتار چىلىشنى ئۆگىنەي دىگەنتىم،ياردەم قىلساڭلار!!!