Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 22:08:12

«قىزىققۇچى» ناملىق مارس ماشىنىسىغا دائىر قىسمەن سىنلار.

ھازىرغىچە مارسقا قويۇپ بېرىلگەن ئۈسكۈنىلەر 40 دانە، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنى مەغلۇپ بولغان، ئالاقە ئۈزۈلگەن، سوقۇلۇپ ۋەيران بولغان، قۇمغا پېتىپ قىلىپ ئىشلىيەلمىگەن... يەر ئوربىتىسىدىن چىقالماي تېنچ ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن، ۋاھاكازالار...



بىر توننىلىق بۇ ئوقەتنى مارس يۈزىگە ساق تاشلاش ئۈچۈن راكېتالىق كىران ئىشلىتىلگەن، مېنىڭمۇ قىزىقىدىغىنىم شۇكى، قىزىققۇچىنى تاشلاپ بولۇپ يىراققا ئۇچۇپ كەتكەن بۇ كىران توغرىسىدا ھېچقانداق كېيىنكى خەۋەر بېرىلمىگەن، توغرا كېلىپ قالغان يېرى، بۇ كىراننىڭ يېقىلغۇسىمۇ مىتان، قىزىققۇچىنىڭ ئىزدەش تۈرلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىرى ھەم مىتان ھاسىل بولۇش شارائىتىنى تەكشۈرۈش، ئەگەر، مارستا مىتان ياسىيالىسا، ئامېرىكىلىقلار مارسنى ئۇچۇپ يۈرۈپ تەكشۈرەلەيدۇ! كىراننى ئايرىم ساق قوندۇرۇپ، بىزگە ھېچنىمە دىمىگەنلىكىگە ئىشىنىمەن، بۇنى ئەركىن سىدىق ئاكاشتىن سوراپ باقساقمىكىن..


بۇ يىل 8- ئايدا مارسقا قونغىنى ئامېرىكا قويۇپ بەرگەن «قىزىققۇچى» (Curiosity)، ئۇ مارس ئوربىتىسىدىكى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يەر شارى بىلەن سىگىنال ئالماشتۇرىدۇ.





8 ئايدىن ئارتۇق ئۇچۇپ، مارسقا قونغان ئامېرىكا مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسى «قىزىققۇچى» بۇرۇنقى مارس ماشىنىلىرىدىن چوڭلۇق، ئېغىرلىق جەھەتلەردە كۆپ ئارتۇق بولۇپلا قالماي، يۆتكىلىشچان تەجرىبىخانا دەپ تىلغا ئېلىنغان، نۇرغۇن ئىلغار ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن، يادرو باتارىيە ئىشلىتىلگەن، ھەم ماشىنىنى ئىسسىق ساقلاش سىستېمىسىغا ئىگە، بەلگىلەنگەن ۋەزىپە مۇددىتى ئىككى يىل، لېكىن باتارىيە نورمال ئەھۋالدا ئالتە يىل خىزمەت قىلالايدىكەن.




ئۇ، مارستا لازىر نۇرى ئىشلەتكەن تۇنجى مارس تەكشۈرۈش ماشىنىسىكەن، ئۇ تۇنجى قېتىم، بىر سىكونت ئىچىدە 30 قېتىم لازىر نۇرى سوقۇلمىسى قويۇپ بېرىپ، مۇشتەك چوڭلۇقتىكى تاشنى تەكشۈرگەن بولۇپ، ھەر قېتىملىق سوقۇلما ۋاقتى مىليارتتىن بەش سىكونت ۋاقىت داۋاملاشقان، پەيتلىك قۇۋۋىتى مىلىيون ۋولتقا يەتكەن، لېكىن بۇ قۇۋۋەت 0.1 ۋات (سانلارنى خاتا تۇتۇۋالمىغان بولسام، قايتا ئىزدەشكە ئېرىندىم، تورغا چىقىدىغان ۋاقتىم چەكلىنىپ كېتىۋاتىدۇ..) بولۇپ، مارس كىشىلىرىگە جەڭ ئېلان قىلغانلىق بولمايدۇ، شۇڭا، مارس كىشىلىرى بىلەن ئۇرۇش پارتىلاپ كېتىشتىن ئەنسىرىمىسەڭلارمۇ بولىدۇ. .. گەپ ئۇزراپ كېتىپتۇ، بۇ لازىر نۇرى ئۇچقۇن چاقنىتىپ، خىمىيىلىك كامېرا ئۇچقۇن يورۇقلۇقىنى تەھلىل قىلىپ، تاشنىڭ تەركىبىنى ئېنىقلايدۇ.


8 يىل بۇرۇن، «جاسارەت» مارسقا چىققاندا ناھايىتى تەپسىلىي ئىشلەنگەن سىنلار يوللانغان ئىدى، بۇ قېتىممۇ «قىزىققۇچى» توغرىسىدا چۈشەنچە خاراكتېرلىق سىنلارنى كۆرۈپ قويايلى:



نىمىلا بولمىسۇن، مارستىن سىگنال يەر شارىغا كەلگىچە 14 مىنۇت كېتىدۇ،  بىر بۇيرۇقنى ئەۋەتىپ، ئىنكاسىنى تاپشۇرۇۋالغۇچە ئاز كەم 30 مىنۇت كېتىدۇ. بۇ ماشىنى ئىككى يىل قاتتىق تەربىيىلەنگەن شوپۇرلار سەۋىرچانلىق بىلەن ھەيدەيدۇ، ئۇلار يالغۇز مېخانىكىدىن خەۋەردار بولۇپلا قالماي، يەنە ھەركەت پروگراممىسى تۈزۈيەلىشى كېرەك، ئۇيۇن تۇتقۇچتا دائىم ئۇيۇن ئوينايدىغانلار بۇ جەھەتتە ئاساسى بار ھېساپلىنىدۇ.


قونۇش 1:



قۇنۇش2:



قۇنۇشنى جەزىملەش سىگنالى قانداق يەتكۈزۈلىدۇ:



يادرو باتارىيىسى:



بۇرۇنقى جاسارەت ناملىقنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدىن قۇنۇش ۋە تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىگىچە تەقلىدىي سىن:



بۇرۇنقى سۇمرۇغنىڭ قونۇشى:




ئەسلى يەنە باشقا تەپسىلاتلار بار ئىدى، تەڭ توپلىساق..

talmas يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 23:03:24

نىيوتوننىڭ قانۇنى بۇيىچە ئېتقاندا،يەنە جىسىم سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغاندا ،ئۈزىنىڭ تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ياكى تىنچ ھالتىنى ساقلايدۇ دىگەنگە تەدبىقلىساق ،تەكشۇرۈش ئەسۋابىنى يەتكۈزگۈچى قۇرۇلما ،يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلغاندىن كىيىن ،مارىسقا بارىدىغان يۈلىنىش بەلگىلىنىپ بۇلۇپ،ئاز مىقتاردىگى ئىنىرگىيە بىلەن بەلگىلەنگەن تىزلىككە يەتكۈزۈلگەندىن كىيىن، ئىنىرگىيە مەنبەسى ئىتىۋىتىلسە ،8 ئاي ھىچقانداق ئىتتىرىش كۈچى بولمىغان ئەھۋالدا مارىسقا ئۇچۇپ بارامدۇ؟كۆرىنىشنى كۆرۈپ شۇنداق بۇلامدىكىن دەپ ھىس قىلىپ قالدىم؟بىلمىدىم ئۇيلىغىنىم تۇغرىمۇ -خاتا؟

talmas يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 00:17:21

مۇنۇلار( قىزىققۇچى )ئەۋەتكەن رەسىملەردەك قىلىدۇ.


\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 01:13:12

قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، بەكلا ئەھمىيەتلىك تېما!



كران ۋەزىپىسىنى شەرەپ بىلەن تاماملاپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ئۈسكۈنىدىن 650 مىتىر نىرىسىغا ئۇچۇپ بىرىپ قۇربان بولغان. تىخنىكىلىق تەلەپ ئاز دىگەندە 150 مىتىر نىرىغا بىرىپ ئۆلۈشى كېرەك ئىكەن (ئۈسكۈنىگە دەخلى قىلماسلىق شەرتى). ئۇچۇپ بىرىپ سوقۇلغان كراننىڭ ئەينى ۋاقتتىكى تېزلىكى 113 كېلومىتىر/سا\"ئەت بولغان، ھەم يىقىلغۇمۇ ئىشىپ قالغان بولغاچقا، رەسىمدىكىدەك ئىز قالدۇرغان. (مارىس يۈزىدىكى تۇنجى سۈنئى يەر شەكلى (ھالقىسىمان چوڭقۇر) بولۇپ قىلىشى مۇمكىن)



مىنىڭ ئىچىم ئاغىرۋاتقىنى 2100 گرادۇسقا چىدايدىغان ئىسسىق توسۇش قالقىنى. ئاۋۇ پاراشۇتمۇ بەك نوچىكەن، تېخنىكىلىق تەلەپلىرى ئاجايىپ يۇقۇرى، لىكىن ھەممىسى ۋەزىپىنى تاماملاپلا مارىسلىق بولىۋالىدىكەن. سۈنئى ھەمرادىن تارتىلغان سۈرەتتە ھەممىسىنىڭ چۈشكەن جايلىرى كۆرسىتىلگەن. ھەييييي، ئاسان تېخنىكىلار ئەمەستە، مارىس يۈزىنى شۇنچىلىك كۆرۋاتقاندىن كىيىن. بىر چاغلاردا دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئەللىمى بىزگە، بۇ خەقلەر بەلكىم بىزنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىمىزنى سانتىمىتېر ئىنىقلىقتا كۆرۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا چوڭ سۆزلەيدىغانغا بار دەۋاتاتتى...



\"\"



http://www.engr.utexas.edu/features/marsskycrane


http://www.nasa.gov/mission_pages/msl/multimedia/gallery-indexEvents.html


بىر تەرەپ قىلىنمىغان ئەسلى سۈرەتلەر (خام سۈرەت) بۇ بەتتە بولۇپ، بارلىق ھەۋەسكارلارنىڭ تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن بىرىلگەن


http://mars.jpl.nasa.gov/msl/multimedia/raw/

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 01:28:51

1- قەۋەتتىكى talmasنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نىيوتوننىڭ قانۇنى بۇيىچە ئېتقاندا،يەنە جىسىم سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغاندا ،ئۈزىنىڭ تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ياكى تىنچ ھالتىنى ساقلايدۇ دىگەنگە تەدبىقلىساق ،تەكشۇرۈش ئەسۋابىنى يەتكۈزگۈچى قۇرۇلما ،يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلغاندىن كىيىن ،مارىسقا بارىدىغان يۈلىنىش بەلگىلىنىپ بۇلۇپ،ئاز مىقتاردىگى ئىنىرگىيە بىلەن بەلگىلەنگەن تىزلىككە يەتكۈزۈلگەندىن كىيىن، ئىنىرگىيە مەنبەسى ئىتىۋىتىلسە ،8 ئاي ھىچقانداق ئىتتىرىش كۈچى بولمىغان ئەھۋالدا مارىسقا ئۇچۇپ بارامدۇ؟كۆرىنىشنى كۆرۈپ شۇنداق بۇلامدىكىن دەپ ھىس قىلىپ قالدىم؟بىلمىدىم ئۇيلىغىنىم تۇغرىمۇ -خاتا؟

يەر شارىدىن مارىسقا بىرىش ئۈچۈن سىز ئىش ئىشلەيسىز، چۈنكى يەرنىڭلا ئەمەس، قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى بار. شۇڭا ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكا دەرىسلىكىدە يەردىن قىچىش تىزلىكى، قۇياش سىستىمىسىدىن قىچىش تىزلىكى دىگەندەك نەرسىلەر بار. شۇنداق مەشىقلەرمۇ بارغۇ دەيمەن، ھىسابلىغاندەك ئىسىمدە. ھىسابتا ئۇچار جىسىمنىڭ تىزلىكى ئالدىن پىلانلانغان ئوربىتىغا كىرگۈدەك بولسىلا ئاندىن يىقلغۇ ئىشلىتىشنىڭ ئورنى قالمايدىغۇ دەيمەن.


http://www.astronomycafe.net/qadir/marstravel.jpg


\"\"

maguro يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 04:34:58

باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ ، سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق ،

مەن مىسالى يالاڭئاياق، دەسسەپ تىكەن يۈرەرىمەن.

ئاچىچىق  ھەسىرەت!!

خەق نەدە ، بىز نەدە ؟

بىز نىمە قىلىپ يۈرىۋاتىمىز؟ بىزنىڭ دىققىتىمىز نەگە مەركەزلىشىپ قېلىۋاتىدۇ ؟  

خەقنىڭ كىيمى،چېچىنى مۇنازىرە قىلىپ ، تاس قالىدۇ باللا قان چېچىشقىلى !!

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 06:14:27

پىلانىتلار ئارا ئۇچۇش بىز ئويلىغاندەك ئاددى بولمايدۇ، يەنى يەر شارىدىن چىقىپ ئۇدۇللا مارىسنى نىشانلاپ ماڭىدىغان تۈز يول ئەمەس. يەر شارى، قىزىققۇچى، مارىس ھەممىسى قوياشنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلدىغان بولغاچقا قىززىقۇچىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ بەلگىلەنگەن بىر ۋاقىتتا مارىسنىڭ قۇياشنى ئايلىنىش ئوربىتىسىدىكى بەلگىلەنگەن بىر جايدا مارىس بىلەن ئۇچراشتۇرۇش كىرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوغۇز كۆرسەتكەن گىرافىكتىكىدەك تەخمىنەن ئىللىپىس شەكىللىك ئوربىتالىق ئۇچۇش ئۇسۇلى قوللىنىلدۇ.   قىزىققۇچى قۇياشقا ئەڭ يىقىن نۇقتا (يەر شارى) بىلەن قوياشقا ئەڭ يىراق نۇقتا (مارىس) ئارىسىدىكى ئىلىپىس شەكىللىك \"يەتكۈزۈش ئوربىتىسى\" دىگەن ئوربىتا ئىچىدە ئايلىندۇ، بۇ ئوربىتا ئىچىدە  ھىچقانداق ئىنىرگىيە لازىم بولمايدۇ ئەمما بۇ ئوربىتىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن قىززىققۇچىنى يەر شارىنىڭ قوياشنى ئايلىنىش يۆنىلىشچە ئۇرۇنما ھالەتتە تىزلىتىش كىرەك بولىدۇ. بۇ جەرياندىكى  يۆنىلىش ئۆزگەرتىش، ئوربىتا ئالماشتۇرۇشلار ئۈچۈن ئىنىرگىيە لازىم بولىدۇ. شۇڭا راكىتالار بىلەن يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدىن قېچىپ چىققاندىن كىيىنمۇ يەنە سۇيۇقلاندۇرۇلغان يىقىلغۇ ھەم قۇياش باتارىيەسى دىگەن ئىنىرگىيەلەر بىلەن تاكى مارىس ئاتموسفىراسىغا كىرگۈچە كونتىرول قىلىپ تۇرىدۇ . ئاندىن سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئىنرگىيە بىلەن ھەركەتلەندۈرۈش قىسمىنى ئاجرىتىپ چىقىرۋىتىلىدۇ ، قالغان ئىشلارنى مارىسنىڭ ئېغىرلىق كۈچ مەيدانى (تارتىش كۈچى) تاماملايدۇ.

almas333 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 08:42:27

يۇقىرىقى رەسىمگە قارىسا،مارسنىڭ يەر قىياپىتى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ تاغقا يانداش جاڭگاللىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.شېغىللىرىمۇ يەر شارىنىڭكىگە ئوخشاش ئىكەن.ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىشتە بۇ؟!مارستا زادى ھاياتلىق بارمىدۇ؟

almas333 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 08:43:18

يۇقىرىقى رەسىمگە قارىسا،مارسنىڭ يەر قىياپىتى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ تاغقا يانداش جاڭگاللىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.شېغىللىرىمۇ يەر شارىنىڭكىگە ئوخشاش ئىكەن.ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىشتە بۇ؟!مارستا زادى ھاياتلىق بارمىدۇ؟

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 11:23:08

1- قەۋەتتىكى talmasنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نىيوتوننىڭ قانۇنى بۇيىچە ئېتقاندا،يەنە جىسىم سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغاندا ،ئۈزىنىڭ تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ياكى تىنچ ھالتىنى ساقلايدۇ دىگەنگە تەدبىقلىساق ،تەكشۇرۈش ئەسۋابىنى يەتكۈزگۈچى قۇرۇلما ،يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلغاندىن كىيىن ،مارىسقا بارىدىغان يۈلىنىش بەلگىلىنىپ بۇلۇپ،ئاز مىقتاردىگى ئىنىرگىيە بىلەن بەلگىلەنگەن تىزلىككە يەتكۈزۈلگەندىن كىيىن، ئىنىرگىيە مەنبەسى ئىتىۋىتىلسە ،8 ئاي ھىچقانداق ئىتتىرىش كۈچى بولمىغان ئەھۋالدا مارىسقا ئۇچۇپ بارامدۇ؟كۆرىنىشنى كۆرۈپ شۇنداق بۇلامدىكىن دەپ ھىس قىلىپ قالدىم؟بىلمىدىم ئۇيلىغىنىم تۇغرىمۇ -خاتا؟



جىسىم ئۇچىرىغان سىرتقى كۈچنىڭ يىغىندىسى نۆل بولغاندا، جىسىم تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ياكى نىسپىي تىنچ ھالتىنى ساقلايدۇ. دىسىڭىز توغرىراق بولىدۇ. چۈنكى سىرىتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرىمايدىغان جىسىم مەۋجۇت ئەمەس. مۇتلەق تىنىچ تۇرىدىغان ماددا مەۋجۇت ئەمەس.



ئوغۇز ئېيتقاندەك، راكىتا يەرنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلغاندىن كىيىنمۇ يەنە قوياشنىڭ تارتىش كۈچى دائىرىسىدە بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلاش ئۈچۈن راكىتا ئۇچۇرىغان يىغىندى كۈچنى نۆل قىلىدىغان يەنە بىر كۈچ لازىم بولىدۇ. شۇڭا بەلگىلىك مىقتاردا ئىتتىرىش كۈچى لازىم بولىدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 19:59:10

بۇ يەردە بالىلار يەر بىلەن مارس ئارىسىدىكى ئۇچۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا گەپ ئېچىپتۇ، «ئالەم تېزلىكى» ئۇقۇمىنى ئەسكەرتىش زۆرۈركەن..



ئۇچار جىسىم يەر شارى، قۇياش، سامان يولى ئىچى ياكى سىرتىدا، ئىللىپىسسىمان ئوربىتا، لاگىرانژى سىزىقىنى بويلاپ ئۇچۇش ئۇسۇلىدا ئۇچالايدۇ، مەلۇم ئوربىتىغا چىقىش ئۈچۈن، ئەڭ تۈۋەن بولغاندا مەلۇم تېزلىككە يېتىشى شەرت، بۇ ئەڭ تۈۋەن تېزلىك چېكى- «ئالەم تېزلىكى» ئاتالغۇسى بىلەن ئېيتىلىدۇ.



بىرىنچى ئالەم تېزلىكى: 7.9km/s ، بۇ تېزلىكتە ئۇچار جىسىم ئاتموسفىرا شالاڭ ياكى يوق ئوربىتىدا ئىتتىرىش كۈچىگە تايانمايمۇ ئوربىتىدا يەرنى ئايلىنىپ ئۇچالايدۇ.

ئىككىنچى ئالەم تېزلىكى: 11.2km/s ، بۇ تېزلىكتە ئۇچار جىسىم يەرنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلۇپ، قۇياشنى ئايلىنىپ قۇياش سىستېمىسىدا ئۇچالايدۇ.

ئۈچىنچى ئالەم تېزلىكى: 16.6km/s ، بۇ تېزلىكتە (يەر مەركىزىگە نىسبەتەن) ئۇچار جىسىم قۇياش سىستېمىسىدىن قۇتۇلۇپ، سامان يولى ئارا سەپەرگە چىقالايدۇ.

تۆتىنچى ئالەم تېزلىكى: 110km/s~ 120km/s ، بۇ تېزلىكتە ئۇچار جىسىم سامان يولىدىن قۇتۇلۇپ، مۇشۇ يۇلتۇزلار توپى ئارا سەپەرگە چىقالايدۇ. تېخى ئىنسانلار بۇ سۈرئەتكە چىقىرىپ باققان ئۇچار جىسىم يوق.


بەشىنچى ئالەم تېزلىكى: 1500km/s ~ 2250km، بۇ تېزلىكتە ئۇچار جىسىم مۇشۇ يۇلتۇزلار توپىدىن قۇتۇلۇپ چىقىدىغان ئەڭ كىچىك سۈرئەت. بىراق، بۇ يۇلتۇزلار توپىنىڭ دىئامېتىرى ئېنىق ئۆلچىنىپ بولالمىغاچقا، بۇ سۈرئەت بىر تەخمىني سۈرئەت ھېساپلىنىدۇ، ئالىملار بۇ يۇلتۇزلار توپىنىڭ دىئامېتىرى 5 مىلىيارد نۇر يىلىدىن 10 مىلىيارد نۇر يىلىغىچە بولۇشى مۇمكىن دىمەكتە. بەلكىم بۇ تېزلىككە يېتىش ئۈچۈن پەن تېخنىكىمىز يەنە نەچچە يۈز يىل تەرەققىي قىلىشى كېرەك بولۇشى مۇمكىن، ھازىر پەقەتلا بىر غايىۋىي خىيالدىن ئىبارەت.

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2012-8-24 10:12:18

10- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

... لاگىرانژى سىزىقىنى بويلاپ ...



بۇ قانداق سىزىق؟ ئېنىقلىمىسى؟ مەركەزلىك كۈچ مەيدانىدا، جىسىملارنىڭ ھەركەت ئوربىتاسى پەقەت ئېلىپىس، پارابولا، ھېپىربولا قاتارلىق كونۈس كەسمىسى ئەگرى سىزىقىلا بولالايتى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-8-24 11:53:15

ئىككى ئاسمان جىسىمىنىڭ ئارىسىدا، ئالەملىك تارتىشىش كۈچى تەڭ بولۇپ يىيىشىپ كېتىدىغان نۇقتا لاگىرانژى نۇقتىسى دىيىلىدۇ، پىلانېتلار ئارا ئۇچقاندا، يۇلتۇز، سەييارە، ھەمراھلار يۆتكىلىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئاسمان جىسىمى ئالەم تېزلىكى بىلەن ئېتىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئېنىرتىسىيە بىلەن نىشانغا يېتىپ بېرىشى تەسىرگە ئۇچرىغاندا ئوربىتا توغىرلاش ئۈچۈن ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدۇ، ئۇچرىغان ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانچە چوڭ بولسا سەرپىيات شۇنچە يوقىرى بولىدۇ، شۇڭا ئەگەر ئۇ لاگىرانژى نۇقتىلىرىنى بويلاپ ئۇچسا، سەرپ قىلىدىغان يېقىلغۇ ئەڭ ئاز بولىدۇ.  قۇياش، يەر، ئاي.. قاتارلىقلار ئارىسىدا، ئوخشىمىغان نىشانغا ئۇچۇشقا ئوربىتا ئۈستدە ئوخشىمىغان لاگىرانژى نۇقتىسى، سىزىقلىرىنى تاللاپ ئۇچۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئالدىن ھېساپلاش پۈتۈنلەي توغرا بولالىسا، ئېنىرتىسىيە ۋە ئۆزگىرىۋاتقان ئالەملىك تارتىشىش كۈچىدىنمۇ پايدىلىنىپ، ئالەم بوشلۇقى ئىچىدە پۈتۈنلەي يېقىلغۇسىز ھالدا مارسقا بېرىشمۇ مۇمكىن. ئالىي ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ئاساسى پۇختا بىر ئاسپىرانت ياكى دوكتورغا بۇنىڭ ھېساپلاش پروگراممىسىنى تۈزۈشنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس.

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2012-8-24 12:52:23

12- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

... شۇڭا ئەگەر ئۇ لاگىرانژى نۇقتىلىرىنى بويلاپ ئۇچسا، ...



ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز، چۈشىنىۋالدىم. رەھمەت. نەزىرىيەسىغۇ ئاددى ئۇقۇم ئىكەن، لېكىن، ئەمىلىيەتتە قول سېلىپ ئىشلىگەندە، بۇ سىزىق «مەۋجۇتمۇ؟» دىگەن مەسىلە كېلىپ چىققۇدەك. مەۋجۇت بولمىغاندىمۇ، ئوربىتانى توغرىلاش ئۈچۈن، «قايسى يول بىلەن ئۇچسا ئېنېرگىيە ئەڭ ئاز كېتىدۇ؟» دىگەن مەسىلە كېلىپ چىققۇدەك. ئالەم بوشلۇقىدا سان-ساناقسىز يۇلتۇزلار بار. پەقەت قۇياش سىستېمىسىنى ئويلاشقاندىمۇ، پىلانېتلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەمرالىرى قوشۇلۇپ، 100 گە يەتمەيدىغان بۇ يۇلتۇزلار سىستېمىسىدا، لاگرانىژ نۇقتىنى تېپىپ چىقىش، ھىساپلاشتا دەھشەت ئېغىر سىجىللىقنى تەلەپ قىلغۇدەك. يەنە بىر مەسىلە، بۇ بوشلۇقنىڭ مەلۇم نۇقتىلىرى مەلۇم پەيتلەردە لاگرانىژ نۇقتىسى بولۇش شەرتىلىرىنى قانائەتلەندۈرسىمۇ، بۇلار تۇتاش بولۇشى ناتايىن. شۇڭا بۇ بوشلۇقتا سىز ئېيتقان لاگرانىژ سىزىقى ئومۇمى ئەھۋالدا مەۋجۇت بولمايدۇ. پەقەت بىر لاگرانىژ نۇقتىسىدىن سەل يىراقتىكى خوشنا بولغان يەنە بىر لاگرانىژ نۇقتىسىنى تۇتاشتۇرغۇچى سۈنئى سىزىقلارنى تېپىش ئىمكانىيىتى بولغۇدەك. مۇشۇ چارە بىلەن ئېنېرگىيەنى ئەڭ ئاز ئىشلىتىدىغان يولنى كومپيۇتېر پىروگراممىسى بىلەن تېپىش ئىمكانىيىتى بولغۇدەك. لېكىن بۇنىڭغا پەۋقۇلئاددە كومپيۇتېرلار بولمىسا، بۇنداق پىروگراممىلارنى سۆرىيەلمىگۈدەك.


مەسىلەن، كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە يەنە مۇشۇنداق ئۇچۇش سىنىقى ئېلىپ بېرىلىدۇ دەپ پەرەز قىلىنسا، مۇشۇ 10 يىل ۋاقىتنىڭ ھەر بىر سېكۇنتىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، بىر تالاي ھىساپلاشلارنى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلگۈدەك. شۇ ئارقىلىق، كەلگۈسى مۇشۇ 10 يىلدا قايسى ۋاقىتتا، قايسى ئورۇندا، قايسى يۆلۈنۈشتە بۇ نەرسە ئاسمانغا قويۇپ بېرىلسە، ئېنېرگىيە ئەڭ ئاز كېتىدۇ دىگەن سۇئالغا جاۋاپ تاپقىلى بولغۇدەك.


پەقەت قۇياش، يەر شارى ۋە مارس قاتارلىق 3 لا سەييارە بار دەپ ئاددى پەرەز قىلىپ تۇرۇپ، مۇشۇ سىستېمىدىكى يەر شارىدىن مارسقىچە بولغان يولدىكى «ئەڭ ئاز ئېنېرگىيە مەسىلىسى» ھەققىدە توختالسىمۇ، ماتېماتىكا، فىزىكا كەسپلىرىدە خېلا راۋۇرۇس بىر ئاسپىرانتلىق ماقالىسى پۈتۈپ قالغۇدەك. بۇنداق پىروگراممىنى ئادەتتىكى كومپيۇتېرلار سۆرىيەلىشى مۇمكىن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-8-24 14:28:28

3D يۇلتۇزلار خەرىتىسىگە كۈنىگە يۈزلەپ- مىڭلاپ يۇلتۇز، پىلانېتلار ئۇچۇرلىرىنى خاتىرلەپ مېڭىۋاتقىنى مۇشۇنداق ئىشلار ئۈچۈن ئوخشايدۇ.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-8-25 11:33:59

باچكا ئاكا يەر شاردىن باشقا ئاسمان جىسىملىرىدا ھاياتلىق بارمىدۇ ؟ئالىملار بۇنداق ئىزدىنشى ئارقىلىق ھاياتلىق ئىزدەمدۇ ياكى بايلىق ئىزدەمدۇ ياكى دۇلەت باشلىقلىرى  بىز ئايغا چىقتۇق،مارىسقا ماشنىمىز چىقتى دەپ ب د ت نىڭ كەچلىك زىياپەتلىرىدە پو ئىيتىشامدۇ؟؟؟  \"\"

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-25 17:26:22

بىزنىڭ كۈندە مەشىق قىلىدىغان يىرىمىزدىن پەرقى يوقكەن . ....

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-8-25 21:22:50

15- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

باچكا ئاكا يەر شاردىن باشقا ئاسمان جىسىملىرىدا ھاياتلىق بارمىدۇ ؟ئالىملار بۇنداق ئىزدىنشى ئارقىلىق ھاياتلىق ئىزدەمدۇ ياكى بايلىق ئىزدەمدۇ ياكى دۇلەت باشلىقلىرى بىز ئايغا چىقتۇق،مارىسقا ماشنىمىز چىقتى دەپ ب د ت نىڭ كەچلىك زىياپەتلىرىدە پو ئىيتىشامدۇ؟؟؟ \"\"



قۇياش سىستېمىسنىڭ ئىچىدە، باشقا ئەقىللىق جانلىق بولسا بىلەتتۇق، بىزدەك بىرى يوق. بىر ئىكولوگىيىلىك جانلىق سىستېمىسى بولمىغان پىلانېتتا بىر ئەقىللىق جانلىق تەنھا پەيدا بولالمايدۇ. ئۆتكەندە يۇپىتېرنىڭ بىر ھەمراھىدا مىكرو جانلىق ياشىيالىغۇدەك شارائىت بايقىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن.


مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قۇياش سىستېمىسىدا 8 چە ئورۇنغا قۇيۇپ بەرگەن تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ھەركەت قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ قىزىغىنى ۋە خەۋىرىنى توختىماي يېڭىلاپ تۇرغىنى پەقەت مۇشۇ مارس ماشىنىسى. مەيلى بۇ ئۈسكۈنىلەر بولسۇن، ياكى يەر يۈزىدىكى چوڭ تېلېسكوپلار بولسۇن، بۇلار ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا دەسلەپ بىۋاستە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، لېكىن، مۇشۇ تەتقىقاتلار ئارقىسىدا ئىگىلىگەن ئىنچىكە تېخنىكىلار تۇرمۇشىمىزغا چوڭ تەسىر قىلىدۇ، مەسىلەن يانفۇن بۇنىڭ مىسالى.


ئوبراز قۇرۇلۇشى ھەر قانداق دۆلەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئىش، لېكىن ھېچقانداق بىر تەتقىقات نەتىجىسى زايا كەتكەن ئەمەس، ئۇ شۇنىڭ ئىگىسىنى قوغدايدۇ، بېشىنى ئۈستۈن قىلىدۇ. خۇددى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئېلېكتىرون سانائىتى تەرەققىياتى ئۇلارنى دۇنيانىڭ خوجايىنىغا ئايلاندۇرغاندەك ئىش. بۇدا ئۇلار چامىدان چوڭلۇقىدىكى يادرو ئېلېكتىر گېنىراتورىنى مارس ماشىنىسىغا ئورناتتى. ئۇلارنىڭ ئىزدىنىش روھى ئىنتايىن ئۈستۈن، ئۇلار يالغۇز يەر شارىنىڭ خوجايىنىغىلا ئايلىنىپ توختاپ قالماي، قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئىچىدە توختىماي يۈگرەپ ئويناپ يۈرگۈسى بار. ئوباما كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدە مارىسقا ئادەم ئەۋەتىشنى بۇيرۇپتۇ.


ئايغا تۇنجى چىققان ئامىستىران: «بىز، تاشقى پىلانىتلىق، بىز ئايغا دەسسىدۇق..» دىگەن، ھازىرقى ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ شۇنداق تاشقى پىلانېتلىق بولغۇسى بار، سىلەرنىڭ يوقمۇ؟ ئامېرىكىنىڭ ئاپوللو پىلانىدا جەمئىي 21 ئادەم ئايغا قاراپ ئۇچقان، 12 نەپىرى ئايغا دەسسىگەن. ئامېرىكىلىقلار ئايدا يادرو ئېنېرگىيىلىك تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرغان. ھازىر گوگىل ئاي شارى خەرىتىسىگە قارىساڭلار ئايغا شۇنداق جىق تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ قۇنۇپ بولغانلىقىنى كۆرەلەيسىلەر.


\"\"


\"\"




ئەگەر، مارستا ھېچ بولمىسا سۈنئىي شارائىتتا ئۈسۈملۈك ۋە زەمبۇرۇغ ئۆستۈرۈشكە بولسا، بۇنى، مەنمۇ پىلانلاپ بېرەلەيمەن، بۇ، مارستا يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدۇق، دىگەن سۆز، ئۇ چاغدا 8 ئاي ئۇچقان كىشى ئىشىنى تۈگىتىپ يەنە 8 ئاي ئۇخلىسا ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كېلىشتىن خاتىرجەم ھالدا خىزمەت قىلسا بولىدۇ.


مارسقا بازا قۇرغان تۇنجى دۆلەت يەنىلا يەر شارىدا ئۇزۇنغىچە خوجايىن بولالايدۇ. كەڭ دائىرىدىن ئېيىتقاندا، ھەربىي جۇغراپىيىنى ئارىلاشتۇرغاندا، خۇددى ھازىرقى ئامېرىكىنىڭ زېمىنى شەرقتە ئاتلانتىك ئوكيان، غەرپتە تېنچ ئوكيان ئارقىلىق دۈشمەنلىرىدىن ئۇزۇن تەبئىي تۇسۇق ئارقىلىق قوغدىلىپ تۇرغاندەك، ئەگەر، مارسقا ھەربىي بازا قۇرسا، قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئىچىدە نەچچە يۈز يىلغىچە مۇتلەق بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئېرىشىدۇ. تېخى يېقىندىلا رۇسىيە مارسقا قۇيۇپ بەرگەن راكېتا، يەر ئوربىتىسىدىن يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئالاقە ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىدە رۇسىيە ۋە جۇڭگو قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچەش ئەسۋابى باركەنتۇق. ئامېرىكىنىڭ سۈنئىي ھەمراھىنى رۇسىيە، جۇڭگو ھازىر ئېتىپ چۈشۈرەلەيدۇ، مارستىكىسىنى ئاسان ئەمەس، بايقاش بەك قولايلىق.


...


\"\"


\"\"

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-8-25 21:33:21

قۇياش سىستېمىسنىڭ ئىچىدە، باشقا ئەقىللىق جانلىق بولسا بىلەتتۇق، بىزدەك بىرى يوق. بىر ئىكولوگىيىلىك جانلىق سىستېمىسى بولمىغان پىلانېتتا بىر ئەقىللىق جانلىق تەنھا پەيدا بولالمايدۇ. ئۆتكەندە يۇپىتېرنىڭ بىر ھەمراھىدا مىكرو جانلىق ياشىيالىغۇدەك شارائىت بايقىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن

--ھە ،،،،دىمەكچى قۇياش سىتىمسىنىڭ ئىچىدە  ئادەم ياشىيالمايدۇ ،،ئەمما يۇپىتېرنىڭ ھەمراھىدا  پىت-بۆرگە ياشىغۇدەك بۇشلوق باركەندە..... \"\" ئۇنداق بۇلسا قۇياش سىسىتىمنىڭ سىرتىغا ئىنسانلار تەكشۇرۇش ئەسۋابى ئەۋەتىپ باقتىمۇ؟؟ \"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-8-25 21:59:06

18- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇنداق بۇلسا قۇياش سىسىتىمنىڭ سىرتىغا ئىنسانلار تەكشۇرۇش ئەسۋابى ئەۋەتىپ باقتىمۇ؟؟ \"\"



ئېتىپتۇ تۆتنى مەلۇم يۇلتۇزلارغا قارىتىپ..



ھەممىسىنى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئەۋەتىپتۇ. ئاۋانگارت 10، 11- نومۇرلۇق، ساياھەتچى 1، 2- نومۇرلۇق.


ماۋۇ ئۇچقىلى 35 يىل بوپتۇ، 17.8 مىلىيارد كىلومېتىر ئۇچۇپتۇ، ھازىر قۇياش سىستېمىسىنىڭ گىرۋىكىگە بېرىپ بوپتۇ. ئىسمى ساياھەتچى- 1، ئۈستىدە ئالتۇن يالاتقان دېسكا بار، 55 خىل مىللەتنىڭ باشقا تاشقى پىلانېتلىقلارغا سالىمى بار، باتارىيىسى يەنە 8 يىل ئىشلەيدۇ، بىزگە رەسىم تارتىپ ئەۋەتكەچ مېڭىۋېتىپتۇ. ئەمدىلەتىن «يۇلتۇزلار ئارا بوران» غا ئۇچىراۋېتىپتۇ.


\"\"


\"\"



ساياھەتچى- 2:


\"\"



تۈۋەندىكى  بېكەتتە ساياھەتچى 1، 2 لەرنىڭ چۈشەندۈرۈشى باركەن سالاملارغا قوشۇپ رەسىم، مۇزىكا ئاۋازلارنىڭ تىزىملىكى..


http://www.davidszondy.com/future/timecapsule/voyager.htm



\"\"


\"\"


\"\"


بەت: [1] 2
: «قىزىققۇچى» ناملىق مارس ماشىنىسىغا دائىر قىسمەن سىنلار.