newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 13:46:11

جۇڭگولۇقلار نېمىشقا بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشقا ئامراق؟[كۆچۈرۈلمە]

كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئەقىللىق قۇرۇق گەپ قىلىپ، قەستەن ئىچكىرىلەپ
سورىماي، تىللاش ئارقىلىق كونكىرېت مەسىلىلەر، كونكىرېت مەسئۇلىيەتلەرنى ياپقاندا،
بۇ بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشتىنمۇ خەتەرلىك بولىشى مۇمكىن.


لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، جۇڭگو ساياھەتچىلىرى ئەڭ
كۆپ پۇل خەجلىدى، ھەربىرى تەخمىنەن 203.04 پوندىستېرلىڭ خەجلەپ، ئىككىنچى ئورۇندىكى
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ساياھەتچىلىرىدىن %10 يۇقىرى بولدى.


ئىدىيەنى ئۆزگەرتىش ئىنتايىن مۇھىم، لېكىن ئىدىيەنىڭ مۇھىتنىڭ
مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىنى، مۇھىتنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، پەقەت ئىدىيەنىلا سۆزلەشنىڭ
ئۈنۈمى چەكلىك بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك.


لوندونغا بارالىغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر يۇقىرى كىرىملىق
كىشىلەر توپى بولۇپ، ئۇلار بۇ پۇلنىى مۇشۇنداق خەجلىمىسە، ياكى مەبلەغ سېلىش ياكى
خەير-ساخاۋەتتىن ئىبارەت ئىككى يولغا ئىشلىتىدۇ.


ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ قانچىلىك مۇقىم مەبلەغ سېلىش يولىمىز بار؟
سىياسەت، بازار، مونوپول قاتارلىق بېسىم ئاستىدا، مەبلەغ خەۋپىنى مۆلچەرلىمەك تەس،
ھەم مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولغىلى بولمايدۇ، ئۇنداقتا
كىمنىڭ بۇنداق خەۋپكە تەۋەككۇل قىلغۇسى كېلىدۇ؟


خەير-ساخاۋەتكە كەلسەك، مۇھىتقا بولغان تايىنىشچانلىقى تېخىمۇ
چوڭ، كىشىلەر خەير-ساخاۋەتكە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق نام-شەرەپكە ئېرىشەلەيدۇ، ئەگەر
بۇ نام-شەرەپ سىرتقى كۈچنىڭ بۇرمىلىشى ئاستىدا، دائىم پاخاللاشسا، دائىم كۇرسى
چۈشسە، كۆپچىلىك بۇنى خەتەرلىك ئىش دەپ قارايدۇ.


پۇل خەجلەنمىسە، بېسىلىپ قالىدۇ خالاس، پۇل پاخاللىشىپ ئۇنى
ئاستا-ئاستا سۇغۇرىۋالغاندا، ئىستىمالنى چوڭايتىش ئەكسىچە ئىقتىسادىي ئىدراكقا ماس
كېلىدىغان ئەقىللىق قىلمىشقا ئايلىنىدۇ.


جۇڭگودا چوڭقۇر دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى بار، نەچچە مىڭ يىلدىن
بۇيان، ئىقتىساد قىلىش ئاساسىي قىممەت قارىشى بولۇپ كەلدى، ئىقتىساد قىلىش ئارقىلىق
ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈش، ئىسراپچىلىقنى ئەڭ چوڭ پەسكەشلىك دەپ قاراپ كەلدى. لېكىن
مەسىلە شۇكى، نەچچە ئېغىز ئەخلاق تەربىيىسى ئارقىلىق چوڭ مۇھىتنىڭ كەمچىلىكىنى
تولۇقلىغىلى بولامدۇ؟



تارىختا سۇڭ، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىنىڭ سودىسى گۈللەنگەن، جەمئىيەت
بايلىقى زور ئاشقان، لېكىن ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، بۇ بايلىق ئىنتايىن ئاز قايتا
ئىشلەپچىقىرىشقا سېلىندى، بەلكى ھەشەمەتچىلىككە سېلىنىپ، جەمئىيەتنى چىرىتىش
رېئاكتىۋى بولۇپ قالدى. چۈنكى سودىگەرلەر مەيلى قانچىلىك غەلىبە قازانسىمۇ، يەنىلا
پادىشاھنىڭ قۇلى، بەك زورىيىپ كەتسە تەھدىت ھېسابلاندى، يوقىلىشقا ئاز قالغان
بولدى. شېن ۋەنسەن، ۋۇ بىڭجەن، خۇ شۆيەن قاتارلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى ئەۋلادلارغا
قانلىق ساۋاق بولدى.



بازاردا ئادىل ئويۇن قائىدىسى يوق، ھوقۇقنىڭ ئېنىق چېگرىسى يوق
بولسا، كىشىلەرنىڭ پايدىغا بولغان مۆلچەرى، كەلگۈسىگە بولغان تەلپۈنۈشى يوقايدۇ،
بىر مىللەتنىڭ يارىتىش كۈچىمۇ تۇنجۇقىدۇ، ئاخىرىدا تەرەققىياتنىڭ ئېقىمىدا غەرق
بولىدۇ.



چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى داۋ گۇاڭ ئاددىيلىققا تەلپۈنەتتى،
ئىشتىنى يىرتىلسا تىكىپ كىيەتتى، بۇنى يامىسا يېڭىنى ئالغاندىنمۇ قىممەتلىكىنى،
چۈنكى ئۇ چىرىك تۈزۈلمە تەننەرخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلەتتى، بىراق ئۇ
بۇنىڭغا گەپ قىلمايتتى، ئۆتۈپ كەتكۈدەك بولسا ئۆتۈپ كەتسۇن، گاس-گاچا بولىۋېلىپ،
ۋەزىيەتنى كونتىرول قىلالمىغۇدەك دەرىجىگە بارغاندا بىر گەپ بولار دەپ
ئويلايتتى.



ئىسراپچىلىقنى تەنقىدلەش كېرەك، بىراق پەقەت يۈزەكىلا تەنقىدلەپ،
سەگەكلىك بىلەن ئىدراكنى بوشىتىپ، ھېچقانداق ئۈنۈمى بولماسلىقتىن تېخىمۇ ھوشيار
بولۇش كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئەقىللىق قۇرۇق گەپ قىلىپ، قەستەن ئىچكىرىلەپ
سورىماي، تىللاش ئارقىلىق كونكىرېت مەسىلىلەر، كونكىرېت مەسئۇلىيەتلەرنى ياپقاندا،
بۇ بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشتىنمۇ خەتەرلىك بولىشى مۇمكىن.


مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى      

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 14:09:57

پۇلنى خەجلەيمەن دەپ تاپار....خەجلىمە پەس دىسە خەجلىسە ئىسراپخۇر دىسە ،،بەك چىدىمايۋاتىدۇ ،،جۇمۇ چەت ئەللىكلەر بىزگە............ \"\" خۇددى بىزنىڭ خۇشنىلار دادامنى كورەلمىگەندەك،،،\"\"

carbon يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 14:13:00

بىزنىڭ باي باياشات تۇرمۇشىمىزنى نىمىشقا كۆرەلمەيدىغاندۇ بۇ ئەجنەبىيلەر...

dadash يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 14:16:29

5000يىللىق خۇينى، 50يىلدا قانداقمۇ ئوڭشىغىلى بولسۇن دەۋاتاتتى بىرسى...

alwasti يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 14:54:52

ئاتا- بوۋىسىمۇ كۆرۈپ باقمىغان بايلىقنى كۆز- كۆز قىلسا ئەرزىيدۇ.

balahor يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 15:01:41

قەلەندەر ئېشەككە مىنسە چىقمىغان دۆڭ قالماپتۇ.

hayatmorda يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 15:05:53

{:92:}

uzakam يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 16:11:19

ئىچىدە رۇزا تۇتۇپ، تېشىدا ھېيت ئويناش دەمدۇق يا بۇرۇتىنى پىلىكتە مايلاپ بۈگۈن پولا يىگەن دەپ كېرىلىپ يۇرۇش دەمدۇق... \"\"

tupraqmen يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 17:20:15

بنېشىدا نىمە دىدى مەن پەقەت چۈشەنمىدىم.  {:92:}

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 17:55:34

جۇڭگولۇقلار يىگەن -ئىچكەن بىلەن بايلىقنى كۆز كۆز قىلىشتا جاھانغا مەشھۇر .

oghrimuxuk يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 19:23:22

ئاۋۇ ،،بايلارنىڭ ئارسىدا  قانچە ئۇيغۇر باردۇ  \"\"

Fatema يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 20:38:22

5- قەۋەتتىكى balahorنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قەلەندەر ئېشەككە مىنسە چىقمىغان دۆڭ قالماپتۇ.

دىدەك مونچاق ئاسسا كىرمىگەن ئۆي قالماپتۇ.      

\"\"

anty_almas يوللانغان ۋاقتى 2012-8-23 02:03:40

پۇلنى ئەڭ جىق خەجلەپ كۆز-كۆز قىلغانلىقىنى مۇشۇنداق سۆزلەپ ھىچنىمە چۈشەنگىلى بولمايدىغان قىلىپ يىزىش جۇڭگۇدا بىر تالانت ھىسابلىنىدۇ .  

   \"\"  \"\"  \"\"  \"\"

     مەن ئۇلارنى بەك توغرا چۈشىنىمەن ، ئۇلاردىمۇ ئامال يوق ، ئويلاپ باقمامسىلەر ، ئۇلاردا پۇلدىن باشقا نىمە بار زادى ماختانغۇدەك ؟ ئەجىبا بىر ئۆمۈر ماختانماي ئۆتىشى كىرەكما ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

بەت: [1]
: جۇڭگولۇقلار نېمىشقا بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشقا ئامراق؟[كۆچۈرۈلمە]