bariber يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 06:15:21

بەزى ئىشلارنى مەسلىھەت بىلەن قىلغۇلۇق

تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن ئوغلۇم <تىل ئۈگۈنىمەن >ئۇنىڭغا ماقۇل بولمىساڭلار تولۇقتا ئوقۇماي سودىگەر بولىمەن دەپ مۇشۇ تەتىل جەريانىدا بىر كىچىك شىركەتنىڭ مېلىنى بىر يەشىك-بىر يەشىكتىن كىچىك دۇكانلارغا ئۆتكۈزۈپ ئۆزىگە بېرىلگەن ئىش ھەققىدىن 100يۈەن ئايرىپ ئايەم كۈنى ساڭا ھېيتلىق دەپ ئاپىسىنىڭ ئالدىغا قويدى.بۇ ئىشتىن بەك سۆيۈندىم(ئىچىمدە ماڭا بەرمىدى رەنجىدىممىكىن)خەيرىيەت،تۈنۈگۈن بىر تونۇشۇم بېيجىڭ مىللەتلەر ئېنىستىتوتى چەتئەل تىللىرى پاكۇلتىتىدا ئەرەپ تىلى،ئېنگىلىز تىلى ئۈگۈتۈش سىنىپىغا ئوقۇغۇچى ئالىدىكەن(5 يىللىق ئوقۇش) دەپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدى،بالىسىنى شۇ يەرگە ئوقۇشقا تىزىملاتقان ئاتا-ئانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئوقۇتايمىكىن دەپ ئويلاپ  قالدىم.بالا بۇنى ئاڭلاپ مەن ئەرەپ تىلى ئۈگۈنىمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى،شۇنىڭ بىلەن ساقچىخانىدىن ئسپات ئېلىش،دوختۇردىن ئۆتۈش دىگەندەك ئىشلارنى قىلىپ پۈتتۈرۈپ تۇرۇۋاتىمىز ھەم يەنە بالا 16 ياش ئارىلىق 5000كېلومېتىر دەپ ئازىراق تەشۋىشمۇ قىلىۋاتىمىز،بېيجىڭ ۋە ئۇ مەكتەپ توغرىسىدا چۈشەنچە بولمىغاچقا تۇرۇپلا ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى ئىنى-سىڭىللاردىن گەپ ئاڭلاپ باقايچۇ دەپ قىرىق نەچچە ياشلىق بىر ئادەم سىلەرنىڭ ياردىمىڭلارغا ،مەسلىھەتىڭلارغا قاراپ قالدى.


ak5200 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-25 12:45:53

2- قەۋەتتىكى zaparنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئوغلىڭىزنىڭ مۇستەققللىق ئىدىيىسى كۈچلۈككەن، ئىقتىساد ئېڭىمۇ يۇقىرىكەن. مۇنتىزىم ئالى مەكتەپ تەربىيەسى ئالسا بەلەن بولاتتى ئەسلى.



چۇقۇم ئالىي مەكتەپ تە ئۇقۇش  كېرەك مۇ؟؟؟؟

hayatmorda يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 09:46:09

مەن بىلمەيدىكەنمەن

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 09:47:22

ئوغلىڭىزنىڭ مۇستەققللىق ئىدىيىسى كۈچلۈككەن، ئىقتىساد ئېڭىمۇ يۇقىرىكەن. مۇنتىزىم ئالى مەكتەپ تەربىيەسى ئالسا بەلەن بولاتتى ئەسلى.

bilmas يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 09:53:16

مەكتەپ ئورنى شەھەر سېرتىدا.بىر تاشلاندۇق ھەربى قىسىم ئورنىنى مەكتەپ ئورنى قىلغاندەك كۆردۈم.ئاممىۋى قاتناشقا5يۈەن ئالاتتى بىر نەچچە يىل ئالدىدا..ئۆزى خەلق باشقۇرىشىدىكى مەكتەپ.ئۆزلۈكىدىن ئۈگىنىشنى ئاساس

قىلىدۇ.ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى خىلى كۆپ.قالغىنىنى توردىن كۆرۈڭ.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 10:12:48

بارسا بولمايدۇ ئەمەس، لېكىن بالا بەك كىچىككەن تېخى، ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى قانداقراق؟

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 10:19:07

ئوغلىڭىز خېلى جېنى بار بالىكەن. قولىدىن ئىش كېلىدىغان، ۋاپاداار ئادەم بولغىدەك. ئەگەر ئىقتىسادى ئەھۋالىڭىز ياخشى بولسا، ئىككىلەنمەي ئەۋەتىڭ. ھازىرقى كۈنلەردە دىپلوم ئېلىش ئەمەس، ھەقىيقى ئادەم بولۇش، بىلىم ئىگەللەش مۇھىم بولۇپ قالدى. ئوغۇل بالا بولغاندىن كېيىن جاھان كۆرىدۇ، شۇ باھانىدە كۆزى ئېچىلىدۇ. ئاللاھ خالىسا، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كەتمىسىلا ھەرجەھەتتىن يېتىشكەن ياخشى ئادەم بولالايدۇ. مېنىڭمۇ ئىنىمنى ئىككى يىل ئاۋال ئىچكىردە بىر مەكتەپكە ئوقۇشقا ئەۋەتمەكچى بولغاندا بەكلا ئىككىلىنىپ، ئاخىردا ئىنسابىنى ئاللاھدىن تىلەپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. مانا ئىككى يىل توشۇپ ئۈچۈنچى يىلى كىردى. ئۇكاممىنڭ كەسىپتە قانچىلىك بىرنەرسە ئۆگەنگەنلىكىنى بىلمەيمەن. لېكىن، ئىنسانچىلىقنى، ئادەمگەرچىلىكنى خېلى ئۇبدانلا ئۆگىنىپتۇ. شۇنىڭدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم.

ئەمدى، بالىڭىزنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن «مەمۇرى كادىر» ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر كىشلىك مائاشى بار بالا قىلغۇڭىز بولسا ئەڭ ياخشىسى بېيجىڭغا ئەۋەتىپ ئوقۇتۇپ يۈرمەي، ئۈرۈمچى ۋە ياكى باشقا يېقىنراق يەردە ئۈچ-تۆت يىللا ئوقۇتۇڭ.( ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ ئۆز قارىشىم). قالغىنىنى ياخشى ئويلۇشۇڭ كۆرۈڭ. ئىشلىرىڭىزغا، ئوغلىڭىزنىڭ كېلەچىكىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

bendora يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 10:41:45

نېمە دېسەم بولا؟  مانا مەن 4يىل تىل ئۈگەنگەننىڭ مەھسۇلى، بىر تىلنى ئۈگىنىش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى شارائىت مەسىلىسى، ئەلۋەتتە تىرىشچانلىق بولمىسا بولمايدۇ، بىراق بىز ئوقۇپ ئىككىنجى يىلىغا بارغاندا فىرانسىيەگە چىققىنىغا بىر يىل بولغان بالىلار خېلى بىر سەۋىيىلەرگە يېتىپتىكەن، بەك ئاچچىقىم كەلگەن دۆتلۈكۈمگە ھەم ئىچىم بەك كۈچلۈك بولغاچقىمىكىن چۈشكۈنلىشىپ خوشياقمايلا قالغان! بۇ مېنىڭ ئىشىم ئەمدى، سىزنىڭ ئوغلىڭىز بەلكىم بەك ئەقىللىق.

  چەتئەللىكلەرنىڭ نەزىرىدە تىلنى كەسىپ قىلىش ئاخماقلىقكەن،  شۇ چاغدا مېنىڭ ئويلىغىنىم بۇ يەردە بىر تىلنى تۇتۇپ 4يىل تېنىگىچە شۇ دۆلەتكىلا چىقىپ بىر يىل تېنەپ ئاندىن باشقا كەسىپ ئالسام بولمامدۇ دېگەندىن باشقا نەرسە بولمىغان.

  بالىڭىز بولسا يەنە بىرەر يىل ئۆز تۇرمۇشىنى شۇنداق ئۆزى ئىشلەپ قامداپ باقسۇن، ئاندىن كېيىن مەيلى قەيەردىلا بولسا ئوخشاش. ئىچكىرىدە ئوقۇدى دېگەن بىلەن ئىقتىسادىنى ھېساپلاپ كەلسىڭىز ئوخشاش بىر يەرگە بارىدۇ شۇ!

ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىڭ قىممەتچىلىك. ئىشقىلىپ يول جىق، ماڭىمەن دېسىڭىز توغرىسىنى تېپىشىڭىز كېرەك!

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 10:43:28

ئوغلىڭىزنىڭ مۇشۇ چاغلىرىدا ئىمكان بار قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىڭ،   سىزگە تەكلىپ، ئىچكىرىدە ئوقۇتۇشنى ياخشى ئويلاپسىز،بولسا يەنە باشقا مەكتەپلەرنىمۇ ئۇقۇشۇپ كۆرۈڭ،ئەگەر بالىنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيەسى ياخشى بولسا ئىچكىرىدە شارائىتلىرى تىخمۇ ياخشى بولغان مۇنتىزىم تىل تەربىيەلەش مەكتەپلىرى بار.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 10:53:21

مەكتەپنىڭ ئورنى بېيجىڭ شەھىرى فاڭشەن رايونىدا.  房山区

مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى ئىنتايىن ئادەتتىكىچە .

شەخس ئېگىلىكىدىكى مەكتەپ ، ئاساسلىقى پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلغان .

شۇ يەرگە بىر ئوقوغۇچى تونۇشتۇرسا بىرقانچە يۈزكوي تاپقىلى بولىدۇ .

پويىز ئىستانسىسدىن كىچىك ماشىنىغا ئولتۇرسا مەكتەپكە تەخمىنەن 200-300 كويغىچە كىرا كېتىدۇ . كوچا ئاپتوبوسىغا ئولتۇرسا 8 كوي، 2-3 سائەتتە بارىدۇ .

ئۇيغۇر ئوقوغۇچىلار كۆپ. ئوقۇتۇش سۈپىتىمۇ ئىنتايىن ئادەتتىكىچە . قالغىنىنىڭ ھەممىسى ئوقوغۇچىنىڭ ئۆزىگە باغلىق .

لىكىن ئۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان ئەرەب تىلى تەرجىمان بالىلارمۇ بار. (1-2 نى ئاڭلىغان ئەمما كۆرمىگەن).

ياتاق شارائىتىمۇ ئىنتايىن ئادەتتىكىچە .

سىنىپلىرىمۇ شۇنداق .

مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانى ناھايتى كونا .(2010 بېڭجىڭغا ساياھەتكە بارغاندا مۇشۇ مەكتەپنى يوقلاپ ئۆتكەن، شۇ ۋاقىتتا ماڭا بەرگەن تەسىرى ئاشۇنداق، ھازىر قانداقكىن بىلمىدىم .

مېنىڭچە ئەڭ بىر يىل ئوقۇپ باقسا بولىدۇ. بۇ جەرياندا ھىچ بولمىسا مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى ئاشىدۇ. جاپاغا چىداشقا ماسلىشىدۇ . قالغىنى ئۆزىگە باغلىق .

لىكىن ۋە لىكىن ، ھەرگىزمۇ بېڭجىڭ دېگەن چوڭ شەھەر دەپ شەھەر كۆزلەپ بېرىپ قالمىغاي!!!! پەقەت مەكتەپتىن چىقماي، ئۈگۈنۈشنى مەقسەت قىلىپلا بارسا بارغاي ، بولمىسا بارمىغاي!



بېڭجىڭ ئىنتايىن مەرى سوغۇق بىر شەھەر بولۇپ، ھەممە نەرسە قىممەتچىلىك، ئادەمدىن تولا ھىچنىمە يوق ! ئالدىنقى قىتىملىق بىر سايلاشتا مەملىكەت بويىچە بەخت تۇيغۇسى ئەڭ كەم شەھەر دەپ سايلانغان .



مېنىڭ ساۋاقداش ئاغىنىلىرىممۇ بېڭجىڭدىكى خىلى ئېسىل ئونۋىرسىتىتلاردا ،خىلى ئېسل كەسپلەردە ئوقۇپ ، خىزمەت تاپقىنى تېپىپ ، بىرەر يىل ئىشلەپ بېقىپ قايتىپ كەتتى .

ئۇ ئاغىنىلىرىم ئوقۇغان ئونۋىرسىتىت بىلەنغۇ بۇ بېيجىڭ مىللەتلەر ئونۋىرسىتىتىنى ھەرگىزمۇ سىلىشتۇرغىلى بولمايدۇ !



ئەگەر بەك ئەرەب تىلى ئۈگۈنىمەن دەپ قالسا نىڭشىيادىكى ئەرەب تىلى مەكتەپلىرىگە بارغاي .

ئىشقىلىپ كەمىنىنىڭ بۇ مەكتەپكە بولغان شەخسى كۆزقاراش ۋە ھىس تۇيغۇلىرى يۇقارقىدەك .






bariber يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 12:31:19

رەھمەت قېرىنداشلىرىم!مەسلىھەتلەر ئورۇنلۇق،غۇلجا شەھرى ئالاھىدە بىر شەھەر بالامنىڭ چەتئەلگە چىقالىشى بەسى مۈشكۈل،پاسپۇرت بېجىرىش يوق گەپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجىاڭدا ئەرەپ تىلى ئۈگۈتىدىغان مەكتەپ بارمۇ-يوق بىلمەيمەن.شۇڭا تونۇشلاردىن بۇ ئۇچۇرنى  ئاڭلاپلا بالاپ قىزىقىپ قالدىۋە ئەرەپ تىلى ئۈگۈنۈمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى،بىزمۇ بېرىپ كۆرۈپ باقايلى دەپ ئويلاۋاتىمىز.لېكىن بېرىپ كۆرۈپمۇ سىلەرچىلىك چۈشەنمەيدىغىنىم ئېنىق،شۇڭا شۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئەھۋاللىرىنى بىلىش ئارزۇسىدا ئىدۇق.بالا كىچىك بولغاچقا راست گەپنى قىلسام تاغدەك ئەنسىرەۋاتىمەن،لېكىن بالىنىڭ ئالدىدا چاندۇرمايۋاتىمىز.

bariber يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 12:39:16

يەنە مەكتەپنىڭ تاماق شارائىتلىرى قانداق ئىكەنلىگىنى بىلمەيمەن،ھە راست، بۇرۇنقى مىللەتلەر ئىنىستىتوتى دىگەن مەكتەپ ھازىرقى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى شۇمۇ؟

Batush يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 13:08:06

北京民族大学 بېيجىڭ مىللەتلەر ئونۋىرسىتىتى   - خەلق ئىگىلىكدىكى ئىنتايىن ئادەتتكى  مەكتەپ .

تاماقلىرى ئادەتتىكىچە، مەكتەپنىڭ ئېچىگە بىر شىنجاڭ ئاشخانىسى ئاچقىلى تۇرۇپتىكەن مەن بارغان ۋاقتىمدا.  سىرتىدىمۇ مۇسۇلمانچە ئاشخانا باركەن.



中央民族大学 مەركىزى مىللەتلەر ئونۋىرسىتىتى - دۆلەت ئېگىلىكىدىكى نۇقتىلىق ئالى مەكتەپ .





中央民族大学 گە بېرىپ ئاندىن 北京民族大学 گە بېرىپ ئايلىنىپ كەلسە ئادەم ئىككى مەكتەپنىڭ ئاسمان زېمىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى ھىس قىلىدىكەن .



نەنچاڭ،نەنجىڭ،شاڭخەي،ۋۇخەن،بېيجىڭ قاتارلىق شەھەردىكى داڭلىق ئونۋىرسىتىتلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك بېرىپ كۆرۈپ بېقىپتىمەن، لىكىن ، بېيجىڭ مىللەتلەر ئونۋېرسىتىتدىكى بالىلارغا ھەقىقەتەن ئىچىم ئاغرىپ باققان . ئوقۇش پۇلى قىممەت، ياتاق پۇلىمۇ قىممەت ، ياتاقلىرى كونا، كارىۋات ئاستى ئۈستى كارىۋاتكەن (ھازىر قانداقكىن بىلمىدىم). ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار بار. ئەرەب تىلى بىلىدىغان بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى بار دەپ ئاڭلىغانىدىم، ئەزھەر ئونۋىرسىتىتىنى پۈتتۈرگەنكەن.



ئەگەر بالىلىرىنى بەك ئاشۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇلىرى بولسا ئۆزلىرى بېرىپ ئاپىرىپ قويسىلا .

تىزىملىتىشتىن، ئوقۇش پۇلى تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن ئەستايىدىل ئەھۋال ئىگەللەپ، بارلىق شەرت شارائتلارنى كۆرۈپ، كېيىنكى سىنىپ مۇدىرى بىلەن ئوبدان تونۇشۇپ ، ئاندىن بالىلىرىنىڭ بارلىق تىزىملىتىش ئىشلىرىنى ئاشۇ سىنىپ مۇدىرىغا تاپشۇرسىلا.  [كىم بىر بالا ئەكىلىپ تىزىملاتسا مەكتەپ شۇ كىشىگە  500~1200 گىچە تاپان ھەققى بېرىدىكەن .]  

بالىلىرىنىڭ بىلى چىڭ ، ئىرادىسى مۇستەھكەم، قەتئى ئۈگۈنۈش قىلىتتىم دەيدىغان ئارزۇيى بولسا ئوقۇتۇپ قويسىلىرىمۇ بولىدۇ.

قالغىنىنى ئۆزلىرى بېرىپ ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ ئاندىن قارار چىقارغايلا.


sipartak يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 14:22:17

ھەۋەسكارنىڭ دىگىنىدەك،ئەرەپ تىلى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن بىيجىڭغا بارغاندىن نىڭشىياغا بارغان ياخشىراقمىكى...ئامال قىلالىسىڭىز بىرە يىلدىن كىيىن مىسىردا ئوقۇتالىسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئوغلىڭىز ياراملىق چوڭ بولاپتۇ،پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىڭ.ئوغلىڭىز بىلەن تەڭ دىمەتلىك نۇرغۇن بالىلار ئىچكىردە ئوقۇۋاتىدۇ.خاتىرجەم بولۇپ ئىۋەتىڭ.بالىڭىزنى يارتقان ئىگىمىزگە تاپشۇرۇڭ!

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 14:39:34

نىڭشىيادا ئۇيغۇرلارنى ئالمايدۇ دەيدىغۇ ئەرەپ تىلى مەكتەپلىرىگە...

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 16:45:45

2009-يىلى قىشلىق تەتىلدە پويىزدا كېتىۋېتىپ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر قىز بىر ئوغۇل بىلەن سەپەرداش بولۇپ قېلىپ بېيجىڭدا نەچچە يىل تۇرۇپمۇ بۇنداق مەكتەپ بارلىقىنى بىلمەي ئۆتۈپ كەتكىنىمگە ھەيران قالدىم . كىيىن بىرى ئاچىسىنىڭ بىرى ئىنىسىنىڭ رولىنى ئېلىپ بىر -بىرىگە ياخشى يار- يۆلەك بولۇپ كېتىۋاتقان بۇ ئىككى ئۇكىلىرىمغا مەسلىكىم كېلىپ دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغان بولدۇم . مەكتەپ بېيجىڭنىڭ فاڭشەن رايونىدا بولغاچ مەكتەپنىڭ ئۆزىگە بىۋاستە بېرىپ باقماپتىكەنمەن.

يېزىسىنىڭ قالاق مائارىپىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن تۇغقىنىمنىڭ قىزى توغرىلىق ئاپام تەڭلىك قىلىپ تۇرىۋالدى بالام بىر مەكتەپ ئۇقۇشۇپ بەرسەڭ شۇ قىزغا دەپ . بىر چەتتىن چەتكە چىقىمەن تەييارلىق قىلىۋاتىمەن بىر چەتتىن ئىشلەۋاتىمەن . ...شۇنىڭ بىلەن ئارتۇق سۈرۈشتۈرۈپ بولالمايلا شۇ ئىككىيلەن بىلەن ئالاقىلىشىپ چاقىرىق ئەكەلتۈردۈم ئۇنىڭچغىچە ۋىزا قويسام بولىدىغان ئۇقتۇرىشى كەلدى شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىڭلىمنى ئۆزەم بىلەن تەڭ بېيجىڭغا ئەپ ماڭدىم . شۇ يىلى مەكتەپ رەسمىي پۇل تېپىشقا تۇرۇپ كەتكەن ۋاقتى ئىكەنتۇق . چاقىرىق دىگەننى پۇلغا سېتىۋرەرگەچكە 15ياشتىن 28 ياشقىچە ئادەم مەكتەپكە توشۇپ كېتىپتۇ

. \"\" \"\"

شۇنداق قىلىپ سىڭىلنى بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم . كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرى خاتىرجەم ئەمەس قانداقمۇ ئوقۇغىلى بولار بۇ يەردە دەپ ،ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈممۇ تىل كەسپىنى پۈتتۈرگەن ، بۇ خىل تۈردىكى كەسىپلەر ئادەمنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقىغا بەكرەك باغلىق . ئاللاغا تاپشۇرۇپ ،قۇلاقلىرىغا نەسىھەت دىگەننى قۇيىۋېتىپ ماڭدىم كېتىدىغان چېغىمدا

پات-پات پاراڭلىشىپ تۇرىمىز سىڭىل بىلەن . مىجەزىمۇ ئېسىللىشىپ ، بارغانسىرى تەقۋالىشىپ مېنىمۇ ئۇيالدۇرغۇدەك بوپ كېتىپتۇ . ئىچى-ئىچىمدىن سۆيۈنۈپ قالدىم .

ئەمما دوستۇمنىڭ بىر ئوبدان ئىنىسى (كۆز ئالدىمدا چوڭ بولغان ،تارتىنچاق ، سەمىمىي بالا ) نى بەك ئۆزگىرىپ ،تاپتىن چىقىپ كېتىپتۇ دەپ قاقشاپ بەردى ئاچىسى .

مەكتەپنىڭ ئەتراپىدا مەن بارسام 3 ئاشخانا باركەنتۇق . تاماقلىرىمۇ ياخشى ئەمما قىممەترەك . شەھەر ئىچىگە بىۋاستە كىرگىلى بولىدىغان ، بولۇپمۇ نيۇجېيى مەسچىتكە بىۋاستە بارىدىغان ئاپتۇبۇس باركەنتۇق . مەكتەپتىكى ئوغۇللار توپ توپ بولۇشۇپ شۇ يەرگە جۈمە نامىزى ئوقۇغىلى بارىدىكەن .

شەھەر ئىچىگە كىرىشكە ئىككى يېرىم سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدىكەن قاتناش توسۇلۇپ قالمىغان ئەھۋالدا . ئاندىن نورمال پۇل تۆلىسە 8 يۈەن ئەتراپىدا (قانچىلىك ئالغىنىنى يادىمدا قالماپتۇ ) ئالىدىكەن . بېيجىڭ چوڭلار كارتىسى ئىشلەتسە شۇنىڭ يېرىمىنى ، ئوقۇغۇچىلار كارتىسى ئىشلەتسە ئۇنىڭمۇ يېرىمىنى ئالىدىكەن .

مەكتەپتە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى كۆپىيىپتىكەنتۇق مەن بارسام . ئاندىن ئىستانبۇلدىن كەلگەن بىر قىز مۇئەللىممۇ ئەرەب تىلى دەرسى بېرىشكە مەسئۇل ئىكەنتۇق . ھەۋەسكار بىلەن ئىككىمىزنىڭ بايانلىرى بويىچە ئۆزلىرى ھېس قىلغايلا قالغىنىنى ئاكا .

ھە راست ، مەن دەسلەپتە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئاۋۇ ئىككىيلەن غۇلجىدىن . مەن بىر ئىزدەپ كۆرەي ئالاقىلىشىش نومۇرلىرىنى .

ئىشقىلىپ ئوبدان ئويلانغايلا . يېشى بەك كىچىك بالىنى ئۇنداق يىراق يەرگە ئەۋەتمىگۈلۈككەن . مۇشۇ يەردىكى ئۆزىنى باشقۇرالمايۋاتقان ئىنى -سىڭىللىرىمغا قاراپ ،ئاتا -ئانىسى نېمىدەپمۇ چەتكە ، يىراققا ئەۋەتىۋېتىدىغاندۇ باللىرىنى دەپ قالىمەن بەزىدە . ئۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا بىر مەسىلە .

ئاندىن ،ئەگەر قارارلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ،شۇ مەكتەپكە ئەۋەتىۋېتىدىغان ئىش بوپ قالسا ماڭا ئىككى قۇر ئۇچۇر يېزىپ قويارلا قولۇمدىن كەلگۈچە ھەمدەمدە بولىمەن .

ئاللاھ ،سىلىگە توغرا بىر تاللاش نىسىپ قىلسۇن !




rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 17:01:39

ھەۋەسكارنىڭ دېگىنىدەك بېيجىڭ ئۇنچىۋالا مەرى سوغۇق شەھەر ئەمەس ئوقۇشقا  بارغان ئادەم ئۈچۈن  . ئىشلەش ئۈچۈن بېيجىڭدا قالسا ئۇ باشقا گەپ .ئىچكىرىنىڭ ھېچقانداق يېرىدە بېيجىڭدەك ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى جانلانغان ئەمەس ، بۇ يەردە تۈرلۈك تۈمەن تىل ئۈگىنىش كۇرسلىرى ، توپ مۇسابىقىلىرى ، ئىلمىي -مۇھاكىمە يىغىلىشلىرى ، كۆرگەزمە پائالىيەتلىرى بار. ھېيت ۋە بايرامدا غېرىبسىنىش باشقا شەھەرلەرگە قارىغاندا يەڭگىل  ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بېيجىڭدەك ئەرزانچىلىق شەھەر يوق ، قايسى شەھەردە ئىككى موچەن بىلەن ئاپتوبۇسقا  چىقىپ نەمۇ-نە كەتكىلى بولىدۇ ھازىر ؟

   ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىڭ چەتكە  چىققىلى تەييارلىق قىلىۋاتقان ھەرقانداق ئادەمنىڭ بېسىپ ئۆتىدىغان مۇساپىسى بولغاچ  نۇرغۇن ياخشى ، تىرىشچان بالىلار بىلەن تونۇشۇپ قالغىلى ۋە كۈتۈلمىگەن پۇرسەتكە  ئۇچراپ قالغىلى بولىدۇ .

بېيجىڭدا قېلىش مەسىلىسىگە كەلسەك ئۇ باشقا  گەپ ، بۇ جەھەتتە ساۋاقدېشىم ھەۋەسكارنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 17:10:18

بېيجىڭدا نەدە ئىككى مولۇق ئاپتۇبۇس بار ھەي

پۇلۇمنىڭ پاچىسى يۈز كويلۇق دەيدىغان ئىشڭىز بولسا ئۇنىڭ ئىشى ئايرىم \"\"

Batush يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 17:53:03

زىيالى ئەپەندىم، بېڭجىڭدا ئوقوغۇچىلار بىلىتى ئادەتتە 2 موكەن .

ماۋۇ بېيجىڭدا ئوقۇيدىغان دوستلىرىم ماڭا شۇنداق دەپ پو ئېتىپ بېرەتتى .

ئىشقىلىپ نېمىسى نېمىكىن ، مۇشۇ بېيجىڭغا 2004 - يىلى بىر بېرىپلام تويۇپتىم . ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىر قانچە قېتىم بېرىپتىمەن، ھەر قىتىم بارسام قايتىپ كېتىشكىلا ئالدىرايمەن.

bendora يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 18:19:13

بۈگۈن خەۋەر كۆردىڭىزمۇ بېيجىڭدا شۇ شەھەرنىڭ نوپۇسىدا تۇرمايمۇ پاسپورت بېجىرگىلى بولىدىكەن، پەقەت ساقچىخانىدىن بالىڭىزنىڭ جىنايىتى يوقلۇقى ھەققىدە قەغەز ئالالىسىڭىزلا. شۇڭا بۇنىمۇ ئويلىشىپ كۆرۈڭ!
بەت: [1] 2
: بەزى ئىشلارنى مەسلىھەت بىلەن قىلغۇلۇق