alwasti يوللانغان ۋاقتى 2012-8-21 21:59:34

ئەلنەغمە: باياد مۇقامىدىن پارچە (ئاڭلاڭ)

ئەل ئىچىدىكى سەنئەتكارلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى ناخشىلارنىمۇ ئاڭلاپ باقىلى.


باياد مۇقامىدىن پارچە



بۇ يەردە يەنە بار http://i.youku.com/u/UNDM1MzY1NDUy

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 10:26:22

بۇرۇت دېگەن چىستەيكەن.

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 15:04:30

بايات مۇقامىنىڭ تېكىستىدىن بۇ كىشىنىڭ ئوقۇغانلىرىنى تاپالمىدىمغۇ ؟


alwasti يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 15:08:17

2- قەۋەتتىكى hebibنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بايات مۇقامىنىڭ تېكىستىدىن بۇ كىشىنىڭ ئوقۇغانلىرىنى تاپالمىدىمغۇ ؟




ئاۋۇ يېنىدىكى ئادەم نېمانداق كىتابنى تولا ۋاراقلەايدىغاندۇ دېسەم ئۇمۇ سىزدەك تاپالماپتىكەندە. \"\"



بۇنى توردا ئۇچرۇتۇپ تەۋسىيە قىلغانتىم.

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 16:41:33

ھە تاپتىم. 06:10 دىن تارتىپ بايات مۇقامىنىڭ «تەئەززە» دېگەن قىسمىنى ئېيتىپتۇ:



بەيرام گۈنى مەجنۇن كۆڭۈل ھەم شاد ھەم گىريان ئەرۈر

ھالىمغا ئەل گىريان ئەرۇر، ئاندىن ئول ئاي خان خەندان ئەرۈر

( بايرام كۈنىدە مەجنۇن كۆڭلۈم ھەم خۇشال ھەم قايغۇلۇق، ھالىمغا قاراپ ئەل يېغلاۋاتىدۇ، ئۇ ئاي بولسا خوشال تۇرىدۇ.)



... ...





مۇنۇ مىسرالار بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ:



زەبھىنى ئىسمائىل كەبى قىلغىل قەبۇل رەھىم ئەيلەبان،

جانىن فىدا ئەيلەب ئۇ بۈگۈن مەھزۇن ساڭا قۇربان ئەرۈر.

(مەھزۇن بۈگۈن جېنىنى پىدا قىلىپ، خۇددى ئىسمائىلغا ئوخشاش ساڭا قۇربانلىق بولدى. رەھىم ئەيلەپ ئۇنىڭ قۇربانلىقىنى قوبۇل قىلغىن.)


alwasti يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 16:57:38

4- قەۋەتتىكى hebibنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھە تاپتىم. 06:10 دىن تارتىپ بايات مۇقامىنىڭ «تەئەززە» دېگەن قىسمىنى ئېيتىپتۇ:



بەيرام گۈنى مەجنۇن كۆڭۈل ھەم شاد ھەم گىريان ئەرۈر

ھالىمغا ئەل گىريان ئەرۇر، ئاندىن ئول ئاي خان خەندان ئەرۈر

( بايرام كۈنىدە مەجنۇن كۆڭلۈم ھەم خۇشال ھەم قايغۇلۇق، ھالىمغا قاراپ ئەل يېغلاۋاتىدۇ، ئۇ ئاي بولسا خوشال تۇرىدۇ.)



... ...





مۇنۇ مىسرالار بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ:



زەبھىنى ئىسمائىل كەبى قىلغىل قەبۇل رەھىم ئەيلەبان،

جانىن فىدا ئەيلەب ئۇ بۈگۈن مەھزۇن ساڭا قۇربان ئەرۈر.

(مەھزۇن بۈگۈن جېنىنى پىدا قىلىپ، خۇددى ئىسمائىلغا ئوخشاش ساڭا قۇربانلىق بولدى. رەھىم ئەيلەپ ئۇنىڭ قۇربانلىقىنى قوبۇل قىلغىن.)




ياخشى مىسرالارنى يەتكۈزگىنىڭىزگە كۆپتىن- كۆپ تەشەككۈر!

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 17:22:28

كونۇپكا تاختىسىغىمۇ قاراپ قوياڭلا~ \"\"
بەت: [1]
: ئەلنەغمە: باياد مۇقامىدىن پارچە (ئاڭلاڭ)