100يىل بۇرۇنقى ۋەدە
2007-يىل ئاخىرىدا، شاڭخەي شەھەرلىك قۇرۇلۇش باشقۇرۇش ئىدارىسى ئەنگلىيە ئىسجىن لايىھەلەش شىركىتىدىن كەلگەن بىرپاچە خەتنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. خەتتە: شاڭخەيدىكى ئاق كۆۋرۈك (گۈللۈك كۆۋرۈك)نىڭ ئەسلىي لايىھەسىدە ئىشلىتىلىش مۇددىتىنىڭ 100 يىل، يەنى 1907-يىلى پۈتكەنلىكى، نۆۋەتتە كۆۋرۈكنى رېمۇنت قىلىش كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن، بۇ شىركەت يەنە شاڭخەي قۇرۇلۇش باشقۇرۇش ئىدارىسىنى ئەينى چاغدىكى كۆۋرۈكنىڭ ئەسلىي چىرتيوژى بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ چىرتيوژنى قايتا ئېچىپ قارىغاندا، گەرچە يۈز يىل ئۆتكەن بولسىمۇ چىرتيوژنىڭ يېڭى پېتى تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممەيلەن ھەيران قالغان. ئەنگلىيە تەرەپنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن بەرگەن ئەسكەرتىشى شاڭخەي قۇرۇلۇش باشقۇرۇش ئىدارىسىنى ئۇيقۇدىن ئويغاتقان. دېمىسىمۇ بۇ بەلگە خاراكتېرلىك كۆۋرۈك يۈز ياشقا كىرگەن بولۇپ ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلىدىغان ۋاقىتقا يەتكەنىدى.
بۇ بىر شىركەتنىڭ «يۈز يىللىق ئەسكەرتىشى»!
100 يىل بۇرۇن چىڭداۋ شەھىرىدىكى بىر قىسىم يۇندا يوللىرىنى گېرمانلار ياسىغان ئىدى. 100 يىلدىن كېيىن يۇندا يولىدا ئازراق كاشىلا كۆرۈلۈپ، خىزمەتچى خادىملار تەكشۈرگەندىن كېيىن بەزى دېتاللىرىنىڭ كونىراپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. ئەينى چاغدىكى گېرمانىيە قۇرۇلۇش شىركىتى ئاللىبۇرۇن يوقىلىپ كەتكەن بولۇپ، چىڭداۋ قۇرۇلۇش شىركىتى گېرمانىيەدىكى باشقا شىركەتلەردىن مەسلىھەت سورايدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي گېرمانىيەدىكى بىر شىركەت ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتىدۇ. پوچتا يوللانمىسىدا: «گېرمانىيەدىكى كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، كونىراپ كەتكەن دېتالنىڭ ئۈچ مېتىر ئەتراپىدىكى جايدىن زاپاس دېتال ساقلانغان كىچىك ئامبارنى تاپالايسىلەر» دېيىلگەنىدى. چىڭداۋ قۇرۇلۇش شىركىتى يۇندا يولى ئەتراپىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ھەقىقەتەن بىر كىچىك ئامبارنىڭ بارلىقىنى بايقايدۇ. ئىچىدىكى ھەممىسى ماي لاتا بىلەن ئوراپ قويۇلغان زاپاس دېتاللار بولۇپ، يەنىلا ئىشلەتكىلى بولاتتى.
بۇ بىر شىركەتنىڭ «يۈز يىللىق زاپاس دېتالى»!
بىز مۇشۇنداق ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىدىغان يۈز يىل ھېكايىلىرىدىن تەسىرلىنىپلا قالماستىن سەمىمىيلىك بىلەن ئويلىنىشىمىز لازىم. بىر دۆلەتتە ھۆرمەت، بىر شىركەتتە يىراقنى كۆرۈش تۇيغۇسى، بىر ئادەمدە مەسئۇلىيەت بولغاندىلا بۇ دۇنيا گۈزەل ۋە ئىناق بولىدۇ.
مەنبە-پەن ۋە تۇرمۇش زورنىلىنىڭ2007يىل 5-سان
يۇرتىمىزدىكى ماي يول 10 يىلدا ئىككى يېڭىلاندى، دۆلەتنىڭ مىليارتلاپ پۇل خەجلەپ ياسىغان يوللىرى 4-5 يىلدا كېرەكتىن چىقىۋاتىدۇ. يۇقارقىدەك ئەھۋاللاردىن تەسىرلىنىدىغان، خىجىل بولىدىغان، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتە قىلىدىغان كۈنلەرمۇ كېلەرمۇ؟ بىزنىڭ يۇرتتىكى ماي يوللىرىمۇ مەن توغۇلغان يىلى(87-يىلى) ياسىلىپتىكەن 2010-يىلى كاردىن چىقىپ ئىشلەتكىلى بولمىغانلىق سەۋەپلىك بۇزۇپ تاشلىنىپ قايتا ياسالغان ئىدى. مانا ئىككى يىل بولدى. ئەمما، قۇتۇرلىشىپ كەتكەن يولغا قارىسا بىلمىگەن ئادەم 10 يىل بولغان يولمىكىن دەپ قالىدۇ. قارىغاندا بۇ قېتىم ياسىغان يول 10 يىلغا ئاران پايلايدىغان ئوخشايدۇ... بۇ خەق نېمىنى ئويلايدىكىن تاڭ...
alim012نىڭ تېمىسىدىن نەقىل
2007-يىل ئاخىرىدا
.......................................
مەنبە-پەن ۋە تۇرمۇش زورنىلىنىڭ 2001يىل 5-سان
يىلنامىلەردە خاتالىق بارمۇ نېمە؟ چەتنىڭ كىنولىرىدىكى 60نەچچىنجى يىللىرىدىكى GTO ماركىلىق پىكاپنىڭ زاپچاسلىرىنى ئىزدەپ تاپقاندەك كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسەم ئىچىم كۆيىدۇ دىسە. ئارخىپ ساقلاش دىگەن گەپنى پەقەت شۇلارلا بىلەمدىكىن قانداق. بىزدە بولسا ئېشەك كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋالسىلا باشقا ئىشلار بىلەن كارى يوق. يول-كۆۋرۈك قۇرۇلىشىنى قىلغۇچىلار قۇرۇلۇش پۈتۈپ بىر يىلدىن كېيىنكى ئاخىرقى تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈۋالسىلا ،كېيىنكى نەچچە يىلدا قۇرۇلۇشتىن بەك چوڭ چاتاق چىقمىسىلا ئىشى تۈگەيدۇ ، پۇلنى چۆنتەككە سالسىلا بولدى قالغان ئىش بىلەن كارى يوق . يوقىرى سۈرئەتلىك ئاسفالت يولنىڭ ئۆمرى 15 يىل، باشقا ئاسفالت يوللارنىڭ 8-12 يىلغىچە، ئۇنىڭدىن كېيىن چوڭ رىمونت قىلىدۇ ياكى ئۆزگەرتىپ ياسايدۇ. كۆۋرۈكنىڭ 100 يىل، سۆڭگۈچنىڭ 50 يىل. لېكىن قانچىلىك سۈڭگۈچ كۆۋرۈك 50-100 يىل پايلايدىكىن تاڭ. ئىزدىنىش مۇنبىرى >>>>> ئۆزىمىزگە نەزەر>>>>> تەۋسىيە: 100 يىل بۇرۇنقى خىزمەتچى قوبۇللاش ئېلانى يېڭى سالغان كۆۋرۈككە چاك كېتىپتۇ، دېسە شىلىم بىلەن تاشنى چاپلاپ قويغان ئىشلار بوپتىكەن ئىچكىرىدە. 100 يىل چىدايدىغان يول ياساپ بەرسە قۇرۇشلۇق قىلىپ يېنىنى توملايدىغان باشلىقلار نېمە خەجلەيدۇ؟ گ د پ قانداق ئۆرلىدى،ئىناۋەت قانداق ئۆستى؟ ئاكا -ئۇكا مۇسابايوفلار قۇرغان تېرە-خۇرۇم كارخانىسىنى 100 يىلدىن كېيىن گىرمانىيەدىكى ئۈسكۈنلىرىنى سېتىپ بەرگەن زاۋۇت كېلىپ(تەكشۈرۈش مەقسىتىدە) زاۋۇتنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئەپسۇسلىنىپ كېتىپ قاپتىكەن دەپ ئاڭلىغانتىم.
12- قەۋەتتىكى foreverنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاكا -ئۇكا مۇسابايوفلار قۇرغان تېرە-خۇرۇم كارخانىسىنى 100 يىلدىن كېيىن گىرمانىيەدىكى ئۈسكۈنلىرىنى سېتىپ بەرگەن زاۋۇت كېلىپ(تەكشۈرۈش مەقسىتىدە) زاۋۇتنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئەپسۇسلىنىپ كېتىپ قاپتىكەن دەپ ئاڭلىغانتىم.
يالقۇن ئەپەندىمنىڭ شۇ ھەقتىكى ماقالىسى چىقمىغان بولسا ئۇ زاۋۇت ھەققىدە بىلمەي يۈرىيدىكەنمەن. بىزنىڭ بۇ يەردە ئەۋرەز يولىنى ھەريىلى رىمۇنىت قىلىدۇ...
9- قەۋەتتىكى joshuaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يېڭى سالغان كۆۋرۈككە چاك كېتىپتۇ، دېسە شىلىم بىلەن تاشنى چاپلاپ قويغان ئىشلار بوپتىكەن ئىچكىرىدە.
ماۋۇ ئۈرۈمچىگە ياساۋاتقان يېڭى يولنىڭ قايسى بىر بۆلىكىدىكى كۆۋرۈك ئورنىنىڭ ئوتتۇرسىدىن چاك كېتىپ بوپتۇ
قاتناش باشلانماي تۇرۇپلا.قايتا ئوڭشايدىكەن دەپ خەنزۇلار تىللاپ ئولتۇردۇ...
ياقەي، جۇڭگونىڭ يولى ناچار ئەمەس ماشىنىلىرى ھەددىدىن زىيادە ئىغىر، كۆرگەنسىلەر ،بىر يۈك ماشىنىسى نەچچە ئون مىتىر كىلىدىغان يوغان بىر كۆۋرۈكنى بىرلا ئەمەس بىر قانچە يەردىن پارچە-پارچە قىلۋەتكىنىنى، يانە تىخى شامىلىمۇ بەك كۈچلۈك، 11-12 بال شامال چىقىپ بىنا سىرتىدىكى سوغۇقتىن ساقلايدىغان قەۋىتىنى ئۇچۇرۇپ كىتەلەيدۇ............ ئاڭلىسام ئىچكىردىكى پويىز سوقۇشۇپ كەتكەن ئىشنىمۇ ھۆكىمەت تەرەپ ئاسماندىكى چاقمەقنىڭ سەۋەبىدىن بولغان دەپتىغۇ {:107:} {:107:} {:107:} مۇشۇ ھاۋا رايى بىچارە،گۇناھىسز جۇڭگولۇقلارغا بەك رەھىمسىز جۇمۇ بەزىلەر 60يىل ئاۋۋالقى ۋەدىلىرىنى پاك-پاكىزە ئۇنتۇپ بولدى، بىراق باشقىلارنىڭ ئۆزىگە 100يىل بۇرۇن بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغان ھە ئەينى چاغدا؟!
4- قەۋەتتىكى tursunnنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىزنىڭ يۇرتتىكى ماي يوللىرىمۇ مەن توغۇلغان يىلى(87-يىلى) ياسىلىپتىكەن 2010-يىلى كاردىن چىقىپ ئىشلەتكىلى بولمىغانلىق سەۋەپلىك بۇزۇپ تاشلىنىپ قايتا ياسالغان ئىدى. مانا ئىككى يىل بولدى. ئەمما، قۇتۇرلىشىپ كەتكەن يولغا قارىسا بىلمىگەن ئادەم 10 يىل بولغان يولمىكىن دەپ قالىدۇ. قارىغاندا بۇ قېتىم ياسىغان يول 10 يىلغا ئاران پايلايدىغان ئوخشايدۇ... بۇ خەق نېمىنى ئويلايدىكىن تاڭ...
نېمنى ئويلاتتى بۇرادەم، شۇ ناھىيە ياكى مەلۇم يول بۆلكىگە ھەق ئېلىش پونكىتى قۇرۇپ ماششىنى كادىن چېقىرۋاتقان يولغا ھەق ئېلىشنى ئويلايدۇ.
12- قەۋەتتىكى foreverنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاكا -ئۇكا مۇسابايوفلار قۇرغان تېرە-خۇرۇم كارخانىسىنى 100 يىلدىن كېيىن گىرمانىيەدىكى ئۈسكۈنلىرىنى سېتىپ بەرگەن زاۋۇت كېلىپ(تەكشۈرۈش مەقسىتىدە) زاۋۇتنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئەپسۇسلىنىپ كېتىپ قاپتىكەن دەپ ئاڭلىغانتىم.
ئۆز مەھسۇلاتنىڭ قېممىتنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلسە، چېقىۋېتىلسە چە قانداق بولا؟