گۇكەيلەي ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
سۇمرۇغ تورىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 8-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسى خېفېي شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار گۇ كەيلەي ، جاڭ شىياۋجۈن لەرنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا ھۆكۈم چىقارغان، گۇ كەيلەنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى جەزىملەشتۈرۈلۈپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىش كېسىمى چىقىرىلغان، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلىنغان؛ جاڭ شىياۋجۈننىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە مۇددەتلىك 9 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. گۇ كەيلەي بىلەن جاي شىياۋجۈن سوتتا نارازىلىق ئەرزى سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.ئەنگىلىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باناياتچىسى ئەنگىلىيە پۇقراسى نېيىل خېيۋۇدنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېلوسىغا ھۆكۈم چىقىرىلغانلىقى قارىتا بايانات ئېلان قىلغان. باياناتچى:«بىز جۇڭگو دائىرلىرىنىڭ نېيىل خېيۋۇد ( Neil Heywood) نىڭ ئۆلۈمى دېلوسىنى تەكشۈرۈگەنلىكىنى ھەمدە جاۋابكارغا جازا بەرگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز. بىزنىڭ جۇڭگو دائىرلىرىغا بولغان ئىپادىمىز ئېنىق بولۇپ كەلدى، سوت ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق ئىنسانىي ھوقۇق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولىشىنى ھەمدە دائىرىلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
مەنبەسى:سۇمرۇغ تورى.
ھىچكىم ئىنكاس يازماپتىغۇ، بۇ بىچارە خوتۇن مۇنبەردە تۇرغىلىمۇ 2 كۈن بولدى....ئۇنداق قىلماي ئىختىيارى ئادۇكاتلار بولسا ئىككى ئىغىز سۆز قىلمامسىلەر!؟؟؟
قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى جەزىملەشتۈرۈلۈپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىش كېسىمى چىقىرىلغان
......
«بىز جۇڭگو دائىرلىرىنىڭ نېيىل خېيۋۇد ( Neil Heywood) نىڭ ئۆلۈمى دېلوسىنى تەكشۈرۈگەنلىكىنى ھەمدە جاۋابكارغا جازا بەرگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز. بىزنىڭ جۇڭگو دائىرلىرىغا بولغان ئىپادىمىز ئېنىق بولۇپ كەلدى، سوت ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق ئىنسانىي ھوقۇق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولىشىنى ھەمدە دائىرىلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلغان بولسا، بۇ ئىككى يىلغىچە يەنە نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس. 18-قۇرۇلتاي ئېچىلمىدى تېخى.


5- قەۋەتتىكى tahirbegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىككى يىل كىچىكتۈرگەن بولسا ئاتمايدۇ![]()
ئەنگىلىيە تەرەپ ئاتماڭلار دەپتىغۇ شۇ
---------------------------
ئەنگىلىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باناياتچىسى ئەنگىلىيە پۇقراسى نېيىل خېيۋۇدنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېلوسىغا ھۆكۈم چىقىرىلغانلىقى قارىتا بايانات ئېلان قىلغان. باياناتچى:«بىز جۇڭگو دائىرلىرىنىڭ نېيىل خېيۋۇد ( Neil Heywood) نىڭ ئۆلۈمى دېلوسىنى تەكشۈرۈگەنلىكىنى ھەمدە جاۋابكارغا جازا بەرگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز. بىزنىڭ جۇڭگو دائىرلىرىغا بولغان ئىپادىمىز ئېنىق بولۇپ كەلدى، سوت ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق ئىنسانىي ھوقۇق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولىشىنى ھەمدە دائىرىلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
ئەشەددى سولچىلارنىڭ قۇيرۇقىنى قۇم بېسىۋاتىدۇ،بۇ بىر ياخشى بىشارەت. چوڭچىڭ شەھرىنىڭ سابىق باشلىغى بوشىلەينىڭ ئايالى ، مەركەزدە خېلە نامى بار ئەرباپ بو يى بونىڭ كىلىنى ،ئارقا تىرىگى مىنىستىر مۇئاۋىن رەئىسلەرگىچە چېتىلدۇ دەپ خەۋەر كۆردۈمغۇ ھېلقى چوڭچىڭ شەھىرنىڭ جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىغى ئامىرىكا ئەلچىخانىسىغا قۇتۇلدىرۋىلىش سىياسى پاناھلىق تىلەپ كىرىپ پاش قىلمىغان بولسا مۇشۇ خۇتۇننىڭ ۋە ئىرىنىڭ قارا گوروھى ئېنىقلانمايتى ئىچكى ھىساپلىشىشنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرماي،بىر-ئىككىسىنى قۇربانلىق قىلىپلا،مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولسا ئارتۇق گەپ قىلىش ھاجەتسىز.پاتقاققا تىخىمۇ چۇڭقۇر پىتىۋاتىدۇ...
غەرپلىكلەرنىڭ ئىنسانىلىغى،كەڭ قورساقلىقى ،دېموكراتىيىسىنى بىز جۇڭگولۇقلار مەڭگۈ چۈشىنەلمەيمىز يەنە مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ئۆلۈم جازاسىنى بىرىپ ئىككى يىل كىچىكتۈرۈش دىگەن جازانىمۇ يوق قىلىشى ئوتۇرىغا قويۇپتۇ.
-______________
توردا ئاۋاز بېرىڭلار دىسە ئۆزەم 10 ئاۋاز بېرىمەن.
نىمە ئۇ 2 يىل ئۆلۈم جازاسى بېرىپ 2 يىل كېچىكتۇرۇلدى دىگەن گەپ؟! نۇرغۇن پارىخور،قاتىل،باسقۇنچى،بۇلاڭچى... مۇشۇ جازا تۈپەيلىدىن ھايات قېلىۋاتىدۇ. خەلقىنىڭ غەزىۋى بېسىلمايۋاتىدۇ، نارازلىقى ئېشىۋاتىدۇ. بۇ جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك.
گۇكەيلەي
ئاۋۇ خوتۇننىڭ سوت مەيداندىكى تەمكىن تۇرقىنى كۆردىڭلارمۇ؟ كىچچىكىنە قىلمىشى ئۈچۈن دىر-دىر تىترەپ كەتكەنلەرنى كۆرگەنمەن.
ئاۋۇ 2 يىل كېچىكتۇرۇپ ئېتىلدىغان جاۋاپكار بولسا غېمىدە يوق تۇرۇپتۇ... بىر گەپ بار.
بۇ خوتۇن جوڭگو بويىچە ئەڭ داڭلىق ئادوۋكاتلارنىڭ بىرى تۇرسا، نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى پەملەپ بولدى-دە! شۇڭا قېتىغا كىرىپ چىقمايدۇ.ئەسماخىندە بۇ دېگەن گۇ جىڭشىڭنىڭ قىزى، شۇنداق دەپ ئىزدەپ بېقىڭ تورلاردىن.
ئەركتېكىنكا بو شىلەي مەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتسەم چاقناۋېتىپتىكەن، ئون يىل بوپتۇ جۇما {:92:}
مەتۇكا مۇشۇ سوتتىكى «چۇڭچىڭ شەھەرلىك... ئىدارىنىڭ ....سى، بو ئائىلىسىنىڭ خوجىدارى» دېگەن گەپلەر بىرقىسما بىلىنمىدىما؟ مەنچە ئۈمىدتىن يىراق. بۇ خەۋەرنىڭ مەنبەسى ئوكيان تورى، مەن بۇ خەۋەرنى تەرجىمە قىلغاندا، شىنخۇا تورى بىلەن چەتئەل خەۋەر تورلىرىنىڭ خەۋىرىنى كىرىشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغان، ماۋۇ ئاداش مەنبە ئۆزگەرتىپ تاشلاپتۇ، بولسا باشقۇرغۇچىلار ئەستايىدىل بولساڭلار. http://news.okyan.com/View.aspx?ID=5813
ماۋۇ مەنبەنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭلار،! بىزنىڭ مەھەللىدىكى بىر بالىمۇ بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن دېگەن جىنايەت بىلەن مۇددەتسىز كېسىلىپ كەتكەن..رامىزاننىڭ ئالدىدا غۇلجىغا
تىجارەت بىلەن بارغاندا قورغاستا كۆردۈم.خىيالىدا يوق تىجارەت قىلىپ يۈرىيدۇ.بېرىپ كۆرۈشۈپ،گەپ ئارلىقىدا بۇ يەردە ئىكەنلىكىمنى ھېچكىمگە تىنما ئاكا دەپ
گەپ قىستۇرۇپ قويدى..ئىشقىلىپ جازانى كېچىكتۈرسە ئۇزاققا قالماي چىققىلى بولىدىغان ئوخشايدۇ. گۇكەيلەي....گۇكەي نان دەپ بىر نان بۇلىدىغان ،،ھەجەپ غەلىتە ئىسىمكىنا،،خەنسۇما بۇ،،، {:106:} ئىچكىرىنىڭ مەھبۇسلار كىيىمى خېلى چىرايلىق ئىكەن ھە. ئاۋۇ ئايال كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدۇ ، قارغاندا چىقىپ كىتىشكە ئىشەنچىسى باردەك.