erturk يوللانغان ۋاقتى 2012-8-19 16:30:01

جامائەت كۆپ، ئۆزەم تەنھا

خىزمەت ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن بېيجىڭغا يېنىپ كېلىپ،  يۇرتۇمدا ھېيت نامىزى ئوقۇش، ھېيت پەتىسىگە بېرىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدىم، يۇرت جامائەت بىر كۈنى سەھەردە سەپىرىمگە دۇئا قىلىشىپ قالدى،  شۇ مەسچىت، شۇ تۇپراقنىڭ توپىسىنى يۈزلىرىمگە سۈرتكىدەك بولدۇم. نېمىسىنى دەي، نۇرغۇن چوڭقۇر ھېس-تۇيغۇلارنى بەزىدە زادى ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىكەن. ھېيت نامىزىنى نيۇجې مەسچىتىدە  ئوقۇدۇم، ئىسمى ناماز، ئەمما تۇيغۇ باشقا، سۈپەت باشقا. نامازدىن كېيىن ئىمام يىللاردىن بېرى ئوقۇپ كېلىۋاتقان، زادى يېڭىلانمايدىغان خۇتبىسىنى باشلىدى.  نامازخانلارنى زىيارەت قىلىۋاتقان خۇيزۇلارنىڭ قۇيرۇقى ئۈزۈلىدىغاندەك ئەمەس،  بۇلارنىڭ ئىچىدە تاماشا كۆرۈۋاتقان خەنزۇلارمۇ باردەك،  نامازسىز خۇيزۇلارنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان خۇيزۇلارغا قىزىقسىنىپ قاراپ كېتىشلىرى مەسچىت سىرتىدىكى دۇنيانىڭ باشقا جىلۋىسىنى كۆرسەتتى، ئوچۇق كىيىنگەن ئاياللار، سېرىق چاچ قىزلار يېنىمىزدىن جىنلاردەك ئۆتتى، ئۇلار نامازغا تۇرغانلارغا  قاراپ، بۇلار بۇتقا ئەمەس، قانداقتۇر بىر ئىلاھقا سەجدە قىلىدىكەن دەپ ئويلىغاندۇ.  ئىسلامىيەتتىن قىلچە خەۋىرى يوق، ئىماننىڭ سىرتىدا ياشايدىغانلارنىڭ شەھىرىدە بۇلار  ۋەكىل سۈپىتىدە بىر-بىرلەپ كىرىپ بىزلەرنى تاماشا قىلىپ چىقىپ كېتىشتى،   دىنسىزلارنىڭ دىنى نېمە؟  بۇ دۇنيا، مەئىشەت، نەق ھۇزۇر، ئاچكۆزلۈك، ھەتتا جىنايەت. دىنسىزلار ئويۇن-تاماشىغا ئەشەددىي ئامراقكى،  ھەتتا ناماز ئوقۇيدىغانلارنى تاماشا قىلىشنىمۇ قولدىن بېرىشمەيدۇ.


خىيالىم كەتتى بىر ياققا، دىنسىزلىق ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئاپەتلىرى ئۈستىدە ئويلاندىم، ياغلىق چەكلەش، بۇرۇت چەكلەش، ناماز ئوقۇشنى چەكلەش بۇ شەھەردە يوق، ئەمما دىنسىزلىق ئېغىر.  دىنسىزلار ئەڭ كۆپ ياشايدىغان دۆلەت بۇ، شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، چەت ئەللىكلەر بۇ دۆلەتنى قانغۇدەك ئوينايدىغان يەر، ئادەملىرىنىڭ قەدر-قىممىتى يوق، قىزلىرى ئەرزان دەپ ئويلايدۇ، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان قىزلارنى تاللا بازىرىدىن پايپاق ئالغاندەك ئېلىپ كېتىۋېرىدۇ، ئۇ نېمىلەرمۇ چەت ئەللىكنى كۆرسە ئەركىلەيدۇ. مۇشۇنداق پەسلىك بىلەن ئۆز كۇرسىنى چۈشۈرىدۇ.  ئۆتكەندە بىرسى مېترو بېكىتىنىڭ يېنىدىلا بىر قىزنىڭ كۇسىرىنى تارتىۋاتقان ئەنگىلىيىلىكنى تېلېفونغا ئېلىۋاپتۇ،  سۈرەتتە قورقۇپ كەتكەن قىز ۋاقىراپ يىغلايدۇ، ئاق ياقىلىقلار ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ،  ياقا يۇرتلۇق، قارا ياقىلىق بىرسى قىزنىڭ ۋاقىراشلىرىغا چىدىماي ئۇ گۇينى توسۇۋالىدۇ، ئاندىن بىر نەچچىسى چىقىپ بىرلىشىپ ئۇ گۇي بىلەن چامباشچىلىق ئويناپ، ئاران دېگەندە ئۇنى يىقىتىپ، قورسىقىغا دەسسەپ، ساقچىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.


8 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن جو كېخۇا ئەشەددىي دىنسىز، قورالغا چوقۇنىدۇ، بىر چوشقىنىڭ قېنىدەك ئاققان قېنى يەرنىمۇ بۇلغىدى. ئۇنى رامبۇغا ئوخشاتقان چەت ئەللىك گۇيلار ساراڭ بوپتۇ، ھۆكۈمەتكە ئۆچ مەخلۇقلار ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىدىكەن تېخى،  بۈگۈن خەۋەردە بىر مەست كوچىدا يالىڭاچ يېتىۋېلىپ ساقچىغا دەۋاتىدۇ: جو كېخۇا، بىز چېگرىدا كۆرۈشەيلى. دىنسىزلىق ئىچىدە بۇزۇقچىلىق، قۇۋ-غەلىتە ئىشلار ئەۋج ئالىدۇ، چىرىكلىككە نەپرەتلىنىدىغان ئەمەلداردىن نەچچىسى بار؟ دىنسىزلىقنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتىنى كۆرۈپ يەتكەن كومپارتىيىنىڭ بېشى قېتىپ كەتتى، كۇڭزىنى تىكلەپ چىقاي دېسە، يەنە بىر نەرسە كەملىك قىلىدۇ.


  خۇتبە داۋاملاشماقتا:


ئاللاھنى پاك دەپ مەدھىيلەيمەن، ئەتىگەندە، چۈشتە، كەچتە تەسبىھ، تەنزىھ ئېيتىمەن. ئاللاھ جانلىق نەرسىنى جانسىز نەرسىدىن، جانسىز نەرسىنى جانلىق نەرسىدىن يارىتىشقا قادىر. قاقاس چۆللۈك يامغۇردىن كېيىن ياشىرىدۇ، ئادەممۇ شۇنداق قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ، سوئال-سوراققا تارتىلىدۇ.


ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى پەيغەمبەرگە سالام يوللايدۇ، ئى مۇئمىنلەر، سىلەرمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاڭلار.  


ئى مۇئمىنلەر، كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇڭلار، غېرىپ-مىسكىنلەرنىڭ بېشىنى سىلاپ، ئۇلارنىمۇ ھېيت خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىڭلار...


  خۇتبىدىن كېيىن قىسقا دۇئا قىلدۇق، ئاندىن ئىمام تەنتەنە بىلەن: ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! دەپ جاكارلىدى.


  نامازدىن كېيىن ھېچ يەردە پەتىلەش بولمىدى، دوستلار بىلەن ئۇچۇرلاشتىم، تەنھالىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كومپيۇتېر ئالدىغا كېلىپ،  ئىزدىنىش سورۇنىغا جايلاشتىم، ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ئەھلى جامائەت!

alwasti يوللانغان ۋاقتى 2012-8-19 20:14:00

مەن ھېچ خۇشاللىق ھېس قىلالمايۋاتىمەن.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-19 20:31:09

ئەر تۈرك ئەپەندىم،ھېيتنى ئوخشاش ئۆتكۈزۈپتۇق...

forever يوللانغان ۋاقتى 2012-8-19 20:48:40

ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

ئالدى بىلەن تېمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلماقچى بولغىنىمدىن تېما ئىگىسىدىن كەچۈرۈم  سورايمەن.

مەن ئۆزۈم يازغان بىر تېمىنىڭ كەينىگە ئىنكاس يېزىش ئىستونە چىقمىدى.ھەم ئىنكاسلارنىمۇ كۆرەلمىدىم.(تېما يوللىغاندا مەنمىننى ساقلاش دېگەن يەرگە بەلگە قىلىپ قويۇپتىكەنمەن) \"\"  \"\"

مۇشۇنى ئۆزگەرتەلمىدىم باشقۇرغۇچىلارنىڭ خاپا بولماي بىر قاراپ بېقىشىنى سورايمەن.

تېما:فەتىھ 1453 ئۇيغۇرچە خەتلىك.    تەستىقلىغۇچى:@Pinhan

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-8-19 21:01:26

ئەلا

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

mastura يوللانغان ۋاقتى 2012-8-19 21:38:52

سىزنىڭمۇ ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!!

بۇ يىل رامىزاندا روزا تۇتالمىدىم. دوختۇر بەزى سەۋەبلەر بىلەن روزا تۇتساڭ بولمايدۇ، دېگەچكە روزىسىز رامىزان ئۆتكۈزدۈم. بۇ تۇيغۇنىڭ قانداق ئازابلىق بولىدىغانلىقىنى بەلكىم بەزىلەر ھېس قىلالمايدۇ. ئىشقىلىپ شۇنداق كۆڭلۈم يېرىم، روزا تۇتالمىساممۇ باشقا ئىبادەتلەرگە چىڭ تۇراي دەپ ئويلىدىم، ئىشقىلىپ شۇنداقتىمۇ رامىزان، ھېيت بولغان تۇيغۇ مەندە يوق....

يولدىشىم ئەنگىلىيەدە يالغۇز ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، بارغاندىن بېرى تەجرىبىسىنى بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇنراق تۈگىتىپ يېنىمىزغا قايتىش ئۈچۈن شەنبە-يەكشەنبە دېمەي تەجرىبىخانىدىن چىقمىدى. مانا بۈگۈنمۇ ھېيت نامىزىدىن قايتىپ يەنە تەجرىبىخانىدا ئىشلەۋاتىدۇ. قىزىمغا ئېغىر ئاياق ۋاقتىمدا قاتناش ۋەقەسىگە يولۇققانلىقىمنى يازغان ئىدىم. يەنە بىرەر ئىش بولمىسۇن، دەپ بۇ قېتىم سىرتلارغا ئاساسەن جىق چىقمىدىم. ئاللاھ خالىسا كۆزۈم يورۇشقا يەنە ئىككى ھەپتە ۋاقتىم قالدى، مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە بالىلىرىمنىڭ دادىسىمۇ قايتىپ كېلىدۇ....«ھەقىقەتەن بىر مۈشكۈلاتتىن كېيىن بىر ئاسانلىق بار»....سىرتلاردا يالغۇز ھېيت ئۆتكۈزىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ ھېيتتا خوشال بولالىشىنى تىلەيمەن...

Parwana يوللانغان ۋاقتى 2012-8-19 23:45:05

ھەممىڭلارنىڭ ھېيىتىغا مۇبارەك بولسۇن!

مۇساپىرچىلىقتا ھېيىت ئايەم بولسا نەدە بولايلى تېنەپ قالىدىغان گەپكەن.  كۆڭلىمىزدە خۇشال-خۇرام ھېيىت ئۆتكۈزىشنى ئازرۇ قىلساقمۇ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئارزۇيىمز ئەمەلگە ئاشمىغاندىكىن تەبىئيلا ھېيىت بولمغاندەك كەيپىيات  شەكىللىنىپ قالىدىكەن. مەنمۇ ھېيتنى ھېيىت نامىزىنى ئوقۇۋالغاندىن كېيىن ئاساسەن ئۇرۇق-تۇققان، دوس-بۇرادەرلەرگە تېلغۇن ياكى ئۇچۇردا ھېيتىلىق سالام يوللام ئۆتكۈزدۇم. ئۇلارنىڭ ئۆزى بىلەن دېدارلىشالمىساممۇ ئاۋازىنىمۇ بولسىمۇ ئاڭلسام بىز ئاز كۆڭلۈم تەسەللى تاپىدىكەن....



بىر ئويلىسام بىزنىڭ تىنچ-ئامان ھېيىتقا ئۇلاشقانلىقىمىزغا جىق شۈكىرىلەرنى دېسەك توغرا بولىدىكەن ئەسلى، لىكن ئىنسانچىلىقتا يەنە .....



اللا ھىم، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى سىرىتلاردا ئۆز يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ، مۇساپىرچىلىقنىڭ ئاچچقىلىرىدا تولغنىۋاتقان ھەممە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشلرىغا ئاسانلىق، ئائىلىسىگە بەخىت، تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك،  قەلبىگە سەۋر، جسىمىغا قۇۋەت ئاتا قىلغىن! ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشلىق ئاتا قىلغىن!  تىزراق ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم قىلغىن!

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2012-8-20 00:09:44

6- قەۋەتتىكى masturaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاللاھ خالىسا كۆزۈم يورۇشقا يەنە ئىككى ھەپتە ۋاقتىم قالدى، مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە بالىلىرىمنىڭ دادىسىمۇ قايتىپ كېلىدۇ...

اللە ئىشلىرىڭلارنى ئۆزى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن. سىلەرگە سەبرى-تاقەت، چىدام غەيرەت يار بولسۇن. ئائىلەڭلەرگە اللە نىڭ بەرىكەت-رەھمىتى بولسۇن.

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2012-8-20 00:14:58

ئەنۋەر ھاجىمنىڭ ۋە باشقا بېيجىڭدىكى ھەم باشقا يەرلەردىكى ئۇرۇق-تۇققان، قېرىنداشلارنىڭمۇ ھېيىتىغا مۇبارەك بولسۇن. تەبىئى ۋە سۈنئى مۇساپىرچىلىقتىن اللە ئۆز بەندىلىرىنى ساقلىسۇن.

erkuyghur يوللانغان ۋاقتى 2012-8-20 00:28:51

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

  ھاجىم ئاكا رامىزان بايرىمىڭزغا مۇبارەك بولسۇن ! ھەر قىتم  ئۇ مەسجىددە ناماز ئوقۇغىنىمدا رەسۇلىلاھنىڭ ‹‹ئاخىرقى زامان يىقنلاشقاندا شۇنداق بىر مۇسۇلمانلار دۇنياغا كىلىدۇكى ئىمان ئۇلارنىڭ كىكىردىكىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە ئۆتمەيدۇ ( يۈرىكىگە يىتپ بارمايدۇ). دىگەن ھەدىسنى ئەسلەپ ،ھەدىستىكى مۇسۇلمانلار مۇشۇلارمىكىن دەپ قالىمەن .

تىلى يىقننىڭ دىلى يىقىن دەپ جۇڭگۇدىكى دىني ۋە ئىتقاد ئەركنلىكى قانۇنىنى مۇشۇلار ئۈچۇنلا تۈزۈپتىكەن .

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-8-20 12:33:52

چوڭ بۇلمىسام بۇپتىكەن ئەسلى

ھىيتلىق بەرمەس بۇلدى ئاكىلار

كىچىك بۇلوپ قالسامچۇ مەڭگۇ

ئەركىلىتىپ قۇيسا دادىلار.... \"\"

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-21 11:51:42


5- قەۋەتتىكى afiyfiyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىزنىڭمۇ ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، ھاجىمكا؟



خوتەن شەھىرىدە ئاتاۋۇللا خەلپىتاجىمنىڭ دىللارغا روھ-قۇۋۋەت بولغۇدەك ئېسىل تەبلىغىنى ئاڭلاپ ھېيت نامىزىنى ئوقۇۋالدىم؛ بۇمۇ ئاجايىپ بەختكەن ئادەمگە... ھەقىقىي تەبلىغلەر ئادەمنىڭ يۈرەك-باغرىنى پارە-پارە قىلىۋېتىدىكەن!....

ئى ئاللاھ، مۇسۇلمان قىلغىنىڭغا يۈزمىڭلاپ شۈكۈر... !


2002-يىللىرىدىن 2005-يىللىرىغا قەدەر شىنجاڭ مەدەنىيىتى زورنىلىدا \"ئەفىفىي\" تەخەللۇسىدا نادىر ماقالىلەرنى يازىدىغان بىر قېرىندىشىمىز بولىدىغان، سىز شۇمۇ؟




bariber يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 05:39:36

مۇساپىر بولمىغۇچە مۇسۇلمان بولماس دەپ قويۇمىزغۇ،قىيىنچىلىق شارائىتتا ئادەمنىڭ ئىرادىسى تاۋلانغاندەك،شۇ مۇھىتتىكى سىز ۋە سىزدەك ياخشىلارنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى كۆڭلىدە ئىمانغا مايىللارنىڭ ئىمانىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.   كېچىكىپ بولسىمۇ روزا ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 06:54:25

ھېتنىڭ بىرىنچى  كۈنى چۈشتىن باشلاپ سەپەردە بولدۇم \"\"
بەت: [1]
: جامائەت كۆپ، ئۆزەم تەنھا