alwasti يوللانغان ۋاقتى 2012-8-18 18:36:52

ھېيت ھارپىسىدىكى غېرىپلىق[كۆچۈرۈلمە]

abaytarim



       



       مانا ئۇلۇغ روزى ھېيتتىمىز كېلىۋاتىدۇ . ئەتە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئالەمچە شادلىقتا بۇ ئۇلۇغ كۈننى كۈتىۋالىدۇ . مەنمۇ شۇلارنىڭ بىر ئەزاسى . ئەتە ھېيت ئانا،دادا !بىراق سىلەر مەڭگۈ بۇ سۆزۈمنى ئاڭلىيالمايسىلەر. مەن ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتكە تولغان ھېيت پەسلىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئىكەنمەن . سىلەر بار چاغدىكى بۈگۈنكى كۈن قانداق كۆڭۈللۈك ئىدى ھە، ئانا ...    " بالامساڭزىلىرىڭ تەييار بولدى ، ئەكىتىۋالامسەن؟ " دېگىنىڭدە ، ئۆيۈڭگە بارسام قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن ، ھەممىمىز ئەتراپىڭدا قۇياشنىڭ سەييارىلىرىدەك پىرقىراپ يۈرسەك خوشاللىقىڭدىن قىلغىلى قىلىق تاپالماي قالاتتىڭ . ئۆيىمىزدىن كۈلكە ئاۋازى ئۈزۈلمەيتتى ...ماڭىدىغان چېغىمىزدا ھەممىمىزنىڭ داستىخىنىغا ئاتىغانلىرىڭنى بېرەتتىڭ ، پەقەتلا ئايرىلغۇڭ كەلمەي قارىمىز يۈتكىچە ئارقىمىزدىن تويماي قارايتىڭ ئەمەسمۇ ئانا..مەن يېتىمنىڭ ، غېرىپچىلىقنىڭ نېمىلىگىنى سەن ۋاپات بولغاندىن كېيىنلا ھەقىقى مەنىسى بىلەن بىلدىم .سەن كېتىپ بىز دادام بىلەن بىر نەچچە يىل ياشاشقا مۇيەسسەر بولۇپتۇق . دادام ئاجايىپ قەيسەر ئادەم ئىدى . ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇنداق ياشىدى . تۇرمۇشقا قانداق مەردانە مۇئامىلە قىلغان بولسا ئۆلۈمگىمۇ شۇنداق مەردانە مۇئامىلە قىلغانىدى ...   ئاپا ماناقەبرەڭنى ھىدلاپ ئولتۇرۇپتىمەن ، كۆز ياشلىرىم مارجاندەك تۆكۈلمەكتە ، ئۆزۈمنى قانچە تۇتۇۋالساممۇ ئۇنى كونتىرول قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىۋاتىمەن . مەنمۇ ئۆزۈمنى بەرداشلىق ، چىداملىق ھېسابلايتتىم ، ھەم شۇنداق ئىدىم دېسەممۇ بولىدۇ . ئەمما سېنى ئويلىغىنىمدا، سېنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەملا ھەممە قەيسەر، چىداملىقلىرىم بىراقلا غايىپ بولۇپ شۇنچىلىك بىچارە- مىسكىنلىشىپ ، يىغلاڭغۇلىشىپ كېتىمەنكى ... نېمىسىنى ئېيتاي ، قولۇمدىن شۇ ئىشلا كېلىدىكەن .مەن ئۆلۈمنىڭ دەھشەتلىكلىكىنى سېنىڭ ۋاپاتىڭدىن بىلدىم . دۇنيادا ئەڭ سۆيۈملۈك ھەمراھىدىن ئايرىلىشنىڭ ئازابىنى چۈشەندىم . دۇنيادىكى ئەڭ ھوزۇرلۇق تائامنىڭ ئانىسى ئېتىپ بەرگەن تائاملىقىنى، دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل چىراينىڭ ئانىنىڭ چىرايى ئىكەنلىكىنى، دۇنيادىكى ئەڭ ياڭراق ئاۋازنىڭ ئانىنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىگىنى، دۇنيادا ئەڭ كۆپ ئېيتىلىدىغان سۆزنىڭ ئانا ئىكەنلىگىنى، دۇنيادىكى ئەڭ ھوزۇرلۇق پاراڭنىڭ ئانىسى بىلەن قىلىشقان پاراڭ ئىكەنلىگىنى ، دۇنيادا سېنى ھىچ ۋاقىت ئەستىن چىقارمايدىغان ئادەمنىڭ ئانا ئىكەنلىگىنى ، دۇنيادىكى ئەڭ سەمىمى قاراشنىڭ ئانىنىڭ بالىسىغا بولغان قارىشى ئىكەنلىگىنى ، دۇنيادىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق چېغىڭ ئاناڭنىڭ ھايات يېنىڭدا تۇرۇۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى ، بۇ دۇنيادىكى بالدۇر ئېرىشكەن جەننەتنىڭ ئانا ئىكەنلىگىنى ، ئانىسىدىن ئايرىلىشنىڭ تىرىكلىكتىكى دوزاق ئازابى ئىكەنلىگىنى بىلدىم .مېنىڭ ھەممە نەرسەم تەل ئىدى، بىراق ئانام- دادام يوق.بۇ يوقلۇق ھاياتىمدىكى بارلىق يوقلۇقلارنى بېسىپ چۈشىۋاتىدۇ . بىر غېرىپلىق، تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان، بەرداشلىق بېرىش ناھايىتى تەس بىر خىل غېرىپلىق قەلبىمنى غاجىلىماقتا . بولۇپمۇ مۇشۇنداق ئۇلۇغ ھېيت ھارپىسىدا.. ئەتە دوستلىرىم ئانىلىرى بىلەن ھاياتىدىكى ئەڭ بەختلىك چاغلىرىنى ئۆتكۈزۋاتقاندا مەن بارىدىغان يەر تاپالماي يىغلايتتىم ، ھېلىقى غېرىپلىق مېنى مۇشۇنداق ئۇلۇغ خوشاللىق كۈنلەردە يەتكۈچە ئازاپلايتتى ، نەگە بېرىشىمنى بىلمەيتتىم . باشقىلار ھېيتلىق سەنئەت نومىرلىرىدىنئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھوزۇرلىنىۋاتقاندا مەن كۆزلىرىمدىكى ياشلىرىم بىلەن ھەپىلىشىۋاتقان بولاتتىم . ئانا ... ئانا ... (سادا يوق.)غېرىپلىق مېنى پارچە-پارچە قىلىپ يېمەكتە..ئانا سېنى ئۆلمەيدىغاندەك ھېس قىلغان ئىكەنمەن . ئەتراپىمدا ئۆلۈملەر بولۇپ تۇرسىمۇ ، ئۇ يەرلەرگە بېرىپ تۇرساممۇ ، بىر كۈنلەردە يۇرت جامائەتلىرىنىڭ " ئايزىم ئاپپاي تۈگەپ كېتىپتۇ، نىزام مۇئەللىمتۈگەپ كېتىپتۇ " دەپ بىزنىڭ ئۆيگىمۇ يوپۇرۇلۇپ كېلىشىنى زىنھار خىيالىمغا ئېلىپ باقماپتىمەن ، ئانا، دادا، نېمىدىگەن غەپلەت باسقانھە بالاڭنى .ئەتە قانداقمۇ قىلارمەن ؟ بۈگۈندىن باشلاپلا تۆكۈلگىلى تۇردى بۇ ياشلار.. نېمىدىگەن چىدۇغۇسىز غېرىپلىق ،ھەي ھېيت ھارپىسىدىكى غېرىپلىق . ..ھېيت ھارپىسىدىكى غىرىپلىقنىڭ سىنىقىغا ئۇچرىمىغان دوستلىرىم بەخت كانىڭلار بولغان ئاناڭلانىڭ قەدرىگە تېخىمۇ يېتىڭلار ، ھېيت ھارپىسىدىكى، ھېيتتىكى غېرىپلىق ھەممىمىزدىن يىراق بولغاي....


         


   ئەمما   


      يوغان ھويلاڭنى ماختايسەن ، كۆرۈنمەيدۇ ئاناڭ ئەمما ،


      ئاناڭ يوق ھويلىغا ئەسلا ياراشماپتۇ باراڭ ئەمما .


      پىشۇرساڭ تۇتسىمۇ قايماق گويا ناندەك قېلىنلىقتا ،


      ئاناڭغا بەرمىگەن سۈتتىن ئەمەس رازى كالاڭ ، ئەمما .


   


   مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرىدىن پارچە .


baytekin يوللانغان ۋاقتى 2012-8-18 19:16:01

يۈرەككە تەگدى ما ماقالە....!

ئەلا كەتتى............ \"\"

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2012-8-18 19:31:04

ۋاي خۇدايىم يۈرەكنى ئىزىپ...

سەۋر قىلىڭ

ھەممىمىزنىڭ ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن

Bahader يوللانغان ۋاقتى 2012-8-18 20:24:51

نىمە دىگەن غېرىپلىق بۇ بۇلۇپمۇ بىزدەك ۋەتەندىن ئايرىلىپ تۇرۋاتقانلارغا ، سەبىر قىلايلى ياراتقۇچىمىز بىزنى ئەتە ھېيت قىلىشقا خوشال بولۇشقا بۇيرۇپتۇ

koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-18 20:39:24

كىچىگىمىزدىن شۇنداق چوڭ بولغاچقىمۇ ‹ئىشلار شۇنداق بولىدۇ باشقىچە بولىشى مۇمكىن ئەمەس› دەپ قۇربىمىز يەتمەيدىغان ئىشلارغا ئارتۇقچە ئۇھ سىنىپ كەتمەس بولۇپ قاپتۇق .اللاھ قا بولغان ئەقىدە چوڭقۇرلاشقانسىرى رىياللىقتىكى بەخىتسىزلىكلەر يۈرەكنى ئانچە مۇجىيالمايدىكەن. ئادەم بالاغەتكە يەتكەندىن كىيىنيىتىم ھىساپلانمايدىكەن ئىسلام پەتىۋاچىلىرىنىڭ قارىشىچە . يىتىملىكنىڭ قايسى دەرىجىدە بەخىتسىزلىك ئىكەنلىگىنى قىرغىز خەلقىدىكى مۇنۇ ماقال بەكمۇ دەل ئىپادىلىگەن--يىتىم بولۇپ قالغۇچە ئېشەك بولۇپ كەت

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-18 21:47:02

يۈرەكنىڭ بېغىغا تىگىدىغان تىمىكەن .مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ھىسسىياتتا ! \"\"

function يوللانغان ۋاقتى 2012-8-18 22:29:23

بالام تۈنۈگۈن بىر ياشقا كىرگەن ئىدى، بىر بالىنى بىر ياشقا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئايالىم ئىككىمىز نۇرغۇن كېچە ئۇخلىمىدۇق، ئاغرىپ قالسا دوختۇرخانىلارغا تالاي قېتىم چاپتۇق، بالىمىزغا ئوكۇل چۈشىۋاتقاندىكى بىچارە ھالىتىنى كۆرۈپ ئىچىمىزدە نەچچە قېتىم يىغلىۋەتتۇق، بالىنىڭ ئوتى نېمە دېگەن يامان، بالىمىز ئۈچۈن شۇنچە جاپالارنى چەكسەكمۇ ۋايسىمىدۇق، چىدىدۇق، بىر كۈن كۆرمىسەك يۈرەك چىدىمىدى.....

دادامنىڭ، ئانامنىڭ بىز سەككىز بالىنى قانداق چوڭ قىلغىنىنى بىلىپ يەتكىنىمدە دادام-ئاناملار ئۇدۇنياغا كەتكىلى نەچچە يىللار بولۇپ كەتكەن ئىدى، مەن بىر بالىنى ئەمدى بىر ياشقا (خۇدانىڭ رەھمىتى بىلەن) كىرگۈزدۈم، ئانام-دادام سەككىز بالىنى چوڭ قىلىپتىكەن، نېمە دېگەن ئۇلۇغ ئادەملەر... كۆڭلۈم بۇزۇلدى.

kediry يوللانغان ۋاقتى 2012-8-18 23:48:46

مۇساپىرچىلىقتا ...، تېخىمۇ ئەزدىغۇ كىشىنى....، شۇنداقتىمۇ، ھېيتىڭلارغا ئالدىن مۇبارەك جامائەت !

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-19 00:00:45

كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ قېرىندىشىم ،ۋاقىتلىق ئىشلار بۇ

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-19 00:03:43

يات ئەللەردىكى قېرىنداشلار،ھەممىڭلارنىڭ روزا ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن.ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى تېخىمۇ ئاھان ۋە زور نەتىجىلىك قىلسۇن.تېنىڭلارنى سالامەت،كۆڭلۈڭلارنى خاتىرجەم قىلسۇن.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2012-8-19 00:19:08

ئەتىگەن ئاپامنىڭ تۇپراق بىشىغا چىققاندا باشلانغان بۇ غىرىبلىق , بۇ يازما بىلەن ئەۋجىگە چىقىپ كەتكەندەك بولدى، يۈرەك ئاغرىدى! سەبرى قىلايلى...

misran يوللانغان ۋاقتى 2012-8-19 00:37:36

ئەلا كەتتى!

ئايام مۇبارەك!

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-8-19 01:15:22

تېخى ھېيت نامىزى ئوقۇلمىدى بۇرادەرلەر،دىمەك تېخى ھېيتمۇ بولمىدى

ھېيت بولمىسا،ھېيت نامىزى ئوقۇلمىسا ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن دىيىشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس.....يا چاغان كەلمىسە،يا دۆلەت بايرىمى كەلمىسە ئالدىدىن تەبرىكلەيدىغان!

نەدىن يۇقتى مۇشۇ خەنلەرنىڭ ئادىتى بىزلەرگە، ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن دىگەننى ئېغىزىدا دىمەي ئۇچۇر يوللاپ دەيدىغان.......دۇنيا بويىچە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۇچۇر ئىشلىتىش نىسبىتى ۋە ئادىتى ئەڭ يۇقىرى ئىمىش،بىر ماتېرىيالدىمۇ يا خەۋەردىمۇ كۆرگەنتىم،بۇنى مىللەتلەرنىڭ خاراكتېرىغا باغلاپ تەھلىل قىلىپتىكەن،غەرپلىكلەر ئىنتايىن ئازۋە ئاندا-ساندا ئىشلىتىپ قويىدىكەن،گەپ بولسا ئېغىزىدا يۈز تۇرانە دەيدىكەن بەك بولمىسا تېلېفوندا سۆز قالدۇرىدىكەن؛شەرقلىقلەر ئىچمايىل،سىرلىق پىسخىكىدا بولغاچ ھەممە گېپىنى ئۇچۇردا دەيدىكەن دەپ......

tawhid11 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-19 08:08:23

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئۈرۈمچىدە ھېيت نامىزى سائەت نەچچىدە ئوقۇلدى؟

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-19 08:34:42

12- قەۋەتتىكى elbilgeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېخى ھېيت نامىزى ئوقۇلمىدى بۇرادەرلەر،دىمەك تېخى ھېيتمۇ بولمىدى

ھېيت بولمىسا،ھېيت نامىزى ئوقۇلمىسا ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن دىيىشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس.....يا چاغان كەلمىسە،يا دۆلەت بايرىمى كەلمىسە ئالدىدىن تەبرىكلەيدىغان!

نەدىن يۇقتى مۇشۇ خەنلەرنىڭ ئادىتى بىزلەرگە، ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن دىگەننى ئېغىزىدا دىمەي ئۇچۇر يوللاپ دەيدىغان.......دۇنيا بويىچە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۇچۇر ئىشلىتىش نىسبىتى ۋە ئادىتى ئەڭ يۇقىرى ئىمىش،بىر ماتېرىيالدىمۇ يا خەۋەردىمۇ كۆرگەنتىم،بۇنى مىللەتلەرنىڭ خاراكتېرىغا باغلاپ تەھلىل قىلىپتىكەن،غەرپلىكلەر ئىنتايىن ئازۋە ئاندا-ساندا ئىشلىتىپ قويىدىكەن،گەپ بولسا ئېغىزىدا يۈز تۇرانە دەيدىكەن بەك بولمىسا تېلېفوندا سۆز قالدۇرىدىكەن؛شەرقلىقلەر ئىچمايىل،سىرلىق پىسخىكىدا بولغاچ ھەممە گېپىنى ئۇچۇردا دەيدىكەن دەپ......

روزا ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2012-8-19 08:52:18

ئۆلۈم دېگەن بەرداشلىق بەرمەك قىيىن بىر ئىش. بولۇپمۇ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىمىز بىزدىن ئايرىلغاندا بەك ھېس قىلىدىكەنمىز.

بايا كىچىك ئاپام بىلەن تېلىفوندا كۆرۈشسەم ئۆيىگە ۋەتەندىن مېھمان كەپتىكەن. مېھمىنىنىڭ گېپىنى قىسقىلا قىلىپ بەردى، بەلكىم مۇنبەردىمۇ تونۇيدىغانلار باردۇ، كەلگەن ھەدىمىزنىڭ بىر ئوغۇل، بىر قىز ئىككى پەرزەنتى بولۇپ، ئەسلى ياپونىيەدە تۇراتتىكەن، كېيىن ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىدىغان بولۇپ، ئاۋۋال 19 ياشلىق ئوغلى بىلەن يولدىشى كەپتۇ. قىزى بىلەن ئىككىسى كېيىن كەلمەكچى بوپتىكەن، لېكىن ئوغلى كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاشىنگتوندا بىر چېنىقىش ئورنىدا چېنىقىۋېتىپ، يۈرىكىگە ئوكسىگىن يېتىشمەپتۇ، دېگەن باھانە بىلەن شۇ يەردىلا قازا قىپتۇ. تەكشۈرتسە ئەسلى يۈرىكى ئانچە ياخشى ئەمەسكەنتۇق. ئۇ ۋاقىتتا ئاپىسىنىڭ يىغىسىغا ھېچكىم چىدىمىدى، ئىشقىلىپ ئاللاھ ھەركىمنى ئۇنداق سىناقتىن ساقلىسۇن، دەپ كەتتى. ئاپىسىنىڭ ئەسلى ئامېرىكىغا كەلگۈسى يوقكەنتۇق، ئوغلۇم مۇشۇ يەردە، ئەمدى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە مۇشۇ يەردە قېلىپ بالامغا ھەمراھ بولاي، دەپ ۋەتەنگە قايتىپ ئۇ يەردىكى ئۆيلىرىنى سېتىپ، ھەممە نېمىسىنى يىغىشتۇرۇپ، ئامېرىكىغا بۈگۈن قايتىشىكەن. ئىشقىلىپ گەپلىرىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم بەكلا ئاغرىپ كەتتى...


11-سېنتەبىر ۋەقەسىدە قازا قىلغان ئۆزبېكىستانلىق ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ھەققىدە يېزىلغان ماقالىنى بەلكىم ھەممىڭلار ئوقۇغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن. شۇ ھەدىمىزنىڭ ئاپىسىمۇ ئەمدى 55لەرگە كىرگەن ئايالكەنتۇق، بالا دەردىدە تولا يىغلاپ مومامدەك بولۇپ كېتىپتۇ.....ئىشقىلىپ، ئاللاھ بۇنداق كۈننى دۈشمەنلىرىمىزگىمۇ كۆرسەتمىسۇن....


كەچۈرۈڭلار، ھېيت دېگەن ئەسلى ئەڭ ياخشى تىلەكلەرنى تىلىشىپ، ئەڭ گۈزەل پاراڭلار بىلەن خوشال ئۆتىدىغان كۈنتى، كەيپىڭلارنى بۇزۇپ قويمىغان بولسامتىم....يەنە ئۆزەم يالغۇز قېلىپ، بىر خىل غېرىبلىق بېسىپ كېتىۋاتىدۇ...

durak يوللانغان ۋاقتى 2012-8-19 10:59:14

مۇھەممەد ساللاللاھۇئەلەيھى ۋەسسەللەم : \"ئۆزەڭلەرنى بۇ دۇنيادا خۇددى سەپەردە يۈرگەن مۇساپىردەك ,ئۆتكۈنچى كىشىدەك ھىسقىلىڭلار \" دىگەن .



مۇسۇلمان مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ روزا ھېيت كۈنىگە قۇتلۇق بولغاي !

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2012-8-19 12:15:48

قاچانلا قارىسا غېرىپلىق غېرىپلىق،ئۇندا يىغلىدىم بۇندا يىغىلدىم دەپلا يۈرۈيدىغانلار بار. ئادەم بىر ئۆمۈر غېرىپلىق دەپلا ئۆتكىلى بولمايدۇ. غېرىپ ھىس قىلساڭلار ئۇنىڭ ئامالىنى قىلىڭلار، يالغۇز بولساڭلار توي قىلىڭلار، بالا تېپىپ ئۆيۈڭلارنى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدۈرۇڭلار. ئەتراپىڭلاردىكى ئادەملەر بىلەن ئارلىشىپ ئەل-جامائەت بولۇپ ئۆتۈڭلار.باشقىلار چاقىرمىسا سىلەر باشقىلارنى ئۆيۈڭلارغا چاقىرىپ ھىيت ئۆتكۇزۇڭلار. ئادەتتە باكا قالماي ئىش ئىشلەپ تۇرمۇشىڭلارنى ئالدىراش ئۆتكۇزۇڭلار. ئۇنىمۇ قاملاشتۇرالمىساڭلار ۋەتەنگە قايتىپ ئۇرۇق تۇققانلىرىڭلار بىلەن بىرگە ياشاڭلار. ئۇ بولمىسا ئۇيغۇرلار جىق يەرلەرگە كۆچۈپ بېرىپ ئارلىشىپ ئۆتۈڭلار. مەسىلىگە يۇلۇقسا بىر ئامالىنى قىلىپ ئۇنى ئوڭشاش كىرەك.

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2012-8-19 12:19:21

ئۈستىدە يازغان ئىنكاسىم ئۆيىدە قازايى قەدەر بولۇپ شۇلارنى سېغىنىپ ھىس قىلغان ۋاقىتلىق غېرىپلىققا قارىتىلمىغان، بەلكى چەتكە چىققىلى نەچچە يىللار بولغان بولسىمۇ ئەتىدىن كەچكىچە غېرىپ بولدۇم، مۇساپىر بولدۇم دەپ قاخشايدىغانلارغا قارىتىلغان.

alif يوللانغان ۋاقتى 2012-8-19 12:43:42

بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر ئادەم بىرنى يوقۇتۇپ، بىرگە ئېرشىپ ياشايدىكەن. بىراق، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن ئادىمىدىن ئايرىلغاندا بولسا، ئۇنى ھېس قىلماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس!
بەت: [1] 2
: ھېيت ھارپىسىدىكى غېرىپلىق[كۆچۈرۈلمە]