交换器 نىڭ تېخنىكىلىق پارامىتىرلىرى ھەققىدە ياردەم
مەن ئىدارە-ئۇرۇنلارنىڭ قىسمىي دائىرىلىك تورىنى قۇراشتۇرۇپ بېرىۋاتقان ئىدىم . يېقىندا بىر ئۇرۇن بىلەن توختاملاشتىم . لىكىن بۇ ئۇرۇننىڭ قىسمىي دائىرىلىك تورنى قۇراشتۇرۇشقا بولغان تەلىپى خېلى يۇقىرىكەن . شۇنداقتىمۇ قۇراشتۇرۇپ بولدۇم . بىراق مۇشۇ جەرياندا مەن چۈشىنەلمىگەن تېخنىكلىك ئاتالغۇلار ۋە مەسىلىلەرنى كۆپچىلىكنىڭ بىلىمىنى سوراپ ئۇشبۇ تېمىنى يازدىم.
http://product.pconline.com.cn/switch/h3c/228549_detail.html يۇقىرىدىكى ئۇلانما ئېلان ئەمەس.
产品型号 LS-5500-28C-EI
产品类型 企业级应用层级
三层背板带宽 256Gbps
包转发率 95.2Mpps
传输方式
存储转发方式
硬件参数
接口类型 10/100/1000M
电口接口数目 28口
传输速率 10M/100M/1000Mbps
扩展插槽 2个
堆叠支持 可堆叠
网络与软件 网络标准 802.1X 等
VLAN支持 支持VLAN功能网管功能
支持网管功能
,支持命令行接口(CLI),
Telnet, Console配置,
支持SNMP, RMON,
支持Quidview网管,
WEB网管,
支持HGMPv2,
支持NTP,
支持电源的告警功能,
支持风扇,温度告警
双工传输 支持全双工
MAC地址表 16K
其它参数 外形尺寸 440×300×43.6 mm
电源电压 AC: 100 - 240; DC: 10.8 - 13.2V
最大功率 110w (1) 交换器
دىگەن ئاتالغۇنىڭ بىزدىكى ئاتىلىشى نىمە ؟ مەن تور ئالماشتۇرغۇچ دەپ ئاتىۋالغان (زاڭلىق قىلىشمىغايلا) 应用层级 三层 (2) ئۈچ قەۋەت ، ئىككى قەۋەت دىگەن نىمە تېخنىكا ؟ نىمە ئالاھىدىلىگى بار ؟ 背板带宽 256Gbps (3) يۈكلەنگەن كەڭ بەلباغ قانداق تېخنىكا ؟ بۇنىڭ تىز-ئاستىلىغى قىسمى دائىرىلىك تورنىڭ تىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ ؟ VLAN支持 支持VLAN功能网管功能 支持网管功能 (4) بۇ يەردىكى vlan نىمىنى كۆرسىتىدۇ ؟ توردىن باشقۇرۇش ئىقتىدارى دىگەنچۇ؟ تامار-تامار كۆل بۇلۇر
مەنبە:428

1. ئىككى ياكى ئۈچ قەۋەتلىك سىۋىچ، بۇ ئىككى قەۋەتنىڭ پەرقىدە، ئۈچ قەۋەتلىك سىۋىچ، روتېردىن بىرىلگەن ئادىرىس ئاساسىدا، سىۋىچنىڭ ھەر بىر ئادىرىسىنى بىر گۇرۇپپا تور قىلىپ، ھەر بىر ئىغىزىگە بىر ip ئادرىىس بىرەلەيدۇ. مەسىلەن: 192.168.0.1 دەپ ip بىرىلسە، بۇنىڭ 255.255.255.252 دەپ تارماق كود (子网掩码) بىرىپ، 192.168.0.1 ۋە 192.168.0.2 ئىككى ip نىلا قوللايدىغان بىر گۇرۇپپا تور قۇرۇشقا بولىدۇ. دىمەك ئۈچ قەۋەت بولسا، vlan قۇرۇشنىڭ ئاساسىي دىگەن گەپ.
2. vlan ئىقتىدارى بولسا، بىر سىۋىچنىڭ ھەر بىر ئىغىزى ياكى بىر نەچچە ئىغىزىنى گۇرۇپپىلاپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا چەك قويۇپ، تورنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى ئۆتەيدۇ. مەسىلەن: 24 ئىغىزلىق بىر سىۋىچنىڭ بىردىن بەشكىچە ئىغىزىنى مۇلازىمىتېرغا ئايرىپ بەرگەندىن، قالغان ئىغىزلىرىنى ئابونىت كومپيۇتېرلارغا قالدۇرىمىز. ئاندىن ئايرىم ئايرىم ھالدا vlan قۇرۇپ، ACL جەدىۋىلى ئارقىلىق بۇ ئىككى رايوندىكى ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلساق بولىدۇ. مەسىلەن: ئابونىتلار مۇلازىمىتېرلارنىڭ مەلۇم بىر نەچچە ئۇچۇر ئىغىزىنىلا زىيارەت قىلالايدىغان دىگەندەك.
ئادەتتە ئۈچ قەۋەت ئىقتىدارى بولغان سىۋىچنىڭ ئىقىم ۋە بىسىم چەكلىمىسى ئۇنچە تۆۋەن بولمايدۇ، مەخسۇس ئۇچۇر مەركىزى ياكى ساندان مەركىزى بولمىسا، بەك دىققەت قىلىپ كىتىش كەتمەيدۇ.
يەنە بىرسى، بۇ خىلدىكى سىۋىچلارغا مۇستەقىل ip ئادىرس بىرىمىز، دىمەك بۇ روتېر ئاستىدىكى مۇستەقىل بىر ئابونىت بولالايدۇ. بۇ تور كاشىلىسىنى تىپىش، تورنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللاردا ئەسقاتىدۇ. بىر روتېرنىڭ ئاستىدا 40 ئابونىت كومپىيۇتېر بولسا، 40 كومپىيۇتېرنىڭ ھەممىسى ئىتىك بولسا، روتېر ئارام ئىلىش ھالىتىگە ئۆتۈپ قالىدۇ ياكى سىرىتتىن روتېر بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ روتېر ئاستىدا بىر دانە مۇشۇنداق سىۋىچ بولسا، سىۋىچ بىلەن روتېر توختىماستىن icmp ئۇچۇرى ئالماشتۇرۇپ بىر بىرىنى يوقلىما قىلىپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا قىسمى توردا مۇقىمسىزلىق كۆرۈلۈش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ.
قالغىنى قانداق ئورۇن ياكى قانداق خىزمەتكە ئىشلەتمەكچى شۇنىڭغا قاراپ باشقا ئىشلارنى ئويلاشسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ بانادا بىر سورىۋالاي ئۇستازلاردىن
مەن قوشنامنىڭ ئۆيىدىكى تورنى بىللە ئىشلەتمەكچى ئىدىم يول باشلىغۇچنىمۇ ئىلىپ بولغان لىكىن قانداق تەڭشەشنى بىلمىدىم
يەنە تىلفۇننىمۇ بىرەيدىگەنتى تىلفۇن سىمىنى ساتىدىغان يەرنى پەقەتلا تاپالمىدىم قانداق قىلسام بولا بىر يول كۆرسەتسەڭلار ئۇستازلار
4- قەۋەتتىكى datmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇشۇ بانادا بىر سورىۋالاي ئۇستازلاردىن
مەن قوشنامنىڭ ئۆيىدىكى تورنى بىللە ئىشلەتمەكچى ئىدىم يول باشلىغۇچنىمۇ ئىلىپ بولغان لىكىن قانداق تەڭشەشنى بىلمىدىم
يەنە تىلفۇننىمۇ بىرەيدىگەنتى تىلفۇن سىمىنى ساتىدىغان يەرنى پەقەتلا تاپالمىدىم قانداق قىلسام بولا بىر يول كۆرسەتسەڭلار ئۇستازلار
ئادەتتە يول باشلىغۇچ(روتېر) كەينىگە قارىسىڭىز ياكى بولمىسا ئىشلىتىش قوللانمىسىغا قارىسىڭىز بىر IP نۇمۇرى بولىدۇ مەسىلەن 192.168.0.1 ياكى 192.168.0.0 دېگەندەك ،تور زىيارەت قىلغۇچنىڭ ئادرېس يازىدىغان يېرىگە شۇIP نى يازسىڭىز تور زىيارەت قىلغۇچتا بىر تەڭشەش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ،بۇيەردە wan تەڭشەش دەپ بىر تۈر بار شۇنىڭ ئىچىدىنwanئۇلىنىش تىپى،تورغا چىقىش نۇمۇرى،مەخپى نۇمۇر دېگەنلەرنى تاللاپ،توشقۇزۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ.تەپسىلى يازاي دېسەم گەپ غولداپ كەتكۈدەك.تېلفۇن سىمىنى بەشخىل مېتال دۇكانلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ.لېكىن كىمنىڭ دۇكىنىدا ساتىدىغىنىنى ئۇقمايمەن.
ماۋۇ جانىۋار دەھشەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئابۇنت سانى 300ئەتراپىدىكى دائىرىلىك تورنى تەمىنىلىگىلى بولىدۇ.
يۈكلەنگەن كەڭ بەلباغ قانداق تېخنىكا ؟背板带宽
背板带宽 دىگىنىمىز مۇشۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى خىزمەت شارائىتىدىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى.
ھازىرقى سىۋىچلارنىڭ ھەممىسىدە 10-100مىگالىق ئۇچۇر يوللاش تىزلىكى بار بولسىمۇ ھەقىقى شۇ تىزلىككە چىقالمايدۇ. ئىشەنمىسىڭىز 4 ئېغىزلىق سىۋىچقا تۆت كومپيۇتېرنى چېتىپ، ipxكېلىشىمىنى ئېچىپ مۇشۇ كېلىشىمنى قوللايدىغان يۇمشاق دىتاللار ئارقىلىق يۇقىرى ئېقىم مىقدارىدا ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇڭ. بەش مىنۇتقا قالماي سىۋىچ قىززىپ كىتىدۇ. ياكى كومپيۇتېرلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتىنى ھىساپلىسىڭىز ئەمىلى تىزلىكى 100مىگانىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىسىز. ئەگەر بۇ 4كومپيۇتېرنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تىزلىكى تەخمىنەن 60مىگا سىكۇنت بولسا ئۇنداقتا بۇ سىۋىچنىڭ 背板带宽سى 240مىگا بولغان بولىدۇ.
ئادەتتىكى 24 ئېغىزلىق ئەرزان باھالىق ئۇچۇر ئالماشتۇرغۇچلارنىڭ 背板带宽سى 4GBسىن 30GB غىچە بولىدۇ.
بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئۈچ قەۋەتلىق باشقۇرۇش ئىقتىدارى تور باشقۇرۇشلا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
بىرىنچى قەۋەت - مەزكۇر ئۈسكۈنە. ئۇمۇمى تورنى تەمىنىلەش،باشقۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىككىنچى قەۋەت- vlanگە ئايرىلغاندىن كىيىنكى سىم كۆپەيتكەن ئالماشتۇرغۇچلار. vlan ئاستىدىكى دائىرلىك تورلارنىڭ زىيارەت قىلىش دائىرىسىنى باشقۇرىدۇ.
ئۈچۈنچى قەۋەت- ئابۇنتچى كومپيۇتېرلارنىڭ ئۇلىنىشى.
ئادەتتە نۇمۇر بۇراپ تورغاچىققاندا خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى تەمىنىلىگەن IP ئادىرىسىلىرى مۇنداق بولىدۇ.
IP地址: 222.80.95.24
子网掩码: 255.255.255.0
网关: 222.80.95.24
DNS 服务器: 61.128.114.166 , 61.128.114.133
يۇقارقى IP غا قارىساق بىزگە تور تەمىنىلەۋاتقان يۇل باشلىغۇچ بىلەن تور باشقۇرغۇچىنىڭ بىر ئۈسكۈنە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالايمىز. تىلگىراف شىركەتلىرىدە ھەر بىر ئابۇنتقا بىردىن يول باشلىغۇچى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ دەل يۇقارقى ئۈچ قەۋەتلىك ئالماشتۇرغۇچ三层交换机 نىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
5- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
4- قەۋەتتىكى datmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇشۇ بانادا بىر سورىۋالاي ئۇستازلاردىن
مەن قوشنامنىڭ ئۆيىدىكى تورنى بىللە ئىشلەتمەكچى ئىدىم يول باشلىغۇچنىمۇ ئىلىپ بولغان لىكىن قانداق تەڭشەشنى بىلمىدىم
يەنە تىلفۇننىمۇ بىرەيدىگەنتى تىلفۇن سىمىنى ساتىدىغان يەرنى پەقەتلا تاپالمىدىم قانداق قىلسام بولا بىر يول كۆرسەتسەڭلار ئۇستازلار
ئادەتتە يول باشلىغۇچ(روتېر) كەينىگە قارىسىڭىز ياكى بولمىسا ئىشلىتىش قوللانمىسىغا قارىسىڭىز بىر IP نۇمۇرى بولىدۇ مەسىلەن 192.168.0.1 ياكى 192.168.0.0 دېگەندەك ،تور زىيارەت قىلغۇچنىڭ ئادرېس يازىدىغان يېرىگە شۇIP نى يازسىڭىز تور زىيارەت قىلغۇچتا بىر تەڭشەش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ،بۇيەردە wan تەڭشەش دەپ بىر تۈر بار شۇنىڭ ئىچىدىنwanئۇلىنىش تىپى،تورغا چىقىش نۇمۇرى،مەخپى نۇمۇر دېگەنلەرنى تاللاپ،توشقۇزۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ.تەپسىلى يازاي دېسەم گەپ غولداپ كەتكۈدەك.تېلفۇن سىمىنى بەشخىل مېتال دۇكانلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ.لېكىن كىمنىڭ دۇكىنىدا ساتىدىغىنىنى ئۇقمايمەن.
رەخمەت سىزگە بىلىۋالدىم ئەتىلا ئۇلىۋالمىسام
ئىزدىنىشنىڭ مۇشۇ يىرىگە كۆيىمەندە